ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ئالىم روھى بىجيېدا مېھىر–شە ...
كۆرۈش: 27|ئىنكاس: 3
go

ئالىم روھى بىجيېدا مېھىر–شەپقەت دولقۇنى قوزغىدى

manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىجيې ۋىلايىتىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى يولداش ئالىمدىن ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنىدىن خاتىرە



ئالىم روھى جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈردى



ئالىم زادى قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلدى؟ ئۇنىڭدىن قانداق روھنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ 4 – نويابىر چۈشتىن كېيىن، بىجيې ۋىلايەتلىك پارتكوم خىزمەت بىناسىنىڭ 9 – قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا قىزغىن كەيپىياتتا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئېكرانغا ‹‹ئەخلاق نەمۇنىچىسى يولداش ئالىمدىن ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى››، دېگەن خەتلەر يىزىلغانىدى.

يىغىندا كىشىلەر ئالىمنىڭ روھىغا باشتىن – ئاخىر ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، يىغىن زالى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كەيپىياتقا چۆمدى. كىشىلەر ئالىمنى يەنىمۇ چۈشەندى،ئۇلارنىڭ ئالىمغا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى.

بىجيې ئىنستىتۇتى ئالىم ئەڭ كۆپ ياخشى ئىش قىلغان جاي، ياخشى ئادەم ئەڭ كۆپ مەيدانغا كەلگەن جاي. بىجيې ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ يۈخۇا مۇنداق دېدى: ‹‹ئالىم ئوقۇش ياردەم پۇلى›› تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100دىن كۆپ ئوقۇغۇچى ياردەمگە ئېرىشتى، ئىنستىتۇتىمىزدا تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىچىدە ‹‹ئالىم ئوقۇش ياردەم پۇلى››نىڭ سوممىسى ئەڭ ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ‹‹ئالىم روھى›› ۋە ‹‹ئالىم ئەھۋالى›› ئىنستىتۇتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالدى، ئىنستىتۇتىمىزدا ‹‹ئالىم ئۈنۈمى›› ھاسىل قىلىندى. ھازىر ئىنستىتۇتىمىزدا ئوقۇغۇچىلار باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىدىغان كەيپىيات ئادەتكە ئايلاندى.

بىجيې ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى بىردەك مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ئالىم ئوقۇش ياردەم پۇلى››غا ئېرىشكەن بالىلار كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدۇ. ئالىم روھىنىڭ بالىلارنى مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلەش رولى ناھايىتى كۈچلۈك.

‹‹بىجيې گېزىتى››نىڭ ئالىم توغرىسىدا ئەڭ بۇرۇن خەۋەر يازغان ھەم ئالىمنى ھازىرغىچە ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىۋاتقان مۇخبىرى خۇاڭ لى مۇنداق دېدى: ئالىم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىدۇ، ئۇ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتچى، ئۇ جەمئىيەتتىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ قانداق مېھىر – شەپقەتكە ۋە تەسەللىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئالىم ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇ ياردەم بېرىش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشنى ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە يۈكسەك ئەخلاق تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىش ئېڭىغا ئايلاندۇردى، ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان بولدى.
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا ئالىم خالىق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئوبرازىنى تىكلىگەن ،ئۆگىنىش ئۈلگىمىزدۇر ، بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
~hanix~ * توردا بار

Rank: 1

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
43 
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2011-1-8 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئادەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بەك ئاز ئۇچىرايدۇ .
زوراۋان يىللاردىكى ھاياتلىق ئەلچىس
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاشۇ تۇرمۇشقا كۆنگەنلەرنىڭ بىرى بۇلۇشى مۇمكىن ، بۇنداقلار ئاز ئۇچىرايدۇ جۇمۇ ھازىر .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:24 , Processed in 0.163566 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.