تىما : شىئېردىكى ۋاقىت ۋە ئارىلىق
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 137
نادىرلانغان يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى:56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 82 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-04
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-07-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-06 18:59 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 شىئېردىكى ۋاقىت ۋە ئارىلىق

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-07)

شىئېردىكى ۋاقىت ۋە ئارىلىق

ئايسىمە ئىدىرىس

             -قەيسەر تۇرسۈننىڭ ئۈچ پارچە شىئېرىدىن ئالغان ئىلھام
شىئېر تىل سەنئىتىلا ئەمەس، تۇيغۇ سەنئىتىمۇ  بولغاچقا ئۇ ھەمىشە رىئالىقتىكى تۇيغۇنى تىلنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئىخچام، نەپىس ھەم يۈكسەك قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شائىر ئىلھامنىڭ تۇرتكىسىدە ئىجادىيەتكە كىرىشكەندە ھىسسى بىلىشنىڭ غۇۋا سايىسى قەلبىدە زاھىر بولىدۇ دە، رىئاللىقنىڭ   باتىنلىرىنى ئەقىل تارزىسىغا سېلىپ، رىئاللىق بىلەن تۇيغۇنىڭ كېسىشكەن نۇختىسىدىكى جەۋھەر تىۋىشلارنى تىل مارجانلىرىنىڭ بېزىشىگە سۇنىدۇ. بۇ چاغدا   رىئاللىق بىلەن تۇيغۇ، رىئاللىق بىلەن ئەقىل، رىئاللىق بىلەن ھىسسىيات گاھ ئارىلىشىپ، گاھ ئايرىلىپ، گاھ روشەن، گاھ، غۇۋا ھالەتتە شىئېر مىسرالىرىدا نامايەن بولىدۇ.  شۇڭا  شىئېرنى رىئاللىقنىڭ تىلدىكى سايىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا شىئېردىكى رىئاللىق غۇۋا، ئارىلىشاڭغۇ بولۇپ ، شىئېردىكى ۋاقىت، ئارىلىق ئۇقۇملىرى رىئاللىقتىكىدەك ئېنىق گەۋدىلەنمەيدۇ. ئەمما، رىئاللىقتىكى   ۋاقىتقا ئوخشاشلا شىئېردىمۇ ۋاقىت ئۇقۇمى مەۋجۇت بولۇپ، يەنە رىئاللىقتىكى ئارىلىق ئۇقۇمى شىئېردىمۇ ئارىلىق  تۇيغۇسى بەرپا قىلالايدۇ.
شىئېردىكى ۋاقىت بىلەن رىئاللىقتىكى ۋاقىت ئوتتۇرسىدا ھەم ئوخشاشلىق ھەم پەرق بار.  ئاشۇ ئوخشاشلىق ۋە پەرق دەل شىئېرنىڭ گۈزەللىكىنى بەرپا قىلىدىغان ئەڭ ئىنچىكە تەرەپتۇر. ئەگەر شائىر شىئېرى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ،رىئاللىقتىكى ۋاقىت بىلەن شىئېردىكى ۋاقىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىسا شىئېرنىڭ شىئېرى خاراكتىرىنى كۈچلەندۈرگىلى بولۇپلا قالماي، شىئېرى مەزمۇننىڭ چوڭقۇرلىقىنى ،تىلنىڭ نەپىس، لىرىكىلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ياش شائىر قەيسەر تۇرسۇن "ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى" نىڭ 2009-يىللىق 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىدا  ئېلان قىلىنغان ئۈچ پارچە شىئېرىدا ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئارىلىق ئۇقۇمىنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان . شائىر ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ ھىچ قايسىسىغا ئوخشىمايدىغان گىرەلەشتۈرۈش، ئايرىش، سېلىشتۇرۇش،  ئىچىدىن تېشىغا، تېشىدىن ئىچىگە ئۆتۈپ تەسۋىرلەشتەك تەپەككۇر  ئۇسۇلىنى قوللىنىپ  ۋاقىت بىلەن ئارىلىقنى شىئېردا روشەن گۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپ ، ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى شىئېر نەپەسلىرىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. شائىر "ئاللا خالىدەم "دىگەن شىئېرىدا ئاتۇش خەلىقى ئارىسىدا ناخشا بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن "خالىدەم" ئىسىملىك قىزنىڭ ئىسمىنى قايتا تىلغا ئېلىپ بىر خىل ئىسسىق ئېقىمنى پەيدا قىلغان بولۇپ، خالىدەمگە چىرمىشىپ كەتكەن ئەنئەنىنى سۆيۈش تۇيغۇسى، ئەنئەنىنى ئۇلۇغلاش روھى، ئەرلەرنىڭ مەشۇقى ئۈچۈن جاپا تارتىش ئىرادىسىنى دەل ۋاقىت ئۇقۇمى ئارقىلىق ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغان:
قىرىق خىل شوتىدۇر قىرىقتال چېچىڭ،
كۆڭۈلنىڭ تېمىغا قويۇلغان يۆلەپ.
قىرىق ئەر قىرىق يىل يامىشىپ ئاڭا،
يىقىلغان ئاسماننى تۇرۇپتۇ يۆلەپ.
شائىر خالىدەمنىڭ قىرىق تال چېچىنى شىئېرى ئوبراز قىلىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئەنئەنىگە سېغىنىشنىڭ يالقۇنلۇق كۆرىنىشىنى بەرپا قىلغان،  ئارقىدىنلا مۇھەببەتنىڭ شەرتى بولغان گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى قىرىق كوكۇلىنى" كۆڭۈلنىڭ تېمىغا قويۇلغان يۆلەپ" دەپ ئوبرازلاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ ھاسىل بولىشىغا شارائىت ھازىرلىغان. ئۈچىنچى قەدەم  ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ رەسمى مەيدانغا چىققان باسقۇچى بولۇپ، "قىرىق ئەر قىرىق يىل يامىشىپ ئاڭا\ يىقىلغان ئاسماننى يۈرۈپتۇ تىرەپ" دىيىش ئارقىلىق سۆيگۈ يولىدىكى جاپانىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىنى شىئېرلاشتۇرغان ۋە ئۇيغۇر خەلق ئەنئەنىسىدىكى "40"سانىنى ئۇلۇغلاش ئىستىتىكىسىنى  شىئېردىكى ۋاقىتقا  تاپشۇرۇپ تۈرۈپ ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغان. شىئېردىكى ۋاقىت رىئاللىقتىكى ۋاقىتقا قارىغاندا قىسقادەك كۆرۈنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ،ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس قىممىتى يارىتىلغان. شائىر بۇ خىل ۋاقىت ئۇقۇمىنى كىيىنكى مىسرادا تېخىمۇ مۈكەممەللىككە ئىگە قىلىپ "بىر شوتا بىر نادىر ناخشىدۇر گويا\مۇڭ بىلەن ئارمانغا تولغان شۇ قەدەر" دەپ ۋاقىتنىڭ نەتىجىسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ  ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كىيىنكى قەدەمدە ،"مۇھەببەت ئوتىنى قىرىق يىل قالاپ\ئاشىقلار ئۆزىگە قاينىتار زەھەر" دىيىش ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ تىراگىدىيەلىك جەريانىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىغان. دىمەك، رىئاللىقتىقكى ۋاقىت بىلەن شىئېردىكى ۋاقىتنىڭ پەرقى مۇشۇ يەردە چىقىدۇ: رىئاللىقتىكى ۋاقىت بىلەن شىئېردىكى ۋاقىت ھەر ئىككىلىسى ۋاقىت. ھەر ئىككىلىسى ئابىستىراكىت. ئەمما شىئېردىكى ۋاقىت ئۇقۇمىدىن ئازاپنى تىراگىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى ،ئازاپنى، تىراگىدىيەنى ئاشۇ ۋاقىت ئۈستىگە يۈكلىگىلى بولىدۇ. خۇددى ياش شائىر ئادىل تۇنىياز "مەن ۋاقىتنى شۇنداق تەسەۋۇر قىلىمەن، ئۇ ئالەمدىكى بارلىقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۈيۈك بىر سېستىما. ئۇ گويا بىر جاھاننامە ئەينىكى....زامان مەۋجۇدىيىتىنىڭ ماھىيىتى. ھازىر بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگۈسى بىلەن ئۆتمۈشنىڭ كېسىشىش نۇختىسى" دەپ   ئېيتقىندەك شائىر قەيسەر تۇرسۇنمۇ شىئىردا ۋاقىتنى بىردەم غۇۋا  بىردەم يارقىن ئىپادىلەش ئارقىلىق ۋاقىت ئۇقۇمىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى، ھازىر بىلەن ئەنئەنىنى بىر-بىرىگە چېتىپ ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدە ئەنئەنىنى ئىپادىلەشنىڭ يېڭى بىر يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. گەرچە شائىر تىلغا ئالغان ۋاقىت 40 سانى بىلەن چەكلەنسىمۇ ئەمما، خالىدەمگە ئۇرغۇغان مېھىر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەنزىلنىڭ ۋاقىت چېگرىسى يوق.  مانا بۇ شىئېردىكى ھەقىقى گۈزەللىك، شائىر قوغلاشقان بەدىئى قىممەت.شائىر يەنە "ئوقۇدۇم يايرىمنىڭ خياللىرىنى" ناملىق شىئېرىدىمۇ ئىچىدىن تېشىغا چىقىش ئۇسۇلى بويىچە يارىنىڭ خياللىرىغا ياندىشىپ تۇرۇپ"ئوتتۇز يىل تەپەككۇر يۈرگۈزگەن بىلەن \شۇ قەدەر تېيىزدۇر ئويلىغانلىرىم"دىيىش ئارقىلىق يەنە بىر خىل ۋاقىت ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئالدىنقى قىرىق بىلەن باغلىنىشلىق ۋاقىت ئۇقۇمىدا ۋاقىت بىلەن ئەنئەنىنى بىرىكتۇرگەن بولسا ،كىيىنكى بىر مىسرا ئارقىلىق ۋاقىت بىلەن ھاياتنىڭ قىممىتىنى سېلىشتۈرىدۇ.  ۋاقىت گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ھوسۇلىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىدىن يوشۇرۇن ئاغرىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ مىسرادىكى شائىرنىڭ ۋاقىت تەسۋىرى ئارقىلىق كىشىنى يۈكسەكلىك ئالىمىگە باشلاپ تۇرۇپ(مەسىلەن، 30 يىل تەپەككۇر قىلىش)، يەنە ۋاقىتنى قۇرۇق قويغىنىدەك(شۇ قەدەر تېيىزدۇر ئويلىغانلىرىم) تەپەككۇر ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، شىئېردىكى چاقناپ تۇرغان سۈزۈك پىكىرنى دەل مۇشۇ مىسرالار ھاسىل قىلغان، شىئېردىكى ۋاقىت تىراگىدىيەسى مۇشۇ مىسرالاردىن ھاسىل بولغان دىيىشكە بولىدۇ.
شىئېردا ئىپادىلەنگەن ئارىلىق ئۇقۇمى شىئېردىكى ۋاقىتتەكلا ناھايىتى مۇھىم.  گەرچە ئارىلىق  ۋاقىتقا قارىغاندا كونكىرىت بولسىمۇ ئەمما ئېينىشتىيىننىڭ تەجرىبىسى بويىچە "ۋاقىت سوزۇلىدىغان، قىسقىرىدىغان، پىرىسلاشقا بولىدىغان بىرخىل ئەۋرىشىم نەرسە، سىز سۆيگۈنىڭىز بىلەن بىر كۈن كەچكىچە پاراڭلاشسىڭىز ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتىدۇ. ئەمما قىززىق مەشنىڭ ئۈستىدە بىر مىنۇت ئولتۇرسىڭىز بۇ چاغدىكى بىر مىنۇت بىر يىلدەك تۇيۇلىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋاقىت بىلەن تۇيغۇنىڭ مۇناسىۋىتى" دىگىنىدەك ئارىلىقمۇ تۇيغۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك  ئۇقۇم. ئەگەر بىز ياخشى ئىشلار ئۈچۈن ماڭساق تۇيغۇمىزدىكى ئارىلىق قىسقا تۇيىلىدۇ ، يامان ئىشلار بىلەن ماڭساق بىر قەدەم ئارىلىقمۇ  گويا بىزگە ئۇزىراپ كەتكەندەك بىلنىدۇ. شىئېردىكى ئارىلىق تېخىمۇ شۇنداق، رىئاللىقتىكى ئارىلىقنى سوزۇپ، قىسقارتقىلى بولمىغان بىلەن شىئېردىكى ئارىلىقنى قىسقارتقىلى، ئۇزارتقىلى، ، ئارىلىقنى يۆتكىگىلى ،ئالماشتۇرغىلى پولىدۇ. مانا بۇ تۇيغۇنىڭ شىئېردىكى ياردىمى. شىئېرى تېخنىكىغا قوشقان تۆھپىسى. بۇ تۆھپىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان كىشى يەنىلا قەيسەر تۇرسۇن. قەيسەر يۇقارقى شىئېرلىرىدا ۋاقىت ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا ئارىلىق ئۇقۇمىدىن ئەپچىل پايدىلىنىپ ، سېلىشتۇرۇش، ئارقىغا ياندۇرۇش، مۇرەككەپلىكتىن تېيىزلىققا چىقىش ئۇسۇلى بويىچە شىئېرى مەزمۇننىڭ چوڭقۇرلىقىغا يەتكەن. بولۇپمۇ شىئېرى تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە باشقا شائىرلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىك ھاسىل قىلىپ پەلسەپىۋى قىممەت قوغلاشقان شىئېرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شائىر "ئاللا، خالىدەم" دە ۋاقىت ئۇقۇمىغا يانداشتۇرۇپ ئارىلىق ئۇقۇمىنىمۇ ئوتتۇرىغا تاشلىغان بولۇپ، "سەن ماڭغان يول شۇنچە قىسقا بولسىمۇ\   ھاياتتىن ئۇزۇندۇر چېچىڭدىكى يول" دىگەن مىسرالاردا ۋاقىت بىلەن ئارىلىقىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن كۆرىنىشىنى ھاسىل قىلىپ ، خالىدەمگە بولغان سۆيگۈنىڭ چەكسىزلىكىنى ، ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ مەۇڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنىنى "ھايات،چاچ ،ئۇزۇن"دىگەن سۆزلەرنى  شائىرانە بىرىكتۈرۈش بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ مىسرادىكى ھاياتلىق-ۋاقىت،  ئۆمۈر –ئارىلىق.شائىر بۇ خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن شىئېرى مەنزىرىنى تېخىمۇ چەكسىزلەشتۈرۈپ، ھايات، ئۆمۇر، ئەنئەنە، مىللى روھ ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرنى جۇلالاندۇرغان.
