ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر مەشھۇر شەخىسلەر مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئس ...
كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 13
go

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئسپات)

پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 20:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئسپات)




بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ كومتېتى 2008- يىلىنى مەخمۇت كاشغەرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەرخىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

11-ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۈنۋېرستىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پىروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەك كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت كاشغەرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەخمۇت كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:«تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى قاراىانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار.بىرىنچىسى بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە مەشھۇر تارىخچى بارتولد، زەكى ۋەلىدى توغان.تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇلار ئەرەبچە :ھۇدۇد –ئىل ئالەم، ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تاينىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ كىتابتا ياغمالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان.:قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.توققۇز ئوغۇز كىم؟ قەدىقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز دەپ قەيىت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن. يەنە ، «مۇجىمەلىت تەۋارىخ»ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:ياغمىلارنىڭ پادىشاھىغا بۇغراخان دەيدۇ. دېمەككى خاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر.ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر.يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر. مەھمۇت كاشغەرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا مەخمۇت كاشغىرىمۇ ئۇيغۇردۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم مەخمۇت كاشغەرى ئەسىرىدە قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى يازمىغان.

ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇقۇمى

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « بۇ مەلۈماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇھىم. 1920- يىللاردا غەربى يۇرتىكى خەلققە ئۇيغۇر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇر ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ئۇيغۇر دەيمىز، ئەمما مەخمۇت كاشغەرى بۇلارنى ئۇيغۇر دېمەيتى.ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى.مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 70پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيش مۇمكىن، ھازىر ھەممىسى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدۇ.دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇ.».




مەنبە : ئىزلا تورى


پارول بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پارول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-4 20:13

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
admin + 2

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 2 باھا خاتىرىسى

kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 20:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغا كاشىغەرى ،دەپ يىزىپ قويمىغان بولسا ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەھمۇت قەشقىرنى ، تۈركىيەلىك دەۋالىتى ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
سانغۇن * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
19 
تېما
10 
نادىر تېما
جۇغلانما
87 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2010-12-27 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 20:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر .بۇ ھېچقانداق ئىسپات ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.قالغان سۆزلەرنڭ ھەممىسى ئىغۋا.بۇنىڭدىن قەتئى گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 20:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىز توغرىسىدا ھەقىقەتەن تالاش -تارتىش كوپ بۇلىنىۋاتىدۇ...ئەلشىر ناۋايىنىمۇ قازاقىستاندا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ ئاخىرى قازاق مىللىتى دەپ ئىتراپ قىلىشتى....ئۇلۇغ ئەدىىپلەرنى ھەممە مىللەت تالاشقۇسى كىلىدىكەن...بىز ئويغۇر مىللىتى مۇشۇنداق ئالىملىرىمىز، تەپەككۇرلىرىمىز ئوستىدە ئىزدەنمىسەك كۇنلەرنىڭ بىرىدە بەلكىم خەق بىزدەك ئاددى كىشلەرنىمۇ سەن ئويغۇر ئەمەس دەپ ئىتراپ قىلماسلىقى مۇمكىن
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
جەمشىد * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
18 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
53 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇلارنى تالاشقىچە ئاپاق غوجا دېگەن مەلئۇننى تالاشقان بولسىچۇ؟ ئىككى قوللاپ، ئۈستەك بىلەن بېرەر ئىدۇق. ئالىمنىڭ ئىسمى مەھمۇد ئىستانبۇل، مەھمۇد خارەزم، مەھمۇد ئىزمىر، مەھمۇد ئالمۇتا.... ئەمەس بەلكى مەھمۇد قەشقەرى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىسپات.
ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان!
جەمشىد * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
18 
تېما
نادىر تېما
جۇغلانما
53 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-10 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا. تېمىدا دېيىلگەن تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار قۇرغان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ خەرىتىسى.
ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان!
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جەمشىد يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:09
مانا. تېمىدا دېيىلگەن تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلا ...

قارىغاندا سىزنىڭ تارىخى بىلىمىلىرىڭىز خېلى مول ئىكەن جۇمۇ...
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
پارول * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
9  
ھالەت
يازما
69 
تېما
23 
نادىر تېما
جۇغلانما
234 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2011-1-4 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جەمىشىت ئەپەندى : تېمىنى تېخىمۇ مول ئىلمى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز . كەم يەرلىرى بولسا مۇشۇنداق تەڭ ئورتاقلىشايلى !
vmvtjan * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
111 
تېما
12 
نادىر تېما
جۇغلانما
344 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-7 

ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 22:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
« شەرق خەلقلىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئەىسىردىكى مەدىنىيەت تارىخىدا ئويغۇر خەلقىنىڭ سۈيۈملۈك پەرزەنتى، تۈركى خەلقلەردە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسىلوغەت شەكىلدىكى قامۇسى ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇت ئىبنۇل ھۈسەيىن ئىبىن مۇھەممىدىل قەشقەرى شۆھرەتلىك ئۇرۇن تۇتقان.
مەھمۇت قەشقەرى قارا خانلارنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن ھىساپلىغاندا 7- ئەۋلات خاقانىي يۈسۈپ قېدىرخاننىڭ چەۋرىسى ھۈسھيىن ئىبىن مۇھەممەد،ئىبىن سۇلايمان ئىبىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادىغا توغرا كىلىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر-قەلئە ئوپالدا دۇنياغا كەلگەن»
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىكۇچاتەڭگىسى يىغىش سەۋەبى
kuqa-ohli + 5 ئىنتايىن ياخشى چۇشەند.

ھەممە باھا نومۇرى : كۇچاتەڭگىسى + 5 باھا خاتىرىسى

hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 02:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دېمىسىمۇ مەخمۇت كاشغەرى ئەلۋەتتە ئويغۇردە بۇنىڭغا غەيرى نوقسانلارنى ئويغىلى تۇردىمۇ ئەمدى .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:30 , Processed in 0.152315 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.