قىز – ئوغوللار (گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا) توي قىلماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرسا بولامدۇ؟ يەنى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بولسا، تۇرمۇش ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، چاۋابڭىزنى كۇتىمەن.
جاۋاب:
بولمايدۇ. چۈنكى ھېچقانداق سەۋەپ، نامەھرەم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا باھانە بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ۋە
ھەدىس – شەرىپلەردە كەسكىن چەكلىمە بار. ئاللاھ تەئالا بەنى ئىسرائىل (ئىسرا) سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە:
«زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى، يېنىدا مەھرىمى بولمىغان
بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»
– (بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ).
بىر ئەرنىڭ بىر ناماھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن بىر جايدا يالغۇز قېلىشى زىناغا يېقىنلاشقانلىق،
شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئاياغ – ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.
يۇقارقى ئايەتتىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئىپادە، ماي ئىسكىلاتلىرىغا چاپلانغان «ئوت بىلەن يېقىنلاشماڭلار!»
دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ. سىزنىڭ سوئالىڭىز «ماي ئىسكىلاتىغا ئوت قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوت بىلەن
يېقىنلاشسام بولامدۇ؟» دېگەن سوئال بىلەن ئوخشاشتۇر. ماي ئىسكىلاتىغا ئوت بىلەن يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئىسكىلاتقا ئوت
قويماسلىق قولىدىن كەلمىگەندەك، ئىككى پەرقلىق جىنس يالغۇز بىر جايدا تۇرسا، گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۇلارنىڭ قولىدىن
كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ئۆزى ئۇبدان بىلىدىغان ياراتقۇچى، ئىش يامان يەرگە بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ
ئالدىنى ئالغان ۋە باشتىلا دىققەت قىلىشنى پەرز قىلغان.
ئاللاھ تەئالا بىر – بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان ئەر – ئاياللارنى بىر- بىرىگە تىكىلپ قاراشتىنمۇ قەتئىي مەنئى قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر.
ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن
– ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن.
زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن،
قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى
بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن.
يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار،
مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى).
2- سوئال:
ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەتلەشسە بولامدۇ؟ ئىسلامنىڭ يولىدىن چىقماي تۇرۇپ قانداق مۇھەببەتلىشىش كېرەك؟
جاۋاب:
مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى بولۇڭ، مەيلى باشلانغۇچتا، «نىكاھلاپ ئالماقچى بولغان قىز ياكى چوكان بىلەن يالغۇز
بىر يەردە بولۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن نىكاھلىنىش ھەققىدە پاراڭلىشىش» تىن باشقا ھېچقانداق مۇھەببەتلىشىشكە بولمايدۇ.
بۇنىڭغا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەك.
بىر قىز كۆڭلىدە بىر ئوغۇلنى ياكى بىر ئوغۇل كۆڭلىدە بىر قىزنى ياخشى كۆرۇشى مۇمكىن. بۇ چەكلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ كۆڭۈلدىكى
ياخشى كۆرۈش ناتوغرا سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. يەنى مۇھەببەت ئەسلى
ئورنى بولغان قەلبتىلا قېلىشى كېرەك.
ئەگەر بىر كىشىنىڭ قارشى جىنسقا بولغان مۇھەببىتى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئىرادىسى توغدۇرسا، بۇ ئىنسان ئەلچى
ئارقىلىق ياكى ئىككى جىنس بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن، شەرم – ھايا ئىچىدە بۇ ئىرادىسىنى قارشى
تەرەپكە ئىپادىلىسە ۋە ئىككى تەرەپ بۇ نىكاھلىنىش توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرۈشسە بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككىسى يا توي
قىلىشىدۇ ياكى يېنىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر يېنىشىپ كەتكەن تەقدىردە ھەر ئىككىسىنىڭ كېيىنكى ھاياتى پاك – پاكىز
داۋام قىلىدۇ
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر»- (بەنى ئىسرائىل سۈرىسى 32- ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش…
قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- (بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-15 17:32قايتا تەھرىرلەندى ]