نىمىشقا ئىملاغا دىققەت قىلمايسىز؟
بىز قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولساق، شۇ دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاتىلىشى بار، شۇڭا بىزمۇ يۈەننى بىرلىك قىلىمىز، ئۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟
تارىختىن بويان ئىشلىتىلگەن تۇمپۇر،تەڭگە ياكى تەنگە، سوملارنىڭ ئاتىلىشى ئىستىمالدىن قالمىغان، بىر قىسىم جايلاردا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئەمىلىيەتتە ئۇ پۇللار ھازىر يوق، بىزدىكى قانۇنلۇق پۇل شۇ يۈەن.
يەنە بىر گەپ، سىزنىڭ نىمىگە ئاچچىقلانغانلىقىڭىزنى پەقەت چۈشەنمىدىم، مۇمكىن بولسا ئېنىقىراق دىگەن بولسىڭىز!
راستىنى دىسەم، يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، ئىملارىڭىزغا بەك ئىچىم پۇشىدۇ، يەنە كېلىپ مەزمۇن باغلىيالماي بەك قىينىلىمەن، بىر قارىسام توغرا گەپ قىلغاندەك يەنە بىر قارىسام ئۆزىنى داڭلىغاندەك.
ئىش قىلىپ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلسەم بولاتتى، بەلكىم مېنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىم شۇنداق تۈۋەندۇ.
قېنى سىز ماقالىلىرىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ! ياكى زەنجىرسىمان مۇناسىۋەتتىكى ماقالىلەر بولسا، ئايىقىنى ئوقىسام چۈشۈنۈپمۇ قالارمەن.
--------------------------
ئەسەلامۇ ئەلەيكۇم!ماڭا قاراڭ سىڭلىم،مەن ئۇيغۇرچە ئاتاۋاتىمەن،خەنزۇچە ئاتامادىم،ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار(ئۇرۇمچەدەمۇ ئىلىلىقلار شۇنداق ئاتايدۇ،جۇملەدىن مەنمۇ شۇنداق ئاتايمەن،چۇنكى مەنىڭ دادام(ئاتامنىڭ ئاتاسى )ئىلىلىق كىشى،ئادەتتە ئۇيغۇرلار ئاتانىڭ ئاتاسىنى دادا دەپ ئاتىماي بوۋا دەپ خاتا ئاتاپ تۇرىۋالىدۇ-ئا) ۋە قازاق،قىرغىز قېرىنداشلار ۋە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا قانداق ئاتايدىغانلىقىنى مىسال كەلتۈردۈم خالاس،ئادەتتە سوم،سومماسى دەپ ئۇيغۇرچە ئاتايمىز،ئەمما مەتبۇئاتىدا بىرقىسىملار يۈەن دەپ ئالىدۇ،ئەھۋالدىن قارىغاندا سىزمۇ يۈەن دەپ ئاتاش تەرەپدارى ئىكەنسىز،مەن پەقەت ئۇيغۇر ئانا تىلىمدا قانداق ئاتاشنى كۆرسەتتىم خالاس،قانداق ئاتاش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتى يوق بولسامۇ،ئەمما ئۇيغۇر بولسىڭىز ئۇيغۇرچە ئاتاشنى بىلىۋېلىڭ دېمەكچىمەن،شۇڭا يۇقىرىدىكى بىر نەچچە كىتابنى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسەتتىم،ئەگەر ئاشۇ كىتابلاردىن بىرەرىنى ئوقۇسىڭىز(ئەگەر ھازىر تاپالىسىڭىزلا دېمەكچىمەن)ئىملايىمغا كەلسەم مەن توردا ئامال بار ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە يازىمەن،ئادەتتە سوز يىلتىزىنى توغرا ئالىمەن،سۆزنىڭ ئەسلى تەلەففۇزىنى كۆرسىتىمەن،ھەرگىزمۇ باشقىلاردەك شاتۇتى بولۇپ ئا مۇنداق يېزىپتۇ مەنمۇ ئا كىشىدەك يازىمەن دەپ قارىغۇلارچە ئەگەشمەيمەن،ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ نوفۇسى يۈز مىليونغا يېتەي دەپمۇ ئوز ئانا تىلىغا قانداق كۆڭۈل بۆلمەي بىپەرۋا ،ماڭقۇرت بولۇپ كەتكىنىگە ئىچىم پۇشىدۇ(باغداش تورىدا :مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى دەگەن ئەسەرنى كورگەيسىز)،ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە 20-30 يىلغا قالماي قېرىنداش مىللەتلەردىن ئۆزبېك،قازاق،قىرغىز...... بىلەن تەرجىمان بولمىسا سۆزلىشەلمەس ھالەتكە يەتكەندە ئەستەغفۇرۇللا دەپ قالمىز،مانا بۇ يۈرەك سۆزۈم
ئىشەنمىسەڭىز تۆۋەندە قەشقەر تەلەففۇزىدا بىر كۇبلېت مىسال قوشاق كەلتۈرەي:
قەشقەر يەرلىك تەلەففۇزىدا مۇنداق دەيمىز:
ئاتاسى ئۆلمەگەن چىم بار،
ئاناسى ئۆلمىگەن چىم بار.
ئاتا-ئانادىن ئايرىلىپ،
مۇسافىر بولماغان چىم بار.
بۇنى ھازىرقى ئاتالمىش ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك تىلدا ئوقۇساق:
ئاتىسى ئۆلمىگەن كىم بار،
ئانىسى ئۆلمىگەن كىم بار،
ئاتى-ئانىدىن ئايرىلىپ،
مۇساپىر بولمىغان كىم بار.
خوش سىڭلىم:يۇقىرىقى خەلق ناخشاسىنى ئىچىڭىزدە بېرەر قېتىم غىڭشىپ ئوقۇڭ ياكى ئېيتىپ بېقىڭچۇ؟سىزگە قانداق بىلىنەر؟قانداق تۇيغۇ بەرەر،ئەگەر مەن يۇقۇرىقى مىسرالارنى ئوقۇسام،مانا ئۇستىدىكى قەشقەر تەلەففۇزىدىكى دەل تۇز سالغان ئاشدەك بىلىنسە،تۆۋەندىكى ھازىرقى ئاتالمىش ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچەسى دەل تۇز سالمىغان ئاشتەك بىلىنىدۇ،ئەمدى مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ئەگەر سىز ئۇيغۇرچەنى پۇختا ئۆگەنسىڭىز قېرىنداش تىللارنى سۆز يىلتىزىنى توغرا ئاتايدىغانلا بولسىڭىز سىزگە تەرجىمان كەتمەيلا تېزدىنلا ئۆگىنىۋالالايسىز!خوش مەن ئەمدى دەيدىغانلارىمنى دېدىم قانداق دېيىش،قانداق ئىشلەتىش ئۆزىڭىزنىڭ چۇشۇنىشىگە باغلىق،ئەسلى مەنمۇ 30يىل بۇرۇن خەنزۇچە.كېيىن ئۇيغۇرچە،كېيىن خەنزۇچە(ئوتتۇرا مەكتەپتە 5 يىل ئۇيغۇرچە، باشلانغۇچتا 5يىل، ئالىي مەكتەپدە 4 يىل،-خەنزۇ-ئېنگىلىزتىلدا 2 يىل،ئاسفرانلىقتا 3 يىل جەمئىي 14 يىل خەنزۇچە) ئوقۇدۇم،ئۇيغۇر-خەنزۇلارغا قوش تىلللىق ئوقۇتقۇچى بولغاچقا دولەت بەلگىلەمىسى بويىچە ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە 2 خىل تىلدا ساۋاق بېرىمەن،ئەمما مەن ئانا تىلىمنى شۇنداق سۆيگەنلىگىم ئۈچۈن باشقا مىللەت بولۇپ كەتمەي دەل ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشدىم ۋە بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىپ دۇنياغا :مەن ئۇيغۇر دەپ جاكارلىماقتىمەن.