查看完整版本: [-- زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك  يوللىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك  يوللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

paris 2012-02-04 22:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

                                            بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
                         (ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)



               زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك  يوللىرى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئەتراپىمدا ھەقىقى، ساغلام ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان بىر قانچە زىيالىي، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. ئۇلار مەندىن ئىسلام ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى سوراشقان ئىدى. مەن بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە دەسلەپكى چۈشەنچە بەردىم. ئېتىقاد، ئىمان، ئېتىقادنىڭ زۆرۈرلىكى، «ئاللاھ›› نى تۇنۇش، ئىسلام، مۇسۇلمان، «ئاللاھ»نىڭ پەيغەمبەرلىرى، ساغلام تەپەككۇر ۋە ساپ ئەقىل _بىلىم. لېكىن بۇ قېرىنداشلار تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئائىلە، ئەتراپتىكى مۇھىت، مەكتەپ ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى تۈرلۈك ئاتېئىزىم، ماتىريالىزم بىلەن تۇيۇنغان ماتېرىياللار دۆۋىسى ئىچىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، شەيئىلەرنى كۈزىتىش نۇقتىسى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئەقلىيلىككە مۇراجىئەت قىلاتتى. مەن بۇ خىل خالىس ياردەم، دەۋەت جەھەتتە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم. بۇ خىل قاتلامدىكى كىشىلەرگە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك شۇنداقلا ئىلمى بولغان ئۇسۇلغا مۇھتاجمەن. بۇ جەھەتتە تەجرىبە ۋە مول ئىلىمگە ئىگە ئۇستازلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ قېرىنداشلارنى يېتەكلەش جەھەتتە خالىس مەسلىھەت بېرىشنى سەمىمىي ئۆتىنىمەن. ئىشىنىمەنكى بۇ قېرىنداشلار ھەقىقى ئىسلام يولىدا ياشاشتىن ئىبارەت ئىلاھىي نىئمەتكە نائىل بولالىسا ئۇلار چوقۇم ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۈلگە بولغىدەك ساغلام ئېتىقادلىق ، ساپ ئىمانلىق دەۋەتچىلەردىن بۇلار ئىدى.


جاۋابلار
جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ئىسلامغا دەۋەت قىلىش كىشىلەرنى توغرا، دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادەت يولىغا باشلاشتىن ئىبارەت ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دەۋىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ھەققە دەۋەت قىلىپ تۇرۇشقا، بامانلىقتىن توسۇپ تۇرۇشقا بۇيرىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۈممىتىمىزنى ئەڭ ئەۋزەل ئۈممەت بولۇش شەرىپىگە نائىل قىلغان.

(سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان، ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر)(ئالى ئىمران سۈرىسى 110ـ ئايەت).

بىر كىشىنىڭ ھىدايىتىگە سەۋەب بولۇش ئىنتايىن كاتتا ئىش.

رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتىدا ھەزرىتى ئەلىگە: «بېرىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغا چۈشكەنگە قەدەر تەمكىن بولغىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئىسلامدا ۋاجىب بولغان ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر ئادەمنى ھىدايەت قىلغىنى سەن ئۈچۈن سېنىڭ قىزىل تۆگەڭ بولغىنىدىن ياخشى» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 4210-ھەدىس)

ئەمدى ئىسلام دىنىمىز ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىكى تەبىئىتىگە زىت بولمىغاچقا، ئىلىم بىلەن ئەقىلگە تاقاشمىغاچقا، بۇلغانمىغان ئىنسانىي ساپ تەبىئەت بىلەن ساپ ئەقىلگە خىتاب قىلغاندا دەۋەت ئۈنۈم بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپتە ئىسلام دەۋىتىنى باشلىغاندىمۇ ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش مەككىدىكى ئەڭ چوڭ زىيالى ئالىملار ئىسلامنى قوبۇل قىلغان.

ھازىرقى دەۋردە ئوقۇغانلار، زىيالىيلار تۈرلۈك ئېقىملەرنىڭ، ئىدولوگىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېتىلىدىغان بولغاچقا، دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ.

تۆۋەندە تەسىرلىك دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە ئۈنۈملۈك نۇقتىلارنى خۇلاسىلەيمىز:

1. سۆيگۈ، مېھىر-شەپقەت. دەۋەتچى بۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ دەۋەت قىلماقچى بولغانلارنى قېرىنداشلارچە سۆيسە، ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا، ئۇلارمۇ دەۋەتچىنى سۆيسە، ئۇلار تەبىئىي ھالدا ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ئالدى بىلەن دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئۇلارغا سەمىمىي قېرىنداش بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر. سۆيگۈ بولماي نەپرەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەھۋالدا بىر دۆۋە ئەقلى ۋە ئىلمىي پاكىت-دەلىللەر كەلتۈرۈلسىمۇ تەسىرى بولماي قالىدۇ.

2. ئەقلى پاكىت ۋە ئىلمىي دەلىل. ساغلام ئەقىل پاكىت ئالدىدا قانائەتلىنىدۇ، ئۆزئارا سۆيگۈ ۋۇجۇتقا چىقمىغان ئەھۋاللاردىمۇ بەزىدە ئەقىل قانائەتلىنىپ قالسا، مايىللىق بولىدۇ. سۆيگۈ بىلەن ئەقلى قانائەت بىرلىشىپ قالسا، نەتىجە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى قايىل بولغۇدەك دەلىل-پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

3. ئەمەلىي ئۆرنەك بولۇش. بۇ دەۋەتنى ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. دەۋەتچى ئۆزى ياخشى ئۈلگە بولغان ئەھۋالدا ئاندىن باشقىلار قانائەت تاپىدۇ، سۆيىدۇ، ئەگىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشى، ئەمەلىيىتى سۆزىگە ماسلىشىشى، دېگەنلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزى تەتبىقلىشى ئىنتايىن زۆرۈر، شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، بەلكى بۇنداق ياخشى ئۈلگە بولۇش ئارتۇقچە ئەقلى پاكىت، دەلىل سۈرۈشتە قىلماسلىققا سەۋەب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىق جەھەتتىن ئەڭ ئېغىردۇر.)( ساف سۈرىسى 2-3-ئايەتلەر.)

سۆيگۈ بىلەن ئەقلى قانائەت ئۈستىگە ياخشى ئۆرنەك قوشۇلسا، نەتىجە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

4. دەۋەتچى ئىمانى ساغلام، روھىي مەنىۋىيىتى باي، پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىمان ۋە ئىخلاس ئەسىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلىدىغان، باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان، ئاللاھ تائالا بىلەن مۇناسىۋىتى كۈچلۈك، پەرزلەرنىمۇ نەپلىلەرنىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدىغان، داۋاملىق ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇشى دەۋىتىدە مۇۋەپپەق بولۇشىدىكى مۇھىم بىر ئامىلدۇر. چۈنكى دەۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش دېگەن گەپدانلىق، زۇۋاندارازلىق، كۆپ جامائەت سورۇنلىرىدا جاراڭلىق نۇتۇق سۆزلەش بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ. كۆپىنچە دەۋەتچىلەر بۇ ئىمانى تەرەپكە سەل قارىغاچقا، تەشۋىقاتى قۇرۇق تەبلىغدىن ئىبارەت بولۇپ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

5. دەۋەتچى سەۋرچان، كەڭ قورساق، ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالمايدىغان، تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە چىدايدىغان بولۇشى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باشقىلاردىن تەمە قىلمايدىغانلا ئەمەس بەلكى تېخى باشقىلارغا بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ كاپىرلارنىڭ، مۇناپىقلارنىڭ، نادانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغان، ئەپۇ قىلغان.

6. ئالدى بىلەن ئەقىدە، ئىمان ۋە تەۋھىد بىلەن ئۇل سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئاندىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئادا قىلىش، بۇ جەھەتتە ئەڭ مۇھىمنى ئالدىن ئورۇندا قويۇش. بۇ ھەقتە ئاللاھنىڭ بارلىقى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېھتىياجى، ئىسلام بىلەن باشقا دىن ۋە ئېتىقادلارنى سېلىشتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ھەقلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.

7. تائەت-ئىبادەتلەرنى بىللە قىلىش. بىللە ناماز ئوقۇش، بىللە ئىپتار قىلىش، بىللە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش. تائەت-ئىبادەتلەردىن ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدىغان شەكىلدە توغرا ئادا قىلىشنى ئۆگىتىش.

8. بىلىمسىز تەبلىغچىلەرنىڭ سۈپەتسىز ۋەز-تەبلىغلىرىدىن، ئاپتورى نامەلۇم، سۈپەتسىز تەرجىمە ئەسەرلەردىن پايدىلانماي، ئىمام غاززالى، ئىمام ئىبنى قاييىملاردەك مۇتەپەككۇر ئىشەنچلىك مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش. يەنە ھازىرقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى، غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ ئىمان، ئىسلام ۋە مەدەنىيەت توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش.

9. ئاساس ياكى تارماق مەسىلىلەردە قۇرۇق جېدەل، تالاش-تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇش. تەقۋادار، ئەخلاقلىق ئەھلى ئىلىملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىش.

10. ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت ۋە تەۋپىق تىلەپ تۇرۇش. چۈنكى ئاللاھ ئۆزى ھىدايەت قىلغۇچى زاتتۇر، ئۇ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدۇ.

ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.



جەڭچى 2012-02-04 23:35
نادىر تىمىلارنى يوللاۋاتسىز ،جانابى ئاللاھ سىز دىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم ....  

paris 2012-02-04 23:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى جەڭچى نىڭ 2012-02-04 23:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
نادىر تىمىلارنى يوللاۋاتسىز ،جانابى ئاللاھ سىز دىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم ....  

سىزدەك چىۋەر- چاققان، مەيدانى ئېنىق ۋە ھوشيار
قېرىندىشىمغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!

خەنجەر0903 2012-02-04 23:51
مىنىڭچەئالدى بىلەن تەۋھىدنى كۈچەيتىش ھەممىدىن مۇھىم.
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم.

ئۆزنۇر 2012-02-04 23:51
  اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم . بۇ تېمىنى مەن خاتىرەمگە << دەۋەت قىلغۇچى ھەققىدە>> دەپ ماۋزۇ قويۇپ ، قىسقارتىپراق يېزىۋاپتىكەنمەن . مۇنبەرگىمۇ  شۇ بويىچە يوللاپ بولغانىدىم مانا.

/read.php?tid-17530.html

خەنجەر0903 2012-02-04 23:58
سىز ئەسىر سۈرىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئىش قىلىۋىتىپسىز قىرىندىشىم . ئىشىنىمەنكى سىزگە كاتتا ئەجىر بار. ھەممىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تىرىشايلى قىرىنداشلار. بىر ئادەم بولسىمۇ ھەق يولىغا قايىتسۇن . ھەممىز ئىسلام ئۈچۈن پارىس قىرىندىشىمىزغا ئوخشاش كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدىنەيلى.

1... 2012-02-05 01:09
مەنمۇ مۇشۇ بىلملىكلەر ئارىسدىن مۇسۇلمانلار كۆپرەك چىقسىكەن دىگەن ئۇمۇتتە ئەڭ ياخشىسى تەپەككۇر   ھىكمەت ئارقىلق باشقىلارنى دىنغا دەۋەت قىلىش .ھەم سەبرىچان بولۇش مەسىلەن   مەن دائملا مىسۋاكنى يىنمدا ساقلاپ يۇرۇيمەن .بەزى كىچىك بالىلا ر بار يەردە ئىغىزمغا چىشلىۋالىمەن .بۇنى كۆرگەن .ئادەم تاماكا  دەپ ئويلاپ قالدىكەن .لىكىن بۇنى 1400 يىلنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئشلەتكەن .ھەم تەۋىسىيە قلغان . ھازىرىقى ئالىملار مىسۋاكنىڭ ھەققىقەتەنمۇ .ئغىزنى خۇشپۇراق قىلىش   چىشنى چىڭتىش ئىغىز تازلاش رولىنىڭ بارلىقىنى ئسپالاپ چىققان . يەنە بىرى تاماق يىگەن قاچىدا   چاي ئىچىش . پەيغەمبەر ئە لەيھسالام ئەگەر ئۇممەتلىرىم  تاماق يىگەن قاچىدا چاي ئچكەندىكى ھەققىقەتنى چۇشەنسە قاچىنىڭ ئاستىنى تشىپ قويامىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن .دەپتكەن . بۇھەققەتنى ھەممە ئادەمنىڭ چىشى ئاغرىپ باقسا ھىس قىلامىكىن   دەيمەن .سۇننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ ئۆزى دەۋەت .مۇسۇلمان . ئۆز بىلگنگە ھەققىقى رەۋىشتە (يولدا ) ئەمەل قىلالىسا سەبرىچان بولالىسا .ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ھەرقانداق ئادەم تەسىرگە ئۇچىرايدۇ .قۇرئاننىڭ  نىسا  سۇرىسدە <ئنسان نەپسى خائىشغا خىلاپلىق قىلشتىن ئاجىز يارتىلدى >دەپ با ر پەيغەمبەر ئەلەيھسالاممۇ <غىمىم ئۇممىتىمدە ئىشتىياقىم رەببىمگە دىگەن . بۇنى سۆز نى.يەكەن ئالتۇن مەسجىدنىڭ تىمىدا يىزىقلق . ھازىرقى زامان ئىسلام ئالىمى شەيىخ ئۇسەيمىن دىگەن زاتمۇ مۇسۇلمان ياشلارغا نەسھەت دىگەن ئازىراقلا نەسھىېتى بار.بۇ ئۇيغۇر ئاۋازى تورىدا بار. تولىمۇ ياخشى نەسېھەت ئۇ .ئاخىرسدا ئسلامى تىمىلارنى يىزىۋتقان قىرىنداشلىرىمغا شۇنى تەۋىسىيە قىلىمەنكى .چۇشنىشلىك ئاددى قىلىپ ئەقىدىگە  مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كۆپرەك يازساڭلار. جانابىى ئاللاھ ھەربىر مۇسۇلمان قىرىندىشمنىڭ قەلبىگە مۇستەھكەم ئىرادە ئىشەنچ .مەڭگۇلۇك ئىمان ئاتا قىلسۇن .ئاللاھتىن تىلەڭلار .دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكى .دەپ دۇئايىڭلاردا ياد ئىتڭلار ئاندىن سەۋەب قىلىڭلار .ھەر بىر ئنسان مۇسۇلمان بولغاندىكى بەختتىن . ئىسلام دىنىنڭ ھەقىقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن .سەبرىچان بولۇڭلار سەبرى قىلڭلار ...،خاتالىقىم بولسا كۆرسۇتۇپ بىرڭلار ...،

1... 2012-02-05 01:41
يەنە بىىر ئىش سەھھۇل بۇخارى دىگەن كىتابتا .قىيامەت قايىم  بولۇشتىن ئىلگرى .كۇننڭ مەغرىپتىن مەشرىققە چىقىدغانلىقى قەيىت قىلىنغان .لىكىن ھازىرقى ياۋرۇپا ئالىملرى ماتىماتكىلق ھىسابلاش ئارقىلق ھەققەتەنمۇ كۇننڭ تەتۇر يونىلش بويچە ئايلىندىغانلىقىنى  ھىسابلاپ بولغان .باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن . باشقىلارغا ئەگىشىپ قوبۇل قىلغان دىندىن ئنسان ئۆزى ئۆيلاپ تەپەككۇر قىلىىپ قوبۇل قىلغان دىن ئنتايىن لەززەتلىك بولىدۇ .ئنساننىڭ ئۆزقەلبىدە بىرەر ئىش ئۇچۇن ئويلىنىش بولغاندا ئاللاھ شۇ ئنساننىڭ شۇ ئىشقا بولغاب قەلىب دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ .ئىشەنمىسىڭىز   كۇندىزى ئاسمانغا قاراپ بىقىڭ كۇن چققاندىن كىيىن يورۇقلۇق پەيدا بولىدۇ كۇندۇزگە   تەۋە لىكىن كۇپكۇندۇزدە ئاي ئاسماندا نىمە ئىش قىلىدۇ. 1400 يىل ئاۋال قۇرئاندا ئيـتلىپ ۋەقەلەر  ھەدىستە ئيـتلىپ بولغان ۋەقەلەر كۆزئالدىمىزداپەيدا بولۋاتسا سىز بىلەن مەن نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز . قۇرئان ئۇيغۇرچغا  تەرجىمە قىلىندى . ھەدىس تەرجىمە قىلىندى .بىر ئائىلىدە 6 ئادەم بولسا

1... 2012-02-05 02:09
بولسا  شۇ شەرھى قۇرئاننى ھەدىسنى ئوقۇپ باققان ئادەمدىن بىر ى ياكى .ئككىسى بارمىدۇ ئەمەل قىلغاندىنچۇ . ھەممىنى بىر ئادەم مەسجىدىتىكى ئاخۇنۇم دەپ بىرىپ بولالمايدۇ قىرىنداشلار تىرىشىپ باقايلى كۆرۇپ باقايلى ئۇگۇنۇپ باقايلى .نەپسى خائېشىمىزدىن غالىپ كىلىپ باقايلى .ئاندىن ئۆز ئادەملىكىمىزنى تونۇغىلى بولىدۇ .

arslantikin 2012-02-05 09:04
   اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

paris 2012-02-05 11:13
رەھمەت قېرىندىشىم!

lawiy 2012-02-05 13:05
كۇندىزى ئاسماندا ئاي با دەمسىز

خەنجەر0903 2012-02-06 01:09
ئاي تولۇق تولغاندا، سەھەردە ئاسمانغا قاراپ بىقىڭ.

fatih204 2012-02-06 17:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،ئەڭ تەس مەسىلە ،، دۇنيادىن ۋاز كەچمەك ھەقىقەتەن تەس ،،  بىرىنى ناماز باشلىغۇزۇش مۇمكىن ئىكەن ،، ئەمما ئۇنى ھەقىقى ئىسلامى ئاڭ بىلەن ، ئىسلامنى ھايات مىزانى قىلىپ ياشاشقا تىرىشىدىغان يولغا كىرگۇزۇش بۇ بىر بەسىي مۇشكۇل ئىش ئىكەن ،،
چۇنكى ئەۋەل ھىدايەت بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئەمەس ،، ئىككىنچىسى بىز ئوزىمىزمۇ تېخى ناماز ئوقوش باسقۇچىدىن ئىسلامنى ھايات يولى قىلىش باسقۇچىغا تۇلۇق كىرىپ بولالمىغان بولغاندىكىن ، ئوزدە يوقنى ئوزگىگە بەرگىلى بولمايدىكەن ،،0

ياخشى تىما ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

1... 2012-02-07 12:51
ئۇ دسىگىنىڭىزمۇ توغرا . قۇرئان  كەرىمدە .سۇرە بەقەرە 2.ئايەت بۇكىتاپتا (يەنى قۇرئاندا )ھىچ شەك يوق( ئۇ )تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر .بۇكىتاپ(قۇرئان كەرىم )  مۇسۇلماننىڭ ھاياتىتكى ياشاش فۇرمىلاسى، سۇرە نىسا 106ئايەت .ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن .ئاللاھ ھەققىەتەن ناھايتى مدغپىرەت قىلغۇچىدۇر .ناھايتى مىھرىباندۇر .نىسا سۇرسى 28 ئايەتتە سىلەرنىڭ يۇكۇڭلارنى يىنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەن ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى )خالايدۇ .ئنسان (نەپسى نەپسى خائىشىغا خلاپلىق قىلشتىن )ئاجىز يارتىلدى .

1... 2012-02-07 13:18
تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇردىن  . كىيىن يىزلغىنى چۇشۇنۇشكە ئاسان بولۇش ئۇچۇن يازغىنىم .ئايەتتە يوق .دىندا مەجبۇرلاش  زورلاش يوقتۇر سەۋەپ ئەكىسچەبوپقالساھازىرقىدەك مۇسۇلمانلار چىرايلىق  نامغا  ئىرىشىپ قالىدۇ .شۇنداق بولغاندىن كىيىن  ئاۋال ئۆزمىزدىن باشلايىلى ئەمەل قىلايلى . ھەقىقى  مۇسۇلماننىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى كۆرسۇتۇپ قويايلى ھەم كۆرسۇتۇپ قويۇڭ مۇسۇلمانغا ئۇلگە مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھسالام .پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۇزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ئۇگۇنەيلى .سىزنى دۇنيادىن ۋاز كىچىڭ دىگەنلىك ئەمەس . بەلكى دىنغا ئەمەل قىلىش بىلەن  مال دۇنيالىرىڭىز كۆپلەپ سىز ھىسابىنى بىلمەيدىغان دەرجىدە بوپ قىلىشى مىۇمكىن . ئاللاھ  خالىسا ...،  ياخشى تىما يازغان ،ياخشى  ئنكاسلارنى يازغان قىرنداشلىرىمغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن . دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلكى ھەربىر ئىشىڭىزدا دۇئانى ھەمرا قىلىڭ .ئۆزۇمنى ھەم ھەربىر مۇسۇلمان قىرىندىشمنى رىيادىن يىراق قىلىشنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمەن .(كۆرۇنۇشتە دىنداردەك كۆرۇنىددىغان )مۇسۇلمان  دىگەن مۇبارەك نامغا فىتنە بوپ قىلىشتىن پاناھ تىلەيمەن .سىزلەرگە كۆپ رەخمەت ...،

aliya 2012-02-07 21:51
خەنجەرنىڭ ئېيتقىنى توغرا ، تەۋھىد بەك مۇھىم ،

سۇئەدا 2012-02-08 21:20
ھازىرقى دەۋىردىكى ئادەملەرنى دەۋەت قىلىشتا ئۈلگە
قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تېما ئىكەن رەھمەت!

زاھىرە 2012-02-09 15:51
ياخشى تېما ئىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!

زىيالىي 2012-02-11 22:09
شۇنداق زىياليلار ئىسلام دىنى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، مىللەتنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە بىلىم ھازىرلىشى كېرەك ،بولمىسا مىللەتكە توغرا يېتەكچىلىك قىلالماسلىقى لازىم

samran 2012-02-17 01:54
ئىسلام- دۇنيادىكى ھەرقانداق دىن، ھەرقانداق ....ئىزىم، ھەرقانداق ئىدديەدىن مۇتلەق ئۇستۇن تۇرىدىغان توغرا يولدۇر.

omer 2012-02-17 20:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ!

paris 2012-02-17 21:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى omer نىڭ 2012-02-17 20:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ!

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

allaguwa 2012-02-17 21:55
دىندا ھەقىقەتەن زورلاش مەج بۇرلاش يۇق بۇ  دىگەن  غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان  گەپ   تۇغرا دىندا غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا زورلاش  يۇق لېكىن   ئىسلام دىنىغا كىردۇقما زورلاش بار مەج بۇرلاش بار بىراق قانۇنىمىز يول قۇيمايدۇ  چۇنكى شەرىيەت ھوكۇمى بىلەن قانۇن چىقىشالم،ايدۇ  شەرىيەتتە مەجبۇرلاش بار

tugrul525 2012-03-08 12:46
ئىسلامى چۈشەنچىسى يوق ئادەمنى قانداقمۇ زىيالى دىگىلى بولسۇن؟؟

paris 2012-03-08 19:00
توغرا دەيسىز قېرىندىشىم!

maslakdax 2012-03-16 16:06
شۇغىنىسى بىزنىڭ كۆپ قىسىم زىيالى قالپىقى ئاستىدىكى جانباقتىلىرىمىز  ئۆزىنى ھەممىدىن بىلەرمەن چاغلاپ ، تەكەببۇرلۇقىنى تاشلىمىسا  ھەقىقەتەن ئامال يوق ئىكەن.

dulbarqin310 2012-03-26 18:53
مۇنبىرىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى پارىس تۇلۇقلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن.

سەئىدى 2012-03-30 16:52
قېرىندىشىم ئاللا رەخمەت قىلسۇن ياخشى تىما ئىكەن ئاللا ھەممىمىزنى ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن                                          

pakdiyar 2012-03-30 17:05
ھەجەپ  ياخشى تىما ئىكەن  نەچچە ۋاقتن  نەدە بولغىتى  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ رەھمەت سىزگە

stars0998 2012-04-17 22:52
شۇنى دەيمە، ئۇنداقلارنى ئەڭ ياخشىسى بىر پۇتلۇق زىيالى دىگىنىمىز ئەڭ ياخشى.

firdawis1 2012-04-18 10:42
مەنمۇ  بەك  خۇرسەن  بولدۇم  قىرىندىشىم  .  ماڭىمۇ  شۇنداق  بىر  تولۇق  چۇشەنچە  بىرىدىغان
ئادەم  بولغان  بولسىدى  بەك  ياخشى  بولاتتى  .  ئاللاھ  سىزدىن  رازى  بولسۇن .

paris 2012-04-18 14:12
نىمىگە چۈشەنچە بېرىدۇ قېرىندىشىم!

نەمرۇللا 2012-05-03 20:17
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ئاللاھ كوپلەپ ئەجىرلەرنى بەرسۇن ئىنشا ئاللاھ  .

مۇھەممەد.ئەلى 2012-05-05 20:16
نادىر تىمىلارنى يوللاۋاتسىز ،جانابى ئاللاھ سىز دىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم

مۇھەممەد.ئەلى 2012-05-05 20:17
مەنمۇ  بەك  خۇرسەن  بولدۇم  قىرىندىشىم  

مۇھەممەد.ئەلى 2012-05-05 20:19
جەمىيتىمىز سىزدەك پىكىرى ئويغاق كىشىلىرىمىزگە تولىمۇ مۇھتاج!!! قېرىندىشىم


查看完整版本: [-- زىيالىي دوستلارغا ئىسلامدىن چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك  يوللىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059776 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us