قاسىم سىدىق
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە ئىلمىي ساھەلەردە دائىم "چەكسىز"، "چەكسىزلىك" ئاتالغۇلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.ھالبۇكى، يۇقىرىقى ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان "چەكسىزلىك" نى تېخى ئۈزۈل-كېسىل ئىسپاتلانغان مۇكەممەل ئۇقۇم دېيىشكە بولمايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرىغىچە غەرب ۋە شەرقتىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلار بۇ نۇقتىداتالاش-تارتىش قىلىپ كەلدى ۋە بۇ مەسىلە شۇڭغىچە ھەل بولمىدى، ئالەمنىڭ چەكلىكلىكى بىلەن چەكسىزلىكى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە تارىخىي دەرۋەقە تولىمۇئۇزۇن تارىخ.گېگىل سان ۋە ئۇلارنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى،ھەقىقىي چەكسىزلىك ئەمەس، بەلكى، "يامان چەكسىزلىك" دەپ ئاتىغان. "ئىنگلىس يامان چەكسىزلىك بىلەن ھەقىقىي چەكسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرگەن ئىدى"، "-ماتېماتىكىدا چەكسىز تىزمىنى قوللىنىش ئادىتى بولمىغان بولسا،-دەپ يازىدۇ ئىنگلىس،-پۈتۈن خاتا تۇيغۇلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ماتېماتىكىدا ئېنىق بولمىغان، چەكسىز نەرسىگە يېتىش ئۇچۇن،ئېنىق بولغان، چەكلىك نەرسىلەردىن چىقىپ ئىش قىلغىنىمىزدىن بارلىق ماتېماتىكىلىق تىزما، پىلۇس ياكى مىنۇس بولسۇن، ھەممىسى بىردىن باشلىنىش لازىم. بولمىسا ساناش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، ماتېماتىكلارنىڭ ئىدىيەجەھەتتىكى ئېھتىياجى ھەرگىز رىيال دۇنيا ئۈچۈن مەجبۇرىي قانۇن ئەمەس."يەنەشۇنىمۇ ئەسكەرتىش زۆرۈركى: مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى گائۇس ھەتتا: "-مەن"چەكسىزلىك"تىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارشى تۇرىمەن.ماتېماتىكىدا چەكسىزلىك پۇت قويۇپ تۇرغۇدەك زېمىن يوق" دەپ ئۈزۈپ ئېيتقان ئىدى.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، چەكسىزلىكنى ئىسپاتلاش ۋە ئۇنى مۇكەممەل ئۇقۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مۈشكۈل، شۇنداقلا زۆرۈرى خىزمەت. بۇ مەسىلىنىڭئۈزۈل-كېسىل ھەل بولۇشى، ھەرقايسى پەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىكساھەلىرىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قولۇڭلاردىكى ئەسەرئاپتورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى مۇددىئا ئاستىدا ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى، كىتابخانلارنىڭ ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۆتۈنىمەن.
"چەكسىزلىك" نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
"چەكسىزلىك" ئومۇمەن تۆۋەندىكىخۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:
1."چەكسىزلىك" نىڭ چېكى بولمايدۇ، چېكى بولىدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇ چەكسىزلىك بولمايدۇ.
2."چەكسىزلىك" ئۆلچەمسىز (مىقدارسىز) بولىدۇ. ئۆلچىگىلى بولىدۇ دېيىلسە ئۇ چەكسىز بولمايدۇ.
3."چەكسىزلىك" ئۈزلۈكسىز بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز بولمىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىك بولىدۇ.
4."چەكسىزلىك"يېگانە بولىدۇكى، تەڭدىشى بولمايدۇ. تەڭدىشى بولىدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدائىككى "چەكسىزلىك" كېلىپ چىقىدۇ-دە، ئۇلار بىر-بىرىگە چەك بولۇپ قالىدۇ.
5."چەكسىزلىك" نىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشى بولمايدۇ. باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش بار دېيىلسە ئۇ يەنىلا چەكلىك بولۇپ قالىدۇ.
6."چەكسىزلىك" شەكىلسىز بولىدۇ. شەكىلگە ئىگە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىك بولىدۇ.
ئېنىقلىما:چەكسىزلىك-پايانسىز، مىقدارسىز، تەڭداشسىز ۋە باش-ئاخىرى بولمىغان مەۋجۇدلۇق.
"چەكلىكلىك"نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:
1. "چەكلىكلىك" نىڭ ھامان پايانى (چېكى) بولىدۇ.
2. "چەكلىكلىك" نى ئۆلچىگىلى بولىدۇ.
3. "چەكلىكلىك" شەكىلگە ئىگە.
4. "چەكلىكلىك" ئۈزلۈكسىز بولمايدۇ، تۇيۇق بولىدۇ.
5."چەكلىكلىك" نىڭ باش-ئاخىرى بولىدۇ.
ئېنىقلىما:"چەكلىكلىك"-پايانى، مىقدارى، شەكلى، باش-ئاخىرى بولغان، شۇنداقلا، تۇيۇق بولغان مەۋجۇدلۇق.
ئۇقۇمنىڭ چەكلىكلىكى:
1.مەيلى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە مەيلى بىرەر مىللەت ياكى شەخس نۇقتىسىدىن ئېيتايلى، ئۇلار خالىغان پەيتتە ئىگىلىگەن ۋە ئىگىلەيدىغان ئۇقۇم مىقدارى ھامان چەكلىك بولىدۇ.
2. مۇئەييەن ئۇقۇم ئاڭلاتقاندا مەنە (ئۇقۇمنىڭ مېغىزى) ھامان چەكلىك بولىدۇ.
3.ھەرقانداق ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى (ھەجمى) ھامان چەكلىك بولىدۇ.ئىنسانىيەت ھازىرغىچە دائىرىسى، مەنىسى ۋە مىقدارى چەكسىز بولغان ئۇقۇم، شۇنداقلا،ئۇقۇملار – سىستېمىسىنى كەشىپ قىلغىنى يوق.
ئاكسىئوما:ئۇقۇم ۋە ئۇقۇملار مىقدارى، دائىرىسى ۋە مەنىسى ھامان چەكلىك بولىدۇ.
ساننىڭ چەكلىكلىكى:
سان-ئۇقۇم.دېمەك، مىقدارى، مەنىسى ۋە دائىرىسى چەكسىز بولغان سان مەۋجۇدئەمەس."سانسىز سان" مەۋجۇد ئەمەس، "سانسىز سان مەۋجۇد" دېيىلسە، ساننىڭ مەۋجۇدلۇقى ئىنكار قىلىنىدۇ.نوقۇل سان بىلەن چەكسىزلىكنى ئىپادىلىگىلى ۋەئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئاتالمىش "چەكسىز سانلار قاتارى" پەقەت ئۆز گەۋدىسى ئىچىدە چەكلەنگەنلىكى ئۇچۇن، چەكسىزلىكنى ھامان سىرتىدا قالدۇرىدۇ."چەكسىزداۋاملاشتۇرۇش" چۈشەنچىسى سانلار قاتارى گەۋدىسىنىڭ "چەكسىز"لىكىنى ئەمەس،بەلكى، ئىزچىللىقىنى كۆرسەتكىنىدە توغرا بولغان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇئاتالغۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. مۇبادا سانلار قاتارىنىڭ ئۆز گەۋدىسى چەكسىزبولىدۇ دېيىلسە، ئۇنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوققا چىقىدۇ ۋەئەھمىيىتى قالمايدۇ.كونكرېت سان، مەنە، ھەجىم ۋە مىقدار جەھەتتىن چەكلىكئىكەن، كونكرېت سانلار ۋە ياكى كونكرېت سانلاردىن تەشكىل تاپقان ھەرقانداق سانلار قاتارىمۇ چەكلىك بولىدۇ.چەكسىزلىك--مىقدارسىزلىقتىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەن ، دېمەك ، "چەكسىز سان" ، "چەكسىز سانلار قاتارى"دېيىش ، "سانسىز سان" ۋە "سانسىز سانلار قاتارى" دېگەن بىلەن باراۋەربولىدۇ.قارىغاندا گىگىل، ئېنگىلىس ۋە گائۇستەك مەشھۇر شەخسلەر بىھۇدە گەپ قىلمىغاندەك تۇرىدۇ.
شەكىلنىڭ چەكلىكلىكى
ھەرقانداق شەكىل جەزمەن چەككەئىگە، چەكسىز شەكىل مەۋجۇد ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق شەكىل مۇئەييەن ئارقاكۆرۈنۈش ئىچىدە چەكلىنىدۇ.تۈز سىزىق – شەكىل، دېمەك، "چەكسىز تۇز سىزىق"،"تۈز سىزىقنى چەكسىز داۋاملاشتۇرۇش" ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس.پەقەت تۈز سىزىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن، ھالبۇكى، "چەكسىزلىك"بىلەن"ئىزچىللىق" بىر ئۇقۇم ئەمەس.
ھەقىقىي چەكسىزلىك قەيەردە؟:
1.ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقى، بارلىق ماسسا - ئېنېرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىي ئالەمنى چەكلىك دەپ قاراش بىلەن بىرگە، مۇئەييەنشەكىل سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ھەقىقىي چەكسىزلىك دەل مۇشۇ ماددىي ئالەمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت. (ئاپتور بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ «ئالەمنىڭ غەيرى يماددا قاتلىمى – يوقلۇق» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە توختىلىپ ئۆتكەن) چەككە ۋەشەكىلگە ئىگە بولغان ماددىي ئالەم ھامان چەكسىزلىك ۋە شەكىلسىزلىك سۈپىتىدە مەۋجۇدلۇق – "يوقلۇق"نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.
2. ئاتالمىش "چەكسىز تۇز سىزىق" ئوخشاشلا يۇقىرىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە تۇرىدۇ.
3.خالىغان پەيتتە، ئىنسانىيەت ئىگىلىگەن ۋە ئىگىلەيدىغان ئۇقۇملارنىڭ مىقدارى، مەنىسى ۋە دائىرىسى چەكلىك ئىكەن، بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزغانىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقىي چەكسىزلىك دەل مۇشۇ ئومۇمىي ئۇقۇملاريىغىندىسىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. بىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەرقانداق پەيتتە چەكلىك بولىدۇ. بىلىشنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلمەسلىكنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىچەتكە قاقمايدۇ. بەلكى بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.ئۇقۇملار سىستېمىس ىمىقدارى، مەنە، دائىرە ۋە چەككە يىغىنچاقلىنىپ، بىلىشنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بىلمەسلىك ھامان بۇ گەۋدىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ ۋەبۇ گەۋدىگە ئارقا كۆرۈنۈش بولىدۇ. دېمەك، بىلىشنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ سىرتىدا مەنىسى، مىقدارى ۋە چېكى بولمىغان ھەقىقىي چەكسىزلىك ھامان مەۋجۇدبولۇپ تۇرىدۇ.
ماددا چەكسىز پارچىلانمايدۇ
1.يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرلەر ئېتىراپ قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا "مادداچەكسىز پارچىلىنىدۇ"، "ئاساسىي زەررىچىلەر مەۋجۇد ئەمەس" دېيىش توغرائەمەس. ماددىي ئالەم تۇراقلىق ماسسىغا ئىگە چەكلىك ئالەم ئىكەن ئۇنىڭ چەكسىز پارچىلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چەكسىزلىك-مىقدارسىزلىق ۋە شەكىلسىزلىك ئىكەن "ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ" دېيىش ماددىنى مىقدارسىزۋە شەكىلسىز دېيىشكە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە "پارچە" ئۇقۇمى بىلەن"چەكسىزلىك" ئۇقۇمى سىغىشالمايدۇ.
2.گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى بۇ جەرياننى ئورۇنلاپ ئۈلگۈرمىگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەر جەزمەن مەۋجۇد. ئاساسىي زەررىچىلەر مەۋجۇد ئەمەس دېيىش، ماددىي ئالەمنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىنكارقىلىشقا ئېلىپ كېلىدۇ.
1990- يىل بۇلاق دادامتۇدا يېزىلدى .مەنبە: خوتەن جۈەنكې ئىلمىي ژۇرنىلى 1992-يىل 3-سان
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=12055&page=1&extra=#pid35335