ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ماقالە ۋە ئوبزور ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭ ...
كۆرۈش: 66|ئىنكاس: 7
go

ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ "كۈل قىز"

سانغۇن * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
19 
تېما
10 
نادىر تېما
جۇغلانما
87 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2010-12-27 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ "كۈل قىز" دەرسىنى ئۆتۈشى


ئامېرىكا نۇسخىسى: دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى، بالىلار سىنىپقا كىرىشتى، بۇ سائەتلىك دەرستە مۇئەللىم "كۈل قىز" دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى ئىدى. مۇئەللىم بىر بالىنى مۇنبەرگە چىقىپ كۈل قىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. بالا ناھايىتى تېزلىكتە سۆزلەپ بولدى، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن بالىلاردىن سوئال سوراشقا كىرىشتى.
مۇئەللىم: سىلەر بۇ ھېكايىدىكى كىمنى ياخشى كۆرىسىلەر، كىمنى ياقتۇرمايسىلەر؟ نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا (كۈلقىز) نى، يەنە شاھزادىنى ياخشى كۆرىمىز، كۈلقىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ھەدىلىرىنى ياقتۇرمايمىز. سىندىرېلا ئاقكۆڭۈل، سۆيۈملۈك، چىرايلىق. ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۆگەي ھەدىلىرى سىندىرېلاغا يامانلىق قىلىدۇ.
مۇئەللىم: ئەگەر يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا سىندىرېلا ئۆزىنىڭ كاۋا پەيتۇنىغا چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالسا، ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، قانداق ئىش يۈزبەرگەن بولاتتى؟
ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا بۇرۇنقى قاسماق ئەسكى كىيىملىك ھالىتىگە كېلىپ قالغان بولاتتى، ئۇنداق بولغاندا چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى-دە.
مۇئەللىم: شۇڭا، سىلەر چوقۇم ۋاقىتقا رېئايە قىلىدىغان ئادەم بولۇشۇڭلار كېرەك، ئۇنداق بولمىسا ئۆزۈڭلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا، قاراڭلار، سىلەر ئادەتتە چىرايلىق كىيىنىپ يۈرىسىلەر، شۇڭا ئۇشتۇمتۇتلا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ۋەيرانە ھالدا چىقىپ يۈرمەڭلار، بولمىسا دوستلىرىڭلار قورقۇپ كېتىدۇ. قىزلار، سىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، سىلەر چوڭ بولغاندا يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەگەر دىققەت قىلمىساڭلار، ئوغۇل دوستۇڭلارغا بەكمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالىسىلەر، ئۇلار قورققىنىدىن ھوشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن (مۇئەللىم ھوشىدىن كەتكەن ھالەتنى دورايدۇ)
مۇئەللىم: ئەمدى يەنە بىر سوئال، ئەگەر سىز سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسىڭىز، سىندىرېلانىڭ شاھزادىنىڭ تانسا كەچلىكىگە بېرىشىنى توسامتىڭىز؟ چوقۇم راست گەپنى قىلىشىڭلار كېرەك!
ئوقۇغۇچىلار: (بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدۇ) شۇنداق، ئەگەر مەن سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسام، ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى توسىغان بولاتتىم.
مۇئەللىم: نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچىلار: چۈنكى، مەن ئۆز قىزلىرىمنى سۆيىمەن، قىزىمنىڭ خانىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇئەللىم: شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز كۆرگەن ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى يامان ئادەمدەكلا، ئۇلار پەقەت باشقىلارغا ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆز بالىلىرىغا ناھايىتى ياخشى، بىلەنسىلەر، ئۇلار ئەسكى ئادەملەر ئەمەس، ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ بالىسىغا ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەلمەيدۇ.
مۇئەللىم: بالىلار، ئەمدىكى سوئال، سىندىرېلانى ئۆگەي ئانىسى شاھزادىنىڭ تانسىسىغا قاتناشقۇزمىغان ئىدى، نېمىشقا ئۇ يەنىلا بارالىدى، ھەتتا تانسىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز بولۇپ بارالىدى؟
ئوقۇغۇچىلار: ھۆر-پەرىلەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، ئۇنىڭغا چىرايلىق كىيىم بەردى، كاۋىنى پەيتۇنغا، ئىت بىلەن چاشقاننى چاكارغا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
مۇئەللىم: توغرا، ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭلار! سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلمىغان بولسا، ئۇ تانسىغا قاتنىشالمىغان بولاتتى، شۇنداقمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: شۇنداق!
مۇئەللىم: ئەگەر ئىت، چاشقان ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇ ئاخىرقى ۋاقىتتا ئۆيگە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلەرمىدى؟
ئوقۇغۇچىلار (كۈلۈشۈپ كېتىپ): ياق، ئۇنداق بولغىنىدا شاھزادىنى قورقۇتىۋەتكەن بولار ئىدى (يەنە ئومۇمىي كۈلكە).
مۇئەللىم: سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلىدۇ، بىراق، ھۆر-پەرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. شۇڭا، بالىلار، مەيلى قەيەرگە بارايلى، بىز دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز، بىزنىڭ دوستلىرىمىز ھۆر-پەرى بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئۇلارغا ئېھتىياجلىق، مەن سىلەرنىڭ نۇرغۇن دوستۇڭلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندە، يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، سىندىرېلا ئۆگەي ئانىسى يول قويمىغانلىقى ئۈچۈنلا شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىش پۇرسىتىدىن ۋازكەچكەن بولسا، ئۇ شاھزادىنىڭ جورىسى بولالىغان بولارمىدى؟
ئوقۇغۇچىلار: بولالمايتتى! ئۇنداق بولغىنىدا ئۇ تانسىغا بارالمايتتى، شاھزادىگە ئۇچرىمايتتى، تونۇشمايتتى ۋە شاھزادە ئۇنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالمايتتى.
مۇئەللىم: ناھايىتى توغرا! ئەگەر سىندىرېلا تانسىغا بېرىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئۇنى توسماي قوللىسىمۇ پايدىسى بولمايتتى، كىم ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى قارار قىلدى؟
ئوقۇغۇچىلار: ئۇنىڭ ئۆزى.
مۇئەللىم: شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار، سىندىرېلانىڭ غېمىنى يەيدىغان ئانىسى يوق، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، ئۆز غېمىنىمۇ قىلمىسا بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى قەدىرلىگىنى ئۈچۈن، ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئىزدىشى كېرەك. ئاراڭلاردىن بىركىم باشقىلارنى ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھېس قىلسا ياكى سىندىرېلادەك كۆيۈنمەيدىغان ئۆگەي ئاناڭلار بار بولسا، قانداق قىلاتتىڭلار؟ يەنە بىر گەپ، بۇ ھېكايىدە قانداق نامۇۋاپىق جاي بار؟
ئوقۇغۇچىلار: (سەل ئويلىنىپ) يېرىم كېچىدىن ئۆتسە ھەممە نەرسە ئەسلىگە قايتاتتى، ئەمما سىندىرېلانىڭ مەرمەر ئايىغى ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇئەللىم: پاھ، قالتىسكەنسىلەر! قاراڭلار، مۇشۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭمۇ خاتالىق سادىر قىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، شۇڭا، خاتالىشىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاراڭلاردىن كەلگۈسىدە يازغۇچىلار چىقسا، بۇ يازغۇچىدىنمۇ قالتىس بولۇپ چىقىدۇ! ئىشىنەمسىلەر؟ (بالىلار چۇقىرىشىپ ئاۋاز قوشىدۇ).
مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاددىي بىر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سائەتلىك تېكىست ئوقۇش دەرسى. بىز قانچە يېشىمىزدا مۇشۇنچە تەپەككۇر قىلالىغان بولغىيتتۇق-ھە؟

بۇ دەرسنىڭ جۇڭگوچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىردى.
مۇئەللىم: بۈگۈنكى دەرستە بىز "كۈلقىز" دېگەن دەرسنى ئۆتىمىز. كۆپچىلىك ئالدىن ئۆگىنىپ كەلدىڭلەرمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: ھېكايىنىمۇ ئالدىن تەكرار قىلىدىغان گەپمۇ؟
مۇئەللىم: "كۈلقىز" گىرىمنىڭ چۆچىكىمۇ ياكى ئاندېرسوننىڭمۇ؟ ئاپتورى كىم؟ قاچان تۇغۇلغان؟ ئاپتورنىڭ ھايات پائالىيىتى قانداق؟
ئوقۇغۇچىلار: ھەممىسى كىتابتا بارغۇ، ئۆزىڭىز ئوقۇيالمامسىز؟
مۇئەللىم: بۇ ھېكايىنىڭ زور ئەھمىيىتى نېمە؟
ئوقۇغۇچى: ھە، مانا بۇ ئىمتىھاندا چىقىدىغان يېرى.
مۇئەللىم: ياخشى، دەرس سۆزلەشنى باشلايمىز، كىم بۇ ھېكايىنى ئابزاسلارغا بۆلۈپ باقىدۇ ھەم ئابزاسقا بۆلۈشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچى: بېشى بىلەن ئاخىرى بىردىن ئابزاس، ئوتتۇرىسى يەنە بىر ئابزاس بولۇپ جەمئىي...
مۇئەللىم: دەرسنى باشلايمىز، ساۋاقداشلار دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار.
ئوقۇغۇچىلار: دەرس باشلانغىنىغا خېلى بولدىغۇ...
مۇئەللىم: ئەمدى مۇنۇ جۈملىگە دىققەت قىلىڭلار... بۇ قانداق جۈملە، ئاپتور نېمىشقا مۇشۇنداق يازغان؟
ئوقۇغۇچىلار (بىرمۇنچىسى ئۇيقۇغا كىرىشىپ كېتىدۇ)
مۇئەللىم: كۆپچىلىك مۇنۇ سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، بۇنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرساق، نېمىشقا يازغۇچىنىڭ يازغىنىدەك ياخشى چىقمايدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: (يەنە ن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ)
مۇئەللىم: كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمۇ يوق، بۇ جۈملىدىكى ئاۋۇ ئىككى سۆزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلسا بولامدۇ بولمامدۇ، نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچىلار: مەن يا سىز بولمىسام، قانداقسىگە دىققەت قىلاتتىم؟ (يەنە ن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ...)
مۇئەللىم: نېمىشقا بۇنچە كۆپ بالا ئۇخلايدۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ياخشى ئوقۇمىساڭلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىلەر، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەڭلەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيسىلەر، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭلەر ... كەلگۈسىدە كوچا تازىلاشقىمۇ يارىمايسىلەر... سىلەر بۇ ئادەم بولۇش قائىدىسىنى بىلىشىڭلار كېرەك.
بىز سورايمىزكى: ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە قانداق بولماقچىدى؟
ئابدىلىم ئابدۇرېھىم تەرجىمە قىلدى
مەنبە:ساياھەتنامە تور خاتىرىسىدىن ئۇيغۇر لاتىن يېزىغىدىن يېزىق ئالماشتۇرۇلدى

بۇ ماقالە بىىلىش بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://oylinix.blogbus.com/logs/73544773.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سانغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-4 21:09

پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چەتئەل مائارىپى بىلەن دۆلىتىمىز مائارىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئايرىپ بىرىپتۇ ھە . دىمىسىمۇ شۇنداققۇ..
vmvtjan * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
111 
تېما
12 
نادىر تېما
جۇغلانما
344 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-7 

ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بۇ، جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيىتى...
ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى تەپەككۇرنىڭ بولغىنىدا دەيمىزۇ... لىكىن تەپەككۇرنى ئاچماقتا يوق، ئۇنى بۇغىمىز.
سۆزلىسەك گەپ جىق...
hokumran * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
15 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
68 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2010-12-21 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-9 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 23:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مائارىپىمىزدىكى زور پەرق . دۆلىتىمىز مائارىپىدا ئىنتاھان نەتىجىسى بىلەن دېپلومنى ئاساس قىلىدۇ . چەتئەل مائارىپىدا بولسا ئەمىلى ئىقتىدارنى ئاساس قىلىدۇ .
ھاياتنىڭ ئۈزى بىر تۈگىمەس ناخشا .
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 02:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇددى كۈل قىز كارتون فىلىمىنى كۆرگەندەكلا بولدۇم ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى مۇشۇ ئوي پىكىرلىك دەرس مەزمۇنى بىلەن ئەينەن تەسىرلىنىپتۇ ، ياپۇنىيەدە ھازىر بالىلار پىيادە مەكتەپكە بېرىپ پىيادە قايتىپ ئوقۇيدۇ بەلكىم بۇلارنىڭ سەۋەبى بۇلۇشى مۇمكىن .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
yultuz * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
355  
ھالەت
يازما
723 
تېما
35 
نادىر تېما
جۇغلانما
5407 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 12:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مائارىپمىز شۇنچىلا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانمىدۇ ، مەن ئامرىكلىق بىر يازغۇچىنىڭ جۇڭگۈ مائارىپى بۇلۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ مائارىپى توغىرسىدا يازغان بىر ماقالسىنى ئۇقۇغان .خۇددى مۇشۇنىڭدەك زور روشەن سېلىشتۇرما .
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت !
جەمشىد * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
18 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
53 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 13:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان ‹‹بۈيۈك›› جۇمھۇرىيەتتىن نېمىشقا نوبىل مۇكاپاتى ئالغۇدەك بىر ئادەم چىقماسىلىقىنىڭ سەۋەبى. يەنە بىر مىليارد يۈز مىليون نوپۇستىن نېمىشقا پۇتبولنى راۋۇرۇس تېپەلىگۈدەك 11 ئادەم چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبى. ما بىزنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىچىلىك كەلمەيدىغان كورىيەگە 3:0 ئۇتتۇرىۋېتىشىنىڭ سەۋەبى. نېمىشقا؟ بۇنداق مائارىپتا تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانلاردا 100 نى قاتۇرىۋەتكەن بىلەن ئەمەلىيەتكە كەلگەندە پوقنى ئارىدىن ئىككى قىلالمايدۇ.....
ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان!
Retsar * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
2  
ھالەت
يازما
55 
تېما
18 
نادىر تېما
جۇغلانما
162 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-6 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئۆزۈم چالا ساۋات بول غېنىم بىلەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن ۋەبەزىدە پۇرسەت بولسا شۇنداق لار بىلەن ھەم سۆھبەتتىمۇ بولۇپ قالىمەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ 2009- يىلى ئۈرمچىدە دوسلار ئارا بولغان بېر سۆھبەتت يادېمغا كىلىپ قالدى شۇۋاقىت بەلكىم ئوقۇت قۇچىلارنىڭ يېڭى دەرىسلىك بويىچە دەرېس ئوتۇش مۇسابېقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ۋاقىت بولسا كېرەك تازا يادېمدا يوق شۇبېركۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسې جايلىرىدېن كەلگەن ئەدەبىيات مۇئەللىملىرىگە دەستېرخان سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ قالدىم شۇ دەستېرخاندا مۇندان بېر سۆھبەت بولغان ئىدى
بورە بىلەن قوزىچاق دېگەن مەسەلنى ئوتۇش توغرىسىدا مەلۇم يۇرتتىن بېر ئوقۇت قۇچى بۇ دەرېسنى ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلاردېن سوئال سوراش جەريانىدا مۇنداق سوئال تاشلانغان .‹‹ساۋاقداشلار سېلەر چوڭ بولغاندا بورە بولامسېلەر ياكى قوزىچاقمۇ ›› ئوقۇغۇچىلار بېردەك قوزىچاق بولىمىزدەپ جاۋاپ بەرگەن ئارىدېن بېر ئوقۇغۇچى مەن قوزىچاق بولمايمەن بورە بولىمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن بۇۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى نىمە ئۈچۈن دەپ سورىغان ئۇقۇغۇچى چۈنكى بورە خالىغان يەردېن سۇ ئىچەلەيدۇ خالىسا قوزىچاقنىمۇ مەزەقىلىپ يەپ سۇ ئىچىپ راھەت لىنىدۇ ، ئەگەر مەن بورە بولسام قوزىچاققا توھمەت ئىزدەپ كۆپ سۆزلىمىگەن بولاتتىم ۋە ۋاقىتنى زايە قىلماي ئىشىمنى تۈگۈتكەن بولاتتىم دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن ئوقۇت قۇچى بۇ بالىنى ئىلھاملاندۇرۇپ چوقۇم بورىدەك قەيسەر بولغېن ساڭا ئاپىرىن دەپ ئوقۇغۇچىنى بېرقاتار مەدھىلىگەن ئىكەن
دەرېس تۇگەپ ئوقۇتقۇچىلارنى باھالىغاندا بۇ ئوقۇت قۇچى اس قاپتىكەن جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالغېلى بۇغۇ مېنىڭ ئاڭلىغېنىڭ كېيىن ئويلاپ قالدېم بېز مائارىپىمىزدا بالىرىمىزنى قوزىچاقتەك رائىش بولۇشقا ئئەدەپلىك بولۇشقا ئۇندەيمىز بېراق بورىدەك جەسۇر بولۇشقا ئانچە دەۋات قىلمايمىز مېنىڭچە بۇ بېزنىڭ ئاجىزلىقىمىز بولسا كېرەك
يەنە يىقىندا بېر ياغزغۇچى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ مۇنداق بېر سۆزنى ئاڭلاپ قالدېم ئاڭلاپ ئىچىم بەك ئاچچىق بولدى راستىمنى دېسەم نەچچەكۈن بىئارام بولدۇم ‹‹ بۇرۇن ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ئوقنى ئالدېغا قانداق تەككۈزگەن بولسا ئارقىغىمۇ شۇنداق دەل تەككۈزىدۇ ››دەپ تەرىپلىشەتتىكەن بېراق ھازىر ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ئالداغا قانداق ئېگېلگەن بولسا ئارقىغېمۇ شۇنداق ئېگېلىدېغان بولدى دەپ يېزېپتۇ بېرسى بەلكىم بۇ مۇتلەق ئەمەس شۇنداق تىمۇ ئەقىل ئېگېسى بولغان بېر ئۇيغۇر ئەركەك ئۈچۈ ھاقارەت ئەلۋەتتە ..............................
بىلىملىك ئەزېز قېرىنداشلىرىم ئارىسېدا بىلەرمەنلىك قىلىپ جولۇپ قالدېم ئەيىپكە بۇيرىمىغاي سېلەر
ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:23 , Processed in 0.239725 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.