ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر ماقالە ۋە ئوبزور بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھار ...
كۆرۈش: 423|ئىنكاس: 21
go

بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟!

akikat * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1062
دەرىجىسى: كونگەن ئەزا
تىما سانى: 40 (5)
جۇغلانما: 236 نومۇر
3
163
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-9-16
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-5-16
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 18:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟!


مەن كىتاپقا تولىمۇ ئامراق، شۇڭلاشقا بىكار بولساملا كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ تۇرىمەن. يېقىندا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە يېڭى نەشىردىن چىققان مەلۇم بىر كىتاپنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ناھىيە مەركىزىدىكى xxx كىتاپخانىسىغا كىرىپ قالدىم. شۇنچە چوڭ،ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران 5 ئادەم باربولۇپ، تولىمۇ جىمجىت ئىدى. يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى ئېسىل ، بىباھا كىتاپلار ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،ئىختىيارسىز ئەگەر پۇلۇم جىق بولغان بولسا ھەممىنى ئۆزەم سېتىۋالاركەنمەن دەپ كەتتىم. شۇ ھامان كۆز ئالدىمغا قايسى كۈندىكى بىر ئىش كەلدى؛

ئۇ كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن جىددى كۆرۈشمەكچى بولۇپ تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇن ئۇلانمىدى. سۈرۈشتۈرسەم مەلۇم قاۋاقخانىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاۋاقخانىغا بېرىشقا توغرا كەلدى، ئىشىك ئالدىغا كەلسەم بۇسۇغا تۈۋىدىلا بىرسى ئاغزىغا قولىنى تىقىپ ياندۇرغىلى تۇرۇپتۇ،قۇلۇم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم ، تېخى كۈندۈز بولۇشىغا قارىماي شۇنچە كۆپ ئايرىمخانىلار ئادەم بىلەن لىق تۇشۇپتۇ، قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ بۇلارنىڭ دەپ ئويلاپ قالدىم . قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى بىلەن قاڭسىق ھاراق بۇسى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق كىشىنىڭ دىمىغىنى ئېچىشتۇراتتى. تېخى بىر ئايرىمخانىدىن دۇتتار،تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ، ئاھاڭىنى بۇزۇپ ئالا-تاغىل ئۆچكىدەك مەرىشىپ ئېيتىۋاتقان ‹‹دىككا-دىككاڭ زورىخان››دېگەن ناخشا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن،سورۇندا ئولتۇرۇشقا قىلغان تەكلىپلىرىگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئاران سىرىتقا چىقىۋالدىم ۋە ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم... ... ...

شۇ كۈنى كىتاپخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايىتقۇچە، كوچا دوقمۇشىدىكى قاچانلا قارىسا توپلىشىپ قارت ئوينايدىغان بىكار تەلەپلەر ،ھەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) لارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئويلاپ قالدىم، مۇشۇلار بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى، پۇللىرىدىن ئازراق سەرىپ قىلىپ ،كىتاپخانىلارغا كىرىىپ قويسا، بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويسا ئوشۇق كېتەمدىغاندۇ دەيمەن؟! ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ ،پەرزەنىتلىرىنىمۇ بولسا ئويلاپ قويسىچۇ؟!... ... ... ...

مەن خەلقىمىزنى كىتاپ ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس ، خەلقىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ ،خەلقىمىز ئىلىمخۇمار ، كىتاپخۇمار ،تىرىشچان خەلىق .جاھانغا مەشھۇر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان .بىراق، ھازىر ھەقىقەتەن خىلى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ،قاۋاقخانىلاردا مەس-ئەلەس، بىھۇدە ئۆتكۈزمەكتە ، مىڭبىر جاپالاردا قىينىلىپ تاپقان ،بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا كۆزى قىيمايدىغان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچماقتا ...مۇشۇنداق كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!... ... ... ...

ھەممىمىزگە مەلۇم، تارىختا ئۆچمەس شان-شۆھرەتلەرنى قالدۇرغان ئىجتىھاتلىق ، پەم - پاراسەتلىك ،ئىشچان ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە ئەزەلدىن ئىلىم - مەرىپەت ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ، ھورۇنلۇق ،قاششاقلىق ، ئىسراپخورلۇق،مەيخورلۇق ،بۇزۇقچىلىقتىن نېرى قېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ئېسېل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرغان ؛ مەسلەن ،‹ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ›،‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ›، ‹جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك بايلىق يوق ›،‹بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر سەر ئەقلىڭ قوشۇلار›...دېگەندەك . دوسىتلار ،ئۇنداق قىلمايلى، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە پۇل - بايلىقىمىزنى ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى .بىكار بولساق ،ئۆزىمىز ، مۇمكىن بۇلسا باللىرىمىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويايلى .ئېسىل ، تەۋەررۈك ، دۇردانە كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىسۇن .كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، قەلبى جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە قالمىسۇن !

مەنبە : تەرمىلەر تورى


kaplan * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 39
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 4150 (6)
جۇغلانما: 185239 نومۇر
52693
75457
2810


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-13
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-15
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 20:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇرۇن ئىدارە جەميەتتە ئىشلەيدىغان كادىر ياكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈيىگە كىرسەك كىتاپ جاھازىلىرى بۇلىدىغان ، ھازىرقى كادىرلارنىڭ ئائىلىسىدە ئەمەس ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىمۇ كىتاپ جاھازىللىرى يوق بۇلۇپ كەتتى ، شۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلۇدۇكى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتى تۆۋەنلەپ كەتتى ،ئۈزىگە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا كۈڭۈل بۈلۈشى يىتەرلىك ئەمەس ،شۇڭا كۈندىىلىك خوشاللىغى ئۈچۈنلا ياشايدىغاندەك ، نەچچە دوسلار بىر يەرگە يىغىلسىلا كىتاپ توغۇرلۇق ئەمەس ،ھاراقنىڭ ئىسىللىگى توغرلۇق سۆزلىشىدىغان بولدى ، مانا بۇنى مىللەتنىڭ زەئىپلىك يۇلىغا مېڭىۋاتقانلىغىنىڭ نىشانىدۇر ،

مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن
hanka * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1260
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 898 (2)
جۇغلانما: 13474 نومۇر
44
12459
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-10-30
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-7
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 06:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راست دەيسىز قاپلانكا ، ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك بولدىلا گەپ قىلماي قوياي .

يىللار زوراۋان ، ھايات ، ئىنتايىن شەپقەتسىز .
باھار * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1566
دەرىجىسى: توھپىكار ئەزا
تىما سانى: 436 (0)
جۇغلانما: 1335 نومۇر
23
830
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-12-6
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-11
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 14:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر جەميىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ۋە پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. لىكىن يەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشلىرىمىز مۇ باركى كىتابنىڭ ئېتىنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدۇ، يوقىلاڭ ئاتالمىش باھانە سەۋەبلەر بىلەن كىتابخانا ئارلاشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بىراق قەيەردە ئويۇن- تاماشا بولسا ھەر قانچە مۇھىم ئىشى بولسىمۇ بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ شۇ يەرنى پۇراپ تاپىدۇ. كىتابخانا ئارلاشقا يەتمىگەن ۋاقىت، سودا - سارايلارنى ئايلىنىشقا يىتىدۇ. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېنگىلىز تىلىغا ئائىت پايدىلنىش ماتېرىيالى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ، بىر خىزمەتدىشىم نىمىگە بۇنچىلىك بىرىلىپ ، قىزىقىپ كۈرۈۋاتقانلىقىمنى سوراپ قالدى. قۇلۇمدىكى بۇ ماتېرىيالنىڭ تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭمۇ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم. ئۇ نىمە دەيدۇ دىمەمسىز؟
ئۇلار كىتاب ماتېرىيال دىگەنلەرنى مەكتەپتە ئوقۇپ زىرىكىپ كەتكەنمىش، ھەر قانچە ئۆگەنسىمۇ ، ئوقۇسىمۇ بۇ كىچىككىنىە بىر ناھىيىدە ھېچقانداق ئىشلىتىش ، پايدىلىنىش قىممىتى يوقمىش. ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە تۇلۇق قاتنىشىپ، باشقىلار بىلەن بولغان ئاممىۋى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ھەم قۇيۇقلاشتۇرۇپ ياخشى يەپ ، ياخشى كىيىپ، پەردازدىن ، سۈپەتتىن چۈشمەي يۈرۈش ھازىرقى زامانغا ماسلاشقانلىقمىش. ھېچيەرگە بارماي، ئۆيگە بېكىنۋېلىپ كىتاب كۈرىدىغانلار ماڭا ئوخشاش ئەخمەق ( مەتۇ) ھېسابلىنارمىش....
بۇ خىزمەتدىشىمنىڭ سۆزلىرى مىنى چۇڭقۇر ئويغا سېلىپ قويدى. مەن بەك ئەپسۇسلاندىم......

دۇنيادا مەڭگۈلۈك دوستلۇقمۇ،مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىكمۇ يوق.پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەتلا بار
addi * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 21
دەرىجىسى: ئالى ئەزا
تىما سانى: 1177 (1)
جۇغلانما: 12576 نومۇر
1007
9340
680


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-12
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 19:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ كىتاپ توغرۇلۇق گەپ چىقىپتۇ ، لىكىنزە مەن ۋاقتىم بولسىلا كىتاپخانىغا كىرىپ كىتاپ ئۇقۇيتۇم . ھازىر ئۇنۇڭغا ۋاقىت يىتىشمەيدۇ -دە .كىتاپنى كىچىگىمدە بەك ئۇقۇغاننىڭ كاشىلىسىدىن ياش تۇرۇپلا كۇزدىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ ......

18709977722  قىلىچنىڭ كۇچىدىن قەلەمنىڭ كۇچى ئارتۇق  . بۇنىڭغا  ئىشىنەمسىز!!!!!!!
manzil * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 93
دەرىجىسى: مۇنبەر باشلىغى
تىما سانى: 4552 (2)
جۇغلانما: 33517 نومۇر
2203
24461
90


تىزىم ۋاقتى: 2008-10-19
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-11
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە موللا تاپقاق ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-2 21:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىرغۇ كىتاپخانىغا بېرىپ كىتاپ سېتۋالدىغانلار ئانچە مۇنچە بار، ئەمما كىيىنچۇ؟ بىز قورامدىكى بىر ئەۋلاتلار تۇگىگەندىچۇ؟ ھازرقى ئوسمۇرلىرىمىز ساۋاتسىز بوپ چىقۋاتسا ياكى ئۇقىسىمۇ مەنىسىنى چۇشەنمىسە...

تور بېتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر، تور بىتىمىزگە كىرگەنكەنسىز تېما ۋە ئىنكاس يوللاشنى ئۇنۇتماڭ، تور بېتىمىزدە ئىزىڭىز قالسۇن qq:675835234
0997gulnaz * توردا يوق
بۇ جىنىسسىز توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 976
دەرىجىسى: كۇچا خۇمار ئەزا
تىما سانى: 444 (0)
جۇغلانما: 1125 نومۇر
0
681
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-7-29
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-4-27
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 01:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەي...................... ئەمدى بۇلارغا نىمە دىگۈلۈك؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ھازىرقى زاماندىكى بەزى كىشىلىرىمىزگە ئۇيۇن تاماشىغا پۇل باريۇ، كىتاپ سېتىۋېلىپ ئانچە مۇنچە بىلىم ئىگەللىۋالاي دەيدىغانلىرى بەك ئاز.........

yultuz * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ
QQ
بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 34
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 2936 (6)
جۇغلانما: 25912 نومۇر
38
22835
0


تىزىم ۋاقتى: 2008-8-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-17
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 13:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمىغۇ كىتاپقا بەك ئامراق ، تولا كىتاپ ئۇقۇپمىغۇ كۈزۈم تۆت بۇلۇپ قالغان ، ھەقىقەت ئەپەندىنىڭ بۇ تېمسىنى ئۇقۇپ ئۇھسىندىم ، تورداشلىرىم ئۇنچىلكىمۇ قاقشاپ كەتمەڭلار ، ھەقىقەتەن سىلەر دىگەندەك قاۋاقخانا مەيخاندا ئادەمغۇ جىق ، ئەمما كىتاپخاندىمۇ جىق ، ئەگەر يېقىندىن بىرى كىتاپخانغا كىرىپ باققان بولساڭلار بىلسىلەر ، ئۇنداق بىرسى بىر نىمە دىسە ھەممىمىز تەڭلا قاقشاپ ياقا يىرتىپ كەتمەيلى ، مۇشۇ شەنبە كۈنىمۇ كىتاپخانغا كىرۋىدىم ، ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن ئاران پاتتىم ، كىچىك بالىلار داق يەردە ئولتۇرۇپلا بىرىلىپ كىتاپ ئوقۇغىلى تۇرۇپتىكەن ئىچىم شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كەتتى . مۇشۇ ئىنكاسنى يازغىنىڭلاردىن نەچچىڭلار كىتاپخانغا بارسىلەر ؟ كىتاپ ئوقۇيسىلەر ؟ ئەلۋەتتە...ئويغۇرىمىز ئاق بولدى ، كۆك بولدى دەپ قاقشىغانغا خەق ياخشىسىنى بەرمەيدۇ . بەلكىم ھەقىقەت ئەپەندىمنىڭمۇ دىگنى توغرىدۇر ، ئاساسى باردۇر ، ئەمما مەن كىتاپخاندا توپا بېسىپ بۇيۇن قىسىپ تۇرغان كىتاپنى كۈرۈپ باقمىدىم ، دائىم كىتاپ سوراپ كىرسەم سېتلىپ كەتتى تۈگەپ كەتكەن دىگەن گەپنى ئاڭلايمەن . ھەممە ئادەم ئۇنچىلىكمۇ بەك نادانلىشىپ كەتمىدى . تېخى ................

kuk~bura * توردا يوق
بۇ يىگىت توردا يوقكە، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 969
دەرىجىسى: ئالى باشقۇرغۇچى
تىما سانى: 1280 (9)
جۇغلانما: 12981 نومۇر
20
11609
0


تىزىم ۋاقتى: 2010-8-18
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-9-13
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە يازما يوللاش ئۇستىسى
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-4 21:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ 2 يىل ئىلگىرى كىتاپقا بەك قىزىقاتتىم ،مەن ھاراق ئىچمىگەنلىكتىن تالا تۈزىگە كۆپ چىقماي بىر كىتابنى قۇلۇمغا ئېلىۋالسام كەچ سائەت 12 لەرگىچە قۇلۇمدىن چۈشەرمەي ئۇقۇپ تۈگىتىىتەتتىم .ئۇ چاغلاردا مىنىڭ خىزمەت شارائىتىم كىتاب ئۇقۇشقا پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى.بىراق ھازىر بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپىيوتۇرۇمنى تورغا ئۇلىۋالغاندىن كىيىن بۇلۇپمۇ كۇچا مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن كىيىن كىتابنى مۇشۇ تور ئۈستىدىلا ئۇقۇيدىغان بۇلىۋالدىم ،مەنمۇ كىتابخانا ،كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ باقمىغىلى بىرە يىل بۇلۇپ قاپتۇ..

ZINNAT * توردا يوق
بۇ خانىم توردا يوقكەن، ئۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇڭ

بۇ يىگىتنىڭ ID نومۇرى: 1720
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
تىما سانى: 18 (0)
جۇغلانما: 53 نومۇر
0
35
0


تىزىم ۋاقتى: 2011-1-4
ئاخىرقى ۋاقتى: 2011-1-26
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 17:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىلگىرى كىتابخانىلارغا دائىم دىگۈدەك بېرىپ تۇراتتىم. تۇرمۇشلۇق بولغاندىن بىرى شۇ ھېلى خىزمەت، ھېلى ئۆي ئىشلىرى دىگەنلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتىمەن.

بالىلار مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى
1框架
كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!كۇچا مۇنبىرى شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىدۇ!
.كۇچامۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! كونۇپكا تاختىسىدىكى S D F G H J K L كونۇپكىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان يېشىل رەڭلىك ھەرىپلەرنى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-9-18 22:32 , Processed in 0.184338 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.