ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر شۇجىنى تەسىرلەندۈرگەن كاۋاپ ...
كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 3
go

شۇجىنى تەسىرلەندۈرگەن كاۋاپچى

manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


گۇيجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن ‹‹گۇيجۇ ئۆلكىسى بويىچە 2 – نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى تەقدىرلەش كېچىلىكى›› دە ئالىم خالىق تەقدىرلەندى



يېڭى يىل يېڭى نەتىجە، يېڭى قەدەم ۋە يېڭى خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئانا يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىچكىرى ئۆلكىدە ياشاۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان ئالىم خالىقنىڭ يېڭى يىلدىكى تۇنجى قەدىمى ئەنە شۇنداق خەيرلىك باشلاندى. 2011 – يىلىنىڭ تۇنجى مىنۇتلىرىدا تارقالغان خۇشخەۋەر ئۇنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى. چۈنكى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيۇشتۇرغان 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى سائەت نۆلدە ئاياغلىشىدىغان ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2010 – يىل›› دېگەن تېمىدىكى يىللىق تور شەخسلىرىنى باھالاشقا ئاۋاز بېرىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ئالىم خالىق جەمئىي 245 مىڭ 50 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 1 – ئورۇنغا تىزىلغانىدى.
ئۇنداقتا، تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2010 – يىل›› دېگەن تېمىدىكى يىللىق تور شەخسلىرىنى باھالاش نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن ئالىم خالىق كىم؟ ئۇ بىر ساخاۋەتچى. ئەمما، بۇ ساخاۋەتچى ھەرگىز ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن كاتتا باي ياكى بىرەر كارخانىنىڭ خوجايىنى ئەمەس، ئامانەت كارتىسىدا مىليونلاپ پۇل ساقلايدىغان ياكى نەچچە يۈز مىليونلۇق مۇقىم مۈلكى بار سودىگەرمۇ، كاتتا تىجارەتچىمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت يۇرتىدىن تولىمۇ يىراق جايدا كۈنلۈك رىزقىنى كۈندە تېپىپ يەۋاتقان بىر ئاددىي كاۋاپچى.

بىر كاۋاپداندىن باشقا تۈزۈك ‹‹دەسمايىسى›› يوق كاۋاپچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياقا يۇرتتا بىر زىخ – بىر زىختىن كاۋاپ سېتىپ تاپقان پۇلىغا بىر تەرەپتىن ئۆي ئىجارىسى تۆلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇشىنى قامداش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ بولسا، تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كاۋاپچىدىن بىرەر ئاشخانا ئىگىسىگە، ئۇنىڭدىنمۇ تەرەققىي قىلىپ چوڭ ئىگىلىكنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغىلى بولىدۇ. ئالىم خالىقنىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرىدە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقىنىغىمۇ، شۇ يەردە چوڭ – كىچىك خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغىمۇ سەككىز يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى خەير – ساخاۋەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹خوجايىن›› بولۇش پۇرسىتىنى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا، ئوقۇشقا تەقەززا سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ‹‹ئۆتۈنۈپ بەردى››. شۇڭلاشقىمۇ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تور ئارقىلىق ئۇنىڭغا: ئالىم خالىقنىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ساخاۋەتلىك ئىش – پائالىيەتلىرى ئۇنى ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2010 – يىل›› دېگەن تېمىدىكى يىللىق تور شەخسلىرىنى باھالاش نامزاتىغا كۆرسىتىشكە يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ، دەپ باھا بەردى. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەنمۇ توردىكى نەچچە 100 مىڭ بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالىم خالىققا بېلەت تاشلاپ، ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇنىڭغا بېلەت تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلدى.

بۇلتۇر 28 – دېكابىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئالىم خالىقنىڭ سەككىز يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئىئانە قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەرگەنلىكىدەك ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، توردا ئۇنى قوللاپ بىر بېلەت تاشلىدى ھەم مۇنداق تەستىق سالدى: قېرىندىشىمىز ئالىم ياخشى نىيەتلىك كىشى ياردەم قىلغان 100 يۈەننى دەسمايە قىلىپ، سەككىز يىلدا 300 مىڭ زىق كاۋاپ سېتىپ تاپقان 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا سەرپ قىلغان، بۇ ئىشتىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم! ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئەزاسى، شۇنداقلا ياخشى ئوغلانى، ئىنىمىز ئالىمغا بىر ئاۋاز بېرىمەن.

سەرگەردان كاۋاپچى

ئالىم خالىق خېجىڭ ناھىيەسىدە نامرات ئائىلىدە چوڭ بولدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇشتىن توختاپ، ئۈچ يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندىن كېيىن، چەت يېزىدىكى تەمىنات كوپېراتىپىغا ئىشقا چۈشتى. ئەمما، ‹‹يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ›› دېگەندەك، كىچىكىدىن تارتىپ يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى، تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى ھارغىچە تارتقان ئالىم خالىق ‹‹مائاشلىق كادىر›› بولۇشنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، كوپېراتىپنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەبلىك ئىشسىز قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇنىڭ كاۋاپچىلىق ھاياتىمۇ، مۇساپىرلىق ھاياتىمۇ تەڭلا باشلاندى. ئۇ 1997 – يىلى چۇڭچىڭغا ماڭغان پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىگە يول ئالدى ۋە بىر قانچە يىل ئىچىدە چۇڭچىڭ، شىئەن، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە گاھى باشقىلارغا ياللىنىپ، گاھى يېگانە ھالدا كاۋاپچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈردى. ئەمما، ھەممە يەردە ئىشلىگەنگە تۇشلۇق ھەققە ئېرىشەلمىگەننىڭ سىرتىدا، باشقىلارنىڭ ھاقارىتىگە، بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىدى، ھەتتا بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنى قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغىلىمۇ تاس قالدى. ئۇ مۇشۇنداق نەچچە يىل ئۇرۇلۇپ – سوقۇلۇپ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، 2002 – يىلى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرىگە بېرىپ توختىدى. نەچچە يىل مۇساپىرلىقنىڭ، سەرگەردانلىقنىڭ جاپا – مۇشەققىتىنى تارتقان ئالىم خالىق ئەمدى بۇ جايدا ‹‹ئورنى ئىسسىيدىغاندەك›› ھېس قىلىپ، كاۋاپداندىن بىرنى تەييارلاپ، يېنىدىكى ئازراق دەسمايە بىلەن كاۋاپچىلىق تۇرمۇشىنى يەنە باشلىدى. كىم بىلسۇن، ئىش باشلىغان تۇنجى كۈنىلا ئۇنى نەس بېسىپ، ‹‹كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغان›› دېگەن نام بىلەن كاۋاپدىنى مۇسادىرە قىلىندى. ئۇ يانچۇقىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغان ھالەتتە بىجيې شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئۆي – ماكانسىز، ئىگە – چاقىسىز قالدى.

قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي كوچىدا تېنەپ يۈرگەن شۇ كۈنى ‹‹كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ›› دېگەندەك، بىر ئىش يۈز بەردى. بىجيې شەھىرىدە تىجارەت قىلىدىغان ليۇ خوجايىن ئالىم خالىقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھالىغا ئىچ ئاغرىتتىمۇ ياكى ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىپ ئىرادىسىنى سىناپ باقماقچى بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇنىڭغا 100 يۈەن ئارىيەت بېرىپ تۇردى. دېگەندەك، بۇ 100 يۈەن ئالىم خالىقنىڭ كېيىنكى تىجارىتىگە دەسمايە بولۇپ، ئىشلىرى بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كەتتى، ئۇ ليۇ خوجايىنىنىڭ قەرزىنى تېزلا قايتۇرۇۋەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەدىناس دوستلاردىنمۇ بولۇپ قالدى. بەستلىك كەلگەن، بېشىغا دوپپا كىيىپ، ياراشتۇرۇپ ساقال – بۇرۇت قويۇۋالغان 40 ياشلار چامىسىدىكى ئالىم خالىق بىجيې شەھىرىنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرىنىڭ ‹‹كۈندىلىك مېھمىنى››غا ئايلاندى.

ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتتى. نۇرغۇن ئىش ئالىم خالىقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ناتونۇش يۇرت، ناتونۇش كىشىدىن كەلگەن ئاشۇ قېتىمقى ياردەمنىڭ تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئورنىدى، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بىر ئېسىل پەزىلەت ئۇنىڭ بۇ شەھەرگە بولغان رىشتىنى تېخىمۇ چىڭ باغلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ سەككىز يىل داۋاملاشقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى باشلاندى...

ساخاۋەتچى كاۋاپچى

2010 – يىل 21 – سېنتەبىر كەچ، گۇيجۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نومۇر ئېلىش زالىدا ‹‹گۇيجۇ ئۆلكىسى بويىچە 2 – نۆۋەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى تەقدىرلەش كېچىلىكى›› ئۆتكۈزۈلدى، كېچىلىكتە تەقدىرلەنگەن 23 ئەخلاق ئۈلگىسى ئىچىدە ئالىم خالىقمۇ بار ئىدى. شىنجاڭلىق ئاددىي كاۋاپچى قانداق قىلىپ گۇيجۇ خەلقىنىڭ ئەخلاق ئۈلگىسى بولۇپ قالدى؟

2002 – يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. ئالىم خالىق بىجيې شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا تونۇشىنى يوقلاپ بېرىپ، بۇ جايدا ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېسەل كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇ رۇڭنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ دەرھال يېنىدىن 200 يۈەن چىقىرىپ، ئۇنى ياتاققا ئالغۇزدى ۋە ئۇ سەللىمازا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. شۇنداق قىلىپ، مۇشۇ قېتىمقى ياردەمدىن باشلانغان تۈرلۈك ياردەم ھەر ئايدا دېگۈدەك داۋاملىشىشقا، ياردەم بېرىدىغان سومما نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئالىم خالىق 2006 – يىلى بىجيې ئىنستىتۇتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولۇش سەۋەبلىك ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلىگە بىر پىلان پۈكتى. ئۇ شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدا 5000 يۈەننى يانچۇقىغا سېلىپ، بىجيې ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تاڭ يۈخۇانى ئىزدەپ باردى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ياردەم بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. بىر ئاددىي كاۋاپچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق ياردەم قىلغۇدەك نەدىمۇ مۇنداق كۆپ پۇلى بولسۇن؟ تاڭ يۈخۇا ئۇنىڭ سۆزىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدى. ئەمما، ئالىم خالىقنىڭ ‹‹مەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كىشىلەرگە شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ئاقكۆڭۈللىكىنى ھېس قىلدۇرىمەن. ئىشىنىمەنكى، مەن ياردەم قىلغان ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندا باشقا ئىش قىلالمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا ياخشى ئادەم بولىدۇ›› دېگەن ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئاددىي كاۋاپچىنىڭ مائارىپنى قوللاشتەك ئۇلۇغۋار پەزىلىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن، شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى بىجيې ئىنستىتۇتىدا ‹‹ئالىم ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلدى ھەم ھەر يىلى ئالىم خالىق ياردەم قىلىدىغان 5000 يۈەنگە مەكتەپ يەنە 5000 يۈەن قوشۇپ، 10 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى بېكىتتى. 2009 – يىلى ئالىم خالىق گۇيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتىدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. گۇيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ‹‹ئالىم ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى›› قۇرۇپ، ئالىم خالىق ئىئانە قىلغان پۇلنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. 2010 – يىل يۈشۇدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئالىم خالىق كاۋاپدىنىنى سۆرىگىنىچە ئاپەت رايونىدىكى پىدائىيلار ئارىسىدا پەيدا بولدى. ئاپەت رايونىدا يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋە تاماق ئېتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ پىداكارلىقى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى...

بۇلار گەرچە ئۇ قىلغان ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ماددىي جەھەتتىكى خەير – ئېھسانلىرى توختاپ قالغىنى يوق. ئەمما، سىز بۇ ساخاۋەتچىنىڭ قولى ئوچۇق، مەردلىكىدىن ‹‹تۇرمۇشى خېلى باياشات ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى، ئۇنىڭ بىر كاۋاپدان بىلەن ئاددىي – ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئىجارە ئۆيىدىن باشقا مۈلكى يوق. ئۇ تېلېفوندا ماڭا مۇنداق دېدى: بەزى كاتتا بايلارغا سېلىشتۇرغاندا مەن ناھايىتى كەمبەغەل، ئەمما نۇرغۇن نامرات كىشىگە سېلىشتۇرغاندا مەن ناھايىتى باي. چۈنكى، مېنىڭ ھېچبولمىغاندا يەيدىغان تامىقىم، تۇرىدىغان جايىم بار. كاۋاپچىلىقتىن قىلىدىغان كىرىمىم ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن، مېنىڭچە بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ھەممە كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە بىر – بىرىگە ياردەم بەرسە جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئىناق بولغان بولاتتى.

ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا مۇشۇنداق ئوغلانلىرمىز ئىچكىرى ئۆلكىدىكى، بۇرۇن چىققان ئوغرى يانچۇقچىلار تۈكىۋەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلەپتۇ ،مەملىكەت بۇيىچە ئېلىپ بارغان پاالىيەتتە ۋە توردا ، تىلىۋىزىيە ئىستانسىدىمۇ تەشۋىق قىلىىپتۇ ،تەشۋىقاتتا گەرچە ئالىم خالىقنىڭ ئىش ئىزلىرى تەشۋىق قىلىنسىمۇ ، لىكىن ئۇ بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر ، مەنمۇ ئالىم خالىقتەك ئۇيغۇرلىرمىزدىن پەخىرلىنىمەن ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىنجاڭدېن ئىچكېرىگە دەسلەپ ئوغرى يانچۇقچى چىقمىغان بەلكى ھەقىقى تېجارەتچىلەر چىققان ئىدى ئۇۋاقىتتا ئىچكىردە ئۇيغۇرنىڭ يۈز ئابرۇيى بار ئىدې شېركەت خوجايىنلىرى شېنجاڭلىق سودېگەر لەربىلەن ھەمكارلىشىنى ياخشى كۆرەتتى نەقىل ئورنىدا بۇسۆزنى قىلپ ئۆتكۈم كەلدى شامىندا بېر خەنزۇ خوجايىن ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى سېلەر ئۇيغۇرلار غامەن ئىشىنىمەن شۇڭا نېسېگەېمۇ مال بېرى ۋېرىمەن دېگەن دە مەن ئۇنىڭغا نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشىنىسەن دېگەن ئىدىم ئۇماڭا سېلەر ئۇيغۇرلار ئىسلامدېنىغا ئىتقات قىلىسېلەر ئىسلام دېنىدېكىلەر ھەقنىڭ ھەقىنى يېيىشنى راۋا كۆرمەيدۇ ھارام دەپ بىلىدۇ بولۇپمۇ يات دېندېكىلەرنىڭ ھەقىنى يېسە دوزاققا كېرىشتىن قورقىدۇ دېگەن ئىدى مەن شۇچاغدا مىلىتىمدېن دېنىمدېن پەخېرلەنگەن ئىدىم
نەچچە يىللاردېن كىيىن بۇ خوجايىن بېلەن ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ قالدېم قىزغېن ئەۋاللاشتۇق تاماققا باشلاپ كېلىش مەخسېدىنى سورىدىم ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىسلامدېن نىدېن چىقىپ كەتتىمۇ دەپ مەندېن سورىدى شۇندېلا ئۇنىڭ بېر ئۇيغۇر تېجارەتچىگە ئالدان غانلىقىنى بىلدېم بۇگەپ ئارقىلى مېلىتىمنى سۆمەكچ ئەمەسمەن كېيىنكى ۋاقىتتتا ئىچكېرى ئۆلكىلەرگە بارغان ئوغرى يانچۇقچىلار ئادەم بېدېكلىرى ئەتكەس چىلەر شىنجاڭلىقنىڭ ئابرۇيىنى يەربېلەن يەكسان قىلىپ بولدى ھازېر ئىچكىرىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ خالىغان ياتىقىنى ئېلىپ يېتىشىمۇ قىيىن بولۇپ قالدى ئالىم خالىق تەك ئوغلانلىرىمىز كۆپلەپ چىقسا بېزنىڭ ئابرۇيىمىزنى يەنە تىكلىيەلەيمىز
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
manzil + 2 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 2 باھا خاتىرىسى

ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
hanka * توردا يوق

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
495 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1438 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
Retsar يوللانغان ۋاقتى 2011-1-8 00:05
شىنجاڭدېن ئىچكېرىگە دەسلەپ ئوغرى يانچۇقچى چىقمىغان بە ...

سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئېسىمگە كىچىپ قالدى ، توغرا دەيسىز ئەسلى خەنزۇلار بىزنى ياخشى كۆرەتتى ھەم بىزدىن ئەيمىنەتتى بىراق بەزى ئۆزلىرىنى قۇشۇن دەپ ئاتىۋالغان نائەھلى ئويغۇرلار ئىناۋەتنى لەغمەن قىلىپ بولدى .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 03:16 , Processed in 0.292629 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.