تىما : ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايىتسام
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنۇمۇرى: 1
نادىرلانغان يازمىسى: 35
يوللىغان يازمىسى:76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
威望: 395 点
铜币: 130 枚
贡献值: 2 点
好评度: 0 点
توردىكى ۋاقتى: 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-05-24
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-03
0楼  يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 15:41 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايىتسام

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-05-28)
<< ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايىتسام دەيمەن >>

 

ئاسىيە ئىبراھىم

 


    مەن 14 يىللىق ئوقۇتقۇچى ، لىكىن دائىم ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ، ئاشۇ غەمسىز ، گۆدەك  چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن . ھەر قېتىم مۇنبەرگە چىققىنىمدا ، ماڭا تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەرگە قارىغىنىمدا ، << مەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا بولسام نېمە دېگەن ئوبدان بولاتتى - ھە ! >> دەيمەن .


ئەگەر مەن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايتالىغان  بولسام ، بۇنداق يورۇق دەرىسخانىلاردا ، باغچىلاشقان مەكتەپ قورۇسىدا ، ئاتا - ئانامنىڭ ۋە مۇئەللىملىرىمنى كۆيۈنۈشىدە ۋاقىتنى قەدىرلەپ ، تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولاتتىم؛ ئۆگەنگەندىمۇ قارىغۇلارچە يادلاشقا بېرىلمەي ، ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولاتتىم ؛ دەرىسخانىدا ئاكتىپ پىكىر قىلىدىغان ، سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلىدىغان ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە باغلايدىغان ئوقۇغۇچى بولاتتىم .


ھېلىمۇ ئېسىمدە 17يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا كەسپىي پەنلەردىكى نەتىخەم 90دىن يۇقىرى بولسىمۇ ، تەنتەربىيىدە ئاران لاياقەتلىك بولغانلىقىم تۈپەيلىدىن ، سىنىپ مۇدىرى تەنتەربىيە مۇئەللىمىگە يېلىنىپ ، مېنى << ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى >> قاتارىغا كىرگۈزۈپتۇ . قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇكاپات ئالغىلى سەھنىگە چىققاندا ، گويا ساۋاقداشلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندە ، زالدىكى ھەممە ئادەم بۇ ئىشنى بىلىپ قالغاندەك يۈزۈم قىزىرىپ كەتكەنىدى . چۈنكى مەن << ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى >> لار ئىچىدىكى جىسمانىي جەھەتتە ياخشى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئوقۇغۇچى ئىدىم . شۇ ئىشتىن كېيىن مەن تەنتەربىيە دەرىسىدە << ئاغرىپ قالىدىغان >> ئادىتىمنى ئۆزگەرتتىم . شۇڭا كېيىنكى قېتىملاردىكى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يۈزۈم قىزارمىدى .


ئەگەر مەن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايتالىسام، يەنىلا سىنىپ كادىرى بولۇشنى تاللايتىم چۈنكى سېنىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەندە ئادەم ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ، رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ، كوللېكتىۋىزملىق روھىنى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلەتتى . بەزىلەر : سىنىپ خىزمىتىنى ئىشلەش ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ ، دەپ قارايدۇ . مەن 18 يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئەسلىسەم ، سىنىپ خىزمىتى ئىشلەش مېنى ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا ئۈندىگەنلىكىنى ، تەشكىللەش ئىقتىدارىمنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ، شۇ ئاساسىمنىڭ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنمۇ رولى بولغانلىقىنى ھېس قىلىمەن .


مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچى بولۇش نېمە دېگەن بەخىتلىك - ھە!. بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش سەھرا قىزىنىڭ كۈندە نەچچە كىلومېتىر يولنى پىيادە يۈرۈپ مەكتەپكە بېرىشىنى ، قىشمۇ ياز چۈشتە بىرەر قېتىم ئىسسىق تاماق يېيىش نىسىپ بولماي ، سوغۇق سۇ بىلەن نان يېيىشلىرىنى ، كەشتە ئېتىز- ئېرىق ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندىلا قولىغا كىتاب ئېلىشقا ۋاقتى يېتىدىغانلىقىنى  شەھەرلىك بالىلار تەسەۋۋۇر قىلالمىسا كېرەك .


ھايات چەكلقك ، ئادەمنى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى تېخىمۇ چەكلىك . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلغۇم كېلىدۇ : بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ، خۇشال - خۇرام ، قەدىرلىنىپ ياشاشقا ئۇل سالىدىغان دەۋرىڭىزنى قەدىرلەڭ ، مۇلەللىملىڭىزنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويماڭ . مەن دائىم ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايتىپ ئاشۇ كۆيۈمچان ، سەمىمىي ئۇستازلىرىمنىڭ قولىدا يەنە ئوقۇسام ، مۇكاپات ئېلىپ ئۇلارنى سۆيۈندۈرسەم ، ئولارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىسەم ، دەپ ئويلايمەن .


 


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايىتسام,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • 铜币:+1(kangsay)
  • اللە بىر كىشىگە شۈكرى قىلىدىغان دىل، زىكىر قىلىد ..
    دەرىجىسى: ئالىي باشقۇرغۇچى
    UIDنۇمۇرى: 10
    نادىرلانغان يازمىسى: 5
    يوللىغان يازمىسى:108
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
    威望: 66 点
    铜币: 116 枚
    贡献值: 1 点
    好评度: 0 点
    توردىكى ۋاقتى: 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-05-28
    ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-03
    1楼  يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-28 20:39 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    مېنىڭمۇ شۇنداق غەمسىز (ئىمتىھان غېمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا)...
    چاغلارغا قايتقۇم بار...ئەپسۇس بۇ بىر ئارزۇ خالاس......