ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇيغۇرمىللىي تىبابىتى جىددې قۇتقۇزۇش تەدبېر لىرى ...
كۆرۈش: 25|ئىنكاس: 2
go

جىددې قۇتقۇزۇش تەدبېر لىرى چوقۇم كۆرۈڭ پايدېسى بار

Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توك سوقۇۋەتكۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش
باشقىلارنى توك سوقۇۋەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال توك مەنبەسىنـى ئۈزۈپ تاشلاپ1 ~4 مىنۇت ئىچىدە قـۇتـقۇزۇش ئېلىپ بېرىلسا، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ.
نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشتا ئالدى بىلەن توك سوقۇۋەتـكۈچىنـى تـوك مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىش كېرەك. توك مەنبەسىنى ئۈزۈشتە توك چاتـقـۇچ يـاكى ۋىكليۇچاتېلنى ئۈزۈۋېتىش ياكى قۇرۇق تاياق، بامبۇك خادا، سۇلـيـاۋ تـايـاق قاتارلىقلار بىلەن توك سىمىنى ئاجرىتىۋېتىش كېرەك. توك سوقۇۋېتىشتىـن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قول بىلەن تۇتماسلىق كېرەك.
توك سوقۇۋەتكۈچىنى توك مەنبەسىدىن ئايرىۋەتكەندىـن كېيىن، دەرھال كىيىملىرىنى يېشىپ ئېغىز ئارقىلىق سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش كېرەك. سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشـنـى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇش، ئالدىراپلا بولدى قىلماسلىق كېرەك.
توك سوقۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن قىسىمنى تازىلاپ تېڭىپ يۇقـۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە، بـەدەننى ئىللىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈنۈملۈك قۇتـقـۇزۇشـنـى توخـتىتىپ قويماسلىق شەرتى ئاستىدا، توك سوقۇۋەتكۈچىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋاملىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
بالىلار، ئۆسمۈرلەر توكقا دائىر ساۋاتلار بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگـىـرى ئېلېكتر لامپىسى ۋە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرماسلىقى، لامپۇچكا پاترونى ۋە ۋىكليۇچاتېلنى ھۆل قول بىلەن تۇتماسلىقى، ئۈزۈلگـەن توك سىملىرىنى خالىغانچە ئۇلىماسلىقى، توك ئۆتۈۋاتقان تـوك سـىمىغـا كـىيىم يايماسلىقى، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا چاقماق سوقۇۋېتىشتىن سـاقـلىنىش ئۈچۈن، دەرەخ تۈۋى ۋە ئېلېكتر ئىستولبىسى ئاستىدا يـامـغـۇردىـن دالدىلانماسلىقى كېرەك.

سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش
سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە نۇرغۇن سۇ ئۆپكىگە كىرىپ كېكىردەكنى سپازمىلايدۇ - دە، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن تۇنجۇقۇش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر قۇتقۇزۇش ۋاقىتـدا ئېلىپ بېرىلمىسا، ئادەم تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
باشقىلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ كـەتـكەنلىكىنى كۆرگەن ھامان دەرھال ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىش، شـۇنىڭ بىلەن بىللە تېزدىن تاختاي، يـاغاچ ۋە قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى قاتارلىقلارنى سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ يېنىغـا تـاشلاپ بېرىش ياكى ئۇزۇن بامبۇك خادىسى، تاياق قاتارلىقلار بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىلەرنى تارتىپ قىرغاققا چىقىرىۋېلىش كېرەك. ئەگەر سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇش توغرا كەلسە سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ كەينىدىن يېقىنلىشىپ ئىتتىرىپ مېڭىش، ھەرگىزمۇ ئۇدۇلدىن يېقىنلاشماسلىق كېرەك. ئەگەر سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى قۇتقۇزغۇچىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ ئاجرىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنـىـڭ يۈزىدىن ئارقىسىغا ئىتتىرىش ياكى بۇرنىنى قىسىۋېلىپ قـولىنى بوشاتقۇزۇش كېرەك.
سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى قىرغاققا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىز - بۇرۇنلىرىدىكى لاي - لاتقا ۋە ئوت - چۆپلەرنى تازىلىۋېتىش، كىيىمىنى يېشىۋېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىلىنى تارتىپ چىقىرىپ نەپەس يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە دۈم قىلىپ ياندۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېـرەك. سۇنى ياندۇرۇغۇزۇشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىـرىنچىسى، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى ئېڭىشتۈرۈپ بەل قىسمـى ئېگىزلىتىلىدۇ، بـاش ۋە مۈرىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ ھەمدە دۈمبە قىسمى قول بىلەن بېسىلىپ ئاشـقـازان، ئۆپكە، كانايدىكى سۇ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، قۇتقۇزغـۇچـى بىر پۇتى بىلەن تىزلىنىپ، بىر پۇتىنى ئېگىـپ، سۇغا چـۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ قورساق قىسمىنى يوتىسىغا قويۇپ بېشىنى ساڭـگىلىتىدۇ، ئاندىن بەل قىسمىنى قولى بىلەن بېسىپ سۇنى يـانـدۇرغـۇزىـدۇ. بـۇنـىڭدا ھەرىكەت تېز بولۇش، مىنۇت - سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسـلىك كـېـرەك. ئەگەر سۇ يانمىسا سۇنى ياندۇرغۇزىمەن دەپ تىركـىـشىـپ تـۇرماسـلىـق، ناۋادا نەپەسلىنىش بىلەن يۈرەك سوقۇش توختىغان بولسا سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن يۈرەكنى بېسىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش كېرەك. سـۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشتە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئاغزىدىن نەپەسلەندۈرگەن ياخـشـى. دۈم ياتقۇزۇپ دۈمبىسىدىن بېسىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەكنى بېسىشنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىش كېرەك. سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنـى قـۇتقۇزۇش ۋاقتىدا، ئۇدا ۋە ئۇزاق بولۇشى لازىم، بەزىدە بىرنەچچە سائەتتە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

كۆيۈپ يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشتا كۆيۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار قوللىنىلىـدۇ. كۆيۈش دەرىجىسى ئادەتتە تېرىنىڭ زەخىملىنـىـش چـوڭـقـۇرلـۇقـى ۋە ھەجـمىگە ئاساسەن ئايرىلىدۇ.
تېرىنىڭ زەخىملىنىش چوڭقۇرلۇقىغا ئاساسەن كۆيۈك ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، يەنى يۈزە تېرىسىلا زەخىملىنىپ قىزىرىپ قالغان، سەل - پەل ئىششىپ ئېچىشىپ ئاغرىغان ھەمدە سۇلۇق قاپارتما بولمىغان بولسا بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك بولىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈككە ئازراق ئۆسۈملۈك مېيى سۈرتۈپ قويۇلسىلا2 −3 كۈندە كېسەللىك ئالامىتى يوقىلىشقا بـاشلاپ،4 −5 كۈندە قاقاچ چۈشۈپ تارتۇق قالماي ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. كۆيگەندىن كېيىن تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا، جاراھەت يۈزى شەلۋەرلەپ قاتتىق ئاغرىسا، يەڭگىل ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك بولىدۇ، بۇنىڭدا ساقايغاندىن كېيىن تـارتۇق قالمايدۇ؛ ئەگەر جاراھەت يۈزى ئاقىرىپ سۇلۇق ئىششىق روشەن بولسـا، ئاغرىسا، لىكىن ئاغرىق بەك قاتتىق بولمىسا، ئېغىرراق ئىككىنچى دەرىجىلـىـك كـۆيـۈك بـولىـدۇ، بۇنىڭدا ساقايغاندىن كېيىن ئازراق تارتۇق قـالـىدۇ. ئىككىنـچى دەرىجىلىك كۆيۈكنىڭ كۆيگەن قىسمىنى ئەستايىدىل دېزىنفېكسىيە قىلـىـپ تـازىلاش، چوڭ ھەم پۈتۈن سۇلۇق قاپارتمىلارنى ئەتراپىدىن قايچا بىلەن كېسىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ياكى تازىلىۋېتىش كېرەك؛ كېسىلگەن سۇلۇق قاپارتمىلارنىڭ قالدۇقلىرىنى پاكىز كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئاندىن دورا مەلھىمى سۈرتۈپ تېڭىپ قويۇش ھەمدە ۋاقتىدا دورا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچـى دەرىجىلىك كۆيگەن تېرىنىڭ رەڭگى كۈل رەڭ ئاق رەڭدە بولۇپ، سۇلۇق قاپارتما بولمايدۇ، خۇرۇمغا ئوخشاش قاتتىق بولىدۇ ھەمدە قاقاچلىشىپ كېتىدۇ، ئاغرىق سـېزىمى بولمايدۇ، بىراق چوڭقۇر قىسىمدىكى توقۇلمىلار سۇلۇق ئىـشـشىيدۇ، ساقايغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكىلىرىگە تېرە يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ، تارتۇق ياكى تارتۇقنىڭ تارتىشىشىدىن غەلىتە شەكىل پەيدا بولىدۇ.
يەنە بىر خىلى تېرىنىڭ كۆيۈش كۆلىمىگە ئاساسەن كۆيۈشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى تېرىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئومۇمىي تېرە كۆلىمىگە بولغان نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم مۇنداق بولىدۇ: يەنى باش - بويۇن قىسمىنىڭ %9 ، ئۈستۈنكى مۈچىنىڭ %18، كۆكرەك - قورساق قىسمىنىڭ %18، بەل - دۈمبە قىـسمىنىڭ %18 ، تـۆۋەنـكـى مۈچىنىڭ %36، چات ئارىلىقى ۋە تاشقى كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ %1 بولىدۇ.
كۆيۈك ئېغىر بولغاندا قىسمەن دائىرىدىكى توقۇلمىلار زەخىملەنگەندىـن باشقا، پۈتۈن بەدەندىمۇ بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، مەسىلەن، بەدەن سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يوقىلىدۇ، كىسلاتا - ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، قان سىغىمى ئازىيىدۇ، بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋەھاكازالار. شۇڭا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك

ئىسسىق ئۆتۈپ قالغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش
تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئۇزاققىچە تـۇرغـانـدا؛ يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئەمگەك ۋە ھەرىكەت قىلـغـانـدا؛ يـاكـى دىـمـىـق ئىسسىق، نەم، شامال ئۆتۈشمەيدىغان شارائىتتا خىزمەت قىلغاندا ۋە تـۇرمـۇش كەچۈرگەندە ئادەم بەدىنىدىكى نورمال ئىسسىقلىق ھاسـىـل قىلىش ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىش تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، بەدەن تېمپېراتۇرىـسـى زىيادە ئۆرلەپ كېتىدۇ - دە، كۆپلەپ سۇ ۋە تۇزنى يوقىتىدۇ، ھەتتا مېڭـە سـۇلـۇق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك بەدەندە بىر قاتار كېسەللىك ئالامـەتـلـىـرى كۆرۈلىدۇ، مانا بۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش دېيىلىدۇ.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ دەسلىپىدە بېشى قېيىپ كـۆزى تورلاشقاندەك، ماغدۇرسىزلانغاندەك، دېمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىـدۇ ھەمـدە يېنىك دەرىجىدە قەي قىلىدۇ. بۇ چاغدا سالقىنراق، شامال ئۆتۈشىـدىغان جايغا بېرىپ دەم ئالسا، تۇز سېلىنغان قايناقسۇ ئىـچىپ بەرسە ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغـاندا بولسا كېسەللىك جىـددىـي قوزغىلىپ بـاش قايـىـدۇ، ئاغرىيدۇ، زىيادە ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاغزى قۇرۇپ يۈرەك سىقىلىدۇ، ئىچى ئىلىشىپ قـەي قىلىدۇ، كۆپىنچىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بۇ چـاغدا دەرھال سالقىن ۋە شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئاپىرىش، كىيىم - كېچەكلىـرىـنـى يېشىپ تۈز ياتقۇزۇش ھەمدە تۇز سېلىنغان قايناقسـۇ ئىـچـكۈزۈش، شىدىشۈي، رېندەن، خوشاڭجىڭچىۋەن قاتارلىق دورىلارنـى يـېـگـۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە باش، بويۇن، قولتۇق، جەينەك ئويـمـىـنـى قـاتارلىق جايلارغا سوغۇق لۆڭگە قويۇش كېرەك. ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتـۈپ قالغان بىمارلاردا بەدىنى تارتىشىش، بىرنەرسىنى ئىلغا قـىلالماسلىق، ھوشسىزلىنىش، ھەتتا يۇقىرى قىزىتما، نەپەسلىنىش، قان ئايلىنىشنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن شوك بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىمارنى دەرھال دوختۇرخانىغـا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشتا مۇھىمى ئالدىنى ئېلىش كېـرەك. تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئۇزاق تـۇرۇشـتىـن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش؛ ئۆيلەردە ھاۋا ئالماشتـۇرۇشقا دىقـقەت قىلىش؛ كەڭرەك، سۇس رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىش ھەمدە ئوبدان غىزالىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. تەر كۆپ چىققاندا ۋاقتىدا سـۇ ئىچىش ۋە تۇز تولۇقلاش لازىم. ئۆيگە رېندەن، شىدىشۈي قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىـش دورىلىرىنى تـەييارلاپ قويۇش لازىم. ماش شورپىسى، قارىئۆرۈك سۈيى، يۇمغاقسۈت سۈيى قـاتارلىقلار ئىسسىق ئۆتـۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشتىكى قۇلايلىـق ھەم كۆڭۈلدىكـىـدەك ئۇسـسـۇزلـۇق ھېسابلىنىدۇ.

كومۈر گازىدىن زەھەرلەنگۈچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش
قىش كۈنلىرى بەزى ئۆيلەر ئوت قالاپ ئىسسىتىلىدىغان بولغاچقا، ناۋادا ئىـشىك - دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن ھەمدە كاناي ئورنىتىلمىغان بولسا ۋاقىـتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەردە باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئىچى ئىلىشىش، قەي قىلىش، ئۇيـقـۇ بېسىش، ھەتتا ھوشسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ، ئادەم بەدىنى مۇئەييەن مىقداردىـكـى كـاربـون (Ⅱ) ئوكسىدنى سۈمۈرگەندىن كېيىن پەيدا بولغان زەھەرلىنىش ھادىـسىسى بولۇپ، كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش دېيىلىدۇ.
كۆمۈر قاتارلىق تەركىبىدە كاربون بار ماددىلار تولۇق كۆيمـىـگـەنـدە، كاربون(Ⅱ) ئوكسىد ھاسىل قىلىدۇ. كاربون(Ⅱ) ئوكـسىد رەڭـسىز، پۇراقسىز، تەمسىز گاز بولۇپ، ھاۋادىن سەل - پەل يېنىك بولغاچقا، ئادەم ئۇنى سۈمۈرگەندىن كېيىنمۇ ئاسان بايقىيالمايدۇ. كاربون(Ⅱ) ئوكـسـىـد قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ، كاربون(Ⅱ) ئوكسىدلىق قـان قىزىل ئاقسىلىغا ئايلىنىدۇ. كاربون(Ⅱ) ئوكسىدنىڭ قان قىزىل ئاقـسىلى بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى ئوكسىگېنننىڭ قان قىزىل ئاقسىلى بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىدىن240 ھەسسە يۇقىرى بولغاچقا، شەكىللەنگەن بىرىكمە ماددىنىڭ مۇقىملىقىمۇ ئوكـسىگېن بـىلەن قان قىزىل ئاقـسىلىدىن شەكىللەنگەن بىرىكمە ماددىنىڭ مۇقىملىقىغا قارىغاندا3000 نەچچە ھەسسـە كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا زور مىقداردىكى قان قىزىل ئاقسىلىنى كاربون(Ⅱ) ئوكسىد »بۇلاپ« كېتىدىغان بولغاچقا، ئوكسىگېن ئېلىپ ماڭغان قان قىزىل ئاقسىلى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ.
كاربون(Ⅱ) ئوكسىد يەنە تەركىبىدە تـۆمـۈر بـار ئېـنـزىـملار بـىلەن بىرىكىپ، توقۇلمىلارنىڭ »نەپەسلىنىشى«گە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەسىر كـۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋىسى توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككـە ئەڭ سەزگۈر بولغاچقا، ئالدى بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرىدا سپازمىلىشىش كۆرۈلىدۇ، ئاندىن كېڭىيىپ چوڭ مېڭـە پوستلاق قەۋىتى سۇلـۇق ئىششىيدۇ، قانايدۇ ۋە يۇمشايدۇ. بۇنىڭ بىلەن باش قېيىش، باش ئاغرىش، قەي قىلىـش، ھەتـتا ھوشسىزلىنـىـش قاتارلىق بىر يۈرۈش نـېـرۋا سىستېمىسىنىڭ زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش دەرىجىسىنىـڭ ئېـغىر - يېنىكلىكـى ھاۋادىكى كاربون (Ⅱ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ھەمدە ئادەمنىڭ سالامەتلىـك ئەھۋالـى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ياشانغانلار، بالىلار ۋە ھامىلىدار ئاياللار ياكى يۈرەك - ئۆپكە كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق كېـسەللىكى بارلارنىڭ زەھەرلـىنىش كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرراق بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قېنىدا كاربون (Ⅱ) ئوكسىد بىلەن قان قىزىل ئاقسىلى بىرىكمە ماددىلىرى قـان قـىـزىـل ئاقسىلى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %10 ىدىن ئېشىپ كەتسە يېنىك دەرىـجىدىكى زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ - دە، باش ئاغرىيدۇ، باش قايىدۇ، ئىـچى ئىلىشىدۇ، رۇس تۇرالمايدۇ. بۇ چاغدا زەھەرلەش مۇھىـتىدىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنسە كېسەللىك ئالامىتى يوقايدۇ.
كۆمۈر گازىدىن ئوتتۇراھال زەھەرلەنگەندە نەپەسـلىنىش ۋە يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، بىئارام بولۇش، يول يۈرۈش قـىـيـىـن بـولـۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھوشسىزلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بايقالماي شۇ مۇھىتتا تۇرۇۋەرسە ئېغىر دەرىجىدىكى زەھەرلىنىشكە تەرەققىي قىلىپ، قول - پۇت مۇزلاش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، تومۇر سوقۇش ئاجىزلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا بەزىدە يـۇقىرى قىزىتمىلىق ئالامەت كۆرۈلۈپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنـى بايقىغان ھامان، دەرھال ئىـشـىـك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ بىمارنى ساپ ھاۋالىق جايغا ئاپىرىش ۋە كىيىملىرىنى يېشىۋېتىش (نەپەسنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش) لازىم، بىراق سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھوشىدىن كەتكەن بىمارلارغا قارىتا بۇرۇن ئاستى ۋە شىشۈەن قاتارلىق پەللىلەرنى بارماق بىلەن بېسىش ياكى قۇرۇق يىڭنـە سـانـجىش كېرەك. ئەگەر نەپەسلىنىـشـتىن توختىغان بولـسـا ۋاقتىدا سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە بەدەن سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش كېرەك. شارائىت بولسا ئەڭ ياخشىسى ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزۈش ھەمدە ئىمكانقەدەر دوختۇرخانىغا تېز ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش كېرەك.

غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش
بالىلار نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىپ شۈمۈشكە ئامراق كېلىدۇ، سەللا بىخـۇدلـۇق قىلىنسا كاناي ياكى ئاشقازانغا كىرىپ كېتىدۇ.
غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالغانلىقىنى بايقىغانـدا ھەرگـىـزمـۇ ھودۇقـۇپ كەتمەسلىك، تاماق، كۈدە ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئارقىلىق بۇ غەيرىي نەرسىلەرنى تۆۋەنگە ھەيدىمەسلىك، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپـىـرىـپ داۋالىتىش لازىم. دوختۇر كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن X نـۇرىـدا كـۆرۈش ياكى رەسىمگە ئېلىش ئارقىلىق غەيرىي نەرسىنىڭ خاراكتېـرى ۋە ئورنـىـنـى بېكىتىپ، ئاندىن داۋالاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ.
كاناي ئادەم بەدىنى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشـىـدىـكـى مۇھىم يول. ئەگەر غەيرىي نەرسىلەر بۇ يولنـى تـوسـۇۋالـسـا ھاۋانـىـڭ ئۆتۈشۈشى راۋان بولمايدۇ، ھەتتا نەپەسلىـنـىـش يـولى بەك توسۇلۇپ قالسا ئادەم تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. غەيرىي نەرسىلەر كانايغا كىرىپ قالسا ئادەم قېقىـلـىـپ يۆتىلىدۇ، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىدۇ، كالپۇك ۋە چىرايى كۆكىرىش قاتـارلـىـق جىددىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قۇتقۇزۇش ۋاقتـىـدا بولـمـسا ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا دەرھال دوخـتـۇرخـانـىـغـا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.
بەزى سىلىقراق نەرسىلەر ئاشقازانغا كىرىپ كەتسە ئالاھىـدە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلەن، تۈگمە، تـەڭـگـە قـاتـارلـىـق سـىـلىـقـراق نەرسىلەر2 −3 كۈندىن كېيىن تەرەت بىلەن چـىقىپ كېتىدۇ. بىراق، ئۇچلۇق نەرسىلەر ھەزىم قىلىش يولى ياكى بـاشقا ئەزالارنى زەخىملەندۈرۈپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇچلۇق ياكى زەھەرلىك نەرسىلەر ۋە ياكى غـەيـرىي ماددىلار مەلۇم جايدا4 −5 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قالسا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
غەيرىي نەرسىلەرنىڭ كاناي ۋە ئاشقازانغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىـش ئۈچۈن، ئۇششاق - چۈششەك ئويۇنچۇق ۋە نەرسىلەرنى ئاغزىغا سېلىپ ئوينىماسلىق كېرەك؛ نەرسە يېگەندە دىققىتىنى چاچماسلىق، كۈلكـە - پاراڭ قىلماسلىق، يېتىۋېلىپ يېمەسلىك كېرەك؛ يـېمەكلىكتـىكى سـۆڭـەك، قىلتىرىقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يېيىش لازىم.

زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش
زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندا دەرھال تۆۋەندىكى جىددىي قـۇتـقـۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك: يەنى يۇمشاق يىپ ياكى تاسما بىلەن يـارا ئېغىزىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى بوغۇش لازىم. ئەگەر پاقالچاقنى چېقىۋالغـان بولسا تىز بوغۇمىنىڭ ئۈستىدىن بوغۇش، بارماقنى چېقىۋالغان بولسا بارماق تۈۋىنى بوغۇش، ئالىقان ياكى بىلەكنى چېقىۋالغان بولسا جەينەكنىڭ ئۈسـتـى ياكى جەينەك بوغۇمىنىڭ ئۈستىنى بوغۇش كېرەك. زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. بوغۇلغان مۈچىلەردىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بوغقان يىپنى ھەر15 ~20 مىنۇتتا1 −2 مىنۇت بوشىتىپ تۇرۇش كېرەك. ئوبدان بوغقاندىن كېيىن دەرھال يارا ئاغزىنى يۇيۇش، پىچاق بىلەن كېسىش ياكى زەھەرنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. يىلان زەھىرىگە قارشى قان زەردابى ياكى ئۈنۈملۈك يىلان دورىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن بوغقان يىپنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
زەھەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن يارا ئاغزى ئەتراپىدىكـى زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئىمكانقەدەر تازىلىۋېتىش كېرەك. يارا ئاغزىنى تازىلاشتـا سوغۇق قايناقسۇ، سوغۇق چاي ياكى بۇلاق سۈيى ئىشلىتىش كېرەك. شارائىت بولسا سوپۇن سۈيى، ئازراق تۇز سېلىنغان قايناقسۇ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
زەھەرلەنگەن ئورۇننى كېسىپ زەھەرنى چىقىرىۋېتىشتە ئادەتتە پاكىز ئۈچ قىرلىق يىڭنە ياكى باشقـا پاكىز ئۆتكۈر ئەسۋابلار ئىشلىتىلىدۇ، يارا ئېغىزىنى يېرىشتا بەك چوڭقۇر يېرىۋەتمەسلىك، ئىككى زەھەرلىك چىش ئىزى ئارىلىقىدىكى تېرىنى يېرىشنى پرىنسىپ قىلىش كېرەك؛ ياكى يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىدىن گۈرۈچ چوڭلۇقىدا بىرنەچچە تۆشۈك ئېچىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يارا ئاغزىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، زەھەرنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. كەسكەندىن كېيىن يارىلانغان مۈچىلەرنى بۇلاق سۈيى، تۇزلانغان سوغۇق قايناقسۇ ياكى سوغۇق چايغا چىلاش ھەمدە يارا ئېغىزىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ20 مىنۇت ئەتراپىدا بېسىپ سىيرىپ زەھەر سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. چار يىلان ياكى زەھەرلىك قارا يىلان چېقىۋالغان بولسا قاننىڭ ئېقىپ توختىماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېسىپ زەھەر چىقارماسلىق كېرەك.
ئەگەر يارا ئاغزىدىكى زەھەر سۇيۇقلۇقى سىرتقا راۋان چىقالمىسا، لوڭقا قويۇش ياكى سۈت سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق سۈمۈرتۈش كېرەك؛ ئاغزى بىلەن بىۋاسىتە سۈمۈرۈشكە توغرا كەلسە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، بىر تەرەپتىن سۈمۈرگەچ بىر تەرەپتىن تۈكۈرۈپ تۇرۇش ھەمدە ھەر قېتىمدا سۈزۈك سۇدا ئاغزىنى چايقاپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر چىشى قۇرتلانغان ياكى شىللىق پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كىـشىلەر بولسا، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاغزى بىلەن سۈمۈرمەسلىكى كېرەك.
يىلان چېقىۋالغان بىمارلارغا جىددىي قـۇتـقـۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، يەنە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قىسمەن دائىرىلىك ياكى پۈتۈن دائىرىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرمۇشىمىزدا بىلۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ساۋاتلار بىلەن تەمىن ئىتىپسىز رەھمەت سىزگە....
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىسى بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك چوڭ مەسلىلەر ئىكەن ، تىرىشىۋاتىسىز داۋاملىق تىرىشىڭ .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:27 , Processed in 0.132703 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.