abdurrahman:« توغرىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن ھەدىس مىنىڭ مەزھىپىم دۇر»
--------------------------------------------
ئالىم ئوبدان دەپتۇ. ھەقىقەتەن ئالىم ئەبۇ ھەنىفە رەھمەھۇللاھ ئىسلام ئۈچۈن ھازىرقى دەۋىردىكى ھەرقانداق بىر كىشىدىنمۇ بەك خىزمەت كۆرسەتكەن كىشىدۇر.ئەمما تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ يۇقارقى مۇشۇ سۆزگە قارىتا پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام. ئەسكەرتىش شۇكى، مەن ئادەتتىكى بىر ئادەممەن، تەقۋالىق جەھەتتىن ئەبۇ ھەنىفە ئەمەس، بەلكى ئىكران ئالدىدا ئولتۇرغان ھەر بىرلىرىگىمۇ يەتمەسلىكىم مۇمكىن(ئاللاھ ھەممىمىزگە تەقۋادارلىق ئاتا قىلغاي!ئامىن)، مىنىڭ پىكرىم قانداقتۇر ئالىمدىن قۇسۇر ئىزدەش ئەمەس بەلكى مەلۇم بىر پىكىرگە قارىتا ئېيتىلغان سۆز. شۇڭا قېرىنداشلارنىڭمۇ پىكىر يازغاندا مەندەك بىر قېرىندىشىڭلارغا قارىتا ئەمەس، پىكىرگە قارىتا سۆز قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
ھەممەيلەنگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇقكى،توغرا يول ئىسلامدۇر، توغرىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن ھەدىس ئىسلامدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشى مۇسۇلماندۇر.مۇسۇلمان-ئۇ ئۆز مەنىسىدىن ئىسلامغا يەنى توغرا يولغا ئەمەل قىلىدىغان كىشىدۇر.مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ توغرىغا ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمان ۋە خاتاغا ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمان دەپ ئىككىگە بۆلۈنمەيدۇ.ھەقىقەتەن، توغرىغا ئەمەل قىلغان مىنىڭ مەزھىپىمدۇر دىگەنلىكتىن ئىسلامدىكى كىشىلەرنى بىرلەشتۈرۈشتەك ياخشى نىيەت چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئاللاھ ئۆزىنىڭ توغرا يولدا ماڭغان كىشىلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىكەن، چىپپىدە شۇ جايدا توختاپ قالساق يەنى شۇ مۇسۇلمان ئاتالغۇسى دەيدىغان توغرىنىڭ ئۈستىگە بىرلەشسەك.بۇنداق دىيىشىمدىن سەۋەب مىسال ئەگەر توغرا يولدا ماڭغان بىرسىنى سەن مۇسۇلمانكەنسەن دىسەك ئەلھەمدۇلىللاھ دەيدۇ،(يەنى دەرھاللا بىز بىلەن پىكىر بىرلىكى شەكىللىنىدۇ، يەنى بىرلەشتۇق)، ھالبۇكى ئۇ كىشى توغرا يولدا بولغانلىقى ئۈچۈن سەن ھەنەفى مەزھىپىدىكەنسەن دىسەك،ئۇ بەلىم ھەنەفى مەزھىپىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ياق دەپ تاشلىشى مۇمكىن.دىمەك، كۆردۇقكى بۇيەردە بىر پىكىر ئىختىلاپى كىلىپ چىقتى يەنى بىرلىشەلمىدۇق.
.......
