مەن بىرنەچچە تۈرلۈك پىكىر بېرەي..
).مۇنبىرىمىزنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيىتسەك .(ھەممىمىز تىرىشىپ ،دوسلىرىمىزغا مۇنبىرىمىزنى تەۋىسىيەقىلساق،)
2). نادىر تېمىلارنى كۆپرەك يوللىساق (يەنى ئىماننى كۈچەيتىدىغان تىمىلار ، بۇنىڭ ئىچىدە بولسا ئىماننى كۈچەيتىشنى ئۈگىتىدىغان ، ساقلايدىغان ، پەرۋىش قىلىدىغانغا ئائىت . چۈنكى يىڭى ئورنىتىلغان ئىمان تىكىلگەن ئۇرۇققا ئوخشاش ، ئۇ ئوغۇتلاشقا ، پەرۋىش قىلشقا مۇھتاج ، قانداق ئوغۇتلىساق ، قانداق پەرۋىش قىلساق ئۇ شۇنداق چوڭ بولىدۇ. )
3).توربەت مەزمۇنىنى ئاشۇرساق .(ھازىر مۇنبەر بىلەن چەكلىنىۋاتىدۇ.)
4). بىرەيلەن جاپا تارتىپ تىما يوللىغان ئىكەن ئۇنى چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرسەك ، پىكىر ،ئىنكاسلارنى يىزىپ تۇرساق . (چۈنكى بۇ ئۈگۈنۈش سورىنى ).
5).تىمىلىرىمىزدا قەلىپنى ئېرىتىشنى(قورقۇتۇشنى )ئاساس قىلىدىغان تىمىلارمۇ(بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەتراپىمىزغا قارىساڭلار ھېس قىلالايسىلەر) ئورۇن ئالسا(بۇنىڭغا ئۇستازلاردىن ۋە ھەرقايسى ئەزالاردىن چوڭ ئۈمۈت كۈتىمىز.).
مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى يازمىلارنىڭ سەرخىل بولىشى، ئىلمى قىممىتى بار بولىشى، ئىملا نىڭ توغرا بولىشى، تەگلىك ۋە خەت نۇسخىسىنىڭ گۈزەل بولىشىغا باغلىق.
يەنە بىرى مۇشۇ "رەھمەت" ، "ھەشقاللا" ، "قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن" ، "ماڭىمۇ يوللاڭ..." ................ قاتارلىق قىممىتى يوق ئىنكاسلارنى چەكلىگىلى بولارمۇ ؟ مۇشۇنداق ئىنكاسلارنىڭ ئورنىغا "مۇكاپات- جازا"نى ئىشلەتسەك ............