ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ماقالە ۋە ئوبزور ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشل ...
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 4
go

ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

akikat * توردا يوق

Rank: 2Rank: 2

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
28 
تېما
26 
نادىر تېما
جۇغلانما
169 
ھوقۇق
20 
تىزىملاش
2010-9-16 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-1 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 19:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى



ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا يېزىلغان ئوت يۈرۈك شائېرىمىز «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» نىڭ :
باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
دېگەن شېئىر يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە 60 يىللىق بۇزۇقچىلىق قوشۇلدى. قالغىنىنى دىيارىمىز قىسمەتلىرىنىڭ بەدەلچىلىرى بولغان ھەر بىرىمىز ئوبدان بىلىمىز.
قايسى بىر توردىشىمىزنىڭ ئوخشاتقىنىدەك ئۇيغۇر ھازىر بەئەينى يۈرىكى ئۆپكىسى جىگىرى بۆرىكى قاتارلىق ھەممە ئەزالىرى ئاغرىپ نىمجان بولۇپ ياتقان بىمارغا ئوخشايدۇ.
خوش، كېسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلدۇق. ئەمما ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئوپېراتسىيە قىلىدىغان يۇقىرىدىكىلىرىمىز ۋە باشلىقلىرىمىز ئۆزىنى بىزگە شۇ دەرىجىدە تونۇتۇپ بولدىكى ئۇلارغا ھەممىمىز باھا بېرەلەيمىز.
ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇنىڭغا جاۋاب شۇكى: ئۆلدۇق دەپ بەل قويىۋەتتۇقما ئېنىق ئۆلىمىز. بىر كېسەلنىڭ ھاياتقا ئىشەنچى قالىمىسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈم ئېغىزىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.
بۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ دورىسى پەقەت ئۆزىمىزدىلاكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك دورىدۇر.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تىزىپ چىققان دورىلار ئۈستىدە توختىلاي. (ئەلۋەتتە ھەممە مۇكەممەل بولمىغىنىدەك مېنىڭ بايقىشىمدىمۇ خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن ئەگەر راست شۇنداق بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك ۋە تۈزەتسەك…)
بىز ھازىر جىددىي مۇئامىلىدە بىر چوڭ ۋاكسىنا ۋە بەش چوڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
(بىز ئەلمىساقتىن ئېتقاتلىق بولۇپ كەلگەن. ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەرىكەت ھەر-زامان ھەر-ماكان غەلىبىلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال ئاللاھ تىن ئۆزىمىزگە پاناھلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىشلىرىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ ، ئاندىن بىسمىللا دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەرىكەتكە تۇتۇنۇشىمىز كېرەك.)
ۋاكسىنا : بىخۇتلۇقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىمىز. جەمئىيەتتىكى جىددىي مەسىلىگە جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز كېرەك.
بىر كېسەل ئۆزىدىكى كېسەلگە ‹ساقىيىپ كېتەر› ياكى ‹بىر گەپ بولار› دەپ سەل قارىسا ئۇ ئېنىق ئېغىرلىشىدۇ.
جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇپ قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە قاراملىق قىلمايمىز. ئىشنى يوللۇق قىلىمىز. قىلماقچى بولغان چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلايمىز. مەسىلەن: مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى تورداشلارغا سۇنۇشۇممۇ چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ئىشىم. بۇ تېمىنى يەنىمۇ كۆپ ئادەمگە تەۋسىيە قىلىش سىزنىڭ قىلالايدىغان كىچىك ئىشىڭىز. ئەنە شۇنداق <كىچىك>لەر يىغىلىپ غايەت زور كۆچ ھاسىل قىلالايدىغىنىغا مەن چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
ۋاكسىنىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم ئەمدى ئالتە دورىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دورىنى جايى جايىدا ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 5 چوڭ دورىمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى: روھى دورا . ئىككىنچىسى: جىسمانىي دورا
بىز بىرىنچى باسقۇچتا روھى دورىنى يېيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەم روھىنى ساقايتمىسا جىسمىنى ساقايتىش خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.
1. دورا- ئۆزىنى سۆيۈش : (روھى دورا)
ئۆزىدىن بىزار بولۇش چۈشكۈنلۈشۈش خىيالىدا ھەرگىز بولماسلىق.
چۈنكى: چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلاشقانسىرى ئىشەنچ يوقىلىشقا باشلايدۇ ئاخىر ئادەم ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.(شۇنچە ۋاقىت باشقىلار بىلەن تەڭ-يېتىپ تەڭ قوپۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ باشقىلار داغدام يولدا ماڭسا بىز سىم تاناپنىڭ مىخنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىدۇق. ئاللاھ بۇيرۇسا ئىرادە قىلساقلا قىيامەتكىچىمۇ ئۇلىشالايمىز.)بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك تەسىراتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلماسلىق. بىلسىڭىز بۇ بىر چوڭ جىنايەت. كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. «بىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق. مۇنداق بولۇپ كەتتۇق.» باش تېمىسىدىكى يازمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
2. ئۆزىنى قەدىرلەش :
مەدەنىيەت ۋە تىل يېزىق مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ئۆزىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىيالىغانلىقىمىز بىلەن باراۋەر. ئۆزىنى ساقلاش مەسىلىسىدە بىلىدىغانلىرىمىز بىلمەيدىغانلىرىمىزنى يېتەكلىشىمىز. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر قىلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ھەممىمىز «مودا»غا كەتكەن كاللىمىزنى «مەدەنىيەت»كە ئاتىغان بولساق بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. سىزنىڭ مۇدىغا چاپلاشقان ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر بىر ئېغىز گېپىڭىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەتنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلغىنىڭىز بولۇپ بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنىسىز.
3. ئۈمۈدۋار بولۇش :
كەلگۈسىگە يۈكسەك ئۈمىد بىلەن قارىشىمىز كېرەككى ھەرگىز بەل قويۇشقا بولمايدۇ. سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزدىڭىز دېمەك ئۇنى يەنە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
«ھاياتلىق گوياكى ئەينەك، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ» دېگەن ماقال تەمسىل بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ غەلىبىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۇپ بولغان.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق دورا جىسمانىي دورا.
4. قاتتىق تىرىشىش :
پۈتۈن كۈچ بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە ئاتلىنىش كېرەككى بۇ جەھەتتە ھەرقانداق بانا سەۋەبنىڭ كۆتىگە تېپىۋېتىشىمىز كېرەك. بىلىمسىزلىك قانچە ئېغىر بولسا بوزەك بولۇش شۇنچە ئېغىرلايدۇ.
بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسا ئومۇمىي گەۋدە كۈچىيىدۇ. بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئالىملىرىمىز بىزگە بۇنى توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى چۈشىنىپ يىتىش كېرەككى بىزنىڭ يەنە ئەزمىمىزنىڭ ئېزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈشكە يولىمىز قالمىدى.
5. ئۆز-ئارا يېتەكلەش :
مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايۋاتقانلارنى، تېرىشىۋاتقانلار تېرىشمايۋاتقانلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئۆزىنىڭ غەلىبە قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش.
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تەرەققىي قىلىپ بولغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. ئۇلار «ساغلام» كىشى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئومۇمىي گەۋدىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەككى بېخىللىق بىلەن تەجرىبە ساۋاق ئىلىمىمىزنى باشقىلاردىن ئاياشقا بولمايدۇ. ئېقتىسادى قىممەت يارىتشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتسەك ئەپلەشمەس.
ئومۇمەن ئالدىدىكىلەر ئارقىدىكىلەرنى، ئارقىدىكىلەر يەنىمۇ ئارقىدىكىلەرنى يېتەكلەپ ماڭسا بىرلىكتە ئىلگىرىلىسە چوقۇم بىزدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

يۇقىرىقى ئىشلار ھەممىسى بىر ئىنسان بولغۇچى قىلالايدىغان ئىشلار. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ھەممىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى بىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق. يەنى ئارتۇق ئەمەس ئۆزىمىزنىلا قۇتقۇزساق. ئەگەر راستىنىلا ھەممىمىز شۇنداق قىلساق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەختكە ئېرىشىشىمىزدە ئۈمىد زور. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىزدە. ئەلۋەتتە ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بۇ ساننى كۆپەيتەلەيمىز. قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا يولدا كەڭ تەشۋىق قىلىش. ئۆزلەشتۈرگەنلىرىمىز ئەتراپتىكىلەرگە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تەسىر قىلىش ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا ئۈمىدىم ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !



بۇ مەزمۇن تەرمىلەر تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى مەزمۇن ئادرىسى : http://www.tarmilar.com/Mazmun.asp?id=48
kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 19:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بىزدە بىخۇتلۇق كېسىلى ،ئۆزىنى تۆۋەن كۈرۈش ئىديەسى ،تىرىشماسلىق ، قانائەتچان ،باشقا مىللەتلەردىن تەبىلا قورقىدىغان ،ھالەت شەكىللىنىپ قالدى ، بۇنىڭ سەۋەبى بەزىدە سىياسەتنىڭ ، جەميەتنىڭ ،چەكلىمىسى بولسىمۇ كۆپرەگى ئۆزىمىزدە بۇلۇپ قالدى ،بىزدىكى بىلىمسىزلىك ، بىلىملىكلەردىكى قورقۇنچاقلىق ،رايىشلىق ،ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇۋېلىش ،بىلسىمۇ بىلمەسكە ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋېلىش ،شەخسى مەنپەتكە ھەدىدىن زىيادە كۈڭۈل بۈلۈش ،مىللەتكە ۋە مىللەتنىڭ تەغدىرىگە كۈڭۈل بۆلمەسلىك ،خائىشلىرى كۆپىيىپ ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى ئۆزىمىز خۈنۈكلەشتۈرۈپ ، قىممىتىمىزنى ئۆزىمىز يوقۇتۇپ ، باشقىلاردىن ئاغرىىنپ يۈردۇق ،مۇشۇ كېسەللىگىمىزگە ئۈنۈملۈك دورا ،ياكى يىلتىزىدىن كىسىۋېتىشكە ئوپراتسىيە لازىم بۇلىۋاتىدۇ ،بۇ كېسەلنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كىتىدۇ ،شۇنداقتىمۇ ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ ، بۇ كېسەلدىن مەندە قانچىلىك باركەن ، قانداق تۈزەتسەم بولغۇدەك دەپ ، مىللىتىمىزنى ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىزنى ئويلىغان ئاساستا باش قاتۇرۇپ باقايلى ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
hanka * توردا بار

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
11  
ھالەت
يازما
500 
تېما
67 
نادىر تېما
جۇغلانما
1450 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2010-10-30 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13 

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 05:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
kaplan يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 19:31
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بىزدە بىخۇتلۇق كېسىلى ،ئۆزىنى ت ...

سۆزلىرىڭىزگە قايىلمەن ، دېمىسىمۇ ھەممە كىشى شۇلارنى ئويلاپ باقسا بولىدۇ .
يىللار زوراۋان ھايات ئىنتايىن شەپقەتسىز .............
kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قېرىنداشلىرىم شۇنچە ئويلانغۇدەك ، مۇنازىرە قىلغۇدەك ، كەلگۈسىمىز ئۈستىدە باش قاتۇرغۇدەك مەسىلە تەكىتلەنگەن بۇ تىمىنى زىيارەت قىلدىغانلار، ئۆزارا مۇنازىقىلشىدىغانلار قېنى ھەيرانمەن ھەي...؟
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
yultuz * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
355  
ھالەت
يازما
723 
تېما
35 
نادىر تېما
جۇغلانما
5407 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-11 

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاۋال ئادەم ئۆزىدىن باشلاش كېرەك ، ئارتىسلارمۇ تېلۋىزوردا ئېلاننى سۈكۈپ ئىتوت ئويناپ خەقنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى تاس قالدى ئىچ كىيىمنىڭمۇ ئېلانىغا چىققىلى ، دوختۇرلانى ئاق خالاتلىق پەرىشتە دىدۇق ئەمما مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇغان بىرق ىسىم قارا قورساقلار نەچچە ئادەمنىڭ جرنىغا زامىن بولدى ، ئۇقۇتقۇچى نۇرلۇق چىراق دىدۇق ، قاراڭغۇ غەپلەت باسقان دىلنى يۇرۇتالمىدۇق ، ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى دىدۇق ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ھايات يۇلىنىڭ خەرىتسىنى ئۆلچەملىك لايھىليەلمىدۇق . ساقچى ئوفىستىرلار قانۇننى ئاق چىكىپ قىمار ئويناپ شېرىك بۇلۇپ تۇرۇپ ئىجرا قىلدى ...........................ئەسلىدە ئۆزىمىز دىگنىمىزگە قىلغىنىمىزغا ئەمەل قىلالساق ئىدۇق ئاندىن باشقىلارنى دەۋەت قىلساق قۇتقۇزساق بۇلاتتى .........

باھا سۆز

kaplan توغرا سۆزلىرڭىز ناھايىتى ئۇرۇنلۇق بولدى . يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا
ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 05:23 , Processed in 0.185492 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.