باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1332 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: نىيەتنىڭ ئەدەبلىرى(پارىس)
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1128
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1128دانە
ئۆسۈش: 2780 %
مۇنبەر پۇلى: 13592 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 18:16

نىيەتنىڭ ئەدەبلىرى(پارىس)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
                                                  
                                         بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
                  ( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
                    

               ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن؛ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىز    مۇھەممەت    ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!

                                                       نىيەتنىڭ ئەدەبلىرى

               نىيەتسىز ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ، مەيلى سىز قىلىدىغان ئەمەل(ئىش) ئاخىرەت ئەمەللەر ياكى دۇنيائىشلىرى بولسۇن پەقەت نىيەت (بىلم،سەبىرچانلىق،ھەم ئىخلاسمەنلىك )بىلەنلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئاللاھ سۇبىھانەھۇ ۋەتەئەلا بەينە سۈرىسىنىڭ5-ئايىتىدەمۇنداق دەيدۇ:[ئۇلارپەقەت ئبادەتنى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا ئىتىقات قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى، ئەنەشۇلار(يەنى ئىبادەت قىلىش،ئخلاس قىلىش،ناماز،زاكاتلار)توغرادىندۇر.]
          ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئخلاسنى نىيەتكە قاراتتى.
            يەنە ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:{ئىيىتقىنكى،<<مەن دىننى (شىرىكتىن ۋە رىيادىن)ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بويرۇلدۇم>>}(سۆرە زۈمەر 12-ئايەت)
ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ئىنسان نىمەئىشنى نىيەت قىلغان بولسا شۇئىش بولىدۇ>>. (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)
يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<ئاللاھ سىلەرنىڭ سۈرىتىڭلارغا(شەكلىڭلارغا) پۇل مېلىڭلارغا(ئابورويىڭلارغا)قارىمايدۇ، ئاللاھ پەقەت سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا(نىيتىڭلارغا) ئەمەللىرىڭلارغا(ياخشى ئەمەلمۇ يامان ئەمەلمۇ)قارايدۇ.(مۇسلىم ۋە بۇخارى رىۋايىتى)

                                     دۇرۇس نىيەتنىڭ پەزىلىتى

            بىزنىڭ نىيىتىمىز دۇرۇس بولىدىكەن بەزى ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ يەنى بەزى ئىشلارغا قۇربۇمىز يەتمىسىمۇ ئاللاھ بىزنىڭ نىيىتىمىزنىڭ دۇرۇسلىغىدىن شۇ ئىشلارنى قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ.
                ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<كىمىكى بىر ياخشى ئىشنى ئويلاپ (نىيەت قىلىپ)قىلالمىغان بولسىمۇ شۇ ئادەمگە بىر ياخشىلىق يىزىلىدۇ،>> (مۇسلىم رىۋايىتى)مانا بۇ دۇرۇس نىيەتنىڭ پەزىلىتى
.
                                ئادەملەر نىيەتتە تۆت تۈرلۈك بولىدۇ


يەنەبىر ھەدىس شەرىپتەمۇنداق دىگەن ؛(ئادەملەر (نىيەتتە) تۆت تۈرلۈك بولىدۇ ،بىر ئادەمگە ئاللاھ ئىلىم ،ئىقتىسات ئاتا قىلدى ،ئۇ ئادەم ئىلىمغا ئەمەل قىلىپ ،ئىقتىسادىنى ياخشى يوللارغا سەرىپ قىلىپ زاكىتىنى ئايرىدى،يەنە بىر ئادەم تۇرۇپ ؛ماڭىمۇ ئاشۇ ئادەمگە ئوخشاش ئىلىم،ئىقتىسات ئاتا قىلىنغان بولسا ،مەنمۇئاشۇ ئدەمدەك ئىلىمغا ئەمەل قىلىپ ،ئىقتىساتنى ياخشى يوللارغا ئىشلەتكەن بولسام دىگەن بولسا ، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ساۋاپ دەرىجىسى ئوخشاش بولىدۇ ،
            يەنە بىر ئادەمگە ئاللاھ ئىقتىسات ئتا قىلدى ،ئىلىم ئاتا قىلمىدى ،ئۇ ئادەم پۇل-ماللىرىنى قالايمىقان بۈزۈپ چېچىپ ئەيىش -ئشرەلەرگە ،گۇناھ ئىشلارغا ئىشلەتتى،يەنە بىر ئادەم تۇرۇپ؛ ماڭىمۇ ئاشۇندا پۇل-ماللار ئاتا قىلىنغان بولسا  مەنمۇ ئاشۇ .ادەمدەك ئوينىغان بولسام دەپ نىيەت قىلغان بولسا  ،بۇ ئىككى ئادەمنىڭ گۈناھى ئوخشاشتۈر.)  (ئىبنى ماجە توپلىغان ھەدىس)              
        
                  نىيەت دۇرۇس بولسا چوڭ ئىش قىلغاننىڭ ئەجىرى بىرىلىدۇ
            
              مەدىنىدە بىر تۈركۈم ساھابىلەر رەسۇلۇلاھ بىلەن جەڭگە چىقالمىغان رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭمۇ ئەجىرى ئوخشاش بولىدۇ دىگەندە ساھبىلەر :نىمە ئۈچۈن دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ:<<ئۇلار ئۆزۈر سەۋەبىدىن چىقالمىغان ،نىيەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئەجىردە ئورتاق بولغان>>دەپ جاۋاپ بەرگەن(بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇتتا خاتىرلەنگەن ھەدىس) دىمەك نىيەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئاللاھ بىزگە غازى ۋە مۇجاھىتلارنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بىرىدۇ.
                             نىيەتنىڭ سەۋەبىدىن دوزىخى بولۇش

                  رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن:<<ئىككى مۇسۇلمان بىر بىرىگە تىغ تەڭلەپ شوقۇشقان بولسا ،قاتىلمۇ ئۆلگۈچىمۇ دوزىخى >>،ساھابىلەر  يارەسۇلۇللاھ :قاتىلغۇ دوزىخى بولسۇن ئۆلگۈچى قانداق دوزىخى بولىدۇ دىگەندە رەسۇلۇللاھ:<<ئۆلگۈچىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان >>دەپ جاۋاپ بەردى(بۇخارى رىۋايىتى)

                         ئادەم نىيەتنىڭ سەۋەبىدىن زىناخور ۋە ئوغرى بولىدۇ

                رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن:<<كىمكى بىر ئايالنى مىھىر ھەققىنى توختۇتۇپ نىكاھىغا ئېلىپ ،مىھىر ھەققىنى بەرمەسلىكنى ئويلىسا ،ئۇ زىناخوردۇر، كىمكى بىر قەرىزنى ئىلىپ بەرمەسلىكنى ئويلىغان بولسا  ئۇ ئادەم ئوغىرىدۇر>>(ئىمامۇ ئەھمەت ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان ھەدىس)
                        
                      ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<ئاللاھ بىر ئادەمنىڭ ئەمەل قىلمايتۇرۇپ قىلغان سۆزىنى قۇبۇل قىلمايدۇ ھەمدە نىيەت قىلماي تۇرپ قىلغان ئەمىلىنى ھەم سۆزىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.>>   دىمەك ئەمەل دىگەن بىر تەنگە ئوخشىغان بولسا نىيەت شۇ تەندىكى روھقا(يەنى جانغا)ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى بىر كۆرۇلسە ئاللاھ سىزگە ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلىدۇ. ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<(بىر ئىشنى قىلىشتا) نىيەت قىلمىغانغا ئەجىر بېرىلمەيدۇ، مۆئىمىننىڭ نىيتى ئەمەلىدىن ياخشىدۇر.

                                مۆئىمىننىڭ نىيتى ئەمەلىدىن ياخشىدۇر.

              ئۆمەررەزىيەللاھۇنىڭ دەۋرىدە بىر ساھابە ئادەملەر ئۆتىدىغان مۇھىم يەرگە كۆرۈك سالماقچى بولۇۋېدى، بىر يەھۇدى شۇ ساھابىنىڭ ئورنىدا ئالدىدا بېرىپ كۆرۈكنى سېلىشقا كىرىشكەن ئىدى، ھېلىقى ساھابە بۇنى كۆرۈپ قايغۇرۋېدى ئۆمەر رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ ئۇ ساھابىگە تەسەللى بېرىپ مۆئىمىننىڭ نىيتى ئەمەلدىن ياخشى دېدى، يەنى ئاشۇ يەھۇدى سالغان كۆرۈكتىن سىنىڭ نىيتىڭ ياخشى دىدى.
                 ئىنسان ئاللاھنى ھەققى چىن دىلىدن تونۇشى ۋە ئۇلۇغلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھ بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى باغلىنىپ ئىنسان ھەرقانداق ئىشلاردا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان يىمەك-ئچمەك،ئۇغلاش،ئەرئاياللىق مۇناسىۋەت،سۆزقىلىش،ۋە باشقا ھەركەت-سوكوناتلاردا بولسۇن نيەت بىلەن قىلىدۇ، ئەگەر ئىنسان تائام يىمەكچى بولسا پەقەت لەززەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس ئىبادەتكە ياردىمى بولۇش ئۈچۈن يەيمەن، ئىچىمەن دىيىشى خۇدا رىزالىقىدىكى نىيەت ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئۇخلىماقچى بولسا مەن ئەتە ئۆزۈمگە مالاللىق يەتكۈزىمەسلىك ئۈچۈن ئىبادەتلەرنى ، كەسىپ-تىجارەتلەرنى روھلۇق تىتىك قىلىش ئۈچۈن ئۇخلايمەن دىگەن نىيەتنى قىلىدۇ. كەچتە ئارام ئىلىپ تۆشەكتە ياتقاندا ئايالىنىڭميۇ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھارام زىنادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقە قلىدىم دىگەن نىيەتنى قىلىدۇ، شۇنداق نىيەت بىلەن توغۈلغان پەرزەنىت سالىھ پەرزەنىت بولىدۇ، ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئشلاردا  ھۈنەر سانائەت ئىشلاردا بولسۇن مەيلى كەسىپ تىجارەت ئىشلاردا بولسۇن ھالال يىيىشنى مەقسەت قىلىپ ئىبادەت قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ دىگەن ياخشى نىيەتلەر بولىدىكەن ئاللاھ رىزالىقىدىكى ئىش بولۇپ ھەممە ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئىشلار ئىبادەتكە ئايلىنىپ ئەجىر -ساۋاپ بولۇپ قىيامەتتە تارازا مىزانى ۋە ياخشىلىقى ئېغىر بولۇدۇ.
                    بىز نىيەتلىرىمىزنى يۇقۇرقىدەك رۇسلاپ ماڭىدىكەنمسىز دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىت سائادەتكە ئېرىشىمىز ، نىيەتنى رۇسلىمايدىكەنمىز دۇنيا-ئاخىرەتتە خارلىنىپ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىمىز. رەئىدە سۈرىسىنىڭ11-ئايىتىدە ئاللاھ سۇبىھانەھۇۋەتەئەلا مۇنداق دەيدۇ:[ھەرقانداق بىر قەۋىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرىتمەيدۇ.]
                  ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ سەن بىزنىڭ نىيەتلىرىمىزنى دۇرۇس قىلىپ بىزگە بىرلىك ئىتىپاقلىق ئاتا قىلغىن . يامان نىيەتلىك ئادەملەرنى ھالەك قىلىپ بىزگە رەھمىتىڭنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن. ئامىن!
ۋە ئاخىرۇ دەئۋانا ئەنىلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىن.
بۇ تېمىنى تەيارلىغۇچى:پارىس.
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5162 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-09-03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بىر-بىرىدىن ئېسىل تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز قېرىندىشىم. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئەجرىڭىز ۋە ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن، امين!...
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 22:00

ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام ، ئۇلۇغ اللە شەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن ، بىزلەرگە ھەم شۇ تېمىلاردىن مەنپەئەت ئىلىشنى نىسىپ قىلسۇن ، اميىن !
اللا
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1128
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1128دانە
ئۆسۈش: 2780 %
مۇنبەر پۇلى: 13592 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 22:42

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى omer نىڭ 2012-03-27 21:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بىر-بىرىدىن ئېسىل تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز قېرىندىشىم. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئەجرىڭىز ۋە ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن، امين!...

ئاللاھ سىزنىڭمۇ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي قېرىندىشىم!
يوقاپ كاتماي ئىيمانلىشىپ تۇرايلى!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6707
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-25
ئاخىرقى: 2012-03-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 23:30

«يامان نىيەتلىك ئادەملەرنى ھالەك قىلىپ بىزگە رەھمىتىڭنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن. ئامىن! »
بۇ گېپىڭىز بولماپتۇ، ئاللاھىم، يامان نىيەتلىك ئادەملەرنى ھىدايەت قىلغايلا، بىزگە رەھمەتلىرىنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگەيلا، ئامىن!
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1128
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1128دانە
ئۆسۈش: 2780 %
مۇنبەر پۇلى: 13592 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 23:44

2-قەۋەت (arzuyum) نىڭ يازمىسىغا

رەھمەت مۇئمىنە سىڭلىم!
دوستلىشىش
رۇمەيسا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10995
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-03
ئاخىرقى: 2012-07-03
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 00:39

ھەقىقەتەن ياخشىكەن.      
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1333
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1333دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7661 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-08-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 00:42

ئەسالامۇ - ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ! سىز  تولىمۇ مەنپەئەتلىك تىمىلارنى يوللايسىز جىمۇ
سىزنىڭ يوللىغان ھەربىر تىمىڭزنى ئۇقۇمىغان كۈنۈم يوق، بۇندىن كىيىنمۇ كۆپۈرەك
يوللاپ تۇرغايسىز، بۇنداق تىمىلارنى قانچە ئۇقۇپ بەسە ئىمان ھۈجەرلىرىمىز شۇنچە كۆپىيدىكەن
خەلقىم مېنىڭ ئۇستازىم!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11094
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 2020 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-10
ئاخىرقى: 2012-06-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 08:31

ھەقىقەتەن بەك ېىسىلكەن...
شۈكرى ئاللاھ...
دوستلىشىش
salmanuyghur
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 254
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە254دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 2876 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-09-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 10:54

ئاللاھ ھەممىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلغاي!ئامىن!