سوفىيانە قومۇلدىن غازىيانە ئاقسۇغا
سەپەر
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلايلى.
ئاپتوردىن؛
تېنىچلىقنى، مۇقىملىقنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بىراق يۈزەكى سۆيۈش بىلەن قەلبتىن سۆيۈش ئوخشىمايدۇ. تارىختىن بۇيانقى چاڭجياڭنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا، غەربى-شىمالنىڭ يۇرت-ئايماقلىرىدا يۈز بەرگەن مىسلىسىز سورۇقچۇلۇقلاردىن خەۋەردار بولغان ئادەم تېنىچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بىباھا پۇرسەتلەر ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھېس قىلىدۇ. بۈگۈن مەيلى مەمۇر ياكى پۇقرا بولسۇن تارىختىكى سەۋەنلىكلەردىن قەتئى ساۋاق ئالىدىغان مۇھىم پەيتلەردە تۇرىۋاتىمىز. پۇرسەت قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ. ۋاقتى ئۆتكەندە تۆكۈلگەن قاندىن ۋاقتىدا تۆككەن تەر مىڭ ھەسسە قىممەتلىك. بىز بۈگۈنگە قەدەر ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدۇق. شۇنىڭغا مۇناسىپ ئېرىشىۋاتقان نەتىجىلەرمۇ كۆپۈيىۋاتىدۇ. بۈگۈننى قەدىرلەپ ئەتىگە يول قالدۇرۇش بىزنىڭ نەتىجىلىرىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
تۆۋەندە ھۆكۈمرانلار، چەتئەل كۈچلىرى ۋە خەلقىمىزدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ پۈتۈنلۈك بىلەن بۆلگۈنچىلىك، تېنىچلىق بىلەن تىنىچسىزلىق ئارىسىدىكى روللىرى توغرىسىدا يۈزەكى پاراڭ سېلىندى. ئاپتور سېستىمىلىق مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولغاچقا بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلىدا نۇرغۇن بىرتەرەپلىمىلىكلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى تەبىئى. بىراق ئاپتورنىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىغا بولغان بۇرچ تۇيغۇسى يەنىلا قەدىرلىكتۇر.
تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدە سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت بىر يۇرت بار. بۇ يۇرت جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىشتا رايونىمىزدىكى باشقا يۇرتلارنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان بولۇپلا قالماي بەلكى تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭمۇ ئۇچراشقان نۇقتىسىغا جايلاشقان. بۇ يۇرت ھەمىمىزگە تونۇشلۇق غازىيانە ئاقسۇدۇر.
بۇ يىل ياز ئۇزۇندىن بۇيانقى ئاقسۇنى زىيارەت قىلىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. ئاقسۇغا تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ماڭغان تونۇشلىرىمنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشىلىۋالدىم.
تەكىتلەيدىغىنىم سەپەر جەرياندا يالغۇز ئايلانغان بولغاچقا ھېس قىلغانلىرىم باشقىلانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. يەنە بىرى ئەسەرگە قىستۇرۇلغان ئادەم-جاي سۈرەتلىرىنى شۇ جەرياندا تارتقان ئىدىم. جاي سۈرەتلىرىگە ھەقدارلىق ھوقوقۇم بولسىمۇ بىراق ئادەم سۈرەتلىرىگە شارائىت سەۋەبىدىن قېرىنداشلاردىن ئېلان ئىجازىتى سورىيالمىدىم. ناۋادا قىلمىشىم كۆڭلىگە پىسەنت كەلمىگەن بولسا خاتالىقنى ئۆزگەرتىشكە ھەر ۋاقىت تىرىشىمەن. بۇ قېتىم ئاقسۇ شەھەر،ئونسۇ ۋە ئۇچتۇرپاننىلا زىيارەت قىلىش نېسىپ بولدى. ئىنشائاللە كۇچار،باي،كەلپىن، ئاۋات، شايار، توقسۇلار خۇدا نېسىپ قىلسا نامەلۇم كەلگۈسىگە ئامانەت قالدى.
غېرىپ ھارارەت
مەن ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن سەپەرداشلىرىمدىن ئايرىلىپ شەھەردە قالدىم. ئۇلار ئۈچتۇرپاندىكى تويغا ئالدىرايتتى. نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن مېنىڭ ئاقسۇدا قېلىشىمغا قوشۇلدى. بالام بىلەن ئىككىمىز چۈشكەن مېھمانخانە دەريا ساھىلىدا بولۇپ، ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئاقسۇ كوچىلىرىغا ئاتلاندۇق.
كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بىلەن مېنىڭ سەھىپەم چەكلىك......
شەھەرنىڭ ئاۋات ۋە ئاۋات ئەمەس كوچىلىرىدا لاغايلاپ يۈرۈپ، بىر چاغدا ئايلىنىپ يەنە موزىي تەرەپكە كېلىپ قاپتىمىز. قورشاۋ رىشاتكىنىڭ تۈۋىدە ئەللىك ياش ئەتراپىدىكى بىر دېھقان دەم ئېلىپ ئولتۇراتتى. يېنىدىكى كونا قارا سومكىنىڭ ئېغىزىدىن بىر ژورنال بىلەن يەنە ئىككى كىتاپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەممەيلەنگە مەلۇم سىلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇشۇڭلارغا قارىغاندا بىزدەك دېھقاننىڭ كىتاپ ئوقۇمىقى سەل قىيىن. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە پالاقشىپ يۈرگەن ۋاقىتلارنىڭ ئىچىدىن تىرىكچىلىكى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق كىتاپ دىگەن نەرسىنى ئوقۇماق سەل ئالاھىدە.
كىتاپ ئادەمنى ئۆزىنىڭ رىئاللىقىدىن ئۈستۈنرەك ئارزۇلاردا بولۇشقا قىزىقتۇرىدۇ. بۇنداق ئارزۇ-خىيال تۆنۆگۈن بىلەن ئەتىنى، ئىشتان بىلەن چاپاننى پەرقلەندۈرمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن زىيانلىق ئىش. بۇ قائىدىنى بىزنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرلىرىمىز تولىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
- ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋاللىرى؟.....بىلەن باشلانغان سالام-سائەتلەرگە، كۆنگەن ئادىتىمىز بويىچە " خۇداغا شۈكرى، ھال-ئوقۇتۇممۇ يامان ئەمەس....." دىگەندەك سۆزلەردە تەۋەززۇ قىلىشتۇق.
سۆزىمىز سومكىدىكى كىتاپتىن باشلاندى. ئۇ ئۇچراپ قالغان كىتاپ بولسىلا ئوقۇيدىكەن. كەنت كىتاپخانىسىدا ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرگە ئائىت كىتاپلارلا باركەن. بۇرۇن سېتىۋېلىپمۇ ئوقۇيدىكەندۇق. ھازىر كىتاپلارنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا ئامال بار سېتىۋالمايدىكەن. مەن ئۇنىڭغا "توغرا قىپسىز" دىدىم. چۈنكى سارغىيىپ قالغان تىرىكچىلىككە ھەۋەسنى دەپ زۇلۇم قىلىش ئاۋارچىلىقتۇر. چۈنكى نان بىلەن ئاشنىڭ ئورنى كىتاپنىڭ ئورنىدىن يوغان ئەمەسمۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزىغا ئاتاپ ئىككى كىتاپ ئاپتۇ. ژورنالنى كىتاپپۇرۇش سوغا قىپتۇ.
پاراڭ ئۇزاردى. بۇ ئاكىمىزمۇ ئازادىلەشتى. پاراڭلىرىمىز داۋاملاشتى. ھاۋارايى، بۇغداي-قوناق،...... تەك ئومومىلىقتىن بارا-بارا ئىككىمىزگىلا ئورتاق بولغان سۆھبەتلەرگە سەزمەستىن كىرىپ قالدۇق. ئوغلۇم سۆھبەتنىڭ قەدرىنى بىلگۈدەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن موزىينىڭ سەيناسىدا ئويناشقا باشلىدى.
مەن زېھىن قويۇپ ئاڭلىدىم، ئۇ توختىماي سۆزلىدى. ئۇ سۆزلىمىگەن تۇرمۇشى، تىرىكچىلىكى، ئىككى يىللا ئوقۇغانلىقى، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى، كېسەلچان قىزى، سىرتلارغا چىقىپ كەتكەن ئوغلى، ئەمگەكتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئايالى ھەتتا ئېغىل-قوروسى، سىرلىمىغان دەرۋازىسى....قالمىدى. ھەممىنى سۆزلەپ بەردى.
يېنىمىزدا ماشىنىلارنىڭ سىگنالى، ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرىڭى قايناپ تۇراتتى. ئەمما بىز ئەتراپىمىزدىكى غەلۋە-غوغىلىق ئازادىلىكتىن پەقەت ئىككىمىزلا سىغىدىغان مۇشتۇمدەك تىنچ بوشلۇققا سىغدىلىشقا تىرىشاتتۇق.
پاراڭلاشقانچە ئۇنىڭ ئەپتىگە ماسلاشمىغان ئوي-خىياللىرىغا ھەيران قالاتتىم. دېھقانچىلىق، سىياسەت، جەمىيەت، تارىخ، مەدەنىيەت....ھەممە تېمىدا سۆزلەشتۇق. مەن جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قارايتتىم. گۆشسىز، ساقال باسقان يۈز بىلەن سۇس ھارارەت تەپچىپ تۇرغان قارا كۆزنىڭ ھەر-بىر ھەركىتىگە سەزدۈرمەستىن دىققەت قىلاتتىم. پاراڭلىرىمىزدا ئۈمۈت بىلەن ھەسرەت، تۆنۆگۈن بىلەن كەلگۈسى گىرەلىشىپ كەتتى. ئۇ سۆھبەت داۋامىدا "....بىزدە نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كەتتى. بۇلارنى سۇنى سىيا قىلىپ يازسىمۇ، قىرىق كېچە-كۈندۈز ناخشا قىلىپ ئېيتسىمۇ تۈگىمەيدۇ. ئەمما ھەممىسى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. ئاتام بىلگەننى مەن تولۇق بىلمەيمەن. مەن بىلگەننى بالام قانچىلىك بىلىدىغان بولار !؟......" دەپ خۇرسىنىپ قويدى.
ئىككىمىز يېرىم كۈن بىللە بولدۇق. يولدا، دوقمۇشتا، ئاشخانىدا ئۇنىڭ توختىماي پاراڭ سېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
روھىي دۇنيايىمدا بىر قەھرىماننىڭ ئوبرازى سىزىلىۋاتاتتى. ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ باقمىغان، شۇ يېشىغىچە ئۇدا بىرنەچچە كۈن لەززەتلىك تاماق يەپ باقمىغان. بىراۋنىڭ چىرايىغا يۈرەكلىك قاراپ باقمىغان مىليونلىغان قېرىندىشىمدىن بىرسى ئالدىمدا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۆتمۈشتە قالغان بىرنەرسىگە تارتىشىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ تارتىشقىنى مال-دۇنيامىدۇ؟ كۆز-كۆز قىلغۇدەك شۆھرەتمىدۇ ؟ بۇلارنى ئۆزىمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. پەقەت تارىخنىڭ مەۋھۇم ھەيۋىتىنىلا تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەۋھۇم تەسەۋۋۇرى بىلەن نامەلۇم كەلگۈسىنىڭ سىرلىق تارتىش كۈچى ئۇنى رىئالىقتىكى ھەممە نەرسىدىن يۇلۇنۇپ چىقىشقا ئۈندەيتتى. بۇنداق توختىماي قىلغان ھەركەتتىن ھاسىل بولغان سۇس ھارارەت ئۇنىڭ قەلبىدىكى بىردىن-بىر ئىسسىقلىق ئىدى. بەلكىم دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە نېسبەتەن بۇنداق مىللى ھارارەت ئۆلچەمسىز بولىشى مۇمكىن. بىراق ئامەتكە قارىغاندا ئاپىتى مىڭلارچە ھەسسە ئارتىپ كەتكەن بۇ مىللەتكە نېسبەتەن بۇ تولىمۇ زور ھارارەتتۇر.
تۇيۇقسىزلا بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، زامانىۋى مائارىپ بىلەن يۈرۈشلەشكەن ئىقتىسادىي سېستىمىلا ئەمەسلىكىنى سېزىۋالدىم.
شۇ تاپتا مېنىڭدىن قەھرىمان قانداق بولىدۇ ؟ دەپ سورىسا كۆز ئالدىمغا قىزىل كۆۋرۈكتە ئۇچراشقان ئەشۇ دېھقان كېلىدۇ. شۇ تاپتا مېنىڭدىن بىر مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سورىسا، كۆز ئالدىمغا شورلۇق تەغدىردە مىڭ يىللاپ ياشاپمۇ يەنىلا قېنىدىكى ھارارىتى كەتمىگەن ئەشۇ توپ كېلىدۇ. نامراتلىق بىلەن ئىمكانسىزلىق بەخشەندە بولۇپ كەتسىمۇ يەنىلا تەغدىرگە تەن بەرمەي ياشىغان نامرات ئۇيغۇر كېلىدۇ.
ئىقتىسات، مەدەنىي-مائارىپلاردىن تەلەي كەلمىگەندە ئىنسانىيەتنىڭ نوپوستىن ئىبارەت ئەڭ تۆۋەن ئىقتىدارىنىڭمۇ بىر مىللەت تەغدىرىدە مۇھىم رولنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئۇنىڭسىزمۇ تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلاۋاتقان سەۋەپلەرگە مىليونلىغان نوپوستىن باشقا سەۋەپنىمۇ تاپالمىدىم.
بىز خوشلاشقىچە ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئايالىغا يوللۇق تۇتتۇم. يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان كېسەلچان سىڭلىم بىلەن جاپاكەش ئاچامغا كۆڭلۈمنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتتىم. بىراق ئۇ قەتئى رەت قىلدى. قىززىقچىلىق قىلىپ يەنىمۇ جىقراق يوللۇق تۇتىشنى ئويلىدىم بىراق ئاقسۇنى ئايلىنىش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ دەپ ساپتىمەن. مۇشۇ ئېغىزىمنىزە .....بەلكىم شۇ سەۋەپ بولدىمىكىن. ئۇ قوبۇل قىلمىدى. بىز ئىككىمىز يېرىم سائەت تالاشتۇق. ئۇنىڭ غۇرۇرى مېنىڭ غۇرۇرۇم ئىدى. بۇ غۇرۇرنى ئاسراش ئۈچۈن دىمىگەن سۆزۈم قالمىدى. يالۋۇردۇم. بۇ قېتىم خوشلاشساق بەلكىم مەڭگۈ كۆرۈشەلمەيمىز ھەتتا بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى ھاياتلىقىنىمۇ بىلەلمەيمىز دەپ ئەسكەرتتىم. شۇڭا مۇشۇ بىر قېتىم قېرىنداشچىلىق قىلىۋېلىشىمغا يول قويۇشىنى، مېنىڭمۇ تەسەللىگە مۇھتاجلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ئاخىرى چۈشەندى. بىز خوشلاشتۇق. ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدىم.
بەلكىم ئۇ ھازىرغىچە ھېچكىم بىلەن بۇنچىلىك ئۇزۇن پاراڭلاشمىغاندۇ. شۇ سەۋەپتىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئەشۇ ھارارەتنى ھەتتا ئايالى بىلەن بالىلىرىمۇ بىلمەيدىغاندۇ. چۈنكى رەڭدار دۇنيانىڭ يۇقۇرى تېمپۇراتورىسى ئالدىدا ئۇنىڭدىكى ئاجىز ھارارەت بىلىمەيدۇ. ھەممە ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ مۇھتاجلىقتىن سارغىيىپ تۇرىدىغان چىرايىلا كۆرۈنىدۇ خالاس.
ھەي ي.... غېرىپ ھارارەت......
ئىچىمدىن قاپساپ كەلگەن بىر ئىسسىقلىق دەسلەپ دىماقلىرىمغا ئاندىن كۆزلۈرۈمگە ياماشتى. كۆز ئالدىمدىكى ئادەملەر، ماشىنىلار، بىنالار غۇۋالاشتى.
" خوشال ياشاڭ ئاكا ! ........"
بىز كىم ؟
قىزىل كۆۋرۈكتىكى مۇڭدىشىشتىن كېيىن جىمىپ كەتتىم. خۇپتەندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ كېلىپمۇ ئېچىلالمىدىم. "ھەمراھىم" ئۆزۈمگە ماسلاشمىغان بۇ ھالىمغا ئەجەپلىنەتتى. ئۇنى-بۇنى دەپ بېقىپ، ئاخىرى ئىچى پۇشتىمۇ تېلىۋىزورنى ئېچىپ قونچاق كۆرۈشكە باشلىدى.
قىزىل كۆۋرۈكتە ئاڭلىغان "....بىزدە نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كەتتى. بۇلارنى سۇنى سىيا قىلىپ يازسىمۇ، قىرىق كېچە-كۈندۈز ناخشا(داستان) قىلىپ ئېيتسىمۇ تۈگىمەيدۇ. ئەمما ھەممىسى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ....." دىگەن سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى.
بىز ئۆزىمىزنى قانچىلىك چۈشىنىمىز ؟!
باشقا مىللەتلەرچۇ ؟ دۇنيا بىزنى قانداق چۈشىنىدۇ؟ زىمىنىمىز بىلەن نوپوسىمىزدىن باشقا بىزنىڭ ھىسياتىمىز، ھەسرىتىمىز ۋە غۇرۇرىمىز توغرىسىدا قانچىلىك بىلىدۇ ؟
ھېس قىلىشىمچە، غەرپ مىللەتلىرى تۇرماق ھەتتا يېنىمىزدىكى خەنزۇ مىللىتىنىڭمۇ بىزگە بولغان چۈشەنچىسى ھەددىدىن تاشقىرى يۈزەكى. ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشى بىلەن بۈگۈنكى زامانىۋى ھەسرىتى ئۇلار ئۈچۈن ناتونۇش.
"ئۇيغۇر" دىگەن ئاتالغۇ چىققاندا باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بىزنىڭ قانداق قىياپىتىمىز كېلىدۇ ؟
تۇرۇپلا ئىچكىرىدىكى مەلۇم تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى جاڭ دەن دەننىڭ رايونىمىزدىكى بىر يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتىقى يادىمغا كەلدى. (نۇتۇق تېلۋىزوردىكى ئالىم ساقالنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان فىلىمدىن ئېلىنغان.)
.......نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمىگەنگە مىڭ ئەپسۇس، ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، بىزنىڭ بۇ جەمىيەتكە رەڭلىك كۆز ئەينەك بىلەن قارايدىغان ئادىتىمىز بارمۇ نىمە ؟!.....
ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى بەزىدە بىز ئۆزىمىزمۇ سەزمەستىن مۇرەككەپ روھىي ھالەت بىلەن باشقىلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى چۈشۈنۈپ باقىمىزمۇ قانداق ؟! .....
شۇڭا ئالىم، رىئال تۇرمۇشتا شۇنداق ئاددى، ئاقكۆڭۈللىكى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغاندا بىز ئىستىخىيىلىك ھالدا "بۇ راستمىدۇ؟! " دەپ ئۆز-ئۆزىمىزگە سوئال قويدۇق.
كەچۈرۈڭلار بىز ئويلاپ يېتەلمىدۇق..........
شىنجاڭلىق قېرىنداشلار مېھمان كەلسە چوقۇم ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ سىلەرنى كۈتىشى كېرەكمۇ ؟! ...
(مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقاندا كۆزلۈرۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالغانتىم.)
نۇتۇق مەردانە سەمىمىلىك بىلەن تولغان ئىدى.
شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇ مەن بىلىدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان ئەڭ سۆيۈملۈك خەنزۇ بولۇپ قالدى. بۇ ئالىمنىڭ تۆھپىسى ئىدى.
بىزگە سەمىمى نەزەر بىلەن ياخشىراق چۈشۈنۈپ بېقىش ئىستىكىدە بولغان جاڭ دەن دەندىن يەنە قانچىلىكى بار !؟
بىز ياشاۋاتقان رىئاللىقتىكى بارچە مىللەتنىڭ مىللى مۇناسىۋەتكە بولغان چۈشەنچىسى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. باشقىلارنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق. دۇنيانىڭ كەلگۈسى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ بىزگە بولغان چۈشەنچىسى، ھەربىرىمىزنىڭ تەغدىرىمىزگە مۇتلەق تەسىر كۆرسۈتىدۇ. چۈنكى كەلگۈسىگە نېسبەتەن ئاز سانلىق ياكى كۆپ سانلىق، مەدەنىيەتلىك ياكى قالاق دىگەن ئۇقۇملار رول ئوينىمايدۇ. بۇ ھەر-بىر مىللەت چوقۇم سالقىنلىق بىلەن ئويلىنىدىغان مەسىلە.
مەيلى جەمىيەتتىكى مۇناسىۋەت بولسۇن ياكى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە بولسۇن بىز قىلالمىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ مەردانىلىق.
بىز داۋاملىق قىلىۋاتقان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ شاكال مەغرۇرلۇق.
مەن خېلى يېققىن تونۇشىدىغان بىر خەنزۇ بار ئىدى. بىر قېتىم ئۇ جەنۇپقا تېلگىراف مۇنارى ئورنۇتۇشقا بېرىپ كەپتۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە شىماللىقلارغا قارىغاندا جەنۇپ ئۇيغۇرلىرى ئەخمەقرەك شۇنداقلا قۇل مىجەز كېلىدىكەن. مەن ئۇجۇقۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ماختاش ياكى ھاقارەت ئىكەنلىكىنى دەماللىققا بېكىتەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە جياڭنەن بىلەن خۇابېينىڭ پەرقىمۇ شۇنداق ئىدى. بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئىچىم ئاچچىق بولدى. ئۇنىڭ ئېيتقىنى ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى پىسخىكىسى بولماستىن بەلكى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئىدى.
گېلىم قۇرۇپ كەتتى. غەيرەتلەندىم. كانىيىمنى تەستە قىرىپ قويدۇم. ئاخىرى نەچچە تال خەنزۇچە سۆزگە قول ئىشارىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدىم.
چىڭ خاندانلىقى دەۋرىدىكى شىنجاڭ رايونىدا يۈرگۈزگەن ئىككى خىل تۈزۈمنى سۆزلىدىم. بۇ تۈزۈمدىكى مەخسەتنىڭ جەنۇپنى قۇللۇق ۋە قاششاقلىق ئىچىدە قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. شىمالغا مەلۇم بوشلۇق بېرىش ئارقىلىق جەنۇپ بىلەن شىمالنى ھىسيات جەھەتتىن بۆلۈۋېتىشتەك تەدبىرنى بايان قىلدىم. بۇ تەدبىرنىڭ بىزنىڭ تارىخىمىزدىلا ئەمەس بەلكى بۈگۈنىمىزدىكىمۇ بىر ئاسارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەپسۇسلاندىم.
چۈنكى جەنۇپ ئۇيغۇرنىڭ بۇلىقى ھىساپلىنىدۇ. بۇلاقنىڭ كۆزى ئېتىلسە ئۇيغۇرنىڭ كۆزى ئېتىلىدۇ. شىمال بىر پۈتۈن ئۇيغۇر توپىغا نېسبەتەن پەقەت تۇرۇببا سۈيى بولالايدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ تەبىئى سۇ بولالمايدۇ. تۇرۇببا سۈيى پەقەت سۇنىڭ بارلىقىغا ئىسپاتلا بولالايدۇ. ھازىر بىزدىكى سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى بۇ بۇلاقنى ئەخلەت-چاۋالارنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكى، ئەگەر شۇنداق كېتىۋەرسە ئاخىرىدا قۇرۇش نۆۋىتى تۇرۇببا سۈيىگىمۇ كېلىدىغانلىقىدەك سەۋەپ-نەتىجىلەرنى ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن چۈشەندۈردۈم. تىل بىلمىگەچكە قىينىلىپ ھېرىپ كەتتىم. ھارغانلىقتىنمۇ ياكى جىددىلەشكەنلىكتىنمۇ ھاسىراپ قالغان ئىدىم.
ئۇ ماڭا ھاڭۋېقىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
مەن ئۇنىڭدىن سۆزۈمنىڭ تەسىرىنى ئىزدىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدا سۆزۈمنى چۈشۈنىشتىن كۆپرەك سۆزلەش جەريانىدىكى مۇشەقەتلىرىمگە بولغان ئىچ ئاغرىتىش ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئەمما ئۆزۈم يېنىكلەپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.
ئادىل ھوشۇر سەنشىيادىن ئۆتتى. پۈتۈن جوڭگولا ئەمەس دۇنيامۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەنتەربىيەدىكى ئاۋانگارت ۋە ئىستىقباللىق مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئالىم ئۆزىنىڭ ئوبرازى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى باشقىلار ئويلاپ باقمىغان ئاقكۆڭۈللۈك، ھېسداشلىقتىن ئىبارەت بىباھا ئىنسانىي خىسلەتنى نامايەن قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن بىز ھودۇقۇپ ئاشكارا قويالمايۋاتقان ئاۋۇ ساقال بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرى كۆنەلمەيۋاتقان ھەقىقى ئوبرازىمىزنى ياراتتى. شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان ئەڭ چوڭ ھوقوقدارلارمۇ ئۆز مىللىتىنى ئۇلاردەك كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرالمىغان ئىدى. بۇ يەردە ئادىل ۋە ئالىمغا ئوخشاش بارچە قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
بىر مىللەتنى ئويغۇتۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى غۇرۇرى. غۇرۇرسىز مىللەتنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ. غۇرۇسىز ئەجداتتىن ئەۋلاتمۇ نومۇس قىلىدۇ.
ئۇنداقتا مېنىڭ تېگىرافچىغا بولغان ئەلپازىم غۇرۇرمۇ ؟
بۇنىڭ جاۋابى، ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قايىل بولغانمىدۇ ؟
ناسىڭ بايىرنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ ئىچكى موڭغۇللۇق. ئوننەچچە يىلدىن بۇيان جەنۇبى جوڭگونىڭ شەھەرلىرىدە "تىرىكچىلىك" قىلىپ يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلىنى ئاشكارە ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بىراۋغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ قولىدا كېلىش مەنبەسى دۇرۇس بولمىغان ھەر-خىل ماللار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. (ھازىر شېنجىندا ئاشخانە ئېچىپتۇ) ئۆزى موڭغۇل، بىراق ئايالى خەنزۇ. ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكىلى ئون ئىككى يىلدىن ئاشتى. قىزىنى ناسىڭنىڭ ئانىسى باقىدۇ. ناسىڭ ئۆيىگە قايتمىغىلى ئون يىل بولدى.
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ھوزورلىنىپ كېتىمەن. بىز خەنزۇ تىلىدا شۇنچىلىك تەستە "پاراڭلىشىمىز". دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن موڭغۇل خەلق ناخشىلىرى ئارقىلىق ئورتاقلىق تاپقان. ئۇ تىڭگېر، دېدېمالارنىڭ ناخشىلىرىدىن تاشقى موڭغۇلنىڭ خەلق ناخشىلىرىغىچە ھوزۇرلاندۇرغان. مېنىڭ موڭغۇللارغا بولغان قىزىقىشىم بىلەن ناسىڭنىڭ مىللى ھىسياتىنىڭ قويۇقلىقى ئالامەت ماسلىشىپ كېتەتتى. ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭ ئىككى مىللەتنىڭ تارىخ-مەدەنىيىتىدىن چەتنەپ كەتمەيتتى. چىڭگىزخاننىڭ خوتۇنلىرىدىن تارتىپ موڭغۇللارنىڭ يىمەك ئادەتلىرىگە قەدەر ھەممە پاراڭ بولاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشاتتىم. ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قاقاقلاپ كۈلەتتى. مەن ئۇيغۇر بىلەن موڭغۇلنىڭ قەھرىمانلىق (باتۇر ئاتالغۇسىنى موڭغۇللارمۇ باتۇر دەپ قوللىنىدۇ.)تىكى ئورتاقلىقى بىلەن يېزىق ۋە يىمەك-ئىچمەك(شىرەنى موڭغۇللارمۇ شىرە دەيدۇ) مەدەنىيىتىدىكى ئورتاقلىقىنى ھەرقانچە تىرىشىپمۇ ئېتىراپ قىلدۇرالمايتتىم. ئۇ مېنى ياخشى بىر ئۇيغۇر دەپ بىلەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ ھەقىقى موڭغۇل ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم. ماڭا نېسبەتەن ناسىڭنىڭ تەسىرى ئاز ئەمەس.
بىراق ئۇنىڭ تۇنجى تاللىغان ئايالى خەنزۇ. شۇنداقلا ئۆزى بىنورمال "كەسپ" ئىگىسى(ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇچار ئوغرى دىيەلمىدىم). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىغا، بالىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتمايتتى.(بەلكىم ئالاھىدە سەۋەپ بولىشىمۇ مۇمكىندۇ). بىراق بۇ ئەيىپلىرى مېنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى. ناسىڭنىڭ نەزىرىمدىكى ساداقەتمەن موڭغۇللۇق ئوبرازىغا ھېچقانچە دەخلى قىلمايتتى. چۈنكى مەن مىللى تەۋەلىك مەسىلىسىنىڭ تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىدىن يۇقۇرى تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا قاراپ چۈشەنگەن ئىدىم. شۇنداقلا ناسىڭنىڭ ھەقىقى بىر موڭغۇل ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتىم.
مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەت ياكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە قارشى تەرەپنىڭ سىزنى قايىل قىلىش كۈچى بولمىسا ئېتىۋار بەرمەيسىز، ھۆرمەتمۇ قىلمايسىز. مانا بۇ بىز يۇقۇرقى مەزمۇندا تىلغا ئالغان شاكال مەغرۇرلۇق بىلەن ھاياتىي كۈچىمىزنى ئىپادىلەشتىكى مەردانىلىقنىڭ تەتۈر يۆلىنىشىدۇر.
ئادىل ۋە ئالىم باشقا مىللەتلەرنى قايىل قىلىش ئارقىلىق بىزنىمۇ قايىل قىلدى. مەن ئۇلاردىن پەخىرلەندىم. قايىل قىلىش كۈچى بار مىللەت ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. جاڭ دەن دەن ھەممىلا مىللەتنىڭ ئىسسىقتا تەرلەيدىغان ئىنسانىي ھېسياتقا ئىگە ئىكەنلىكىگە مېنى ئىشەندۈردى. شۇڭا ئۇنىڭغا نېسبەتەن مەندىمۇ ئىنسانىي قېرىنداشلىق پەيدا بولدى. مەن قىزىل كۆۋرۈكتىكى قېرىندىشىمدىن پەخىرلەندىم. چۈنكى ئۇ ماڭا ئويلىنىدىغان ۋە قايغۇرىدىغان نۇرغۇن قېرىندىشىمنىڭ مەۋجۇتلىغىنى تونۇتتى.
بارماندىن ئەردەۋىلگىچە........
....ئوغۇزخاقاننىڭ چىپار گۈللۈك بىر ئېتى باركەن. ئۇنىڭدىن سۆيۈنىدىكەن. بىر كۈنى بۇ ئات مۇزتاغقا كىرىپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئوغۇزخاقان قايغۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ سوغۇقتىن قورقمايدىغان بىر باتۇرى ئاتنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن مۇزتاغقا كىرىپتۇ. نۇرغۇن جەۋرىلەر بىلەن ئاتنى تېپىپ چىقىپتۇ. باتۇرنىڭ ئۇستى-بېشىنى ئاق قار بىلەن كۆك مۇز قاپلاپ كەتكەن ئىكەن. ئوغۇزخاقان ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ۋە ئۇنىڭغا " قارلۇق" دىگەن لەقەمنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى "قارلۇقلار" دىگەن لەقەم بىلەن ئاتىلىپتۇ.
ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئەجداتلىرى دەل شۇ قارلۇقلار ئىكەن.
ئوغۇزخاننىڭ ئاتلىق قوشۇنى ئۇچ(ئۇچتۇرپان) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ساقا، ساغان تاغلىرىدىكى يايلاقلاردا يايلايدىكەن. چەكسىز يىلقا تاكى ساپار بايغىچە(ئاقچىدا) يېيىلىدىكەن. دۇلدۇل ئوقۇر، ئېزىتقۇ، ساغان تېغى دىگەن ناملار شۇ چاغلاردا تۇرغان ئاتلىق قوشۇندىن قاپتىكەن.
ئاقسۇنىڭ نامى توغرىسىدا (كونىشەھەرنى كۆرسىتىدۇ) بۇ زىمىنغا تەڭرىتاغلىرىدىن ئون سۇ ئېقىپ كېلىدىكەن. بۇلار قۇرغۇيلۇق، ئاقبۇلاق، پاقىلىق، چوڭ-كىچىك قوزىبايلار ۋە چوڭ تىرەن-كىچىك تىرەن دەريالىرى، لايسۇ ۋە قۇمئېرىق....دىن ئىبارەت ئون سۇدىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا بۇ زىمىن ئون سۇ دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ دەريالار يازلىقى لاتقا ئارىلاش ئاقۇش رەڭلىك ئېقىپ كەلگەچكە كېيىنچە ئاقسۇ دەپمۇ ئاتىلىپتىكەن.
ئاقسۇنىڭ قەدىمقى ناملىرى ئارىسىدا قۇم ۋە تارچىن دىگەن ئىسىملارمۇ ئۇچرايدۇ. يەنە بارمان دىگەن نامىمۇ مەشھۇر. (ئونسۇ تەۋەلىكىدە پامان ۋە يېڭىرىقتا پاۋانلا دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يۇرتلار بار ئىكەن.) ئالدىنقى ئىككى نامنىڭ مەنبەسى توغرىلىق بىز بىرەر پاراڭ ئاڭلىمىدۇق. ئەمما بارمان توغرىلىق ئوغۇزخاننىڭ بارمان ئىسىملىك بىر ئوغلى بارلىقىنى بۇ نامنىڭ شۇ ئوغۇلنىڭ ئىسمىدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. (بارىسغان دىگىنى يەنە بىر ئوغۇلنىڭ ئىسمى) يىراق قەدىمدىكى ئاقسۇ شۇ ئوغۇلنىڭ نامى بىلەن "بارمان" دەپ ئاتىلىپتىكەن. بارمان دەپ ئاتىلىشتىكى سەۋەپنىڭ بۇ ئوغۇل ئاقسۇدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئاقسۇ ئەتراپلىرى ئۇنىڭ تەۋەلىكى بولغانلىقتىنمۇ بۇلارنى بىلەلمىدىم.
بىر كۈنلەردە شەھرى بارماننى يېغا-جىدەل قاپلاپتۇ.
"ئوغۇزنامە" ئوتتۇرىدىن يېرىلىپ بىر شېخى"ئالتۇن يارۇق" يەنە بىر شېخى "قۇتادغۇ بىلىك" دەپ ئاتىلىپتۇ. جىدەلخورلارنىڭ بىرى قاراخانىي يەنە بىرى قۇچۇخانكەن.
بارمان ۋە كۈسەن ۋادىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ تۇتىشىدىغان جايى بولۇپتۇ. بەزىدە "ئون نەپەر توققۇز ئوغۇز، يۈز نەپەر قارلۇققا تېتىيدىكەن". بەزىدە ئون نەپەر قارلۇق، يۈز نەپەر توققۇز ئوغۇزغا تېتىيدىكەن. بىر ئاتىنىڭ بالىلىرىدىن، مەھمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ غەرپتىكى "يانغانلار"دىن ئىكەن. سىڭقۇ سەلى بىلەن ئاپرىنچور تېكىنلەر شەرقتىكى "قالغانلار"(قالماق)دىن ئىكەن. "يانغانلار" يېڭى دۇنيانىڭ غېمىدىكەن. "قالغانلار" ئەنئەنىنىڭ ئاسارىتىدىكەن. بۇلار كېلىشەلمىگەنچە ئاقسۇ(بارمان) ۋادىلىرىدىن يېغىلىق ئۈزۈلمەپتۇ.
بۇ دەرتلەر يەتمىگەندەك، تىبەت قاراقچىلىرى يارا بولغان جايلارنى(ئاقسۇ ۋادىلىرى) بۇلاپ-تالاپتۇ.
خۇدانىڭ نەزىرى تەككەن بۇ زىمىننىڭ، شەيتاننىڭ ئامراقلىقى كېلىدىغان بۇ خەلقنىڭ تارتىدىغان دەرتلىرى تۈگىمەپتۇ. شەرقى شىمالدا ياشايدىغان قارا ختاي( لياۋ سۇلالىسى يەنى تاڭغۇتلار )لار باستۇرۇپ كەپتۇ.
ئۇلار يەكەن، قەشقەر، خوتەنلەرنى قاراخانىلاردىن يۇلۇپ ئاپتۇ. قاراخانىيلار ئاقسۇ ۋادىسىدىن بۇ تەرەپكە ئۆتەلمەپتىكەن. ئەمدى قارا ختايلار ئۆتۈپتۇ. قۇچۇ خانلىقىنىمۇ ئىشغال قىلىپ، خۇددى بەزى تارىخچىلار كۆرسۈتۈپ ئۆتكەندەك " شىنجاڭ تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىدا چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك بىر ئىشنى" ئورۇنلاپتۇ. ئۇ قايسى ئىش دىسىڭىز، بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرى بىرلىككە كەلتۈرۈپتۇ. بىر ئاتىدىن بولۇپ كېلىشەلمىگەن قاراخانىي بىلەن ئىدىقۇتنى يات ئاتىدىن كەلگەن دۈشمەن تىزلاندۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇ زىمىنغا يېڭى كەلگەندە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالماپتۇ. ئورنى ئىسسىغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىنى ئاشكارىلاپتۇ.
قانداشلاردىن كەلگىنى قانچىلىك ؟! ئەمدى ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرغان بۇ ئۆزى قارا، كۆڭلى قارىلاردىن نىمىنى كۈتىسىز.
1211-يىلى خوتەندە يۈز بەرگەن 3000 ئالىمنى قىرىش ۋەقەسىنى ئاڭلىغانمۇ ؟! بۇ ۋەقەدىكى جاللاتلار دەل شۇ قارا ختايلاركەن. شۇ قېتىم ئۇلارنىڭ پادىشاھى خوتەننىڭ دىنىي ئالىمى ئىمام ئالاھىددىن مۇھەممەت بىلەن دىنىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. مۇنازىرىدە كاپر پادىشا كۈچلۈك يېڭىلىپ قاپتۇ. ئۇ چىدىماي رەسۇلىللانى ھاقارەت قىپتۇ. ھەزرىتى ئىمام ئۇنى" بەدبەخت كاپر" دەپ تىللاپتۇ.
قارىلارنىڭ پادىشاھى ئىمامنى باغلىتىپ قىيناپ خوتەن خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىدىن قايتىشىغا نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.
ھەزرىتى ئىمام خۇدانىڭ دۈشمىنى بولغان بۇ ئىپلاسنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپتۇ. ئۇلار ئالاھىددىن مۇھەممەتنى خوتەن سېپىلىنىڭ قوقتىسىغا مىخلاپ ئۆلتۈرۈپتۇ. خوتەننىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىن تۇتۇپ كەلگەن 3000 ئالىم، مۇددەرىس، ئىماملارنى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇلدا قىرىپ تاشلاپتۇ. بۇ شۇ دەۋر رىئاللىقىدىكى قىسمەن كۆرۈنۈش. سەكسەن يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان قارا ختايلارنىڭ بۇ دىياردا يەنە نىمىلەر قىلغانلىقىنى ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. چۈنكى بىزگە تارىخنىڭ راپاۋىتىگە قارىغاندا كاساپىتى تولىمۇ تونۇش.
شۇ دەۋرلەردە ئاقسۇ تەرەپلەردە رىسقا-نىسىۋە پۇراپ يۈرگەن ساياھەتچىلەر شۇنداق خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپتىكەن. " يىراقتىن قارىساق توپ-توپ يېشىللىقلار كۆرۈنەتتى. يېقىن بېرىپ قارىغاندىن كېيىن بۇ جايلاردا ئادىمىزاتنىڭ يوقلۇقىنى كۆردۇق. يۇرت ئىچىدە بىر نەچچە پادىچىدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى..... "
دۇنيانىڭ چېكى بار ئىكەن. خوشاللىقنىڭمۇ خاپىلىقنىڭمۇ چېكى بار ئىكەن. تارىخنىڭ تەرتىۋى بۇ دىيارغا كۈچلۈك بىر خوجايىننى باشلاپ كەپتۇ. قارا قىتانلارنىڭ كۈشەندىسى موڭغۇللار بوپتۇ. موڭغۇللار "تەڭرىنىڭ قەھرۇ-غەزىۋى"دەك ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپتۇ. ساۋاتسىز بولسىمۇ نەزەر دائىرىسى كەڭ چىڭگىزخان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپتۇ. بۇ سىياسەت ئۆز دىيارىدا ئېتىقادى ئۈچۈن قېنى تۆكۈلىۋاتقان خەلققە " ئاھۇ-زارى خۇداغا يەتكەندەك" بىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن سەككىز يۈز يىل بۇرۇنقى ئەشۇ موڭغۇل " ھەممە كىشىنىڭ ئۆز دىنىغا ئېتىقات قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ" دىگەن چاقىرىقى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپتۇ. ئۇزۇن يىللار دىنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن باستۇرۇلغان خەلق يىراقتىكى چۆللۈكتىن كەلگەن موڭغۇللارغا قۇچىغىنى ئېچىپتۇ.....

بىز ئۇچتۇرپاندىن قىرمىش ئاتام مازىرىغا بېرىش ئۈچۈن توشقان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يامانسۇ ئارقىلىق يېڭى ئاۋات تەرەپكە ماڭدۇق. بۇ يېزىدا ئەشۇ يىللاردىن قالغان يېڭى ئايماق قەدىمىي شەھرى دەيدىغان بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى نۇقتىسى بار ئىكەن. ئاڭلىسام ھازىرقىلار بۇ قەدىمىي شەھەردە قىش قۇيۇش زاۋۇتى قۇرماقچى بولۇپتىكەن. تېخى ئىش باشلانماپتۇ. بەلكىم شەھەردىكى مول تۇپراق بايلىقى ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتىدىن يۇقۇرى ھىساپلانغان ئوخشايدۇ.
......موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىدەك قارشى ئالغان خەلق بولمىسا كېرەك. شۇنداقلا موڭغۇللارنىڭ قارام مىللەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدەك ئەزىزلەنگەن مىللىتىمۇ بولمىسا كېرەك. ئۇيغۇرلار موڭغۇل يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىپ جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپتۇ.
ئۇيغۇر سودىگەرلىرى يىپەك يولىدىكى چوڭ سودىگەرگە ئايلىنىپتۇ.
موڭغۇللار سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا كەڭ قوساقلىق بىلەن بۇ مىللەتنى قوللاپتۇ. ھەتتا بەزىدە يەرلىك ھۆكۈمەت غەزىنىسىمۇ ئۇلاردىن قەرز ئاپتۇ.
شۇ چاغلاردىكى ئاقسۇ توغرىسىدا يۇەن سۇلالىسى تارىخى دىگەن كىتاپتا بىر پاراڭ باركەن. " تەيزۇ(چىڭگىزخان) قوشۇن باشلاپ بۇ يەردىن ئۆتكەندە بۇ يەرلەر(ئاقسۇدىكى باي) ئادىمىزات ئۇرۇقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ۋەيرانلىق ئىدى. كېيىن شاھزادىلەرنىڭ ئۇستازى قارىياغاچ بۇيرۇق يۇرتلىرىنى ئاۋات قىلىشنى تەلەپ قىلدى.....ئالتى يىلدىن كېيىن تەيزۇ غەرپتىكى يۈرۈشتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ بۇ يۇرتلارنىڭ ئېكىنزارلىقلارغا ئايلىنىپ مەمۇرچىلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدى."
دىمەك موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنى ئىمكانىيەت بەرگەندە ئەڭ تىرىشچان ۋە چىۋەر بىر مىللەتكە ئايلىنالايدۇ دەپ تونۇپتۇ. ئۇ چاغلاردا بۇ دىياردا موڭغۇللارغا غايەت زور نەپ بەرگۈدەك كان بايلىقى دىگەندەك نەرسىلەرمۇ يوق ئىكەن. ئەمما بۇ مىللەتكە سەمىمى مۇئامىلە قىلغاندا ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە مەڭگۈ سادىق ۋە سەمىمى بولىدىغانلىقىنى ئەشۇ ساۋاتسىز موڭغۇللار بىلگەن ئىكەن. شۇڭا پايدىنى كۆرگەندە ھاپ ئېتىپ، زىياننى كۆرگەندە مەدداھلىق قىلماپتۇ. مەردانىلىق قىپتۇ.
ئۇلار كېيىنكى ھۆكۈمرانلاردەك خەلقنى يۇرتتىن قوغلىماي، سىرتقا سەرگەردان بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىغا قايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپتۇ. ھەر بىر دىخان ئائىلىسىگە ئىككى ئۆكۈز، ئىككى دادەن ئۇرۇقلۇق قەرز بېرىپتۇ.
خۇددى تارىچىلار " 13-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئىران ئىگىزلىكى قان ھەم ئوت ئىچىدە قالغاندا، تارىم ۋادىسى مۇنداق ئاپەتتىن خالى ئىدى." دىگىنىدەك بوپتۇ. ھەتتا ئۇلار موڭغۇللارنىڭ ئەڭ تۆۋەن باج سىياسەتلىرىدىنمۇ كەچۈرۈم قىلىنىپتۇ. يا كان كولىمىغان ياكى باج ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە دۆلەت غەزىنىسىدىن بېرىپتۇ.
" 1285-يىلى ئىدىقۇتقا 116 مىڭ 400 دانە يامبۇ، 64 مىڭ دادەن ئاشلىق ئاجىرىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلىقنى يۆلىدى." " 1287-يىلى خوتەن رايونىغا ئونمىڭ يامبۇ ئاجىرتىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بەردى......"دىگەندەك مىساللار ھېلىقى تارىخ كىتاپتا نۇرغۇنكەن.
بۇ مىللەتمۇ ھەيران قالارلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىپتۇ. ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈئەن سۇلالىسىدىكى ئۈچ قومانداننىڭ بىرى بوپتۇ. يەنە ئىككىسى ئالتى ۋەزىرنىڭ قاتارىغا كىرىپتۇ. مىللى باراۋەرلىكنىڭ تەسىرى شۇنداق كېڭىيىپتۇكى موڭغۇللارغا كۇيۆئوغۇل بولغانلار ھەسسىلەپ كۆپۈيۈپتۇ. ئەسلىدە باشقا دىندىكىلەر بىلەن قۇدا-باجا بولۇش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ تەس بىر ئىشكەن. ئەمما باراۋەرلىك ۋە سەمىمىلىك بۇ خىل پەرزنى ئىستىخىيلىك ھالدا بۇزۇپ تاشلاپتۇ.
جوڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقى يۇغۇرلىشىش ھادىسىسى خەن سۇلالىسىدە ئەمەس بەلكى موڭغۇللار دەۋرىدە يۈز بېرىپتۇ.
ئىچكى يېغىلىقتا ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈكرەك سەركەردە يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. جىن ۋە جەنۇبىي سوڭ سۇلالىلىرىنى يوقۇتۇپ جوڭگونى تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ " قوشقان تۆھپىسى غايەت زور" بوپتۇ.
ھەتتا بەزىلىرى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن زىمىن ئەۋلىياسىغا ئايلىنىپ ئىبادەتخانىلاردىن ئورۇن ئاپتۇ. يۈئەن سۇلالىسى تارىخى دىگەن كىتاپتا "ئارق ھىيا(ئۇيغۇر سەركەردە) ئىستىلا قىلغان غەربىي خۇبېي، غەربىي ئەنخۇي، جياڭشى، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا 58 ئايماق ۋە سانسىز تاغ ئاھالىلىرىنى بويسۇندۇردى. بويسۇندۇرغاندا كۆپۈنچە نەسىھەت بىلەن ئەل قىلدۇردى.قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ خەلقنىڭ سېلىقلىرىنى يەڭگىللىتىشنى مىزان قىلدى. شۇڭا، خەلق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياساپ، ئۇنىڭ ھەيكىلىگە باش ئۇردى." دىگەن گەپلەرنى يېزىپ قويۇپتۇ.
بۇ دەۋردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گۈللۈنۈپ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپتۇ.
موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللۇنۇپتۇ. بۇ يېزىقنى ئىمپىريەنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپتۇ. دۆلەت ئىچىدىكى بۇيرۇقلاردىن تارتىپ خەت-چەك ھۆججەتلەرگە قەدەر ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىپتۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئادەتتىكى مىللى يېزىقتىن دۇنياۋى يېزىققا ئايلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە يېزىلغان ئۇلتىماتۇملاردىمۇ قوللۇنىلىپ ياۋروپادىكى پادىشالارغىچە يېزىلىپتۇ. يەنە چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتى "ياساق"مۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرلىنىپتۇ. بۇلار ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخىدىلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسىگە نېسبەتەنمۇ ئەڭ يۇقۇرى پەللە بولۇپ قاپتۇ.
نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلار خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىپتۇ. ئۇ چاغلاردا خەنزۇ تىلى دۆلەت تىلى بولمىسىمۇ شۇنداق قىلىپتۇ. چۈنكى ئازادە مۇھىت، ئەركىن تەپەككۈردىكى جەمىيەت كىشىلەرنى تەبىئى بولغان يۈزلۈنۈشكە ئۈندەپتۇ. دىمەك بىراۋنى مەجبۇرلىغاندا ھەتتا ھەسەل يىيىشنىمۇ زۇلۇم ھىساپلايدىغانلىقى ئەشۇ كونا دەۋردىلا ئىسپاتلىنىپتۇ.
چىڭگىزخان قارا قوساق شامان بولسىمۇ دىنىي ئېتىقادنى ھۆرمەتلەپتۇ. ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ يېقىشلىق ھەم ئاۋانگارتلىق سۈپىتى بىلەن ئىمپىريە تەۋەسىدە شۆھرەت تېپىپتۇ. مانى، شامان ۋە بۇددا دىنلىرىڭ قورشاۋىدا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى ساقلاپ ئىلگىرلەپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇل يۈرىشىگە تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقان قۇچۇ خانىنىڭ ئوغلى تۇرپاندا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنى مەخپى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. بۇ ئىش پاش بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. دىمەك بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئېتىقات ئەركىنلىكى دەخلىسىز قوغدىلىپتۇ.
ئويلاپ باقسام، موڭغۇللاردىن بۇرۇنقى ياكى كېيىنكى ھەرقانداق بىر دەۋردەت ئۇيغۇر مىللىتى بۇنداق مۇنبەت تۇپراققا ئېرىشىپ باقماپتۇ. ھەتتا مىڭ يىلدىمۇ كەلمەيدىغان بۇنداق قىسقىغىنە پۇرسەت، ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىخنىڭ كېيىنكى قاراڭغۇلىقىدا يوقۇلۇپ كېتىشىدەك تىراگىدىيەدىن ساقلاپ قاپتۇ. كەلگۈسىدە باشلىرىغا يەنە كېلىدىغان زۇلمەتلىك كۈنلەر ئۈچۈن روھىي قۇۋۋەت تەييارلىۋاپتۇ.
شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى باشقا مىللەتلەر موڭغۇللارنى " دۇنيانىڭ ئاپىتى" دەپ ھىساپلىسىمۇ بىراق بىزلەرگە "ئەڭ ياخشى ھۆكۈمرانلار" دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىشتىن باشقا ئامال قالماپتۇ.
بۇ دەۋردە ئاقسۇ دىيارى قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ ؟
موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئىلىدىكى ئالمىلىققا يۆتكەلگەندىن كېيىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى،ئىسسىق كۆل، بەدەخشانلاردىن كەلتۈرۈلگەن غەللە-پاراق، سوغات-ئولپانلار ئالدى بىلەن ئاقسۇغا توپلىنىپتۇ. ئاندىن شىمالغا، تەڭرىتاغلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئالمىلىققا يوللاپتۇ. ئىلگىركى زامانلاردا ئاقسۇنىڭ مەركەزلىك ئورنى ئىككى قوچقارنىڭ ئۇسۇشىدىغان جايى بوپتىكەن. ئەمما بۇ قېتىم ياخشىلىق كەپتۇ. ئاھالە كۆپۈيۈپ سودا-تىجارەت جانلىنىپتۇ. بۇ رايوندىكى شەھەرلەر ئارىسىدا نوپوزى ھەممىدىن يۇقۇرى بوپتۇ.
كەچۈرۈڭ گەپ تولىراپ كەتتى. بىز تۈزۈك ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىغاچقا موڭغۇللار توغرىسىدىكى گەپلەرمۇ ئۇزۇراپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن بىر نەرسىنى تەكىتلەپ قويۇشنى لايىق تاپتۇق. ئۇ بولسىمۇ موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە بۇ زىمىندىكى ئازاتلىق، ھۆرلۈك چۇقانلىرى باشقا ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ ئاز بولغان. ھەتتا يوق دەپ ئېيتىشقىمۇ تامامەن بولىدۇ. موڭغۇل دەۋرىدە يۈز بەرگەن قوزغۇلاڭ ياكى توپۇلاڭلاردا ھەرقايسى مىللەتلەر شۇنداق جىپسىلىشىپ كەتكەنكى خۇددى بارچە مىللەت موڭغۇللار ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن.
دىمەك، سىرتتىن كەلگەن ھۆكۈمران مىللەت بىلەن بولغان بۇنداق چوڭقۇر تەغدىرداشلىق ئۇيغۇر تارىخىدا تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋالدۇر....
ئونسۇدا بىر مويسىپىت بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. بۇزرۇكۋار ئېغىر-بېسىق، ئىللىق تەكەللۇپلىرى بىلەن ئادەمدە ئىختىيارسىز ھۆرمەت قوزغايتتى. ئۇ قىرمىش ئاتام توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەچ ئاقسۇنىڭ قەدىمدە ئەردەۋىل(جىن-ئالۋاستىلار ماكانى) دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ساخاۋەتلىك تەڭرىتاغنىڭ ئالقىنىغا جايلاشقان، باتۇر ئەمگەكچان جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئانا تۇپرىقى نىمە سەۋەپلەردىن شۇنداق نالايىق نامدا ئاتالغاندۇ ؟
يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ. دىگىنىدەك بۇ دىياردىكى مەنسەپ خاپىلىقىنىڭ كېسىلى يەنە تۇتۇپتۇ.
كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلاتلىرى تۇغۇلىۋېرىپ كۆپۈيۈپ كېتىپتۇ. ئەمما بوۋىسى قالدۇرغان مەنسەپ كۆپەيمەپتۇ. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئادەم كۆپ مەنسەپ ئاز بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا مەنسەپ تالىشىش باشلىنىپتۇ....
موڭغۇللاردىن ئارىق بۇقا بىلەن ئارغۇننىڭ قوشۇنلىرى 1264-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇ خۇنباش(كېيىنكى جاھانگىر خوجا بىلەن چىڭ مانجۇلىرى تۇتۇشقان مەشھۇر جەڭدىكى قۇمباش، ھازىر قۇمباش دەپ ئاتىلىدۇ)تا تۇتۇشقاندىن باشلاپ تاكى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ھۆكۈمرانلىققا چىقىشىغا قەدەر ئاقسۇ ۋادىلىرى مەنسەپ جودالىرىنىڭ جەڭگاھىغا، تۈركۈم-تۈركۈم خەلىقنى ئوتۇن قىلغان زۇلۇم-يېغىلىقنىڭ ئوچىقىغا ئايلىنىپتۇ....
چىڭگىزخاندىن كېيىن چاغاتاي سوراپتۇ. چاغاتايدىن كېيىن باشلانغان ھوقوق تالىشىش تاكى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى تىكلەنگىچە بۇ زىمىندىكى ئىلگىركى مەمۇرچىلىق يىراقتىكى چۈشكە ئايلىنىپتۇ. "كىيىك ئۇ قىزغا ئۇچرايدۇ. بالا بۇ قىزغا" دىگەندەك ئۇرۇشتىن ئامان قالغانلارنىڭ بېشىغا يۇقۇملۇق كېسەل دىگەن خالىس قاراقچى باستۇرۇپ كەپتۇ.
خۇددى ئاقسۇلۇق شائىرىمىز موللا شاكىر "زەپەرنامە" ئېيتقاندەك؛
.....كىرىپ ئەردەۋىل شەھرىگە بىر ۋابا،
بۇرەڭ كەلگەن ئەركەنكى قاتتىق بالا.
قېنى ئەردەۋىل شەھرى يوق ئۇندا جان،
ۋابادا ئۆلۈپ كەتتىلەر ھەرقايان.....
دىگەندەك ئورۇقنىڭ، گاداينىڭ ئاخىرقى مېلى بولغان جېنىنى ئالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل يامراپتۇ......
شۇڭا بۇ دەۋردىكى ۋەيرانلىقلار سەۋەبىدىن ئاقسۇ "ئەردەۋىل" دەپ ئاتىلىپتۇ.
ئاقسۇدا جالالىلىددىن دىگەن ئەۋلىيا توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار ئىكەن. رىۋايەتلەردە جالالىددىن ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان قۇم بېسىپ كەتكەن يۇرتتىن خەلقنى ئېلىپ چىقىپ، باياۋانغا ئايلانغان ئەردەۋىلنى قايتىدىن كۆكەرتىدىكەن.
تارىختا بۇ رىۋايەتنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر ۋەقەلىك بار.
چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇنىڭ ئايكۆل ئەتراپلىرىغا ئوۋغا چىقىپتۇ. ئوۋ قائىدىسىدە قورشاۋدىكى ئوۋ رايونىغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىكەن. ئەمما جالالىددىن ئۇقۇشماستىن ئوۋ رايونىغا كىرىپ قالىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان جالالىددىننى چاقىرىپ سۆزلىشىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان كۈچلۈك ۋە ئوتلۇق سۆزلەرنى ئاڭلاپ بۇ "خوتۇن"(موڭغۇلچە ئۇيغۇر)غا قىزىقىپ قالىدۇ.....سۆھبەتنىڭ ئاخىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ.....

ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈنچ ئىككى ۋەقەنىڭ بىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتۇشنىڭ جاي پەچچىم دىگەن يېرىدە مۇسۇلمان بولىشى (932-يىلى) يەنە بىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاقسۇنىڭ ئايكۆل دىگەن يېرىدە مۇسۇلمان بولىشى(1322-يىلى) ھىساپلىنىدۇ. (تارىخشۇناسلارنىڭ يېڭى تەتقىقاتى: تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر شائىرى مەشرەپ. ئانىسى بولسا باتۇر قۇنتاجىنىڭ قىزى مىنگا "ئۇيغۇرچە ئىسمى مەڭلىك". تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇسۇلمان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، خان بولغاندىن كېيىن جالالىددىننىڭ ئوغلى ئەرشىدىننى خانلىقتا ئىسلام دىنىنى كېڭىيتىشكە ياردەملەشتۈرگەن.)
شۇندىن ئېتىۋارەن ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارقىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپتۇ. "قالغانلار" يوقۇلۇپ " يانغانلار" كۆپۈيۈپتۇ. تەڭرىتاغلىرىنىڭ كۈن چىققان يېرىدىن كۈن پاتقان يېرىگىچە ھەممە ئادەم مۇسۇلمان بولۇشقا باشلاپتۇ. كېيىنچە موڭغۇللارنىڭ بۇ زىمىندىكى ھوقوقدارى بولاجى جەمەتىگە يامىشىپ ئۇيغۇرلاردا ئەرشىدىن(جالالىددىننىڭ ئوغلى) جەمەتىنىڭ مەنىۋى ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن كېيىنكى پىر-غوجاملارنىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋەقەلىرىگە داغدام يول ئېچىلىپتۇ.....
شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئابۇبەكرى دەۋرىگە يېتىپ كەلگۈچە خاندانلىق تارىم بويلىرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردەك ئوخشىمىغان نىيەت-ئىستىقبالنىڭ سەۋدالىرىغا بۆلۈنۈپتۇ. ئىچكى زىدىيەت مىسلىسىز كۈچۈيۈپ خەلقنىڭ بېشىدىكى مۇشاقەت ھەغدادىغا يېتىپتۇ. ئەلۋەتتە ئاقسۇمۇ باشقا يۇرتلار قاتارىدا بۇنداق "نېمەت"تىن قۇرۇق قالمايدۇ-دە. بولۇپمۇ ئابۇبەكرىنىڭ خانلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئەڭ زور قىرغىنچىلىقلار مۇشۇ بىزنىڭ ئاقسۇدا يۈز بېرىپتۇ.
ئابۇبەكرى خانلىقى بىلەن تۇرپاندىكى مەنسۇر خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتتە ئاقسۇ ئابۇبەكرىنىڭ زور كۆلەمدىكى قايتا-قايتا قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپتۇ.
1514-يىلىغا كەلگەندە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى سۇلتان سەئىدخان ئابابەكرى مىرزىدىن ھوقوق تارتىۋېلىپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپتۇ. مىرزا ئابابەكرى دەۋرىدە ۋەيران بولغان ئاقسۇ، سەئىدخان دەۋرىدە ئون يىلغىچە باج ئالماسلىق سىياسىتى ۋە ئەتراپتىن ئاھالە كۆچۈرۈشتەك تەدبىرلەر بىلەن قايتىدىن گۈللۈنىشكە باشلاپتۇ......
1516-يىلى ئاقسۇدا، سۇلتان سەئىدخاننىڭ يەكەن خانلىقى (جەنۇبى، شىنجاڭ)بىلەن مەنسۇرخاننىڭ تۇرپان خانلىقى(شەرقى شىمالى شىنجاڭ) تېنىچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرىلىدۇ. قىسقىغىنە داۋاملاشقان بۇ نىسبى پۈتۈنلۈك سەئىدخان ۋاپاتى بىلەن يەنە ئاياقلىشىدۇ. مەنسۇرخان ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ، ئىككى قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان ئاقسۇ كونا ئادەت بويىچە يەنە قىرغىنچىلىقنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ......
شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭغارلارنىڭ، خوجىلارنىڭ ۋە مانجۇلارنىڭ رەھىمسىز تاپىنى بۇ دىيارنى نۆۋىتى بويىچە ئۈزلۈكسىز پايمال قىلىشقا باشلايدۇ.
قۇچۇ خانلىقى بىلەن قاراخانىيلارنىڭ توقۇنۇشلىرى ياكى سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ھوقوق تالىشىشلىرىدا، قىرغىز-جۇڭغارلارنىڭ توپۇلاڭ-باسقۇنچىلىقىدا ۋە ياكى غوجاملارنىڭ تەغدىر-ئىستىقبال يۈرۈشلىرىدە شۇنداقلا مانجۇلارنىڭ تاجاۋۇزلىرىدا بولسۇن ئاقسۇ جەنۇپ-شىمالدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ سۈركۈلۈش بەلۋېغىغا ، تارىخنىڭ ئۇچقۇن چىقىدىغان نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، جەڭگى-جىدەل، يېغا-غەلياننىڭ سانىدا يۇرتلار ئارا يۇقۇرى پەللە يارىتىدۇ......
غەلىتە ۋەتەنپەرۋەرلىك
تارىخشۇناسلارنىڭ ئاقسۇ خەلقىنى "پىتراڭغۇ، پاراكەندە" دىيىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. پىتراڭغۇلۇققا، پاراكەندىچىلىككە ئامالسىز مەجبۇرلانغان، زۇلۇمنىڭ ئوچىقىدا پاراسلاپ كۆيگەن بۇ يۇرتقا تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىق توغرىسىدا ۋەزخانلىق قىلىشقا يەنە نىمە ئامال بار دەيسىز ؟
1859-يىللاردا جەنۇپتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان چوقان دىگەن ئادەم " بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پۈتمەس-تۈگىمەس قۇللۇق ئاسارىتى، زورلۇق-زومبۇلۇق، ھەمدە ئادالەتسىزلىكلەر ئەنە شۇنداق بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھورۇنلۇق، يالغانچىلىق، بۇزۇقلۇق دىگەندەك ئىللەتلەرنىڭ يامرام كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ." دىگەن خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپتىكەن.
ئادەمنىڭ نېپىز يۈزىنى ھەپتە كۈن شاپىلاقلىسا تاپاندەك قېلىن بولۇپ كېتەرمىش. شۇڭا خۇداغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئوقۇيمىزكى، ئاز كەم مىڭ يىل شۇنچىلىك ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە يۈرۈپمۇ تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان بولۇپ كەتمەپتىمىز.
خەلقىمىزنىڭ بېشىدا دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زۇلمەتلىك دەۋىرلەر ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان دىسەك ئارتۇقچە كەتمەس.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىدىيە ۋە ئۆزگۈرۈش ئىسلاھاتلىرى بۇ زىمىنغىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئىچكى يېغىلىق ياكى بىرلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلاردىن ئىسسىق جېنىنى ئاران ئېلىپ كەلگەن خەلقىمىز ۋۇجۇدىدىكى ئاخىرقى ھاياتىي كۈچى بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ رىقابەت مەيدانىغا كىرىپ كېلىدۇ. بىراق شۇ دەۋردىكى ياكى كېيىنكى ھۆكۈمدارلار تارىخنىڭ مۇقەرەر قانۇنىيىتى بولمىش تەرەقىيات ۋە يېڭىلىق ھادىسىلىرىنىڭ بۇ زىمىندا ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويمايدۇ. ھەتتا ئىنسان بالىسىنىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق ئېرىشىدىغان جىسمانى ئەمگەك ھەققىنى ئېلىشىغىمۇ قورسىقى ئاغرىيدۇ. قۇللۇق تۈزۈم ۋە فېئودالىزىم دىگەنلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ تۈزۈملەر كۈنسېرى ئىلگىرلەۋاتقان باشقا ئىنسانىيەتلەردىن ئۈزلۈكسىز يوقۇلۇپ ئادىمىي ھاياتقا ئېرىشىپ ياشاپتۇ. ئەپسۇس دۇنيانىڭ تارىخى تەرەقىياتىدىن ئايرىپ تاشلانغان بۇ زىمىندا بولسا ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ دەۋرسېرى ئۆزگۈرىشىنىمۇ بايقىغىلى بولمايدۇ. ئىسمى ئوخشىمىغان بىلەن ماھىيىتى ئوخشاش. قايسى قۇللۇق تۈزۈم قايسى فېئودالىزىم يەنە قايسى بۇرژازىيە.....قىلچىلىكمۇ پەرقى يوق.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا " ئۇيغۇر بالىسى" دەپ ئاتالغان بىر يىگىت ئاقسۇ يېزىلىرىنى ئايلىنىپ "بۇ ئەتراپتىكى ئادەملەر توغرا، ساپ دىل، يالغان سۆزلىمەس، دۇنيا ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئادەملەركەن. قىسقىسى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن قانداق ياشىغان بولسا ھازىرمۇ شۇنداق ياشاپ تۇرۇپتۇ." دىگەن تەسىراتلارنى قالدۇرۇپتۇ. بۇ تەسىراتقا يۈز يىلدىن كېيىن مەنمۇ ئېرىشتىم. ئۇنداقتا بۇنداق ساددىلىق بىلەن ياشاۋاتقىلى بىرمىڭ بىر يۈز يىل بولغانمىدۇ ؟!
بۇ مىللەتنى ھۆرۈن دەي دىسەك تىلىمىز كۆيىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ زىمىنغا كەلگەن چارلىز بولگىر دىگەن پەرەڭ ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلغان كىتاۋىدا ئاقسۇلۇقلارغا باھا بېرىپ " ...ئۇلار ئەقىل-ئىدراك ۋە ئۆز يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە قەشقەرىيەلىكلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشقا لايىق." دەپتۇ. يۇقۇرىدا چىڭگىزخاننىڭ ئۇياققا ئۆتكۈچە بىر خارابىلىقنى كۆرگەنلىكىنى، يەنە ئالتى يىلدىن كېيىن بۇياققا ئۆتكۈچە ئۇنىڭ ئورنىدا گۈلۈستانلىقنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلىدۇق. دىمەك ئۇلار ھۆرۈن ئەمەس. ئاقسۇ يېزىلىرىنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئاز كەم يۈز ئەللىك يىل بۇرۇنقى ئاۋۇ پەرەڭنىڭ سۆزىنى مەنمۇ ئىختىيارسىز تەكرارلىدىم.
بۇ مىللەتنى تارىخنىڭ تەرەقىياتىغا كۈچ چىقارمىغان دەي دىسەك بۇ زىمىندا ھۆرلۈك ۋە ئازاتلىق چۇقانلىرى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرى بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز كۆپ يۈز بەرگەن.
بۇ مىللەتنى دۆت دەي دىسەك يەنە ئەپلەشمەيدۇ. چۈنكى 56 مىللەتنڭ ئىچىدە زامانىۋى مائارىپقا ئەڭ بۇرۇن كۆچكەن. سانائەت ئىنقىلاۋىغا ئەڭ بۇرۇن قەدەم قويغانلارنىڭ بىرى.
بۇ مىللەتنى قورقۇنچاق دەي دىسەك، ئەنە تارىخقا قاراڭ !
بۇ زىمىندىكى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ھەر-بىر قوزغۇلاڭ ۋە توپىلاڭلارنىڭ ھەرقاندىقىغا بۇ مىللەت چوڭ ئىشەنچ ۋە ئۈمۈت بىلەن ئۆزىنىڭ جېنىنى ۋە مېلىنى ئاتاپ كەلگەن. ھايات-ماماتتىكى ئۆلۈمدىن قورقماس روھىنى نامايەن قىلىپ بۇ تۇپراقنى مۇقەددەس قىلغان. بوۋىسى، دادىسى، نەۋرىسى ھەتتا ئۇرۇق-پۇشتىغا قەدەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قىلچە پايدىسىنى كۆرمىسىمۇ يەنە ئۈزلۈكسىز ئەشۇ ئۈمۈت دىگەن سەرراپنىڭ كەينىگە كىرىپ قىرىلىپ كەلگەن. غوجاملار كېلىپ " قالماقلارنى قوغلايلى!" دىسە ماقۇل دىگەن. غازاتچىلار كېلىپ" كۇپارنى يوقۇتايلى!" دىسە يەنە ماقۇل دىگەن. يەرلىكلەر قوزغۇلاڭ قىلىپ " زۇلۇمنى يوقۇتايلى!" دىسىغۇ ھەممە نىمىسىنى ئاتىغان. ھەتتا مۇزداۋاندىن ئۆتكەن ماركىسىزىمچىلار"باراۋەرلىك،خەلقچىلىق" نى توۋلاپ كەلگەندە "باتۇرلىرىمىز" دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالغانغۇ، كېيىنچۇ ؟ ئوسما كېتىپ قاش قالغان. سۇ كېتىپ تاش قالغان. بۇ دىياردا ئىككى نەرسە قالغان. بىرى شورلۇق تەغدىردىكى خەلق قالغان. يەنە بىرى ھېچيەرگە كەتمەيدىغان نومۇسسىز زۇلۇم قالغان.
بىز بىرنەرسىگە دىققەت قىلىمىز. نىمە ئۈچۈن بۇ زىمىندىكى خەلقلەر مەيلى جاھانگىر ياكى كەلگۈدى خوجىلار ۋە ياكى ۋەتەنداشلار بولسۇن ھەممىسىنى پەرقلەندۈرمەي قارشى ئالغان ؟!
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا تۈركىيە ئوسمانىيلىرى "بالقان ئۇرۇشى" ئېلىپ بارىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇ دەۋردىكى ئاچارلىق دەردىدىكى ئاقسۇ خەلىقلەرى تۈركىيەنىڭ بالقان ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 210 يامبۇ كۈمۈش يىغىپ ئەۋەتىدۇ.
بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە جوڭگودا شىنخەي ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەن ئىدى. ئاقسۇلۇقلار ئەشۇ ئىنقىلاپقىمۇ يامبۇ ئېۋەتكەنمىدۇ ؟
ئۇلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ياكى جاھانگىرلىك دەيدىغان ئۇقۇم زادى بارمۇ-يوقمۇ ؟
ياق ئۇلاردا بۇ ئۇقۇملار بار.
زۇلۇم ۋە ھاقارەت شۇنداق نەرسىكى ئۇ پۇت-قولۇڭنى ئۈزلۈكسىز قىسىۋاتقان كويزا-ئىشكەلگە ئوخشايدۇ. بۇ قىسماق سەن مىدىرىغانچە چىڭىيدۇ. ھاقارەت ۋە ئاغرىق جان-جېنىڭدىن، يۈرەك-باغرىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا كىملا بولسۇن سېنى قۇتۇلدۇراي دىسە ھەرقانداق ئادەم جان دەپ ماقۇل بولىدۇ.
ئۇنداق بولمىغان بولسا گېرمانىيەدىكى ماركىسىزىم ئاسىيا بىلەن لاتىن ئامىرىكىسىدا بازار تاپامتى.
شۇڭا بۇ دىياردىكى مۇقەددەس مازارلاردا ياتقانلارنىڭ ئىچىدە يەرلىكلەرمۇ، كەلگۈدىلەرمۇ ھەتتا جاھانگىرلارنىڭ گۇماشتىلىرىمۇ.....ھەممىسى بار.
يەرلىكلەر قەلبىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت رايون ئۇقۇمىنى ئەشۇنداق چېگراسىز كېڭەيتىش ئارقىلىق ساقلاپ قالغان.
"....ھەرەمگە بېرىشتىن بۇرۇن پالانچى مازارنى زىيارەت قىلىش كېرەككەن...." "ھەرەمگە بارغانلارغا بىر ئابىت ئۇچراپتۇ. ئۇ سىلەر يۇرتۇڭلاردىكى پۇستانچى مازارنى زىيارەت قىلماپسىلەر دەپتۇ...." دىگەندەك ئەپسانە-رىۋايەتلەر دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە بار-يوقلۇقىنى بىلمىدىم. ئەمما بۇ دىياردا ساماندەك كۆپ. بەلكىم يۇرت-ۋەتەن سۆيگۈسىنى غوجاملارغا باغلاپ ساقلايدىغان بۇنداق غەلىتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھادىسىسى دۇنيادا ئاسانلىقچە ئۇچرىماس.
سۇدا ياشاۋەرگەن ئادەمنىڭ ئىسسىغى ئېشىپ كېتىدۇ. ئوت بىلەن ھەپىلىشىدىغان ناۋاينىڭ بىر كۈنلەردە سوغۇقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئىنسان بالىسى رىئاللىقتىكى زىدىيەت-توقۇنۇشلارنىڭ زەربىسىگە ئۆز ۋۇجۇدىدا ئىممونىت ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلاش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ.
شۇڭا پۇرسەتپەرەسلىك ئەۋج ئالغان جەمىيەتتە ئەخلاقنىڭ كۈچى يىگىلەيدۇ.
زۇلۇم كۈچەيگەن جەمىيەتتە ئىنسان بالىسى قۇل مىجەزلىك بىلەن ئۆز ئامانلىقىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مېھرىبانلىق زىيانلىق نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئىنسانلارنى باغلاپ تۇرىدىغان مېھرىبانلىق يوقالغان، قۇل مىجەزلىكنى تەلەپ قىلغان جەمىيەت ئاخىرى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدۇ. ئەخلاقنىڭ ئىدارە قىلىش تەرتىۋىنىڭ بۇزۇلىشىشقا باشلانغانلىقى ئىنسان بالىسىنىڭ بۇ جەمىيەتتىن زېرىككەنلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. چۈنكى ئادەم تەبىئىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەكلىككە باشلىيالمىغان جەمىيەت ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان جەمىيەتتۇر. بۇ جەمىيەت ئادەملەر ئارىسىدىكى سېسىۋاتقان بارچە ئەخلاقسىزلىقنىڭ جاۋاپكارىدۇر.
بولدىلا ھەممىمىزنىڭ كاللىسى چارچاپ كەتتى. ئەمدى ئازراق ئارام ئالايلى. زاماننىڭ توپا-چاڭلىرى ئاستىدا قالغان ئاقسۇدىكى كونا پاراڭلاردىن ئاڭلايلى.
مۇزارت غوجام
تەڭرىتاغلىرى خۇددى غايەت زور بىر قىلىچتەك بۇ زىمىننى ئىككىگە بۆلۈپ ياتىدىكەن.
يىراق قەدىمدە قىلىچنىڭ بۇيېقىدىن ئۇ يېقىغا، يەنى جەنۇپتىن شىمالغا ئۆتۈدىغان يول يوق ئىكەن.
بۇ يولنى تۇنجى قېتىم يىتىمچىلەرنىڭ پىرى "تەلۋە ئەمەت" دىگەن ئادەم ئېچىپتىكەن.
گورخان يىراقتىكى خارەزىمگە يۈرۈش قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن ئەسكەر توپلاپتۇ. گورخاننىڭ پەرمانى شەھەر-يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈپتۇ. يەرلىك ئاقساقاللار بۇ پەرماننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يېزامۇ-يېزا ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە تىزىملاپتۇ.
ئۆتكەن يىلى ئاتىسى ئەسكەرلىككە كەتكەنلەرنىڭ بۇ يىل بالىسى تىزىملىنىپتۇ. ئەرزاتى بولسىلا نە يېشى، نە كېسەل-ساقلىقىغا قارىماي مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىلىپتۇ.
ئالقاغا دىگەن يەردە ئەمەت ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇرۇشقا كەتكەنچە كەلمەپتىكەن. بۇ قېتىم بەگ ئۇنىمۇ ئەسكەرلىككە ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ كاڭدىنمۇ چۈشەلمەيدىكەن. ئۆيدە يىگۈدەك ئاش-ئوزۇق بولمىغاچقا ئوزۇق تاپىدىغان ئوغلى كەتسە كېسەلچان ئانىنىڭ كۈنى نەچچە كۈنگە بارمايدىكەن. كېسەل ۋە ئاچلىق دەردىدە شۇ ياتقانچە ئۆلۈپ قالىدىكەن. ئەمەت بەگكە يالۋۇرۇپتۇ. دىمىگەن سۆزى، قىلمىغان خوشامىتى قالماپتۇ. بىراق بەگ ئۇنىماپتۇ.
ئەمەت زار قاخشاپ ئەسكەرلەر بىلەن ئالقاغىدىن ئايرىلىپتۇ. ئەمما پۇتى ئالدىغا ماڭغان بىلەن كۆزى، كۆڭلى ئارقىدا ئىكەن. ئۆيىدە چارىسىز يېتىپ قالغان ئانىسىدا ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە ئەمەت چۈشكەن بارگاھتىن قېچىپتۇ. قېچىپ ئۆيىگە كېلىپتۇ. ئۆيىگە كەلسە ئانىسىنىڭ كۆزى يۇمۇلغان ئىكەن. بىچارە ئانا ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى ۋە ئۆلگىلى كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ دەردىگە چىدىماي جان ئۈزگەن ئىكەن.
ئەمەت ئانىسىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ قېتىپ قاپتۇ. ئانىسىنىڭ جەسىتىنى قۇچاغلىغانچە شۇنداق ئۇزاق ئولتۇرۇپتۇ. كۆزىدىن ياش چىقمايدىكەن. يىغلىمايدىكەن. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ھويلىسىغا قەبرە كولاپ ئانىسىنى يەرلىككە قويۇپتۇ.
بۇ چاغدا تاڭ ئېتىشقا باشلىغان ئىكەن. ئەمەت قولىغا يەرلىك كولىغان كەتمەننى ئېلىپ بەگنىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. ئەمەت بارغىنىچە ھويلىنىڭ دەرۋاسىنى كەتمەن بىلەن چېقىپ بەگنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپتۇ. بۇ چاغدا بەگ بامدات نامىزىغا تۇرغان ئىكەن. ئەمەتنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئاچقىنىچە قېتىپلا قاپتۇ. ئەمەت بارغىنىچە بەگنىڭ كاللىسىنى كەتمەن بىلەن ئۇرۇپ يانچىۋېتىپتۇ. ئاندىن بەگنىڭ ئايالى، ئىككى ئوغلى ۋە ئاغرىقچان دادىسىنىمۇ كەتمەن بىلەن چانىۋېتىپتۇ.
ئەمەت ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ شۇ قاچقىنىچە كۇچا دەرياسىنى ياقىلاپ تاغ ئارىسىغا قېچىپتۇ.
ئەتىسى پۈتۈن يۇرتقا ئەمەتنىڭ تەلۋىلىكى پۇر كېتىپتۇ. ئۇنىڭ تەلۋىلىكىگە، قانخورلىقىغا يۇرت ھەيران قاپتۇ.
گورخان بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇ. سۈرىكى ئېنىق پەرمان بىلەن مىڭلىغان قوشۇن ۋە ئونلىغان ئىزچىلارنى ئەۋەتىپتۇ. تەلۋە ئەمەتنى چوقۇم تۇتۇپ كاللىسىنى ئېلىش كېرەككەن. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇيغۇر بەگلىرى ئەشۇنداق تەلۋىلەردىن قورقۇپ خانغا ساداقەت بىلدۈرمەيدىكەن.
ئىزچىلار تاغمۇ تاغ ئايلىنىپتۇ. ھەر-بىر تاش ۋە كامارلارنى ئالا قويماي ئىزلاپتۇ. ئاخىرى ئەمەتنىڭ ئىزىنى قورغان دىگەن يەردىن تېپىپتۇ. ئەسكەرلەرنى كۆرگەن ئەمەت قېچىپتۇ. خاننىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي قوغلاپتۇ. ئەمەت قېچىپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇزداۋاننىڭ يېنىغا بېرىپ توسۇلۇپتۇ. ئەسكەرلەر ئەمدى ئۇنى تۇتىۋالىمىز دەپ ئويلاپ تۇرىشىغا، ئەمەت ئاق تۇمانغا ئورىلىپ تۇرغان مۇزلۇققا يامىشىپتۇ. ئاخىرى توختىماستىن مېڭىۋېرىپ مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەسكەرلەر بولسا قويۇق تۇمان ئارىسىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي ئامالسىز قايتىپ كېتىپتۇ.
شۇندىن كېيىن جەنۇپتىن شىمالغا مۇزداۋان بىلەن ئۆتىدىغان يول ئېچىلىپتۇ. بۇ يول تەلۋە ئەمەتنىڭ يولى يەنى "تەلەمەت يولى" دەپ ئاتىلىپتۇ.
غوجاملارنىڭ ۋاقتىدا "مۇزداۋاندا مۇزارت غوجام بار" دىگەن ھىكايەتلەر سۆزلىنىدىكەن. ھىكايىلەردە ئېيتىلىشىچە مۇزارت غوجام بۇ داۋاندىن ئەسكى ئادەملەرنى ئۆتكۈزمەيدىكەن. ياخشى ئادەملەرنى ئۆتكۈزىدىكەن. ئەسكى ئادەملەر ئۆتمەكچى بولسا مۇزلۇق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىكەن. ياكى مۇزارت غوجامنىڭ غايىپ قولى كانىيىنى سىقىپ نەپەس ئالدۇرمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ قالىدىكەن.
مەن بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ "مۇزارت غوجامنىڭ ئاچچىقى نىمىدىگەن يامان" دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئوتتۇز ئىككىمىڭ يەكەنلىك
ئون ئالتە مىڭ قەشقەرلىق.
تاپقان بالاڭ پاشالىق......
"قەدىمدىن بۇيان جەنۇپتىن شىمالغا ئۆتكەن مىڭلىغان يىتىمچى سەرگەردانلار ئۆز يۇرتىدا تۇرۇش ئۈچۈن بارماقتەك ئىمكانىيىتى بولسا مۇزداۋانغا چىقارمىدى ؟
جۇڭغار، مانجۇلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا مەجبۇرى يۇرتىدىن ئايرىلغان تۈمەنلىگەن بىچارە خەلق مۇزداۋانغا يامىشارمىدى ؟
ھەي، مۇزارت غوجام !
غوجاملارنىڭ بۇيرىقى بولمىسا "غالچە خوتۇن" ۋە "غالچە يىگىت" ئاتالغان 900 بەرنا قىز-يىگىتىمىز ھەر يىلى مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ جۇڭغارلارغا قۇللۇققا بارارمىدى ؟! چارىسى بولسا بۇ ھاقارەت يۈز يىل داۋاملىشارمىدى !؟
ئەي مۇزارت غوجام ! ئۇلار قېرىغان ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ، مېھرى ئىسسىق، قوينى ئىللىق يۇرتلىرىدىن كېچىپ سېنىڭ ئالدىڭدىن سارغىيىپ ئۆتەرمىدى ؟! .... " دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
تۈمەنلىگەن خەلقنىڭ جەسىتى مۇزداۋاننىڭ كۆز يەتمەس ھاڭلىرىدا كېپەنسىز ۋە دۇئاسىز ياتىدۇ. ئۇلار تىرىكلىكىدە ئۆز يۇرتىدا تۇرالمىغان ئىدى. ئەمدى ئۆلگەندىمۇ مۇساپىرلىقتىن قۇتۇلالمىدى.
ھەي مۇساپىر گۇۋاللار....
بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار،
غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.
غېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،
غېرىپقا غېرىپ يىغلار.
تۇرۇپلا "مۇزارت غوجام بۇددىستمىدۇ ياكى ئىسلاممىدۇ..." دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. چۈنكى جۇڭغارلار ۋە كېيىنكى مانجۇلارنىڭ مىللىتىمىز ئۈستىگە قىلغان قانلىق يۈرۈشلىرىگە مۇزارت غوجام يول بەرگەن ئىكەن. ئەگەر مۇزارت غوجام بۇددىست بولمىسا ئەشۇ جاللاتلارنى مۇز داۋاندىن ئۆتكۈزمەس ئىدى.
......مۇزارت غوجام !.....
موللا موسا سايرامى ۋە مامۇت تىجارەتچى
.....ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى ئوتتۇز يىللىق ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ ئاتمىش مىڭ مىسرالىق بىر داستان يازماقچى بوپتۇ. مەھمۇت غەزنەۋى(كۇچادا مەنىۋى مازىرى بار) ئۇنىڭ ھەربىر مىسراسىغا بىر تىللادىن جەمى ئاتمىش مىڭ تىللا بەرمەكچى بوپتۇ. ئەمما داستان پۈتكەندىن كېيىن چىدىماسلىق قىلىپ يىگىرمە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپتۇ. فىردەۋسى مەھمۇت غەزنەۋىنىڭ بەرگەن پۇلىنى قەلەندەرلەرگە سەدىقە قىلىۋېتىپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. ئۇنىڭ يازغان كىتاۋى " شاھنامە " ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ فەردەۋسى ئۆمرۈنىڭ ئاخىرىنى تولىمۇ غۈربەتچىلىكتە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.
كېيىن مەھمۇت غەزنەۋى باشقا يۇرتلارغا بارغاندا شاھنامىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپتۇ. چەت مەملىكەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ماختاش-مەدھىيەلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن ھودۇقۇپ، فىردەۋسىنىڭ يۈرتىغا ئاتمىش مىڭ تىللانى ماڭدۇرۇپتۇ. خاننىڭ ئادەملىرى فىردەۋسىنىڭ ئەمگەك ھەققىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن تۇس شەھرىگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەر دەرۋازىسىدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا جىنازا كۆتۈرىۋالغان جامائەت ئۇچراپتۇ.
بۇ ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ جىنازىسى ئىكەن.......
مەھمۇت غەزنەۋىنىڭ شاھنامىنى چۈشەنگۈدەك ئەقلى يوقلىقى ئېنىق. ناۋادا ئەقلى بولسا ئۇنىڭ ئاتمىش مىڭ تىللاسى فىردەۋسنىڭ جىنازىسى ئالدىدا تۇرۇپ قالمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەقىلسىزلىقى "ياندىكى كاسپنىڭ قەدرى يوق"لۇققا ئاپارغان. ھەتتا ئاخىرى يۇقۇرقىدەك چۈپرەندىلىكنى قىلىشتىنمۇ تارتىنمىغان.
"تىرىكلىكىمدە ئەتمىگەنتىڭ يات،
ئۆلگۈنۈمدە چەكمىگىن پەريات !
....."
كېچىككەن ئاتمىش مىڭ تىللا......دىن باشلانغان بۇنداق مەزمۇندىكى قىلىقلار تا بۈگۈنگە قەدەر يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپلەردىن "فىردەۋسى"لەرنىڭ تەغدىرىمۇ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ھاياتلىقىدا كۆرمىگەن داغدۇغا ۋە ھەشەمەتكە پەقەت ئۆلگەندىن كېيىنلا ئېرىشىۋاتىدۇ. ھاياتلىقىدا ئۇچىسىغا يېپىلمىغان تون ئۆلگەندە جىنازىسىغا يېپىلىۋاتىدۇ......
1917-يىلى 4-ئايدا "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، تارىخ ئەھلىنىڭ مەشئەل چىرىغى " دەپ سانالغان ئاقسۇنىڭ ئۇلۇغ پەرزەنتى موللا موسا سايرامى "ئۆمرىدىكى ئەڭ نامرات ۋە قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ" بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ.
بۇ زاتى مۇبارەك يېزىپ قالدۇرغان "تارىخى ھەمىدى" ناملىق كىتاپقا، كېيىنكى ئالىملار " ھەتتا بۈگۈنكى دەۋردىمۇ شۇ رىئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۇنچىلىك ئىلمى ۋە روشەن بولغان ماتىريال يېزىلغان ئەمەس. " دەپ باھا بېرىدۇ. دىمەك بىز شۇ كىتاپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا تارىخىمىزنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرلىرىدىن ۋە چېقىندەك ئۆتكۈر ھادىسىلىرىدىن خەۋەردار بولدۇق.
موللا موسامۇ فىردەۋسىگە ئوخشاش " ئۆمرىدىكى ئەڭ نامرات ۋە قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ" ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئويلايمەنكى ئالىمىمىز قەلبىدىكى ئوتلۇق ھىسياتلىرى بىلەن رىئاللىقىدىكى كۆپكۆك نامراتلىقنىڭ قىسمىقىدا قانداق ئېغىر كۈنلەرنى كۆرگەندۇ ؟
مەن بىلىدىغان بىر ئەزىمەت بار.
مەن ئويلايمەن، ناۋادا بۇ ئەزىمەت شۇ چاغدا بولغان بولسا بىزنىڭ ئالىمىمىز ئاخىرقى دەملەردە ئېغىر مۇھتاجىلىق ئىچىدە قىينالمايتتى.
مەن ئويلايمەن، بۇ ئەزىمەت موللا موسانىڭ دەۋرىدە بولسا بىزنىڭ بوۋىمىز تىكەندەك يالغۇزلۇق ئىچىدە يەيدىغان ئاش بىلەن قالايدىغان ئوتۇننىڭ ئارىسىدا تولغانمايتتى.
بۇ ئەزىمەت كىم ؟!
بۇ ئەزىمەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى تۇنجى مۇكاپات " گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى"نى يولغا قويغان مەرھۇم مامۇت ئاكىمىز ئىدى.
مەن مەرھۇمنىڭ ھاياتلىقىدا قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭغا قارىغاندا نۇرغۇن ھەسسە كۆپ پۇلى بار ئۇيغۇر بايلىرىنى ئوبدان بىلىمەن. بۇ بايلارنىڭ بىر پۇلى ئىككى بولدىكى ئەمما ئىككى ھاجىتى بىر بولمىدى. ئۇلارنىڭ ئىتنىڭ تۈكىدەك تۈگىمەيدىغان "مەبلەغ قىيىنچىلىقى" سەۋەبىدىن ۋەتەن-مىللەتنى قىستۇرغۇدەك ئورۇن چىقمىدى.
مىڭلارچە نادامەت ئىلكىدە سۆزۈمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرمىز.
بۇ ئەزىمەت مەزكۇر مۇكاپاتلاش يولغا قويۇلۇپ ئىككىنچى يىلى بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالدى. ئۇ كەتتى، ئۇنىڭ كەينىدە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر بايلىرى تىرىك قالدى. بىراق ئەشۇ ئاقسۇلۇقنىڭ ھىممىتى ۋە غەيرىتىگە ھېچقانداق ئادەم ۋارىسلىق قىلالمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنە پاناھسىزلىق تەغدىرگە مۇپتىلا بولدى. ئېغىر ئەمما شەرەپلىك بۇ يۈكىنى يۆلۈگۈدەك ئەر زاتى چىقمىدى. رىئاللىق بىزنىڭ ھەرقانچە مەدداھلىق قىلساقمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غەمگۈزارى، ئاقسۇ خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى مامۇت ئاكىمىزدەك بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىلدا ھېچ بولمىسا ئونمىڭ كويلۇق ئىلھام-سەدىقىنى كۆرۈپ باقمىدى.
بىز ئاقكۆڭۈل مىللەت. بازار ئىگىلىكى ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئىنسانىي قېرىنداشلىقىمىزنى قەلبىمىزدىن يوقۇتالمىدى. بىراۋنىڭ ئاچلىقىنى ئاڭلىساقلا گېلىمىزدىن تاماق ئۆتمىدى. مۇھتاجلىقىدىن خەۋەر تاپساقلا قولىمىز نېپىزغىنە پورتمالىمىزنى مالتىلىدى. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ھاياتىي كۈچنى خەلقىمىز ئەنە شۇنداق ئاز بولسىمۇ ئەمما ئۈزۈلمەس ھىممىتى بىلەن داۋاملاشتۇردى.
تۆگە قانچىلىك كۆتۈرىدۇ ؟ ئوغلاق قانچىلىك كۆتۈرىدۇ ؟ بۇنى ھەمىمىز بىلىمىز. يۇقۇرقىدەك تۆگىلەر(كارخانىچى ۋە بايلار)نىڭ ھىممىتى، ئوغلاقنىڭكىدىن ھەتتا توخونىڭكىدىنمۇ پەس بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكۈچى مىللى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ يىتىمىنىڭ يېشىنى سۈرتىدىغان ئادەم چىقمىدى. (ئاڭلىسام بىر كارخانىچى زور سوممىلىق ئىئانە قىلماقچى ئىكەن. ئەمما مۇئەننەس باھانە تەيياركەن. بىراۋلار يول قويمايدىكەن. زادى كىمنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ھودۇقىشلىرىدىن ئېنىق بىلگىلىمۇ بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ خوتۇنى باركەن. نەپسى ئۈچۈن ئۈچ خوتۇنغا جاسارەت بىلەن تەۋەككۈل قىلغان بۇ ئەركەك مىللەت ئۈچۈن بىر قېتىم ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلىپ باقمايدىكەن.)
"مىللى ئىگىلىك مىللەتنىڭ جېنى....مىللى كارخانىلار مىللەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى...." دىگەندەك شوئارلارنى توۋلاۋاتىمىز. مەنمۇ كانىيىم يېرىلغىدەك توۋلىغان.( شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى كۆزۈڭنى ئاچ، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ۋە ئىستىمالچىلىرى تېمىسىدىكى ماقالەم) توغرا ھەممىمىز توۋلاتىمىز.
بۇ شوئارلار بىزنى "مىللى كارخانىلارنى قوللايلى" دەپ مىللەتپەرۋەر بولۇشقا قىزىقتۇردى. "ھالال يىمەكلىك يەيلى" دەپ مۇسۇلمانچىلىقتا ھودۇقتۇردى. بىز ھودۇقتۇق. شۇنداقلا تىرىشتۇق. نامرات بولساقمۇ بىر ئۇيغۇر ئىستىمالچىغا لايىق ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلدۇق.
مەخسەت، ....مىللى كارخانىچلار يېتىشىپ چىقسا، مىللەتنىڭ ئىشلىرى روناق تاپسا..... دىگەن ئۈمۈت-تاما ئىدى. ئۇلار يېتىشىپ چىقتى. خوشنا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئاجىز بولسىمۇ نامرات ئۇيغۇرغا نىسبەتەن يەنىلا پۇل تاپتى. ئەپسۇس بۇ مىللى تەرەقىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرى نىمە ئىش قىلدى !؟ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى قىلدى. پۇل تاپتى. سەمەت بولسا سەمەت ھاجىم بولدى. (ئاڭلىسام يەتتە-سەككىز قېتىم بارغانلارمۇ باركەن). بىراق كەينى داۋاملاشمىدى. سەمەت ھاجىمدا قېتىپ قالدى. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاممىۋىلاشقان بىرەر ھىممەتنى ھېچكىم قىلمىدى.
بۇنداق ھىممەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىدىن "مىللى ئىگىلىك !" دەپ توۋلانغان شوئارلار ئاخىرى بېرىپ ئەشۇ بىر تۈركۈملەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى قورالى، مىللى ئىستىمالچىلارنى ئالداشتىكى نەيرىڭىگە ئايلاندى.
بەلكىم ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى دىيىشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا بۇ خىزمەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىساپلانسا جوڭگودا زاۋۇت قۇرغان مىڭلىغان ئەجنەبىيلەر جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ ۋەتەنپەرۋەر ھىساپلانمامدۇ ؟
شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نېسبەتەن مەن بىلىدىغان ھەقىقى مىللى كارخانىچى، مەن ھۆرمەتلەيدىغان يىراقنى كۆرەر مىللى ئىقتىسات ئىگىسى ئۇيغۇرنىڭ غەمگۈزارى ئاقسۇلۇق مەرھۇم مامۇت ئاكىمىز ئىدى.
شۇڭا باشقىلار ئۆزىنى ھەرقانچە پەردازلىسىمۇ شىڭشىسەي تەرىپىدىن تاغارغا سولىنىپ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان يوغان تۇماق بايلارنىڭ بۈگۈنكى ۋارىيانتلىرىدۇر خالاس.
مەن بىر قېتىم بىر باينىڭ مۇراببا زاكات قىلىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئۈستىگە بېرىپ قالدىم. تېتىدىم. مۇراببانىڭ ۋاقتى ئۆتكەن. "ھاي، باي ئاكا بۇ نىمە قىلىق ؟" دىگەن سوئالىمغا، "چاتاق يوق مانا..." دەپ ئاغزىغا مۇراببادىن بىر قوشۇق سالدى. مېنىڭ ئىچىم ئېلىشىپ كەتتى. ھۆرمەتنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا " راست چاتاق يوقكەن. سەن يىيەلمەيدىغان نەرسىمۇ يوقكەن." دىدىم.
پۇل ئۈچۈن سېسىپ كەتكەن "مۇراببا"نى يەۋاتقان بۇنداق قاتلامدىن يەنە نىمە ئۈمۈت كۈتىسىز ؟
زۈلۈك دەپ بىر جانىۋار بار. ئۇ ئادەمنىڭ قېنىنىلا شورايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قوڭىدىن تۇتام توشقۇدەك نەرسە چىقمايدۇ. شۇ قاننى شوراۋېرىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە نامرات مىللەتنىڭ قېنىغا ئوخشايدىغان تۆت تال پۇلىنى قانداق قىلىپ سۇغۇرۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن بۇ قاتلامنى قانداق سۈپەتلەشنى مەنمۇ بىلەلمىدىم.
لۈشۈن بالا-چاقىسىغا "ھەرگىزمۇ يازغۇچىلىق كوچىسىغا كىرىپ قالماڭلار" دەپ ۋەسىيەت قىلغان. نىمە ئۈچۈن شۇنداق ۋەسىيەت قىلىدۇ ؟
يازغۇچىلىق ئۆزىنىڭ نېنىنى يەپ خەقنىڭ غېمىنى يەيدىغان كەسپ. سېنىڭ نېنىڭ ھامىنى تۈگەيدۇ. ئەمما سەن يەۋاتقان غەم مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. بۇنداق تەڭسىزلىكنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ؟ دەل بوۋىمىز موللا موسا سايرامىدەك مۇھتاجلىق بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئېغىر روھىي بېسىمدىكى كەسپنىڭ ئاتا ۋارىسى ئاسانلىقچە چىقمايدۇ. موزدوزنىڭ بالىسى موزدۇز بولۇشقا رازىكى ئەمما يازغۇچىنىڭ بالىسى يازغۇچى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئائىلە يازغۇچىلىققا كىكىرىپ كەتكەچكە ئەۋلاتلىرىنىڭ يەنە يازغۇچى بولۇشنى خالىمايدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك ؟
بوۋىلىرىمىز موللا موسا سايرامىلار قانداق ئۆلدى ؟!
كۇچا دېھقانلار قوزغۇلىڭىغا قاتناشقان بۇ ئەرك سۆيەر ئەزىمەتنىڭ ۋەتەن-مىللەت ئىشقىدا لەختە قان بولغان يۈرەكلىرى ئىللىقلىق ۋە ھېسداشلىق كۆرمەستىن ئۆلدى. بىراق ئۇ ئۆز ئۈستىگە ئاللە تەرىپىدىن يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ ئاندىن ئۆلدى.
شۇڭا دەيمىزكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سادىق ۋارىسلىرى ھەرگىزمۇ ئۆز تەغدىرىنى ئەشۇ ھىممەتسىز قاتلامنىڭ ئىنسابىغا باغلايدىغان نەتىجىسىز ئىشتىن ساقلانغاي. مىللەت تەغدىرىدىكى ئەڭ چىداملىق ۋە ھاياتىي كۈچى يۇقۇرى بولغان بۇ ئادەملەر گادايلىق ئىچىدىكى قەيسەرلىكنى، قىيىنچىلىق ئورىۋالغان ئېتىقادىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغاي. نامراتلىق ئىچىدىمۇ " تارىخى ھەمىدى" دەك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ياراتقاي. ئىنشائاللە....
ناۋادا سىلەر بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىسەڭلارلا ئەلھەمدۇلىللە....ئەلھەمدۇلىللە.....ئەلھەمدۇلىللە !
بۇ مىللەت ھەرقانداق كەلگۈلۈككە بەرداشلىق بېرىپ مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
چۈنكى سىلەردە پۇچۇق ناننى يەپ، مىللەتنىڭ تاغدەك غېمىنى يەيدىغان جاسارەت بار. پۇلغا مەنسەپكە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان جاسارەت بار. دەل مۇشۇ جاسارەتنىڭ كۈچى بىلەن قوڭۇڭلاردا ئىشتان قالمىسىمۇ مەردانە ياشايسىلەر. سىلەر مەردانە بولغاچقا بۇ مىللەتنىمۇ يىراقتىكى نامەلۇم كەلگۈسىگە مەردانە باشلاپ كىرەلەيسىلەر.
قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىك ئازراق تەكلىپ بار.
كۆز ئالدىمىزدا ھەتتا سالام-سائەتمۇ تاۋارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. كىتاپ نەشىر قىلىپ تۆت تال پۇل تېپىشتىن ئۈمۈت يوق. ئەمما سىلەر قوسۇقۇڭلار تويۇپ، ئۇزۇنراق ياشىمىساڭلار بولمايدۇ. شۇڭا ئەھۋالىمىزغا يارىشا ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى كىرىم يارىتىدىغان يوللارنى ئىزدىسەك ئەيىپ ئەمەس. مەسىلەن دوڭكۆۋرۈكتە ئولتۇرۇپ مەرىكە ئىگىسىنىڭ ئارزۇسىغا يارىشا باغاق يېزىپ بېرىش، يازالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىقتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئەدەبىيلەشتۈرۈلگەن ئائىلە ياكى جەمەت شەجەرىسىنى يېزىپ بېرىش، قىزىققان كىشىلەرگە كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ئەسلىمە يېزىپ بېرىش دىگەندەك.....
بۇلارغا ئالاھىدە نەشىريات ئىجازىتى لازىم بولمىغاندىن كېيىن تىرىكچىلىكىمىزگە ئاز-تولا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس. ئويلايمەنكى يۇقۇرقى كەسپلەر بىزنىڭ ئۆزگەرمەي رەڭسىز ئۆتۈۋاتقان مەدەنىي تۇرمۇشىمىزدا ئويلاپ باقمىغان رەڭدارلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قېلىشىمۇ ھەم مۇمكىن.
مەن يۇرتىمىز ئاقسۇدىكى يازغۇچىلارنى تولۇق بىلمەيمەن. ئەمما ئاقسۇ خەلقىنىڭ نۇرغۇن پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يازغۇچى، شائىرلىرىمىز. ژورنالىست ۋە مەدەنىيەت ساھىبلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ تېنىغا سالامەتلىك، روھىغا مۇستەھكەملىك تىلەيمەن.
بۇلاردىن باشقا تور ئەدەبىياتىنىڭ ئاقسۇدىكى ئاپتورلىرىنى تولۇق بىلمەسلىكىم مۇمكىن. شۇڭا مەن نام-شەرىپىنى ئېنىق ۋە ئاشكارە بىلىدىغان يازغۇچىلاردىن ۋەكىل خاراكتىرلىك تۆۋەندىكىلەرنى ئەسلەيمەن. بۇ ئۇستازلارنىڭ بىزگە قىلغان مىننەتسىز ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
بىزنىڭ بىر يىگىتىمىز بار. ئۇنىڭ ئىسمى زۇلپىقار بارات. بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتى توغرىسىدىكى نۇرغۇن مۇلاھىزىلىرى بىلەن بىزگە دەرس بەرگەن. بىزدە ئويلىنىش ۋە ھېس قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر يازغۇچى ھازىرمۇ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ كۈنسېرى گۈللىنىشى ئۈچۈن توختاۋسىز قەلەم تەۋرىتىپ بىزنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن قۇرغاق مەنىۋىيىتىمىزگە نان-سۇ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ سەھىپە ئارقىلىق تور ئەدەبىياتى ئۈچۈن خالىس قەلەم تەۋرىتىۋاتقان جەمىيەتشۇناس، يازغۇچى زۇلپىقار بارات (ئۆزباش)قا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
مەن بوزقىرنىڭ مەلۇم ئەسىرىگە چۈشكەن مۇنداق بىر ئىنكاسنى ئوقۇغان ئىدىم. "...ماڭا پەقەت بوزقىرلا خەنزۇ تىلى بىلىدىغاندەك بىلىنىدۇ."
بۇ قىسقا ئەمما غايەت زور مەنانى سىغدۇرغان جۈملىنى ئوقۇغان چېغىمدا مۇدھىش بىر يالغۇزلۇق ئەتراپىمنى قورشىۋالغان ئىدى. ئارىمىزدىكى باشقا تىلنى بىلىدىغان ساماندەك نۇرغۇن ئادەملەرگە نېسبەتەن غازىيانە ئاقسۇدىكى يىگانە بوزقىرنىڭ تىرىشچانلىقى بىزگە باياۋاندا ھاياتلىقتىن نىشانە بېرىپ كېلىۋاتقان كىچىك ئەمما يورۇق ئۇچقۇندەك تەسىرات بەردى.
ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەرجىمىلىرى بىزگە ئورتاقلىقنى بىلدۈردى. دۆلەتنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئومومىيلىقنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ بىزگە جەمىيەتكە مەسئۇل بولۇشنى، گىراژدانلىق مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ھوقوقىمىزنى قولغا ئېلىپ كەلگۈسىمىزگە سەمىمى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتتى. توختى باقى ئاكىمىز ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى تۈگەتتى. بوزقىر ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ جەمىيەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە تامامەن لايىق ئەزىمەتلىكىنى نامايەن قىلدى. (يېقىندا قومۇللۇق بىر تىجارەتچىنىڭ بوزقىرغا قوشقار ھەدىيە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ تىجارەتچىدىن پەخىرلەندىم.)
ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە نەچچە ئونمىڭلىغان ئادەم خەنزۇچە بىلىدۇ. ئېنگىلىزچە ئۆگەنگىنىمۇ ئىتنىڭ قۇرىتىدەك كۆپۈيىۋاتىدۇ. ئەمما جەمىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بوزقىرغا ئوخشاش قوش تىللىق گىراژدانلارغا بولغان مۇھتاجلىقى يەنىلا مۇھتاجلىق پېتى تۇرىۋاتىدۇ.
مەن ئىلگىرى يازمىچە ماتىرياللار ئارقىلىق بىر تارىخ ئاشىناسىنى بىلەتتىم. ئۇ ھازىرمۇ تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ خالىس تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىگىت يازغۇچىلار تورىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى ئاقسۇلۇق يىگىتىمىز ئابدۇلۋاھىت مۆلجەرى.
مېنىڭ ئاقسۇغا بولغان تونۇشۇم بۇ ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق كېڭەيگەن. قىزىقىشىم ئۈزلۈكسىز يۇقۇرلىغان. ئۇ ئۆز دىيارىنىڭ سادىق ھەغداسى بولۇشقا تامامەن لايىق.
ئۇيغۇر تارىخى ئۆز ساپلىقىنى ۋە ھەقىقىيلىكىنى ساقلاپ قالالىسىلا ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. چۈنكى تارىخنىڭ سەمىمىلىكى كەلگۈسىنىڭ سەمىمىلىكىدۇر. ئابدۇلۋاھىتتەك تارىخشۇناسنىڭ خالىسلىقى كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر.
مەن يۇقۇرىدا ۋەكىل خاراكتىرلىك ئۈچ نەپەر ئەزىمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى لايىق تاپتىم. بۇ ئارقىلىق ئاقسۇدىكى بارلىق ئۇستازلارغا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋارىسلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم. چۈنكى كەلگۈسىدە ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پۈرسىتىنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. شۇڭا بۇ پۇرسەت مەن ئۈچۈنمۇ بىباھادۇر.
ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا نىسبى ئەركىن پىكىر مۇھىتى ھازىرلىغان تور ئەدەبىياتىدا، يازغۇچىلىرىمىز توردىكى قىسمەن ئازادىلىكنىڭ ئىككىلا تەرەپكە ئورتاق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. مۇنبەر سىزگە پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرگەندەك ئوقۇرمەنلەرگىمۇ شۇنداق ئىمكانىيەت بېرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەدھىيەلىرى بىلەن ھاقارەتلىرىنىڭ بولىشى بىز ئىزدەۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلىدۇر.
پىكىر قىلىش ئىنسان بالىسىنىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىشتىكى تۈپكى ئىپادىسى. بىزدە تارىختىن بۇيان پىكىرنىڭ ھەممىسىنى بىرنۇقتىغا يىغىنچاقلايدىغان ئارزۇ بولغان بىلەن شارائىت بولمىغاچقا ئوڭچىللىق ياكى سولچىللىققا ئادەتلىنىپ قالدۇق. مەركەز ئىدىيىنى ئازات قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بىزمۇ ئادەتلىنىپ قالغان بىيرۇكاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشايلى. ئادىل جەمىيەتتە پىكىر قىلىش ھوقوقى مەمۇردىلا ئەمەس بەلكى كۆكتاتچى ۋە موزدوزدىمۇ بولىدۇ. يازغۇچى يازالىغاندەك ساۋاتسىزنىڭمۇ تىلى بولىدۇ. ئاپتورلار ئارزۇ قىلىۋاتقان ھېلىقى " سۆز ئەركىنلىكى" ئاپتورغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالسا ئۇلار جەمىيەتتىكى يوقالمايۋاتقان يېڭى بۇيرۇقۋازلارغا ئايلىنىپ قالمامدۇ ؟
بىز خەلىقنىڭ پىكىر قىلالىشى شۇنداقلا خالىغانچە تىللىيالىشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىۋاتىمىز. مەيلى پىكىر بەرسۇن، مەيلى تىللىسۇن ياكى تۆھمەت قىلسۇن. بىر چەتتە تۇرۇپ توغرىلارنى قوبۇل قىلايلى، ھەسەتلەرنى پەرقلەندۈرەيلى، سەۋەنلىكلەرنى يەكۈنلەيلى. ھاقارەتلەرگە پەرۋا قىلمايلى. رىئاللىقتا ھېچكىمنى تىللىيالماي توردا بولسىمۇ خۇمىرىنى بېسىۋالغانلارغا شارائىت ياراتقانلىقىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنەيلى.
بۇندىن كېيىن دىمكىراتىيەلىشىش كېڭەيگەنچە تىللىشىش، تالىشىش تېخىمۇ ئاممىۋىلىشىدۇ. كەسكىنلىشىدۇ. شۇڭا يازغۇچى باسما ئەدەبىياتتىن يۇقۇرى تۇرىدىغان تور ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈنىشى كېرەك. بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق رەڭدار مۇلاھىزە ۋە ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ چېقىلغان نۇقتىسىدىن بىز ئارزۇ قىلىپ كەلگەن غايىۋى ئورتاقلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىشىنىشى كېرەك.
پەرھادنىڭ ھوجرىسى
سىز " پەرھاد-شېرىن" داستانىنى ئاڭلىغانمۇ ؟
مەنمۇ ئاڭلىغان. ھەممىمىز ئاڭلىغان.
پەرھاد-شېرىننى ھەممىمىز بىلىمىز. بىراق ئۇلارنىڭ ئاقسۇلۇق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيمىز.
ئاقسۇدىكى ساناقلىق چوڭلارنىڭ ئېغىزىدا بىر رىۋايەت بار ئىكەن. بۇ رىۋايەت زامانلارنىڭ شاماللىرىدا ئۇپۇراپ ھازىر بىر غېرىچلا قاپتۇ.
بۇ پەرھاد بىلەن شېرىننىڭ رىۋايىتىكەن.
بۇ ۋەقەلەر بىزنىڭ ئاقسۇدا، ئاقسۇدىكى باي بىلەن كۇچاردا يۈز بەرگەن ئىكەن....
ئېھتىمال كىشىلەر پەرھاد بىلەن شېرىن قانداق بولۇپ ئاقسۇلۇق بولۇپ قالىدۇ دىيىشى مۇمكىن. سۇلتان سەئىدخان، تۇغلۇق تۆمۈرخان، مەھمۇت غەزنەۋىنىڭ، ئەھمەت يەسەۋىلەرنىڭ كۇچادىكى مازىرىغا مەنمۇ ئىشەنمىدىم. ئەمما پەرھادنىڭ ياتقان جايى باينىڭ قىزىل دىگەن يېرىدە ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم.
.......چۆلتاغنىڭ باي بىلەن كۇچا ئۇچراشقان يېرىدە بىر كام مىڭ ئۆيدىن قۇرۇلغان بىر شەھەر بار ئىكەن.
بۇ شەھەرنىڭ پاراڭلىرى يايلاقلاردىن، قۇملۇقلاردىن، قېلىن ئورمانلاردىن ئۆتۈپ سوغۇق پەرەڭ ۋىلايەتلىرىگىچە يېيىلغان ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ شۆھرىتىنى ئىگىز تاغلار، ھەيۋەتلىك دەريالار، بىپايان دېڭىزلار توسالمايدىكەن. شۇڭا جاھاننىڭ يەنە بىر قېتىدىكى قەۋملەرمۇ بۇ شەھەرنى بىلىدىكەن.
مەغرىپ-مەشرىقتىمۇ يوق بۇ شەھەر بىزنىڭ ئاقسۇدىكەن. بۇ شەھەرنى پەرھاد دىگەن يىگىتىمىز كۇچارلىق شېرىن دىگەن قىزىمىزغا ئاتاپ ياسىغان ئىكەن...
كۇچار خانىنىڭ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزى بارئىكەن. سەۋزىرەڭ ھۆسنى، ھىلال قاشلىرى، كىيىكتەك مۆللىتە قاراپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن. بىر قارىغاننىڭ يەنە قاراشقا جۈرئىتى قالمايدىكەن. ئۇنى كۆرگەن سۈتمۇ قېتىققا ئايلىنىپ قالىدىكەن. بىر پارچە مۇزدىنمۇ ئىسسىق ھور ئۆرلەيدىكەن.
ئەمەليەتتە شېرىننى شېرىن قىلغان ئۇنىڭ خۇلقىكەن. ئۇنىڭ خۇلقىدىن تاراۋاتقان نازاكەت بىلەن مۇلايىملىق باينىڭ بايلىقىنى، گاداينىڭ گادايلىقىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن.
شېرىنغا ئاشىق بولغانلارنىڭ سانى يوقكەن. ئادەملەر توي-تۆكۈندە، نەزىر-چىراقتا، ئېتىزدا، مەھەلىدىكى دوقمۇشتا بىر شېرىن بىلەن ئۇنىڭغا كۆيۈۋاتقان مىڭ ئاشىقنىڭ پارىڭىنى سالىدىكەن. باشلىرىنى چايقىشىدىكەن. ئىشىق ئوتى يامانكەن. پالانچى بەگنىڭ بالىسى، پۇستانچى ئاخۇنۇمنىڭ نەۋرىسى.....كېسەلكەن. ئۇلارنىڭ چىرايى سېرىق، كۆزلىرى خۇنۈك، چىرايى نۇرسىز ئىكەن. ئىشىق دىگەن ئادەمنى تۈگەشتۈرىدىكەن.
بايدا سايرام دەيدىغان بىر يۇرت بار ئىكەن. بىز سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ۋەقەدىكى يىگىت مۇشۇ سايراملىق پەرھادكەن.
پەرھادنىڭ غەيرىتى ئۈستۈنكەن. كۆزى ئۆتكۈركەن. يېققىنىلا ئەمەس، يىراق-يىراقنىمۇ كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلى كۆپ-كۆك ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇۋاتقان بۇركۈتكەن.
پەرھادمۇ شېرىنگە ئاشىقكەن. ئەمما چىرايى سېرىق ئەمەسكەن. كۆزىدىن ئوت يانىدىكەن. بىراق شېرىنغا ئەلچى ئېۋەتەي دىسە خان بىلەن تەڭلەشكۈدەك ھەشەمىتى ياكى بايلىقى يوقكەن. بوپتۇلا دەي دىسە يىگىتلىكى "بوپتۇ" دىمەيدىكەن.
ئۇ چاغلاردا تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ كەلگەن تەلۋىچۈك دەرياسى، قىزىل دەرياسى ۋە قاراسۇ، مۇزارت دەريالىرى ھازىرقى چۆلتاغقا بېرىپ توسۇلىدىكەن. تۆت دەريانىڭ سۈيى بۇ يەردە بىرلىشىپ قىزىلدىن ياقىئېرىققىچە چەكسىز دېڭىزدەك دولقۇنلاپ يېيىلىدىكەن.
كونىلارنىڭ دىيىشىچە شۇ كۈنلەردە كۇچار خانى شېرىنغا خېرىدار بولغانلارغا پەرمانى شەرت ئېلان قىلغان دەيدۇ. ئارسىلانخاننىڭ پەرمانىدا شېرىننىڭ مەھرى ھەققىگە ئەشۇ دېڭىزنىڭ سۈيىنى كۇچارغا باشلاپ كېلىش تەلەپ قىلىنغان دەيدۇ.
ئارسىلانخاننىڭ تەلىۋى ئەتراپقا يېيىلىپتۇ. نۇرغۇن ئاشىقلارنىڭ قۇلىقىغا كىرىپتۇ. ئادىمىزات ئاڭلاپ باقمىغان بۇنداق تەلەپ ئۇلارنىڭ يۈرىگىدىكى ئوتنى سوغاق سۇدەك بېسىپتۇ.
خاننىڭ شەرتى پەرھادنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپتۇ.
ئارسىلانخاننىڭ شەرتى كۆيۆئوغۇلدىن بايلىقنى ياكى گادايلىقنى تەلەپ قىلمايدىكەن. مەردانە يۈرەك بىلەن يانماس بىلەكنى تەلەپ قىلىدىكەن. خۇدايىم پەرھادقا بايلىق بەرمىگەن بىلەن بۇلارنى بېرىپتىكەن.
پەرھاد ئالدى بىلەن دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئېتىنى مىنىپ كۇچاغا بېرىپتۇ. ئاتنى سېتىپ كۇچادىكى ئەڭ ئۇستا تۆمۈرچىگە دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق مېتىن ۋە سۈمبىلەرنى ئەڭ مۇستەھكەم بازغانلارنى سوقتۇرۇپتۇ.
پەرھاد بايغا قايتىپ كېلىپ روزىغارىدىكى ئاخىرقى قۇناق ئۇنىنىڭ ھەممىسىنى تالقان قىلىپ قورۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ جاھاننى زىل-زىلىگە سالغان تاغنى يېرىپ سۇ باشلاش ۋەقەسى بايدا باشلىنىپتۇ.
پەرھادنىڭ تاغنى يېرىۋاتقانلىقى بايغا، بايدىن چىقىپ كۇچارغا، جىمىكى يۇرت-خالايىققا مەشھۇر بوپتۇ.
ئادەملەر ئارسىلانخاننىڭ شەرتىنى ئاڭلىغاندىلا كۈلگەن ئىكەن. "شېرىنجان ئاچچىق كىشمىشكەن.ھېچكىم يىيەلمەيدىكەن" دىيىشىپتىكەن. پەرھادنىڭ ۋەقەسىنى ئاڭلاپ يەنە كۈلۈپتۇ. "بەش بازغان، بىر خالتا تالقان بىلەن تاغنى يارغۇدەك. نى-نى بايلار قىلالمىغاننى بىر گاداي قىلغۇدەك....." دىيىشىپتۇ.
ئوردىدا، خىلۋەتتىكى ھەرەم-ھوجرىلاردىمۇ مۇشۇ پاراڭكەن. ئوردىنىڭ ئاكابىر-ئەشرەپلىرى كۇسۇلدىشىدىكەن. تۇمشۇقلىرىنى تۇتۇپ پىخىلدىشىدىكەن. كېنزەكلەر شىۋىرلىشىدىكەن. قاش-كۆزلىرىنى سۈزۈپ، ئۇلۇق-كىچىك تىنىشىدىكەن." توۋۋا خۇدايىم؟!.....بۇ قانداق تەلۋىلىك ؟!....بىر جېنىغا-ھە...." شۇنداقتىمۇ يۈرەكلىرى ئىسسىق بولىدىكەن. باشلىرىنى سىڭايان قىلىپ، كۆزلىرىنى نەگىدۇر تىكىپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خىياللارنى سۈرىدىكەن.
ھەرەمدىكى چاخچاق-تەنىلەر ئۇلغۇيۇپتۇ. شېرىننىڭ قۇلىقىمۇ تۆشۈكتە. ئاخىرى بۇ گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغىمۇ كىرىپتۇ. ئۆزىگە ئاتاپ تاغنى يېرىۋاتقان پەرھادنى ئاڭلاپتۇ. بارمىقىنى بوش چىشلەپتۇ. "تاغنى-ھە......" چىرايى يېنىككىنە قىزىرىپتۇ.
خالايىق نىمە دىسە دەۋەرسۇن. پەرھادنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيدىكەن. ئۇنىڭ قۇلىقىغا بازغان بىلەن مېتىن ئۇرۇلغان چاغدىكى ۋاڭىلدىغان ئاۋازلا كىرىدىكەن. ئۆيدەك قورام تاشلارنى سۈمبە قويۇپ تېشىدىكەن. ئاندىن مېتىن بىلەن يارىدىكەن. ئاخىرىدا بازغان بىلەن پارچىلايدىكەن. ئۇنىڭ پىكىر-خىيالى شېرىندىكەن. شۇنداق لەززەتلىك خىيال بىلەن قولىنىڭ ئاغرىقى، بېلىنىڭ تالغىنى يادىغا كېلەمدۇ ؟! ئىشلەۋېرىدىكەن. قوسىقى ئاچسا تالقان يەيدىكەن. بارا-بارا تالقانمۇ ئازلاپتۇ. كېيىچە سۇيىنى جىقراق قىلىپ ئىچىدىغان بوپتۇ. ئاخىرىدا ئۇمۇ تۈگەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈچۈك بۇيا شوراپ، تاغ ئۆچكىلىرىنى ئوۋلاپ قوساق توقلاپتۇ.
توقمۇ ئىشلەپتۇ. ئاچمۇ ئىشلەپتۇ. ئىشقىلىپ توختىماي ئىشلەپتۇ.
چۈمۈلە كىچىك بولسىمۇ غەيرىتى چوڭكەن. يەرنى تېشىدىكەن. خۇدايىم غەيرەتنىڭ جۈپتىنى مۇشاقەت قىلىپ يارىتىپتىكەن. ئۇلار بىر ئۆيدە ياشايدىكەن. ئىككىسىنىڭ بالىسى مۆجىزىكەن.
پەرھاد ئىككىنچى يىلى باھاردا تاغنى يېرىپ بوپتۇ. دەريا سۈيى كۇچاغا قاراپ ئېقىپتۇ. بۇ دەريانى "ئۆگەن دەرياسى" دەپ ئاتاپتىكەن. بەلكىم بوۋىلار، پەرھادتىن "ئۆگەن" دەپ شۇنداق ئاتىغاندۇ.
ئۆگەن دەرياسى كۇچانىڭ باغۇ-بوستانلىرىنى سۇغۇرۇپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا قوشۇلىدىكەن. ئۇ يەردىن تەكلىك ماكاندىكى بىپايان ئۈزۈمزارلىقلارنى سۇغۇرۇپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى لوپنۇر كۆلى(يۇلتۇزلۇق دېڭىز)گىچە بارىدىكەن.
كۇچاغا ئېقىپ كەلگەن دەريا سۈيىنى كۆرگەن خەلقلەر ھەيران قاپتۇ. پەرھاد دىگەن يىگىتكە ھەيران قاپتۇ.
كۇچاغا، تارىمغا، تەكلىماكانغا ھاياتلىق سۈيى كەپتۇ. ئەمما بايدىكى بىپايان سۇنىڭ ئورنىدا بۈگۈنكى كۆلچەكلا قاپتۇ.
پەرھادمۇ تومۇزنىڭ ئىسسىقلىرىدا، زىمىستاننىڭ سوغ-شىۋىرغانلىرىدا ئاچ-توق ئىشلەپ چارچاپتۇ. باينىڭ ھەيۋەتلىك يىگىتى ئورۇقلاپ كىچىكلەپ قاقشال توغراقتەكلا بولۇپ قاپتۇ.
سۇنىڭ كۇچاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ شەھەردە، ئوردىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ باشلىنىپتۇ. شۇنچە ۋاقىتتىن تاغ يېرىۋاتقان پەرھادنىڭ غېمىنى يىمىگەن خەلق ئەمدى شېرىننىڭ غېمىنى يىيىشكە باشلاپتۇ.
" قانداق گەپ بولدى !؟....ئۇنچىلىك سۇنى بىزمۇ ئەپكېلەتتۇق....مانا ماڭايلى دىگۈچە بۇ ئىش چىقىپتۇ....خان بۇنى قانداق يىغىشتۇرار. ئەمدى نازاكەتلىك شېرىننى ئەشۇ يالاڭتۆشكە بېرىمىزما ؟!.....
خەلق ھەيرانكەن. پەرھاتقا قايىلكەن. قولى دۇئادىكەن. بىراق ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، قەلەمدارلار غۇلغۇلىدىكەن. چوڭ بولۇپ ئاڭلىمىغان ئىشكەن. "خاننىڭ قىزى ئەمدى گاداينىڭ خوتۇنىمىكەن ؟! شاھانە سارايلارغا كۆنگەن شېرىن سايراملىقنىڭ كەپىسىگە كۆنەلەرمۇ؟....."
ئۇلارنىڭ ئېغىزى تۆشۈككەن. تۆشۈكتىن ھەممە نىمە چۈشۈپ قالىدىكەن.
بولىۋاتقان گەپ-سۆز پەرھادنىڭمۇ قۇلىقىغا يېتىدىكەن. ئەمما ئاچچىقى كەلمەيدىكەن. بىچارىلەرنىڭ ھالىغا كۈلگۈسى كېلىدىكەن.
نىمىشقىدۇر شۇ چاغقىچە پەرمانى شەرت ئېلان قىلغان ئارسىلانخاندىن خەۋەر يوقكەن. چۈنكى خان شۇ چاغلاردا بۈگۈردىكى بىر قەبىلىنىڭ مالىمانچىلىقى بىلەن غەمدىكەن.
پەرھادنىڭ قۇلىقىغا مەسخىرە-تەنە كىرىۋېرىپتۇ. يىگىتنىڭ غۇرۇرى چىڭقىلىپتۇ. نامەرتلىك ۋە چىدىماسلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ پەرھاد ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. ئۇ چۆلتاغنىڭ باغرىغا شېرىن ئۈچۈن ساراي سېلىشنى نىيەت قىپتۇ.
پەرھادنىڭ يۈزى قىزىلكەن. بۇ قىزىللىق يۈەكتىكى ئوتتىنكەن. ئۇ يۈرىگىدىكى ئوت بىلەن ئەشۇ تاغنى قىپ-قىزىل قىزارتىدىكەن. شېرىنغا ئاشىق مىڭ يىگىت مەيدىسىنى نەمگە چاپلاپ ياتىدىكەن. ئەمما بىزنىڭ پەرھاد شېرىنغا ئاتاپ مىڭ ساراي سالىدىكەن.
پەرھاد تاغنى ئويۇشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ قۇلىقى ھېچنىمىنى ئاڭلىمايدىكەن. ئۇنىڭ قۇلىقى مېتىن بىلەن بازغاندىن چىققان جاراڭلىق سادانىلا ئاڭلايدىكەن.
ئايلار ئۆتۈپتۇ. يىللار ئۆرۈلۈپتۇ. بىزنىڭ پەرھاد تاغقا قاتا-قاتار ھوجرىلارنى قېزىپتۇ. ئازادە مېھمانخانىلارنى ئويۇپتۇ. بۇ ئۆيلەرگە يازنىڭ تىنجىقىدا ئاپتاپ چۈشمەيدىكەن. قىش كۈنلىرىدە ئىللىق كۈن نۇرى توسالغۇسىز كىرىدىكەن. ئۆيلەرنىڭ تورۇسلىرى كېمىر قىلىپ ئويۇلغاچقا تومۇزدا سالقىن، قىشتا ئىللىق بولىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ تاغ باغرىدا چىرايلىق نەقىش-سۈرەتلەر بىلەن بېزەلگەن ھەيۋەتلىك بىر شەھەر پەيدا بوپتۇ. ئەتراپتىكى خەلقلەر كېلىپ ئۇنىڭ سارايلىرىنى كۆرۈدىكەن. شەرقتىن غەرپكە، شىمالدىن جەنۇپقا ئۆتۈۋاتقان كارۋانلار بۇ يەردە چۈشۈپ ئۇنىڭ ئاجايىپ ھۈنىرىدىن ھوزورلىنىدىكەن. ئاندىن پەرھاد بىلەن شېرىننىڭ ۋەقەلىرىنى ئېلىپ نىزارىنىڭ يۇرتىغا، يىراقتىكى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ يۇرتلىرىغا كېتىدىكەن.
يەنە بىر يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ چاغدا پەرھاد توققۇز يۈز توقسەن توققۇز ئۆينى ياساپ بولغان ئىكەن. پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ھوجرا يەنى شېرىن بىلەن ئۆزىنىڭ ھوجرىسى قالغان ئىكەن.
پەرھاد چارچىمايدىغان ئەۋلىيا ئەمەسكەن. ياكى ھېرىمايدىغان دىۋە ئەمەسكەن. بىر ئىنسانكەن. تاغنى يېرىپ، سارايلار قېزىپ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كۈچ-ماغدۇرنى ئېلىپ كېتىپتۇ. يۈرىگى بىلەن كۆزىدىكى ئوتتىن باشقا جىسمىدا قۇۋۋەتتىن ھېچنىمە قالماپتۇ.
بىراق ئەڭ ئاخىرقى ھوجرا، ئەڭ مۇھىم ھوجرا تېخى پۈتمەپتۇ.
پەرھاد قەلبىدىكى ئىرادىنى ئاخىرقى ئوزۇق قىپتۇ. يۈرەكتىكى ئىشەنچىنى ئەڭ ئاخىرقى يېپىنچا قىلىپ ئىشلەشكە تىرىشىپتۇ....
ئەمدى شېرىننىڭ پارىڭىنى ئاڭلايلى.
شېرىن تاغنىڭ يېرىلغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. بايدىن كۇچاغا كەلگەن سۇ بىلەن زىرائەتلەر كۆكلەپتۇ. ئەمما ئوردىدىكىلەر ھېلىقى پەرماندىن ئېغىز ئاچماپتۇ. بىر كۈن قاراپتۇ. بىر ھەپتە قاراپتۇ. بىر ئاي قاراپتۇ. بۇغدايلار پىشىپتۇ. مىۋىلەر قاق بوپتۇ. يەنىلا خاندىن خەۋەر بولماپتۇ. بۇ چاغدا شېرىنجان پەرھادنىڭ ئۆزىگە ساراي قېزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. شېرىن نومۇس كۈچىدىن پەرھادنىڭ مۇكاپاتىنى خاندىن سورالماپتۇ. يەنە چۆگۈلەپ باھار كەپتۇ. ئۆگەن دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن زىمىن كۆكلەشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا شېرىن "يېتەر!.."دەپتۇ. ھېچكىمگە تارتىشماي، ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالماي بايغا قاراپ مېڭىپتۇ. چۈنكى شېرىن بىلەن پەرھادنىڭ ئىجازىتى ئۈچ يىل بۇرۇنلا بېرىلىپتىكەن.
شېرىن دەريا بويلاپ پەرھادنى ئىزدەپ تاغقا يول ئاپتۇ....
بىز ئەمدى پەرھادنىڭ يېنىغا بارايلى.
....پەرھاد تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ ئاخىرقى ھوجرىنىڭ ئىشىكىنى ئويۇشقا باشلاپتۇ. ئەمما ھالىدىن كېتىپ يېتىپلا قاپتۇ. تاشلارغا ئېسلىپ بېقىپتۇ. تۇرالماپتۇ. چاكاندىلارنى قاماللاپتۇ. تۇرالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ پەرھاد ئورنىدىن تۇرالماپتۇ.
پەرھادقا ئۆزى ئۈچۈن ھوجرا قېزىش نېسىپ بولماپتۇ.
پەرھادقا ئىگىز تاغلارنى، يۈزلىگەن سارايلارنى قازدۇرغان خۇدا، بىر ھوجرىنى قازدۇرماپتۇ.
چۈنكى بۇ ئالەمدە پەرھادنىڭ ھوجرىسى يوقكەن. پەرھاتنىڭ ھوزورى، ھالاۋىتى يوق ئىكەن.
ئاخىرقى ھوجرىنىڭ بوسۇغىسىدا ياتقان پەرھادنى ئەجەل كېلىپ مۇھەببەت بىلەن ئاستا قۇچاغلاپتۇ......
"كۈن ئولتۇردى مەغرۇپ سارىدا قىزىل،
قىزىللىق ئىچىدىن كۆرۈندى قىزىل.
......."
شۇ كېچە تاغ ئارىسىدا يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئىچ-ئىچىدىن بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان ئاۋازلار بارغانچە كۆپۈيۈپتۇ. يىغا ئاۋازى كېچىچە ئۈزۈلمەپتۇ. شۇندىن كېيىن ئەتراپتىكىلەر بۇ تاغنى "يىغلاڭغۇ تاغ" دەپ ئاتاپتۇ.....
كۇچادىن يولغا چىققان شېرىن ئەتىسى سەھەردە پەرھاد سالغان شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ.
بۇ شەھەردە ئوردا، تىلاۋەتخانا، قوبۇلخانا، رەت-رەت ھوجرا، شاماللىق ئايۋانلارنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. بۇلارغا زىمىندىكى ئەڭ ئېسىل رەڭلەر بىلەن جاھاندىكى ئەڭ چىرايلىق سۈرەتلەر سىزىلغان ئىكەن. توپ ئويناۋاتقان ئادەملەر، ئېتىزلاردا ئەمگەك قىلىۋاتقان دېھقانلار، بازاردىكى سېتىقچى-خېرىدارلار، بىپايان يايلاقتىكى يىلقا-قويلار، چىرايلىق،كىيىنگەن،قىز-چوكانلار،سالاپەتلىك-مۆتىۋەرلەر..............سىزىلغان ئىكەن.
ئەتراپ قىزىل كۆرۈنىدىكەن. ئاشىقلىقنىڭ نىشانىدەك، يىگىتلىكنىڭ داستانىدەك قىپقىزىل تاۋلىنىدىكەن. تاغلارمۇ، تاش-تۇپراقلارمۇ، سارايلارمۇ ھەتتا ئوت-چۆپلەرمۇ قىزىلكەن. خۇددى بۇ يەردە تاڭنىڭ شەپىقى ياكى گۇگۇمنىڭ رەڭگىدىن باشقا رەڭ يوقتەك بىلىنىدىكەن.
شېرىنجان سارايلارنى ئايلىنىپتۇ. ھوجرىلارنى بىرمۇ-بىر ئىزدەپتۇ. شەھەردە پەرھادنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدىكەن. بازغان بىلەن مېتىننىڭ ساداسى ئاڭلانمايدىكەن. دەريائى ئۆگەننى، يۈزلىگەن سارايلارنى بار قىلغان ئادەم، بۇ جاھاندىن يوق بولغان ئىكەن.
شېرىن پەرھادنى ئىزدەپ ئۇنى يىقىلغان يېرىدىن تېپىپتۇ. تاغنى ئويغان، تاشنى يارغان پەرھاد تاغ باغرىدا مېتىننى چاڭگاللاپ، بازغاننى قۇچاغلاپ ياتىدىكەن.
پەرھات بارلىقىنى ئاتىغان شېرىننىڭ چىرايىنىمۇ كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. شېرىنمۇ پەرھاتقا بىر جۈملە گەپنى قىلالماپتۇ.
ئەتراپىدا تاڭنىڭ قىزىللىقىغا پۈركۈنۈپ تورغايلار سايرايدىكەن. مىڭلىغان تورغايلارنىڭ مۇڭلۇق نالىسىدىن باشقا ھەممە ئاۋاز يوقالغان ئىكەن. ئەمدى تورغايلارنىڭ نالىسىغا شېرىننىڭ نالىسى قوشۇلۇپتۇ. ئەڭ چىرايلىق قىزىمىزنىڭ ئەڭ ھەسرەتلىك نالىسى تاغ باغرىدا ياڭراپتۇ.
شېرىن "پەرھاد ! " دەپ چاقىرىپتۇ. ئىچىدىكى ھەسرەت ئازابىنى باسالماي توختىماي چاقىرىپتۇ. شېرىن توختىماي "پەرھاد ! " دەپ چاقىرىدىكەن. ئۇ ھەر-بىر چاقىرغاندا ئۇنىڭ ئاۋازى تاغلارغا، سايلارغا ۋە ئۆگەن دەرياسىغا سىڭىپ كېتىپتۇ. پەرھادتىكى(پ)پىراققا،(ئە)ئەلەمگە،(ر)رەشىككە،(ھ)ھىجرانغا،(ا)ئاھۇ-زارغا،(د)دەرتكە ئايلىنىپ ئۆگەننىڭ سۈيى بىلەن يىراقلارغا ئېقىپ كېتىپتۇ.
ئۆگەن بىلەن، تارىم بىلەن، لوپنۇر بىلەن بۇ زىمىنغا سىڭىپ كېتىپتۇ.
كېيىنكىلەر شېرىن بۇ ئازاپقا چىدىماي ئۆلىۋالغان دىيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر شېرىن شۇنداق نالە قىلىپ يۈرۈپ جاھاندىكى ئەڭ چىرايلىق تورغايغا ئايلىنىپ كەتكەن دىيىشىدۇ. يەنە بەزى قەلەندەر راھىپلار بىلەن يۇرت كېزەر ئاشىقلار ئاخىرقى ھوجرىنى قېزىۋاتقان شېرىننى كۆرۈپتۇمىش.......
مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، پەرھاد ساراي قازغان يەرلەردە ھازىرمۇ تورغايلار توختىماي سايرايدىكەن.
ئىلگىرى ئىنقىلاۋى شائىرىمىز تاجارىق جولدىباي ئوغلىنىڭ بىر شېئىرىنى تاساددىپى پۈرسەتتە كۆرۈپ قالدىم. بۇ شېئىر، يېنىك ئەمما ئۆتكۈر، ئاددى بىراق جەڭگىۋار قۇرلار بىلەن يېزىلغان بولۇپ ئاقسۇلۇق بىر يىگىتكە بېغىشلانغان ئىدى.
1945-يىللاردىكى زۇلمەتلىك تېرورلۇق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە گومىنداڭ ئارمىيىسىدە بىر ئوفىتسىر يىگىتىمىز بولىدىكەن. ئۇ ئاقسۇ باينىڭ سايرام دىگەن يېرىدىن بولۇپ پەرھات ۋە موللا موسا سايرامى بىلەن بىر يۇرتلۇقكەن.
بۇ يىگىت مىللى يوقۇتۇش مەخسىتىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى كۆرۈپ ھالاكەت گىرداۋىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. بىراق ئۇ تەشكىللىگەن ھەركەت مىللى ساتقۇنلار تەرىپىدىن پاش بولۇپ قالىدۇ.
بۇ يىگىت مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ قان-قەرزىگە بوغۇلغان، ئۆزلىرىنى پاش قىلغان مىللى مۇناپىقنى ئېتىۋېتىپ غۇلجىغا قاراپ ماڭىدۇ. بىراق ئۈرۈمچىدىن چىقمايلا قولغا ئېلىنىدۇ.
سوراقچىلار ئۇنىڭدىن گېنىرال جۇشاۋلىياڭنى قەستلەش ۋە ئايرۇدۇرۇمغا ئوت قويۇشقا ئوخشاش بىر قاتار پىلانلىرىدىكى شېرىكلىرىنى سورايدۇ. بۇلارنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق جېنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئېيتىدۇ. بىراق بۇ ئاقسۇلۇق يىگىت ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالىدۇ. ئۇ تۈرمىدە تەخمىنەن بىريۈز ئەللىك خىل قىيناق ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرىدا تېرىسى سويۇۋېتىلىپ، قىزىل ئەت پېتى جادۇ بىلەن توغراپ تاشلىنىدۇ.
قېرىنداش قازاقنىڭ پەرزەنتى، مەرھۇم شائىرىمىز تاڭجارىق جولدىباي ئوغلى، بۇ مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىكى قەھرىمانلىقى ۋە تارتىۋاتقان ئازاپلىرىغا قاراپ شۇنداق مىسرالارنى يازىدۇ.
......ئاڭلاپ تۇردۇم ئېلىشتىڭ،
پالۋانلارچە چېلىشتىڭ؛
ئەزىمەتسەن-يىگىتسەن،
تىز پۈكمەستىن سېلىشتىڭ.
ئاناڭ تۇققان ئەر سېنى،
ئېلىڭ باتۇر دەر سېنى؛
يۇمشاق بولۇپ بەرسەڭمۇ،
بۆرە ھامان يەر سېنى.
باتۇر ئەلنىڭ بالىسى،
ياماندۇر دىل ئالىسى؛
بىزنىڭ قاچان تۈگەركىن،
ئىشىمىزنىڭ چالىسى.
ئۇيغۇر تارىخىنىڭ موزىيى
ئاقسۇدىكى قىسقىغىنە زىيارەت جەرياندا بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم.
رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا دىنىي خاراكتىردىكى مازارلارنىڭ ئۇچراپ تۇرىشى نورمال ئىش. بىراق مىللى قەھرىمانلارنىڭ مازارلىرى ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدۇ. بولۇپمۇ ئىككى يۈز قىرىق يىللار بۇرۇنقى مىللى قەھرىمانلار مازىرىنىڭ ئاقسۇدا مۇكەممەل ساقلانغانلىقى مېنى شۇنچىلىك تەسىرلەندۇردى.
شۇ مىنۇتلاردا ئاقسۇ خەلقىغە نېسبەتەن قەلبىمدە چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھىسياتى كۆتۈرۈلدى. بۇنداق مىننەتدارلىق ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ئىدى.
بۇ مۇقەددەس ئىزلارنى بۈگۈنگە قەدەر زاماننىڭ تۈرلۈك شىۋىرغانلىرىدىن ئامان ساقلاپ قالغان ئاقسۇدىكى خەلقىمىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر. سىلەر تارىخىمىزنىڭ مۇقەددەس قۇرلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دەريا-دەريا قانلىرىڭلار ۋە سان-ساناقسىز جانلىرىڭلارنى سەرپ ئەتتىڭلار. شۇنداقلا بۇ ئىزلارنى بۈگۈنگىچە ئېلىپ كېلەلىدىڭلار.
سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز !
ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر يۇرتلىرى تىلغا ئېلىنسا ئاقسۇ ئالدىرىماي تىلغا ئېلىنىدۇ. قالغان يۇرتلارنىڭ "ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى" ئالدىدا ئاقسۇغا ئالدىراپ سان تەگمەيدۇ. بۇ بەلكىم ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئىستىكىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن كىچىك پېئىللىقىدىن بولسا كېرەك. مەدداھلىق سەنئىتى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نېسبەتەن بۇنداق كەمتەرلىك تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخىنى كۈزەتسەك ھەر بىر ۋەقە ئاقسۇدىن مۇستەسنا ئەمەس. تارىختىكى ھەرقانداق ھەركەتكە قاتناشقان پىدائىلار ئاقسۇ خەلقىنىڭ نان-چېيىنى يىمىگەن ئەمەس. خوجىنىيازغا "سەكسەن مىڭ قوي" يىغىپ بەرگەن خەلقىمىز، مىللى ئارمىيەگە باي ناھىيىسىدىنلا "بىرمىڭ بەشيۈز ئىشەككە يۈكلەنگەن ماددى ئەشيانى ئېۋەتىپ بەرگەن" ئىدى. كېيىن ئاقسۇ كونىشەھەردىن يولغا سالغان ياردەمنىڭ سانىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.
شۇ چاغدا ئاقسۇلۇقنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىدى ؟
ھەرگىزمۇ قازاندىن ئېشىپ چۆمۈچتىن تېشىپ كەتكەندەك باياشات ئەمەس ئىدى. بۇلار كۆك نامراتلىقتىكى مەردۇ-مەردانىلىق ئىدى. بۇ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمى. بىز ئىنچىكە ھىساۋات بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلساق ئاقسۇ خەلقىنىڭ دىيارىمىز ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ھەرگىزمۇ باشقا يۇرتلارنىڭ كەينىدە قالغان ئەمەس. ھەتتا ئاقسۇدا تۆكۈلگەن قاننىڭ مىقدارى ھەممە يۇرتنىڭ ئالدىدا تۇرىشىمۇ مۇمكىن.
مەن نىمە ئۈچۈن بۇ يەردە "يۇرتلار ئارا..." دىگەن مەزمۇننى چايناپ قالدىم؟
يازغۇچىلىرىمىز ياكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۆز يۇرتنى سۆيۈش مەخسىتىدە يۇرتىنى "ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆھپىكار يۇرت" دىگەندەك ياخشى نىيەتتە باھالىشى قالغان يۇرتلاردا بىنورمال چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماقتا. يۇرتىڭىزنى سۆيسىڭىز بولىدۇ. ئەمما باشقا يۇرت بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىلا ئەمەس بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدىمۇ نان يەيدۇ. شۇڭا "ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆھپىكار يۇرت" دىگەن بۇ ۋىروسلۇق جۈملىنىڭ زۆررىيىتى يوق. ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى. ناۋادا "كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن" دىگەندەك كۈچەپ كەتسەك نىيىتىمىزنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ قالىدۇ. بۇ پەقەت "يۇرتۋازلىق" دەپلا ئاتىلىدۇ. بۇنداق يۇرتۋازلىقنى قانداقلىكى ئۇسۇل قوللانمايلى ئىلمىلىككە كۆتۈرگىلى بولمايدۇ.
بىزنىڭ يەلكىمىزدە تارىخىمىزنىڭ مەلۇم دەۋرىدىكى "مۇنەۋۋەر يۇرت"نى بۈگۈن ھەتتا كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق مۇنەۋۋەر ھىساپلايدىغان ۋارىسمەنلىك مەجبۇرىيىتى يوق. قانداقتۇ "زىيالىيلار قوشۇنى" ياكى "كارخانىچىلار توپى" دىگەندەك ئىسسىقى يوق ئۇقۇملارمۇ كېرەك ئەمەس.
مەسىلەن؛ زىيالىيلار توپىنى نوپۇسقا نېسبەتلەشتۈرسەك قومۇلغا يېتىدىغان يۇرت يوق. قومۇلدىكى ئەۋزەللىك ھىساپلىنىدىغان "زىيالىلار نىسبىتى" ھېچنىمىنى بەلگىلىيەلمىدى ھەم بەلگىلىيەلمەيدۇ. "ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقىنى ياخشى مۈشۈك." بىزگە ھىممىتى يوق زامانىۋى كارخانىچىلاردىن ئىسسىقى تېگىدىغان ئاۋۇ مەرھۇم مامۇت ئاكىمىزدەك ئادەملەر. ئەشۇ ئاقسۇلۇقتەك ئەزىمەتلەر كېرەك.
مائارىپ كۆلەملەشكەن" دىگەن رەڭنى باشقىلاردىن پەرقلىنىشنىڭ بەلگىسى قىلىۋالمايلى. بولمىسا "ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپىنى قىسىر قىلغان" دىگەن قالپاققا قالىمىز. يەنە "ئىقتىسادى ئاڭغا ئىگە" دىگەن سۈپەت بىلەنلا ھىممەتسىز توختاپ قالمايلى. بولمىسا بۇنداق سۈپەت "ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇغداشقا ئېپى بار" دىگەن ئىزاھاتقا ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇن. بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى دىموكىراتىك ئىنقىلاپنىڭ بۆشۈكى بولسا يەنە بەزىلىرى يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى. يەنە بەزى يۇرتلىرىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسى بولسا بەزى يۇرتلىرىمىز قانلىق تارىخىمىزنىڭ موزىيىدۇر. بۇنداق سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلىغان يۇرت مەۋجۇت ئەمەس.
ئەجەبا بۇنداق چەمبەرچەس باغلانغان ئۇيغۇر يۇرتلىرى ئارىسىدا يەنە قايسى يۇرت ئايرىلىپ چىقالايدىكەن ؟! بىر يۈرۈش ئۇيغۇر تارىخى تەرەقىياتىنى قانداق "ئىقتىدارلىق يۇرت" ئۆز زىمىسىدە كۆتۈرەلەيدىكەن !؟
ئۇنتۇپ قالمايلى، بىزنىڭ يۇرتلىرىمىز يامان كۈنلەردە يۆلەك بولۇشقان. بىر ناننى تەڭ يەپ، بىر ئاكوپتا تۇرۇشقان. بىر قىلىچتا چېپىلىپ بىر لەھەتتە يېتىشقان.....
ئاقسۇ، دىيارىمىز تارىخى بىلەن شۇنچىلىك باغلىنىپ كەتكەنكى بۇ يۇرتقا نۇرغۇن يۇرتلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئاقسۇدىنمۇ باشقا جايلارغا ئاھالە كۆچۈرگەن. قىسقىسى ئاقسۇ خەلقىنىڭ يىلتىزى ھەر-بىر يۇرت بىلەن باغلانغان. مەن ئاقسۇدا قومۇلدىكى (قارامۇقچا ۋە قارادۇۋە) بەزى ئاز ئۇچرايدىغان جاي ناملىرىنىمۇ ئۇچراتتىم. لۇتپۇللا مۇتەللىپ(بوۋىسىنىڭ دادىسى ئاقسۇلۇق)نىڭ ھىكايىلىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (دەسلەپكى مائارىپ تەربىيىسىنى ئاقسۇدا ئالغان) لەرنىڭ قورا-جايلىرىنى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ(ئاقسۇلۇق)لارنىڭ ئىزلىرىنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم.
قومۇل خەلقى رايونىمىزدىكى باشقا يۇرتلارغا نېسبەتەن ئاقسۇغا ئەڭ كۆپ قەرزدار. ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى دەۋرىلىرىدە قومۇللۇقلار بۇ زىمىننىڭ ئاز بولمىغان تۇز-تائامىنى يىگەن. ئەشۇ يامان كۈنلەردە مۇساپىرلىق دەردىگە ئاقسۇلۇقتىن دەرمان تاپقان. كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىنقىلاپ ئىشلىرىدىمۇ ئاقسۇلۇقلار ئېزىز بالىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئەمما ھەر-بىر قوزغۇلاڭنىڭ خاتىمىسىدىكى نەتىجىلەر ئۇلارنىڭمۇ بېشىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن. ئاقسۇنىڭ كۈرەشتىن ئېشىپ قالغان جانلىرى ۋە ماللىرى دۈشمەن تەرىپىدىن قىرىلغان ھەم تالان-تاراج قىلىنغان. قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىغا ھەسسە قوشۇشتا ئاقسۇ بەزى تەرەپلەردىن ھەتتا قومۇلنىڭمۇ ئالدىدا تۇرۇشقا لايىق. شەخسەن ئۆزەمنى ئېيتسام بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن قەلبىمدە ئاقسۇغا نېسبەتەن غايىۋى بىر ھۆرمەت تىكلەنگەن ئىدى.
19
مەن ئىلگىركى يىللاردىكى مۇساپىرەتلىرىمدە ئاقسۇ خەلقىنى ئانچە كۆپ ئۇچراتمايتتىم. نىمىشقىدۇ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان باشقا يۇرتلارغا ئوخشاش سىرتقا چىققان ئاقسۇلۇقلارمۇ غولداپ كەتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا بۇنىڭ مەۋجۇت ئەھۋاللىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.
بۇنى قانداقتۇ تىرىكچىلىك ئېھتىياجى نۇقتىسىدىنلا چۈشۈنۈشكە ئامال تاپالمىدىم. چۈنكى بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئارىسىدا يۇرتداشلىرىغا قارىغاندا ھال-ئوقىتى ياخشى ۋە ياكى ئاڭ-ئىدىيەسى يۇقۇرىلار ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.
مەن ئاقسۇنى ئەڭ ياخشى يۇرتلىرىمىزنىڭ بىرى دەپ بىلىمەن. بۇ يەردە نورمال تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتى بولسىلا ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەخىتلىك ياشىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن بىزنىڭ دىيارىمىزنى ئەڭ ياخشى دەپ بىلىمەن. مەنلا ئەمەس، پۈتۈن مەلىكەت خەلقىمۇ "ۋومېن شىنجاڭ خو دىفاڭ" دەپ بىلىدۇ. مەملىكەت خەلقى شۇنداق دەۋاتقان يەردە بىزدەك تۆت تال ئۇيغۇر ئەشۇ ياخشىلىقتىن بەھرە ئالالمىساق قانداق بولىدۇ ؟
ھۆپۆپمۇ ئۆز يۇرتىنى(ئەسكى سوقمىلىقنى) سۇلايماننىڭ ئوردىسىدىن ياخشى ساناپتىكەن. چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىدا قىسىلمايدۇ. "ئولتۇر، تىك تۇر، تۈز تۇر" دەك بۇيرۇقلارغا ئۇچرىمايدۇ. خالىسا ئۇچىدۇ،خالىسا قونىدۇ. ئەركىن ھاۋادىن نەپەس ئالىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىسا ئەشۇ ھۆپۆپ جېنىدا ئۆز يۇرتىدا تۇرمايدۇ. چۈنكى بۇ يۇرت ھۆپۆپنىڭ جېنىغا زىق بولىدۇ.
بۇ يەردە قانداقلا بولمىسۇن تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلەپ قويۇشنى گىراژدانلىق مەسئۇلىيىتىم دەپ ئويلۇدۇم.
بىز ئاساسى قانۇندىن ئىبارەت مۇتلەق ئادىللىقنى ھىمايە قىلغان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز. ھەرقانداق بىر ساھەنىڭ خاس قانۇنى ياكى يەرلىك نىزام-قائىدىلىرى ئاساسى قانۇننى مەنبە قىلغان بولىدۇ. ناۋادا تارماق قانۇنلار ئاساسى قانۇن ماددىلىرى بىلەن زىتلىشىپ قالسا بىزدە زىدىيەتلىك ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز مىللىتىرازىم بىلەن ئەمەس بەلكى ئاساسى قانۇن بىلەن يۇرت سوراۋاتىمىز. شۇڭا ئاساسى قانۇننى تولۇق ئۆگۈنۈپ، ئاندىن شۇ ئاساستا قالغان نىزام-قائىدىلەرنى تۈزەش قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ بۇرچى. ئەگەر بۇ بۇرچنى ئادا قىلالمىساق بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيەتنى يەنە خەلققە يۈكلەپ قويامدۇق ؟!
قومۇلدا ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا بىر مائارىپچىنىڭ رادىئو نۇتىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بەزى كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشىگە چەك قويىدىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ مائارىپچىنىڭ كاپىتالىزىمنىڭ سېسىق نەزىريەسىنى سوتسىيالىزىمنىڭ مائارىپ مەيدانىدا ئۈلگە قىلغانلىقىدەك قاپيۈرەكلىكى. ۋاستە تاللىماستىن مەخسەتكە يېتىشكە ئۇرۇنىشى. مائارىپ ئورنىدا دىنىي ئەخلاقتىن تەمسىل ئېلىپ تەربىيە قىلىش چەكلىنىدۇ. ئەمما ئاۋۇ ئەجنەبىيپەرەسنىڭ شالىنى ئېقىتىشى ھۆرمەتلىنىدۇ. بۇ قانداق مەنتىقە ؟ بۇ ئۆز قارارىغا ئىشەنمەيدىغان مەنتىقە.
بىز يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قەدەر مەدەنىيلىكنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. چۈنكى مەدەنىي جەمىيەت قۇرۇلمىسىغا ھەۋەس قىلىۋاتىمىز. مەركەز مەدەنىيەتتە چوڭ دۆلەت ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەدەنىيەتنىڭ تەخىرسىز قوغدۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەركەزنىڭ پەرمانى كۈن نۇرىغا ئوخشاش ئىگىزگىمۇ پەسكىمۇ ئوخشاش تېگىدۇ. بۇ پەرمان ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە تېگىپ، بۇ يەرگە تەگمەيدىغان بۇلۇت توسىۋالغان كۇن نۇرى ئەمەس. بىز بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغىغا ئىگە دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى پەقەت چاڭچىلە بىلەن ياڭگېرنى ياكى مۇقام بىلەن ئۇسۇلنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ھەر-خىل مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللى ئادەت-كىيىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا شۇنداق كۆپ مىللەتلەرنىڭ رەڭدار مەدەنىيەت ئاساسلىرى بىلەنلا جوڭگو مەدەنىيىتى دۇنيا خەلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ كۆپ رەڭلىك ۋە كۆپ قىرلىق نامايەندىلىرى ئارقىلىق شۆھرەت تېپىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەجەبا بۇنداق زور كۆلەملىك يۈزلىنىش بىزنىڭ بىر قىسىم مەدەنىيەتسىز ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىغا ھېلىغىچە تەسىر قىلمىغانلىقى بىزنىلا ئەمەس مېنىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالدى.
دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ساق بىر خىل شەرھىيلىسە ساراڭ يەنە بىر خىل شەرھىيلەيدىكەن. مەس بىر خىل شەرھىيلىسە گالۋاڭ يەنە بىر خىل شەرھىيلەيدىكەن. بۇنىڭ شەرھىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 54-يىلىلا بېرىلىپ بولغان. ئەمدى قالغان گالۋاڭلارنىڭ يەنە شەرھى ئېيتىشقا ئۇرۇنىشى ئاچچىق ئۈچىيىدىكى شەخسى غەرىزىنى يوپۇتىشىدىن شۇنداقلا ئۆزىنى يەرلىكتىكى خان ھېساپلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
قانۇن دىگەن خوتۇنۇڭنىڭ كۇخۇڭ(لەۋسۇرۇخ)ى ئەمەس. مېھماندارچىلىققا سۈركەيدىغان، خاپا بوپ قالسا تاشلايىدىغان.....
مېنىڭچە زور سانلىق دىنىي ئېتىقاتتىكى ئامما دۆلەتنىڭ تىنىچلىقى ۋە ئامانلىقىنى تىلەيدۇ. شۇڭا ئون ياكى يىگىرمە ئادەم مىليون ئادەمگە ئوبراز بولۇپ قالسا بىزنىڭ ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىمىز بىلەن قاملاشمايدۇ. بىزنىڭ قانۇنچىلىق دۆلىتىمىز بىلەن كېلىشەلمەيدۇ.
مىليون نوپوسلۇق مىللەتكە ئۇۋال بولىدۇ. مەن بۈگۈنكى جەمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى قاتلاملارغا نېسبەتەن ئېتىقات ئىگىلىرىنى ئەڭ ياخشىلىرى دەپ قارايمەن. ئۇلارنى مىللەت ئىچىدىكى يادرولۇق قاتلام دەپ ھۆرمەتلەيمەن. تۆھپىكار دىيىشكە توغرا كەلسە شۇلارنى سايلايمەن. تاللاش توغرا كەلسە شۇلارنى تاللايمەن. قوغداش توغرا كەلسە شۇلارنى قوغدايمەن. چۈنكى ئۇلار جەمىيەتكە ماددى غەرەز بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى خالىسلىقنى شۇلار ساقلاپ قالىدۇ. باشقىلارغا پەرۋەردىگارنىڭ رەھمىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. خولۇم-خوشنىلىرىغا ياخشىلىق قىلىدۇ. جەمىيەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ. (قىسمەنلىكنى ئومومىيلىققا كۆتۈرمەيلى)
ئىللىق مۇئامىلە ۋە توغرا يېتەكلەش بولسىلا نەزىرىمىزدىكى بۇ مىليونلىغان "دۈشمەن" دوستقا ئايلىنىدۇ. تىنىچلىقنىڭ، ئامانلىقنىڭ تۆھپىكارلىرىغا ئايلىنىدۇ. تارىختىكى تەجرىبىلەردىن سېنىڭكى ئەمەس مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان. سەمىمى يېتەكلەش خىزمىتىنىڭ ئورنىنى گۇمانلىق پوزىتسىيە بىلەن يەكلەش ئىگەللىگەللىكتىن زىيان تارتتۇق.
تارىختا يەكلەش بىلەن بىر مىللەتنى ياكى بىر ئېتىقاتنى يوقۇتالىغان بىرەر زاتى ئىنسان چىقىپ باقمىدى. چىقىپ باقمىدى. قەتئى چىقىپ باقمىدى.
شۇڭا سەمىمى يېتەكلەش، يەنە سەمىمى يېتەكلەش ئاخىرىدا يەنە سەمىمى يېتەكلەشنى تەۋسىيە قىلىمىز،
مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى كۆچۈرىۋېتىلگەن خەلقىمىزنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق. ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا يۇرتلاردىن ئاھالە يۆتكەپ كېلىدىغان قىلمىشلارنى يەنى "ئۇچ" نىڭ "ئۇچتۇرپان" غا قانداق قىلىپ ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقى بىز ئۈچۈن ئىبرەت. تارىخنىڭ يارىسىغا ئايلىنىپ ھېلىغىچە شەلۋەرەپ تۇرغان بۇ كونا يارىلار بىرقىسىم تەلۋىلەرنىڭ جىنايەتكىرانە مەخسەت-مۇددىئاسىنىڭ شاھىتلىرى بولۇپ قالغان. بىز تارىختىن بۇيان ئەشۇنداق ساناقلىق ئىپلاسلارنىڭ تاپقان بالاسىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. دۆلەت تارتىۋاتىدۇ. خەلق تارتىۋاتىدۇ. بىزنى مەڭگۈ ئارام تاپقۇزمايدىغان بىر باش ئاغرىقىغا ئايلىنىپ ئاخىرى پۈت-قولىمىزنى چۈشەپ قويىۋاتىدۇ....(بۇ توغرىسىدا خاتىمىدە ئايرىم توختىلىمىز)
تولا مەزىسى يوق پاراڭ سېلىپ باشلارمۇ ئاغرىپ كەتتى-ھە ؟
بىر يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي. جىددىلىشىپ كەتكەن نېرىپلىرىمىز بوشاپ قالسۇن.
مانجۇلار ئاقسۇدا خوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەردە خاندىن بىر يارلىق كەپتۇ. يارلىقنى قوبۇل قىلغان مەيداندا ئۇيغۇرلاردىن تۇرپانلىق ئىمىن خوجا(ئىمىن ۋاڭ)، قومۇللۇق يۈسۈپ خوجا(يۈسۈپ ۋاڭ) ۋە ئاقسۇلۇق سېتىۋالدى خوجا(باينىڭ بېگى)دىن ئىبارەت ئۈچەيلەن بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە قومۇللۇق يۈسۈپ خوجا مانجۇلارنىڭ سۆزىنى بىلىدىكەن. مانجۇ سەركەردىسى يارلىقنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سورۇندىكى مانجۇلار بىرلىكتە توۋلاپ "جە! " دىسە "جە !" (باش ئۈستىگە! ) دىيىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ جەلىرىدىن چۆچىگەن تۇرپانلىق ئىمىن خوجا قومۇللۇق يۈسۈپ خوجىدىن " ماۋۇلار كەررۇلا ۋاقىراپ كەتتىغۇ ؟ نىمە دىيىشىۋاتىدۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ. قومۇللۇق يۈسۈپ خوجا ئۇنىڭغا " نىمە دەيتتى ئىسيانچىلارنى باستۇرالمىساق كۆتلەش بولۇپ كېتەيلى دەۋاتىدۇ" دەپ چاخچاق قىپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ تۇرغان ئاقسۇلۇق سېتىۋالدى خوجا "كۆتلەش(ھېجىقىز)" دىگەن تۇرپان شىۋىسىنى چۈشەنمەي، قومۇللۇق يۈسۈپتىن " كۆتلەش دىگەن نەچچىنجى دەرىجىلىك ئەمەل ؟ ئۇلارنىڭ ئەمىلى چۈشسە بىزنىڭ ئەمەل كۆتلەشتىنمۇ تۆۋەن بولۇپ كېتەرمۇ ؟ " دەپ سوراپتۇ.
مۆلجەرتاغ
بۇ تاغنىڭ ھەر سىقىم تۇپرىقىدىن، بەس،
گۈپۈلدەپ پۇرايدۇ مىلتىقنىڭ ئىسى.
ھەر بىر تال تېشىدا قاننىڭ دېغى بار،
ھەر داغنىڭ يېنىدا ئوقيانىڭ ئىزى.
چامدامدا ئۇچرايدۇ چىرىگەن سۆڭەك،
ئۇچرايدۇ پۇچۇلغان قىلىچنىڭ بىسى.
بىر چوڭقۇر خىيالغا چۆكمەي قالمايدۇ،
بۇ تاغنىڭ تۇرقىنى كۆرگەن ھەر كىشى.
قانچىلىك جەڭ-جېدەل بولغاندۇ بۇندا؟
بۇ تاغدا قالغاندۇ كىملەرنىڭ بېشى؟
تاغ بويلاپ ئاققان شۇ توققۇز بۇلاق يا
قانمىدۇ كۆكەرگەن ۋە يا كۆز يېشى؟
تارىخ بۇ!
ئەپسۇس، مەن تارىخچى ئەمەس،
شەرھىلەش ئەمەستۇر شائىرنىڭ ئىشى.
مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجا
تەكلىماكاندا ئىككى مۆلچەر بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى مۆلچەر(مۆلجەر)تېغى، يەنە بىرى مۆلچەر دەرياسى ئىكەن.
ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئاقسۇ "تامچىر"، ئۇچتۇرپان "ئۇچ" دەپ ئاتىلاركەندۇق. ئۇچتا شۇنداق چوڭ بىر كۆل بولۇپ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تاغ بار ئىكەن. ئەسلىدە ئەجداتلىرىمىزدىن ئىككى يۈزدەك ئادەم بۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىكەن. قارلۇقلارنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە بۇ يۇرت تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ، ئۇياقتىن-بۇياقتىن كېلىۋاتقان كارۋانلار بىلەن تولۇپ كېتىدىكەن. شۇ زامانلاردىن تارتىپلا شەرقتىن غەرپكە بارىدىغان يىپەك يولى مۇشۇ جايدىن ئۆتىدىكەن.
تەڭرىتاغلىرىنى ياقىلاپ شەرقتىن كەلگەن كارۋان ئۇچتۇرپاندىكى بۇ تاغنى يىراقتىن مۆلچەرلەپ ئېزىپ قالماي كېلىدىكەن. پامىر ئىگىزلىكىدىن چۈشكەن كارۋانمۇ بۇ تاغنى مۆلچەرلەپ ئېزىپ قالماي ئۇچتۇرپانغا كېلىدىكەن. شۇڭا بۇ تاغنىڭ ئىسمى "مۆلچەر(مۆلجەر)تاغ" دەپ ئاتىلىدىكەن.
ئالتۇنتاغ باغرىدا بىر دەريا بار ئىكەن. كۆكنۇر(چىڭخەي) كۆلى بويلىرىدىن ئۆتۈپ بۇياققا چىققان كارۋان بۇ دەرياغا كەلگەندە قۇرغاق تەكلىماكانغا كەلگەنلىكىنى مۆلچەرلەيدىكەن. سۇسىز تەكلىماكاندىن چىققان كارۋان بۇ دەرياغا كەلگەندە بىپايان قۇملۇقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى مۆلچەرلەيدىكەن. شۇڭا بۇ دەريا "مۆلچەر دەرياسى" دەپ ئاتالغان ئىكەن.
بىز بۈگۈن مۆلچەر تاغ باغرىدىكى ئىشلارنىلا پاراڭ سالىمىز. مۆلچەر دەرياسىنى ئىنشائاللە... كېيىنكى قېتىملاردا بېرىپ كۆرەرمىز.
يىراق قەدىمدىن مانجۇلارنىڭ ۋاقتىغا كەلگۈچە توققۇز بۇلاقتا ئۇچتۇرپان خەلقى نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىكەن.
چىڭ سۇلالىسى بۇ جايلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن بىر سېپىللىق شەھەر سالماقچى بوپتۇ.
ئامباللار مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدەپ ئاخىرى تاغ، سۇ ، ئورمان، ئوتلاق ۋە گۈلزارلىقتىن ئىبارەت تەبىئەتنىڭ بارچە مۆجىزىسى مۇجەسسەم بولغان مۆلجەر تاغنىڭ باغرىغا، توققۇز بۇلاقنىڭ بويىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. مۇشۇ ئورۇننى ھۆكۈمەت مەھكىمىسى قىلىشقا تاللاپتۇ.
مەن بۇ قېتىم توققۇز بۇلاقنى كۆرۈپ ئىچىمدە خۇدانىڭ ساخاۋەتلىرىگە ھەمد ئېيتتىم. شۇنداقلا ئەينى دەۋردە مانجۇلارنىڭ توققۇز بۇلاقنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن چەكچەيتىپ كەتكەن يىرتىق كۆزلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم.
شۇنداق قىلىپ مىلادى 1761-يىلى يازدىكى روزا ئايلىرىدا ئۇچتۇرپانلىق بەشمىڭ دېھقان سېپىل سوقۇشنى باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىككى يىللىق قان-تەرى ۋە نەچچە يۈزلىگەن ھاشارچىنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە بۇ ئورۇن ئىككى يېرىم كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سېپىل بىلەن تولۇق قورشۇلۇپ، ئىچىگە ھۆكۈمەت مەھكىمىلىرى سېلىنىپتۇ.
توققۇز بۇلاقنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر خەلقى شۇنىڭدىن كېيىنكى نورۇز بايرىمىنى ئاچىتاغدىكى جايتاغ دىگەن ئورۇندا ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ......
سىيىت نوچىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەشھۇر "سىيىت نوچى" داستانىنىڭ ۋەقەلىكى مۇشۇ ئۇچتۇرپاندىن باشلىنىدۇ.
بۇ يەردە سىيىت نوچىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ ئۆتسەك ئارتۇقچە بولماس دەپ ئويلايمەن.
بۇنىڭدىن ئاز كەم يۈز يىل بۇرۇن سىيىت نوچى گېلاۋخۇي دىگەنگە قاتناشقاچقا قەشقەردە تۇرالمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرىنى تۇتىۋاتقان ئىكەن.
ئۇ يۇرتمۇ-يۇرت چۆگىلەپ ئۇچتۇرپانغا كېلىدۇ. (تەخمىنەن1919-يىللىرى)ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ ۋاقىتىكى ئامبىلى ماشاۋۋۇ (ئاقسۇ، يەكەن، قەشقەردىكى تۇڭگانلارنىڭ خەلىپىسى، دىن تارقىتىش بىلەن تەقۋادارلار نەمۇنىسى دەپ شۆھرەت قازانغان. سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار.) ئىلگىرى قەشقەرگە دوتەي بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا قەشقەردىكى گېلاۋخۇيچىلارنى باستۇرغان بولۇپ، سىيىت نوچىنى تونۇيدىكەن. ھازىر بولسا ماشاۋۋۇ ئۇچتۇرپانغا ئامبال بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن ئىكەن. (ماشاۋۋۇنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى قورا-جايىنى كېيىنچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ دادىسى ئوسمان ھاجىم سېتىۋالغان.)
ماشاۋۋۇ ئۇچتۇرپاندا قىمارخانە ۋە ئىچكىرىدىن ئەپيۇن يۆتكەپ ئەپيۇنخانە ئېچىپ يەرلىكلەرنى ئۆزىنىڭ سودىسىنى قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.
سىيىت گاڭگۇڭ ماشاۋۋۇنىڭ ئۇچتۇرپانغا يۆتكۈلۈپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا جاھاننى چۆگىلەپ ئۈچتۇرپاننى زىيارەت قىلىشچۈن كېلىپ قاپتۇ.