"ھەممىدىن ئىگىزدۇر بېشىمدىكى تاغ"دىگەن شىئېردا ئارىلىق ئۇقۇمى تېخىمۇ روشەن نامايەن قىلىنغان بولۇپ، شائىر قايناق تۇيغۇنىڭ ياردىمىدە "مەن" دىن ئىبارەت لىرىك ئوبراز بىلەن  شىئېردىكى رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىقىنى بىردە يېقىن ، بىردە يىراق بىردە غۇۋا ،بىردە روشەن  قىلىپ ئىنسانى تۇيغۇ بىلەن ئوبىكتىپ رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن زىددىيەتلەرنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنغان.مەسىلەن: "ھەممىدىن ئىگىزدۇر بېشىمدىكى تاغ\ ئۈزلۈكسىز ئىگىزلەپ بارار ئۇ يەنە". "مەن" بىلەن تاغنىڭ چوققىسى ئوتتتۇرسىدا ناھايىتى چوڭ ئارىلىق بار، ئۇ يەنە بارغانسىرى ئىگىزلەيدۇ، ئەمما شائىر" شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە سۈرىمەن خيال\مۇھەببەت ،ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدە" دەپ چۇقان سالىدۇ. دىمەك، بۇ يەردىكى ئارىلىق- ھايات مەنزىلى ،تاغ-  ئىنساننىڭ ياشاش ئىستىكى. ئارىلىق قانچە ئۇزۇن بولغانسىرى ياشاشقا بولغان تۇيغۇسى شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ. مانا بۇ ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ شىئېردىكى غۇۋا كۆرىنىشى. شائىر ھاياتقا تەلپۈنگنسىرى ئۆزىنى تىڭشايدۇ، ئۆزى ھەققىدە ،ھاياتلىق ھەققىدە ئويلىنىدۇ، ئۇنداقتا شائىر ئۆزى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ "ھەممىدۇر يىراقتۇر ئىچىمدىكى يول\كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ قىسقا شۇ قەدەر" مانا بۇ رىئاللىق بىلەن ئىنساننىڭ زىددىيىتىنىڭ شىئېردىكى ئاشكارىلىنىشى. شائىردا ئارىلىق ئۇقۇمىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، "يىراق-يېقىن"دىگەن سۆزگە ئارىلىقنى يۈكلەپلا ئىنسان قەلبى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ئاشكارىلايدۇ. بىز باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك قەيسەر تۇرسۇننىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى دەل مۇشۇ يەردە ئاشكارىلىنىدۇ. يەنى ئۇ فىزىكىدىكى ۋاقىت، ئارىلىق ئۇقۇمى، پىسخىلوگىيەدىكى تۇيغۇ ئۇقۇمى، پەلسەپىدىكى زىددىيەت ئۇقۇمى، جەمىيەتشۇناسلىقتىكى رىئاللىق،ئادەم ئۇقۇمى قاتارلىقلارنى بىر بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ ، يەنە  تىل ماھىرلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، قەلب بىلەن ھىس قىلغىلى بولىدىغان شىئېردىكى ۋاقىت ۋە ئارىلىق ئۇقۇمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭا قەيسەر تۇرسۇننىڭ شىئېرنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ تۇيغۇسى بىردەم رىئاللىقتىن يىراقلاپ قەلبكە يېقىنلاشقاندەك، بىردەم قەلبتىن ئايرىلىپ رىئاللىق ئىچىدە لەيلەپ يۈرىۋاتقاندەك ھىسسىياتتا تۇرىدۇ. شائىر يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان شىئېرلاردا رىئاللىق ،ۋاقىت، ئارىلىقنىڭ  مۇناسىۋىتىنى ئەپچىللىىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىچكى تۇيغۇسىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ھالدا ئادەم بىلەن ھاياتلىقىنى، ئادەم بىلەن رىئاللىقىنى، ئادەم بىلەن سوبىكتىپ ئارزۇنى، رىئاللىق بىلەن ئەنئەنىنى، ئەنئەنەن بىلەن مىللى روھنى چەكسىز ئارىلىق ئىچىدە بىر بىرىگە چېتىشتۇرۇپ، شەخسى ھىسسىياتتىن ھالقىغان شىئېرى گۈزەللىكىنى بەرپا قىلغان.بىز شائىرنىڭ ئۇچ پارچە شىئېرى ئارقىلىق شىئېردىكى ۋاقىت ۋە ئارىلىقىنى چۈشىنىۋېلىپلا قالماي، بەلكى، شائىرنىڭ بەدىئى ماھارىتىمنىمۇ ئاز-تولا ھىس قىلالىدۇق. كىيىنكى م،اقالىلاردا بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدىكى ياش  شائىرلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تېپىپ چىقالىساق ئەجەپ ئەمەس.
2010-يىلى2-ئاي 24-كۈنى
ئاپتور:  قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلىلوگىيە فاكولتىتى 2008-يىللىق ماگىستىرانتى ئايسىمە ئىدىرىس

مەنبە؛ چوغلان تورى رىسالەت مەردا
يۇللۇغۇچى مۇھەممەت تۇرسۇن ئېلى نۇرى
-سىز كۆرۋاتقان تىما شىئېردىكى ۋاقىت ۋە ئارىلىق,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: