قوللاش- 355
- توردا
- 42小时
كۇچاتەڭگىسى- 3929
- ھالەت
- 0
- يازما
- 723
- نادىر تېما
- 4
- جۇغلانما
- 5407
- تىزىملاش
- 2008-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-11
       
قوللاش- 355
- ھالەت
- 0
- يازما
- 723
- تېما
- 35
- نادىر تېما
- 4
- جۇغلانما
- 5407
- ھوقۇق
- 200
- تىزىملاش
- 2008-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-11
|


ياشاش، ياشاش يەنە ياشاش. ھاياتلىق يار بەرگۈچە ياشاش.بۇ بىر قانۇنيەت. ئۇنداقتا، ياشاش ھالىتىمىىزگە نەزەر تاشلاپ باقايلى، ياشاۋاتقان، تۇرۋاتقان زېمىنىمىز ئوخشاش، يېۋاتقان، كىيۋاتقىنىمىز ئوخشاش. لىكىن، ياشاشتىكى مەقسىدىمىز ئوخشاش ئەمەس. تەن قۇرۇلمىمىز ئوخشاش لىكىن، كاللا ئىشلىتىشىمىز ئوخشاش ئەمەس. قىلۋاتقان ئىشلىرىمىز ھەر خىل. يول ئوخشاش، تاللىغان يولىمىز ئوخشاش ئەمەس. قەدەم ئېلىشىمىز ھەر خىل. كۆزىمز رۆشەن، كاللىمىز سەگەك، پايدا - مەنپىئەت قارىشىمز ناھايتى ئېنىق.ئىرىشمەكچى بولغىنىمىز ئوخشاش لىكىن، ئېھتىياجىمىز ئوخشاش ئەمەس. شەيئىلەر بىر خللىقىغا بەرگەن جاۋابىمىز ھەر خىل.تەلەپ قاتتىق، ئەمەل قىلىشىمز يۇمشاق.ئارزۇ - ئارمانلىرىمىز كۆپ لىكىن، ئەمەلگە ئاشۇرغىنىمىز ئاز.كۆتكىنىمىزمۇ كۆپ، ئېرىشمەكچى بولغىنىمىزمۇ كۆپ. بەرگىنىمىز ۋە تەقدىم ئەتكىنىمىز ئاز. يوقاتقانلىرىمىز كۆپ، ئىرىشكىنىمىز ئاز. ھەممە تەل، باياشاتچىلىق، توقچىلىق. لىكىن، مەنىۋىيىتىمىزدە باردۇر ئاچارچىلىق ۋە بوشلۇق. ئاچارچىلىق ۋە بوشلۇق شۇنداقلا توسالغۇلارنى يېڭىش ھەركىتىنى ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەركەتنىڭ نەتىجىسىنىڭ غەلبىلىك بولىشىنى ئۈمۈت قىلدۇق. لىكىن، بۇ جەھەتتە تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىيالمىدۇق.
مەنىۋىيىتىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ۋە ئويلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان ئەسەرلەر كۆپ يىزىلسا، ئاز ۋە ساز يىزىلغىنى ياخشى دىدۇق. ئاز ۋە ساز يىزىلسا مۇشۇنچىلىكما دىدۇق. تۆۋەن سەۋىيىدە يىزىلغىنىنى كۆزگە ئىلمىدۇق. يۇقۇرى سەۋىيىدە يىزلىغىنىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىدۇق. قايتا- قايتا ئوقۇپ چۈشىنىشنى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ قارىدۇق. كىتابخۇمارلىقىمزنى كىتاب سېتىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىدۇق. ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى مەنىۋىيىتىمىزگە خىزمەت قىلدۇرمىدۇق. ئۆزىمىز قول تۇتۇپ بىر ئىش قىلمىدۇق. باشقىلار قىلغان ئىشلارنى ياراتمىدۇق. قۇسۇر تېپىپ، چەتكە قاقتۇق. زەربە بىرىپ، يىتىم قالدۇردۇق. شۇنچە ئېسىل يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى قىلمىدۇق. ئاكتىپ تەسىرلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىش يوللىرىنى قورام - تاشلار بىلەن توستۇق. ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى ئىتىراپ قىلمىدۇق. رېئاللىقتىن ئۆزىمزىنى قاچۇرۇپ، ئەنئەنمىزدىن ياتلاشتۇق.
مەدەنيەت قوبۇل قىلىشتا بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتىدىغان مىللەت يوق. شاكىلنىمۇ ۋە مېغىزىنىمۇ قوبۇل قىلىمىز. ئالدى - كەينىمىزگە قاراپ ئىش قىلمايمىز. بورنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىمىز. يىراققا نەزەر تاشلاپ، سالماقلىق بىلەن قەدەم ئالمايمىز. قەدەملىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بېسىلىشى ئۈچۈن، خىزمەت قىلۋاتقانلارنى پۇتلايمز. كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، چېقىمچىلىق، ئابرويپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ مەنىۋىيىتىمىزدە جانلىنىشىغا، كۆكلەپ ياشنىشىغاۋە شاخلاپ كۆپىيىشىگە چىقارغان كۈچىمز، بۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشقا چىقارغان كۈچىمزىدىن كۆپ جېق.
ئۇزۇن يىل سەرسانلىقتا، سەرگەردانلقتا يۈرگەن، مۇساپىرچىلىق دەردىنى كۆپ تارتقان مەنىۋىيىتمىز( ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىلىرىنىڭ مەھكۇملىقى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زولىمى، ئون يىللىق مالىمانچىلىق ) نى تازلاش، پاكلاش، قالدۇق ئاسارەتلەردىن قوتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق. تىرىشچانلىقىمىز مەنىۋىيىتمىزدىكى ياۋا ئوت- چۆپلەرنىڭ تۆگىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بەزىلەر مەنىۋىيىتىدىكى ياۋا ئوت چۆپلەر قۇرۇتلىغان بولسىمۇ، بەزىلەر مەنىۋىيىتىدە يۇمىران ھالىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەنىۋىيەتتكى ئىجابى تەرەپ بىلەن سەلبى تەرەپلەر رىقابەتلەشمەكتە.
مەنىۋىيەتتىكى داۋالغۇش، ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەردە، ھىچقايسى مىللەت بىزدەك كۆپ ئاۋارىچىلىق ۋە تالاپەت تارتقان ئەمەس. دىننى ئېتىقاد ۋە ئىجتمائى بىرلىك سەۋەبىدىن ئىتقاد قىلغان دىنىمىز ۋە قوللانغان يىزىقىمىز بەك كۆپ. بۇ يەردە يىزىقلارنىلا ساناپ ئۆتەي.( قەدىمقى تۈرۈك يىزىقى، سوغدى يىزىقى، مانى يىزىقى، قەدىمقى ئويغۇر يىزىقى، بىراھمى يىزىقى، قارۇشتى يىزىقى، سۇرىيە يىزىقى، خەنزۇ يىزىقى، كونا تىببەت يىزىقى، ئەرەب يىزىقى، خاقانىيە يىزىقى، چاغاتاي يىزىقى، ئەرەب ئىلپەسى ئاساسىدىكى ئويغۇر يىزىقى، ئويغۇر يېڭى يىزىقى، سىلاۋىيەن يىزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئويغۇر يىزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ قوللانغانلىرى قەدىمقى تۈرۈك يىزىقى، قەدىمقى ئويغۇر يىزىقى، خاقانىيە يىزىقى، چاغاتاي يىزىقى، ھازىرقى زامان ئويغۇر يىزىقىلار
بۆگۈنكى كۈندە، مەنىۋىيىتىمىزدىكى داۋالغۇشلارنى ۋە ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش تۈگۈل، ئۆزىمز پەيدا قىلغان ئەقلگە يۈگەن، ۋىجدان، غورور، ئىتىقاد، ئىمانغا يات بولغان قانداقتۇر بىر مودا ئېقىملارنى پەيدا قىلىپ، داۋالغۇلۇشلارنى دولقۇنلىتىپ، ئاجىزلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەبكار بولدۇق.ئەجدادلار ئىزىنى بويلاپ ماڭغان بىلەن نىيىتىمىز دۇرۇس بولمىغاچقا، ئىزلارنى كۆمۈپ قۇيۇپ، يەنە قانداقتۇر بىر ئىزلارنى پەيدا قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن خاتالاشتۇق. تۇمان ۋە بۇرۇقتۇملۇق ئىسكەنجىسىدە قالدۇق. ئەجدادلار ئىزىنى، ئەۋلادلار باسىدۇ. بىز باسالمىدۇق. باسالمىغاننىڭ ئۈستىگە قالايمىقان بەكمۇ قالايمىقان ئىزلارنى قالدۇردۇق. ئەجدادلار ماڭغان ئىزىدىن گۈل ئۈندۈرۈشنى ئويلىغان. ئۇنداقتا بىز نىمىنى ئويلىدۇق؟
شىنجاڭ ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسۇل ماكانى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن، دۇنيا مەدەنيەت غەزىنىسىدە چاقناپ تۇرغان 12 مۇقامىمىز بار. بىز ئۆزىمزىدىن ھالقىپ دۇنياغا تۇنۇلدۇق. لىكىن، ئۆزىمزىنى قايتىدىن تۇنىيالمىدۇق.مەنىۋىيىتىمىزگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايدىغانلىكى نەرسىلەرگە ئىنتىلدۇق. بۇ ئارقىلىق، ئاجىزلىقىمىزغا تەسەللى تاپماقچى بولدۇق. تۇماننى تارقىتىپ، بۇرۇقتۇملۇقتىن قۇتۇلماقچى بولدۇق. لىكىن، مەنىۋىيىتىمىزدىكى نورمالسىزلىقىنى ۋە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشكە ئۇنچىۋالا ئىنتىلمىدۇق.ئاخىرقى ھېسابتا، ئۆزىمزىنى ئىتىراپ قىلماسلىقىمز، مەنىۋىيەتتكى ئاجىزلىقلارنىڭ تۈگىشىگە توسالغۇلۇق قىلماقتا.
تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتالمىدۇق. زاماندىن ۋە تەرەققىياتتىن ئاغىرنىپ، پۇرسەتلەردىن خىرىسنى پەيدا قىلدۇق.ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاساسى قاتالام كادىرلىرىغا سۆزلىگەن لىكسىيىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بىنا ئۆيلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى قانداقتۇر بىر تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كىتىش سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ تورالغۇ ئۆي مەسلىسىنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن پەيدا بولغان. تەرەققى قىلغان ئەللەردە، بايلار ۋە ئىقتىسادى ياخشىلار سەھراغا ئۆي سېلىپ، يوقىتىپ قويغان ئەنئەنىلىرىنى قايتۇرپ كەلمەكتە.
ئۇنداقتا بىزچۇ؟ قارايدىغان بولساق، بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇش قىزغىنلىقىمزغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ھەممەيلەن بىنا ئۆيگە يۈرۈش قىلدۇق. بۇ جەھەتتىن بەسلەشتۇق. سەندىن ، مەن قالامتىم، سەن كىمۇ ، مەن كىم دەپ ، كۆچمەنلىك قەدىمىمزنى تىزلەشتۈردۇق. گەدەنگە كەلگۈچە قەرزگە بوغۇلدۇق. زامانىۋى قۇدۇققا سولانغان پاقىغا ئايلاندۇق. پۇلنىڭ بىر ئۇچى بېلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە بولغاچقا، يۈرىكىمىزدىن تۈگىشىپ كەتتۇق.يوقالغان، يوقلىش ئالدىدا تۇرغان ئەنئەنىمىزنى قايتۇرپ ئەكىلىش تۈگۈل، ئىزنالىرىنىمۇ يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەندۇق. ئەنئەنىۋى قائىدە - يۇسۇن، ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك، ئەنئەنىۋى سەنئەت، ئەنئەنىۋى خاتىرە كۈنلەر، ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى... قاتارلىقلاردىن قانچىلىكىنى يوقاتتۇق؟ قانچىلىكىنىڭ ئىزناسى بار؟ بۇ ھەر بىر مىللەت ئەزاسى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىش. سىز، ئاڭلاپ چوڭ بولغان خەلق ناخشىسى ۋە چۆچەكلەرنى بالىلار ئاڭلاۋاتامدۇ؟ سىز ،ئوينىغان بالىلار ئويۇننى، بالىلار ئويناۋاتامدۇ؟ سىز، قىلۋاتقان قائىدە - يۇسۇنلارنى ، بالىلار قانچىلىك ئۆگىنۋاتىدۇ؟ ئۆرپ - ئادەت قانچىلىك داۋام ئىتىۋاتىدۇ؟ كىيىۋاتقان كىيىم كېچەكلىرىمىزگە، ئوينىغان ئۇسۇللارغا، توۋلانغان ناخشىلارغا قاراڭ؟
بىز ھاياتلىقىمزغا بىر چەمبەر سىزىدۇق. بارلىق ھەركەتلىرىمىزنى شۇ چەمبەرنىڭ ئىچىدىلا ئېلىپ باردۇق. بالىرىمىزنىمۇ ھەم شۇ چەمبەر ئىچىدە كونتۇرۇل قىلدۇق. باللىرىمىزنىڭ سىرىتقا چىقىپ ئويىنىشىغا ۋاقىت بەلگىلەپ بەردۇق. كىيىم - كېچەكلىرىنى مەينەت قىلسا، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى يېغىر قىلىپ كىرسە شۇنچىلىك غەزەپلەندۇق.بىھۇدە، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن خەجلىگەن ۋە ئىسراپ قىلغان ۋاقىتلىرىمىزغا غەزەپلەنمىدۇق. ئۆزىمزىنىڭ سۇرۇن تۈزەپ كەيپى - ساپا قىلىشىمزىغا ۋاقىت بەلگىلمىدۇق. كەيپى- ساپا، ئەيشى - ئىشرت كوچىسىدا لاغايلاپ يۈرگەن ۋاقتىمىز ۋە خەجلىگىنىمىز قانچىلىك؟ ئىلىم ئېلىشقا ۋە باللىرىمىزنى تەربىيىلەشكە چىقارغان ۋاقتىمىز ۋە پۇلىمىز قانچىلىك؟ بۇ تەرەپلەردىن خاتالىق سادىر قىلدۇق. لىكىن،<< ئادەم ئۆزى خام سۈت ئەمگەن>>، << ئازمايدىغان ئادەم يوق>>، << ئازماس ئاللاھ >> دىگەن چىرايلىق سۆزلەر بىلەن خاتالىقلىرىمىزنى پەردازلىدۇق. ئۆزىمزىنى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈرۈپ، بىز ئاڭلىق ھايۋان دىدۇق. ھايۋانمۇ سۈت ئىمىپ چوڭ بۇلىدۇ. لىكىن، بىر قېتىم خاتالىق سادىر قىلسا، ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇنداق خاتالىقنىڭ يۈز بىرىپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تولىمۇ بەك ئېھتىيات قىلىدۇ. << ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى كىرگەن كۆۋرۈكتىن، ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ>>. ھاياتلىق كۆۋرۈكىمىزدە پەيدا بولغان تۈشۈكلەرگە قانچە قېتىم پۇتىمىز كىردى؟ يەنە شۇ كۆۋرۈكتىن نىمىشقا شۇنچىلىك مەغرۇر ھالدا، پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۆتىمىز؟ ئۇنداقتا بىز نىمە؟ بىز ئۆرە- تۆپە بولۇپ، شۇنچە ئالدىراش نەگە بارىمىز؟ كۈتىدىغىنىمىز ھەم ئىرىشمەكچى بولغىنىمىز زادى نىمە؟ئۆزىىمىزدىن ئاغىرنىشنىڭ ئورنىغا، زاماندىن ئاغىرىنىشىمزىنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مەنىۋىيەتتكى ئاچارچىلىق گىراپىكىنىڭ تىك يۆلىنىشىدە تېز ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟ روھىمىزنىڭ ماددىغا، ئەخلاقىمىزنىڭ مەنپىئەتكە سەجىدە قىلىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
يازمىلىرىمدا بايان قىلغان مەزمۇنلىرىم ئارقىلىق، قانداقتۇر بىر قاقشاشنى مەقسەت قىلمىدىم. پەقەت، مەنىۋىيىتىمىزدە ساقلانغان رېئاللىقنى ۋە كۆز يۇمۇش مۇمكىن بولمايدىغان ھەقىقەتنى يۇرتۇپ بىرىشنى مەقسەت قىلدىم. بۇ ھەرگىزمۇ چاۋىمىزنى چىتقا يايغانلىقىم ئەمەس. ھەر بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بىر ئاختۇرپ بېقىشىغا ھەم ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇندۇم. بۇ، ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزدە ئازدۇر- كۆپتۇر ئويغىنىش ھالىتى شەكىللەنسە دىگەنىلا ئويلىدىم.
ئالقاغۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىن : قىشلاق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-6 18:30
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : قوللاش + 5
كۇچاتەڭگىسى + 25
ئۇنۋان + 5
باھا خاتىرىسى
|