مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 3ئىنكاس
  • 1024كۆرىلىشى

يۈرەكنى ياشارتىشنىڭ سەككىز خىل چارىسى [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3835 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-20
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 10:22:39

«پسىخولوگىيە ئالىملىرى يۈرەكنى ياشارتىپ خۇشال ياشاشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ھەققىدە توختىلىپ تۆۋەندىكى 8 خىل ئىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
1. مېھرىبان بولۇش، يەنى كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش. ئادەم مېھرىبان بولمىسا، ئادەم ھېسابلانمايدۇ. باشقىلارغا مېھرىبانلىق قىلغان ئادەمنىڭ كۆڭلى توق، روھىي كەيپىياتى يۇقىرى بولىدۇ.
2. ئاق كۆڭۈل بولۇش. ئادەم چوقۇم ئاق كۆڭۈل بولۇشى ۋە ئۇنىڭدا كىشىلەرگە ياردەم بېرىش روھى بولۇشى لازىم.
3. توغرا كەيپىيات بولۇش. ئادەمدە توغرا كەيپىيات بولغاندىلا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلالايدۇ. ناۋادا كەيپىيات ياخشى بولمىسا، ئادەمنىڭ تەن ساقلىقى ياخشى بولالمايدۇ.
4. كەڭ قورساق بولۇش. كەڭ قورساق بولۇش توغرا كەيپىيات بولۇشتىنمۇ مۇھىم. چۈنكى ئادەم پەرىشتە ئەمەس، ئۇ خاتالىشىدۇ. ئادەم كەڭ قورساق بولۇپ باشقىلارنى كەچۈرۈشنى بىلگەندىلا ئۆزىنى ۋە تەن ساقلىقىنى ئاسراپ قالالايدۇ.ئەكسىچە بولغاندا، تولا ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ.
5. ۋاپادارلىق. ياشانغانلارنىڭ بەختلىك بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنلەرنىڭ يەكۈنىگە كۆرە، ياشانغانلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىل پۇل، مەرتىۋە بولماستىن، بەلكى بالىلىرىنىڭ ۋاپادارلىقى ئىكەن.شۇڭا ۋاپاسىز بالىلارنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشىراق. چۈنكى مۇنداقلار ئاتا-ئانىسىنى مەڭگۈ ئامان قىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟
6. لايىقىدا ياۋاش بولۇش. ئادەم بەك ياۋاش بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ياۋاش بولمىسىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا نورمال دەرىجىدە ياۋاش بولۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى، ياۋاشلىقنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەش كېرەك.
7. ئۆزىنى بېغىشلاش. ئۆزىنى قانچە كۆپ بېغىشلىسا شۇنچە ياخشى. چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق نامىغا قىلغان ئاز-تولا ياخشى ئىشلىرى بىلەن بەختلىك بولىدۇ، روھىي كەيپىياتى ئۈستۈن بولىدۇ.
8. باشقىلاردىن ياخشىلىق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق، تەمەمۇ قىلماسلىق. قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئادەم كۆڭۈللۈك ئۆتەلمەيدۇ، بەختلىك ياشىيالمايدۇ. چۈنكى دۇنيادا تۇزكور ئىنسانلار كۆپ. سىز ھەربىر ياخشى ئىشىڭىز ئۈچۈن ئۇلاردىن شۇنىڭ بەدىلىنى كۈتمەكچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئازابلارغا قويىسىز ۋە ئاۋارىچىلىك تارتىسىز. شۇڭا سىز ئۇنى كۈتمەڭ. ئەمما ئىشىنىڭكى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بەدىلىنى باشقا يوللار بىلەن سىزگە قايتۇرىدۇ.

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 749
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە749دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9397 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2013-01-29
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 23:28:30
بىر ئېغىز گەپ يۇرەكنى ساق قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ رەسولۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا ئىگە بولۇشچۈن ئاللەنىڭ ئاغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىش.

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11054
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 178
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە178دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-03-08
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 16:24:42
ناھايتى ئوبدان ، ھەممەيلەن شۇنداق بۇلۇشقا تىرىشايلى ، جۈملىدىن ئۆزەم!

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 430
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە430دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 5067 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2013-01-31
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 19:01:48
ناھايىتى ياخشى  چۇشەندۇرۇش بوپتۇ، ئالدى بىلەن ھەر بىر ئىشنى ئوزىمىزدىن  باشلايلى.

 
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى