引用第6楼aykut于2010-06-29 00:51发表的 :
سىز بىر مىللەت ئۈچۈن سۆزلەۋاتامسىز ؟
قىز ئاياللىرىمىز شەرمى ھايالىق ، ئىپەتلىك بولسا بولمامدىكەن؟
ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدۇر.
.......
قەدىرلىك ئاچا ،مەن مىللىتىم قىزلىرىنى ئىپپەتلىك بولسا بولمايدۇ دىمىدىم :
يۇقارقى بۇ ماددىلار ئەرەب ئەللىرىگە ،مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ماس كىلىشى مۇمكىن ،لىكىن بۇنىڭدىكى
يۈزىنى ھېچىقانداق يات جىنىستىكىلەرگە كۆرسەتمەسلىك ،ئەر كىشىگە قارىماسىلىق دىگەندەك شەرتلەرنى
بىز ئۇرۇنداپ كىتەلەرمزمۇ ؟مەسلەن ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال يۈز كۆزلىرىنى
چۈمپەردىگە ئوراپ ،خىزمەت ئارلىقىدا ناماز ئۆتەپ يۇرسۇن ،بىر ئۇيغۇر سىتودىنىت قىز مەكتەپتە يۈز كۆزلىرىنى
ئوراپ ئۇزۇن پەرەنجىلەر ئارىسىدا ئورۇنۇپ يۈرسۇن سىزچە بۇنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بۇلار ؟
دىمەكچىمەنكى بىز ياشاۋاتقان بۇ زىمىندا بۇنىڭغا شارائىت يار بەرمەيدۇ (مۇشۇنچىكىلىك دىسەم ئاخىرىنى چۇشۇنەرسىز )
ئۇنىڭ ئۈستىگە نىمىشقا ئاياللارلا خۇدا بەرگەن چىراينى يۇشۇرۇپ ،چۈمپەردە تارتىپ يۇرگۈدەك ،نىمىشقا ئەرلەر چۈمپەردە
تارتمايدۇ ،خۇدا ئەر ئاياللارنى تەڭ ياراتقان بولغىىيىتتى ؟ئاياللارنىڭ جۇپ كۆزى دۇنيانى كۆرشكە يارىتىلغان ،ئۇنى
بىر قەۋەت پەردە ئىچىدە خۇنۇك قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش ھاجەتسىز دەپ ئويلايمەن ،ھەم يۈزىنى ئورىۋالغان ئاياللارنىڭ
ناپاك بۇلىشى ناتايىن ،ھازىر ھەممە ئىش ئەشۇ يۈزىنى ئورىۋالدىغانلاردىىن چىقىۋاتىدۇ .....
ئۇيغۇر ئاياللىرى جاھەلەتنىڭ جاپاسىنى ئاز تارتمىغان ،ئەمدى بولسىمۇ ئەركىن ئازادە ياشىسۇن (يەنى ئاللا نى تۇنۇپ
خۇدانىڭ يۇلىنى ئۆز يولىدا تۇتۇپ ،ئىلمى يۇسۇندا ...)...
يەنە ئەتىر چاچقان ئايالللارمۇ دوزاخقا كىرەمدا ؟سىزچە ھازىىر ئەتىر چاچمايدىغان ئاياللاردىن قانچىسى باردۇ ؟
بۇنىڭ زادى نەرى خاتادۇر ؟سېسىق تەر پۇراپ تۇرغاندىن ئەتراپنى خۇش ھىدى قاپلاپ تۇرسا ياخشى ئەمەسىمۇ ؟
مەنغۇ ئۇغۇل بالا ،ناماز ئۆتەشنى ئۈگۈنەي دەۋاتىمەن ،ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن ،خۇدا بۇيرىسا ناماز ئۈتەشتىن
بۇرۇن مۇنچىغا چۇشۈپ پاكلىنىپ ئاندىن جەينىماز ئالدىغا كىلىمەن ،مىەسچىتكىمۇ بەدىنىمگە ئەتىر چېچىپ ،چاچلىرىمنى
مايلاپ تاراپ ،بېشىمغا ھېچنىمە كەيمەي بارىمەن ،چۈنكى پاكىزلىق ئىماننىڭ جۇملىسىددىندۇ ر ،دىلىمدا ئىتقات
بولسا كۇپايە ...
بىلىشىمچە خۇدامۇ بەندىلىرىگە قۇلايسىزلىق ئېپ كىلىشىنى خالىمايدىكەن،شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى شۇنچە ئىسسىق
،شۇڭا مەن ئاياللارنى بۇنداق ئازاپلاشنى خالىمايمەن ........