مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 10ئىنكاس
  • 1927كۆرىلىشى

قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نەزەر [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3314 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2013-01-18
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 00:39:22
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ2000 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە قازاقىستان ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8 لىك نىسبەت بويىچە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا بويىچە تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرى (جۇڭگو، ھىندىستان، قازاقىستان) بولۇپ قالدى. قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئاساسلىقى »كىرىزىسقا قارشى پىلان« نى يۈرگۈزۈش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
      بىرىنچى، <كىرىزىسقا قارشى پىلان> مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈلدى
1.دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى دۇنيا بويىچە كىرىزىسقا قارشى ئەڭ ئۈنۈملۈك پىلانلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان »بەش چوڭ ئىش پىروگراممىسى« نى تۈزۈپ ۋە يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشىدىن ساقلاندى. 2008 - ۋە 2009 - يىللىرىدىكى كىرىزىس مەزگىلىدە قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى يەنىلا %3.1 ۋە %1.2 لىك ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ قالدى؛ 2010 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ، كىرىزىستىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتتى، يەنى ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا %7 ئاشتى؛ 2011 - يىلى %7.5 لىك نىسبەت بويىچە ئېشىپ، ماكرو ئىگىلىك مۇقىملىقىنى ساقلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.
2. دۇنياۋى چوڭ بانكىلارنىڭ سىستېمىلىرىدا شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان ئۆز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالدى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كاپالەتلەندۈردى. بۇ مەزگىلدە 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بانكا تاشقى قەرزى قايتىدىن تەشكىللەندى، تەخمىنەن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەت فوندى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەندى؛ ئاھالە ۋە كارخانىلارنىڭ بانكا سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، بانكا ئامانەت پۇلى ئومۇمىي سوممىسى 2007 - يىلىدىكى 3 تىرىليون 900 مىليارد تەڭگە تەخمىنەن26مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر دىن ئېشىپ، 2011 - يىلىغا كەلگەندە 8 تىرىليون400مىليارد تەڭگە تەخمىنەن 56 مىليارد800مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر گە يەتتى؛ يېقىنقى ئىككى يىلدا قازاقىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى %39.3 ئېشىپ، 32 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ قازاقىستاننىڭ دۆلەت فوندى كىرىزىس مەزگىلىدە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، كىرىزىستىن كېيىن ئۇنىڭ كاپىتالى تۆۋەنلەپ كەتمەستىن، ئەكسىچە يۇقىرىلىدى، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا 43 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى ھەمدە يېڭى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقتى، يەنى كاپىتالنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت خامچوت مۇۋازىنىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە نېفىت كىرىمىنىڭ سىجىل ھالدا قايتا تەقسىملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
3. ئۆي - مۈلۈك كەسپى ۋە بىناكارلىق <كۆپۈكچىسى> نى چەكلىدى. ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى قازاقىستاندىكى بىناكارلىق سودىگەرلىرى يۇقىرى نەپ قوغلىشىش ئۈچۈن، بەس - بەستە تۇرالغۇ ئۆي سالدى، كىرىزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن بازارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە نىسبەتەن ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل بىناكارلىق كەسپى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. ھازىر دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئۆي - مۈلۈك ۋە بىناكارلىق ساھەلىرىدە تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. 2011 - يىلى دەسلەپكى 11 ئايدا ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرىدىكى ئېشىش نىسبىتى %2.9 بولدى.
4. پائال تەدبىر قوللىنىپ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىنى چەكلىدى. <ئىشقا ئورۇنلىشىش لايىھەسى - 2020> پىلان رامكىسى ئىچىدە، 2009 - يىلى 258 مىڭ 600 ئىش ئورنى كۆپەيتىلدى،247 مىڭ800 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 2010 - يىلى 133 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتىلدى، 129مىڭ 500 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
5.خەلقئارا تەجرىبىلەر ۋە قازاقىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى »چوڭ چارۋا مال گۆش مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىسى« نى تۈزۈپ ۋە تەستىقلاپ، 5 يىلدىن كېيىن ئېكسپورت مىقدارىنى 60 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.
      ئىككىنچى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى
1. گەرچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر كىرىزىس يۈز بېرىش ۋە تەبىئىي بايلىق كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، ئاھالىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئازايتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان يەنىلا ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئاھالىلارنىڭ پېنسىيە پۇلى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئىگە - چاقىسىزلارغا بېرىلىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈردى. مەسىلەن، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاھالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە پېنسىيە پۇلى 2007 - يىلىدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشتى؛ دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشى 1 ھەسسە ئاشتى.
2.قازاقىستان ھۆكۈمىتى<2020 - يىلىدىن ئىلگىرىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىلانى> نى تەستىقلىدى. مەزكۇر پىلان ئاھالىلارنى تەربىيەلەش ۋە دائىمىي تۇرۇشلۇق جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئاھالىلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بېرىپ ئىش ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2011 - يىلىغا قەدەر 80 مىڭ كىشى بۇ پىلانغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى.
3.قازاقىستان ھۆكۈمىتى <كىچىك دوستلارنى تەربىيەلەش پىلانى> نى تۈزۈپ ۋە يۈرگۈزۈپ، كۆپلىگەن تۇرالغۇ ئۆي بىنالىرىنىڭ 1 - قەۋىتى، ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئاممىۋى بىنا - ئۆيلەر، بۇندىن ئىلگىرى خۇسۇسىيلاشتۇرۇلغان ئىشخانا بىنالىرىنى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئوقۇتۇش ئاپپاراتىغا ئۆزگەرتتى. 2011 - يىلى پۈتكۈل قازاقىستاندىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئوقۇتۇش ئاپپاراتى 1154 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 330 ى يەسلى، 815 ى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى.
4. قازاقىستان يېزا ئاھالىلىرىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، مەخسۇس <كېسەل كۆرۈش پويىزى> دىن 3 نى ئاجراتتى، جەمئىي 110 بېكەتتىكى 48 مىڭ نەپەردىن ئاشىدىغان يېزا ئاھالىسى (بۇنىڭ ئىچىدە 14 مىڭ نەپىرى بالا)260 مىڭ قېتىم داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.
      ئۈچىنچى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلەتتى
1. ئىقتىسادنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆپ مەنبەلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <كۆلەڭگە> ئىقتىسادنى يوقىتىش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ باردى. يېڭى باج قانۇنىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى غەيرى بايلىق مەنبەسى خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يېنىكلەتتى. شۇ سەۋەبتىن كېمىيىپ كەتكەن دۆلەت مالىيە كىرىمى قازمىچىلىق ساھەسى كىرىمى ئارقىلىق تولۇقلاندى.
2. 2009 - يىلى قازاقىستان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ باردى. ئاساسلىق مەزمۇنى <يېڭى خامچوت قانۇنى> نى ماقۇللاش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تەستىقلاش، نەتىجە - ئۈنۈم ھېساباتىنى يولغا قويۇش، زۇڭلى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىق مەسئۇللىرىنىڭ باياناتنامە ئىمزالىشى، ئۈچ يىللىق خامچوتنىڭ تۇنجى قېتىم تۈزۈلۈشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىسلاھاتلار ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە تېخىمۇ جانلىق ئىش يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىشقا قۇلايلىق ياراتتى.
3.قازاقىستان ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈردى. 2007 - يىلى ھەرقايسى ئوبلاستلاردا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، »بىر كۆزنەك« لىك كۈتۈۋېلىش - مەسلىھەت بېرىش كەسپى قانات يايدۇرۇلدى؛ ئىقتىسادىي ساھەلەردە <ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت> سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە، قازاقىستان ئىنتايىن تېزلا ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئۇچۇر مەنبەسىنى رەتلەپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە بىردەكلىكىنى كۈچەيتتى ھەمدە گىراژدانلار ۋە كارخانىلارنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ب د ت تۇرغۇزغان 2010 - يىللىق ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە قازاقىستان 46 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، 2008 - يىلىدىكىدىن 35 ئورۇن يۇقىرىلىدى.
      قىسقىسى، قازاقىستان يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ئىقتىسادىي ساھەدە تۈرلۈك پائال تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كىرىزىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى كاپالەتلەندۈردى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىدىن.

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 584
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە584دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9756 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2013-01-30
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 11:50:19
تەرەققىي قىلمىز ، تەرەققى قىلادۇرمىز دىگەن گەپلەر بۇگۈنكى كۈندە تۇلا دىيلىدىغان بولدى . قۇلاقلىرمىز پاڭ بۇلۇپ كەتتى ؟ زادى قانداق ھالغا كەلگەندە ھەققى تەرەققى قىلغان بۇلىدۇ ؟ بولسا قازاقلار ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىرسى بىل گايتىستەك مىليارد بولسا ، تۆت بەشتىن ئالى دەرجىلىك ماشنسى ، نەچچە قەۋەتلىك داچا ئۆيلىرى بولسا ھەققى تەرەققى قىلغان بۇلامدۇ ؟
بۇپتۇ -ئۇيغۇرلار - قازاقلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مىلياردلاپ پۇلى ، 3-4 پىكاپى ، 3-4 دىن داچىسى بار دەپ پەرەز قىلايلى ، بۇ پۇل ماشىنا داچىلار شۇ ئۇيغۇر قازاقلارنىڭ جان تەسلىم قىلۋاتقان ۋاقتتىكى پەرشتىلەرنىڭ سىلەر دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا قانداق ھالەتتە ئىدىڭلار دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بۇلالامدۇ ؟ ...............................

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 662
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە662دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 417 سوم
تۆھپىسى: 24 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 12:06:53
ئىنسان روھىنى پاكلىماي تۇرۇپ ھەقىقى تەرەققى قىلالمايدۇ،

 
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىنبىر چارىدۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13973
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2013-01-16
ئاخىرقى: 2013-01-16
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 13:49:00
بولسا قازاق قېرىنداشلار گۈللەنسۇن، قۇدرەت تاپسۇن....

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 549
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە549دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 15:18:09
بولسا قازاق قېرىن داشلىرىمىز تەرەققى قىلسۇن

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 428
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە428دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 5047 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2013-01-31
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 17:17:51
راس ،يېقىنقى يىللاردىن بېرى قازاقىستاننىڭ تەرەقىياتى ناھايىتى تىز بولدى. ئۇلارنىڭ تەرەقىي قىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ يۇقۇرى كوتۇرۇلۇشىگە پايدىلىق.

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2553 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2013-01-30
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 19:29:44
قازاقىستان ئەلۋەتتە تەرەققى قىلىشى كىرەك.بىراق قازاقىستاننىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئنتايىن خاتا ،قازاقىستاننىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەندىزىسى بولسا قازاق مىللىتىنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت مەركەزلەشتۇرۇلگەن ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇش شەكلىدىكى تەرەققىيات  يولىدۇر.توغرىسى قازاق مەدىنىيتى مەركەزلىك قانۇنلاشتۇرۇلغان ئەركىن سايلام ۋە پارتىيلەر ئارا ئادىل رىقابەت قانات يايغان  ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇش شەكلىدكى تەرەققىيات يولىدۇر.
ھازىرقى قازاقىستان سىياسى ئەندىزىسى تۇيۇق يول،ئارىدا مۇقەررەر بىر ئۈزۈكلۇك بار،روسلارنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىتىشدىن ئەنسىرەيمەن.

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13445
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-01-29
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 21:15:07

ئايتۇرمىز سۆز:،قۇتلۇق بولسۇن كۇنلەرىڭ، كەلگۈسىڭ بولسۇنلەر شاتدىق،
ئاۋام بىلەن ئېلىڭگە، دائىم يەتسۇن ئاسايىشتار مەن ئىناقدىق،
ئويلا! ئەمەس بىر ئۇلتىق-ئۇيغۇرمەن،بىز  باۋۇرداش،بار قېرىنداشتىق ،
تارىخىڭغا سال نەزەر ،مەرەكەدە، يايرا قازاق ئېلى بول قۇتدىق
ياشا سەنمۇ بىر ياخشى،كۆز تەگمەسۇن جاۋدان،ئاباي ئۇلى  ئاتدىق.

Айтурмиз сөз:,қутлуқ болсун кунләриң, кәлгүсиң болсунләр шатдиқ,
Авам билән елиңгә, даим йәтсун асайиштар мән инақдиқ,
Ойла! әмәс бир ултиқ-уйғурмән,биз  бавурдаш,бар қәриндаштиқ ,
Тарихиңға сал нәзәр ,мәрәкәдә, яйра қазақ ели бол қутдиқ
Яша сәнму бир яхши,көз тәгмәсун җавдан,абай ули  атдиқ.


دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4555
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1409
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1409دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 20829 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2013-01-29
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 02:12:54
دىيارىمىزدىكىگە ئوخشاش قەغەز يۈزىدىكى تەرەققىيات بولۇپ قالماسلىغىنى ئۈممۈت قىلىمەن ...................

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13301
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 15:39:12
70 يىل رۇسلارنىڭ ئېغىر ئسمىلاتسىيىسىگە ئۇچرىغان قازاق قېرىنداشلىرىمىز ئېتىقات جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرلەشكە ئىگە بولدى.بۇنىڭغا كوز يۇمساق بولمايدۇ.

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى