ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ماقالە ۋە ئوبزور جاۋزوخەي قويۇپ بېرىلدى ، يەن ...
كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 8
go

جاۋزوخەي قويۇپ بېرىلدى ، يەنە ئىككى ئەرۋاھنى كىم قويۇپ بېرىدۇ؟

سانغۇن * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
19 
تېما
10 
نادىر تېما
جۇغلانما
87 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2010-12-27 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

جاۋزوخەي قويۇپ بېرىلدى ، يەنە ئىككى ئەرۋاھنى كىم قويۇپ بېرىدۇ؟
جاۋزوخەي تەلەيلىك ئىكەن
ئۇنىڭ تەلىيى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تىرىلىپ قېلىشى بولۇپلا قالماستىن ، موھىمى ئۇ ھېلىقى خاتا ، ناھەق دېلو سەۋەبى بىلەن جېنىدىن ئايرىلىپ قالمىدى .
جاۋزوخەي دېلوسى بىلەن ئوخشاش نەتىجىگە ئىگە باشقا ئىككى ئادەم جاۋزوخەيدەك تەلەيلىك ئەمەس ئىكەن . بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمىنى جامائەتچىلىك بىلسە كېرەك ، بىرىنىڭ ئىسمى نېې شۇبىڭ ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى خۇگې جىلتۇ .
ئۇلارمۇ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشتىكى قىيىن-قىستاققا بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئىقرارنامىغا ئۆزلىرىنىڭ قولىنى قويۇشقا مەجبۇر بولغان ، قىلمىغان ئىشى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان . يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگەن .
ھالا بۈگۈنگە قەدەر ، جاۋزوخەي قويۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسىنى باغرىغا باسقىنىچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ فوكۇسلۇق چىرىقى ئاستىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھېلىقى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن چېغىدا ، ئاللىقاچان ئەرۋاھقا ئايلىنىپ كەتكەن ھېلىقى ئىككۆيلەنگە قانچىلىك ئادەم كۆڭۈل بۆلەر ؟ ئۇلارنىڭ روھىي يەنىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ئارخىپى ئىچىگە مەھكۈم قىلىنغان ، لېكىن ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىپ بەرگەن جاللاتلار ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغىنى يوق .
نېې شۇبىڭنىڭ دېلوسى كۆپچىلىككە ئايان ، ئۇشتۇمتۇت قاتىل دېگەن ئاتاققا قالغان خېبېيلىك ياش . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا پۇت-قولى كىشەنلىنىپ ، ياۋۇزلارچە قاتتىق قىيناشتىن روھىي يېمىرىلىپ ، ئادەتتىكى ئادەم ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان دەھشەتلىك سوراقتىن كېيىن ، ئۆلۈم خېتىگە قولىنى قويۇپ ، ئاجىز تېنىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن .
بىراق نېې شۇبىڭنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىپ بەرگەن ئەمەلدارلار ئويلاپ كۆرمىگەنكى ، تېخى نىې شۇبىڭنىڭ جەسىدى سوۋۇماي تۇرۇپلا ھەقىقى قاتىل تورغا چۈشۈپ ، پۈتۇن دېلونىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ئاشكارىلانغان .
قائىدە بويىچە ھەقىقى قاتىل تورغا چۈشكەندىن كېيىن ، ئەسلىدە نېې شۇبىڭگە ھەققانىيەت بېرىلىشى كېرەك ئىدى ، بىراق نېې شۇبىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناھەقچىلىك ئاقلانغاندىن كېيىنكى ھال سوراش دېگەننى كۆرمىدى ، ئاقلاش خېتىنىمۇ كۆرمىدى . ئۇلارنىڭ كۈتكىنى پەقەت بارلىق ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ، ئۆلۈكتەك سۈكۈت قىلىشى بولدى . مەيلى ئۇلار ئۆلكە ، شەھەر ، ناھىيەلەردىكى ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا قاترىسۇن ، ئۇلارنىڭ ئايىقى تېشىلگەن ۋە ئاغزى ئۇپرىسۇن ، مەيلى ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان كۆز ياشلىرى قۇرۇپ كەتكەن بىر جۈپ كۆزلىرىدە چاقنىغان كىچىككىنە ئۈمىد نۇرى ئۆچۈپ قالسۇن ، نېې شۇبىڭنى ناھەق ئۆلتۈرگەن ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا سوغۇق نەزىرىدە باقماقتا ، ئەمىلى يەنىلا ئۆسمەكتە ، يېنىنى ئوخشاشلا توملىماقتا ... ...
يەنە بىرسى نېې شۇبىڭ بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىغان ، جازا مەيدانىغا ئاپىرىلغاندا تېخى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن موڭغۇل ياش خو گې جىلتۇ
1996-يىلى4-ئاينىڭ بىر ئاخشىمى ، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن خوگې جىلتۇ زاۋۇت سىرتىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدا ھاجەت قىلىۋېتىپ ئاياللار ھاجەتخانىسدىن چىقىۋاتقان ئۆز ئارا ئېلىشىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ قېلىپ ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان . ئۇ ساقچىلارنى نەق مەيدانغا باشلاپ كەلگەندە كۆرگىنى ، ئاياق-ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئايالنىڭ جەسىتى بولغان . شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ، ساقچى تەرەپنىڭ گۇمانى نەزىرى چىرايىدىن مەسۈملىك چىقىپ تۇرغان بۇ يىگىتكە چۈشكەن . "j-
ئۇنىڭ كەينىدىنلا يۈز بەرگەن ئىشلار پۈتۈنلەي نېې شۇبىڭ ھەتتا جاۋ زوخەي بىلەن ئوخشاشلا بولغان ، تىل ۋە يېزىق بىلەن تەسۋىرلەشكىمۇ تەس قىيىن-قىستاق ، فاشىستلارچە قاتتىق سوراق باشلانغان ... ...
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، ئادەم سىياقى قالمىغان خوگې جىلتۇ ئاخىرى ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىقرارنامىسىنى يازغان ھەمدە ئۆلۈم خېتىگە قول قويغان .
دېلو يۈز بېرىپ 61 كۈندىن كېيىن ، كوكخۇت شەھەر ئەتراپىدىكى جازا مەيدانىغا ئاپىرىلىپ ، بىر پاي ئوق بىلەن ئۇنىڭ مىڭىسى پارە-پارە قىلىپ تاشلانغان ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ يۈرىكى پارە- پارە قىلىپ تاشلانغان ...
تەڭرىنىڭ كۆزى باركەن ، 2006-يىلى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ، تەلۋە قاتىل دەپ داڭقى چىققان جاۋ جېخوڭ تورغا چۈشىدۇ ، ئۇ قولغا چۈشكەندىن كېيىن تاپشۇرغان بىرىنچى قېتىملىق سادىر قىلغان دېلوسى دەل 10 يىل بۇرۇنقى ھاجەتخانىدا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى بولۇپ چىقىدۇ .
سوراق مەيدانىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى دەرھال ئاخبارات تارقىتىپ ، جاۋ جېخوڭنىڭ 10 يىل ئىچىدە 26 قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ، 11 نەپەر ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىدەك قەبىھ قىلمىشىنى تەپسىلى ئاشكارىلايدۇ . دەل مۇشۇ خەۋەر ھېلىقى خوگې جىلتۇنى جازا مەيدانىغا ئىتتەرگەندىن كېيىن ئاللىبۇرۇن مەنسىۋى ئۆسكەن ئەرباپلارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەۋلىيالار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىپ ، يارلىق چۈشۈرىدىغان غوجاملارغا ئايلىنىپ بولغان . [V!
جاۋ جېخوڭنىڭ ھەممە ئىشنى قەستەن ئۆزىگە ئارتىۋالغان ياكى ئارتىۋالمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، دېلو بېجىرگۈچى ئورۇن دەرھال 1996-يىلقى ھېلىقى دېلو ئۈستىدە قايتا-قايتا سوراق قىلغان . جاۋ جېخوڭ بولسا N قېتىملىق ئوخشاش سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن دېلو بېجىرگۈ- چىلەرگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ : سىلەر ئەينى يىلى ئادەمنى خاتا ئۆلتۈردۈڭلار ، ئۇ ئىشنى مەن قىلغان ، ئىشەنمىسەڭلار مەن سىلەرنى باشلاپ بېرىپ نەق مەيداننى تونۇپ بېرىمەن ، دېگەن . Wf ئون يىل دېگەن قىسقا ۋاقىت ئەمەس ، ئەڭ بولمىدى دېگەندە ئەينى يىلى دېلو سادىر بولغان نەق مەيدان ئاللىقاچان ئاھالىلار ئولتۇراق رايونىغا ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن . لېكىن جاۋ جېخوڭ ئەينى يىلدىكى ھاجەتخانىنىڭ ئورنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ، قانداق قۇرۇلمىلىق ئىكەنلىكىنى قىينالمايلا كۆرسىتىپ بەرگەن ۋە ئېيتىپ بەرگەن ... ...
جاۋ جېخوڭنىڭ ئىقرارى بىلەن خوگې جىلتۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئوغلىنى ئاقلاشنىڭ ئۈمىدىنى كۆرگەندەك بولغان !
ئەپسۇسلىنارلىقى ، دېلو بېجىرگۈچى ئورۇن مەزكۈر دېلوغا ئوخشاشلا كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ھەمدە سوتقا جاۋ جېخوڭنىڭ 10 يىل ئىچىدە 25 قېتىم باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ، 10 نەپەر ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىلىقلا ئەيىپنامە سۇنغان ، بەزىلەرنىڭ مەنسەپ تاجىدىن قۇرۇق قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ھېلىقى 1996- يىلقى ھاجەتخانە دېلوسى قانداقتۇ مەقسەتلىك ھالدا يوشۇرۇلغان . -
تېخىمۇ قىزىق يېرى ، 2006-يىلى 11-ئايدا ، مەقسەتلىك ھالدا تېز سوتلاپ ، تېز ھۆكۈم چىقىرىپ ، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىغا قايتا قاراپ چىقىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن ئاۋال ، جاۋ جېخوڭنىڭ چاتاق تېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ، دېلونى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ، مەزكۈر دېلوغا ئالدىراپ-تېنەپلا سوت ئاچقان . دەل مۇشۇ چاغدا ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان جاۋ جېخوڭ بىر نەرسىنى سېزىپ قالغاندەك بىر پارچە تازىلىق قەغىزىگە «خۇن تۆلەش ئىلتىماسنامىسى» يېزىپ ، پۈتكۈل ئىشنىڭ جەريانىنى ئىنتايىن ئېنىق يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان .
شۇنىڭ بىلەن ئادالەتنى ياقلىغۇچىلار مەزكۈر دېلونى مەركىزى سىياسىي قانۇن كومېتىتى ۋە ئىككى مەھكىمىگە تېزدىن يوللاپ بەرگەنلىكتىن ، ئاغزى ئېتىۋېتىلمەكچى بولغان جاۋ جېخوڭ بۈگۈنگىچە ئامان قالغان . شۇنىڭدەك 70 تىن ئوشۇق داڭلىق سوتچى ، تەپتىش ئەمەلدارىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دەرھال ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىغا كىرىپ مەزكۈر دېلونى ئۈزۈل-كېسىل قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى باشلىۋەتكەن .
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ، پېقىر بۇ يازمىنى يېزىۋاتقان چاغدا ، خۇ گې جىلتۇنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى تېخىچە دېلودا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆرمىگەن ، ھەر ھەپتىدىكى مەھكىمە باشلىقى قوبۇل قىلىدىغان كۈنى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەھۋال ئۇقماقچى بولسىمۇ ، بىراق ئوخشاش باھانە بىلەن مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىلگەن ، ئۇلار ئامالسىز ئوغلىنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ ، قەبرىسىگە توپا يۆلەپ ، كۈجە كۆيدۈرۈپ ... ...
پېقىر ئىلگىرى-كېيىن خېبىي ئۆلكىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدىكى ئەدلىيە تار- ماقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ئىككى دېلونىڭ زادى قاچان ئاقلىنىدىغانلىقى ، ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى ئەرۋاھنىڭ قاتىل دېگەن نامىنىڭ ئارخىپتىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ ، ئۇلارنىڭ روھىنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ تەسكىن تېپىشى توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلدىم .
توۋا ، ھەر ئىككى ئورۇننىڭ جاۋابى ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەن : ئەينى يىللاردا دېلو بېجىرگەنلەرنىڭ ئەمىلى ئۆستى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات ئارىدا پېنسىيىگە چىقىدۇ ، يەنىلا كۈتۈپ تۇرساڭلار ...
... ... ...
كۈتۈپ تۇرۇڭلار ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار ، كۈتۈپ تۇرساڭلار ... ...j.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ كۆزى تېشىلگىچە كۈتەمدۇ ؟ تەلۋىلەرچە ئادەم ئۆلتۈرگەن ياۋۇزلار قېرىپ ئەجىلى يېتىپ ئۆلگىچە كۈتەمدۇ ؟ بىر مەيدان پانى ئالەمدىكى دەۋانى ئۇ دۇنياغا بارغىچە كۈتەمدۇ ؟ كەينىگە سۆرەپ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ، زىمىن تامامەن ئاپئاق پاكىزىلەنگىچە كۈتەمدۇ ... ...
پېقىر بۇ يازمىنى يېزىۋاتقاندا خوتۇنۇم كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا : يېزىپ نىمە قىلارسىز ، بىكار ئۆزىڭىزگە ئىش تېپىپ ، دېدى .
پېقىر كۆزۈمگە ياش ئالغان پېتى : مەن ئۆزۈمنى ئالىيجاناپ ۋە ئادىل ئادەم دېيەلمەيمەن ، لېكىن جاۋ زوخەي دېلوسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ، نېې ، خۇ ئىككەيلەن ئېسىمگە كەلسىلا ، بىر خىل ئازاپ يۈرىكىمنى مۇجۇپ ، دەرت-ئەلەمنى قەلبىمگە سىغدۇرالماي قاتتىق ئازاپقا چۈمىمەن !
گېپىمنى توختۇتاي ، ئايالىمنىڭمۇ كۆزىدىن ياش تۆكۈلدى ، پېقىرنىڭمۇ كۆزىدىن ياش ئاقماقتا ، سىرتتا تۈن پەردىسى تارتىلدى ، شامال چىقماقتا ، ئۇ يەر بۇ يەردە يۇلتۇزلار چاقنىماقتا ... ...
چېن گۋاڭ (سۇبھى) قەلىمىدىكى بۇ يازما 2010- يىل 5- ئاينىڭ 13- كۈنى سوخۇ تورى بلوگ سەھىپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى بېرىلگەن
مەنبە:مىسرانىم تورى
خەنزۇە مقالە مەنبەسى:http://chenguang084.blog.sohu.com/151390018.htmlenter]

پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



مۇشۇنداق مۆتىھەم كىشىلەر قانۇن تورىدىن نىمىشقا ساقلىنالايدۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پارول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-6 22:30

manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پارۇل ئەپەندىم، سىز يوللىغان بۇ فىلىم تېمىغا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
مۇنداق چوڭ دىلولار ھەل بولماي يۇرگەن يەردە مىنىڭ ئىشىم ھەل بولماسلىق ھەق ئوخشايدۇ، مەنمۇ 2 يىل بولدى سوتقا قاتراۋاتقىلى...ھەر ئىككى سوتتا يەڭگەن بولساممۇ مىنىڭ ئەرزىم ھەل بولمىدى، ئىجراغا ئىلتىماس قىلغىلىمۇ 1 يىل بوپ قاپتۇ..ھىچ بىر خەۋرى يوق...سويلەپمۇ ھېرىپ قالدىم، دوۋلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا شۇنداق يۇچۇق بارمىدۇ؟ سەۋەنلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلاردىمۇ ۋە ياكى بىز پوقرالاردىمۇ؟؟؟؟
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئەسەر ئەسلى راس بولغان ئىشكەنغۇ ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى ، دۇنيادا رەزىللىك بۇلا ئەمەس ، شۇڭا مەن دائىم دەيمەنغۇ يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز دەپ
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش پارول نىڭ يازمىسى

ئېۋۇ سولتەكنىڭ ئايالى ئىكەن بۇ تاياق يىگەن تۆت كۆز خۇتۇن ، بېكارلا شۇنچە ئۇرامدۇ ياخشىراق قارايدىغان بولساق كېچىدىن ئۆيگە كىرمىگەن ئېۋۇ خۇتۇنمۇ .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياق تېمىغا مۇناسىۋەتسىز مەنزىل ئەپەندىم .لىكىن شۇنچىلىك ئىش يۈز بەرگۈچە بىرەر ئادەمنىڭ كىلىپ توسۇپ قالمىغىنى ياكى ساقچىلارنىڭ كەلمىگەنلىكىگە ئەقلىم ھەيران .
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پارول يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 12:14
ياق تېمىغا مۇناسىۋەتسىز مەنزىل ئەپەندىم .لىكىن شۇنچىل ...

شۇ دىدىمغۇ سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ ................
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنچە ناھەق ئىشلارغىمۇ جاۋاپ بىرىدىغان ئادەم يوق ، نىمە دىگەن ھەيران قالارلىق ئىش بۇ ...؟ قانۇننىڭ ئادىللىغى ، قۇدرەتلىكلىگى نەگە كەتتى ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
kuk~bura * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
200  
ھالەت
يازما
1396 
تېما
164 
نادىر تېما
جۇغلانما
9124 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2010-7-28 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇرۇن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۆت چوڭ ناھەق ئەنزە دىگەن كىتابنى ئۇقۇغان ،بۇنداق ناھەق دىلولار ھازىرقى بۇ جەمىيىتىمىزدىمۇ ككپكەن ئەمەسمۇ؟

تاللاش شاللاش بولمىغان جەمىيەتتە ئىلگىرلەش بولمايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:24 , Processed in 0.147617 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.