ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆ ...
كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 4
go

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆھبىتى

ئۆگەنگۈچى * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
28  
ھالەت
يازما
77 
تېما
19 
نادىر تېما
جۇغلانما
360 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-12-21 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆھبىتى

جېك بىلەن ئاندرېي بىر شىركەتتە ئىشلەيتتى،ئۇلارنىڭ كىلىشەلىگەچكە يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قالدى.بۇ ئىككى ئائىلە دائىم بىللە يىغىلىش ئۆتكۇزۇپ تۇرغاچقا،ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قېلىشتى.
بىر كۈنى،بۇ ئىككى ئايال قەھۋەخاندا بىللە ئولتۇرۇشماقچى بولۇشتى.
_ تۈنۈگۈنكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بىز گۈزەل بىر ئاخشامنى بىللە ئۆتكۇزدۇق،سىلەر قانداقراق ئۆتكۈزدۈڭلار؟_ دىدى جېكنىڭ خوتۇنى.
_دېمەيلا قويۈڭ،ئاخشام تازا قاملاشمىغان ئىش بولدى.ئاندرېي ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا ،ھۇجىرىغا كىرىپ ئۇخلاپ قالدى.سىلەر قانداق ئۆتكۇزدۇڭلار؟_ دىدى ئاندرېينىڭ خوتۇنى ئاچچىقىدا.
_سىز ئۈچۈن بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلار ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا،جېك ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا مېنى ھەيران قالدۇرۋەتتى،ئۇ خۇددى بىز يۈرىۋاتقان چاغلاردىكىدەك سىرتقا چىقىپ مەن بىلەن رومانتىك كەچلىك غىزايىمەكچى بولدى.كەچلىك غىزادىن كىيىن بىز قول تۇتۇشىقىنىمزچە بىرەر سائەتچە سەيلە قىلدۇق.ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇ يەنە شام ياقتى،بىز شام نۇرى ئاستىدا بىرەر سائەتچە مۇڭداشتۇق.بەك رومانتىك بولدى. دەل شۇ چاغدا جېك بىلەن ئاندرېيمۇ مۇڭدىشىۋاتاتتى. _تۇنۈگۈن ئاخشامنى قانداقراق ئۆتكۈزدۇڭ؟_سورىدى جېك.
ناھايىتى ياخشى،_دېدى ئاندىرېي ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا،_ئۆيگە قەيتىپ كەلسەم خوتۇنۇم مول كەچلىك غىزا تەييارلاپتۇ،مەن كەچلىك غىزانى يەپ بولۇپ تازا قانغۇچە ئۇخلىدىم.سەنچۇ؟
_ ئاخشام تازىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش بولدى،ئاخشام ئۆيگە قايتىپ كەلسەم خوتۇنۇم تاماق قىلماپتۇ،قورساق ئاچ بولغاچقا ئىلاجىسىز خوتۇنۇم بىلەن سىرىتتا تاماق يىدۇق،كالا گۆشىنىڭ ئۇنچە قىممەتلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ھەميانىمدىكى بارلىق پۇلۇم شۇنىڭغا كەتتى،كىرا قىلغۇدەك پۇلۇم قالمىغاچقا ،ئامالسىز ئۆيگە پىيادە قايتتۇق.ئۆيگە قايتىپ كەلسەم توك توختاپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاران تەستە شام تېپىپ ياقتىم.ھەممىدىن ئاچچىقىم كەلگىنى شۇكى،خوتۇنۇم تولا كوتۇلداۋېرىپ، مېنى زادىلا ئۇخلاتمىدى.

مەنبە:تەرمىلەر ژۇرنالى 2010-يىل 12-سان(48-بەت)
مۇنبەرگە يوللۇغۇچى:ئۆگەنگۈچى.
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي بىچارە ئايال ئېرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەي قالدى ئەمەسمۇ ، دېمىسىمۇ خۇددى راستەكلا ئۇدۇل كەپقاپتۇ ئۇ غىزالىنىش .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزقارلىق سوھبەت بوپتىيا بۇ..ئەرمۇ ئوزنىڭ گىپىنى، ئايالمۇ ئوزىنىڭ گىپىنى يۇرغىلىتىشىپ..
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
zambirak * توردا يوق

Rank: 1

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
15 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
44 
ھوقۇق
10 
تىزىملاش
2011-1-7 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تازا چۈشىنەلمىدىميا ؟
[url=http://www.kuqa.cn/bbs/static/image/smiley/default/huffy.
Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرسۇن بىلەن رۇسۇل بىر مەھەلىدېن بولۇپ ھەم بېرگە ئۇششاق سودا قىلاتتى ئۇلارنىڭ چوكانلىرىمۇ يېقىن دوسلاردېن ئىدى ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ئەتېسى ئىككى چوكان كۆچا سۈپۈرۈ ۋېتىپ سۆھبەتە بولۇپ قالدې
_تۈنۈگۈن بايرامنى قانداق ئۆتۆۈزدۈڭلار ؟
_ئوش نىمىسېنى دەيسېلە ئاداش بۇ بىزنىڭ ئۆيدېكى مەتۇ بايرامنى بىلەمتى
_ھە ئەمسە ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ سىزدە ؟
_ۋېيەي نىمىشقا ئۇنىڭ ئۆيىنى بېقىپ ئولتۇر غۇدەكمەن شىنخاغا ئاچامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ داۋۇت دۇيجاڭ بىلەن شۇيەردە بايرام ئۆتكۈزدۇق ......... بەك كۆڭۈللۈك دەڭە سېلىچۇ قانداق ئۆتكۈزدۈڭلا ؟
_ مەن بەك خوش بولدۇم چۈنكى ئېرىم توي قىلىپ بولغاندېن بېرى ماڭا تۇنجى قېتىم گۈل سوغا قىلدى مەن بەك خوشال بولدۇم
_ سېلىنىڭ ئادەمنىڭ ھەرھالدا ئېپى باركەن شۇنىڭ بىلەن بولسىمۇ كۆڭەلىرىنى خوش قىلىپتۇ بىزنىڭ بۇ لوم -لوم زە......
تۇرسۇن ئاداش تۈنۈگۈن بايرامنى قانداق ئۆتكۈزدېڭلا جۇشناچىم بىلەن ئوبدان پەيزى قىلغانسېلە ؟
_نىمىسېنى دەيسېلە ئاداش ئۇ شىنخاغا ئاچامنىڭكىگە بارمىسام بولمايدۇ دەپ تۇر ۋالدې ئامال يوق ئۆيدە بالا باقتىم بايراملق بازارمۇقىلالمىدېم تۈنۈگۈن ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇغان بولسا خېلى سوداقىلىۋالغان بولاتتىم سېلىچۇ قانداق ئۆتكۈزدۈڭلا ؟
_تازا ياخشى بولمىدى ئاداش
_نىمىشقا ئەمدى ؟
_ ئېسىڭلاردا بارمۇ ئۆتكەندە دۇكاندا بېر چوكان بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ خېلى چىقىشىپ قالغېنىم ؟
_ ھە ئېسىمدە ھېلىقى بۈدرەچاچلىق ئاق پىشماق چوكان .
_ نەچچە كۈننىڭ ئالدېدا شۇ كاساپەت بىلەن دېيىشىپ قويغان ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنى بېرگە ئۆتكىزىلىدەپ ئۇمۇ قوشۇلغان ئىدى
ئەمسە شۇ چوكان بىلەن بېرگە ياشاپ سېلەدە يامانگۇجۇماسېلە ئاداش ھىھىھھىھى
_ نىمىسېنى دەيسېلە ئۇنىڭغا سوغا قىلايدەپ ەۈل ئېلىپ ئۇنى بېزداۋاملىق كۆرۈشۈدېغان جايدې 4 سائەت ساقلىدېم كەلمىدې ئاخېرى كەچ بولۇپ كەتكەچ گۈلنى تاشلېۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي ىوتۇنغا سوغا قىلىپ ئاجايىپ خوش قىلىۋەتتىم دەڭلا ئاداش ھاھاھاھاھاھا مەغرۇرلىنىپ كۈلدى
__ ...................................................
__ ...................................................
ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:30 , Processed in 0.157068 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.