ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن بەدەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 3
go

بەدەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مەجنۇن * توردا يوق

Rank: 1

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
38 
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2010-12-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بەدەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟



بەدەننى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش

بەدەن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسىۋىتى. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، بەدەن بىلەن سىياسىي ئوتتۇرىسىداا زىچ مۇناسىۋەت بار. بىز بۇخىل مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق قۇرلاردىن مىسال ئېلىپ باقايلى.

دەھشەتلىك مىنۇتلار يېقىنلاشماقتا. قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان جاللاتلار تەقەززالىق بىلەن بۇيرۇق كۈتمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇنخورلۇقنىڭ ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇرماقتا.
بۇيرۇق.... شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرغان جاللات زەھەرخەندىلىك بىلەن :
- مانا ئاچىل!- دېدى.
شائىرنىڭ ئەتلىك، خۇددى خانىقا تۈۋرۈكىدەك يوغان بوينى بىر قىلىچ بىلەنلا ئۈزۈلۈپ چۈشكىنى يوق. شائىر بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گۈل ئاچىل ، دېدى. شائىرنىڭ جەڭگىۋار سۆزى، جاراڭلىق تاۋۇشى تېخى ئاخرلاشمايلا گاچ-گاچ"" قىلىپ يەنە ئىككى قېتىم چېپىلغان قىلىچ ئاۋازى ئاڭلاندى. خەلق تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن كۆزىنى ئاچقاندا ، شائىرنىڭ بېشى مۇبارەك تېنىدىن جۇدا بولغان، شەھەر كوچىسى قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى..
-ھى ..ھى..ھى!قىز ، سەن تارتىنما،- شەن مازا چىمىلدىقنى قايرىدى،- قىز سەن يېقىن كەل . يۈرىكىڭ نىمانچە دۈپۈلدەيدۇ؟ قورقىۋاتامسەن؟
شەن مازانىڭ چوقۇر يۈزلىرى مەستلىكتىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئېسىلغان بولۇپ ئاغزىدىن ھاراقنىڭ سېسىق پۇرىقى بۇقسۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنى باشقۇرالماي قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى ۋە شۇ ھامان ئاچچىق بىر ئاغرىقنى ھېس قىلدى-دە،"ۋايجان"دەپ ۋارقىرىۋەتتى. نوزۇگۇمنىڭ كۈچ بىلەن ئۇرغان خەنجىرى ئۇنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. نوزۇگۇم ئىككىنچى قېتىم خەنجەر ئۇرۇپ شەن مازانىڭ كۆكرىكىنى بۆسۈۋەتتى. ئۇ خۇددى ئوت ئۈستىدىكى ھۆل قوۋزاقتەك تولغىنىپ ، چىمىلداق يېنىغا گۈپ قىلىپ چۈشتى. بۇقۇلداپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئىسسىق قان دالويىنىڭ ئوچۇق قالغان ئاغزىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. ...
بىر جاللات نوزۇگۇمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، قىلىچىنى شارتىلدىتىپ بىلەشكە باشلىدى. پۈتۈن مەيداننى ئۆلۈم ۋەھىمىسى باستى . لېكنى بۇ ئۆلۈمنىڭ نوزۇگۇم ئۈچۈن ھېچقانچە دەھشىتى يوق ئىدى. ئو تويلۇق چىمىلدىق ئىچىدە شەن مازانى پارە-پارە قىلىپ تاشلىغان چېغىدىلا ئۆزىنى بۇ ئۆلۈمگە ئاتاپ قويغانىدى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇ"مەن ئاتا ۋەسھىيىتىنى ئورۇندىيالىدىممۇ يوق؟" دېگەننى ئويلايتتى. ئۆزىنىڭ پاكلىقى ، زوراۋان كۈچلەرگە باش ئەگمىگىنىنى ئويلىغىنىدا ئۇ دۇنيادا ھەرقانداق قېرىندىشمغا يورۇق يۈزۈم بىلەن قارىيالايمەن دەپ ھوزۇرلىناتتى. نوزۇگۇم ئاپئاق بولۇتلار بىلەن بېزەلگەن كۆپكۈك ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. شۇ چاغدا ئارقىسىدىن جاللات باشلىقىنىڭ ئۆزى كېلىپ قىزغا تۇيۇقسىز قىلىچ ئۇردى. نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ،ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى. جاللات باشلىقى قان تېمىپ تۇرغان قىلىچنى يالاپ ، غىلاپقا سالدى دە، ئىغاڭلاپ بېرىپ قىزنىڭ كېسىلگەن بېشىنى خالتىغا تاشلىدى.
بىر تارىخنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىۋاتقان يۇقۇرىقى مىساللاردا ئابدۇخالىقنىڭ ، نوزۇگۇمنىڭ جازا ئوبيېكتغا ئايلانغان تېنى شۇ دەۋردە يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسىي ھوقوقتىن ، شۇ دەۋردىكى سىياسىي ھاۋادىن بېشارەت بېرىدۇ. شۇ دەۋىردىكى سىياسىينىڭ لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا ، نوزۇگۇمنىڭمۇ ، ئابدۇخالىقنىڭمۇ كاللىسى كېسىلمسە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنى جۇدا بولغاندىلا ئېسيانكار روھى تۇنجىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنى كۆزىدىن نېرى بولمىسا ، شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈشەندە بولىدۇ. مەلۇم ھوقوق ئىرادىسىگە ئىگە ئادەملەر ئۆز ھوقوقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كاللا كېسىش ، تۈرمىگە تاشلاش ، قىيناش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بەدەننى ھوقوق يۈرگۈزۈشنىڭ دەستىگاھى قىلىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىز سىياسىي بىلەن ھوقۇقنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ، ئەمما ئۆز بەدىنىدە ھوقوقنىڭ سايىسى ئەكىس ئېتىۋاتقانلىقىنى نېگىزىدىن چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ، نورمىدىن ئوشۇق بالىنى چۈشۈرگۈزۈش ، توك كالتەك يېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي ھوقوقنىڭ روھنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال بەدەننى شىكار قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. دېمەك ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا روھ_ سىياسىنىڭ ئوۋ نىشانى ، بەدەن_سىياسىنىڭ شىكارى. ئەبۇ غېرىپ تۈرمىسىدە دەھشەتلىك قىينىلىپ تەن ئازابى تارتىۋاتقان مەھبۇسلار ، تۈركىيەنىڭ مەشھۇر فىلىمى "تۈركلەر ۋادىسى ئىراق"تا ئامېرىكىغا ئادەمبومبا بىلەن قارشى قارشى تۇرماقچى بولغان لەيلى، "لەگلەك ئۇچۇرغۇچى" فىلىمىدىكى زىنا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تاش تۇپراق قىلىنغان ئايال، "باتۇر يۈرەك" فىلىمىدا شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ رەھبىرى كرومۋېلنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ، بەدىنى پولات ئارغامچىدا تارتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇنداق پاكىتنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:
بەدەندىن ئىبارەت بۇ شىكاردا سىياسىنىڭ ۋاستىسى بولغان ھوقوق يۈرگۈزىلىدۇ، ئادەمنى چەكلەيدۇ ۋە ئۆز
ئىرادىسىگە بوي سۇندۇرىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە بەدەن ھەققىدىكى تەتقىقات ھوقوقنىڭ بەدەندە قانداق يۈرگۈزىلىدىغانلىقى ، بەدەن بىلەن ھوقوق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. فرانسيىە مۇتەپەككۇرى
فۇكاۋ مىچىل(Micheal Foucault, 1928-1984)
ئۆزىنىڭ" تۈزۈم ۋە جازا: تۈرمىنىڭ بارلىققا كېلىشى (discipiline punish: the birth of the prision)
"ناملىق ئەسىرىدە بەدەننىڭ مەكتەپلەردە ، تۈرمىلەردە، زاۋۇتلاردا باشقۇرۇلۇشىنى ھوقوق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن.
(maurice merleau_ponty فرانسىيە پەيلاسوپى مائۇرىس مېرلېئو پونتى
ئۆزىنىڭ" تۇيغۇ ھادىسىشۇناسلىقى" نامىق ئەسىرىدە بىزنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىمىزنىڭ بەدىنىمىز ئارقىلىق بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دۇنيا ھەققىدىكى تونۇشىمىزنىڭ بەدىنىمىزدە كۈچەيگەن تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولىدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن.بەدەننى جانلىق ماددا سۈپىتىدە تونۇپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل تەتقىقات بەدەن ، كەچۈرمىش ۋە كىملىك ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بارلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مودىدىن كىملىككىچە مودا ، بەدەن كىيم ، كىملىك ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بار. بىر تەرەپتىن بىز كىيگەن كىيىملىرىمىزدە باشقىلارغا كىملىكىمىز ، ئىجىتىمائىي ئورنىمىز ، مەنسۇبىيىتىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ، بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ھەمىشە كىملىكىمىز ھەققىدە باشقىلارنى خاتا چۈشەنچىگىمۇ كەلتۈرۈپ قويىدۇ . كىيىمنىڭ كىملىكتىن ئۇرچۇر بېرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىملىكنى يوشۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى شەھەر تۇرمۇشىدا تېخىمۇ روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ . سەۋەبى، شەھەرلەردە باشقىلارنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ياكى ئەنئەنىدىن قالغان بىر قېلىپ يوق . بىز ھەمىشە"ناتونۇش كىشىلەر" ئارىسىدا ئالدىراش يۈرىمىز ۋە دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە بىر- بىرىمىزگە تەسىر قالدۇرىمىز. ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ، سىرلىق ، ناتونۇش بىر ئادەمگە يولۇققان چېغىمىزدا يۈرۈش تۇرۇشى ، كىيىنىشىگە قاراپ باھا بېرىمىز. مەيلى راست ياكى ساختا بولسۇن ، قارشى تەرەپنىڭ كىيىمى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ، ئەخلاق پەزىلىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم بولۇپ قالىدۇ. كىيىم جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى كۇنتىن بېل
بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"بىزنىڭ كىيىمىمىز بىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمىمىز. بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كىيىملەر تېنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ داۋامىدۇر"
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەدەن كىشىلەر ئارىسىدكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ فوكۇس نۇقتىسىغا ئايلاندى. چېنىقىش ، ئورۇقلاش ، گىرىم قىلىش ، گۈزەللىك ئوپراتسىيىسى شەھەردىكى ئۇيغۇرئاياللىرى ئارىسىدا بەدەننىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ بەك ئىپادىلىدى. ئاياللارنىڭ مودا كىيىملەرنى كىيگەن بەدىنى ئەرلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا جىنسىي تۇيغۇنى غىدىقلايدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ خىل چاتما تەسەۋۋۇرىدىن مودا كىيىنگەن ھەرقانداق ئايال قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى خىيالى ئۇنىڭ كىيىمى ، بەدىنى نۇقتىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ، ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى چاتما تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتقان مودىنى تارىخىي ، يەرلىك تۈسكە ئىگە كىيىم-كېچەك سېستىمىسى دەپ تونۇش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مودا كىيىش جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن ئومۇملىشىدۇ. مودىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئالاھىدە بىر دەۋردىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئىزدەش مۇمكىن. بۈگۈنكى شەھەر ئاياللىرىدا مودىنىڭ كېڭىيىشىگە شەرت ھازىرلىغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن ئىزدەش مۇمكىن. ئۇ چاغدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يېڭى ئاخىرلاشقان ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شەھەر ئاياللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن مودىلار بىلەن ئۇچراشتى؛ ئاندىن تېلۋوزۇرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ، چەتئەللەردىكى مودىدىن خەۋەردار قىلدى.تاكى بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان 1990-يىللارغىچە بولغان 10 يىلدەك ۋاقىت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىلىرىدە ئىسلاھات بولغان چاغ بولدى. شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودىغان ئىنتىلىش روھىي ھالىتىنى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستىدا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
.
مېھمانلار ئولتۇرۇپ بولا بولماستىنلا يەنە بىر ئايال كىرىپ كەلدى . ئەلى بۇ ئايالنى تونۇغاندەك قىلسىمۇ قايسى يىللىقلاردا ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە ئالامىدى. ئايالنىڭ بېشىدا زەر باسقان چەتئەل ياغلىقى، ئۈستىدە چەتئەلنىڭ زەرلىك رەختلىرىدىن تىكىلگەن ، ۋالىلداپ تۇرىدىغان كۆڭلەك ، ئايىغىدا ئىنچىكە پاشنىلىق چەتئەل توپلىيى ، قارا تومۇرلۇق نېپىز يىپەك پايپاق ، بويۇنلىرىدا ئاجايىپ مارجانلار تۇراتتى. ئاياللار دالان ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ ،"ۋىيەي، تۇرنىسا"دېگىنىچە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا باشلىدى:
_ ماۋۇ قەيەرنىڭ مارجىنى دوستۇم؟
_ھەرەمنىڭ
_ماۋۇ ياغلىقچۇ؟
_سا يۈزىنىڭ.
_كۆڭلىكىڭنىڭ رەختى ئېسىلكىنا؟
_پاكىستاننىڭ.
_ ئايىغىچۇ ، ئايىغىنى كۆرمەيسىلەر بۇخېنىمنىڭ..
_ شياڭگاڭنىڭ.
ھەتتا قايسى بىرى ئۇنىڭ كۆينىكىنى قايرىىپ ئىچىدىكى رۇباشكىسىنىمۇ كۆرۈپ باقتى.
_ ئاۋسترالىيىنىڭ،-دەپ ئېلان قىلدى ئۇ تەنتەنە بىلەن
بۇ ئايال ئەتەي ئۈستەللەرنى پىرقىراپ ئۆتۈپ، تەھرىرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملەرنىڭ ياراشقان ياراشمىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ ، ئۇ ھازىر ئاتاپ ئۆتكەن مەملىكەتلەرنىڭ ئىسىملىرىلا بىر سەلتەنەت پەيدا قىلاتتى. ھەممە ئاياللار ئاغزىدا يۇقارقىدەك سۆزلەرنى قىلىشسىمۇ كۆڭلىدە مەنسىتمىگەندەك قارىشاتتى. ئەلىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان ياش ئايال ئۇنىڭغا:
-ۋاييەي قاراڭ. ئىسسىقتا كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ ھەممە نېمىسىنى ئۈستىگە بولۇشىغا ئارتىپ كەلگىنىنى ،_دەپ پىچىرلىدى،- ئېرى ياشىنىپ قالغان ئادەم. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە باشلىق ، ئۆزىچە نومۇس قىلىپ ، تېخى مۇنداق سورۇنلارغا باشلاپ كەلمەيدۇ.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستى1986-يىلى يېزىلغان ۋە شۇ يىلى تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۈگۈن شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشايدىغان قىزلارنىڭ مودا ھەققىدىكى قارىشى بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنسىمۇ ، مودىنىڭ تۈرىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل ماللىرىغا بولغان تەلپۈنىشى، چوقۇنىشىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا"يەنە بىر كۆرسەم" قاتارلىق كورىيە فىلىملىرىنىڭ ۋە زامانىۋى كورىيە فىلىملىرىنىڭ ئېكراندا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل ماللىرىغا بولغان تەلپۈنۈش ھېسسىياتىغا "كورىيە قىزغىنلىقى"قېتىلدى ، كورىيە ماللىرى بىر مەزگىل مودا بولدى. چەتئەل ماللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەتىۋارلىنىشى ئاساسسىز ئەمەس. ئۇيغۇرلار سىرتلارغا چىقىش ئىمكانىيىتى ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك چەتئەللەرنى كىنو تېلىۋوزۇرلاردا كۆرىدۇ؛ چەتئەللىكلەرنىڭ كىنو تېلىۋوزۇرلاردىكى نۇرغۇن تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنى جەلىپ قىلىدۇ.
شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل مودا پاسونلىرىغا ، جۈملىدىن ياۋروپاچە توي-مۇراسىم كۆينەكلىرىگە تەلپۈنۈش ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۆزىنى ياۋروپالىقتەك كۆرسۈتۈش چۈشىدىن كەلگەن . شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېسىمى جىق ، مائاش تۆۋەن ، ھاياتىدا تەم ۋە مەنە ئاز. شۇڭا شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرى خىيالىدا كىيىملىرى ، يۈرۈش تۇرۇشلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقاندەك تەسىر بېرىشنى ، ئۆزىنى مۇراسىم سورۇنلاردا بولسىمۇ ياۋروپالىقتەك كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار رېئاللىقنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، چۈش كۆرۈۋاتقانلاردۇر. ئامېرىكا
جەمئىيەتشۇناسلىرى مېككال ۋە سىمونىسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا:"ئادەم چۈش كۆرگۈچى،غايىۋىلىك ئىچىدە خىيالى ئوبراز ئۈچۈن ياشايدىغان مەخلۇق. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تولدۇرىدىغانغا بىر نەرسە بولۇشى كېرەك"⑥شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ غايىۋى كىملىكىنى چۆرىدەپ قىلغان تەسەۋۋۇرىنى ، ئۆزىنى باشقىلارغا ئېسىل كۆرسىتىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان نەرسە_دەل مودىدۇر. شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرى دەل مۇشۇ مودا ئارقىلىق قەلبىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىغا بەرھەم بەرمەكچى بولىدۇ ، رول ئېلىپ ياشايدۇ.مېككال ۋە سمونىس ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"ئادەمنىڭ _چۈش كۆرگۈچىنىڭ مەقسىدى ھاياتتا رول ئېلىپ ياشاشتۇر. لېكنى بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ.ئادەم خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ، تەبىئىتىدىكى ھايۋانلىق ئالامەتلىرىنى بېزىشى ياكى يوق قىلىشى ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا ھەققىدە ئۇچۇرلارنى قىياس قىلغاندىن كېيىن ئۆز ھەرىكىتىنى ماس ھالدا تەڭشىشى زۆرۈر....
بەدەن ۋە رېئاللىق
بەدەن بىر رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر قىزنىڭ بەدىنىدە مودا ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق. تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى 2006-يىلى ئىشلىگەن، گانا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان "تۇرپاندىكى سۆيگۈ ناخشىسى" فىلىمىدە پاتىگۈل ، ئارزىگۇل قاتارلىق ئۇيغۇر قىزلىرى، "مەمەتنىڭ2008-يىلى"فىلىمىدە ئايال ترېنىرنىڭ رولىنى ئالغان گۈزەلنۇر يارىشىملىق كىيىمى ، خۇشپىچىم بەدىنى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە"ئۇيغۇر قىزلىرى چىرايلىقكەن"دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئاشۇ قىزلارنىڭ چىرايلىق بەدەنلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى دەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەل ھۆسىن ۋە لاتاپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىندىن ئىبارەت رېئاللىق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۈرۈمچىدىكى ، بېيجىڭدىكى كېچىلىك كۇلۇبلاردا يۇقىرى كىرىم بىلەن باشقىلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقان چىرايلىق قىزلار باشقىلارغا يەنە بىر رېئاللىقنى نامايەن قىلىپ "ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرى كېچىلىك كۇلۇپتىمۇ نېمە ؟" دېگەن تەسىراتنى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ شەھەردىكى ئوخشىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ئەكىس ئېتىۋاتقان ئوخشىمىغان رېئاللىق. بۇ ھال ئادەمگە جۇڭگو يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، داڭلىق خەنزۇ شائىرى ۋاڭ گوجېننىڭ مۇنۇ جۈملىلىرىنى ئەسلىتىدۇ:"گۈزەل رۇخسار گويا بىر پارچە يول خېتىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكىمۇ ، دوزاخقىمۇ بارغىلى بولىدۇ."
2008 -ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سەردار"،"پارلاق"،"مەشرەپ" رېستۇرانلىرىنى كۆزەتتىم. ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيگەن كېلىن قىزلار ، پۇتىنىڭ تىرنىقىدىن تارتىپ چېچىنىڭ شەكلىگىچە ئالاھىدە ئىشلىگەن مودا قىزلار ماڭا ناھايىتى يۇقىرى ئىستىمال ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ، تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتى يۇقىرىدەك تەسىر بەردى. مەن :شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ھەۋىيىسى شۇنچىلا ئۆسۈپ كەتتىمۇ؟ شەھەرلىكەر شۇنچە مەدىنىيلىشىپ كەتتىمۇ؟"دەپ ئويلىدىم. ئەمما ، رېئاللىق ئۇنداق ئەمەستەك قىلاتتى. بىر رېستوراننىڭ لىفىتىدا قۇسۇقنىڭ ھىدى بىلەن ھاۋا ئۆتۈشمەسلىك تۈپەيلى تولىمۇ بىخسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. مەن ئالدىمدا تۇرغان ئۈچ قىزغا سەپ سالدىم. بەدىنىدىن قىممەت باھالىق ئەتىرنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتقان قىزلار بىخسىق پۇراقنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. پەسكە چۈشۈپ100 مېتېر نېرىغا ئۆتكىنىمدە ، كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ چىرايىدىن نامراتلىقى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئوسمىچى قىزلارنىڭ قاتار بولۇپ ئوسما تۇتۇپ ئولتۇرغان ھالىتىگە كۆزۈم چۈشتى. ئوسمىچى قىزلارنىڭ ئوسمىسىنى ئالىدىغانلار جىق ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا پايپاق ، سومكا ساتىدىغان ئۇششاق ئېلىپ ساتارلارشۇنچىلىك جىق ئىدىكى، كىشى "جىمى ئۇيغۇر سېتىقچى مۇشۇ كوچىغا قىستىلىۋالدىمۇ نېمە؟"دېگەن ئويغا كېلەتتى. بۇ ئوسمىلارنىڭ ئەرزانلىقىنى بىر دېمەڭ. بىر باغلام ئوسما بەش مو ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئالىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. ھەربىر قىزدىن ئۈچ باغلامدىن ئوسما ئالدىم. ئوسمىنى مەن ئىشلەتمەيمەن، ئەمما بۇ ئۈچ قىزنىڭ مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان تۇرقى مېنى:"ئوسمىنى ئالاي ، بۇلمىسا بۈگۈن بۇ قىزلار سودا قىلالمايدىغاندەك تورىدۇ" دېگەن ئويغا كەلتۈردى. بەلكىم ئويلىغىنىم خاتادۇر. ئەمما ئوسمىچى قىزلارنىڭ تۇرقى مەن رېستۇراندا ، لېفىتلاردا كۆرگەن مودا ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ھالىتى بىلەن ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلدى. مەن ئىككى خىل بەدەن ھالىتىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قايسىسىغائىشىنىشنى بىلمەي قالدىم. ئوخشىمىغان بەدەن ھالىتى ئۇيغۇر رېئاللىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى. بۇ رېئاللىق شەھەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مودا كىيىملىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان كىملىكىنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە گۇمان تۇغدۇراتتى. مەن " ئەتلەس جېدىلى" تۈپەيلى تويدىن ۋاز كەچكەن ھېلىقى قىزنى ، رېستۇراننىڭ لېفىتى ، زالىدا كۆرگەن مودا قىزلارنى سېلىشتۇرۇپ بەدەن، ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى ھەققىدە ئويغا پاتتىم. خىياللىرىم ماڭا مودا بەدەندە ئەكىس ئېتىۋاتقان كىملىكنىڭ ياسالما بولىدىغانلىقىنى ، چىن رېئاللىقنىڭ بولسا ئاشۇ مودىنىڭ چوقان سۈرەنلىرى ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بىز بايا كەلتۈرگەن مىسالدا نوزۇگۇم ئۆز بەدىنىنى باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىپپەت يولىدا كۈرەش قىلىدۇ. بۇمۇ بىر تارىخي رېئاللىق. مەن كۆرگەن مودا قىزلار بولسا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىملىكى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ھەققىدە ئۇچۇربېرىدۇ. ئەمما ، بۇ ئۇچۇر ئادەمنى خاتا يېتەكلەيتتى. بۇمۇ بىر رېئاللىق ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:"بەدەن رېئاللىق ھەققىدە سۆزلەيدۇ ، ئەمما شەھەردىكى قىزلارنىڭ مودا بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقى ئەمەس.
مودا نېمە ئۈچۈن...؟
شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا سىڭگەن مودا قارىشىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەھلىل قىلىشتىن ئاۋۋال مودىنىڭ تەبىرى ، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك.


[align=justify] مودا时尚fashion غەرىبنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ ، ئەڭ دەسلىپىدە غەربىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ھەم يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدا ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. مودا كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر جەمئىيەتتە ئاددىي ئاۋام تەرىپىدىن قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن نەپىس تېلىفون ، ماشىنا دېگەندەك. بىز بۇ يەردە تار مەنىدىكى مودىنى ، يەنى ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەلۇم كىيىم مودا دەپ ئاتالغاندا ئۇنى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئادەم ئۇچىسىغا چىقارغان بولىدۇ.مودا ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال تەبىقە ، جىنس ، ئىرىق ، ياش ، كەسىپ ، كىرىم ، بەدەن شەكلى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسرىدە باشقىلارغا ھەرخىل تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ. مودا كىيىمنىڭ ھەرقاندىقى ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋەرمەيدۇ. مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا پەيدا بولغان ئىجتىمائىي چەكلىمە ئامىللىرى بىر جەمئىيەت ئەزالىرىنى مودا كىيىمنى چەكلىك دائىرىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، مودا ئىقتىسادقا ۋە بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت شەكىللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەس بولۇشتەك مايىللىقى مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىر جەمئىيەتتە يېڭى پەيدا بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپى مودىنى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئورنىنى كۆرسىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق موھتاجلىق، نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپىدىكى ئاياللارنىڭ رولى گەۋدىلىك بولىدۇ ، ئۇلار ئۆز ئۇچىسىدا مودىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى ،جەمئىيەتشۇناس بوردىلىيارد(Jean baudrillard,1929-)
مودا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مودا ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملاشقان گۈزەللىك قارىشىنى مەنسىتمەي توختىماي يېڭىچە گۈزەللىك قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن كىشىلەرنى ئەڭ غەلىتە ، ئەڭ بىمەنە نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدە ، ئۆزگىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. بۇ ھال ئەقلىيلىكتىنمۇ غالىپ كەلگەن ئەقىلسىزلىك لوگىكىسى بويىچە بىمەنىلىكنى ئومۇملاشتۇرۇپ كىشىلەرگە تاڭىدۇ." مودىنىڭ دورامچۇقۇلق تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە گېرمانىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس جورج سېممىل(1918-1858) (george simmelۋە ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس سورىستەيىن ۋېبلىن(1929_1857(thorestein veblen) نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بىر جەمئىيەتتە مودىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىقىنىڭ روشەنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تەبىقە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزگىچىلىكى بار مودا كىيىملەرنى ھاللىقلار ئاۋۋال كىيىدۇ. ئاندىن تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ھاللىقلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ مودا قوغلىشىدۇ. مودا ئەنە ئاشۇنداق يوسۇندا بىر جەمئىيەتتە مەرتىۋىسى يۇقىرىلاردىن مەرتىۋىسى تۆۋەنلەرگە قاراپ "ئاقىدۇ". مەلۇم بىر خىل مودا ئورنى تۆۋەن ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەندە ، يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملىق نامايان قىلىش مەقسىتىدە دىققىتىنى باشقا خىل مودىغا ئاغدۇرىدۇ. جورج سېممىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"مودا ئۆزگەرمەس تۈزۈم بىلەن ئادەمدىكى خاسلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئادەملەردىكى ھەم دەۋىر روھىغا ماسلىشىش ھەم خاسلىقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت زىددىيەتلىك ئىستەكنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ." جورج سېممېلنىڭ قارىشىچە بولغاندا ، ئۆزگىچە ، يېڭى پاسوندىكى كىيىملەرنى تاللاش- يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ ئۆزىنى ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈشتىكى ۋاسىتىسى. ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغاچقا ، تاللىغان كىيىم پاسونلىرىنى تەبئىي ھالدا تۆۋەن مەرتىۋىدىكىلەر دوراپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. تىنىمىسىز يۆتكىلىپ تۇرۇشتەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكى مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مودىنى جەمئىيەتتىكى ، سىياسىدىكى ئۆزگىرىشكە قايتۇرۇلغان ئىنكاس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مودىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. مەسسىلەن ،ئاياللار كىيىدىغان يوپكىنى مىسالغا ئالساق ، ياۋروپا ، ئامېرىكا ئاياللىرى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق يۈز بەرگەن 1930-يىللاردا ئۇزۇن يوپكىلارنى كىيگەن بولسا ،1960-يىللارغا كەلگەندە ، يەنى ئىقتىساد گۈللىنىشكە باشلىغاندا قىسقا يوپكىلار مودا بولۇشقا باشلىغان . بۇنىڭغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەرلىك خاراكتېرىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى سەۋەب بولغان بولۇپ ، ئاياللار خىيالىدىكى ئەرلەرگە جەلىپكار كۆرۈنىشى ئۈچۈن يوپىكىلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتقان. ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن چاغلاردا جوڭسەنفۇ قاتارلىق بەدەننى ھىم بېسىپ تۇرىدىغان كىيىملەر مودا بولغان بولسا(بىز "تۆمۈر داۋامەت سۈرەتلىك توپلىمى" قاتارلىق ماتېرىياللاردىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى روشەن ھېس قىلالايمىز.)ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن ئوچۇق كىيىملەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلدى. شەھەر ئۆي ئاياللىرىمۇ تېلۋوزۇردا كۆرگەنلىرى بويىچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئوچۇق كىيىملەرنى كىيدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە مودىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە يېزىلارغا چۈشكەن زىيالى ياشلارنىڭ ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ رولى زور بولغان. قىسقىسى ، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش جەريانى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش جەريانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان. بولۇپمۇ 1978- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە 1990-يىللىرى يولغا قويۇلغان بازار ئىگىلىكى سىياسىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىككى قېتىملىق مودا دولقۇنىنى قوزغىدى. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا مودا بولغان لاباكۇ(كەڭ پۇچقاقلىق شىم)نى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، 1990-يىلللاردا مودا بولغان "كۆزۈڭگە سانجىلىمەن" قاتارلىق رەختلەردە كىيىم كىيىش ھادىسىسىنى بازار ئىگىلىكى ، جۈملىدىن "دېڭىزغا چۈشۈش" سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ، شۇنداقلا ھازىر قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان قولتۇق تەرىپى ئويۇلغان كىيىملەر ۋە زىيادە قىسقا يوپكىلارنىڭ ئومۇملىشىشىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداڭ دېيىشكە بولىدۇكى ، تېلېۋېزور ،كىنو ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرى شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىنىڭ يېڭىلىنىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە يەنە مودىنى جىنسىي ئىستەك ، نومۇس تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان يۈزلىنىشمۇ بار. مودا كىيىملەر جىنسىي تۇيغۇغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندىن باشقا بىزنى يات جىنىسلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ جەلىپكار كۆرسىتىدۇ. گېرمانىيە مۇتەپپەكۇرى فلۈگېل فروئىد1939-1856 (freud sigmund) نىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ:" مودا كىيىمدە ھەم خىجىل بولۇش تۇيغۇسى ھەم شۆھرەتپەرەسلىك ئەكىس ئېتىدۇ. ئادەملەر مودا كىيىملەردە ھەم بېسىلىپ تۇرغان جىنسىي ئىستىكىنى ھەم ئىجتىمائىي چەكلىمە ئىچىدە يېتىلگەن نومۇس تۇيغۇسىنى تەڭلا ئىپادىلەيدۇ"
مودا كىيىم كارخانىچىلىرىنىڭ ئايالچە مودا كىيىملەرنى ئشلەپ چىقىرىشتىكى يېتەكچى پىرىنسىپى "ئىندەككە كەلتۈرۈش" بولۇپ ، ئايالچە كىيىملەرنى ئەرلەر ئالدىدا تېخىمۇ جەلپكار ، لاتاپەتلىك كۆرۈنگۈدەك لاھىيىلەيدۇ. جەمئىيەتشۇناس لاۋىر(laver) مۇنداق دەيدۇ:" ئايالچە مودا كىيىملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىكى بىر سەۋەب ئۇ كىيىملەردىكى جىنسىي تۇيغۇ ئەكىس ئېتىدىغان يەرلەرنىڭ يۆتكىلىپ تۇرغانلىقىدا. ئايالچە مودا كىيىملەردە ئاياللار بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن ، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ھوزۇرلىنىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار كىيىمىدىكى جىنسىي ئاڭ ئەكىس ئېتىدىغان نۇقتىلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. "
شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا جىنسىي تۇيغۇنى غىدىقلايدىغان كىيىملەرنىڭ قاقشاش سادالىرىغا قارىماي ئومۇملىشىشىدا تېلېۋوزۇر قاتارلىق مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى چوڭ بولغان بولسا، كىيگەن كىيىمدە ئەنئەنىنى ، نومۇس تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئويلايدىغان قىزلارنىڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىشىگە مودا كىيىم كارخانىچىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەب بولغان. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ، مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ تالان- تاراج ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ، نوقۇل ھالدا ئاياللارنى بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ تىللاش ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ رولىنى ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ شەخس تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەل چاغلىغانلىق.
بۈگۈن شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھاللىقلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان مودا ىوغلىشىش خاھىشىنىڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەربىي ياۋروپادا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ باش كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئومۇملاشقان ماددىي ئىستەكنى چوڭ بىلىش ھادىسىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يەنى ياۋروپادا 150 يىل بۇرۇن ئومۇملاشقان رېئاللىق ئەمدى بىزدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ گېپىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن فرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ كۆپچىلىككە تونۇش بولغان "مارجان" ناملىق مەشھۇر ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قۇرلار بىلەن ئەسەرلىرىدە شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىيىتىنى سىزىپ بەرگەن شۆھرەتلىك ئۇيغۇر يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىلنىڭ " رەڭدار قۇيۇن" ناملىق پوۋېستىدىكى بەزى قۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
ئۇ بىردىنلا قارا تاۋار قۇتا ئىچىدىن چىرايلىق بېرلىيانت مارجاننى كۆرۈپ قېلىپ ، خۇشاللىقىدىن يۈرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ھېلىقى مارجاننى ئېلىپ ، ئېگىز ياقىلىق كۆڭلىكىگە تاقاپ كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە خېلىغىچە قاراپ قالدى. ئاندىن:
_مۇشۇ مارجىنىڭنى بېرىپ تۇرامسەن ، پەقەت مۇشۇنىلا،- دېدى ئىككىلىنىپ.
-ھە ، ئەلۋەتتە. ئېلىۋەرگىن.
ئۇ دوستىنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى ۋە بۇ ئېسىل بۇيۇمنى ئېلىپ يۈگۈرگۈنىچە چىقىپ كەتتى.
تانسا كېچىلىكى كەلدى. لاۋازىل خانىم مەقسىدىگە يەتتى، ئۇ بارلىق ئاياللاردىن چىرايلىق ، نازاكەتلىك ۋە كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئىدى. خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە ئوينايتتى. بارلىق ئەرلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىشاتتى ، ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى سۈرۈشتۈرەتتى ، باشقىلاردىن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنەتتى؛ مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئۇينۇغۇسى بار ئىدى. ھەتتا مىنىستىرمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى .
موپاسسان ياشىغان ، قەلەم تەۋرەتكەن دەۋر فرانسىيىدە كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى باش كۆتۈرگەن ، تەبىقە تۈزۈمى روشەنلەشكەن چاغلار ئىدى. كىشىلەر ھەممە نەرسىنى پۇل-مال بىلەن ئۆلچىشەتتى. ئاياللار ئارىسىدا بايلىق ۋە مەرتىۋىنىڭ سىمۋولى بولغان مودا كىيىملەر ، مودا بۇيۇملار تۆۋەن تەبىقىلىك ئاياللارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى ، مودىنىڭ تەبىقە ، مەرتىۋىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش رولى چوڭ بولغان ئىدى. ئەسەردىكى باش پېرسوناژ لاۋازىل خانىم شۆھرەتپەرەس ئايال بولۇپ ، بىر زىياپەتكە بىېرىش ئۈچۈن ئېسىلزادە دوستىدىن قىممەت باھالىق بېرلىيانت مارجاننى ئارىيەت ئالىدۇ، كېيىن ئۇنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يوقىتىپ قويۇپ بىر ئۆمۈر قەرز تۆلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن دوستى بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ ئۆزى يىتتۈرۈپ قويغان مارجاننىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ.
جۇشقۇن مۇزىكا ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلىۋاتقان شوخ ناخشا كۆڭۈللەرنى ھاياجانغا سېلىپ كۆزلەرگە ياش كەلتۈرەتتى. كىشىلەرنىڭ چىرايى قىزىرىپ ، كۆزلىرى خۇمارلاشتى. تۈگىمەس غەم غۇسسىلار تورۇس ئاستىدا تىتىرەپ تۇرغان رەڭدار تۇمان ئاستىدا غايىپ بولدى . زىممىسىگە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئاغان تېرىككەك ، قاپىقى ئېچىلماس سالاپەتلىك كىشىلەر بىردىنلا گەپدان ، مەرد ، خۇشچاقچاق كىشىلەرگە ئايلاندى. گۈزەل چىرايلار ، ئاشۇ چىرايلارغا چىراي قوشۇپ تۇرغان چەتئەل ماللىرى ، يېڭى پاسوندىكى پوپايكا ، يوپكىلار ، ئالتۇن ئۈزۈك ، ھالقا ئاياغلار ، مېدالىئونلارنىڭ قىممىتى بىردىنلا ھەسسىلەپ ئاشقاندەك بولدى. ئەڭ يېڭى مودىدا ئەڭ چىرايلىق ياسانغان ئاياللار يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى تولۇنئايدەك پارقىراپ ، ئەرلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ، ھۇش &ndash كاللىسىنى ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى. ئەرلەرلا ئەمەس ، ئاياللارمۇ ئاشۇ ئاجايىپ ئاياللارىن كۆزلىرىنى ئالالمايتتى. ئۇلار بىلەن سالاملىشىش ، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇش ، ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىۋېلىش قالتىس ئابروي ھېسابلىناتتى. ئۇلار بولسا ئۆز قەدىرلىرىنى تولۇق ھېس قىلغان ھالدا مەغرۇر ئولتۇرۇشاتتى. سۈرمە سۈرۈلگەن جادۇ كۆزلىرىن ى سۈزۈپ ، چاندۇرماي باشقا ئاياللارنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالاتتى. تاسادىپىي بىرەر ئايالنىڭ تېخىمۇ غەيرى ، ئېسىلراق بىر نېمىسىگە كۆزى چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا ، بىردىنلا تاتىرىپ كېتىشەتتى...
خالىدە ئىسرائىلنىڭ « رەڭدار قۇيۇن» ناملىق پوۋېستى 1990- يىللارنىڭ بېشىدا يېزىلغان. ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىك سىياسىتى يېڭىدىن يولغا قويۇلغارن ، شەھەر ئۇيغۇرلىرى نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ كۆزى ئېچىلغان ۋاقىت ئىدى. مېدىيە ۋاسىتىللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان يېڭى &ndash يېڭى مودا كىيىملەر ئاياللارنىڭ تەلپۈنۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى. بىز موپاسساننىڭ مارجان ناملىق ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بىلەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۇقىرقى پوۋېستدىكى تەسۋىرلەرنى سېلىشتۇرساق، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش، دەۋىر شارائىتىدىكى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى_ ئاياللارنىڭ بەدىنى بىلەن مۇدا كىيىم ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچاس باغلىنىشنىڭ جەمئىيەتكە، بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ، ياشاش ئۇسۇلىغا قانچىلىك زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي كىملىك بىللەن چىن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا زور ھاڭ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.


مەنبە:ئەسلەرسەنمۇ بىلوگى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuk~bura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-10 12:48

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىڭ
kuk~bura * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
200  
ھالەت
يازما
1396 
تېما
164 
نادىر تېما
جۇغلانما
9124 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2010-7-28 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزنىڭ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىمىڭىز چىقمىغاچقا باشقا رەسىم كىرگىزۈلدى .ئەسلى رەسىمنى تېپىپ قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

تاللاش شاللاش بولمىغان جەمىيەتتە ئىلگىرلەش بولمايدۇ.

aslimam * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
68 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
240 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-1 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يوللاپ سىز رەھمەت داۋاملىق مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز.
aslimam * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
68 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
240 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-1 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يوللاپ سىز رەھمەت داۋاملىق مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 02:01 , Processed in 0.218041 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.