ئىزدەش
كۆرۈش: 23|ئىنكاس: 5
go

بىلىم ئىشقىدا

مەجنۇن * توردا يوق

Rank: 1

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
38 
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2010-12-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىلىم ئىشقىدا



(نىمشېھىت ئارمىيەئېلى سايرامى)



جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق.



قارا قاشلىق ، تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ ،سېنى تاشلايدۇ ،ھېچ ئار يوق.



كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بىشىڭغا چۈشسە بر كۈنلەر يوق ئۇ چاغدا سەن كەبى خاريوق.



قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادۇ ئاھىغا،
يۇتۇپ زەرداپ، پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.


تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەر دەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.



يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.


پاراغەت ئىزلىسەڭ ، ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سېنىڭ قەدىرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.


ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس،بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.


بىلىمسىز ساق تىنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە-پەريادتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.


بىلىمگە ئاشنا بولساڭ، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.


جاھاننىڭ قايسى يوچۇق ، پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق.



بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ، ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق.


چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە، ئەسرار يوق.


چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پاقىراتساڭ بىر بوياقچى سەن،
بىلىم ئەسرى بۈگۈن، سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.


بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنىنىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالىي بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخىشىغا جىنىدار يوق.



ئۈمىد قىلما ، پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.



بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىغا جەبرى قىلماققا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.



بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.



بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپىرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.


زېمىنىنى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق ، گۇمان قىلما،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش ، كەمەكتەك جادۇ-ئەييار يوق.



ئەجەبلەنمە ، بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا ھەر كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە ، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشىۋار يوق.


بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچقانچە جاپا كۆرمەس،
بىلمسىز قان يۇتار، نادان كىشلەردەك جاپاكار يوق.



ئۆزۈڭنى ، نىم شېھىت، ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق.



(نىمشېھىت ئارميە ئېلى سايرامى باي)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەجنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-10 00:40

ئۆگەنگۈچى * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
28  
ھالەت
يازما
77 
تېما
19 
نادىر تېما
جۇغلانما
360 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-21 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالامەت شېئىر بۇ....رەھمەت يوللۇغۇچىغا.

كۇرۇپ بۇندا شېئىرنى،
كۆڭلۇم يۈرۇپ ۋاللىدە.
كۆرگىن بارچە مۇنبەرداش،
ھەزىم قىلىش مەخسەتتە.
...
ئۆگەنگۈچى * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
28  
ھالەت
يازما
77 
تېما
19 
نادىر تېما
جۇغلانما
360 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-21 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالامەت شېئىر بۇ....رەھمەت يوللۇغۇچىغا.

كۇرۇپ بۇندا شېئىرنى،
كۆڭلۇم يۈرۇپ ۋاللىدە.
كۆرگىن بارچە مۇنبەرداش،
ھەزىم قىلىش مەخسەتتە.
...
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىم شېھىتنىڭ ئەسەرلىرى بولسا داۋاملىق يوللاپ قۇيارسىز رەھمەت سىزگە
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسەرنى كۆرۈپ ھوشۇرقارىنىڭ ناخشىسى ئىسىمگە كىچىپ قالدى ، دېمىسىمۇ بۇ ياخشى شىئىر يەنىلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، بايلىق ساۋاقدېشىم ئالىم بوۋسى نىمشىھىتنى بەكلا داڭلايتى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-10 23:26

يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
yupurmak * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
1011  
ھالەت
يازما
1433 
تېما
289 
نادىر تېما
جۇغلانما
11590 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2009-4-20 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسىل يېزىلغان شېئىر جۇمۇ بو ...تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىمىز پاتپاتلا بىزگە ئوقۇپ بېرىدىغان ،تېخى خاتىرەمگىمۇ كۆچۈرۋالغان ئىدىم.

بىلگىنكى دىلىڭ ساپ،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،
يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:20 , Processed in 0.174256 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.