خارۋارد ئۇنۋىرىستىتى تېمىدا قۇرئان-كەرىم
ئى مۆئمىنلەر!
خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزەڭلارنىڭ ياكى
ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق
بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا
تىرىشىڭلار.(گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى)باي بولسا(ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)،
ياكى پېقىر بولسا(ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ
بولۇڭلار.ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر
(يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نىمىدە
بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.)....
سۈرە نىسا 135-ئايەتتىن.
(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئاتاقلىق ئۇنۋىرىستىتى خارۋارد ئۇنۋىرىستىتى قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ كىرىش ئىشىكىدىكى تېمىغا، قۇرئان-كەرىم سۈرە نىسا 135-ئايەتنىڭ يۇقارقى قىسمى نەقىشلەنگەن.قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ بۇ تېمى يىللاردىن بىرى «ھەققانىيەت» چۈشەندۈرۈلگەن سۆزلەر نەقىشلىنىپ يېزىلىپ كىلىۋاتقان تام بولۇپ، يۇقارقى قۇرئان ئايىتى خارۋارد ئۇنۋىرىستىتى ۋە قانۇن فاكۇلتىتى تەرىپىدىن تارىختىن بۇيان «ھەققانىيەت» ئۈچۈن سۆزلەنگەن ئەڭ ئۇلۇغ سۆز دەپ باھا بېرىلگەن.
يۇقارقى ئايەتنىڭ بۇ تامغا نەقىشلەنگەنلىكىنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغۇچى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇللاھ جۈمە بولۇپ، ئۇ بۇنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر(twitter)ىغا چىقىرىپ قويغان.