ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر كۇچا ناھىيىمىزنىڭ مەدىنيى كۇچا پىلاڭ قەدىمقى شەھىرى
كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 5
go

كۇچا پىلاڭ قەدىمقى شەھىرى

پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

پىلاڭ قەدىمكى شەھىرى : بۇ يەرلىك ئاتىلىشى. ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى باش قورۇقچى بەگ مەھكىمسىنىڭ ئەسلى ئورنى ھىساپلىنىدۇ .ئۇ كۇچا يىڭى شەھىرى بىلەن كونا شەھىرى ئارلىقىدا بۇلۇپ ، كۇچا دەرياسىنڭ تارماق ئېقىنى بولغان چىلساي دەرياسىنڭ شەرىقى قىرغىقىغا جايلاشقان ،شەھەر رايۇنىنىڭ دائىرسى چوڭ بۇلۇپ ،ئۇچا دەرياسى شەھەرنى كىېسىپ ئۆتىدۇ .ھازىرغىچە ساقلانغان جەنۇبى ،شىمالي ۋە شەرىقى ئۈچ تەرەپتىكى سېپىل قالدۇقىدىن قارىغاندا ،شەھەر سەل چاسا شەكىلدە .ئايلانما ئۇزۇنلىقى 7100مېتىر بۇلۇپ ، شىنجاڭدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى شىەھەرلەر ئىچىدە كۈلىمى ئەڭ چوڭ ھىسابلىنىدۇ .





شەھەر سېپىلى خاڭداپ ياسالغان بۇلۇپ ،قالدۇق ئېگىزلىكى 2~7.6مېتىر ،كەڭلىكى 8~16مېتىر كېلىدۇ .قەدىمكى شەھەرگە ھازىر ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى چۇشۈپ كەتكەچكە ،ئىزلارنىڭ كۈپى ساقلىنىپ قالالمىغان بۇلۇپ ، پەقەت ئالتە ئورۇندا چوڭ تىپتىكى خاڭداپ ياسالغان سۇپا ئۇلىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ .شەھەرنىڭ سىرتىدىمۇ بەش ئورۇندا چوڭ تىپتىكى خاڭداپ ياسالغان سۇپا ئۇلى بار .بۇ سۇپا ئۇللىرىدىن توپا قېزىش جەريانىدا ،يۇمىلاق ۋە چاسا شەكىللك تاش تۇۋرۈك ئۇلى .نېلۇپەر بەرگى نۇسخىلىق يەرگە ياتقۇزىلىدىغان خىش ،نېلۇپەر نۇسخىلىق كاھىش ،نوكەش كاھىش ،تاختا كاھىش ،چوڭ ساپال ئىدىش ،پۇل قاچىلانغان ساپال كومزەك قاتارلىقلار تېپىلغان .تۈۋرۇك ئۇلى ،خىش ،كاھىشلارنىڭ شەكلى ۋە نەقىشلىرىنىڭ ئۇسلۇبى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىكى دامىڭ قەسىرى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان خىش ۋە كاھىشلارنىڭ شەكلى ۋە نەقىشلىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ . بۇ شەھەرنىڭ يەر ئاستىدىن تاڭ سۇلاسى دەۋرىگە تەۋە كۈل ئازگىلى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . يىغىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ساپال بۇيۇم ، مىس ۋە تۆمۈردىن ياسالغان ھەربىي قوراللار ۋە نۇرغۇن كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى ،جيەنجۇڭ تۇڭباۋ يارمىقى ، دالى يۈەنباۋ يارمىقى قاتارلىقلار بار . جۇڭگولۇڭ ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى 1928– يىلى ۋە 1957—1958يىللىرى بۇ جاينى ئىككى قېتىم تەكشۇرگەن ھەمدە قارا دۆڭنى قازغان . مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە مەدەنىيەت قاتلىمى تاڭ سۇلسلىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ . تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ‹‹ئومۇمىي قامۇس .چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرى››دا :‹‹ھازىر ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تۇرىۋاتقىنى دەل كۈسەن شەھىرىدۇر››دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ ، بۇ قەدىمكى شەھەر خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۈسەن بەگىلىكىنىڭ مەركىزى يىلولۇ شەھىرىنىڭ ئورنى ھېسابلىنىدۇ.قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇ تارىخى مەدەنىيەتنىڭ ئارقا كۆرۇنىشىگە پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ . ھازىر بۇ قەدىمكى شەھەر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ھېسابلىنىدۇ



گۈزەل قەدىمى ماكان كۇچا



كۇچا جامائەسى



كۇچا جامائەسى 1918- يىلى ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كىتىپ ،1923- يىلى يەرلىك ئىمىن ھاجىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇنىڭ ئاساسلىق مەبلەخ چىقىرىشى ھەمدە ئاممىنىڭ ئىئانىسى بىلەن قايتا سېلىنغان ھەمدە 1927- يىلى پۈتكەن . ئورنى كۇچا كونا شەھەردە ، ئۇمۇمى كۆلىمى 1165 كۇۋادىرات مىتىر ، بۇ مەسچىتنىڭ ئىچى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بۇلۇپ جەمغى 88 دانە تۈۋرۈك بار. شىنجاڭ بويىچ 2- چوڭ مەسچىت .





كۇچا ۋاڭ ئوردىسى





كۇچا قىزىل قاغا تۇر



ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ بويلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياسىغان . قىزىل قاغا تۇر قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان تۇر خارابىلىكى بولۇپ ، يىپەك يولى ساياھىتىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تۇر ئەينى ۋاقىتتا خەۋەرلىشىش ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۈندۈزى ئىس چىقىرىپ، كەچتە ئوت يېقىپ خەۋەر يەتكۈزۈلىدىكەن .








ك

كۇچا سىرلىق جىلغىسى



شىنجاڭ تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى — تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بولۇپ ، كۇچا ناھىيىسىنىڭ چىگرىسىغا جايلاشقان . ئاساسىي جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3700 مېتىر بولۇپ ، مىليون يىللىق بوران –چاپقۇن ، كەلكۈن ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ھازىرقى ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن . بۇ جىلغا مەملىكىتىمىزدىكى بىردىن بىر سىرلىق چوڭ جىلغا، دەپ نام ئالغان بولۇپ ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىپ سىرلىق . بۇ يەر ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ .



چوڭ كۆل مەنزىرە رايۇنى





كۇچا ئاق كشمىش ئۆرۈكى

















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پارول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-8 15:33

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
hanka + 5
manzil + 5 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 10 باھا خاتىرىسى

manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پارۇل ئەپەندى، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز..ئانا دىيارىمىزنى تۇنۇشتۇرىدىغان مۇشۇنداق تېمىلارنى كوپرەك يوللاپ تۇرارسىز..
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
hanka * توردا يوق

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
495 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1438 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈسەننى بەكلا جايىدا تەرىپلەپسىز ، ھەقىقەتەن توغرا سۆز بولدى مەن ئادەتتە نەچچە كۈندە بىر يەر شارى سۇننى ھەمرا كۆزىتىش تور سېستىمىسى ئارقىلىق جاھاننى كۆزىتىپ تۇرىمەن ، دىيارىمىز دېمىسىمۇ چاسا ھالەتتە كۆرىنىدۇ .
قەدىمكى شەھەر خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۈسەن بەگىلىكىنىڭ مەركىزى يىلولۇ شەھىرىنىڭ ئەمەلدار ، بەگ - تۆرەملىرى ئاتالمىش چوڭ تەرەك بۇيىدا دەپنە قىلىنغان بۇلۇشى مۇمكىن .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
جەمشىد * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
18 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
53 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇزىكىسى بىلەن شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ، مەن چوڭ بولۇپ قاھىرەنىڭ كوچىلىرىدا مېڭىپ بېقىپتىمەن، سېئاتېلنىڭ كوچىلىرىدا مېڭىپ بېقىپتىمەن، رىمنىڭ كوچىلىرىدا مېڭىپ بېقىپتىمەن. ئانا يۇرتۇم كۈسەننىڭ ئەسكى توپىلىق يوللىرىدا ماڭغاندەك ئىللىق ھېسسىيات يوق. تالاي دۇنياۋى ئىمارەتلەرنى كۆرۈپتىمەن. يۇرتۇمدىكى ئەسكى ۋەيرانە كەپىچىلىك ئىللىق كۆرۈنمىدى. بىر گەپ بار، مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس، دېگەن. يۇرتۇمنڭ ھەر بىر نەرسىسى تۇتىيادىن ئېسىل بىلىنىدۇ ماڭا.
ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان!
addi * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
982  
ھالەت
يازما
954 
تېما
148 
نادىر تېما
جۇغلانما
11792 
ھوقۇق
90 
تىزىملاش
2008-10-12 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللامەت ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز .
18709977722
ئۆگەنگۈچى * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
28  
ھالەت
يازما
77 
تېما
19 
نادىر تېما
جۇغلانما
360 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-21 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ،ئەجىرىڭزگە تەشەككۇر........رەھمەت سىزگە قېرىدىشىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 03:16 , Processed in 0.539000 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.