مۈشكۈللىكنى ئاسان قىلغۇچى ئىسمىئەزەم دۇئاسى
(ئارۇزغا ئايلاندۇرغۇچى-كىن)
ئىي خۇدا پەرۋەيدىگارا يوقنى بار قىلغىن ئۆزۈڭ، بارى دىشۋار ھەر بالانى شەرمىسار قىلغىن ئۆزۈڭ.
سىرى-ھېكمەت ساڭا ئايان، زىكرى قەلبىمدىن بايان، بىرلا سەن تەنھا تامان، دىلدىن سۆيەر قىلغىن ئۆزۈڭ.
بەندىنىڭ ئاجىزلىقى قىسمەتكە قۇل بولماقلىقى، دەردى پىغان يۇتماقلىقى، سەۋرىدار قىلغىن ئۆزۈۇڭ.
بىر كۇشاد بەرگىن ماڭا رەھمىڭ بىلەن تەدبىر ئارا، رەھمىتەيلەي سەن رەھىمگە ئىتىبار قىلغىن ئۆزۈڭ.
مۈشكىلى ئاسانىدىن، دىللارغىكى غەمخانىدىن، جەننەتى-رىزۋانىدىن زەر-قۇت تاپار قىلغىن ئۆزۈڭ.
ئەۋۋەلى سەكرات ئەجەلدىن دىل ئارا ئىماننى سال، ئاخىرات قەرزىم كۆتۈر، بەھرىڭگە يار قىلغىن ئۆزۈڭ.
بۇ زامان ۋاجىپى-قەرز پەرمانغا بەردار بولمىقىم، ئىككىلا ئالەم يۈزىدە بەختىيار قىلغىن ئۆزۈڭ.
مەنبە: («قىسسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ 114-بېتىدىن ئېلىندى)
|