查看完整版本: [-- ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2012-04-24 22:10
ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال

ئاپتورى: چىندىل

دىدى بىر ئاخماق زىيالى خوتۇنىڭ نە ئىش بىلەن
خوتۇنۇم ئۆيدە دىسەم كۈلدى پاراڭ ئەسناسىدا
دىدى ئىشسىز ئولتۇرامدۇ ئۆيدە كۈننى كەچ قىلىپ
ئۆتكۈزۈپ گۈلدەك ئۆمۇرنى بالىلار غەۋغاسىدا

بالا باققان ئەرنى كۈتكەن ئىش ئەمەسمىش ئاڭلىسام
ئالمىسا خەقتىن مائاش بىكارچىمىش ئويلاشىدا
خوتۇنۇڭ پۇل تاپمىسا قانداق تۇتارسەن ئۆي دىدى
مەن دىدىم قانداق ياشارسەن خوتۇنۇڭ ساياسىدا

ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنى دىمە ئاقنانچى خوتۇن
دەۋرىمىزنىڭ ئۈلگىسى ئۇ ئائىلە بەرپاسىدا
ئۇ بالاڭنىڭ ئانىسى ئۈممەت ئۈچۈن ئالتۇن بۆشۈك
ئەر ئۈچۈنلا ئاققۇچى ئۆمرى ۋاپا دەرياسىدا

ئىتقادنىڭ پاسىبانى ئۆرپىمىز قورغانى ئۇ
كەلگۈسى مىللەت ئۈچۈنلا ياشىغاي دۇنياسىدا
شەخسىيەتسىز،جان پىدا ئۇ دىينىمىزغا يار يۆلەك
بالىمىزغا تۈنجى ئۇستاز مەرىپەت سەيناسىدا

سورىماس شۆھرەت مۇكاپات ئەرنى دەپ قىلسا ئەجىر
ئانىلىق خىسلەتمۇ دەل شۇ بالىلار ئىنكاسىدا
كۆكلىگەي بەختىڭ سىنىڭ ھاردۇق ئىېشىدا تەرلىسەڭ
پاك تائام ئالى ئوزۇق بەركەت ئۇنىڭ سۇپراسىدا

قارىساڭ كۆڭلۈڭ خۇشال ،شۇنچە مۇلايىم بۇيرۇساڭ
قالغۇسى باغرىڭ پۇتۈن چىقساڭ سەپەر ئورتاسىدا
كۈتكۈسى كىرسەڭ قاچان باغىرىدا ئاتەشدان يىقىپ
بۇلغىماس نامىڭنى دوس دۈشمەن ۋايا ئەل قاشىدا

بوي تالاشماس ئەر بىلەن ،ھەمدەم ئاڭا بار يوقىدا
ئەرگە بەرگەي زور ئىشەنچ باققاندا ھەر شەھلاسىدا
ئەرنى ئەر قىلغاي خوتۇن روھىنى كۆككە ئۆستۈرۈپ
پادىشاھنىڭ ئىززىتىنى كۆرسىتىپ سەھراسىدا

ئائىلەڭنىڭ بەركىتى ئۇ تۇرمۇشۇڭغا پاسىبان
تاپمىغايسەن ئۇنچە سادىق دوس جاھان مىقياسىدا
تونىمايدۇ ئىزلىمەيدۇ بىر سىنىڭدىن باشقىنى
چولپىنى سەن ، باتۇرى سەن قەلبىنىڭ ئورداسىدا

تۇرمۇشۇڭنى قىلسا خەندان خۇش تەبەسسۇمدا بىقىپ
كۆرسىتەر جەننەت ئۈمىيدى  ئىتقاد ئىخلاسىدا
ئاددى ساددا پاك ياشاشتۇر رىغبىتى دائىم ئۇنىڭ
كۈنلىرى ئۆتمەس بىھۇدە مودىنىڭ  سەۋداسىدا

خوتۇنۇڭ زاۋۇت قۇرارمىش ئۆينى تاشلاپ قاغجىراق
چاقنىتىپ ئەرلەر كۆزىنى پول  ھوقۇق شولاسىدا
چىن ئايال ئادەم تۇغار ، ئادەم باقار ، ئادەم قۇرار
بۇ ھاياتتا قايسى زاۋۇت تەڭ ئاڭا چاقناشىدا

پۇل تىېپىشقا ئىشچى ياللا پايدىلان پۇل تاپتۇرۇپ
قۇيمىغىن پۇل مەنپەئەتنى ئەر خوتۇن چىگراسىدا
ساڭا چىندىلدىن نەسىھەت ئاڭلا ئۇيغۇر ئەركىگى
قالمىغىن خاتۇن بىلەن شۇ پۇل پۈچەك ماجراسىدا

ساقىيە چۈش تەبىرى تورىدىن ئېلىندى

banda 2012-04-24 22:26
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان شئېركەن. شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزغا  يېقىن ، ئەمەلىيەتنى ئەكىس- ئەتۈرگەن ئەسەركەن .....................

xahla91 2012-04-24 22:36
مېنى دەمدۇ نىمە  

ئىنسان. 2012-04-24 23:00
ياخشى يېزىلغان شئېىر  

omer 2012-04-24 23:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەجەپ ئىسسىق باستى ما شېئىر! اللە ئاپتورنىڭ ۋە تېما يوللىغۇچىنىڭ بىلىمىنى، ئەجرىنى زىيادە قىلغاي، امين!...

نارات 2012-04-25 00:07
راس دەيدۇ مەن ئايالىمنى تېخىمۇ ياخشى كۈرىپ كىتىدىغان بولدىم.

مارجان222222 2012-04-25 01:23
مەن خىزمەت قىلىدىغان قىز ،خىزمەت جەريانىدا ئۇچرىغان قولايسىزلىقلارنى ئويلىسام ..............ئىشلەۋاتقان ئاياللارغا(ئىچىدە مەنمۇ بار)ئىچىم ئاغرىدۇ ،،ئاللاھ خالىسا ئەردەك ئەرگە تېگىپ ھەقىقىي ئايالدەك ياشىسام دەيمەن ،لىكىن شۇنداق ئەر نەدە ؟ھېيييييييييييي    سىنى مەن بېقىۋاتىمەن جۇمۇ ۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ  دىمەيدىغان ،ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنىڭ نىمىلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۇشىنەلەيدىغان ئەر بولسا خىزمەتكە سەرپ قىلغان شۇ ۋاقتىم ۋە بىلىمىمنى باللىرىم ۋە ئائىلەمگە سەرپ قىلسام قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەر بولغۇيتۇم ھە!شۇنداق ئايال بولالايدىغانلار بار ،شۇنداق تەقۋادار بىلىملىك پەزىلەتلىك ئەر بارمۇ ؟

samanyoli 2012-04-25 01:27
شۇنداق تەقۋادار پەزىلەتلىك ئەرلەر بار،،،،،،،،،لېكىن يامان يېرى،ئۇنداق ئەرلەر خىزمەت قىلىدىغان قىزلارغا نەزەر كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمايدۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھەيييييييي،،،،،،،قانداق قىلارمىز بۇ ئىشلارنى،،،،،،،   

bende 2012-04-25 01:57
مەنمۇ قوللايتمە !!!!  ئۇنداق ئەرلەر بەك جىق.... ياكى مەن جىق كۆردۈممۇ ئىشقىلىپ...ئاللاھ شۇنداق ئەرلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرسۇن ...

قارگۇلى 2012-04-25 12:13
ئايال ئۇچۇن ئەڭ مۇھىمى -ئائىلە!!! مېنىڭ بەزى يىلدا مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىدىغان ئايال خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ قىزى 10يىللىقتا تۇرۇپ ،بىرسىنى ياخىشى كۆرۇپ قېلىپ، كىچىككىنە ئىش ئۇچۇن مەكتەپ بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالدى،،،،، يەنە بىرسىنىڭ قىزى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى  بېرىشتىن يالتىيىپ ئىمتان ۋاختىغا  2كۇن قالغاندا قېچىپ كېتىپ ئىمتىھان بەرمىدى!!!!!!!ئۇلار تېخى بىزلەگە ۋەز سۆزلەپ ،ئايال كىشى ئۇچۇن خىزمەت ئەڭ مۇھىم دەپ كېتىدۇ!!!!!  گەپ قىلاي دېسە تېخى،،قىلماي دېسە تېخى.............

paris 2012-04-25 13:27
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى مارجان222222 نىڭ 2012-04-25 01:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مەن خىزمەت قىلىدىغان قىز ،خىزمەت جەريانىدا ئۇچرىغان قولايسىزلىقلارنى ئويلىسام ..............ئىشلەۋاتقان ئاياللارغا(ئىچىدە مەنمۇ بار)ئىچىم ئاغرىدۇ ،،ئاللاھ خالىسا ئەردەك ئەرگە تېگىپ ھەقىقىي ئايالدەك ياشىسام دەيمەن ،لىكىن شۇنداق ئەر نەدە ؟ھېيييييييييييي    سىنى مەن بېقىۋاتىمەن جۇمۇ ۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ  دىمەيدىغان ،ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنىڭ نىمىلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۇشىنەلەيدىغان ئەر بولسا خىزمەتكە سەرپ قىلغان شۇ ۋاقتىم ۋە بىلىمىمنى باللىرىم ۋە ئائىلەمگە سەرپ قىلسام قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەر بولغۇيتۇم ھە!شۇنداق ئايال بولالايدىغانلار بار ،شۇنداق تەقۋادار بىلىملىك پەزىلەتلىك ئەر بارمۇ ؟

ھەقىقى چىن نىيىتىڭىزدىلا بولىدىكەن ئاللاھ نىيىتىڭىزگە يەتكۈزىدۈ ئىنشا ئەللاھ!  بۇ ئۇلىنىشقا مەرھەمەت قىلغايسىز!!!!!!/read.php?tid-18932.html

pakdiyar 2012-04-25 19:13
ما ئىشنى كۆ

qiqak119 2012-04-28 11:26
بەزى ئەرلەر بىزدەك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان  ئاياللارنى  قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دەيدۇ ، بۇنداق دىيىش پۈتۈنلەي خاتا  .  ئىسلام دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ خىزمىتى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئېرىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنى تۇتۇپ ، ئەر تاپقان پۇلنى ئىسراپ قىلماي ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت . بەزى ئەرلەر ئايالىنىڭ خىزمەت قىلىشنى ياقتۇرىدۇ . بەزى ئاياللار ئۆدە ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ . بۇ ھەركىمنىڭ ئىمان ، ئېتىقادىغا باغلىق ئىش .

بۇ تىما ماڭا ئىنتايىن ياقتى . بىزدەك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ، ئائىلىسى ئۈچۈن ئۈنسىز  جاپا تارتىدىغان ،خوشلۇقىنى پەقەت ئائىلىسىدىنلا ئىزدەيدىغان ........................... ئاياللارنى  چۈشەنگەن چىندىل  توردىشىمىزغا  رەھمەت .

نەزىفە0515 2012-05-01 13:35
ايالنىڭ ھۆرمىتى،ىززىتى،بەختى - ۆيدە.


查看完整版本: [-- ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051503 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us