مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 13ئىنكاس
  • 1946كۆرىلىشى

شىخۇ جېڭى - لۈكچەكلىكتىن قەھرىمانلىققىچە [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: يېڭى ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10005
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2013-01-25
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-12 22:08:01
شىخۇ جېڭى - لۈكچەكلىكتىن قەھرىمانلىققىچە
       



   ئەينەكچىلىك قىلىپ ھەر كۈنى كوچا - كويلارنى ئارىلاپ يۈرىدىغان ئەخمەتجان قاسىمى بىر كۈنى خەنزۇ بازىرىغا كەلگەندە بىر يەردە نۇرغۇن ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆردى - دە ، نېمە بولغاندۇ دەپ ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئالدىغا ئۆتتى . مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدا ئىككى ئادەم راسا مۇشتلىشىۋاتاتتى . ئوتتۇرا بوي قارىمۇتۇق كەلگەن ، ئوتتۇز ياشلاردا بار ، دىقماق كىشى ئېگىز بويلۇق سېرىق ئادەمنى بىر مۇشت بىلەن ئوڭدا چۈشۈردى . ئەتراپتىن "بارىكاللا" دېگەن سادالار كۆتىرىلدى . قارىمۇتۇق ئادەم مەرتلىك بىلەن ھېلىقى سېرىق ئادەمنى ئورنىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى - دە :
_ ماڭ ، مۇشتلىشىمەن دېمەي ئۆيۈڭگە بېرىپ بالىلىرىڭنى باق !_ دەپ مەيداندىن ئىتتىرىپ چىقىرۋەتتى ۋە جامائەتكە قاراپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ ۋارقىرىدى ، _ قېنى، نوچاڭ بولسا چىقە! تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئوغۇل بالىبىز !
شۇ مەزگىلدە ئالاھىدە سورۇن تۈزۈپ بىر- بىرى بىلەن مۇشتلىشىدىغان ئىشلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى . ھېلىقى قارىمۇتۇق ئادەم باياتىن ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ نوچىنى مۇشت بىلەن يىقىتىپ يېڭىۋالغان بولۇپ ،ئەمدى ھىچكىم مەيدانغا چۈشۈشكە پېتىنالمايۋاتاتتى . قارىمۇتۇق ئادەم نوچىلىق بىلەن بازلاۋاتقان خورازدەك مەيداندا ئۇياندىن - بۇيانغا مېڭىپ يۈرەتتى . شۇ ئەسنادا دۈمبىسىگە ئەينەك جازىسىنى تېڭىۋالغان ئەخمەتجان قاسىمى مەيدانغا چۈشتى - دە، گۈس-گۈس دەسسەپ نوچىنىڭ ئالدىغا كەلدى. تاماشىچىلار بۇ ناتونۇش ئەينەكچىنىڭ نوچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولۇشۇپ پىچىرلاشماقتا ئىدى .
ئەخمەتجان قاسىمى نوچىغا قول بەردى .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! _ دېدى نوچىمۇ قولىنى سۇزۇپ، ئەتىمالىم، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆزى مۇشتلاشقىلى كەلدى، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزىنى رۇسلاپ تۇردى .
_ ئىككىمىز دوست بولايلى، - دېدى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ .
مۇشتلىشىشقا ھازىرلىنىپ تۇرغان نوچى تەمتىرەپ قالدى . تاماشىچىلارمۇ ئەينەكچىنىڭ بۇ قىلىغىدىن ھەيران بولماقتا ئىدى .
_ يۈرۈڭ، خالى يەردە بىردەم سۆزلىشەيلى! _ دىدى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنى تارتىپ .
نوچى بۇ ناتونۇش ئەينەكچىنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان قەتئىيلىك، مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىقنى كۆرۈپ بوشاپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ چىرايىدىكى بايىقى مەنمەنلىك بىردەمدىلا بىر خىل گۆدەكلىككە ئالماشتى. ئۇ ياۋاشلىق بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كەينىدىن ماڭدى . ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنى بىر ئاشپۇزۇلغا باشلاپ كىرىپ پېتىر مانتىدىن ئوتتۇزنى ئەكەلدۈردى -دە، تاماققا تەكلىپ قىلغاچ سورىدى :
_ ئىسمىڭىز نېمە؟
- بارات.
_ ئەسلىڭىز نەدىن .
_ قەشقەر توققۇزاقتىن .
_ ئىلىخوغا قاچان چىقتىڭىز؟
_ ئۈچ ئايچە بولدى .
ئەخمەتجان قاسىمى پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يېرىگە سۇ بەرمەي زورلۇق قىلغان باينى ئۇرۇپ قويۇپ، قورقۇپ ئىلىغا قېچىپ چىققانلىغىنى ، يۇرتىدا يەنە بىر قېرى ئانىسىنىڭ قالغانلىغىنى بىلدى .
_مانا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ، ئۇنىڭ غالچىسى باي، قازىلارنىڭ بىزنى ئەشۇنداق ئېزىپ، بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپسىز، غەزەپلىنىپسىز، يەنە نېمە دەپ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش كەمبەغەللەرنى مۇشتلاپ يۈرىسىز؟ ياكى ئىككى-ئۈچ ئادەمنى ئۇرۇۋەتتى، دېگەن نام بىلەن قۇرساق تويامدۇ؟ كۈچىڭىزنى ئەشۇنداق زالىم باي-قازىلارغا، ئۇلارنىڭ ئارقا تېرىگى بولغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە ئىشلەتسىڭىز بولمامدۇ؟ گومىنداڭ ئەكسىيەەتچىلىرى يوقالسا، زالىم بايلارنى يوقاتماق ئاسان . ئۇلار يوقالسا، ئاشۇ قېرى ئانىڭىزدەك مىليونلىغان كەمبەغەللەر ئازاتلىققا چىقىدۇ. ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجا بولىمىز ئەمەسمۇ ؟
بارات ئولتۇرۇپ كەتتى، گېلىدىن ئاشمۇ ئۆتمىدى، ئاخىرى ئۇ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى .
ئەخمەتجان قاسىمى شۇندىن كېيىن ئۇنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالدى ۋە ئىنقىلابقا پايدىلىق نۇرغۇن مەخپىي ئىشلارنى بارات ئارقىلىق ئېلىپ باردى .
بارات يۈرەكلىك ئادەم ئىدى . بىر قېتىم گومىنداڭنىڭ بىر تۈەنجاڭىنىڭ ئۆيىگە كېچىسى باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، ئۆيىدىكى مۇھىم ماتىرىياللارنى ئېلىپ چىققان ئىدى . ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا دۈشمەن ئىستىھكامىنى بىرىنچى بولۇپ ۋەيران قىلغان ئاشۇ بارات ئىدى . شۇنىڭدەك ئۇ يەنە كەڭساي ئۇرۇشىدا، ئارشاڭ ئۇرۇشىدا، جىڭ ئۇرۇشلىرىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىپ "ئازاتلىق" ئوردېنى، " ئىستىقلالەت ئۈچۈن"، " باھادىرلىق" قاتارلىق مېداللار بىلەن مۇكاپاتلاندى ۋە روتا كوماندېرلىقىغا كۆتىرىلدى .
(ئۈچ ۋېلايەت ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا قەھرىمانلىق ئوردېنىدىن يەتتىنى تەسىس قىلغان ئىدى . ) (سەھىپە ئېتىبارى بىلەن قىسقارتىلدى . ) 1945- يىلى 8- (9-ئايدا) شىخۇدا ناھايىتى كەسكىن جەڭ بولدى . گومىنداڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى پولات قورغىنى شىخۇ ئىدى . شىخۇنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىمۇ شەھەردە تۇرۇپ ئۆزىنى قوغدىغۇچىلار ئۈچۈن قولايلىق، سىرتتىن ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىئەپ ئىدى . ئەگەر شىخۇ قولدىن كەتسە گومىنداڭ شىمالىي شىنجاڭدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈلۈپ كېتەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار شىخۇنى جېنىنىڭ بېرىچە قوغدىدى . ئۇ چاغدا گومىنداڭ ئەسكەر، قۇرال كۈچى جەھەتلەردە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغاچقا ، شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن مىللىي ئارمىيە خېلى كۆپ چىقىمغا ئۇچرىدى . باراتنىڭ ئەترىتى ئالدىدا بولغاچقا يەتتە-سەككىز قاۋۇل يىگىت بىر يولىلا ھالاك بولۇپ كەتتى. كېيىن دۈشمەن ئىستىھكامىنى پارتىلىتىش ئۈچۈن تۆت يىگىتمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇربان بولدى. بارات غەزەپتىن تىترەپ كەتتى -دە، باشقىلارنىڭ توسۇشىغا قارىماي ، مىناميوتنى كۆتىرىپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا قاراپ ئېتىلدى . ئەمما يېرىم يولدا قورسىقىغا ئوق تېگىپ ئۇمۇ يىقىلدى . ئەگەر يەنە ئازراق ۋاقىت ئۆتسە، دۈشمەننىڭ ئۈرۈمچىدىن ياردەمگە كېلىۋاتقان قوشۇنىمۇ يېتىپ كېلىپ قالاتتى . بارات مىناميوتنى قۇچاقلاپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا قاراپ ئۆمىلەيتتى . يول بويلاپ بەدىنىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى . سۆرۈلۈپ قالغان ئۈچەيلىرى تاش گىياھلارغا ئىلىنىپ بىر غېرىچ - بىر غېرىچتىن ئۈزۈلۈپ قالاتتى . ئۇ ئاخىرى دۈشمەن پوتىيىگە يېقىن باردى -دە، مىناميوتنى كۈچ بىلەن ئارانلا تاشلىدى . يەر جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان بىر گۈمبۈرلەش بىلەن تەڭلا دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ئوت كۈچى جىمىپ كەتتى . ئارمىيىمىز "ھۇررا" سادالىرى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى ...
باراتنىڭ ۋاپاتى ئەخمەتجان قاسىمىگە قاتتىق تەسىر قىلدى . ھەتتا ئۇ بىر نەچچە كۈنگىچە قايغۇرۇپ يۈردى ...
1946- يىلى ئۈچ ۋېلايەت ھۆكۈمىتى ، گومىنداڭ تەرەپ بىلەن "11" ماددىلىق بېتىم" نى تۈزۈپ، شىنجاڭدا تېنچلىق ئورناتتى . ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى بولدى . ئۇ 1946- يىلى 4- ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۇ قەشقەرگە بارغاندا توققۇزاققا ئالاھىدە چىقتى -دە، باراتنىڭ يالغۇز ئانىسىنى ئىزلەپ تېپىپ، ئۆيدىن ئالغاچ بارغان بىر قۇر كىيىم-كېچەك ۋە پۇللارنى، ئوغلىڭىز ئەۋەتتى ، دەپ مومايغا بەردى . باراتنىڭ ئانىسى خەت-خەۋەرسىز يوقاپ كەتكەن ئوغلىنىڭ سوۋغىسىنى ئېلىپ خوشاللىغىدىن كۆڭلى سۆيۈنۈپ كەتتى .
ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىگە ، كېيىن بېتىم بۇزۇلۇپ غۇلجىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر ئىككى ئايدا باراتنىڭ نامىدا مومايغا ئوتتۇز -قىرىق تەڭگىدىن خىراجەت ئەۋەتىپ تۇردى . ھەتتا ئۇ 1949- يىلى 8- ئايدا بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا باراتنىڭ نامى بىلەن مومايغا مۇنداق بىر خەتمۇ يازغان ئىدى :
" سۆيۈملۈك ئانا، ئوبدان تۇرۇۋاتامسەن؟ مەن سېنىڭ ۋە سېنىڭدەك مىليونلىغان ئانىلارنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن . قاراڭغۇ تۈن تۈگەپ ، تاڭ يېقىنلاشتى . پات ئارىدا ئازاتلىق بىلەن بىللە بېرىپ، سېنى بەخت بىلەن قۇتلۇقلايمەن، قۇچاقلايمەن!"
ئەمما ، ئانا ئاشۇ خەتتىن كېيىن ئوغلىدىن خەۋەر ئالالمىدى، بەلكىم، ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئەنە شۇندىن كېيىنلا ئىشەنگەندۇ!...

           ---------------------
      " ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر " ئاپتورى: ئابدۇراخمان ئەبەي . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى 10- ئاي 1- نەشرى 1987- يىلى 7-ئاي 1- بېسىلىشى
مەنبە:يارغول مۇنبىرى

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5836
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-23
ئاخىرقى: 2013-01-24
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-12 23:00:34
راس دەيدۇ.بىزدە مۇنداق لۇكچەكلەر بەك كەم..ئاقچى ،زابۇيلاربەك كۇپ.. بۇرۇنقىدەك يانماي سۇقىشىدىغان بالىلار يۇق ھازىر. خۇتۇن-قىزلارنى خەقلەر بوزەك ئەتسىمۇ كۇرمەسكە سىلىپ كىتىدۇ تېخې..شۇ نۇچى لۇكچەكلەرنى سېغىنىپ قالىدىكەن ئادەم

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 844
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 414
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە414دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 4228 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2013-01-30
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-12 23:45:41
قانچىلىغان جەڭچىلەر شۇنداق خەتلەرنى يىزىۋەتتى ھە! قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار زۇلۇمغا قارشى مىلتىقنى بەتلەپ ئاتالىدى،جەڭ مەيدانلىرىدا پۇخادىن چىقالىدى.............

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1000
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1000دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 12715 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-01-30
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-12 23:46:35
بارات داۋاملىق لۈكچەكلىك قىلغان بولسا ئېرىشىدىغىنى پەقەت نەپرەتلا ئىدى بەلكىم.
لۈكچەكلەرنى ھېچكىم سېغىنمايدۇ، بىزگە كېرىكى داشقال-لۈكچەكلەر ئەمەس بەلكى مەرت ئوغلانلار.
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىدى، ياۋاشنى بوزەك قىلىپ، خوتۇن-قىزلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان... شۇلارنى كىشىلەر لۈكچەك دەيتتى.جەمئىيەت مۇقىملىقى كۈچەيتىلىۋاتقان،زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرىۋاتقان ،خوتۇن-قىزلار يالىڭاچلىنىپ، ئەرلىك ئۆلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە كىمنىڭمۇ لۈكچەكلىككە مەيلى بار دەيسەن؟

 
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 549
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە549دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 00:00:10
رەھمەت ياخشى تېما يوللاپسىز

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13784
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2013-01-01
ئاخىرقى: 2013-01-16
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 03:20:46
يۇرۇگۇم بىر قىسمىلا بوپ قالدى ئەخمەتجان رەھبىرىمىزنىڭ ئەزىز نامىنى كۆرۇپ.....  قىرىنداشلار ئۇنداق دىمەڭلا ر...  شۇنداق بارات نوچىلىرى ھىلىمۇ ھەم خىلى بار... لىكىن كۇنى ئۇزاققا بارمايۋاتىدۇ.....

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 427
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە427دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 4494 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2013-01-31
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 07:54:01
جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان ئەزىزلەرگە تەقدىم!

تاتارغان يۈز،قىيىلغان قاش،قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش،چۇۋۇلغان چاچ،تۆكۈلگەن قان.
تىتىلغان تەن،تۈرۈلگەن مۇشت،كىرىشكەن چىش،
پۇتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان!  


                                                      ــــ ئەنۋەر ناسىرى

[ بۇ تېماgeneralبۇ يەردىن2013-01-13 21:10قايتا تەھرى ]

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 427
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە427دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 4494 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2013-01-31
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 07:58:44
كەچۈرۈڭلار تورداشلار. شائىرنىڭ ئىسمىنى خاتا يېزىپتىمەن. ئابدۇساتتار ناسىرى ئەمەس، ئەنۋەر ناسىرى ئىدى.

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1898
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1898دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 19904 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 11:50:15
general:
بارات داۋاملىق لۈكچەكلىك قىلغان بولسا ئېرىشىدىغىنى پەقەت نەپرەتلا ئىدى بەلكىم.
لۈكچەكلەرنى ھېچكىم سېغىنمايدۇ، بىزگە كېرىكى داشقال-لۈكچەكلەر ئەمەس بەلكى مەرت ئوغلانلار.
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىدى، ياۋاشنى بوزەك قىلىپ، خوتۇن-قىزلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان... شۇلارنى كىشىلەر لۈكچەك دەيتتى.جەمئىيەت مۇقىملىقى كۈچەيتىلىۋاتقان،زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرىۋاتقان ،خوتۇن-قىزلار يالىڭاچلىنىپ، ئەرلىك ئۆلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە كىمنىڭمۇ لۈكچەكلىككە مەيلى بار دەيسەن؟

راست دەيسىز، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ قىزىققۇچىلىكى قالمىدى.

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 845
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە845دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8847 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2013-01-31
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 16:52:15
general:
بارات داۋاملىق لۈكچەكلىك قىلغان بولسا ئېرىشىدىغىنى پەقەت نەپرەتلا ئىدى بەلكىم.
لۈكچەكلەرنى ھېچكىم سېغىنمايدۇ، بىزگە كېرىكى داشقال-لۈكچەكلەر ئەمەس بەلكى مەرت ئوغلانلار.
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىدى، ياۋاشنى بوزەك قىلىپ، خوتۇن-قىزلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان... شۇلارنى كىشىلەر لۈكچەك دەيتتى.جەمئىيەت مۇقىملىقى كۈچەيتىلىۋاتقان،زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرىۋاتقان ،خوتۇن-قىزلار يالىڭاچلىنىپ، ئەرلىك ئۆلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە كىمنىڭمۇ لۈكچەكلىككە مەيلى بار دەيسەن؟

    ئەزىزىم ، لۈكچەكلىكنى خاتا ئىستىمال قىلىپسىز !  ئەينى دەۋردىكى زالىملار ، يىقىنقى دەۋردىكى بۇرمىلىغۇچىلار خەلىقنىڭ كۈلكىسىنى كۈلۈپ ، يىغىسىنى يىغلايدىغان بۇ بىر توپ كىشلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى بىزگە شۇنداق ناچار كۆرسىتىپ بەرگەن . يۇقىرىدا سىز دىگەن ئاۋۇلار  لۈكچەك ئەمەس ، لۈكچەك ئاتالغۇسىغا ھاقارەت قىلىۋاتقانلاردۇر ! لۈكچەك _________ ھەقىقى ئەركەك ! ھەقىقى ئەركەكلا لۈكچەكلىك قىلالايدۇ !

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى