باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 768 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دەۋەت  قىلغۇچى ھەققىدە
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-05-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 02:25

دەۋەت  قىلغۇچى ھەققىدە

  بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى اللە غا بولسۇن. پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆئمىنلەرگە دۇرۇت - سالاملار بولسۇن .ئامىن .
 
  ئىسلامغا دەۋەت قىلىش- كىشىلەرنى توغرا يولغا، دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادەت يولىغا باشلاشتىن ئىبارەت ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر.
  جانابى اللە مۇسۇلمانلارنى ھەققە دەۋەت قىلىپ تۇرۇشقا ، يامانلىقتىن توسۇپ تۇرۇشقا بۇيرىغان .بۇنىڭ بىلەن بىز ئۈممەتلەرنى ئەڭ ئەۋزەل ئۈممەت بولۇش شەرىپىگە نايىل قىلغان . ‹‹ سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان ، اللە قا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر ( ئال ئىمران سۈرىسى 110- ئايەت )››.
  بىر كىشىنىڭ ھىدايىتىگە نايىل بولۇش ئىنتايىن كاتتا ئىش .
  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خەيبەر غازىتىدا ھەزرىتى ئەلىگە :‹‹ بېرىپ ئۇلار مەيدانغا چۈشكەنگە قەدەر تەمكىن بولغىن، ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئىسلامدا ۋاجىپ بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى سۆزلەپ بەرگىن . اللە بىلەن قەسەمكى ، اللە تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر كىشىنى ھىدايەت قىلغىنى سەن ئۈچۈن سېنىڭ قىزىل تۆگەڭ بولغىنىدىن ياخشى ›› دېگەن .( سەھىھۇل بۇخارى 4210-ھەدىس)
 
  ئىسلام دىنىمىز ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىكى تەبىئىيىتىگە زىت بولمىغاچقا، ئىلىم بىلەن ئەقىلگە تاقاشمىغاچقا ، بۇلغانمىغان ئىنسانى ساپ تەبىئەت بىلەن ساپ ئەقىلگە خىتاب قىلغاندا دەۋەت ئۈنۈم بېرىدۇ .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەسلەپتە ئىسلام دەۋىتىنى باشلىغاندىمۇ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش مەككىدىكى ئەڭ چوڭ زىيالى ئالىملار ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان. 


   ھازىرقى دەۋىردە ئوقۇغانلار ، زىيالىلار تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ ، ئىدولوگىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يىتىلىدىغان بولغاچقا ، دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ .

 
  تۆۋەندە تەسىرلىك دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە ئۈنۈملۈك نوقتىلارنى خۇلاسىلەيمىز : 


 1. سۆيگۈ ، مىھىر -شەپقەت . دەۋەتچى بۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ دەۋەت قىلماقچى بولغانلارنى قېرىنداشلارچە سۆيسە ،  ئۇلارغا مىھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا ،ئۇلارمۇ دەۋەتچىنى سۆيسە ، ئۇلار تەبىئى ھالدا ئىسلامنى قۇبۇل قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋەتچى ئالدى بىلەن دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ، ئۇلارغا سەمىمى قېرىنداش بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈر .سۆيگۈ بولماي نەپرەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەھۋالدا ، بىر دۆۋە ئەقلى ۋە ئىلمى پاكىت - دەلىللەر كەلتۈرۈلسىمۇ تەسىرى بولماي قالىدۇ . 


 2. ئەقلى پاكىت ۋە ئىلمى دەلىل . ساغلام ئەقىل پاكىت ئالدىدا قانائەتلىنىدۇ ، ئۆزئارا سۆيگۈ ۋۇجۇدقا چىقمىغان ئەھۋاللاردىمۇ بەزىدە ئەقىل قانائەتلىنىپ قالسا ، مايىللىق بولىدۇ . سۆيگۈ بىلەن ئەقلى قانائەت بىرلىشىپ قالسا ، نەتىجە ئۈنۈملۈك بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىغا ھۆرمەت قىلىش ، ئۇلارنى قايىل بولغۇدەك دەلىل - پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك . 

 

  3. ئەمەلى ئۆرنەك بولۇش. بۇ دەۋەتنى ئۆز ئەمىلى بىلەن قىلىشتىن ئىبارەت. دەۋەتچى ئۆزى ياخشى ئۈلگە بولغان ئەھۋالدا ئاندىن باشقىلار قانائەت تاپىدۇ ، سۆيىدۇ ، ئەگىشىدۇ .  دەۋەتچى ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشى ، ئەمەلىيتى دىگەنلىرىگە ماسلىشىشى، دېگەنلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزىگە تەدبىقلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ . بەلكى بۇنداق ياخشى ئۈلگە بولۇش ئارتۇقچە ئەقلى دەلىل، پاكىت سۈرۈشتە قىلماسلىققا سەۋەپ بولىدۇ .
  اللە تائالا مۇنداق دىگەن << ئى ئىمان ئېيىتقانلار ! سىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىسىلەر ؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشلارنى دەپ يۈرىشىڭلار اللە نىڭ دەرگاھىدا ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىق جەھەتتىن ئېغىردۇر >> ( ساف سۈرىسى 2-3 ئايەتلەر ).
  سۆيگۈ بىلەن ئەقلى قانائەت ئۈستىگە ياخشى ئۆرنەك قوشۇلسا  ، نەتىجە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ .

  4. دەۋەتچى ئىمانى ساغلام ، روھى مەنىۋىيىتى باي ، پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىمان ۋە ئىخلاس ئەسىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ، اللە قا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىدىغان ، باشقا ھېچنىمىدىن قورۇقمايدىغان ، اللە تائالا بىلەن مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ، پەرىزلەرنىمۇ ، نەپلىلەرنىمۇ مۇكەممەل مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدىغان ،  داۋاملىق اللە نى زىكرى قىلىپ ، كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان بولۇشى دەۋىتىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىلدۇر . چۈنكى دەۋەتتە مۇۋاپپقىيەتلىك بولۇش دېگەن گەپدانلىق، زۇۋاندانلىق، كۆپ جامائەت سورۇنلىرىدا جاراڭلىق نۇتۇق سۆزلەش بىلەن ئەمەس ، بەلكى اللە نىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ . كۆپىنچە دەۋەتچىلەر بۇ ئىمانى تەرەپكە سەل قارىغاچقا ، تەشۋىقاتى قۇرۇق تەبلىغدىن ئىبارەت بولۇپ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

  5. دەۋەتچى سەۋىرچان ، كەڭ قۇرساق ، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ، تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە چىدايدىغان بولۇشى ، باشقىلاردىن بىرەر نەرسە تەمە قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ كاپىرلارنىڭ، مۇناپىقلارنىڭ ، نادانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋىر قىلغان، ئەپۇ قىلغان .

  6. ئالدى بىلەن ئەقىدە ، ئىمان ، تەۋھىد بىلەن ئۇل سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ، ئاندىن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئادا قىلىش، بۇ جەھەتتە ئەڭ مۇھىمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. بۇ ھەقتە اللە نىڭ بارلىقى ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ اللە نىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېھتىياجى ، ئىسلام دىنى بىلەن باشقا دىن، ئېتىقادلارنى سېلىشتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ئەۋزەللىكىنى، ھەقلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم .
 
  7. تائەت - ئىبادەتلەرنى بىللە قىلىش. بىللە ناماز ئوقۇش،  بىللە ئىپتار قىلىش، بىللە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش . تائەت -ئىبادەتلەردىن ھوزۇر ھىس قىلىدىغان، ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدىغان شەكىلدە توغرا ئادا قىلىشنى ئۆگىتىش.

  8. بىلىمسىز تەبلىغچىلەرنىڭ سۈپەتسىز ۋەز - تەبلىغلىرىدىن ، ئاپتورى نامەلۇم ، سۈپەتسىز تەرجىمە ئەسەرلەردىن پايدىلانماي ، ئىمام غاززالى ، ئىمام ئىبنى قاييىملاردەك مۇتەپەككۇر ، مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش، غەرىپ ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ ئىمان، ئىسلام ۋە مەدەنىيەت توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش.

  9. ئاساس ياكى تارماق مەسىلىلەردە قۇرۇق جىدەل ، تالاش-تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇش، تەقۋادار، ئەخلاقلىق ئەھلى ئىلىملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىش .

  10. اللە تائالادىن ھىدايەت ۋە تەۋپىق تىلەپ تۇرۇش . چۈنكى اللە ئۆزى ھىدايەت قىلغۇچى زاتتۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدۇ .
                                   اللە مۇۋەپپەق قىلسۇن .

     مەنبە :  ئىسلامى مۇنبەرلەردىن خاتىرەمدە ساقلىۋالغانلىرىم . 
  
[ بۇ يازمىنىئۆزنۇر 2012-01-27 13:54قايتا تەھرىرلىدى ]
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 712
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 4365 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-11

ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلغاي قېرىندىشىم ، ئامىن . ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللىغايسىز .
دوستلىشىش
ئۆزنۇر
دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-23
ئاخىرقى: 2012-05-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 14:41

چىچەك قېرىندىشىم

 اللە سىزگىمۇ  رەھمەت قىلسۇن . ماڭا ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .  اللە ھەممىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلار قاتارىدىن قىلغاي . ئامىن .
كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1963
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 541 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-16
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 16:04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،قېرىندىشىم.دېمەكچى بولغىنىڭىز ، مۇلايىم،سىلىق-سىپايە، كۈيۈمچان،يۇمۇرىستىك بۇلۇپ، دەۋەت قىلىنغۇچىنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلىپ ،ئاندىن ئىلمى ئۇسۇل بىلەن دەۋەت قىلىڭ دېمكچىمۇ؟ بۇنداق بولغاندا، دەۋەتنىڭ ئۆنىمى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇدۇ.
اﷲئەجرىڭىزنى بەرگەي!
ئالىملار تىلسىز،تالىپلار يۇرتسىز
جەمىيەت بۇزۇق،قانۇنلار يۈزسىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10532
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-05-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 20:02

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  قىرىندىشىم  بولسا، سىز تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن  شۇ ئالىملىرمىزنىڭ  ئەسەرلىرنى يوللاپ قويسىڭىز ياكى بولمىسا  ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن  پايدىلىنىدىغان تور بەتلەرنىڭ ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز  .< ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم >
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 961
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە961دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11257 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-02 15:40

بۇ تېمىنى ئەسلىدە كۆپ ئادەملەر ئوقۇشقا تىگىشلىك ئىكەنتۇق،
بەزەنلەر ئۆز قېرىنداشلىرىغا سىلىق- سىپايە بولماستىن تېخى
ئۇلارنى شېرىككە ۋە تەكپىرگە چىقىرىۋاتىدۇ ،ئەۋۋەل دەۋەت
قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دىسىغۇ مەيلىتى،ئاللاھ مۇسا
گلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋىندەك
خۇدالىق داۋاسى قىلغان بەدبەخكىمۇ{ سىلىق يۇمشاق سۆزلەرنى
قىلىڭلار  ئۇ قىلمىشىدىن قايتىپ قالسا ياكى قورقۇپ قالسا
ئەجەپ ئەمەس }دىمىگەنمىدى...........
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-05-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 14:47

ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىۋېتىپسىز .اﷲئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.