-ئوغىرى !
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن ئۆزۈممۇ چۆچۈپ كەتتىم ،يۈرىكىمگە بىر نەرسە غاچچىدە سانجىلغاندەك بۇلۇپ ،ئۆپكىللىرىم ئۆرۈلۈپ كەتكەندەك بۇلۇپ كەتتى .پىشانەمنىمۇ بىردەمدىلا تەرلەر بېسىپ كەتكەن ئىدى .‹بىرسى پىيىمگە چۈشمىگەن بولمىسۇن يەنە ؟ ياق ياق ،بۇ مۇمكىن ئەمەس ،شۇنچە ئېھتىيات بىلەن كۆزەتتىم ،ئارقامغىمۇ يېنىش يېنىشلاپ قاراپ ماڭدىم .پىيىمگە چۈشىشى مۇمكىن ئەمەس ! ئۇنداق بولسا ئۇ كىم ؟ نىمانچە تۇنۇش ئاۋاز.. › پەلەمپەيدىن چىققان ئاياق ئاۋازى دىققىتىمنى بۇزۋەتتى .ۋاقىتنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ دەرھال دەرىزىدىن سەكرىدىمدە ئارقامغىمۇ قارىماي بەدەر قاچتىم .شۇ يۈگۈرگىنىمچە بىخەتەر جايغا بارغاندىن كىيىن ئاندىن توختىدىم . ھاسىراپ-ھۈمۈدەپ قورقىنىمدىن چىرايىمدا قان دىدارى قالمىغىنى ئېنىق ئىدى .ئەتراپنى بىر قۇر كۆزەتتىمدە ،باشقا خەتەر يوقلىقىنى بىلىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم .‹ئۇ زادى كىم ؟ نىمىشقا ئوقۇتۇش بىناسى ئىچىدە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئاۋازىچۇ....› خىيالىم يەنىلا شۇ يەردە ئىدى .چۈنكى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىپ ،ئوقۇتۇش بىناسى تاقىۋىتىلەتتى .ھەر ھالدا تۇتۇلۇپ قالمىدىم ،تەلىيىم بار ئىكەن .قۇلۇمدىكى ‹‹ئولجىغا ›› قاراپ ئۆزەمگە تەسسەللى بەرمەكچى بولدۇم .شۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە كىلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن .ئۆيگە كىرسەم ئاپام تامىقىمنى ئۈستەل ئۈستىگە ئېلىپ قۇيۇپ ئاللىقاچان ئىش ئورنىغا مېڭىپ بوپتۇ .ئوخشىتىپ ئىتىلگەن لەغمەننى شۇنچىلىك ھۇزۇرلىنىپ يىدىمكى ،ئۆمرۈمدە ئاپام ئەتكەن تاماقنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىغاندەك ھىسىياتتا ئىدىم .تاماق يەپ بۇلۇپ چاينى بىر ئوتلىدىم دە ئورنۇمدىن ئالدىراش تۇرۇپ ‹‹ ئولجا ›› نى ئەڭ بىخەتەر جاي -كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ بەتلىرىگە قىسۇتۇرۇپ قويدۇم .چۈنكى بۇ ‹‹ئولجا››نى ئاپام بايقاپ قالسا ...
چۈشتىن كىيىن يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك مەكتەپ ھويلىسىدىن كىرىپ كەلدىم .مەكتەپ ئىچى قاينام تاشقىنلىققا تولغان بۇلۇپ ،بالىلار ھەرخىل ئۇيۇنلارنى ئوينىشۋاتاتتى .ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەيدان تازلىقىنى قىلۋاتقانلارمۇ بار ئىدى .قارىماققا مەكتەپتە ھىچ قانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەكلا ھەممە يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئىدى .بۇنى كۆرۈپ گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىم بىر ئاز ئارام بەرگەندەك بولدى .ئۇدۇل مېڭىپ ئوقۇتۇش بىناسىغا يېقىنلاشتىم ،ماڭغانسىرى يۈرىكىم ئەنسىز سۇقۇپ بايىقى تەمكىن ھالىتىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ ئورنىنى جىددىيلىك ۋە ھۇدۇقۇش باسماقتا ئىدى .خۇددى پۇت قوللىرىم ماسلاشماي مېڭىشىم ئۆزگۈرۈپ كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلۋاتاتتىم .ھەممىنىڭ كۆزى ماڭىلا قاراۋاتقاندەك ھسىياتقا كېلىپ قېلۋاتاتتىم .قۇلاقلىرىمغا بالىلارنىڭ شۇنچە توۋلىشۋاتقان ئاۋازى ئاڭلانماي پەقەت ‹‹ئوغىرى›› دىگەن بىرلا ئاۋاز ئاڭلىنىپ يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئېغىتۋاتاتتى .شۇنچىلىك قىسقا يول ئىنتايىن ئۇزۇن سەپەرگە ئوخشاش تۇيۇلۇپ كەتتكى ،پۇت-قۇلۇم ماغدۇرسىزلىنىپ ئورنۇمغا ئارانلا ئۈلگۈرگەنىدىم .ئۇزۇن ئۆتمەي سىنىپ مەسئۇلىمىز تەرى سۈرۈن ،كەيپىياتى ناچار ھالەتتە سىنىپقا تىز تىز مېڭىپ كىردى .كۆڭلۈم نىمىنىدۇر سەزگەندەك بولدى .خۇددى بىر ئىش يۈز بىرىدىغاندەلا ئىدى..
