مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 17ئىنكاس
  • 960كۆرىلىشى

قايسى توغرا؟(مەيمۇنە) [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: چولپان ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 662
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە662دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 417 سوم
تۆھپىسى: 24 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2013-01-31
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 14:15:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەزىز مۇنبەر ئەھلى، مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلى مۇنبەرگە ۋاقتى ۋاقتىدا كىرەلمىدىم، باللار ئىمتىھانمۇ بېرىپ بولدى، ئەتە نەتىجىسىنى ئېلان قىلسىلا ئاندىن يۈرىكىم جايىغا چۈشۈپ مۇنبەرلەرگە خاتىرجەم كىرىمەن، شۇنداقتىمۇ بۇگۈن بىر قېرىندىشىم بىلەن يەنە بىر ئىش توغرىلىق دەتالاش قىلىپ قالغاچقا بۇ تېمىنى يوللاپ قېرىنداشلىرىمغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىپ قالدى، بىلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر، دەلىل پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ جاۋاب بېرىشىڭىزلارنى ئۆتىنىمەن،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتا ئەلھەمدۇ غا يەنى سۈرە فاتىھەگە  بىر ئايەت قوشۇپ ئوقۇيمىز، ئىككىنجى رەكئەتتە قۇرئاندىكى رەت تەرتىۋى بويىچە ئۇندىن كىيىن كېلىدىغان ئايەتتىن بىرنى قوشۇپ ئوقۇيمىز، (بۇنى ماڭا ئۇستازىم ئۈگەتكەن،لېكىن ھازىر ئۇ ئۇستازىم يوق)
بۇ يەردىكى ئىنچىكە مەسىلە مۇنداق:
بىز ئاۋۋال سۈننەتنى ئوقىغاندا سۈرە فاتىھەگە قوشۇپ ئوقۇلغان ئىككى  سۈرە رەت تەرتىۋى بويىچە ئوقۇلۇپ بولۇندى دەيلى ، كىيىن پەرىزگە كەلگەندە سۈرە فاتىھەگە قوشۇپ ئوقۇلىدىغان سۈرە ئاۋۋال سۈننەتتە ئوقۇلۇپ بولغان سۈرە بولسا بولىۋېرەمدۇ ياكى شۇ سۈرىدىن كىيىنكى سۈرىلەر كېلىشى كېرەكمۇ؟
ئۇستازىم ماڭا-بىر پۇتۇن نامازدا يەنى سۈننەت پەرىزلىرى قوشۇلۇپ تولۇق نامازدا فاتىھەگە قوشۇپ ئوقۇلغان سۈرە قۇرئاندىكى رەت تەرتىۋى بىلەن ئوقۇلمىسا بولمايدۇ  سۈرىلەر مۇقەددىمە ئاۋۋال ، مۇقەددىمە ئاخىر دەپ ئايرىلىدۇ، كىيىن كېلىدىغاننى ئالدىدا ئوقۇساق بولمايدۇ دىگەن ئىدى.
قېرىندىشىم دەيدۇ:
-سۇننەت ياكى پەرىز ئوقۇۋاتقان بولساق ھەر نامازدىلا ئالدىنقى ئىككى رەكئەتكە ئوقۇساقلا بولدى كىيىن كىلىدىغانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەيدۇ.
مەن دەيمەن:
-مەسلەن،پېشىن نامىزى ئوقىغان بولساق، ئاۋۋالقى تۆت رەكئەت سۈننەتتىكى،كىيىنكى تۆت رەكئەت پەرىزدىكى ۋە كىيىنكى ئىككى رەكئەت ئاخىرقى سۈننەتتىكى فاتىھەگە قوشۇپ ئوقۇلىدىغان سۈرىلەرنىڭ بارلىقى رەت تەرتىۋى بويىچە كېلىدۇ دەيمەن.
مەن بەك ئاشۇرۋەتتىممۇ ياكى ئەسلى شۇنداقمۇ؟ زادى قايسى توغرا، بىر ئەيىبىمنى بولسىمۇ تۇزەتمەكچىمەن،ئاللاھ رازىلىقى ئۇچۈن بىلىدىغانلاردىن سورايمەن،
سەمىمى جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىنبىر چارىدۇر
ھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13837
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2013-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-31
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 22:40:40
ئەگەر سىز  كۆپ  سۇرە   بىلمىسڭىز  ،ئۇقمىغاندىن  ياخشىراق  شۇنى   ئۇقىۋىرىڭ؟
  ئەگەر   بىلسىڭىز   باشقىنى   ئۇقۇڭ   ؟    

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 963
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە963دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 10595 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2013-01-30
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 23:21:04
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
سۈننەت نامازلاردا ئاخىرقى سۈرىلەرنى ئۇقۇغان بولسىڭىز كىيىن پەرىز ناماز ئۇقماقچى بولسىڭىز باشتىكى سۈرىلەرنى ئۇقۇسىڭىز دۇرۇس دەپ قارايمەن
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بامدات نامزىنىڭ سۈننىتىنى يەڭگىل ئۇقۇغانلىقى يەنى سۈرە فاتىھەدىن كىيىن  سۈرە كافىرۇننى ئۇقاغانلىقى خاتىرلەنگەن .
دىمەك بامدات نامزىنىڭ سۈننىتىنى يەڭگىل يەنى قىسقىراق پەرزىنى بولسا ئۇزۇنراق ئۇقۇش  ياخشى  شۇڭا كۆپلىگەن كىشلەر سۈننىتىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى قىسقا سۈرىلەرنى ئۇقۇسا پەرزىدە بولسا بېشىدىكى ئۇزۇن سۈرىلەرنى ئۇقۇيدۇ .

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 924
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە924دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 15304 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2013-01-31
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 03:28:29
    مەنچە سىز بەك ئاشۇرۇۋېتىپسىز. شۇنچە چۈشۈنۈشلۈك، ئاسان دىنىمىزنى بۇقەدەر قىيىنلاشتۇرۇۋېلىشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق.
    1- مەن بولسام، پىشىم نامىزىنىڭ سۈننىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن كافىرۇن سۈرىسىدىن باشلاپ تۆت ئايەت بىلەن تۈگەتكەن بولسام، پەرىزگە كەلگەندە يەنە كافىرۇن ۋە نەسىر سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئاخىر سۈننەتكە كەلگەندە يەنە كافىرۇن، نەسىر سۈرىسىنى ئوقۇسا بولىۋىرۇ دەپ بىلىمەن.
   2- مەن بەزى كىشىلەردىن نامازدا 2 سۈرە ئوقۇسا 2 سۈرىنىڭ ئوتتۇرسىدا 1 سۈرە قالسا بولمايدۇ يەنى بىرىنچى رەكەتكە فىل سۈرىسى ئوقۇسا 2- رەكەتكە قۇرەيش سۈرىسىنى ئاتلاپ مائۇن سۈرىسىنى ئەمەس، مائۇن سۈرىسىنىمۇ ئاتلاپ كەۋسەر سۈرىسىنى ئوقۇش لازىم دەپ ئاڭلاپ بىرى تۈركىيەدە ئوقۇغان، بىرى پاكىستاندا ئوقۇغان مەن بىلىدىغان رەسمى 2 پىراپپىسۇردىن سورىسام بولىۋىرىدۇ، نىمىشقا بولمايدىكەن دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
    مەنچە بىلمىگەن مەسىلىلەرنى سوراپ ئۆگۈنۈۋېلىش بەك ياخشى ئىش ئەمما ئەنىق بىلمىگەن مەسىلىلەرنى گۇمان بىلەن قىيىنلاشتۇرۇۋېلىش توغرا ئەمەس.

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 662
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە662دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 417 سوم
تۆھپىسى: 24 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 10:25:09
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ياخشى پىكىرلەرنى بەرگىنىڭلاردىن سۆيۈندۈم، بەلكىم مەن ئاشۇرۋەتكەندىمەن،ئەمما مۇقىم بىرلا ھۆكۈم،بۇيرۇق بولمىغان بۇ شارائىتىمىزدا خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ مۇشۇنداق سەزگۈر بولۇپ كېتىدىغان گەپكەن، بۇ ئەھۋالنى مىنىڭچە خېلى كۆپ قېرىنداشلىرىمىز دېققەت ئېتىبار بىلەن قارىمايدىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ئىسلامدىكى دەلىلى بىلەن ئېنىق چۈشەنچە بېرىلسە كىين دېققە ت قىلىشتا لازىمى بار ئىدى.
ھەممەيلەن ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالساق ياخشى ئىدى. يۇقىرىدىكى قېرىنداشلار بىلگەن توغرا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىلەر ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، مەن قانائەت ھاسىل قىلمىدىم ئەمەس.    يەنە باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېنىق چۈشەنچىدە بولۇشى ئۈچۈن ئىسلامدىكى دەلىلىنى كەلتۈرگەن بولساق ياخشى بولاتتى، باشقىچە ئويدا بولۇپ رەنجىپ قالمىغايسىزلەر،

ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىنبىر چارىدۇر
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1898
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1898دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 19904 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2013-01-31
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 11:37:12
مايمۇنە ئاچىمىزنىڭ باھانىسىدە مەنمۇ بىلۋالدىم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11054
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 178
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە178دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-03-08
ئاخىرقى: 2013-01-31
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 12:33:10
ئسىمدە قېلىشىچە بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن : « بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ، مەن نامىزىمنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە فاتىھەدىن كىيىن سۈرە ئىخلاسنى ئۇقۇدۇم ، ئىككىنچى رەكىتىدىمۇ شۇنداق قىلدىم ، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ ،-دەپ سورىغاندا » بۇنداق قىلسا بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . (ئىسىمدە خاتا قالمىغان بولسا ، سەن جەننەت ئەھلىدىنسەن ،دەپ جاۋاپ بەگەن . شۇڭا بۇنداق قىلسا بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، دەپ ئاياقلاشتۇردۇم .)
مۇشۇ مەسىلىگە ئىلىمدار بىرسى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن : سۈرىنى رەت تەرتىبى ، ئاندىن مىقدار (ئايەت سانىنىڭ جىق ئازلىق ) تەرتىبى بىلەن ئۇقۇشنىڭ ئەۋزەللىگىنى ، ناۋادا ئۇنداق قىلىپ بۇلالماي قالسىمۇ نامازنىڭ دۇرۇس بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ھەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەت نامازنى بەزىدە جامائەتنى ساقلىغاچ (شامدىن باشقا نامازدا) پەرزدىن بۇرۇن ئۇقۇغان بولسا ، بەزىدە پەرز نامازدىن كىيىن ئوقۇغانلىقىنى دەپ بەرگەن ، مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ سۇننەت ئالدىدا ئوقۇلغان نامازدا پەرزگە ئۇنىڭدىن كىيىنكى سۇرىنى ئۇقۇش كېرەك دىيىشنىڭ ئورنى يوق .
مىنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ، قالغىنىغا بىلىدىغانلار دانادۇر .

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 321
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 586 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2013-01-23
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 13:34:07
مەنمۇ نامازنى رەت تەرتىۋى بىلەن ئوقۇيمەن ،،چۈنكى ھەر بىر سۇرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان خاسىيىتى بار......يەنە كېلىپ رەت تەرتىبى بىلەن ئوقىسا ئوقىغان سۈرىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنۈپ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغۇلى بولىدىكەن،،،،،،بۇ پەقەت مېنىڭ ئىبادەت ئۇسۇلۇم باشقىلار قانداق ئوقۇيدۇ بىلمەيدىكەنمەن....

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13986
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2013-01-17
ئاخىرقى: 2013-01-17
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 16:55:06
توردا سودا قىلامسىز، ،تور سودىسىنى ئۈگنەمسىز، ، تور دۇككىنى ئېچىش بىلىملىرى .. كۆرۈپ بېقىڭ http://www.mobanwang.cn

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10230
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-01-06
ئاخىرقى: 2013-01-30
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 18:09:46
سىز بەك ئاشۇرۇۋېتىپسىز

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى