ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر شېئېريەت گۈلزارى كۈلمىدېم توۋا دېدېم
كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 3
go

كۈلمىدېم توۋا دېدېم

Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈلمىدېم توۋا دېدېم
ساتېرا مەت توختى ئەھمەت
ئېيتتى بېرسى مەن بۇگۈن كۆردۈم ئاجايىپ زەڭگېنى،
ئېپتۇ پۇرلاش يۈزى بىر ياغلىق قاپاقنىڭ رەڭگېنى .

كۆچىدېن مۇكچەيگەنچە ئۆتتى شۇنچە ئالدېراش ،
ۋەلىكىن ئوڭلاپ كىيىشنى ئويلىماپتۇ ئەڭگېنى .

ئەگېشىپ ماڭدېم ئۇنىڭ ئەلپازىغا مەن قىزىقىپ ،
باردې بېر خارابىغا شاراق شىتىپ پۇل- تەڭگېنى .

بارنى تۆكتى چىلىمنىڭ تۈۋېگە ، ئالدې تۈتۈن ،
چىقتى ئاپتۇمات ئاۋازى ...نائېنىق كىم يەڭگېنى .

تۇردې ئاستا ئورنىدېن ماڭدې پالاستەك سۆرىلىپ ،
ئايلىنىپ ئۆتىى قەۋەتلىك ئۆي بىلىپ سەرەڭ گېنى .

قادېر ئاللھ ساقلىدېڭ چوڭقۇر قۇدۇقتىن دېدى ھەم ،
ئۇچرىتىپ ئارقا كۆچىدا ئەسكى بىر تەلەڭگېنى .

سۆز سوراپمۇ قويدې ئاستا (بەلكى بىر ئادەم بىلىپ )،
ئۆزىگە سۆزداش بولۇپ ئۆز سايىسى - كۆلەڭ گېنى .

ئۆيگە بارغاندا روجەكتىن چۈشسە كۈننىڭ شولىسى ،
ۋاھ، قېتىق !دەپ نانچىلاپ يالماپ كەتتى ھەمىنى .

ئەمدى بىلدېم، بۇكىشىنىڭ بېشىنى يەپتۇ مېتە ،
كىممۇ ئادەم دەپ ھېساپلار بۇ قاپاقباش بەڭگېنى .

قايسې خېسلەت ھەم شىجائەت تېپىلار بۇنداقلاردېن،
شۇ نىقىس ئىپلاس تۈتۈندە بۇلغېسا ساپ ئەقلىنى .

توۋا دەيمەن، پايدېسى نەدۇر ئۇنىڭ، ئۆھھۆ مىكىن؟
(نەشە بولغاش -بۇزۇش ھايات، چىرايى-شەكلىنى)...

مەن بۇسۆزنى ئاڭلىبان بەكمۇ ئېچىندېم ھالىغا،
يوق ئەمەس راست ئاشۇنداق يەيدېغانلار دەكىنى .

ئويلىدۇم نەشەڭنى قوي ،ئويغان بۇغەللەت ئۇيقۇدېن ،
تەگمىسۇن باشىڭغا ئاخىردەرت -پۇشايمان سەنگېدېن 1

سەپكە كىر بولما بېخۇد ، دەۋران كۈرۈشكە ئۈندېدى ،
قالدۇرۇپ كەت ئەل ۋەتەنگە تۆھپىدېن بىر بەلگېنى

1981-يىلى 29- سېنتەبېر قەشقەر سەنگېن ------تاش دېگەن مەنىدە ئىكەن
قامچا ھەجۋې شېرلار توپلىمىدېن ئېلىندى







ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆيگە بارغاندا روجەكتىن چۈشسە كۈننىڭ شولىسى ،
ۋاھ، قېتىق !دەپ نانچىلاپ يالماپ كەتتى ھەمىنى .

نىمە دىگەن قىزقارلىق بۇ مىسراسى.... نەشخورلانىڭ ئەپتى بەشرىسىنى تولىمۇ كۇلكىلىك تەسۋىرلەپ بىرىپتۇ...
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
hanka * توردا يوق

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
495 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1438 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تۇغۇلغان يىللارى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن ، ئاتام كىچىك ۋاقتىمدا ئېيتىپ بېرەتتى .
بىر كۈنى ئاۋۇت بىلەن داۋۇت ئىشەكلىرىگە مىنىپ ئايۇپنىڭ ئۈيىگە كەپتۇ ، ئايۇپ كەچلىك تەييارلىقلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ داستىرخان ھازىرلاپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ئاۋۇت ، داۋۇت ۋە ئايۇپلار بىر ئوغلاقنىڭ گۈشىنى يەپ قورساقنى راسا تويغۇزغاندىن كىيىن ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ بەڭ چىكىپتۇ ، شۇ يىللارى كەندىر مېيىنى كىشىلەر ئىستىمال قىلغاچقا بەڭ چىكىشنىمۇ ئانچە ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدىكەن .
داۋۇت چېلىمگە توختىماي بەڭ سالسا ئاۋۇتمۇ تەڭ سەيخانىنى تازىلاپ تەييار تۇردىكەن ، ئايۇپ بولسا سورۇندا كەم نەرسىلەرنى تەييارلاپ ئۇلارغا سايىپخانلىق قىلىدىكەن ، ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ ئاۋۇتنىڭ قورسىقى ئاچتىمۇ قانداق :
- بۇرادەر ئايۇپ يىگىدەك نېنىڭ بولسا ئېلىپ چىقمامسەن يەيمىز ! ئايۇپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال ياندىكى ئۆيگە كىرىپ تەڭلىدىكى ناننى ئېلىپ چىقىپتۇ ، ھېلىلا بىر ئوغلاقنىڭ گۆشىنى يەپ تۈگەتكەن بۇ بەڭگىلەر ياغاچ تەڭلە ئىچىدىكى قوناق نانغا ھوجۇم قىلىپتۇ ، نان گېلىغا تۇرۇپ يىيىشكە ئامالسىز قالغان داۋۇت خىرقىراپ تۇرۇپ :
- ئايۇپ قېتىق بار ئىدىغۇ بۇ ئۆيدە ئېلىپ چىقمامسەن ! ئايۇپ دوستلىرىنىڭ دىگىنى بۇيچە ئايالىغا بۇيرۇق سوقۇپ بىر داس يېڭى ئۇيۇتقان قېتىقنى ئەكىرگۈزۈپتۇ ، يالماۋۇزدەك بۇلۇپ كەتكەن بۇ بەڭگىلەر قوناق نان بىلەن قېتىقنىڭ ھارارىتىدىن تىتىكلىشىپ داۋاملىق بەڭ چىكىپتۇ ، يېرىم كېچە بولغاندا ئۇلار يەنە قېتىق ئىچىمىز دەپ بىچارە ئايالغا ئۇيقا بەرمەپتۇ ، ئايۇپ دەپتۇ :
- سېلىمەم ئابايقى قېتىقىڭدىن يەنە بەر ، قورساق ئېچىپ كەتتى ! بىچارە ئايال ئۇيقۇدىن تەستە ئويغىنىپ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئۇلار بار ئۆيگە كىرىپتۇ شۇنداقلا ھېلىقى داسنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ ، ئۇ ئايال چىقىپ كېتەرشىدە بىر نىمىنى كۆرۈپ قاپتۇ دە ئۇلارنى تازا بىر باپلىماقچى بۇپتۇ ، ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي ئايۇپ يەنىلا توۋلاشقا باشلاپتۇ .
- سېلىمخان ! قېنى قېتىقىڭ ؟
بۇنى ئاڭلىغان ئايالى دەرھال ئۆيگە كىرىپ :
- ئەكىرىپ قويدۇمغۇ ئەنە تۇرمامدۇ ئالدىڭلاردا ! ئۇ كىگىزنىڭ ئۈستىدىكى تۇڭلۈكتىن چۈشكەن ئاينىڭ شولىسىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپتۇ ، خام بەڭنىڭ كەيپىدە دېۋەڭ بۇلۇپ قالغان بۇ ئۈچ ئەخمەق ناننى شۇ ئاينىڭ شولىسىغا ماتلاپ يىيىشكە باشلاپتۇ ، بۇلار شۇنداق قىلىپ كېچىدىكى ئولتۇراشنى تۇگىتىپ ئارام ئالماقچى بۇپتۇ ، ئاۋۇت بىلەن داۋۇت ئوخشاشلا ئىشەكلىرىگە مىنىپ ئۆيلىرىگە قايتىپتۇ ، شۇ يىللارى مەدەنىيەت ئىنقىلابى كۆرەش قىلىۋاتقان چاغلار بۇلۇپ يۇرت بەكلا قالايمىقان پۇقرالار ساراسىمدە ياشايدىكەن ، شۇڭىلاشقىمىكىن بۇ ئىككەيلەن يولدا ماڭماي ئېتىز بويلاپ كىتىپ بارغانىكەن تۇيۇقسىز داۋۇتنىڭ كىچىك تارىتى قىستاپتۇ ، ئۇ ئىشەكتىن ئاستا چۈشۈپ تارەت قىلاي دەپ تۇرىشىغا ياندىكى قوناقلىقتىن شاراق قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالاي دىگەن داۋۇت شۇنداق بۇرۇپ ئۇ قوناقلىققا قاراپتىكەن بىر توپ ئەسكەرلەر قوراللىرىنى كۆتىرىپ تۇرۇپتۇ ، بۇلارنى كۆرگەن داۋۇت ئورنىدا تۇرۇپلا نالە قىلىشقا باشلاپتۇ :
- ۋاي تەسلىم ، مەن ھىچنىمە قىلمىدىم ! ئۇ ۋارقىرغىنىچە قوللىرىنى ئىگىز كۆتىرىپ خىيالىدىكى ئەسكەرلەرگە تەسلىم بۇلۇپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ئاۋۇت كۈلكىسىنى باسالماي ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىر قولىنى چىقىرىۋاپتۇ ، دېۋەڭلىك بەڭنىڭ كەيپىدىن باشلىنىپ كېچىدىكى قوناقلىقتىن چىققان شاۋقۇن ئاۋازلار بۇ ئىككىسىگە نۇرغۇن ئوڭايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەپتۇ .
سەھەردە قۇشلار سايرىماقتا ، پۈتۈن كائىنات خۇش چىراي بىلەن قاراپ قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى بىراق كېچىدىكى بەڭنىڭ تەسىرىدىن تۇرالمىغان ئايۇپ تېخىغىچە ئۇيقۇدا ئىدى ، ئايالى سىلىمخان ئەتتىگەندە ئىنەكلەرنى سېغىپ سۈتلىرىنى قاينىتىپ ئالدىنقى كۈندىكى سۈتلەرنىمۇ قېتىق ئۇيۇتۇشقا جايلاشتۇرۇپ بۇلۇپتۇ ، چۈشكە يېقىن سىلىمخان تاماققا تەييارلىق قىلىغاچ بىر نەرسە لازىم بولۇپ ئىچكىردىكى ئۆيگە كىرگەنىكەن ئوتتۇرغا سېلىپ قويغان كىگىزنىڭ مەلۇم يىرىدە يوغانلا بىر تۆشۈكنى كۆرۈپتۇ ، ئۇ ھەيرانلىقتا دەرھال ئىرى ئايۇپنى ئويغۇتۇپتۇ ، كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئاستا سوزىلىپ ئورنىدىن تۇرۇۋاتقان ئايۇپنىڭ ئاغزى بۇرنى كىگىز قىللىرى بىلەن مىيلەنگەن بولۇپ خۇددى قوينىڭ بېشىغىلا ئوخشاپ قاپتۇ ، سىلىمخانمۇ ئىختىيارسىز كۈلكىسىنى توختىتالماي ياندا ئوت كۈيىۋاتقان ئوچاققا پۇتىنى تىقىۋاپتۇ .


مۇنداقلا قۇشۇپ قويدۇم .
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
~hanix~ + 5

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 5 باھا خاتىرىسى

يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
~hanix~ * توردا يوق

Rank: 1

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
41 
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2011-1-8 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
hanka يوللانغان ۋاقتى 2011-1-9 10:42
مەن تۇغۇلغان يىللارى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن ، ئاتام كىچ ...

ناھايتى ياخشى ئوخشىتىش بوپتۇ ، ئەپسۇس جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم مۇشۇنداق نان قېپىلار كۆرەلمەيدۇدە .
زوراۋان يىللاردىكى ھاياتلىق ئەلچىس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 03:16 , Processed in 0.149255 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.