ئىزدەش
كۇچا مۇنبىرى مۇنبەر كۆڭۈلدىكى سۆز مەنزىل بىلەن سۆھپەت 2-سان
كۆرۈش: 738|ئىنكاس: 37
go

مەنزىل بىلەن سۆھپەت 2-سان  

yupurmak * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
1011  
ھالەت
يازما
1433 
تېما
289 
نادىر تېما
جۇغلانما
11590 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2009-4-20 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 12:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش





ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،كۇچار مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!!!

ئۆتكەن يىلى مۇنبىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنبىرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار بىلەن مۇنبىردە سۆھپەت ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ،ئۆز_ئارا تۇنۇشۇپ ئىناق_ئىتىپاقلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۇرۇشنى مەخسەت قىلغان كۇچار سۆھپەت پىروگىراممىسىنى يولغا قويغان ئىدۇق،ھەمدە بىرىنچى سانى ئوڭۇشلۇق مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى،تور ئىتىلىش مۇناسىۋىتى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سۆھپەت پىروگىراممىسى توختاپ قالغان.بۈگۈندىن باشلاپ كۇچار سۆھپەت پىروگىراممىسى مۇنبەرداشلار بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرىىشدۇ .بۇ يىللىق تۇنجى سان پىروگىراممىزدا مۇنبىرىمىزنىڭ قابىل ،ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان مەنزىل ئاكىنى زىيارەت قىلماقچى،مۇنبەرداشلارنىڭ مەنزىل ئاكا بىلەن تۇنۇشقىسى ھەمدە ئۇنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئاڭلىغۇسى بار بۇلىشى مۇمكىن ،ئۇنداق بولسا سۆھپىتىمىزگە دىققەت.


كۇچار مۇنبىرىدە ھاردىم ،تالدىم دىمەي ئۆزىنىڭ كەسكىنلىكى،ئىقتىدارى ،خوش پېئىللىقى بىلەن مۇنبەردىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مۇنبەر مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مەنزىل ئاكا بىلەن سۆھپەتنى باشلايمىز!!!


يۇپۇرماق: ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز؟

مەنزىل: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،مەن ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟


يۇپۇرماق: مەنمۇ ناھايىتى ياخشى.مەنزىلكا سۆھپىتىمىزنى باشلاشتىن ئاۋال ،كۇچار مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارغا سالىمىڭىزنى يوللاش بىلەن بىرگە،ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟

مەنزىل: ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم كۇچا مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار، مەن مەنزىلىدن سىلەرگە ئوتلۇق سالام،مۇشۇ پورسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇنۇشۇش،چۇشۇنۇش پورسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن،شۇنداقلا يۇپۇرماق خانقىزگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن.


مەنزىل ئاكا بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇپ چىقايلى:

مۇنبەردىكى باش سۆرىتى


ئىسمى: ئابدۇراخمان ئېزىز.
مۇنبەردىكى ئىسمى: مەنزىل.
يۇرتى: كۇچا ناھىيىسى.
خىزمەت ئورنى: كۇسەن ئۇرۇقچىلىق شىركىتى .
كەسپى: دىخانچىلىق تېخنىكا كادىرى.
قىزىقىشى: كىتاپ ئۇقۇش، ساياھەت قىلىش،
ئالاھىدىلىگى: خۇش چاقچاق،يۇمۇرىستىك،دوس تۇتۇشقا ئامراق.
كەمچىلىگى:
سەل چوڭ مىجەز،ئالدىراقسان،مۇشۇنچىلىك دەپ تۇرايمىكىن، دەۋەرسەم چقىۋەرگۇدەك قالغىنى سىلەردىن ئاڭلاي،نۇقسانسز ئادەم يوق بۇ جاھاندا...



يۇپۇرماق: ئەمدى سۆھپىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك ،مەنزىلكا سىز كۇچار مۇنبىرىگە نېمە سەۋەپ بىلەن ئەزا بولغان ئىدىڭىز؟ئەزا بولغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟

مەنزىل: مىنىڭ تۇنجى تورغا چىققان ۋاقتىم2006-يىلى بولسا كېرەك، شۇ ۋاقىتتا مەن ئەڭ ئاۋال قىزىققان ئىشىم توردىن يىڭى ناخشا ئاڭلاش بولدى، چۇنكى توردا باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا قارىغاندا،يىڭى ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاۋال ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بۇلىدىغان ئىشكەن، ئوزەممۇ كىچىگىمدىنلا ناخشا تىڭشاشقا ئامراق ئىدىم،كىيىنچە چ چ دىن ئىبارەت مۇنداق ئىقتىدارلىق سوزلىشىش قورالنىڭ ۋاستىسى بىلەن تور دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدىم، تور دۇنياسىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.بۇنىڭدىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئوگىنىۋالدىم،خىزمىتىمگىمۇ زۇر ياردىمى بولدى.شۇ تەرەققىسىدە مۇنبىرىمىزنىڭ ئالى باشقۇرغۇچىسى يۇلتۇز خانقىزنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە سەھنىسىگە قەدەم باستىم،مەن ئىلگرى مۇنبەرنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتىم، مەن يۇلتۇز خانقىزنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن 2008-يىلى ئەڭ دەسلەپتە بۇ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىردىم، تۇنجى بۇلۇپ ئۇقىغان تېما يۇلتۇزنىڭ( ئاخىرقى تىنىق) ناملىق ھىكايىسىدىن باشلاندى، بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ بۇلۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم ،شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن، بۇ ھىكاينىڭ ۋەقەلىگى چىن بۇلۇپ، ماڭا بەك تەسىر قىلغان، ھەتتا كوزۇمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتكەنلىگىنى سەزمەي قاپتىكەنمەن. شۇ كۇندىن باشلاپ مىنىڭ مۇنبەرچىلىك ھاياتىم باشلاندى،شۇنىڭ بىلەن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئەزا بۇلۇپ مۇنبەر زىيارەت قىلىشقا باشلىدىم،بۇ ئارلىقتا كۇچا مۇنبىرىگە ئالاھىدە مىھرىم چۇشتى،ئەمما مۇنبەر مىنى يەكىلىگەندەك بىر قانچە قېتىم ئەزا بوپ بولدۇم، ھەر قېتىم ئەزا بولۇپ،قايتا كىرسەملا مۇنداق ئەزا مەۋجۇت ئەمەس دەپ چىقۋالىدۇ،ياكى يوللىغان تېمىلىرىم يوقاپ كىتىدۇ،شۇ خاپىلىقتا مۇنبەر دىگەن مۇشۇلامىدى، باشقا مۇنبەرگە كىرسەملە بولمىدىمۇ دەپ يامانلاپمۇ باقتىم، يەنىلا كۇچا مۇنبىرى مىنى ئوزىگە جەلىپ قىلۋالدى،ئاخىرى بۇ مۇنبەرنى تاللىدىم،كىيىن بىلسەم مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ خاتالىغى سەۋەبىدىن بولغان ئىشلار ئىكەن، بۇ ئىشنى بىلمەي مەن مۇنبىىرىمىزىڭ كونا ئەزاسى گۇلۇم بىلەنمۇ نەچچە قېتىم سۇقۇشۇپ كىتىپتىكەنمەن گەپنى يىغنىچاقلسام، بۇ مۇنبەرگە كىرىشىمگە يۇلتۇز خانقىز ئاساسلىق سەۋەپ بولغان،ئەمما ئۇ ھازىر مىنى باشلاپ قۇيۇپ جاپاغا مىنى قۇيۇپ ئوزى كەم دىدار بولۋالدىغان بوپ قالدى .



يۇپۇرماق: يۇلتۇزنىڭ ``ئاخىرقى تىنىق``ناملىق ھېكايىسى، ھەممە مۇنبەرداشنى ئۆزگە جەلىپ قىلغان بولىشى مۇمكىن،مەنمۇ ئۇ ھېكايىنى ئوقۇش جەريانىدا تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ھېسىياتقا كەلگەن ئىدىم،مەن ۋە سىزلا ئەمەس بەلكى مۇشۇ تېمىنى ئوقۇغۇن ھەر بىر مۇنبەردېشىمىز بۇ ھېكايىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدى دەپ ئويلايمەن. گۈلۈم ھەدەمنى تىلغا ئېلىشىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئاساسلىق ئەزالىرىدىن كۈسەنى،تۈنپەرى،ئىشەنچ قاتارلىق ئەزالارنى سېغىنغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن ،مۇشۇ پۇرسەت بىلەن گۈلۈم ھەدىمىزنىڭ ھەمدە باشقا كونا مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەرگە تىزرەك قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئۇلارنىڭ سىزنى مۇنبەرگە باشلاپ قويۇپلا،سىزنى جاپاغا قالدۇرۇپ قويغانلىقىدىن ئۇلارغا نىسپەتەن ئاچچىقىڭىز بارمۇ قانداق؟

مەنزىل: سىز دىگەندەك گۇلۇم ،ۋە باشقا كونا ئەزالارنى بىزمۇ سېغىندۇق ئەمدە ئۇلارنىڭ تىزرەك مۇنبەرگە قايتىپ كېلىشىنىى ئۈمۈد قىلىمەن.ئۇلارنىڭ ئىجادىي تېمىلىرى مەندە ،تور دۇنياسىدا ئالاھىدە ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدى. يۇلتۇز خانقىز پات -پات كىرىپ تۇرۋاتىدۇ، لىكىن بۇرۇنىقىدەك ئەسەر يوللاپ بولالمايۋاتىدۇ، مۇنداق دىيىش ئارقىلىق يۇلتۇز خانقىزدىن رەنجىگىنىم ئەمەس، بەلكى تا ھازىرغۇچە ھورمىتىمنى بىلدۇرۇپ قويماقچى. بەلكىم يۇلتۇز خانقىز ۋە باشقا كونا_يېڭى مۇنبەرداشلارنىڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىغى ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن مۇنبەرگە بۇرۇنقىدەك كىرىپ ،كۇڭۇل بۇلۇپ بولالمىغانلىغى مۇمكىن، ئىشىنىمەنكى يۇلتۇز خانقىز ۋە باشقا كونا _يېڭى مۇنبەرداشلار چۇقۇم بۇ ئانا دىيارىمىزدا قۇرۇلغان مۇنبىىرمىزنى چۇقۇم ئۇنتۇپ قالمايدۇ..
مىنىڭ (مۇنبەرگە مىنى باشلاپ جاپاغا قۇيدى) بۇ سوزىم ئارقىلىق بۇلارغا بولغان سېغىنىش، ھورمىتىمنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان، ئىشىنىمەنكى گۇلۇم ھەم باشقا كونا مۇنبەرداشلار چۇقۇم مۇنبىرىمزىگە قايتىپ كىلىپ مۇنبەر ئۇچۇن چۇقۇم كوچ چىقىرىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى ساقلىغاچ ئوز ۋەزىپەمنى ياخشى ئۇرۇنلاشقا تىرىشىمەن.



يۇپۇرماق: مىنىڭ بىلىشىمچە سىزنىڭ مۇنبەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتەپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزغا خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن،باشلىق بولماق بىر خىل تەس ئىش ئەلۋەتتە. مۇنبەرباشلىقى بولۇش جەريانىدە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭىزمۇ ؟ئۇچرىغان بولسىڭىز قانداق ھەل قىلدىڭىز ؟

مەنزىل: مەن مۇنبەرگە دەسلەپكى كىرگەن چاغلىرىمدا كوپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيتىم، كىيىنچە يۇلتۇز، ئىشەنىچ، گۇلۇم قاتارلىق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ياردىمىدە كوپ بىلىملەرنى ئوگىنىۋالدىم، كومپۇيۇتۇرنى ئېچىپ بىرىنىچى قىلىدىغان ئىشىم كۇچار مۇنبىرىگە كىرىش بولدى، مۇنبەرگە شۇنداق بىرىلىپ كىتىپتىمەنكى تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن، ئويدىكىلەر خاپا بوپ تېخى مەندىن نىمە قىلۋاتىسەن، مائاش بىرىدىغان ئىشمۇ بۇ دەپ سوراپمۇ كەتتى،كىيىنچە مۇنبەردە خېلى كوزگە كۇرۇنۇپ قالغان بولسام كېرەك،گۇلۇم بىر كۇنى مىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئوتەپ بېقىشىمنى دەۋەت قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى بەردى،دەسلەپتە شۇنداق جىددىلەشتىم، خاتا قىلىپ ياكى قىلالماي باشقىلارنىڭ كولكىسگە قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىردىم، كىيىنچە كۇنۇپمۇ كەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ مۇنبەردە بۇلىدىغان ۋاقتىم ھەسسىلەپ كوپەيدى، بۇ ئىشمۇ ئاسان ئەمەسكەن، بەزىدە ئەزالانىڭ تىل ھاقارىتىگىمۇ ئوچىردىم،لىكىن بۇ ئىش مۇنبەرگە بولغان قىزىقىشىنى سوۋۇتالمىدى....كىيىنچە مۇنبەر باشلىغى بولدۇم ،بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ۋەزىپەم تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندەك ھىس قىلدىم،شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ مۇنبەر تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىزدىنىشكە كىرىشتىم،مۇنبەر باشلىقلىق ۋەزىپىسى-ئالى باشقۇرغۇچىغا قارىغاندا مەسئۇلىيىتى ئېغىر،تېخىمۇ جاپالىق ئىشكەن،ھەممە ئەزالانىڭ دىققىتى مۇنبەر مەسئۇللىرىغا تىكىلىپ تۇرىدىكەن، بۇنى ھىس قىلىپ يەتكەندىن كىيىن، مەشغۇلاتىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىرىشتىم،ئىزدەندىم، ئامال ئىجادى تېما يوللاشقا تىرىشتىم،مۇنبەر تەرەققىياتى ئۇچۇن يالغۇز ئەپەندى ۋە قاپلان ئەپەندىم بىلەن پات -پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىلمىگەن يەرلەرنى ئوگەندىم،2009-يىلى5-ئاينىڭ3-كۇنى مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى، ئەزالارنىڭ كۇچلۇك تەلۋىگە ئاساسەن مۇنبەر يىغىلىشىنى مۇۋەقپىيەتلىك ئوتكۇزدۇق.بۇ يىغىلىشتا نۇرغۇن دوسلار بىلەن تۇنۇشتۇم.شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش قارارىغا كىلىپ تا بۇگۇنكىچە بۇ ۋەزىپىنى ئوتەپ كىلۋاتىمەن.لىكىن بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىپ كىتەلىدىم دىيەلمەيمەن، كوپچىلىكنىڭ ماڭا بولغان قانداق پىكرى بولسا ئىنكاس شەكلى ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق پىكىر بىرىشنى ئۇمۇت قىلىمەن.



يۇپۇرماق: مەنمۇ بىرىنچى قېتىم باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا بىرخىل قورقۇش ،ئەنسىرەش،جىدىلىشىش بولغان ئىدى ،تېخى مەندىلا شۇنداق ئالامەت كۆرۈلسە كېرەك دەپ ئويلاپتىكەنمەن،شۇنىڭغا قارىغاندا سىزدىمۇ مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنگە قارىغاندا ،ھەممە باشقۇرغۇچىلار بىرىنچى قېتىم باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا بىزگە ئوخشاشلا ئالامەتلەر كۆرىلسە كېرەك.باشقا باشقۇرغۇچىلاردىنمۇ سوراپ باققىم كېلىۋاتىدۇ،سىلەردىنمۇ مۇشۇنداق پىسخىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنمۇ؟؟؟؟
باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپسىز ،مۇشۇنداق چاغلىرىڭىزدا مۇنبەردىن زىرىككەن ،كۆڭلىڭىز سويىغان ،مۇنبەرگە كىرمەسلىكنى ئويلىغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟

مەنزىل: مەن مۇنبەر باشلقى ۋەزىپىسىنى ئوتىگەندىن كىيىن بەزى بىر كومپۇيۇتۇر تېخنىكا مەسلىسىگە دۇچ كەلدىم، ئارقا باشقۇرۇش رايۇنى مەن ئۇچۇن ناتۇنۇش بولغاچقا بەزىدە خاتا مەشغۇلات قىلىپ قۇيۇپ ئوزگەرتەلمەي يالغۇز0997 گە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىپ نىمىمۇ قىلاتىم بۇ ئىشىنى قىلىمەن دەپ ئىشىم يوق ئادەممۇ مەن دەپ ئويلاپ كەتكەن يەرلىرممۇ بولغان،كىيىن ئاستا-ئاستا بۇ ئىشقىمۇ كۇنۇپ كەتتىم،كوڭلۇمدىكىنى ئېيىتسام،مۇنبەرگە كىرسەملا سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن ،شۇ سەۋەپدىن ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ماڭا پىكرى چىقتى،شۇنداق چاغلاردا ئوز -ئۇزەمگە سۇئالمۇ قۇيۇپ باقتىم،بوش ۋاقتىمنىڭ كوپ قىسىمى مۇشۇ مۇنبەر بىلەن بوپ كىتۋاتىدۇ،توغرا قىلمىدىممۇ نىمە دىگەن خىيالنىمۇ قىلىپ باقتىم،ئامال بار ۋاقىتىنى توغرا تەڭشەشكە تىرىشتىم، بەزىدە شۇنداق جىددى ئىشىم بوپ قالسىمۇ، مۇنبەرگە كىرىپ قالساملا بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىپ، ئوزەمگە گەپ كەلتۇرۇپ قويۇپ باشقىلار ئالدىدا خىجىلغا قالغان يەرلىرىممۇ بولدى،مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئوز ئوزەمنى تەنقىتلەپ، قايسى ئىىش مۇھىم ماڭا دەپ ئوزمگە ئاچچىقلانغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى..ئاخىرىدا يەنىلا كۇنگەن يامانكەن، بوش ۋاقتىم بولسىلا مۇنبەرگە كىرىۋىلىپ ئوز ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشقا تىرىشىپ يۇرۇپتىمەن.


يۇپۇرماق: مەنچە تىرىشچانلىقىڭىز بىكارغا كەتمىدى دەپ ئويلايمەن ،چۈنكى بىر ئىشنى باشلىغانكەنمىز چوقۇم ئۇنى ۋۇجۇتقا ئاچىقىشىمىز ،ياخشى بىرتەرەپ قىلىشىمىز ،باشقىلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك ،سىز مۇشۇنداق قىلالىدىڭىز دەپ قارايمەن،مەنلا ئەمەس مۇنبەردىكى باشقا مۇنبەرداشلارمۇ سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنى،كەسكىنلىكىڭىزنى،ئىقتىدارىڭىزنى ئىتراپ قىلالماي تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئەمدى سىزدىن سوراپ باقسام سىز مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن باشلاپ سىز ئەڭ ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەيىپە قايسى؟نېمە ئۈچۈن؟

مەنزىل: مىنىڭ مۇنبەردە ئەڭ ياقتۇردىغان سەھىپە-كۇڭۇلدىكى سوز سەھىپىسى،ئەڭ ياقتۇرىدىغان تېما-مۇنازىرە قۇزغايدىغان تېمىلار ئىدى، ئۇزەممۇ تېما يوللىسام مۇنازىرە خارەكتىرىدىكى تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن،ئەپسۇس، مۇنبىرىمىزدە بۇ تىپتىكى تېمىلار بەكمۇ ئاز، مۇنداق تېمىلار ئارقىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، مەلۇم بىلىمگە، شۇنداقلا ئەزالارنىڭ بىر بىرنى چۇشۇنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، مۇنبىرىمزىنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىسى بولاتتى.


يۇپۇرماق: دىگىنىڭىز كەلسۇن ،مەنچە بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ سەھىپە سىز ئويلىغاندەك مۇنبىرىمىزنىڭ جەلىپكلارلىقىنى ئاشۇردىغان سەيىپىلەرنىڭ بىرى بوپ قالدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئۆتكەن يىللىق مۇنبەر يىغىلىشى ئۆتكۈزگىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ،ھەر بىر قېتىم ئۆتكەن قېتىملىق مۇنبەر يىغىلىشنىڭ ئىسمى چىقسىلا،يېڭى مۇنبەردىكى ئەزالار 2010 يىللىق مۇنبەر يىغىلىشى قىلىش توغرىسىدا قىزغىن مەسلىھەتلىشىپ كىتىدۇ ،شۇڭا سىزدىن سوراپ باقسام بۇ يىللىق يەنى 2010_يىللىق مۇنبەر يىغىلىشى قىلىشنى ئويلۇشۇپ باقتىڭلارمۇ؟؟؟بۇنى مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلگىسى بارغۇ دەيمەن ؟

مەنزىل: بىز مۇنبەر مەسئۇللىرى مەسلىھەتلىشىپ، بۇ يىل ئوكتەبىر بايرىمىدا مۇنبەر يىغىلىشى قىلىشنى ئويلاشقان ئىدۇق، ئەپسۇس ئويدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دىگەندەك قاپلانكام ۋە مىنىڭ ئائىلەمدە كىسەل داۋالىتىش سەۋەبى بىلەن ھەر ئىككىمىز سىرىتتا بوپ قېلىپ بۇ ئىش روياپقا چىقماي قالدى،بۇ يىلمۇ ئاخىرلشاي دەپ قالدى، شۇنداقلا ئۇزۇنراق دەم ئالغۇدەك پورسەتمۇ يوقكەن، تىنىمىز ئامان بولسىلا 2011 يىلى مۇنبەر قۇرۇلغانلىغىنى4 يىللىغىنى تەبرىكىلىگەش يىغىلىش ئىشىنى ئۇرۇنلاشتۇرارمىز...ئەزالارنىڭ بىزنى قوللاپ تۇرغانلىغىغا رەھمەت..
شۇ تاپتا ئەزالاردىن مۇنبەر يىغىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق -پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بارمۇ شۇنى سوراپ كورمەكچىمەن....
ھەممە ئادەمنىڭ كوز قارىىشى ئوخشاش بولمايدۇ، مۇنبەر يىغىلىش توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان كوز قاراش، پىكىرلەر مەۋجۇت ...مەن بۇ ئارقىلىق ئەزالارنىڭ كوز قاراشلىرىنى، پىكىر-تەلەپلىرىنى بىلىپ باقماقچىمەن، ھەرگىزمۇ كوپچىلىكنىڭ قىزغىنلىغىغا سوغاق سۇ سىپىش خىيالىم يوق، كوچ- بىرلىكتە ، ئىش ئوملۇكتە، كوپچىلىك بىللە قارار قىلغان ئىش تېخىمۇ خەيىرلىك بۇلىدۇ....كوپچلىكنىڭ ئەركىن -ئازادە پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئومۇت قىلىمەن..


يۇپۇرماق: توغرا دەيسىز ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارشى ئوخشاش بولمايدۇ،مەنچە بولغاندا مۇنبەر يىغىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ،مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بىرى مۇشۇ سورۇندا ئەركىن ئازادە پىكىرلىشىپ ،كۈلكە_چاقچاقلىشىپ كېلىۋاتىمىز،بەزى چاغلارداچۈشنىشمەسلىك سەۋەبى تۈپەيلى بىر_بىرىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قويغا بولساقمۇ لېكىن مۇنبەردىكى دوستلىقىمىز يەنىلا ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.مانا دوستلۇقىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىش ،بىر_بىرىمىزنى تېخىمۇ چۈشىنىش ،مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشى ئۈچۈن مۇنبەر يىغىلىشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.سىلەرچىچۇ؟؟؟؟؟؟مەنزىلكام ئوتتۇرغا قويغاندەك مۇنبەر يىغىلىشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟پايدىلىق _پايدىسىز تەرەپلىرى بولسا ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭلار ....مەنزىلكامنىڭ بىزدىن سورىغان سۇئاللىرىنىڭ جاۋاپسىز قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىردا مۇنبەردىكىلەرگە دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز بولسا ئاڭلاپ باقساق؟
مەنزىل: 1.قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق تېما، ئىنكاسلارنى يوللىمىساق، مۇنداق ئەھۋاللارنى سەزگەن ھامان ۋاقتىدا ئىنكاس قىلساق،
2. تېما يوللىغاندا ساننى ئاساس قىلماي،ئەسەر مەزمۇنىنغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرسەك،
3.باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ھورمەت قىلساق،تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىساق،
4.يوللانغان تېمىلارغا بۇلۇپمۇ ئىجادى تېمىلارغا قايىل قىلارلىق ئىنكاس يىزىشقا ئەھمىيەت بەرسەك،تېما يوللىماقمۇ ئاسان ئەمەس، يوللانغان تېما ئىنكاسسىز قالمىسا،تېما يوللۇغۇچىلارنى يېقىندىن قوللاپ تۇرساق، بولسا ئەزالىرىمىزدىن بىر قانچە ئوبزورچى چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،
5.كۇچا مۇنبرىنى قورغان ئىكەنمىز، ھەممىز بۇنى چوڭ بىر ئائىلىمىز دەپ قاراپ تېخىمۇ ئىناق -ئىتپاق ئۇتۇپ(مەن باشقىلاردىن مۇنبىرىڭلاردىكى ئەزالار كوپ بولمىغىنى بىلەن بەك ئىناق ئۇتىدىكەنسىلەر دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولغان ئىدىم) مۇنبىرىمىزنى داڭلىق مۇنازىرە سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇپ،ئويغۇر تور ئەدەبىياتىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قۇشۇپ، مۇنبىىرمىزنى بىلىم ماكانىغا ئايلاندۇرۇشقا بىرلىكتە كۇچ چىقارساق...
مەنمۇ مۇنبەر مەسئۇللىرىغا يېقىدىن ماسلىشىپ،سەھىپىلەرنى ئاۋۇتۇپ،مۇكاپاتلىق ئىجادى ئەسەر پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇپ ئەزالارنىڭ قىزغىنلىغىنى ئاشۇرۇپ،مۇنبەر ئۇچۇن،ئويغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسام دەپ ئويلايمەن..
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇقلۇق،تۇرمۇشىڭلارغا بەرىكەت-بەخىت تىلەيمەن....كوپچىلككە رەھمەت...
دىيارىمىز كۇچار بىزگە قۇچاق ئاچار.....
كۇچا مۇنبىرى-ھەممىزنىڭ ئىللىق چوڭ ئائىلىسى....


يۇپۇرماق: سىزنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىڭىزدىكى قەدەملىرىڭىزدە سىزگە سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۈر ،بەخىت_تەلەي تىلەيمەن . قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،سۆھپىتىمىزنى قۇبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەخمەت.

مەنزىل: سىزگىمۇ رەخمەت سىڭلىم.


يۇقۇردا مۇنبىرىمىزنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرسى بولغان مەنزىل ئاكىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چىقتۇق،ئەزالارنىڭ مەنزىل ئاكىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بۇ قېتىمقى كۇچار مۇنبىرى سۆھبەر پىراگگىراممىز ئىككىنچى سانى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى. كىيىنكى قېتىملىق سانىدا يەنە كىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىغانلىقىمىزغا قىزىقامسىز ؟
ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق مۇشۇ پىراگگىراممىنىڭ داۋامىدا بولسۇن ....



سۆھپەت زىيارەتچىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى: يۇپۇرماق.
تەھرىرلىگۈچى :مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى: مەنزىل، يۇپۇرماق.
سوھپەت نازارەتچىسى:مۇنبەر قۇرغۇچىسى: قاپلان.
رەسىم لاھىلىگۈچى:مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى: زەرخۇش.
پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇن : كۇچارمۇنبىرى.
سۆھپەت ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىت : 2010_ يىل 10_ ئاينىڭ 28 _كۈنى.


بىلگىنكى دىلىڭ ساپ،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،
يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ.

zarhux * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
79  
ھالەت
يازما
1122 
تېما
25 
نادىر تېما
جۇغلانما
3469 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2009-6-16 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-5 

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 15:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا zarhux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-10-29 15:38

مۇنبەر باشلىقى مەنزىل ئەپەندى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۇشىنىش ھاسىل قىلالىغىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرمىزنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىراگىراممىسىنى غەلبىلىك ئىشلەپ ئەزالار بىلەن يۇز كۇرۇشتۇرگەن يۇپۇرماققا ۋە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىنى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن سەرىپ قىلۋاتقان ھەم مۇنبەرگە ئەڭ زور كۇچ چىقارغان مەنزىل ئەپەندىگە، شۇنداقلا مۇشۇنداق ئۆز-ئارا چۇشىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن مۇنبەر قۇرغۇچىسى قاپلان ئەپەندىگە، مۇنبەر ئارقا سەھنىسىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان يالغۇز ئەپەندىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن.
مەنزىل ئەپەندى ئېيتىقاندەك، مۇنبەر باشلىقى بولماق ھەقىقەتەن جاپالىق، زىھنى كۇچنى كۆپ خورىتىدىغان ئىش، «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ» دىگەندەك بۇنى پەقەت باشقۇرغۇچى بۇلۇپ باققانلارلا بىلىدۇ، بىراق مەنزىل ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ كەمتەر، تىرىشچان، مەسئۇليەتچانلىقى بىلەن يۇقارقىدەك جاپالارنى يېڭىپ، مۇنبىرمىزدە ئالاھىدە كۆزگە كۇرۇندى ۋە ئۆز مەسئۇلىيتىنى تۇلۇق ئادا قىلۋاتقان قابىل بىر باشقۇرغۇچى.
نۆۋەتتە مۇنبىرمىزدىكى ئەزالار بىر قەدەر ئاز، ۋە ئۆزلىكسىز كۆپىيىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ، ھازىرقى بار ئەزالىرمىزمۇ ئىنتايىن ئىناق، ھەر قانداق بىر تېما ئىنكاسسىز قالدىغان ئەھۋال ھازىرچە كۇرۇلمىدى، بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ، ئەزالىرىمىزنىڭ بىر-بىرگە بولغان چۇشەنچىسى چۇڭقۇر شۇنداقلا كۆزگە كۇرۇنگەن باشقۇرغۇچىلار ۋە قابىل ئەزالار خېلى كۆپ، دىمەك، مۇنبىرمىز ئۇچۇن ساننىڭ كۆپ بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۇرۇش.
مۇنبىرمىزنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىراگىراممىسى- بىر تەرەپتىن ئەزالارنىڭ ئۆز-ئارا چۇشەنچىسىنى ئىلگىرى سۇروپ، قىزىقىشىنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇنبىرمىزنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ، بۇ پىراگىراممىنىڭ ئىزچىل داۋاملىششىنى ۋە ئەزالارنىڭمۇ بۇ پىراگىراممىنى يېقىندىن قوللاپ، ئاۋاز قۇشۇپ بىرىشىنى، ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۇمىت قىلىمەن.
«ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن» دىگەندەك ،سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ۋە بىزنىڭ قوللىشىمىزلا بولدىكەن مۇنبىرمىز كۇندىن-كۇنگە روناق تېپىپ، تور دۇنياسىدا ناھايتتى تىزلا كۆزگە كۇرۇنگۇسى!!!!!!!!!!!!!!


ئەگەر مەن تۇپراق بولغان بولسام، باتۇرلارنىڭ دەسسشىگىلا يول قويغان بولاتتىم
ozturuk0997 * توردا يوق

Rank: 4Rank: 4Rank: 4Rank: 4

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
244 
تېما
11 
نادىر تېما
جۇغلانما
678 
ھوقۇق
50 
تىزىملاش
2010-8-21 
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-16 

ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 15:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن زىل ئەپەندى بىلەن قىسقىچە تۇنۇشقانلىقىمدى خۇرسەنمەن
kaplan * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
52662  
ھالەت
يازما
3452 
تېما
455 
نادىر تېما
جۇغلانما
183246 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-13 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۈگۈن كۇچا مۇنبىرى سۆھبەت پىراگىراممىسى 2-ساننىڭ مۇۋەپىقيەتلىك ئىشلەنگەنلىگىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پىراگىراممىغا كۈچ قوشقان يۇپۇرماق خانقىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ،مۇنبىرمىزنى تېخىمۇ رەڭدار جەلىپ قىلارلىغى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، مۇشۇنىڭدەك ھەر خىل تۈرى كۆپ سەھپىلەرنى كۆپەيتسەك ،ئەزالارنىڭ قىزغىنلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايمىز ،بارلىق باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ،كۆپرەك ئىزدىنىپ ،تەكلىپ پىكىر بىرىپ ،ياكى ياردەم قىلىش ئارقىلىق مۇنبىرمىزنى ،توربەتلەر دۇنياسىدا تېخىمۇ چىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز ، كۆپنىڭ ئەخلى كۆپ بۇلۇدۇ ،
مۇنبەر باشلىغى ۋە مۇنبەر قۇرغۇچىسى
vmvtjan * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
111 
تېما
12 
نادىر تېما
جۇغلانما
344 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-7 

ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يىتىش ئۈچۈن «مەنزىل» گە،
«قاپلان»كەبى كۈچ كېرەك.
شۇندا «يۇلتۇز» پارلايدۇ،
«زەرخۇش» بۇلار كۆڭۈللەر.

كۈچلا ئەمەس«ھەقىقەت»-
ئىدرەك كېرەك «مۇنبەر»چۈن،
«ئەركىن»نەپەس ئالايلى،
«رۇخسارى»مىز «نۇرلان»سۇن.

«زومىگەر» بوپ بەيگىدە،
«ئىزدىنىش»تە چاپايلى.
«نازاكەت»تە بۇ-«گۈلۈم»
بولسۇن داڭدار -ئۇز «لەيلى».





باھا سۆز

manzil قەلەم قابىليىتىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن.... يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:56
yupurmak * توردا يوق

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

قوللاش
1011  
ھالەت
يازما
1433 
تېما
289 
نادىر تېما
جۇغلانما
11590 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2009-4-20 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىتىش ئۈچۈن «مەنزىل» گە،
«قاپلان»كەبى كۈچ كېرەك.
شۇندا ...
vmvtjan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:30



پاھ..! شېئىر دىگەننى قاتتىق كەلتۈرۋېتىپسىزغۇ؟؟؟
مۇنبىرىمىزدە سىزدەك ئىجادىيەتچىنىڭ بولغانلىقى ،بىز ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىنارلىق ئىش.
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر قانداى بىر ئىجادىي تېمىلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز..

بىلگىنكى دىلىڭ ساپ،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،
يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ.

kusankizi * توردا يوق

Rank: 4Rank: 4Rank: 4Rank: 4

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
156 
تېما
10 
نادىر تېما
جۇغلانما
619 
ھوقۇق
50 
تىزىملاش
2010-10-18 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ساننىڭ داۋاملىق يولغا قۇيۇلغىنى تولىمۇ ياخشى بۇلۇپتۇ، بۇ بىزندەك يېڭى ئەزالار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم، ھەم مۇنبەردىكى نۇرغۇن باشقۇرغۇچى، نۇرغۇن دوستلار بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتى بۇلىدۇ، شۇڭا مەن ھەرقايسىڭلارنى بىزگە مۇشۇنداق شارائىت يارىتىپ بەرگىنىڭلاردىن تولىمۇ خوشالمەن، بولسا سۆھبەت پىروگراممىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
ئىنسان ئىكەنسەن، ئىنساندەك ياشا!
ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزلىكىڭنى ئۇنۇتما!
vmvtjan * توردا يوق

Rank: 3Rank: 3Rank: 3

قوللاش
0  
ھالەت
يازما
111 
تېما
12 
نادىر تېما
جۇغلانما
344 
ھوقۇق
30 
تىزىملاش
2010-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-7 

ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 16:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

باشقۇرغۇچى «يۇپۇرماق»-
«ئالىي»سى بار ئالدىدا.
سىزگە بولغان قايىللىق،
كۆڭۈللەردە ،دالدىدا ...

يات ئىكەنغۇ سىز ئۈچۈن،
كۈز كەلسىمۇ سارغىيىش.
ئەجرىڭىزچۈن،جاپاچۈن،
سىزدە يوقكەن غادىيىش.

بىرلا نىشان-سىز ئۈچۈن،
نەپ يەتكۈزۈش ھەممىگە.
بىلىپ بۇنى تازغانلار ،
يىغىلسىكەن مۇنبەرگە.


.............
manzil * توردا يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قوللاش
2143  
ھالەت
يازما
3232 
تېما
206 
نادىر تېما
جۇغلانما
29913 
ھوقۇق
200 
تىزىملاش
2008-10-19 
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-12 

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 17:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش vmvtjan نىڭ تېمىسى


بۇ ئىنكاسىڭىز بۇ سوھبەت پىرۇگىراممىسىغا ئالاھىدە ھۇسۇن قۇشۇپتۇ ،رەھمەت سىزگە....يىزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىز ھەقىقەتەن يۇقرىكەن،،،قەلەملىرىڭىز تۇختاپ قالمىسۇن....
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى،سەمىمىيەت-غەلبنىڭ ئاچقۇچى
چ چ:675835234
rixta0999 * توردا يوق

Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6Rank: 6

قوللاش
137  
ھالەت
يازما
166 
تېما
14 
نادىر تېما
جۇغلانما
1977 
ھوقۇق
70 
تىزىملاش
2009-3-28 
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-31 

يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 17:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا rixta0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-10-29 18:09

ئادەم سانى 1445دىن ئاشىدىغان مۇشۇنداق بىر زورايغان مۇنبەردە تىمىلارغا چۈشىدىغان ئىنكاس نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاز ؟نەچچە كۈننىڭ ياقى قارىسام 100گە بارمايدۇ . ئىنكاس ئاز . نىمىشقا تىمىلارنىڭ ئىجادى بولۇش ياكى بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر تىزىملاپ كىرگەن ئەزالارنى ئىنكاس يىزىشقا تىما يوللاشقا قىززىقتۇرالمايدىغاندۇ ؟ باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ كۈنى تەسكەن ، تىما تەستىقلىمىسا تىخى ، تەھرىرلىمىسە تىخى ، مۇنبەرگە يىڭى تىما يوللاپ تىمىلارنى يىڭىلاپ تۇرمىسا تىخى ، ئىنكاس يازممىسا باھالىمىسا تىخى . گەپنىڭ قىسقىسى باشقۇرغۇچىلارلا ئەمەس ئەزالارنىڭمۇ مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئۆزەم غۇلجىلىق بولساممۇ ئەدەبىيات ھۈجەيرەم چورتلا بولمىسىمۇ ئۆزەم ياقتۇرغان نەرسىلەرنى يوللاپ قويىمەن . ۋاقىت ئاجرىتالىساملا ئىنكاس يازىمەن . (مەخپى نۇمىرىمنى تىپىپ كىرگىلى ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ )كوتۇلداپ كەتتىما .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

كۇچا تور بېكىتى ( 新ICP备10004344号 ) | 鼠标效果

GMT+8, 2011-1-13 03:20 , Processed in 11.389793 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.