مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 103ئىنكاس
  • 5707كۆرىلىشى

مېيىتقا ئىخلاس توپىسى دەمىدە قىلىش توغۇرمۇ؟ [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5388
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1341
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1341دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9638 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2013-01-31
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-24 19:05:44
                                                                              
                             (بۇ تېما نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىلىۋىلىشى ئۈچۈن يوللاندى)

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالامدىن كېيىن: مېيىتنى دەپنە قىلغاندا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ توپىغا دەمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىدىغان ئىش بار. بۇنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى قانداق؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
                                                                                  
                                                          بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپات-جازاسىنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، ئۇ ئۇتقان بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئالدىنىدىغان كىشى ئالىدىغان نەرسىدۇر.(ئالى ئىمران سۈرىسى 185-ئايەت.)
(ئۇنىڭ (زېمىننىڭ) ئۈستىدىكى ھەممە يوقالغۇچىدۇر)(راھمان سۈرىسى 26-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
مۇجاھىد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «دۇنيادا سەن گويا غېرىبتەك ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: كەچ قىلغىنىڭدا تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا كەچنى كۈتمىگىن. ساغلام چاغلىرىڭنى كېسەل چاغلىرىڭ ئۈچۈن غەنيىمەت بىلگىن، ھايات ۋاقتىڭنى ئۆلۈك ۋاقتىڭ ئۈچۈن غەنيىمەت بىلگىن.(سەھىھۇل بۇخارى 6416-ھەدىس)
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: دۇنيا ئارقىنى قىلىپ كەتتى، ئاخىرەت ئالدىنى قىلىپ كەلدى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بالىلىرى باردۇر، شۇڭا سىلەر ئاخىرەتنىڭ بالىلىرىدىن بولۇڭلاركى، دۇنيانىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ قالماڭلار، چۈنكى بۈگۈندە ئىش بار، ھېساب يوق، ئەتىدە ھېساب بار، ئىش يوق، دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 6416-ھەدىس)
ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ھەر بىر ئادەم بالىسى ئۆمرى ھەرقانچە ئۇزىرىغان تەقدىردىمۇ ھامان بىر كۈن ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇڭا ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ھايات چېغىدا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىنىڭ غېمىدە بولۇش زۆرۈر.
بىر كىشى سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا تۇرۇپ لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەپ تەكرارلاپ تۇرۇشى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.
جېنى چىقىپ كەتسە، كۆزىنى يۇمۇپ قويۇپ، ئۇنىڭغا مەغپىرەت، رەھمەت قاتارلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلىش، ئاندىن يۇيۇپ-تاراپ كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ تىزرەك يەرلىكىدە قويۇۋېتىش لازىم.
نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈر.
مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتقا مەغپىرەت تىلەش، سوئال سورالغاندا تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەش لازىم.
ئاندىن ۋەسىيەت قىلغان بولسا ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇندىن كېيىن مىراسىنى شەرئى تەقسىم قىلىش زۆرۈر.
ئەمما ئىخلاس توپىسىغا كەلسەك. مېيىتقا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىش توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر بىرەر كىتابتا مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياكى ساھابىلىرىنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. بۇ بىدئەت بولسا كېرەك.
شۇڭا مېيىتقا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ دۇنيادىن ئۇزۇتۇش لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.


[ بۇ تېماsamanyoliبۇ يەردىن2012-12-24 21:54قايتا تەھ ]

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 573
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە573دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 6128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2013-01-30
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-24 22:00:11
مۇشۇ ئابدۇل ئەزىز رەھمىتۇللاھ ئەلەي....ئۆرۈپ ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان
بىدئەت ئەمەللەرگە ،ھەتتا شىرىككە ياتىدىغانلىرى بولسىمۇ، بەك ئىھتىيات
بىلەن يۇمشاق ھۈكۈم چىقىرىدىكەن!!!!

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 543
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە543دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 5821 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2013-01-15
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-24 22:59:47
ئېنىقلا بىدئەت

 
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2195
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2195دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 28684 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-31
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-24 23:20:15
بىدئەت ئىش،،،،،،،ئەمما بەزى يۇرتلاردا ھازىرمۇ داۋام ئىتەركەن،،،،

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8576
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2843 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-13
ئاخىرقى: 2013-01-28
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-24 23:38:11
مۇشۇ ئابدۇل ئەزىز رەھمىتۇللاھ ئەلەي....ئۆرۈپ ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان
بىدئەت ئەمەللەرگە ،ھەتتا شىرىككە ياتىدىغانلىرى بولسىمۇ، بەك ئىھتىيات
بىلەن يۇمشاق ھۈكۈم چىقىرىدىكەن!!!!
...........................................................................

چۈنكى، ئۇ ئوقۇغان ئادەمدە.
مەسىلەن: قايسى شېرىككە ياتىدىغان مەسىلىنى شېرىك ئەمەس، دەپتۇ. قېنى بىر ئەكەپ باقماملا.

ئوچۇق، كەسكىن دەللىل بولمىسا، بىرەر نەرسىگە كېسىپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەرىئەت ئىشى باشقا ئىشلارغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئېھتىيات قىلىش ئەلۋەتتە زۆرۈر.


دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8576
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2843 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-13
ئاخىرقى: 2013-01-28
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-24 23:52:03
ئىبى ماجە خاتىرلىگەن ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇممۇ كۈلسۈمنىڭ قەبىرسىگە، ئۈچ سىقىم توپىنى ئېلىپ، « بىز سەندىن يارالغان، ساڭا قايتىمىز، ئىككىنچى قېتىم يەنە سەندىن چىقىرىلىمىز» دەپ قەبىرىگە چاچتى. دەپ كەلگەن.
لېكىن بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئاجىز دېگەن.

دىيارىمىزدىكى بۇنى توغرا دەپ قارايدىغان كىشىلەر مۇشۇ ھەدىسكە تايىنۋالغان بولىشى مۇمكىن.

 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13687
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2012-12-25
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-25 01:33:07
بۇ پەتىۋا ياخشى بوپتۇ، بىراق سۈرە ئىخلاسنى توپىغا دەمىدە قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق ھەدىس ۋە ياكى ئايەت يوقكەنۇ ،ئەمما بۇنى چەكلەش توغرىسىدا ئايەت ياكى ھەدىس بارمۇ؟؟؟ ئەگەر بولمىسا نىمىگە ئاساسەن چەكلەيمىز؟ بىدئەت ئىككى خىل بولۇپ بىدئەتى ھەسىنە ۋە بىدئەتى سەييە دەپ ئايرىلىدۇ.بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋال بىدئەت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش كېرەك..........

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 441
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە441دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 7660 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2013-01-29
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-25 01:46:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
پەتۋا دىگەندە  بانى با   يوقنى يوق .  قىلغان ئىش بولسا بۇ ئىشلارنى پەيغەمبىرىمىز  ياكى ساھابىلەر قىلغان ياكى قىلىمىغان  دىسلام بولمىدىمۇ  .   ئاندىن چۇشىنىش ئاسان بولمامدۇ  بىزمۇ ئاندىن  قىلمىغان ياكى دىمىگەن ئىشلار بولسا  شۇ بويىنچە ماڭساقلام بولمىدىمۇ  .   ھىلى بىرسى  پەيغەمبىرىمىز قىلمىغان  بىلەن  بىزقىلساق دۇرۇس دەپ قويىدىكەن   . بۇتىمىد ىكىدەك بىدئەت بولىشى مۇمكىن دەپ قويىدىكەن  .  بىرسى نامازنىڭ تامام بولغىنىدىن كىيىن  بەيغەمبىرىمىز دۇئا قىلماپتىكەن شۇنىڭ ئۇچۇن بىزمۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن  دۇئا قىلمايلا تۇرساق بولغىدەك دىسە بەزىسى دۇئا قىلىش بىدئەت دەيدىكەن . راست بىدئەت ئوخشايدۇ دىسەك  بىرسى قوپۇپ  تاغارغا نەرسە قاچىلاپ ئاغزىنى بوغمىسا قاچىلىغان نەرسىلەر چېچېىلىپ كەتكەندەك ئىش بولىدۇ    چوقۇم نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىپ قوپىمىز  دەيدىكەن  . بەزىلەر پەيغەمبىرىمىز  نامازدىن  كىيىن دۇئا قىلساڭ بولمايدۇ دىمىگەندىكىن   نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىپ قوپۇش جايىز  دەپ قويىدىكەن  . مۇشۇنڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر  جايىز بولۇش بىلەن قىلىنىۋرىدىكەن  ئاندىن بەزىلەر بەزىلەر ئاندىن بۇلارنى بىدئەت  دەيدىكەن  ئادەم خۇددى چوگلىتىپ تاشلىۋىتىلگەن  بېشى قايغان ئادەمدەك  ئىبادەت قىلغاندا قايسى ئىشىم توغرا قايسى  ئىشىم خاتادۇ   دەپ ئويلاپ قالىدىكەن  بىرەر  ئورنى يوق: مەسىلگمۇ بولسا  بىر خىل جاۋاپ بەرسە ئىكەن  نىمانداق  ئون ئادەم ئون خىل.......  ج

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6129
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 86 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-01-27
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-25 10:46:21
6-قەۋەت تاياققا قالىدىغان بولدىڭىز.

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 12591
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 346
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە346دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3451 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-08-31
ئاخىرقى: 2013-01-28
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-25 11:47:04
ئابدۇلئەزىز رەھمۇتۇللاھنىڭ «بىدئەت بولىشى مومكىن »دىگىنى -بىدئەت بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك دىگىنى.
يەنى بۇ قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ بېرىلگەن پەتىۋا.
بۇنىڭغا قاراپ« ئىخلاس توپىسى قىلىش بىدئەت ئەمەس »دىيىشكە بولمايدۇ.
چۈنكى بۇ ئىش ئالىمادىس بىدئەت بولماي قالغان تەقدىردىمۇ (بۇ ئېھتىماللىق تۆۋەن ئەلۋەتتە)سۈننەت ياكى مۇستەھەپ ئەمەس.
شۇڭا بۇنداق شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى