查看完整版本: [-- يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

ھەمزە 2011-04-08 21:59
بىدئەت ھەققىدە رۇبائىي
سەن كاتتا ئالىم بول... پەيغەمبەرئەمەس،
ئاغزىڭدىن چىققىنى شەرىئەت ئەمەس.
قۇرئاننىڭ،ھەدىسنىڭ سىرتىغا چىقىپ
ساۋابلىق ئىزدەمسەن؟ بۇمۇمكىن ئەمەس.

2
كۆڭلىڭدە بىرئىشنى ‹‹ياخشى...››ھىساپلاپ،
دەلىلسىز ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار.
تۇلۇقلاپ بولغانغۇ ئاللاھ بۇدىننى؟
ئاز يا كۆپ قىلىشقا ھەققىڭ يوق! زىنھار.
3
ئاخىرقى پەيغەمبەر كەتتى دۇنيادىن،
قۇرئاننى،ھەدىسنى قالدۇرۇپ ساڭا.
ئۆزەڭچە بەلگىلەپ ھالال-ھارامنى
يېڭىدىن شەرىئەت تۈزەمسەن قايتا؟
4
سەن قىلساڭ بىر ئىشنى ‹‹ياخشى...››ھىساپلاپ،
مەن قىلسام بىر ئىشنى‹‹ياخشى...››ھىساپلاپ،
ئىسلامدا ئىبادەت كۆپىيىپ كەتسە...
قايسىنى قىلارمىز قېلىپ گاڭگىراپ.
5
جۈمەنىڭ كەينىدە ئوقۇيسەن پىشىن،
پەيغەمبەر قىلغانمۇ كۆرسەتكىن دەلىل.
قۇرئاننىڭ،ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئالدىدا
كۆزقاراش،ھەم قىياس ئىشلىمەس ئەقىل.
6
ئاڭلىماي قۇرئاننى ھايات چېغىدا
كۆزيۇمدى دۇنيادىن ئۆلدى شۇپېتى.
كۆپ قۇرئان ئوقۇلسا بۇنداق ئادەمگە...
كىرەمدۇ جەننەتكە دەپ باقە قېنى؟

7
ئۆلۈككە -قەبرىگە ئوقۇيسەن قۇرئان،
پەيغەمبەردەۋرىدە كىم-كىملەرقىلغان.
بۇھەقتە بىر سەھىھ ھەدىس مەنبە يوق...
بولسىمۇ ئاجىزدۇر ۋەياكى يالغان.

8
سىنىڭچە ئۆلۈككە ئوقۇلغان قۇرئان،
ئەڭ ئۇلۇغ ساۋاپلىق ياخشى ئىشمۇ ئۇ؟
ئەجىباپەيغەمبەر بىلەلمەي بۇنى
شۇنچىلا ساۋابتىن مەھرۇم قالغانمۇ؟

9

ھۇقۇقۇڭ بوپ قالسا قولۇڭدا ھازىر
ئىسلامنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقساڭ بىر.
خالىغان بۇيىچە ھۈكۈم چىقىرىپ...
قالمىسا كۆڭلىڭدە تۈگۈن،غۇم ھەم سىر.

10
ئەمەلنى كۆپ قىلىپ ئاۋارە بولما،
سۇننەتكە لايىق قىل ئازكۆرمەي ئۇنى.
پەيغەمبەريولىدىن چەتنەپ كەتسەڭ
بىدئەتچى ئازغۇنسەن بىلەمسەن بۇنى؟

يۇقالسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر.............
http://hemza.blogbus.com/logs/116415255.html



تاھىربەگ 2011-04-08 22:06
بىدئەتچىلەر چىچاڭشىپ كىتىدۇ  ، ئاستىدىكلى ئىنكاسلارغا قاراپ تۇرۇڭ ...

ئەلى 2011-04-08 22:23
ۋوي ، سەنمۇ  مۇنداق  نەسىلەرنى يازىدىكەنسەن  ھە؟؟؟
تۇرۇپ  كۈلگۈم  كەلدى،تۇرۇپ  ئويلىنىپ  قالدىم  بۇ تېمىنى  ئوقۇپ~~~~
بۇنىڭدا  چىچاڭشىغىدەك  بىر نەرسە  يوققۇ،چىچاڭشىغان  ئادەمنىڭ  چىشىنى  تۆكۈپلاۋەتسە  ھە~~~

lebbey 2011-04-08 22:24
ئاقچى كۆكچى دۇمباقچى

پولات 2011-04-08 22:27
قېرىندىشىم! قىززىق قانلىق بىلەن ئىنكاس يازماڭ. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز توغرا. بىراق سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز تۇپەيلى بۇ تىمىنىڭ سىز تىلغا ئالغانلار تەرپىدىن بۇلغىنىپ كىتىشىنى خالىمايمەن. شۇڭا ئىنكاسىڭىزنى ئۈچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم.
رەنجىمىگەيسىز
(قېرىندىشىڭىز ھەمزە)
سىزدىن كەچۇرۇم سۇرايمەن .ناھايىتى ياخشى  شېر يىزىپسىز. راس مىنىڭ سەۋەبىمدىن  بۇلغانمىسۇن.

fatima100 2011-04-08 22:34
بەك ياخشى يېزىپسىز....بىدئەتچىلەر ھەقىقەتەن يۇقالسۇن. بىدئەت گەپلىرنىڭ تۇلىلىقىدا نۇرغۇن قېرىنداشلىرمىزنى چەكلەپ قۇيۋاتىدۇ...مىنىڭ ھەمزە قېرىندىشىمىزدىن سورايدېغان ناماز توغرۇلۇق سۇئالىم باتتى...كىيىن تىيما قىلىپ يوللاپ سوراي.

samanyoli 2011-04-08 22:45
قاينايدىغانلار كەلمىگەن ئوخشىمامدۇ تېخى،،،،،،،،

amanxa 2011-04-08 22:50
سامانيولى قىرىندىشىم، قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ، نىمە قىلىق ئۇ؟  

nazli0998 2011-04-08 22:56
ئىلھام   كەپ  تۇدە  

amanxa 2011-04-08 22:57
ھەمزە قىرندىشىم، نادىر تىمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن، مەن دىگەن ئىشلا قانداق بولدى؟

rayhan 2011-04-08 23:04
ھەمزە ئۇكام مۇنداقمۇ ھۇنىرىم بار دەڭە،ياخشى يېزىپسىز......

muhajir1 2011-04-08 23:05
مانا مەن قايناپلا كەتتىم
........
....
بەك ياخشى تېما!
بەك ياخشى تېما!!!!!!
اللە رەخمەت قىلسۇن!!!!!!

ھەمزە 2011-04-08 23:08
ئەستا.................ئالدىراشچىلىقتا مەنبەنى دىمەپتىمەن. مەن ئۇنداق شىئىر يازالمايمەن. ھەم ۋاقتىممۇ بەل قىستاڭچىلىق........ بىر قېرىندىشىمىز يېزىپتىكەن ئۆگىنىش مۇنبىرىدە مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەكلا يېزىپتۇ شۇڭا بۇ يەرگە ئەكەلگەن.

كۆكئاي 2011-04-08 23:28
ئۈستىدىكى بالاڭزىلا ھاياجىنىڭلارنى بىسۋىلىڭلار.پۇلاتجان سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بىسۋىلىڭ ھونزاد بىلەن چوغلانمۇ دىمىگەن گەپنى سىز نەدىن تىپىپ كەلدىڭىز،بەلكىم سىز خوجامنىڭ ئەمەس ئۆزنەسەبىڭىز تۇغۇرلۇق ياخشىراق ئىزدىنىپ بىقىشىڭىز كېرەكتۇ.خۇتۇن كىشىدەك چىدىماس بولماي پىشانىڭىزغا چاپلىۋالغان يىگىتتەك مەرت بۇلۇڭ.
ھەمزە ئەپەندىم يۇقاپ كەتتىڭىز مۇنبەرداشلار سىزنىڭ ئىماننىڭ قۇۋەت دورسى،قۇرئان ئۇقۇشنى ئۈگۈنۈش دىگەندەك ئىختىلاپتىن يىراق ھەم مۇسۇلمانلار جامەسى ئىھتىياجلىق بولغان گۈزەل تىمىلېرىڭىزدىن ياخشى نەپلەنى ئالدى.خۇدا بۇنىڭغا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
گەپكە كەلسەك سىز نىمىشقا ھەدىسە ساھابىلەر ھەم توت مەزھەپ ئۈلۈمالېرىدا يۈز بەرمىگەن يەنى ئۆزىنىڭ ئىجدىھادى كۈچلەندۈرۈپ باشقىلانىڭكىنى بىدئەت شىرىك دىگەندەك گەپلەنى قىلغانلىقىنى ھىلىغىچە ئاڭلىمغانسىز،لىكىن بۇ گەپلەر نىمىشقا سىزدە بۇنچە ئاۋۇپ كەتتى،سىز شۇنچە خاتالاشمايدىغان زاتمۇ؟ئەجەبا سىز ئىنساپنى قارىپ قۇيۇپ باشقىلانى ھاقارەت قىلىپ كۈڭلىڭىزنى خوش ئىتىدىغان كىشىمۇ؟سىز ئىسلامنى مەنچە بىلدىغان كىشى يوق دەپ قارامسىز؟

ئىتىيات پېشىن نامىزىغا كەلسەك بۇ ئىجدىھادى مەسلە:
بۇ ھەقتە مۇھەممەد شىرۋانى ھەزرەتلېرى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ  جۈمەنى يالغۇز بىر جامادە قىلغانلىقلېرى ھەمدە خۇلەفائۇرراشىدىنلارنىڭمۇ شۇ بۇيىچە قىلغانلىقلېرىنى  ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ زامانىغا كەلگەندە شەھەرلەر چوڭلاپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن بىردىن ئارتۇق جامەدە قىلىشقا بۇيرۇمىدى ھەتتاكى باشقا ۋەلىلەرگىمۇ بىر جامەدە قىلىشقا ئەمىر قىلدى.
بۇ ئىش ئۇمەۋىلار ۋە ئابباسىلارنىڭ دەسلەپكى يىللېرىغىچە ئەينەن داۋام قىلدى.
جۈمەنىڭ بىردىن ئارتۇق جامەدە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىمام شافىئى ھەزرەتلېرىنىڭ ۋاپاتىدىن 76 كىيىن چىققانلىقىنى خاتىب باغدادى ۋە ئىبنى ھەجەر ھەزرەتلېرى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە بىلدۈردى.
ئىمام شافىئى« جۇمەنى بىر جامەدە قىلىش ۋاجىپ بىردىن ئارتۇق جامەدە قىلىش سۈننەتتىن ئايرىلغانلىق «دەپ پەتۋا بەردى ئىككىنچى ئىمام شافىئى دەپ ئاتالغان ئىبنى سۇبكى ھەزرەتلېرمۇ  ئەينەن ئىمام شافىئىدەك پەتۋا بەردى .
مەزھىبىمىز ئۈلۈمالېرىدىن ئىبنى ھۇمام ۋە ئىبنى ئابىدىندەك ئۈلۈمالېرىمىز جۈمەنىى بىردىن كوپ جامەدە قىلغان ۋاقىتتا ئىھتىياتەن پىشىن ئۇقۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئېھتىيات پىشىن ئوقۇش قاراشتىكىلەر تايانغان ھەدىسلەر مۇنداق : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مەن قانداق ناماز ئوقۇغان بولسام شۇنداق ناماز ئوقۇڭلار، دېگەن. جۈمەنىڭ قاچان پەرز بولغانلىقىدا ئىختىلاپ بار، بەزىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدىكى چاغدا پەرز بولغان دەيدۇ، يەنە بەزىلەر مەدىينىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا پەرز بولغان دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدىكى چاغدا پەرز بولغان دېگەن قاراشقا ئاساسەن رەسۇلۇللاھ مەككىدىكى چاغدا جۈمە پەرز بولغان تۇرۇقلۇق جۈمەنىڭ بىرقانچە شەرتى تېپىلمىغان بولغاچقا، مەككىدە جۈمە ئوقۇمىغان. مەدىينىگە ئەۋەتكەن مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىينىدە ئوقۇغان. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەسئەد ئىبنى زۇرارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىمام بولۇپ ئوقۇغان. كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىينىگە بارغاندا جۈمەنى ئۆزى جامائەت بىلەن ئوقۇغان. ئۇندىن قالسىلا بەھرەيندىكى جۇۋاسا مەسجىدىدە ئوقۇلغان. بۇنىڭدىن جۈمەنى ئەركىن، ئاشكارا، مۇسۇلمان رەئىس بار ھالەتتىكى مۇسۇلمانلار ئوقۇيدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمەنى مەدىينىدە بىر مەسجىدتە ئوقۇغان، بۇنىڭدىن ئىمام شافىئىيدەك ئالىملار: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان بولغاچقا بىر يۇرتتا جۈمەنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مەسجىدتە ئوقۇسا بولمايدۇ، دەپ يەكۈن چىقارغان. كېيىن ئالىملار شەھەر كېڭىيىپ كەتكەندە بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن.
ئىھتىيات پىشىن ئوقۇلىدۇ، دېگەن ئالىملار ئاللاھ تائالا بىر ۋاقىتتا ئىكك پەرز ناماز ئوقۇشقا بۇيرىغان دېمەيدۇ، بەلكى بەزى شەرتلەر تېپىلماي قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇيرىغىنى، ۋاجىب بولغىنى جۈمەمۇ ياكى پىشىنمۇ، تەيىنلىيەلمەي قالىدۇ.
ئىھتىياتەن ئىشقىلىش دىندا ئاساسى بار ئىش مەزھەب ئۈلۈمالېرىمىزنىڭ  ئىجدىھاتلېرىدا بۇنداق ئىشلار ھىسابسىز.
شافىئىي مەزھەبتىمۇ: بىر شەھەردە پەقەت بىر مەسجىدتىلا جۈمە ئوقۇلىدۇ، باشقا مەسجىدلەردە جۈمە ئوقۇغان تەقدىردە ئىھتىياتى پىشىن ئوقۇيدۇ دېگەن قاراش بار،(ئەلمەجمۇئ غا قاراڭ) يەنە باشقا  مەزھەبلەردىمۇ ئېھتىياتى پىشىن ئوقۇش ياكى بەزى ئەھۋاللاردا بەزى نامازنى ئېھتىياتى ئوقۇش، تاھارەت ياكى تەيەممۇم مەسىلىلىردە ئېھتىياتەن تاھارەت ئېلىۋېتىش دېگەندەك ئىجتىھادلىرى بار. مالىكىي مەزھەبتە تەكبىر تەھرىمنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى نامازنى ئېھتياتەن قايتا ئوقۇيدۇ.(ئەلمۇدەۋۋەنە). ئىمام شافىئىي ئىمامنىڭ فاتىھەنى جايىدا ئوقۇيالايدىغان ياكى ئوقۇيالمىغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان جامائەتكە، نامازنى ئېھتياتەن قايتا ئوقۇشىنى ياقتۇرىمەن دېگەن. (ئەلئۇم) ھەنبەلىي مەزھەبتىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەردە شۇنداق ئېھتىياتەن نازام ئوقۇش ئەھۋالللىرى بار، مەسىلەن خۇنسا كىشى جۇمەگە قاتنىشىشى ئېھتىياتەن مۇستەھەب، دەيدۇ. نامازدىن باشقا يەنە تاھارەت، ھەيز، روزا، قەسەم ۋە بارلىق ساھەلەردە تۆت مەزھەب ئالىملىرىنىڭ ئېھتىياتەن ئىش تۇتۇش ھەققىدە كۆرسەتمىلىرى دائىم ئۇچراپ تۇرۇدۇ.
شافىئى(تەنۋىرۇل قۇلۇب)كىتابىدا دىدىكى؛
مۇھەققىقلەر قۇياشى رەملى ھەزرەتلىرىدىن(شافىئىلار ،ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا مۇخالىفەتلىك قىلىپ بەشۋاقىت نامازغا ئالتىنچى بىر نامازنى ئىلاۋە قىلدى)دىگەن ئىفتىراغا قانداق جازا بېرىلىدۇ دەپ سورالغان سۇئالغا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ تازىر جازاسى بىلەن جازالاش كېرەك دەپ فەتۋا بەردى. پەرىز بولغان بەشۋاقىت نامازغا ئالتىنچى بىر نامازنى ئىلاۋە قىلىش دىگەن دىندىن چىقىش دىمەكلىكتۇر.دىنغا بىرنەرسە ئىلاۋە قىلىنماس.شافىئىلار دىنغا بىرنەرسىنى ئىلاۋە قىلمايدۇ.

ئەمدى قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشقا كەلسەك بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلېرى،ساھابىلەرنىڭ قىلغانلېرى ،ئالىملارنىڭ قارشى مۇنداق:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئۈلۈكلېرىڭلارغا ياسن سۈرىسىنى ئۇقۇڭلار.(ئىمام ئەھمەد،ئەبۇ داۋۇد،ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىملار رىۋايىتى)

ئىمام ئەبۇ داۋۇد، نەسائى، ئىبنى ماجە، ئىبنۈ ھىببان ۋە ھاكىم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ھەزرىتى مەئقىل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ((ياسىن قۇرئاننىڭ قەلبىدۇر، ئۇنى ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى كۆزلەيدىغان كىشى ئوقۇيدىغان بولسىلا ئۇنىڭغا چوقۇم مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇنى مىيىتلىرىڭلارغا ئوقۇڭلار)). دىگەن.
ھاكىم بىلەن ئىبنى ھىببان سەھىھ دەپ قارىغان.

ئىمام بەيھەقىي ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىيىتنى دەفنە قىلىپ بولۇپ بەقەرە سۈرىسىنىڭ بىشى ۋە ئاخىرىنى قەبرىگە ئوقۇشنى مۇستەھەب دەپ قارىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ (ئەلمەجمۇئ)دا بايان قىلىشىچە: ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قەبرە زىيارەت قىلغاندا قەبرىگە سالام قىلىش، قەبرىدىكى مىيىتكە ۋە قەبرىستاندىكى باشقا مىيىتلەرگە دۇئا قىلىش، ئوقۇغىنىچە قۇرئان ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارغا دۇئا قىلىش مۇستەھەب، دەپ قارىغان.
ھەنەفى مەزھىبىگە كۆرە ،قارىيلارنى تەكلىپ قىلىپ قەبرىلەردە قۇرئان ئۇقۇتۇشمۇ جائىز.شۇنىڭدەك بىراۋا ئۆزى ئورىندىغان ناماز،روزا،زاكات،ھەج ۋە باشقا ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ سھۋھبىنى باشقىسىغا ئاتىسا بۇلىدۇ ۋە بۇ ساۋاب ئۇنىڭ ئاتىغان كىشىسىگە يىتىدۇ.بۇنىڭدا بۇ ئىبادەتلەرنى قىلغان كىشىنىڭ ساۋابىمۇ ھىچ كىمىيىپ كەتمەيدۇ،يەنى ئەمەللېرىدىن تۇلۇق بەھرىمان بۇلىدۇ.(الدر المختار
ئىمام ئىبنۇل قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى (رۇھ) دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "مىيىتكە ھەدىيە قىلىنىدىغان ئەڭ ئەۋزەل سوۋغات سەدىقە، مەغپىرەت تىلەش، دۇئا قىلىش، ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەج قىلىشتۇر، ئەمما قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مىيىتكە ھەدىيە قىلىش بولسا ئىش ھەققى ئالماي ئۆزلىكىدىن ئوقۇغان تەقدىردە روزا بىلەن ھەجنىڭ ساۋابى يەتكەندەك مىيىتكە ئۇنىڭ ساۋابى يىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىقىلارنى قىلغاندا دىلىدا ئۇنى مىيىتكە ئاتاپ قىلىشتۇر، ئاغزىدا ئاتىشى شەرت ئەمەس".

بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن<يا رەسولەللاھ ئاتام ناھايتى ياشىنىپ قالغانلىقتىن ھەجنى ئادا قىلىشقا چامى يەتمەيدۇ،مەن ئاتام ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسام بۇلامدۇ؟>دەپ سورىغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:<قاراڭچۇ،ئەگەر ئاتىڭىز گەردىنىدە قەرز بولغان بولسا،ئۇنى تۆلەيتتىڭىزمۇ؟>دەيدۇ ،ھىلىقى ئايال:<ھەئە،ئەلۋەتتە تۆلەيتتىم>دەيدۇ.ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :<ئاللاھنىڭ قەرزىنى تۆلەش ھەممىدىن مۇھىمدۇر>دەيدۇ{ئىمام ئەھمەد،نەسەئى}

(المغني)نىڭ مۇئەللىپى ئىبنى قۇدامە مۇنداق دىگەن:(يۇقۇرقى ھەدىس
سەھىھ ھەدىس بۇلۇپ،مىيىتنىڭ باشقىلار تەرپىدىن قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەتلەردىن مەنپەتلىندىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ)
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلى ھەززرەتلېرى(قەبرىستاندىن ئۈتكەندە ئىخلاس ۋە ئىككى قۇلئەئۇزۇ،فاتىھەلەنى ئۇقۇپ مىيىتكە ئاتاشنىڭ ساۋابلىق ئىكىنلىكىنى بىلدۈرگەن)ئىسلام ئەخلاقى ناملىق كىتاپ.

ھەمزە 2011-04-08 23:38
ئەپەندىم. مەن سىز ئېغىزىڭىزغا ئالغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە سىز ۋە باشقا سەپداشلىرىڭىز بىلەن كۆپ مۇنازىرە قىلىپ كەتكەن.
ئەمدى يەنە سىزگە رەددىيە بىرىپ ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ. مەن سىزگە سۈرە زەلزەلەدىكى<سىلەردىن كىمكى مىسقالنىڭ زەررىچىلىك ياخشىلىقنى قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۈرىدۇ. سىلەردىن كىمكى مىسقالنىڭ زەررىچىلىك يامان ئىشنى قىلدىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ> دىگەن ئايەتنى ماڭا يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە يازىدىم.
كۈرۈشكىچە ئاللاھقا ئامانەت.
مەن يەنە بىر نەچچە كۈنگىچە مۇنبەرگە كىرەلمەسلىكىم مۇمكىن.
يەنە بىرسى مىنىڭ باش سۈرتىمنىڭ ئۇستىگە دىققەت قىلدىڭىزمىكىن..... مىنىڭ پىرىنسىپىم شۇ

paris 2011-04-09 00:07
[quote]بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى ھەمزە نىڭ 2011-04-08 23:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  13- .
   يەنە بىرسى مىنىڭ باش سۈرتىمنىڭ ئۇستىگە دىققەت قىلدىڭىزمىكىن..... مىنىڭ پىرىنسىپىم شۇ



                  راستىنلا سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز كارامات لايھىلىنىپتۇ.
    مەن خىلى بۇرۇنلا باش سۆرىتىڭىزگە دىقەت قىلىۋاتاتىم،باش سۆرىتىڭىز نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟
            1- ئاللاھقا تىكلەنگەن ئۇزۇن قول نىمە دىمەكچى....؟
            2-ئاللاھنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىيتىلىدىغان كەلىمە‹‹مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ ››نەگە كەتتى.
           3- ھەمزە شۇنچىلىك ئۇلۇقمۇ؟  رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان ئورۇنغا ئىسمى يېزىلىپ قاپتۇغۇ؟
(باش سورەتكە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىمىنى كىرگىزمىگىنىڭىزگە قارىغاندا رەسۇلۇللاھنى ئىتىراپ قىلغۇڭىز يوقمۇ قانداق ...؟

oylinish 2011-04-09 00:09
ھەمزە يوللىغان شېئىرلار ھەقىقەتەن قاملىشىپتۇ. ئەمما، بەزى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى  سۆرەپ كىرىپ تازا ياخشى قىلماپتۇ.   چوڭ- چوڭ ئالىملار بىر نۇقتىغا كېلەلمىگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى  بۇ  مۇنبەرگە يوللاش تازا ياخشى ئەمەس ئىدى.  بىر قىسىم كۇبلىتلارنى چىقىرىۋەتسە بوپتىكەن.
كۆكئاينىڭ  ئىنكاسىمۇ ئانچە خاتائەمەس.  قانداقلا بولمىسۇن ھەدىسلەردىن ۋە ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپتۇ.  

خۇلاسە: ئالىملار بىرلىككە كېلەلمىگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تالاشمايلى.

پارىس:  سىز ھەمزىنىڭ گېپىنى چۈشەنمەپسىز.  ئۇ «ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ سۆزلىگىن» دېگەن خەتنى دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن.

ay-turk 2011-04-09 00:12
ياخشى يىزىلىغان شىئركەن .ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مىڭىشقا نىسىپ قىلسۇن!

paris 2011-04-09 00:22
مۇتەپەككۇرنىڭم يازمىسىغا؛
مەن خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن،لىكىن ھەمزە بۇرادەرنىڭ باش سۆرىتى
كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمايتى.

salaf 2011-04-09 00:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھەمزە بۇرادەر ياخشى ئىسلامى شېئىر ئىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئەمما بىدىئەت  توغىرسىدا سۆز ئېچىپ قاپسىز. ئۇستازىڭىز يۇسۇپ قەرداۋى بىدىئەتچىلەرنىڭ پىرغۇ؟  ياخشى بىدىئەت يامان بىدىئەت دەپ جۆيلىيدىغان.!!!!  ئۇستازىڭىز قەرداۋى ى ى ى مەنپەئەتكە كەلگەندە ئەرەب مىللىتى ئۈچۈن ئەجەم  مۇسۇلمان مىللىتنى ھىچ ئىككىلەنمەيلا سېتىپ خەجلەيدۇ!!!!!

تېخى تۈنۈگۈن رەھمەتلىك سەييىد  قۇتۇبنىڭ ھەمدۇستىلىرى سەلەفىيلەرنى(   1970-  يىلىدىن كىيىن مۇسۇلمان قېرنداشلار ئۇيۇشمىسدىن چىكنىپ چىقىپ كەتكەن)  يۇسۇپ قەرداۋى: رادىكال ( زۇراۋان،  قاتتىق قۇل) ئىكسچىرمىست (  ئۇرۇشقاق ۋە ياكى ھەدىدىن ئاشقان ) دەپ تەنقىدىلىدى. ھەمدە سەنلەر  شەرىئەت دەپ جۆيلىيسەن !!! ئەمما ئسىلام زامانغا بېقىپ ئۆزگىرەيدۇ... مىسىر دىمۇكىراتىك ،مەدەنىيەتلەشكەن دۆلەت بۇلۇشى كىرەك دىدى..............

نەسىھەت: ئۇ بىدىئەت بۇ بىدىئەت دەپ يۈرگىچە ئەۋەل خەلقىمىزنىڭ ئىسلامى ئەقىدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ...ئەقىدە ياخشى بولغاندا بىدىئەتلەر ئاللاھ خالىسا ئۆزلىكىدىن يۇقايدۇ....قاراڭا ئۇستازىڭىز  قەرداۋى ئەرەب مىللىتى ئۈچۈن پاشۋاز  رامزان قادىرۇفنى غۇجام ( دىنى جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن دەپ ماختىدى). ھەنەفىي ئالىملىردىن ( چېچنىيەنىڭ 4- قېتىملىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇلھەلىم سەيدۇللايىۋنىڭ سەبداشلىرىنى رادىكاللار ، دىن دۇشمەنلىرى سەنلەر  رۇسيىگە ئەل بول دىدى)... .. چۈنكى رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ دائىمىي ئەزاسى... يەنە تىخى ئۇستازىڭىز جۇڭگۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ كىچككىنە خاپلىقى ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسى بىلەن جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ دىدى...... ئۇستازىڭىز نىمە دىگەن ئەقللىق تەكفىر  ھە!( ئۇستازىڭىز قەرداۋىغا بۇ پەتىۋانى ئۆسەيمىن ،ئالبانى ۋە بىن بازلار بەرگەن ) ئۇستازىڭىز پۇرسەت دىگەننى ئاجايىپ بىلىدۇ.  ئەرەب خەلىقى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىشنى بىلىدۇ ئەمما سىزچۇ ......؟...نەسىھىتم ئاچچىق ..ئەمما ئىنشائاللاھ مىۋىسى تاتلىق. سىزنى قېرنداشىم كۈرۈپ تەكلىپ بەردىم قۇبۇل قىلارسىز.!

kuwruk 2011-04-09 00:39
يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر....................

natsist 2011-04-09 00:49
mutepekkur توغرا دەيدۇ ئالىملار بىرلىككە كىلەلمىگەن ئىشلارنى بۇ يەردە تارتىشىش تازا ياخشى ئەمەس

پولات 2011-04-09 01:43
مىنىڭدىن غەم قىلماڭلار .مىنىڭ نەسلىم .ھەرقايسى ھەرقايسىلىرىدەك  سوپپى ئىشانلاردىن. پاك ئاللاھ  خالىسا.

agah 2011-04-09 07:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..ھەمزە كىرىپ ماۋۇ سورۇننى بىر يىغىشتۇرۇڭ...ئىشىقىلىپ ئىش چاتاق ..

newruz 2011-04-09 08:40
ھەمزە قېرىندىشىم قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر بېرىپتۇ. مەنمۇ سزنى يازدىمىكىن دەپ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن دىمەكچى ئىدىم. پىشانىسىگە مەنبەنى ئاپتورنى ئەسكەرتىشنى ئادەت قىلايلى . مۆمىننىڭ ۋەزنى راست سۆزلەشتۇر. مەنمۇ مەنبەنى ئەسكەرتمىگەن ئىدىم خاتا چۈشىنىشكە يول ئالدى. يەنە باش سۈرىتىڭىزنى يەنە بىر لاھىيىلىگەن بولسىڭىز. ھەممىسى سىزگە كۆيۈنىۋاتىدۇ. بۇ مۇنبەردىكى بالىلار قوپاللاراق بولسىمۇ تولىمۇ كويۇمچانكەن.  پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھىدايەتكە ئېرىشكەنلىكنىڭ دەلىلىدۇر. قېنى دوستلىرىم تەقۋادارلىقچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۇرەيلى!!!

ئالىملار بىرلىككە كېلەلمىگەن بولسا ھەققە تايىنالمىغان گەپ. ھەق بولىدىكەن شەيتاننىڭمۇ زۇۋانى تۇتىلىدۇ.

شېئىر مارجان ئەمەس تىزىپ قويسىلا بولىدىغان!!!-----------ئا ئۆتكۈر سۆزى-------

newruz 2011-04-09 08:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى كۆكئاي نىڭ 2011-04-08 23:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ھەمزە ئەپەندىم يۇقاپ كەتتىڭىز مۇنبەرداشلار سىزنىڭ ئىماننىڭ قۇۋەت دورسى،قۇرئان ئۇقۇشنى ئۈگۈنۈش دىگەندەك ئىختىلاپتىن يىراق ھەم مۇسۇلمانلار جامەسى ئىھتىياجلىق بولغان گۈزەل تىمىلېرىڭىزدىن ياخشى نەپلەنى ئالدى.خۇدا بۇنىڭغا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

ئىتىيات پېشىن نامىزىغا كەلسەك بۇ ئىجدىھادى مەسلە:
.......


سۆيۈملۈك قېرىندىشىم كۆكئاي ئاللاھ قىيامەتنىڭ ئازاپلىرىدىن ھەممىمىزنى ساقلىسۇن. سىز تولىمۇ بىلىملىك قېرىنداشلىرىڭىزغا مەسئۇلىياتچان ئىكەنسىز. ئۇسۇلىڭىزدا قوپاللىق بولغاچقا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر سۈننىتى كام بولۇپ قاپتۇ. قوپاللىقىنى تاشلاپ مۇلايىم بولسىڭىز ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، نۇرى سىزگە ۋە ھەممىمىزگە بولغۇسى!!! قولىڭىزنى چىڭ سىقىپ -ئا س نەۋرۈز

        -قېنى مۇنبەر ئەھلى قېرىندىشىمىز ۋە مۇنبىرىمىزچۈن ئامىن!
اﷲ نىڭ رەھمىتى بىلەنسەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىنتارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەنكېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن. اﷲھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ [159]. ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردەم بەرسە،سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، اﷲ تىن باشقاسىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن! [ئال ئىمران]



-ئاللاھۇ ئەكپەر!!! ئاللاھ بىزگە رەھمىتىڭنى ئايىمىغىن!

*****************************
دەتالاش قانداق ئەمەل تېمىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن قايتا تەھرىرلەندى ۋاقىپلانغايسىزلەر!!! يازمام رەتلىنىپ قېرىنداشلىرىمنىڭ گۇمانى قالمىغانغا قەدەر تۈزىتىلىدۇ. بىلوگىمدىكى يازمىلارمۇ بىللە يېڭىلىنىدۇ. قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن خاتا بولسا، توغرا بولسا پىكىر قاتناشتۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىز بىللىكتە ياخىشى ئىشلارغىلا ئالدىرايلى!!!
/read.php?tid=11604

abduwali123 2011-04-09 13:07
سىلىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمزە بۇرادەر يازغان يازمىڭىزغا ئاللاھ كۆپ ئەجىرلەر بەرسۇن ئامىن

بۇرادەرلەر ؛ يول باشچىمىز -مۇھەممەد سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە  دىندا ھەر قانداق يېڭى پەيدا قىلىنغان نەرسە بىدئەتتۇر ؛ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر؛ ھەر قانداق ئازغۇنلۇقىنڭ جايى دەۋزەق دەپ ئۇچۇق ۋەسيەت قىلغانغۇ؛
قېىنداشلىرىم يەنە نىمىگە ؟ نىمە دەپ ؟ نىمە يەتمەي تالشىمىز  بۇ قېرىندىشمىزنىڭ  100پىرسەنىت تۇغرىغۇ ؛ بۇ گەپ قايسىڭلارنڭ غۇرۇرىغا تەگدى؟ بۇرادەلەر ئارىمىزدا يەنە تالاشقدەك نىمە بار ؟ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئادىل ھۆكۇم يەنە بارمۇ ؟ تالاشماڭلار ،بۇرادەرلەر تالاشماڭلار مەن ھەر قايسىڭلارنىڭ ئىنكاسلىرنى كۆرۇپ ھەققەتەن ھالىمىزغا يىغلۇم كەلدى ئسىت ؛    

tokyo 2011-04-09 13:15
/read.php?tid=11665
يۇقارقى ئادرىستىكى تىمىنى 3قېتىم ئوقۇساڭلار دۇنيادىكى ھەرقانداق پەتۋاغا جاۋاپ تاپالايسىلەر !!!
مۈنبەردىكى موللىلارمۇ كاللىسىنى سلكىۋتىۋرەك ئوقۇپ باقسۇن!!!

abduwali123 2011-04-09 13:53
ئىدديەنى ئازات قىلايلى

sawirqan 2011-04-09 14:02
بىزگە ھازىر ئىقتىسات كىرەك.

imtiyaz 2011-04-09 14:03
ئاللا.....ھ  ماتىمىنى !  
بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز يوق بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ قارىغاندا !
ئۆتكەندە مەن بىرىگە <<  مەن تاماق يەپ  بولغاندىن  كىيىن  ئېھ ئاللاھ  مۇشۇ  يىگەن  تائاملارنىڭ  قۇۋۋىتىدە ساڭا  ئىبادەت  قىلىشنى  نېسىپ  قىلغىن  دەپ  تىلەيمەن  >>  دىسەم ئۇ  پەيغەمبىرىمىز  ۋە ساھابىلەر ئۇنداق تىلىمىگەن بولسا سىنىڭ  ئۇنداق دۇئا  قىلىشىڭ  بىدئەت دىمەمدۇ  !

sawirqan 2011-04-09 16:04
بىتئەتچىلەر بىكارچىلاردۇر. ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۋاتقان 3خىل كۈچ ئىچىدىكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەردىنمۇ رەزىل سۈيىقەست پىلانلىغان.ئۇلاردا نە دۆلەر، نا مىللەت ئىڭى يوق. ساددا ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئىتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چىچىپ، يەنە بىر ئەۋلاتنى خۇراپاتلىق، نادانلىق، مۇتەئەسسىپلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقۇزماقچى.  

yorungkax 2011-04-09 16:22
ئۇ بىدئەت، بۇ بىدئەت دەيدىغان پىتنە-پاساتچىلار يامان نىيىتى بولمىسىلا بىلمىگەنلىكتىن شۇنداق دەيدۇ. ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراب قىلىشنى خالىمايدۇ. بىلمىگەن نەرسىنى يوق دەپلا تۇرىۋالىدۇ.
ئۆتكەندە بىرى "قولىنى كۆتىرىپ دۇئا قىلىش بىدئەت" دېۋىدى، راست شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن سۆزىنىڭ كەسكىنلىكىگە قاراپ.
بۈگۈن ھەدىس كىتاۋىنى ئاقتۇرۇپ قاراپ باقسام، قول كۆتىرىپ دۇئا قىلىش بىدئەت ئەمەس، سۈننەت ئىكەن. مانا پاكىتى:
1) خەللاد ئىبنى سائىب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر نەرسە تىلەپ دۇئا قىلسا قولىنىڭ ئالقىنىنى ئۆزىگە قارىتاتتى. بىر نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەپ دۇئا قىلسا، قولىنىڭ دۈمبىسىنى ئۆزىگە قارىتاتتى. (ئەھمەد، 16129؛ ھەيسەمى، 17333؛ بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد مۇرسەل رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدى ھەسەندۇر دېگەن.)
2) "ئىبنى ئابباس رازىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: ھاجىتىنى تىلەپ دۇئا قىلغاندا قولنى مۆرىنىڭ باراۋىرىدە ياكى شۇنىڭغا يېقىن كۆتۈرۈش كېرەك.." (ئەبۇ داۋۇد: 1489؛ بۇ ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ دېگەن، 1322)
3) ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قولىنىڭ ئالقىنى بىلەنمۇ، دۈمبىسى بىلەنمۇ دۇئا قىلغىنىنى كۆرگەنمەن. (ئەبۇ داۋۇد، 1487؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن. 1319)
4) سەلمان فارسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: "شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەكمۇ ھايا قىلغۇچىدۇر. بەكمۇ سېخىدۇر. كىشى ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈرسە، ئاللاھ ئۇنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ." (تىرمىزى، 3556؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن، 2819)
.................................
قىسقىسى، بىدئەتنى يۇقىتايلى دەپ جار سالىدىغانلارغا بەك ھە ھۇ دەپ كەتمىسەكمۇ بولىدىكەن.

arzuyum 2011-04-09 17:12
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم ھەمزە ، ئاللاھ  ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلغاي !

tufisopi 2011-04-09 17:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قېرىندىشىم نەۋرۇز ، ئۆزۈمنى يۇنۇس زۇننۇن ، ئىلىم قاتارلىق قېرىنداشلارنى يولۇقتۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر ياخشى قېرىنداش يولۇقتۇرغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن .

xahruh 2011-04-09 17:40
ھەمزە شئىېر يازسا ھەجەپ تۇرىتكەن ماخما ....
كۈلگۈم كىپ قالدى يا ،،،،،لېكىن ئامدان يېزىپتۇ ئاينا .....

tamkin 2011-04-09 17:41
    مېنىڭچە  ھەممە  ئادەمنىڭ  بىرەر  مەسىللەرنى  توغرا رەۋىشتە  چۈشىنىپ  كېتىشى ناتايىن ، قىسقىسى تۇمۇشىمىزدا  
يۇلۇقىۋاتقان ئىشلانىڭ  ھەممىسى بىز  ئۈچۈن بىر مەسىلە ؛  دىمەك شۇ مەسىللەرنى  ھەر - قايسىمىز  ، ھەر - خىل  چۇشىنىۋالىمىز.
ھەر ئادەم ئۆزىمىزدە بار يۇشۇرۇن  قابىلىيەتلەرنى  بايقىيالمىغاچقىمىكىن ، ئاللاھ  بەرگەن شۇ  ئىمتىيازلاردىن ئۆنۈملۈك پايدىنىيالمىدۇق. شۇڭا بىر ئىشلارنى  پاسسىپ ھالەتتە چۈشىنىۋېلىشىمىز  تۇرغانلا  گەپ .  توغرا  ھازىر  بىز ياشاۋاتقان زاماندا
بىز  ئاڭلاپمۇ باقمىغان ، تۈرلۈك - تۈرلۈك  ئشلار مەيدانغا  كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە  ھەر ئىشتا  قۇرئان كەرىم ۋە  رەسۇلۇللاھنىڭ سۇننىتىگە مۇراجەت قىلىمىز ، بىز  بىرەر  ئىشنىڭ ماھىيىتىنى  ئىنىقلاپ كۆرمەي تۇرۇپ ، ئالدىراپلا بىدئەت تامغىسىنى ئۇرۇپ قويساق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  قايمۇقۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ..  ئۇنى يالغۇز  بىدئەت دەپلا  قويماي،  بولسا  پەرىز، ۋاجىپ، سۇننەت ، مۇباھ  ، مەكروھ ، ھالال - ھارام  دېگەندەك  ئەمەللەرگە  سېلىشتۇرۇپ ، قايسىنىڭغا بەكەرەك  چۇشىدۇ . شۇنىڭغا قارىتا  ئايرىساق ياخشىراق بولارمىكىن ..
  گەپلىرىم خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن  ناۋادا  خاتا بولۇپ قالغان بولسا ، ئاللا مېنى كەچۈرسۇن..

yorungkax 2011-04-09 18:10
ئاغزىڭىزغا ناۋات قېرىندىشىم!
سىزنىڭ پىكرىڭىزنى قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. ھەممە كىشى سىزدەك پىكىر قىلالىغان بولسا، ئارىمىزدا ئىختىلاپ، پىتنە-پاسات چىقمىغان بولاتتى. بىز ئۇيغۇرلار ئەھلى-سۈننەت ۋەلجامائەتتىكى ھەنەپى مەزھىپىگە تەۋە مۇسۇلمانلارمىز. تارىختىن بويان مۇسۇلمانلىقىمىز مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمدى يېڭى ساۋادى چىققان بەزىلەر ئىككى تۆت تال ئەرەپچە ئۆگىنىپ، ئەرەبىستاننىڭ، يەنى ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ پەتىۋالىرىنى كۆتىرىپ كېلىپلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەنەپىي مەزھىپىدىكى بەزى ئىشلىرى بىلەن ئوخشىمىسا، ھەممىنى قاراقۇيۇق بىدئەت دەپ ئىنكار قىلغىلى تۇرسا، بىزدە جىدەل-ماجرا چىقماي قالامدۇ؟
كونىراپ قالغان بىر بىنانى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلەپ ئاندىن ئورنىغا يېڭىسىنى سېلىش ئاسانمۇ؟ ياكى كونا بىنانىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان يەرلىرىنى بىلىپ ئوڭشاپ، ئازىراق ئاھاك بىلەن ئاقارتىپ، بۇزۇلغان يەرلىرىنى رىمۇنىت قىلىپ پايدىلانغان ياخشىمۇ؟ بولۇپمۇ ھازىرقىدەك يېڭى بىنانى سېلىشقا كۈچىمىز يەتمەيدىغان شارائىتتا...
بىدئەت باھانىسىدە ئىختىلاپلىق تېمىلارنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇپ پىتنە-پاسات تېرىيدىغانلاردىن بەك بىزار بولدۇم.  
ئىچكى ئۇرۇشلارنى جىق قىلىپ زىيان تارتقانلىقىمىزدىن بەزىلەر نېمىشقا ئىبرەت ئالمايدىغاندۇ؟

dellyar571 2011-04-09 18:45
بىدئەت قەبىھ نەرسە ئۇنىڭدىن قاچمىغان مۇسۇلماننىڭ ئىتىقادى كىسەل بولىدۇ ھەتتا ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇش بولماسلىق مەسىلە بولۇپ قالىدۇ  ،بىدئەتچى دىمەك دىنى چۈشەنمەي سۆزلەيدىغان ،بىلمەي پەتىۋا بىردىغان ۋە دىن ھەققىدىكى خاتا چۇشەنچىلەر سەۋەپلىك يوق ئىشلارنى تىپىپ شۇنى دىننىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇپ قالىدىغان   ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ
شۇڭا بىز دائىم  دىنى چۈشەنمەي سۆزلەپ ئۇنى  بىدئەت بۇنى بىدئەت دەيدىغان،بىلمەي پەتىۋا بىرىپ ئۆزىگە ئىش تىراۋالىدىغان ۋە  دىن ھەققىدىكى خاتا چۇشەنچىلەر سەۋەپلىك يوق ئىشلارنى تەرغىپ قىلىپ تىپىپ شۇنى دىنىم تەلەپ قىلغان نەرسە دەپ يۇرۇيدىغان بىدئەتچىلەرنى ماڭدامدا بىر ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز .
شۇڭا  بىدئەتچىلەردىن بولماسلىقنىڭ چارىسى كىبىرلىنىپ دىن ھەققىدە سۆزلەپ سىلىشتىن ياكى دىن ھەققىدە بىلمەي سۆزلىگەنلەرگە شايكا بولۇشتىن  ساقلانماق ،مۇشۇ كۈنلەردە بىدئەت يوقىتىمىز دەيدىغان بىدئەتچىلەر كۆپىيىپ كىتاۋاتىدۇ ،مۇشۇ ھەمزىنىڭ نۇرغۇن بىدئەت مەندبەلىك كۆچۇرمە ۋە ئىجابى بايانلىرى بار .بۇنى بىر قىسىم ئىلىملىك  تورداشلار داۋاملىق كۆرستىپ تۇرساڭلار ،قىرىنداشلىرىمىز دۇنيا يولوچىلىغىنى سالامەت تاماملىۋالسۇن !

newruz 2011-04-09 19:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى tufisopi نىڭ 2011-04-09 17:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قېرىندىشىم نەۋرۇز ، ئۆزۈمنى يۇنۇس زۇننۇن ، ئىلىم قاتارلىق قېرىنداشلارنى يولۇقتۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر ياخشى قېرىنداش يولۇقتۇرغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن .

ئاللاھ دۇنيادىكى ھەممە مۇسۇلمانغا  ھىدايەت ئاتا قىلسۇن! گۈناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن! ھامىنى ھەممە ئىش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ....بىركۈنلەردە ئارقىمىزغا قارىساق ئوتكەن كۈنىمىزدىن پۇشايمان يېمىسەكلا بولدى.

yorungkax 2011-04-09 21:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇنھەمزە نىڭ 2011-04-08 21:59 يوللىغان يازمىسى يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) :
بىدئەت ھەققىدە رۇبائىي
5
جۈمەنىڭ كەينىدە ئوقۇيسەن پىشىن،
پەيغەمبەر قىلغانمۇ كۆرسەتكىن دەلىل.
قۇرئاننىڭ،ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئالدىدا
كۆزقاراش،ھەم قىياس ئىشلىمەس ئەقىل
.......

بۇنىڭغا سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساپ ئەمەس. 13-قەۋەتتە گۆكئاي شۇنداق ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ. بىز شۇ بويىچە قىلىمىز.
فىقىھ ئىلمىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ "قىياس" دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟

yorungkax 2011-04-09 21:21
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇنھەمزە نىڭ 2011-04-08 21:59 يوللىغان يازمىسى يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) :
بىدئەت ھەققىدە رۇبائىي
6
ئاڭلىماي قۇرئاننى ھايات چېغىدا
كۆزيۇمدى دۇنيادىن ئۆلدى شۇپېتى.
كۆپ قۇرئان ئوقۇلسا بۇنداق ئادەمگە...
كىرەمدۇ جەننەتكە دەپ باقە قېنى؟

.......
جەننەتكە كىرىش كىرمەسلىكىنى ھېچقايسىمىز بىلەلمەيمىز. چۈنكى قەلبلەردىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇنى قەتئىي جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دەپ سىزگە ۋەھيى كەلمىگەندۇ؟! 
 

general 2011-04-09 21:28
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 41قەۋەتتىكى yorungkax نىڭ 2011-04-09 21:21 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

جەننەتكە كىرىش كىرمەسلىكىنى ھېچقايسىمىز بىلەلمەيمىز. چۈنكى قەلبلەردىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇنى قەتئىي جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دەپ سىزگە ۋەھيى كەلمىگەندۇ؟! 
 


<<ۋەھيى>> دېگەن نېمىدۇر ئەمدى؟  ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ،ئىملانى توغرا يازايلى.

boz@r 2011-04-09 21:35
مەن قايمۇقۇپ قالدىم   
ئاۋازىمىنى قويۇۋىتىپ  <<مۇستاپا كامال>> قىنى سەن دەپ توۋلىغىم كىپكە تتى.
سىلەردەك ئىلىمدار بولمىساممۇ ئەمما دىنىمىزنىڭ مەزھەپچىلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن~~!

yorungkax 2011-04-09 21:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن ھەمزە نىڭ 2011-04-08 21:59 يوللىغان يازمىسى يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) :
بىدئەت ھەققىدە رۇبائىي
7
ئۆلۈككە -قەبرىگە ئوقۇيسەن قۇرئان،
پەيغەمبەردەۋرىدە كىم-كىملەرقىلغان.
بۇھەقتە بىر سەھىھ ھەدىس مەنبە يوق...
بولسىمۇ ئاجىزدۇر ۋەياكى يالغان.

.......

___ "مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇش مۇستەھەپتۇر." (مەنبە: ئەتتاھتاۋى، ئەھمەد بىن مۇھەممەد، ھىجرىيە 1231-يىلى ۋاپات بولغان، مىسىر؛ تۈركچە "ئىزاھلىق ئىسلام ئىلمىھالى"، 249-بەت)
___ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: "ئەگەر بىرىڭلار ۋاپات بولسا، ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرماي قەبرىسىگە تېز ئېلىپ بېرىڭلار! قەبرىنىڭ باش تەرىپىدە سۈرە فاتىھە، ئاياغ تەرىپىدە سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى ئوقۇلسۇن." (تابەرانى، "ئەلكەبىر"، 13613)
____ ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشىدا ئۆرە تۇرۇپ:
"قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار! ئاللاھتىن ئۇنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ" دەيتتى. (ئەبۇ داۋۇد، 3221؛ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، 2758)

yorungkax 2011-04-09 21:54
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇنھەمزە نىڭ 2011-04-08 21:59 يوللىغان يازمىسى يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) :
بىدئەت ھەققىدە رۇبائىي

8
سىنىڭچە ئۆلۈككە ئوقۇلغان قۇرئان،
ئەڭ ئۇلۇغ ساۋاپلىق ياخشى ئىشمۇ ئۇ؟
ئەجىباپەيغەمبەر بىلەلمەي بۇنى
شۇنچىلا ساۋابتىن مەھرۇم قالغانمۇ؟

.......

ئۆلۈككە قۇرئان ئوقۇش گەرچە ئەڭ ساۋابلىق بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ساۋابلىق ئىش. بۇنىڭ دەلىلى مۇنداق:
___ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "پەرزەنتىگە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەتكەن كىشىگە قىيامەت كۈنى شۇنداق نۇرلۇق بىر تاج كىيدۈرۈلىدىكەنكى، جەننەت ئەھلى ئۇنى مۇشۇ تاجىغا قاراپ "بۇ كىشى دۇنيادا پەرزەنتىگە قۇرئان-كەرىم ئۆگەتكەن شەخس" دەپ تونۇيدۇ." (تەبەرانى، ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسات، 1:100، 96)  
بۇنىڭدىن پەرزەنت ئوقىغان قۇرئاننىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئاخىرەتتە پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
يەنە بىر مۇھىم ھەدىس:
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: "ئىنسان ئۆلگەندە ئۈچ ئەمەلىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى توختايدۇ. بۇ ئۈچ ئەمەل بولسا: سەدىقەئى جارىيە، پايدىلىق ئىلىم ۋە كەينىدىن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت." (مۇسلىم، "ۋەسىيەت"، 14)
سەدىقەئى جارىيە دېگەنلىك داۋاملىق پايدىلانغىلى بولىدىغان ياخشىلىق دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: جامە، مەسجىد بىنا قىلىش، مەكتەپ سېلىش، يول ياساش، سۇ تورۇبىسى ئورنىتىش، كۆچەت تىكىش، مال-مۈلكىنى ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلىپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەدىقەئى جارىيەدۇر.
يەنى، ئاتا-ئانا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ پەرزەنت ئاتا-ئانىسى روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلسا، قۇرئان ئوقۇسا، بۇنىڭ ساۋابى ئاتا-ئانىسىغا يېتىپ بارىدۇ دېگەن گەپ.
___________________
سىزدىن سوراپ باقاي، ئۆلۈككە قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىسا، مېيىت نامىزى ئوقۇش، مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ تايىنلىق مېيىت نامىزىنىمۇ ئوقۇمايلا كۆمۈۋەتسە بولمامدۇ؟!

newruz 2011-04-10 00:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 45قەۋەتتىكى yorungkax نىڭ 2011-04-09 21:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

___________________
سىزدىن سوراپ باقاي، ئۆلۈككە قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىسا، مېيىت نامىزى ئوقۇش، مېيىت نامىزىدا فاتىھە ئوقۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ تايىنلىق مېيىت نامىزىنىمۇ ئوقۇمايلا كۆمۈۋەتسە بولمامدۇ؟!


قېرىنداشلىرىم قۇرئاندا ئولۇككە تەبلىخ قىلىڭ، دىگەن گەپ يوق، ھەدىستىكىنىمۇ بەزىلەر سەھىھ ئەمەس، بەزىلەر سەھىھ دەيدىكەن. دېمەك بۇ ئىختىلاپلىق مەسىلە.
گەپ بۇ يەردىكى ئىختىلاپتا ئەمەس مۇھىمى ياشلارنى بىزار قىلىۋاتقىنى بايلار ئولۇككە قۇرئان ئايەت ئۇقۇتۇپ تۇمەنلەپ پۇل تارقاتسا، نامراتلار قەرز ئېلىپ تارقاتسا....كىمگە پايدا كىمگە زىيان. ياشلىرىمىز مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىسلامغا قانداق قارايدۇ، بىزگە قانداق قارايدۇ. بىر ئوبدان تېمىنى! ناچار يېرىنى كولاپ يۇرگىچە ئىبرەت ئالغۇدەك يەرلىرىدىن ئىبرەت ئالساقلا بولمىدىمۇ. ياڭاق يىسەڭلار شاكىلىنىمۇ قوشۇپ يەيدىغاندەك....شاكىلىدىن قاخشاپ! ھەي كىم خاتالاشمايدۇ دەيسىلەر! ئەپۇچانلىق ياخشى ئەخلاق. ئۆزەڭلارنىڭ ئېتىقادى ئۆزەڭلەرگە! قوپاللىق سەل تۇزەلگەندەك قىلامدۇ نىمە؟

ھەق گەپنىڭ ئۆزىنىلا قىلايلى باللار!!! 
مېيىت نامىزى ئىبرەتلىنىشچۈن. قالغانلىرىدا پۇللا تارقىتىدىغان گەپقۇ شۇ....[پۇل بەرمىسىڭىز كىم كەپ ئايەت ئوقۇيدۇ]مۇشۇ كۈندە؟!

مەن بۇ ھەقتە تەپسىلى ماقالە يېزىۋاتىمەن....بولسا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ مۆئمىن مۆمئىمىنگە نازارەتتە بولساق! ھەپتەكۈن بولاي دىدى. ماتىريال ئىزدەۋاتىمەن. ئاللاھ بۇيرىسا دادىللىق بىلەن كۆرسەتمە بەرگەيسىزلەر. مەن ئاسانلا خاپىلانمايدىغان ئادەم. ئەمما ئايىۋاراق توقماقداڭلار. چوڭى بولسا مەخپىي ئۇرارسىلەر-ھە

imtiyaz 2011-04-10 00:40
بىر قانچە ئادەم  قەبرە  بېشىغا چىقىپ سۆرە ياسىن سۆرىسىنى  قىرائەت قىلىپ  دۇئا قىلىپ  قايتىپتۇ !  ئۇلاردىن بىرى قۇرئان ھاياتلارغا چۈشۈرۈلگەن تۇرسا  ئۇنى  ئۈلۈككە ئوقۇغان  توغرا بولمىدى دەپتۇ .  يەنە بىرى  ئۇنىڭغا بىز ۋاپات  تاپقان  قېرىنداشلارغا ئوقۇغان قۇرئاننىڭ ساۋابىنىڭ  يىتىشىنى نىيەت قىلىپ  قۇرئان  قىرائەت قىلدۇ  !  ئۇنىڭ ئورنىغا قەڭ قىقەڭقەڭ  قىلىپ دۆلەت موزىكىسىنى ئورۇندامدۇق  بولمىسا  .
(بۇ بولغان ئىش جۇمۇ)

nazli0998 2011-04-10 00:57
كۇپلىت  كۇپلىت  لارغا  بۆلۈپ  تەھلىل  قىلغىلى  تۇرۇپسىلەر  
ئەمدە  شىئىر  دىگەن  شۇنداق  نەرسىكەن  بۇلۇپمۇ  مۇشۇنداق
دىنىي  مەسىىلەردە  كىچىككىنە  دىققەت  قىلمىسا  چاتاق  

ay-turk 2011-04-10 09:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى salaf نىڭ 2011-04-09 00:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھەمزە بۇرادەر ياخشى ئىسلامى شېئىر ئىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئەمما بىدىئەت  توغىرسىدا سۆز ئېچىپ قاپسىز. ئۇستازىڭىز يۇسۇپ قەرداۋى بىدىئەتچىلەرنىڭ پىرغۇ؟  ياخشى بىدىئەت يامان بىدىئەت دەپ جۆيلىيدىغان.!!!!  ئۇستازىڭىز قەرداۋى ى ى ى مەنپەئەتكە كەلگەندە ئەرەب مىللىتى ئۈچۈن ئەجەم  مۇسۇلمان مىللىتنى ھىچ ئىككىلەنمەيلا سېتىپ خەجلەيدۇ!!!!!

تېخى تۈنۈگۈن رەھمەتلىك سەييىد  قۇتۇبنىڭ ھەمدۇستىلىرى سەلەفىيلەرنى(   1970-  يىلىدىن كىيىن مۇسۇلمان قېرنداشلار ئۇيۇشمىسدىن چىكنىپ چىقىپ كەتكەن)  يۇسۇپ قەرداۋى: رادىكال ( زۇراۋان،  قاتتىق قۇل) ئىكسچىرمىست (  ئۇرۇشقاق ۋە ياكى ھەدىدىن ئاشقان ) دەپ تەنقىدىلىدى. ھەمدە سەنلەر  شەرىئەت دەپ جۆيلىيسەن !!! ئەمما ئسىلام زامانغا بېقىپ ئۆزگىرەيدۇ... مىسىر دىمۇكىراتىك ،مەدەنىيەتلەشكەن دۆلەت بۇلۇشى كىرەك دىدى..............
.......

سەلەف ئەپەندى!"ئىنسان ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈچۈن دۈشمەن"دىيىلگىنىدەك ،سىزنىڭ مۇنبەرلەردە مەخسۇس يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ "ئاتالمىش "ئەيىپ نۇقسانلىرىنى ،ئەپتى بەشىرىسىنى ئىچىپ تىما ئىنكاس يوللاشتىن باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ؟سىزنىڭ مۇنبەر يۈزىدەيۈسۈپ قەرزاۋىنى تىللاپ  سۆكۈشتىن باشقا بىرەر پايدىلىق تىما ،ئىنكاسىڭىزنىغۇ كۆرمىدىم .بۇنداق قىلىش سىزنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىڭىز مۇيا؟بۇنداق غەيۋەت- شىكايەت قىلىپ يۈرۈپ نىمىگىمۇ ئىرىشەرسىزھە؟!!!!!غەيۋەتنىڭ قانداقلىقى توغۇرلۇق قۇرئان ،ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرۈپ يۈرمىسەممۇ سىز مەندىن بەكراق بىلىسىز غۇ دەيمەن . سىز بۇ ئايەت ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلمىسىڭىزمۇ بولامدۇ يە؟ يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ شۇنداق ئەيىپلىرى بولغان تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ئۇنى ئەيىپلەشكە سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇغۇ دەيمەن.ئاۋۇ قويۇۋالغان ئىسمىڭىز بىلەن ئىمزايىڭىزغا لايىق ئىش قىلسىڭىزچۇ كاشكى؟
جاپا تارتىپ يازغان شۇنچە ئۇزۇن ئىنكاسنىمۇ تەھرىرلەپ ئۈلگۈرۈپسىز تىخى.


查看完整版本: [-- يۇقاسۇن بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.080810 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us