-ھۆرمەت !
-سالام مۇئەللىم ! مەن خىيال بىلەن بۇلۇپ كىتىپ سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ ‹‹ھۆرمەت›› دىگەن سۆزىنىمۇ ئاڭلىماي قاپتىمەن .پارتىدىشىمنىڭ نۇقىشى بىلەن ئەس يادىمغا كىلىپ دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم .مۇئەللىمنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .‹ھەممە ئىش ئاشكارلىنىپ بوپتۇدە ،ھېلىقى مىنى كۆرۈپ قالغان قىز چۇقۇم مىنى تۇنۇيدىكەن .مۇئەللىمگە مىنىڭ ئوغۇرلىق قىىلغىنىمنى دەپتۇ ،بولمىسا مۇئەللىم ماڭا ئەزەلدىن نەپرەتلىك ھالدا كۆز تىكىپ باقمىغان تۇرسا..
‹ھەي فىرقەت ،ھەي فىرقەت ئولتۇر ،ئولتۇر دەيمەن›.پارتىدىشمنىڭ نۇقىشى يەنە مىنى يادىمغا ئەكەلتۈردى .ۋە مىنى چاپىنىمنىڭ پىشىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۋالدى .چۈنكى بالىلارنىڭ ھەممىسى سالام بىرىپ بۇلۇپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى .
-نىمىنى خىيال قىلۋاتاتتىڭ ؟ بۈگۈن ئەجەپ ھاڭۋاقتى بۇلۇپ قاپسەنغۇ ؟ قارا ئالدىڭغا ،رەنامۇ ساڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى .
مەن دەرھال رەناغا قارىدىم ،ئۇ قۇلىىنى ئاغىزىغا يېقىن تۇتۇپ كۈلۋاتاتتى .ئۇنىڭ خۇما كۆزلىرى ماڭا بىرە بىرە قاراپ قۇياتتى ..تۇيۇقسىز مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،سىنىپ يەنە قايتىدىن جىمجىتلىققا چۆمدى .يۈرۈكىمدىكى ئەنسىزلىكى يەنە قايتىدىن باشلاندى .
-بۈگۈن مەكتىپمىزدىكى بىر ئوقۇغۇچى خوشنا سىنىپقا كىرىپ ئوغۇرلۇق قىپتۇ .مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ بىزنى بۇ ئىشنى تىزدىن ئېنىقلاپ چىقىشىمىزنى بۇيردى...
مۇئەللىمنىڭ قالغان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى .سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئالدىدا ئەڭ مۇھىمى ئالدىمدىكى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈپ كىلۋاتقان قىز رەنانىڭ ئالدىدا ..ئۇنىڭغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن .ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ..قۇلۇقىمغا يەنە مۇئەللىمنىڭ سۆزى كىرىپ قالدى .
_ئوغۇل بالا ،بىر ئەركەك بولغان ئىكەن قىلغان ئىشىغا ئىگە بۇلۇش كېرەك .ئۇ ئوغىرىنىڭ بىزنىڭ سىنىپتا بولماسلىقىنى شۇنداق ئۈمۈت قىلغان...
ئاھ خۇدا ! مەن ئويلىغان ئىش ئاخرى يۈز بەردى .خۇددى ئۈلۈم ئالدىدا تۇرغاندەك پۈتۈن ئەزايىمدا جان قالمىغانىدى . كۆزلىرىم چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك .. مۇئەللىم بارغانسىرى يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى .
-ئوغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئېنىقلاپ بولدۇق .تەلىيمىز بار ئىكەن ،ھېلىمۇ ياخشى بىرسى ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ ،بولمىغان بولسا يەنە قاچانغۇچە ئوقۇتقۇچى بولماي ساقچى بۇلۇپ يۇرەر ئىدۇق .ئەمدى گەپ ئۆزەڭدە قالدى .ساۋاقداشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى بىلەمسەن ياكى مەن بىلدۈرەمدىم .ساڭا 5 سىكونت ۋاقىت بىرىمەن . ئۆزەڭ بىر نىمە دە ،ساناشنى باشلىدىم بىر.......
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟قىلغان ئىشىمغا پۇشايمان قىلساممۇ ئامال يوق .بىچارە ئانامغا نىمە دەپ جاۋاپ قىلىمەن ئەمدى .رەناغىچۇ ؟ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئوغىرى بولدۇممۇ ئاخىردا ؟ . كۆز چاناقلىرىمغا پۇشايمان ياشلىرى يىغىلماقتا ،قۇيۋەتسەملا ئېتىلىپ چقىدىغاندەك مىنى قىينىماقتا .
_ئىككى...
قۇلۇمدا چاندۇرماي كۆز يېشىمنى سۈرتتۈم .‹بولدى تۇراي ،نىمىنى كۆرسەم كۆرەي ،ئالماقنىڭ بەرمىكى بار ،خۇدايىم جازاسىنى بەردى ماڭا .ياق! ياق! ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ .ئۇنداق قىلسام رەناغىمۇ سەت تۇرىدۇ .لىكىن ..نىمىنىلا كۆرسەم ئاۋال ئورنۇمدىن تۇراي ، قىلغان ئىشىمغا ئىگە بۇلىشىم كېرەك ،مەن دىمىسەم مۇئەللىم دەيدۇ ھامان .
_تۆت...
-مەن قىلغان مۇئەللىم .
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،بىرىنچى پارتىدا ئولتۇردىغان ئۈمۈت ئورنىدىن يېغلاپ تۇرۇپ تۇردى .ئۇنىڭ چىرايىدىنمۇ قورقۇش ئالامەتلىرى چىقىپلا تۇراتتى .ئاغىزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم .خۇددى چۈش كۆرۋاتقاندەك ھىس-تۇيغۇغا كىلىپ كالدىم .
_ئاخىرى ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ .سەندە باشقا سىنىپقا كىرىپ ئوغۇرلۇق قىلغۇدەك جۈرئەت بار يەردە ئورنۇڭدىن تۇرغۇدەك جۈرئەت ئەلۋەتتە بار شۇڭا ئەتەي مۇشۇنداق قىستىدىم .بولدى يېغلىما يۈر ! مەكتەپ رھبەرلىك ئشخانىسىغا ،سىنى شۇلار بىر تەرەپ قىلسۇن جۈۋەينىمەك !
بۇلۋاتقان بۇ ئىشلاردىن قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .ھىچنىمىنى بىلەلمەيلا قالدىم .كىيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىپ ئۇنى مەكتەپ ئەخلاق-تەربىيە بۈلۈمىگە تاپشۇرغانلىقىنى ،مەكتەپتىن ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ دەرىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .مەنمۇ گاراڭ ھالەتتە دەرىسكە كىرىپ كەتتىم .لىكىن كۆز قارچۇقۇم يەنىلا رەناغا تىكىكلىك ئىدى....
ئارىدىن خېلە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بالىلاردىن ئاڭلىشىمچە ،ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۈمۈت چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئوقۇتۇش بىناسىدىن چىقماي ، ئىچىگە مۆكۈنۋالغان ئىكەن .كىيىن ئۇ خوشنا سىنىپنىڭ كۆزىتىش ئەينىكىدىن (پاكارلا بىر دەرىزە بۇلدىغان ،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ سىنىپنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى كۆزتىدىغان ئەينىكى)چۈشۈپ خوشنا سىنىپنىڭ كىتاپ ئېلىش ئۈچۈن يىققان بارلىق پۇللىرىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ قاچماقچى بولغان ئىكەن ،بىراق نەخ شۇ چاغدا سىنىپ مەسئۇلمىزنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تاپشۇرۇقلارنى ئورىنىپ بۇلالماي ئۆيىگە بارالمىغان ساۋاقدىشىمىز ( كۆز قارچۇقۇم ) تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىنغان .رەنا ‹ئوغىرى!› دەپ توۋلىشىغا ئۇ شۇ ھامان ئوقۇتۇش بىنسىنىڭ يان ئىشكىنىڭ دەرىزىسىدىن چۈشۈپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن .چۈشتىن كىيىن مەكتەپ رھبەرلىكى بولغان ئىشتىن خەۋەر تاپقان .رەنا بولغان ئىشنى سىنىپ مەسئۇلىغا ئېيتقان ئىكەن .
توۋا ،شۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۋاتقان چېغىمدا رەنا ئۈمۈتنى بايقاپ قالماي مىنى بايقاپ قالغان بولسا ھە ...ئاخرىنى ئويلاشقا جۈرەت قىلالمىدىم .
ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ خاتىرەمدىن ‹ئولجا› منى قۇلۇمغا ئالدىم . ئۇنىڭغا خېلە ۋاقىتقىچە قارىدىم .رەسىمدىكى قىزغا خۇددى سىنىپتا ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ قارىغىنىمدەك قارىدىم .پىشانىسىگە بىرنى سۈيۈپ قويدۇم . ھەم رەسىمنىڭ ئارقىغا يوغان قىلىپ ‹‹ كۆز قارچۇقۇم ›› دەپ يىزىپ قۇيۇپ ،يەنە ئاپامنىڭ سىزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن خاتىرەم بەتلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويدۇم .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم .
2011-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆز ئۆيۈمدە تاماملاندى .
پارول بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پارول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-9 03:22
|