ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ماقالە ۋە ئوبزور ئاياللار ئەر دەپ يىغلايدۇ
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 5
go

ئاياللار ئەر دەپ يىغلايدۇ

مەجنۇن * توردا يوق

Rank: 1

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
38 
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2010-12-29 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاياللار ئەر دەپ يىغلايدۇ


ئابلىز ئىبىراھىم دولان


-قويۇڭە، ئۇنداق مازنى ، قاچان قارىسام ھاراق-پىۋىنى ئۆلگۈدەك ئىچپ ، خوقىراپ ئۇخلاپلا يۈرگەن. ۋىييەي، دىگۈدەك يېرى يوق ، ئۆتۈپ كەتكەن لاتا...ھەي ئىست ، بۈگۈنكى زاماننىڭ ئەرلىرىگە نىمە بولدىكىنتاڭ....
بۇگەپلەر كوچىدا مۇڭدىشىپ كىتىۋاتقان ئككى ئايالنىڭ ئەرلەر ئۈستىدە قىلىۋاتقان شىكايەتلىرى ئىدى. شۇ تاپتا يۈزۈم گۈپپىدە ئوت ئېلىپ كەتتى. بىرئەر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن دىيىلىۋاتقان گەپلەردىن نۇمۇس كۈچىدە بۇغۇلغان ئىدىم. تۇرۇپ ئويلانماقتىمەن:ئەرلىرىمىزگە زادى نىمە بولدى؟ قېنى ، قىز- ئاياللارنىڭ قەلىپ تارىنى چىكىپ ، ئۇلارنى ھەۋەسلەندۈرۈپ سۆيدۈرگەن شاش ئەركەكلىرىمىز؟ قېنى، ئەركەك روھ ۋە جاسارەت مۇجەسسەم ئەر ھىماتچىلىقى؟... قىز -ئاياللىرىمىزدا ئاجايىپ تاتلىق تۇيغۇ ، پەخرىي ھېسىياتقا ئۇرالغان جىلۋىلىك بېقىشلارنى ئويغۇتىدىغان ، ئۇلارنڭ ئېغىزىدىن چۈشمەي تەرىپلىنىدىغان چىن ئەركەكلىك زادى نەگە كەتتى؟ ئەجەبا، بۇ بېرىپ ئاخىر<<ماز>>،<<لاتا>> دىگەندەك كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز نۇمۇسلۇق لەقەملەرگە ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ؟
ياق! ياق!! بۇ ھاقارەتلىك نام رىئاللىقىمىزدىكى ئەركەكلىكى خوراپ كەتكەن زەيىپانە ئەرلەرگىلا خاس بۇلۇشى كىرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما ئەركەكلىكنىڭ چىن مەنىسىگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىدىغان بولساق ، زامانىمىزدىكى ئەرلىرىدىكى ئىچىملىك - چىكىملىككە بولغان زىيادە ئامىراقلىق، چاپچىپ تۇرغان قىرانلىق يىگىت يېشىدىلا ئەرلىك خۇرۇچلىرىدىكى ئېغىر يىگىلەش، ئۆزىنى بىر سانايدىغان نى-نى بېجىرىم ئەرلەرنىڭ خاراكتىر جەھەتتە بارغانچە ئەۋرىشىملىشىپ كىتىشى ۋە ئىچىملىك - چىكىملىك ، <<رەڭلىك >>سورۇن ئېزىقتۇرۇشلىرى ئالدىدا سالاغا بوش كېپقىلىپ ، ھىچقانچە تارتىشماستىنلا سەپكە قېتىلىپ كىتىشى، قىسقىسى، <<ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپكىتىش>>تەك ئومۇمىيەتلىك ھاللار ، بۇ ھاقارەتلىك تەرىپلەشنىڭ ھىچ بولمىغاندا پۈتكۈل ئەرلەرگە بېرىلگەن جىددى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى بۇرۇنلاردە ئەرلەر ئاياللارغا بۇزۇلغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەرگە<<بۇزۇلماقتا>> . بىر قىسىم روھىتى ۋە جىسمانىيتى كىسەل ئەرلەر ساغلام ئەرلەرگە تەسر كۆرسىتىپ، ئوخشىمىغان رەۋىشتە<<ئاسسىمىلياتسىيىلىشىش>> نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتى ئاجىزلىشىپ، ساغلام ئەرلەرنى پەرق ئەتمەك ھەقىقەتەن تەس بولدى. ئومۇمەن، ئەركەكلىك ئوخشىمىغان دەرجىدە يىگىلەشكە قاراپ يۈزلىنىپ ئەرلەرنىڭ ھالاكىتى تىزلەشتى. قىز-ئاياللار ئەركەكلىكنى كۆپ ئىزدەپ كۆردى، ھاردى، تىرىكتى ، ئەرلەردىن ھىچ سادا كەلمىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق چۈچۈشكە ، ئېچىنىشقا باشلىدى. ئاقىۋەت بۇ خىل ئەركەكلىك <<قەھەتچىلىك>>ى ئاستىدا ئەرلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بەزى ئاياللار شۇنچىلىك قۇتىراپ ئەسەبىيلىشىپ كەتتىكى ، ھەتتا ئاشنىسىنى ئۆز ئېرىگە يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا بىلىندۈرۈشتىن ، ئىرى بىلەن <<رەڭلىك>> سورۇندا ئۇچىرشىپ قېلىشتىنمۇ قىلچە ھېيىقمىدى. ئازغۇن ئەرلەر بۇزۇقچىلىق ، جىنسى ئقتىدارىنى كۈچەيتىش دورىللىرىغا ، شۇنڭغا بېقىپ بەزى ئاياللا ئىچىملىك ، چىكىملىك ، كەيىپ - ساپاغا خۇمار بوپكەتتى. بىر پۈتۈن ئائىلە ئىللىقلىقى بارا-بارا يىمىرلىپ ، ئائىلە پۇتقا سېلىنغان كىشەن ياكى ۋەيلۇن دوراخقا ئوخشاپ قالدى. نارەسىدە-سەبىيلەر بۇ خىل بۇس-بوغۇناقلىقتا تۇنجۇقۇپ جان تالاشتى. ئشقىلىپ ، ئەر-ئاياللىق تەڭپۇڭلىقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ ، ئائىلە ئېكولوگىيسىدە ئالىيېشىل <<قىيامەت>> ۋە كارامەتلەر يۈز بىرىشكە باشلىدى. ئۇنداقتا ، بۇنداق يىرگىنىچلىك ، ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ باش جاۋاپكارى كىم؟
شۇبىھسىزكى، بارغانچە كۆپ ئەرنىڭ ئېتىقاد، ۋىجدان، غورور، خاراكتىر جەھەتتە ئاينىپ كىتىپ ئەركەكلىكتىن ياتلىشىشى-تۈرلۈك تۈمەن كىرزىس - پاجىئەنى تۇغدۇردى ۋە چىكىگە يەتكۈزدى؛ ئائىلە پەختىيارلىقى ۋە چىن مېھىر - مۇھەببەت خۇنۇكلىشىپ ، زۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ، گۇمىراھلىقنىڭ قارا گىردابىغا ئىتتىرىلدى. بۇزۇلغان ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئېغىر كرىزىسى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن تۈرلۇك ئالامەت ھەمدە ئۇلاردىكى جاۋبكارلىققا نىسبەتەن قىز ئاياللار ئۈزلۈكسىز چۇقان كۆتۈرگىلى تۇردى.
-ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟ ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟! ۋۇجۇدى غەزەپكە تولغان ئاياللار ئەرلەرگە كەسىكىن خىتاپ قىلغاندى. بۇنىڭدىن بىر قىسىم ئەرلەر شۇنداق چۆچۈدىكى ، خۇددى بېشىدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ شۈركىنىپ كەتتى. ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ يۈزى نۇمۇستىن قىزاردى ۋە ئۆزىگە قايتىشقا باشلىدى. بىراق پىتىر قۇلاقلىرىنى يۇپۇرىۋېلىپ قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرگىنى يەنە شۇ لالما قېتىش ئەرلەر بولدى. ئۇلار كۆزى كور، قۇلىقى گاس بۇلۇۋالغانىدى. ئۇلاردىكى مەجرۇھلۇق روھى مەجرۇھلۇق، بۇرۇت-ساقال ئۇلاردىكى ئەرلىك بەلگىسى بۇلۇپ ئىپادىلەندى ۋە:
نازۇك باشقا كۈن چۈشتى ، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟...
دىگەندەك قىز- ئاياللارنىڭ بۇنداق پاكلىق ئىلتىجالىرىغا قارىتا ، شۇ ئەرلەر:
قۇرۇق ئابرۇي، غورۇر ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەر بارمۇ؟...
دىگەن ھەزىل جاۋابنى بىرپ تۇلىمۇ چۈپىرەندىلىشىپ كەتتى. قىز-ئاياللار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خورلۇققا ئۇچىراۋاتسىمۇ، ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋەردى. ھەتتا قىز - ئاياللارنڭ پاھىشە بوپكىتىشىگىمۇ قىلچىلىك پەرۋا قىلمىدى. ئاخىر ئاياللار ئۇلارنڭ ئەر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندى. ئۇلارنڭ ھەقىقەتەن<<ناجىنىس>>لىشىپ كەتكىننى ھىس قىلدى ۋە ئۆزى ئىزدىگەن ئەركەكلىكىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا <<كۆچۈرۈش>>كە باشلاپ ، يېرىم يالىڭاچلاندى، ئايرىمخانا، بەزمىخانا، رېستۇران، قاتار چاي، رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا ئۆزىنى ئاتتى. قانغىچە ئىچتى، چەكتى ، ئەسەبىيلەرچە توۋلىدى، ئوينىدى. ئشقىلىپ <<پۇخا>>دىن چىقتى. قىسقىسى، ئاياللار ئەرلەردىن <<قىساس>> ئالدى . ھىلىمۇ كۆپ شۈكىرى، ئىنسابى بار قىز - ئاياللىرىمىز ئەرلەردىن ئۇنداق تەتۈر ھىساپ ئالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى زارىقىپ كۈتۈۋاتقان چىن ئەركەكلىكنىڭ خىيالى چۈشكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇرغان بولسىمۇ، پاك ئىپپەت، گۈزەل ئەخلاقنى ئىشىرەتنىڭ قارا تۇمانلىرىدا بۇلغاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنڭ پاك ئوبىرازى روھىيەت قەسىدىسىدە بارغانسىرى بۈيۈكلىشىپ باردى. لىكىن ، پەقەت ئۇلارنى بىرلا نەرسە مەھكەم تۇتۇپ تۇردى . ئەگەر بۇنى ئاشۇ<<نوچى>> ئەرلەر چۈشەنسە ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمىنى يۇقىتىپ ، نىمىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلىپ ، ئاز- تۇلا سەگىگەن بۇلاتتى. بۇ ھەقتە تۈۋەندىكى ھىكايەتنى ، ئۇ ئىپادىلەيدىغان مەنە زۆرۈرىيتىنى چىقىش قىلىپ كۆرۈش تولىمۇ ئىبرەتلىكتۇر.
بىر كىچىسى خەلىپە ئۆمەر پۇقرالارنىڭ ھال ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش يۈزىسىدىن ئەل ئارلاشقا چىققاندا، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىدە مۇنداق قوشاق ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان:
ئەجەپ تاڭ ئاتمىدى، كېچە ئۇزىراپ ،
ئويناشقا چۈپتىم يوق قىينىدى پىراق.
قەسەمكى ، خۇدادىن قورقمىسام شۇئان، .
كېتەتتى ئاستىمدا كارۋات غىچىرلاپ.
خەلىپە ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ مەزلۇمنىڭ ئېرىنىڭ جەڭگە كىتىپ ئۆدىن ئايرىلغىلى تۆت يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۆزىنى پاك ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بوپتۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن ئەرلەرنىڭ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆيدىن ، ئايالىدىن ئايرىلماسلىقى توغىرسىدا پەرمەن چۈشۈرۈپتۇ. ئويلىنىپ كۆرەيلى ، ھىكايەتتىكى بۇ ئايالنىڭ قۇتىراپ كەتكەن نەپىسىنى تىزگىنلەپ تۇرغىنى نىمە؟ ئەگەر بۇ خىل سىرلىق كۈچ بولمىغىنىدا ئىدى ، شۇ دەۋىر قانداق ھالاكەتكە يۈز تۇتار ئىدى؟ ئۇنداقتا ئەرلىرىمىز تەرپىدىن ئاي- يىللاپ تەنھالىق قەسىرگە مەھكۈم قىلىنغان قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ھالى نىچۈك؟ ئۆزىنى مەن بىر ئەر ، دەپ چاغلايدىغانلار بۇنداق يەڭگىلتەكلىكنىڭ ۋەزنى ، ئېغىر خەۋىپىنى ئويلىشى كىرەكمۇ-يوق؟...ھەر نىمە بولسا پەرىشتە سۈپەت قىز-ئاياللىرىمىز ئۆز نەپىسىنى ھىكايەتتىكى ئىپپەتلىك ئايالدەك كونتىرول قىلىپ كەلدى. ھىكايەتتىكى ئايالنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىنى ، نەپىسىنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ كۈچ _ دەل بۈگۈنكى قىز-ئاياللىرىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە قورغىنىدۇر. ئۇلار مۇشۇ ھىماتچى كۈچ ئاستىدا تۈرلۈك نەپىسى بالالاردىن ، ئېزىتقۇ تۇمانلاردىن ساقلىنىپ كەلدى. ئۇلار گوياكى ئىنتايىن خەتەرلىك پىلسىرات كۆۋرىكى ئۈستىدىن مۇدۈرۈپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇقەددەس رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان قىيامەت قايىم بىشارەتلىرىنىڭ ئاخىرقى تىزگىنى ئۇلارنڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغانىدى. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى شۇنداقلا قوتۇۋىتىدىغان بولسا ، گويا ئەتىلا قىيامەت قايىم بۇلۇش قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدىكى ئىشتەك بوپقالدى. بۇنى تۇنۇپ چۆچۈپ كەتكەن روھى ئويغاق ، ئىمانى كامىل ئەرلەر قاتتىق سىلكىندى، ئېچىندى. ئۆزىگە ۋە ئەرتراپتىكى ئەرلەرگە قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. گۇناھىنى يۇيۇپ ، جىددى ھەم ئېغىر بولغان بۇنداق ھالاكەتتىن ساقلىنىشقا بارلىق ئەرلەرنى دەۋەت قىلىپ كۆردى. بىراق بەزلەشكەن ئەرلەر چىكىملىكنىڭ قاپقارا ئسى ، ھاراق بوتۇلكىلىرى ۋە كەيىپ - ساپا، ئەيىش - ئىشرەتنڭ يۇندى ئازگىلىدا يىرگىنىشلىك قۇسۇقلار ئىچىدە ئەس - ھۇشىنى يۇقىتىپ ئەكىس سادا قايتۇرمىدى. بېشارەتلىك دەۋەت قىلىشلار ، ئۇلارغا نايناق قىزنىڭ ئەركىلەپ ئاتقان مۇشتىچىلىكمۇ تەسىر كۆرسەتەلمىگەنىدى. چىن ئەركەكلىك خىسلەتنىڭ يوقىلىشى ئەۋىج ئېلىپ ، ئاياللارنڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان غېرىبلىقى يەنىلا داۋاملىشىۋەردى.
-ئەركەكلەر ، قېنى سىلەر؟....
ئاياللار پۈتۈن كۈچىنى ۋۇجۇدىغا يىغىپ ، يەنە ئىسيان نەسىنى تاتتى. ئۇلارنڭ نەزىرىدە ئەركەكلەر ئاللىبۇرۇنلا ئۆلۈشكە باشلىغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنە قايتا - قايتا توۋلىدى، ئەرلەرنىڭ بۇنىڭغا قەتئى ۋە ئۈزۈل - كىسىل جاۋاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىدى. قىسقىسى، ئەركەكلىكنى چىللىدى. ئۇلار قانائەت ھاسل قىلمىغۇچە توختىمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئەركەكلىك بىزنى چاقىرماقتا پەقەت چىن ئىتىقاد ، غۇرور، ۋىجدان ئۇچۈن جان ئايىماسلىقتەك باھادىرلىق ، چىن ئەركەككە خاس مىجەز خاراكتى، ئادىمىي ئەخلاق ۋە ئىنسانى مىھىر - مۇھەببەتتە ئۆز مەنىسىنى تاپىدىغان ئەركەك روھ يارتىشىلا قىز-ئاياللارنى مەڭگۈ قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ، ئۆزىمىزگە يۈ كىلەلەيدىغان چىن ئەركەكلىكنى قايتۇرۇپ بىرەلەيدۇ. شۇنداقلا بىزنى مۇدىھش-شۇم ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ. ئۇنداقتا بىر يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىمىز؟ نىمىنى كۈتۈۋاتىمىز؟...ئەجەبا، ئەركەكلىكنى تەرىك ئىتىش بەدىلىگە ئېرىشكەن گۇمىراھلىقىمىز ۋە پەس ۋۇجۇدىمىز سەۋەبى بىخلىنىپ، شاخلاپ چىققان تۈرلۈك - تۈمەن بۇزۇقچىلىق - رەسۋالىقىمىزنىڭ قىز-ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىغا<<كۆچۈپ>>، ئۇلارنىڭ بارغانسىرى يالىڭاچلىنىشى، ئىچىملىك -چىكىملىك ۋە ئاپئاشكارا بۇزۇقچىلىقلاردىن قىلچىمۇ تەپ تارتماسلىقىدەك رەسۋاچىلىقلار بىزگە يەتمەمدۇ؟ بىزدە ۋىجدان ، نۇمس، ئازاپ تۇيغۇسى ئويغانمىدۇمۇ؟...پاسىق روھىمىزغا ئىنساپ ۋە ھىدايەت تىلەپ ، خىلمۇخىل ئېزىقتۇرۇشلارنى رەت قىلىپ ، ئۆز پاكلىقى ۋە ئاياللىق پەزىلىتىنى پاختىنىڭ ئارىسدا چوغ ساقلىغاندەك ساقلاپ كىلىۋاتقان قەيسەر قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ دىيانىتى، ئىنساپى بىزنى قىلچىمۇ سۆيۈندۈرمىدىمۇ؟ ياكى ئۆزىمىز بىلىپ - بىلمەي ئاياللارغا تۇتقۇزۇپ قويغان ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ تىزگىنىنى تىزدىن ئىلىكىمىزگە ئالماي، يۈز بىرەي دەپلا قالغان <<توپان بالاسى>>قەدىمىنىڭ تېخىمۇ تىزلىشىشىنى كۈتۈۋاتىمىزمۇ؟ۋە ياكى ھەقىقەتەن بىزدە چىن ئەركەكلىك قالمىدىمۇ؟...
ياق!ياق!! ئەركەكلىك بىزدە تۈگەپ كەتكىنى يوق! ئىمان-ئىتىقادىلىق ، روھى ئويغاق ئەرلەردە يانار تاغ ئاستىدىكى ماگمىدەك تېخى ھايات.
بولدى بەس ، ئەمدى يىتەر! تېزدىن ئەركەكلىكنى تېپىۋالايلى، ئۇنىڭغا قايتايلى روھىمىزدىكى مەينەتچىلىكلەرنى ئېرىغداپ، ئائىلىنى ، جۈمىلىدىن مىللەتنى بەختىيار قىلىدىغان چىن ئەركەكلىكنى نامايان قىلايلى. ئەنە شۇنىڭدا غاپىل روھ پاكلىنىپ ، ئاچچىق قىسمەتتىن تاتلىق مېۋە ۋايىغا يىتىپ ، ئەركەكلىك ئۆز ھەغداسىنى تاپسۇن. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئېغىر ئۇھسىنىش ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىشلىرى، ھەسىرەتلىك قان ياشلىرى ۋە <<ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟>>دىگەن ئىسيانكارانە نىدالىرى كۈتكەن ۋە ئۆز ئەمەلىيتىمىزدىن تەلەپ قىلغان جاۋاپ ، پەقەت چىن ئەركەكلىك ئارقىلىقلا ئۇلارنى قايىل قىلارلىق ۋە رازى قىلالايدىغان جاۋاپ:ئەركەكلەر مانا ئالدىڭىزدا

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى


باشقۇرۇش ئەسكەرتىمىسى :بۇ ئەسەر ئىلگىرى مۇنبرگە يوللۇنۇپ بولغان ئىدى، تەربىيىۋى-ئەھمىيىتى يۇقرى بولغانلىغى ئۇچۇن قايتا تەستىقلاندى
hanka * توردا يوق

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
495 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1438 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيتى ھەقىقەتەن زور ئىدى قايتا مۇنبىرىزگە يوللۇنۇپتۇ ، دەسلەپتە ئانچە ئاڭقىرالماي قاپتىمەن ئاخىرىغا بارغانچە مۇشۇ مۇنبەردە ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
قارشى ئالىمىز يېڭى ئەزا مەجنۇن ، يېڭى قەدەملىرىڭىز يېڭى يىلدا يېڭىچە ھايات مۇساپىسىنى باشلىغۇسى شۇنداقلا تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
hokumran * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
15 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
68 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2010-12-21 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-9 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمىدا ئېيتىلغان ھەقىقەتلەر پەقەت ئاپتۇر دولانىنىڭ كۆپ ئىچىۋېلىپ ، كاللىسى قىزىپ قالغاندا تەنھالىقنىڭ بۇرۇختۇملىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي جويلىگەن سۆزى بولسا كېرەك .
بىر ئىككى ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ قىلمىشى ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . جەمىيىتىمىزدە ئەركەكلىكىنى ئونۇتماي ئائىلىسى ، پەرزەنتى ، يۇرت ، ۋەتىنى ئالدىدىكى مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇليىتىنى ئونۇتمىغان ئەركەكلەر يەنىلا كۆپ .
ھاياتنىڭ ئۈزى بىر تۈگىمەس ناخشا .
پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن . ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن . ‹دۇنيا ئەر دەپ توۋلىماقتا ،خۇتۇن قىزلار قېنى سىلەر ئەركەكلەر دەپ كۆزلىرىگە تاش ئالماقتا ››.
yultuz * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
355  
ھالەت
يازما
723 
تېما
35 
نادىر تېما
جۇغلانما
5407 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇھ ....ما جاھان نىمە بوپ كەتى ، ئەركەكلەر قىز دەپ يېغلايدۇ ، ئاياللار ئەر دەپ يېغلايدۇ ......
شۇنداق ھۈكۈمران توردىشىمىز دىگەندەك ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى ئۇنتۇپقالماي ئائىلسى باللىرى ئايالىئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ يۈرىۋاتقان ئەركەكلىرىمىز نۇرغۇن ، ئەمما يەنە مۇشۇ تېمىدا ئېيتىلغاندەك ئېتى ئەر ، ئەمما ئەركەك دىگەن ئاتالغۇغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ، كۈيۈپ پىشپ ئالغان خۇتۇنى ئۆيدە تۇرسا تالاغا چىقىپ «دادام زورلاپ ئېلىپ بەرگەن خۇتۇنتى ، پەقەت كۆڭلۈم چۈشمىدى»دەپ پەتۋا تۇقۇپ يۈردىغان ، خۇتۇنىغا بىر تال پايپاق ئېلىپ بىرىشكە كۆزى قىيماي تالادىكى قىز چوكانلارغا پاتمانلاپ خەجلەپ ، تېلفۇنى توختاپ بولغۇچە پۇل تۆلۋىتىدىغان «سېخى»ئەرلىرىمىزمۇ بار ، ئۆزگۈل بىلەن لەززەت راڭپىزىخانسىدا قاتار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ راڭپىزا يەيدىغان ، پوپۇتاڭ چايناپ جىق تاماق يىسەم سەمرىپ «پىگورىم»بۇزۇلۇپ كىتدۇ دەپ «جىيەنفېي»قىلدىغان ئەرلىرىمىزمۇ بار ..........

قىسقىسى ئەرلەر ھاجەتخانسىغا كىرگەننىڭ ھەممىسى ئەر ئەمەس . ئەنە شۇنداق ھۈكۈمران توردىشىمىز ئېيتقاندەك تۇرقىدىن ئادەمنى ئەيمىندۈرەلەيدىغان ، گەپ سۆزىدىن ھېيىقتۇرالايدىغان ،مەسئۇلىيەتچان ،، ھەقىقى ئويغۇر ئەركەكلىرىگە خاس ئەرلىرىمىزنىڭ تېخمۇ كۆپ بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت !
Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ھۆكۇمراننىڭ قارىشىنى قوللايمەن ئەرلەر ئەرلەر تېخى تۈگەپ كەتكىنى يوق جەمىيىتىمىزدېكى ئازغېنا بېر قىسىم ئەرلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا يەنىلا ۋەتە پەرۋەر ، مېللەت پەرۋەر، جەڭگېۋار ئەرلىرىمىز نۇرغۇن . ئىككى توك -توك ناكەسنى ھەممە ئەرلەرگە سېمۇۋۇل قىلسا بۇ ئادېللىق بولمايدۇ. كۆچىغا چىقىپ قالغان خوتۇنخەقنىڭ ھەمىسېنى ئەرلەر بۇزغان ئەمەس ،ئەرلەر بۇزغانلىرى بار دېيىلسېمۇ ئىنتايىن ئاز ساندېكى نەپسېبالا ئىمان ئىتقادې ئىپىتى نورمال بولمىغان ئىشتانبېغى بوش قىز چوكانلارلا بۇزۇلغاندۇ ھىچقايسې قىزنى بېر ئەر بېرقىتىم باس قۇنچىلىق قىلىپلا كۆچىغا چىقىرىپ قويمىغان ئۇنداقلارنى قوغدايدېغان قانۇن بار كۆچىغا چىققانلىرى بولسا ئائىلە تەر بېيەسې ياخشى بولمىغان بولۇپمۇ ئانىسېنىڭ تەربېيىسى ناچار بولغان قىزلارلا ئېزىپ قالىدۇ ئائىلە تەر بىيەسې ياخشى بولغانلىرى بولسا گەرچە ئىقتېسادې ناچار بولسېمۇ ئىپپىتىنى بۇلغۇماي تېرىشىپ تېرمىشىپ ھالال تەرى بىلەن ھالال ياشاپ كىلىۋاتىدۇ. جەمىيەتتىكى ئازغېنا بېر قىسىم چاكىنا ئەرلەرنى كۆرۈپ ئەرلەر بۇزۇلدې دېسەك ئىككى- توتتال پاھىشىنى كۆرەپ قىز خوتۇننىڭ ھەمىسى جالاپ بولاپ كەتتى دەپ قاخشىساق ئۇنداقتا جەمىيىتىمىزدە ساق ئەر ساق قالمىغان بولمامدا !!! ئەگەر راسلا شۇنداق بۇزۇلۇپ ساق ئادەم قالمىغان بولسا شۇنداق دادلاپ ئەسەر ئېلانقىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىنىمە بولدى بۇخۇددې ئۆيىگە ئوغرى كىرسە ئوغرىنى تۇتالماي خوتۇن بالىۋاقىنى دۇمبالىغان لىقتەك ئىش ئەمەسمۇ ؟
بۇنداق بۇزۇلۇشلار ئۆتمۈشتە يوقمىدې ؟ ئەلۋەتتە بار بېراق ئۇچاغلاردا يۇشۇرۇن ھازېرىدەك ئاشكارە بولمىغان ئەقىللىق تورداش لىرىم ئەزىزى مىلەت داشلىرىم مەسىلىگە بۇنداق يۈزەكى نۇقتىدېن ھۆكۈم قىلماڭلار ئەھلى مۇسۇلمان لىرىم .............!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇتېمىنى نەچچەكۈن ئاۋال كۆرگەن بولساممۇ ئىچىم بەك ئاچچق بولۇپ ھىچ نەرسەدېگۈم كەلمىگەن بېراق ھەرقىتىم كومپىيۇتۇرۇمنى ئاچسام بۇ تېمىنى كۆرۈپلا جۇدۇنۇم ئۆرلەيدېغان بولۇپ قالدى شۇڭا ھازېرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي بۇ ئىكاسېمغا باشقىچە قاراشتا باشقىچە بولىدېغان توراشلار بولسا ئىلمى مۇنازېر لىشىشكە مەن ھەرقاچان تەييار مەيلى توردا ياكى رېيالىقتا بولسىمۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Retsar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-11 21:45

ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 03:20 , Processed in 0.222937 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.