قوللاش- 0
- توردا
- 10小时
كۇچاتەڭگىسى- 68
- ھالەت
- 0
- يازما
- 19
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 87
- تىزىملاش
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
 
قوللاش- 0
- ھالەت
- 0
- يازما
- 19
- تېما
- 10
- نادىر تېما
- 0
- جۇغلانما
- 87
- ھوقۇق
- 20
- تىزىملاش
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
|


1. دائىم باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاتا - ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ . لېكىن ، ئاتا - ئانىلار بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ، رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىشى ، دائىم باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، زەربە بەرمەسلىكى لازىم ، بولمىسا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ، بالىدا ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، ئۆز - ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ .
2. ھەر ۋاقىت ئائىلە باشلىقلىق كىبىرىنى كۆرسىتىش بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش توغرا ، لېكىن قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن كۆيۈنۈش ، ئىللىق مۇئامىلە قىلىش مۇۋاپىق بىرلىشىشى كېرەك . بولۇپمۇ ، بالىغا كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلدۇرۇپ ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ .
3. بالىنىڭ يات جىنسلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋېلىش ساۋاقداشلىرى بىلەن نورمال ئارىلىشىشقا يول قويۇش ، بالىغا ئىشىنىش كېرەك . ئەگەر ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشقا نورمال مۇئامىلە قىلماي ، ھەمىشە زىغىرلاپ تۇرۇۋالسا ، بالىدا يات جىنسلارغا نىسبەتەن روھىي توسالغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن .
4. ئىمتىھاندا بىرەر قېتىم تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالسا ، تاپا - تەنە قىلىش ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالسا ، ئاتا - ئانىلار بالىسى بىلەن بىللە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ ، سىلىق سۆزلەر بىلەن تەربىيە قىلىشى ، بالىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك . ئەكسىچە خاپا بولۇپ ، تاپا - تەنە قىلسا ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .
5. بالىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش بەزى ئىشلاردا مۇۋاپىق ئەسكەرتىش بېرىپ ، بالىنى يېتەكلەش مۇھىم . لېكىن ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىپ كۆرسەتمە بەرسە ، بالىنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاكتىپچانلىقى ياخشى يېتىلمەيدۇ .
مەنبە:گۈزەل ئىلى توربېتى(ULY )
بۇ ماقالە بىىلىش بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://oylinix.blogbus.com/logs/98372664.html |
|