گاڭگۇڭ بىر كۈنى قىمارخانىدا قەستەن ئۇتتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئۆكتەم دوكار بىلەن سوقۇشۇپ قالىدۇ. جىدەلنى ئاڭلاپ كەلگەن بىر پەي چېرىكنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋېتىدۇ. ماشاۋۋۇ بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ سىيىت نوچىنى تونۇپتۇ. ھەمدە بۇ ئامەتنىڭ ئۆز ئايىقى بىلەن كېلىپ قالغانلىقىغا ھەيران قاپتۇ.
ئۇ نوچىنى كۆرۈپلا غۇلاچلىرىنى كېرىپ قۇچاغلاپتۇ. تۇرۇپ "مۇسۇلمان قېرىندىشىم" دىسە تۇرۇپلا " لاۋشاڭ" دەپ جىرتاق كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ. "ئەزىزانە قەشقەرنىڭ پۇرىقىنى ئېلىپ كەلگەن" سىيىت نوچىنى پۇراپتۇ. ئاندىن يامۇلغا تەكلىپ قىپتۇ.
گاڭگۇڭ ھەيران قاپتۇ. ئەلۋەتتە ھەيران قالىدۇ-دە. قەشقەردە ئىت بىلەن مۇشۈكتەك بولغان ئادەملەر، بۇ يەردە ھاڭغا بىلەن مادىدەك سۈركۈلۈپ پۇرىشىۋاتسا.
يەنىلا ما ئارىدىكى گۇماننى تۈگۈتۈپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. خان يارلىقىنىڭ ۋاقتىمۇ ئۆتۈپتۇ. ئەمدى ئۇ ئىشلار "بۇيوجۇڭ" بوپتۇ. تېرەكتەك قامەتلىك سىيىت نوچى يەنە شۇ تېرەكتەك تۈز بولغاچقا ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قاپتۇ.
ماشاۋۋۇ نوچىنى نەچچە كۈنلەپ زىياپەت بېرىپ ئوبدان كۈتىۋاپتۇ. ئىككىسى قۇرئان تۇتۇپ ئاغا-ئىنى بولۇشۇپتۇ. سىيىت نوچىنىڭمۇ كۆڭلى ئىزىغا چۈشۈپتۇ. ئوننەچچە كۈن يامۇلنىڭ ئەزىز مېھمىنى بوپتۇ. نەچچە ۋاقىتتىن قەشقەرگە بارالماي ئانىسىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى سېغىنىپ كەتكەن نوچىنىڭ يۇرتىغا قايتقۇسى كەپتۇ. ھەمدە ماشاۋۋۇدىن قەشقەرگە قايتىشقا ئىجازەت سوراپ قەشقەر ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا ئىككى قوۋۇز ياخشى گېپىنى قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ماشاۋۋۇ نوچىنىڭ مۇشۇ گېپىنى ساقلاپ نەچچە كۈندىن ساراڭ بولاي دەپتىكەن. ئاخىرى كۈتكەن كۈنى كەپتۇ. ماشاۋۋۇ(قىزىقارلىق يېرى كېيىن ئۇ ئىنقىلاپچى ھېساپلىنىپ شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرىلىدۇ.) بۇنىڭغا "جان" دەپ ماقۇل بوپتۇ. ئاندىن قەشقەردىكى ماتىتەيگە گاڭگۇڭنىڭ ھېچقانداق "جىنايىتىنىڭ يوقلۇقى"نى ئىسپاتلاپ خەت يېزىپ بېرىپتۇ.
گاڭگۇڭ خەتنى ئېلىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. خەتنى دەسلەپ قەشقەردىكى جۇ(رۇيچى)غا تاپشۇرۇپتۇ. جۇ خەتنى ئوقۇپ نوچىدىن "سەن ئوقۇمىدىڭمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ. گاڭگۇڭ ئاغىسىغا شەك كەلتۈرسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. جۇ نوچىغا "خەتنى يامۇلغا ئېلىپ بار" دەپتۇ. ھەمدە بىللە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان تۇڭچىسىغا "بۇ ئادەم ھىساپسىز ساددا، ئاقكۆڭۈلكەن. ئېيتىپ قويۇڭلار خەت ئۆلۈم خېتىكەن. قېچىپ كەتسۇن " دەپ قويۇپتۇ. بىراق نوچى ئاغىسى بىلەن قىلغان قۇرئان قەسىمىگە ئىشىنىپ تۇڭچىنى يالغانچىلىقتا ئەيىپلەپ "بۇ ئۆلۈم خېتى ئەمەس" دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ. ئۇ يامۇلغا بارغاندىن كېيىنلا خەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ ۋە ھاڭ-تاڭ قېلىپتۇ.
ئەسلىدە ماشاۋۋۇ بىلەن ماتىتەي(تۆمۈر خەلىپنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن) نىڭ ئوتتۇرىسىدا كونا ئاداۋەت بولغاچقا ماشاۋۋۇ سىيىت نوچىغا ئېغىزى ئوچۇق ئۆلۈم خېتىنى بېرىپتۇ. ناۋادا گاڭگۇڭ قېچىپ كەتسە ماشاۋۋۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولۇپ ماتىتەيگە "گېلاۋخۇيچىنى قانات ئاستىغا ئالدى" دىگەن تۆھمەتنى تەييارلاپتۇ.
قەشقەردىكى خەلىقلەر نوچىنى ئاتماقچى بولغان جاللاتقا پارە بېرىپ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئېتىشنى بۇيرۇپتۇ. جاللات ماقۇل بولۇپ گاڭگۇڭنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئېتىپتۇ. بىراق نوچى گاڭگۇڭلۇق قىلىپ" مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات، نا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە" دەپ بۇ پىلاننىمۇ سۇغا چىلاشتۇرۇپتۇ.
داۋاملىق نوچىلىق تالىشىپ سىياسى كۈچلەرنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىدىغان نادان ئەجداتنىڭ گاڭگۇڭ ئەۋلادى سىيىت ئاخۇن ئۆلەر چېغىدا شۇنداق ۋەسىيەت قىپتىكەن؛
......ئەي قەشقەرلىك،قەشقەرلىك،
مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
مەندەك بولماي دىسەڭلار،
ھەرگىز نادان بولماڭلار....
تەخمىنەن 1944-يىلى بىزنىڭ مەرھۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۈچتۇرپان زىيارىتىگە كېلىپتۇ. ئۇ توققۇز بۇلاقتا سىيىت نوچى ۋەقەلىكنى خۇلاسىلەپ تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازغان ئىكەن؛
سىپارتەكتەك قىران قامەت،
سىپارتاك بولمىغان گاڭگۇڭ.
بىلىم بىلەن قوراللانماي،
بىھۇدە ئوينىغان گاڭگۇڭ.
رەقىبى سالسا قىلتاقنى،
ئۇنى ھەم تۇيمىغان گاڭگۇڭ.
لېكىن مەردانە مەيداندا،
پولاتتەك سۇنمىغان گاڭگۇڭ.
توققۇز بۇلاق !
توقسەن زۇلۇمغا، توققۇز تەرياق...
بۇنىڭدىن توپتوغرا ئاتمىش يەتتە يىل بۇرۇن سىيىت ئابباس، ئىبراھىم مۆمىن، ئارتۇق ئابباس ، ئابدۇللا ياقۇپ قاتارلىق ئۈچتۇرپانلىق يىگىتلەر مۇشۇ توققۇز بۇلاقتا گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇلار قۇربان بولغاندا ئەڭ چوڭى 24 ياش ئەڭ كىچىكى 17 ياشتا ئىدى.
ئۇلار مىللى ئارمىيەنىڭ ئاقسۇغا قىلغان ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ ئۇچتۇرپاندا قوزغۇلاڭ قىلماقچى بولىدۇ. ئۇلار 25 نەپەر ئۇيغۇر، بەش قىرغىز، بىر خۇيزۇ، ۋە بىر نەپەر خەنزۇدىن تەركىپ تاپقان تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشىدۇ. قوراللىق كۈرەش ئۈچۈن 20 دانە قىلىچ، قىرغىز ئەزالار تەييارلىغان ئۈچ دانە ئاددى ئوۋ مىلتىقى بىلەن بىر دانە شىراقلىق قارا مىلتىقنى تەييارلايدۇ.
بىراق ئاقسۇدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر باشچىلىغىدىكى شەرقى تۈركستان ئۇچقۇنلار ئىتىپاقى ئەزالىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ ئۇلارمۇ قولغا ئېلىنىدۇ. ۋە توققۇز بۇلاقتا ئېتىپ تاشلىنىدۇ......
كۆز ئالدىمدا قۇچاق يەتكۈسىز تاللار بىلەن چۈمكىلىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يول سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ تاللار ئەلانۇرخان(ئىپارخان)نى، رەھمىتۇللانى، مايسىخانلارنى، سىيىت نوچىنى، لۇتپۇللانى يەنە ئاۋۇ توققۇز يىگىتنى كۆرگەندۇ. بۇ تاللار جۇڭغارلارنى، مانجۇلارنى يەنە ياڭ بىلەن شىڭنى ئاخىرىدا گومىنداڭنىمۇ ئۇزۇتۇپ قويغاندۇ. تارىختىن بۇيان ئورتاق مەنپەئەت يارىتالماي ئۆتكەن نادان ۋە قاراقوساق يۈزلىگەن ھۆكۈمدارلارنىڭ قىلمىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىك نەزىرىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمىغان ئاجىز ئەمما قەيسەر خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىغا گۇۋاھ بولغاندۇ.......
توققۇز بۇلاق ئالدىمدا قاتار تىزىلىپ تۇراتتى. بۇلاقنى كۆرگەندە سۇ ئىچىشنى ئويلىمايدىغان ئىنسان زاتى بولمىسا كېرەك. مەنمۇ تەبىئىلا قولۇمنى بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان "بۇلاق"قا سالدىم. سۇ يىلمان ئىدى. بىر يۇتۇمنى ئېغىزىمغا ئالدىم. بۇ "سۇ" بۇلاق سۈيىگە ئوخشىمايتتى. بەلكى يىگىرمە مېتىر نېرىدىكى كۆلنىڭ سۈيىدىن پەرقى يوق ئىدى....
بىز مۆلجەر تاغ قەلئەسىگە كىرىدىغان يول بىلەن ئۇنىڭغا قەدەم قويدۇق. قەلئە ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدىكى "مۇھاپىزەتچىلەر ئۆيى" ئالدىغا مانجۇ خاندانلىقىنىڭ ئۈچتۇرپان قوزغۇلىڭىنى باستۇرغان زەمبىرەكلىرى ۋە قىلىچ-يالمانلىرى(تەقلىدى) تۇراتتى. بۇلار ھازىرمۇ ئەينى دەۋردىكى چىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربى كۈچىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. مەن زەمبىرەكلەرگە ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراپ قويدۇم. چۈنكى مىللى ئارمىيەنىڭ ئاقسۇغا قىلغان ھۇجۇمى مۇشۇ ئىككى يۈز يىل بۇرۇنقى زەمبىرەكنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.
بىز ئايلىنىپ سېپىل بىلەن قورشالغان ئەسلىدىكى "مەھكىمە"نىڭ ئۈستىگە چىقتۇق. تاغنىڭ ئۈستىدىكى ئالقاندەك تۈز ئورۇندا ئەۋلاتلار تەرىپىدىن ياسالغان بىر راۋاقسىمان خاتىرە قۇرۇلۇش بار ئىكەن. ئۇنىڭ پىشانىسىگە "مۆلجەر يالقۇنى" دىگەن خەتلەر يېزىپ قويۇلۇپتۇ. باشقىلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا يەتتە قىزنىڭ تاغدىن سەكرىگەن يېرى دەل مۇشۇ جايكەن. بۇ يارنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن 90 مېتىردەك كېلىدىكەن. مەن ئاۋايلاپ پەسكە قاراپ باقتىم. پەستىكى يولدا بىر موتوتسىكىلىت مىنگەن ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. تاغ بەك ئىگىز بولغاچقا ئۇ ئادەمنىڭ قېرى ياكى ياشلىقىنى پەرقلەندۈرەلمىدىم.
مۆلجەر تاغ قەلئەسىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئالدىراپ يەتتە قىز سەكرەپ چۈشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم. مەخسىتىم ئۇلارنىڭ مۇبارەك تەنلىرى چۈشكەن ئورۇننى تەپسىلى كۆرۈۋېلىش ئىدى.
مەن تاغنىڭ تۈۋىگە يېتىپ كېلىپ، مۆلچەرىم بويىچە ئۇلار سەكرىگەن ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇپ رەسىم تارتىۋالماقچى بولدۇم.
ئەپسۇس مەن مۇقىملاشتۇرغان ئورۇندا بىر ئەخلەتخانە بولغاچقا پاكىزە رەسىمگە ئېلىۋىلاشقا ئامال بولمىدى.
بىرى يەتتە بوپتۇ !.....
يېتىپتۇ تىزىلىپ يەتتە قىزلىرىم،
يەتتىسى بۆشۈككە قاتار بۆلەكلىك.
بىر يېقى بۆشۈكنىڭ تارىمغا تۇتاش،
بىر يېقى تىيانشانغا يېقىن يۆلەكلىك.
ئايىغىدا بۇلاقلار ئېيتىشار ئەللەي،
بېشىدا ئۇلارنىڭ گۈللەر بېزەكلىكىك.
جىم ياتسا ئۆلۈپتۇ دەپمۇ قالماڭلار،
ئۆلگەنگە كىرمەيدۇ ياتتى دېمەكلىك.
ئۆلسە گەر بولامدۇ قېنىدىن پەيدا
دەشتلەردە ئورمانلىق، يۇلغۇن چېچەكلىك!؟
مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجا
ئاقسۇنىڭ يېزىلىرىدا (سۈرگۈندە ھازىرمۇ شۇنداقكەن) توي مۇراسىمىدا يىگىت بىلەن قىز تەرەپنىڭ ئىككىسىلا جىگدە شېخىدىن بىردىن تەييارلايدىكەن. ئاندىن شاخنى تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن بېزەيدىكەن. ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە مېھمان بولغىلى كەلگەندە ناغرا-سۇنناي چېلىپ جىگدە شېخىنى بىرەيلەن ئالدىدا كۆتۈرۈپ ماڭىدىكەن. قىز تەرەپمۇ تاتلىق-تۈرۈم بىلەن بېزەلگەن جىگدە شېخىنى كۆتۈرۈپ دەرۋازا ئالدىغا يىگىت تەرەپنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى دەرۋازا ئالدىدا ناغرا-سۇنناي پەدىلىرىگە ئۇسۇل ئوينايدىكەن. ئۇسۇل ئاخىرلاشقاندا ئىككى تەرەپ جىگدە شېخىنى ئالماشتۇرىدىكەن. ئالماشتۇرۇلغان جىگدە شېخىدىكى تاتلىق – تۈرۈملەرنى تالىشىپ يەيدىكەن. ئاندىن قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىدىكەن.
ئىلگىرى ئاقسۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ھەممىلا يېرىدە جىگدىلەر بار بولۇپ، (مەنمۇ بەزى ئورۇنلاردا قويۇق جىگدە ئورمانلىقىنى كۆردۈم.) ھازىر ئىلگىركىدەك كۆپ ئەمەسكەن.
يامانسۇ يېزىسىنىڭ باشئاقما بىلەن ھالال دىگەن يەرلىرىدە نەچچە مىڭ مو كۆلەمدە ياۋا جىگدىلىك بار دەيدۇ. بىراق مەن بېرىپ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.
سەككىز دۆلەت ئارمىيىسى كۆيدۈرۋەتكەن يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىغىمۇ مۇشۇ ئۇچتۇرپاندىن جىگدە ئاپىرىپ تىكىپتىكەن. يەنە بىرى بۇ زىمىندا يۈز بەرگەن ئەڭ مەشھۇر قوزغۇلاڭنى تارىخ كىتاپلاردا "جىگدە يېغىلىقى" دەپ ئاتاپتىكەن. بۇنداق نامدىكى قوزغۇلاڭ دۇنيا تارىخىدىمۇ يىگانە ئىكەن.
جىگدە زادى قانداق ئۆسۈملۈك ؟ چوڭلار جىگدە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. پايدىلىقنى توختۇتۇپ، زىيانلىقنى ھەيدەيدۇ دەيدىغان. ئۇلار جىگدىنىڭ مىۋىسى بىلەن يىلتىزىنى بەزىدە يىلىمىنىمۇ ئەشۇنداق كېسەللەرگە ئىشلىتىدۇ. جىگدە يەنە ئاياللارنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەم، جىگدىنى كاپ ئېتىپ بەرسە قۇۋۋەت بېرىدۇ دەيتتى. بۇلارغۇ جىگدىنىڭ ماددى شىپالىرىكەن. ئۇنداقتا ئاقسۇنىڭ تارىخ-مەدەنىيىتىدە بىر گىياھنىڭ يۇقۇرقىدەك مەنىۋى ئورۇن ئېلىشى قانداق ئىش ؟ بەلكىم بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلار بۇ زىمىنغا كۆمۈلۈپ تۇرىشى مۇمكىن. بىز بۇ سىرلارنى تەتقىقاتچىلىرىمىزغا قالدۇرۇپ پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. ئالدى بىلەن بۇ يەردىن تولىمۇ يىراقتىكى بېيجىڭ دىگەن يەردە ئۆلتۈرۈلگەن بىر ھەمشىرىمىزنى يات ئېتەيلى.
بەزىلەر ئىپارخانئەسلى ئىسمى ئەلانۇرخان) ئاپپاق غوجىنىڭ قىزى. ئاپپاق غوجا ئۇنى چەنلۇڭغا سوغا قىلغان دەيدىكەن. بۇ قۇرۇق گەپ. چۈنكى ئاپپاق غوجا چەنلۇڭدىن بۇرۇنقى كاڭشىنىڭ زامانىدا ياشىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ جۇڭغارلارغا بېقىنغان. مانجۇلارغا بەيئەت قىلمىغان. چەنلۇڭ دىگەن ھىدايىتۇللائاپپاق خوجادىن ئاز كەم سەكسەن يىل كېيىن ياشىغان مانجۇلارنىڭ پادىشاسى ئىكەن.
ئىپارخان ئۇچتۇرپانلىق بولۇپ ئىسمى ئەلانۇرخان ئىكەن. ئۇ 1756-يىلى مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنىڭ سەركەردىسى خوجاھاننىڭ ئايالىكەن. يولدىشى ئالتىشەھەردە باتۇرخان دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن ئايالىنى "نۇرئەلانۇرخان" دىگەن نام بىلەن ئاتاپتۇ. ئەلانۇرخان ھۆسۈن-سۈپەت بابىدىلا ئەمەس بەلكى زامانىسىدىكى قەلەم ۋە ئەلەمدارلىق ماھارەتلىرىدىمۇ يېتىشكەن ئەقىللىق باھادىر ئايال ئىكەن. ئۇ يولدىشى بىلەن چىڭ سۇلالىسىغا قارشى كۈرەشلەردە مەيلى قان مەيلى ئوت ئىچىگە بولسۇن بىللە كىرىپ كۈرەش قىلىپتۇ. خوجا جاھانلارنىڭ توپىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئەلانۇرخان يولدىشى بىلەن ئەسىرگە چۈشۈپ بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. چيەنلوڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قوبۇل قىلغاندا نەچچە مىڭ چاقىرىملىق مۇشەقەتلىك يول ئازابىنى بېسىپمۇ ھۆسنى-جامالىدىن كەتمىگەن ئەلانۇرخاننى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ئوردا ھەرەمخانىسىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بۇ گۈزەل ئايال ئۇنى مەپتۇن قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ چيەنلوڭ ئەسىرلەر ئىچىدىن ئەلانۇرخاننى ئايرىۋېلىپ قالغانلارنى شەرقى شىمالغا پالاپتۇ. ئەلانۇرخانغا خانىشلىرى بىلەن تەڭ مەرتىۋە بېرىپ "شياڭفېي(ئىپارخان)" دەپ ئاتاپتۇ. ئەمما ئەلانۇرخان(ئىپارخان) چيەنلوڭنىڭ ئىلتىپاتلىرى رەت قىلىپتۇ. بۇ چەنتو كېنىزەكنىڭ ئېيتىشىچە چەنلۇڭ كاپر. ئەلانۇرخان مۇسۇلمانكەن. كاپر بىلەن مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ جۈپ بولمايدىكەن.
"بۈيۈك چىڭ"نىڭ ھەرەمخانە تارىخىدا بۇنداق سەركەشتىلىك كۆرۈلمىگەن ئىكەن. چاتاق يېرى، ئەلانۇرخان نەدىن تاپقان بىر كۇچار پىچىقىنى يېنىدىن ئايرىمايدىكەن. ئۆزىگە ئازراقلا زورلۇق سېزىلگەن ھامان شۇ پىچاقنى كۆكرىكىگە سانجىشقا تەييار تۇرىدىكەن. چيەنلوڭ ئېھتىيات قىلىدىكەن. چۈنكى بۇ چەنتو كېنىزىكى ناۋادا شۇنداق ئۆلىۋالسا بۇ "ھەرەمخانە شەرىپىگە نومۇسكەن".
جاھاندا قىلالمايدىغان ئىشى، قولى يەتمەيدىغان يېرى يوق چيەنلوڭغا بۇ ئىش ھار كەپتۇ. ئەمما ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمگە نىمە ئامال دەيسىز. بۇنداق ئادەم يا سەلتەنەتتىن ھېيىقمىسا يا ئازاپ-ئوقۇبەتتىن قورقمىسا.
چيەنلوڭغا بۇ ئىش ئەلەم بوپتۇ. ئۇ ئىپارخاننىڭ ئاكىسى تۇردى خوجى (خوجا جاھاننىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇ سىڭلىسى بىلەن پايتەختكە كەلگەندە ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ئەركانبەگ مەنسىۋىگە ئېرىشكەن. يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار مەشرۇتىيىتى ئىشقىيە دىگەن تېرورچى تەشكىلاتنى قۇرغان. كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەخپى ساقچى قىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ قىسىم مانجۇ خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قىرغىنچىلىق، بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.)غا سىڭلىسىنىڭ رايى خاننىڭ مۇھىم تەشنالىقى بولۇپ قالغانلىقىنى، ناۋادا تۇرداخۇن "بۇ ئىشتا تۆھپە كۆرسەتسە قوش چىڭۋاڭلىق مەنسىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ..." بۇ مەنسەپ مەملىكەتتە خان بىلەن ۋەلىئەھدىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان مەنسەپ ئىكەن. تۇرداخۇن مىڭلىغان خەلقىنى قىرىش، مىليونلىغان خەلقىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بۇ مەنسەپ، ئەمدى بىر ئەلانۇرخېنىمنىڭ رازىلىقىغا باغلىق بولۇپ قاپتۇ.
تۇردى خوجا سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، بوغدا خان ئالىلىرىغا ئاكا بولۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بىراق ئەلانۇرخېنىم ئۇيغۇر قىزلىرىنى بۇ زالىملارغا سولاپ بېرىپ پاقىسى قانماي يەنە سىڭلىسىنىمۇ سولاپ بەرمەكچى بولغان سولامچىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئەلانۇرخېنىم ۋەقەسى خان سارىيىدىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلىنىپتۇ. خانغا خىزمەت كۆرسۈتۈش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرگەن خان تاغىسى خېشىن (ۋەزىر ئەزەم خېشىن) چيەنلوڭنىڭ كۆيۈك ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەلانۇرخېنىمغا ئاتاپ قەشقەر ئۇسلۇبىدا بىر ھاممام ياسىتىپتۇ. بۇ ھاممامدا بىر مەخپىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئايرىم بىر ئۆيىدە يوشۇرۇن تۆشۈك ئارقىلىق مۇنچىغا چۈشۈۋاتقان بانۇ-ئايىملارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
شۇندىن كېيىن ھەرەمخانە بەگلىرى، ھەرەمخانىدىكى بانۇ-ئايىملارنى پات-پات ھاممامدا كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپتۇ. چيەنلوڭنىڭ كۈنلىرىمۇ ئەشۇ تۆشۈكنىڭ ئالدىدا نىمھوزۇر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. بۇ كۈنلەردە چيەنلۇڭ ئوردا رەسەتخانىسىدىكى پالچىغا بۇ چەنتو كىنىزىكىنىڭ رايىنى قانداق قىلىپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تېپىش بۇيرۇقى بېرىپتۇ. پالچى چىغىناق-تاغاقتەك يېزىقلار ئارىسىدا نەچچە كۈن ھەپلىشىپتۇ. بىراق بۇ يېزىقلاردا چەنتو قىزلىرىنىڭ ئەھۋالاتى يېزىلمىغان ئىكەن. چۈنكى بۇ يېزىقنىڭ ئىگىلىرى چەنتو قىزلىرىنى بىلمەيدىكەن. پالچى بېيجىڭدىكى كارۋان سارايلارغا بېرىپ غەرپتىكى شۇ ئەلنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. غەرپكە تىجارەت بىلەن بارغان بىر ئادەم ئۇنىڭغا غەرپتە "مىۋىسى ئالتۇندىن، يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، غولى تۆمۈردىن بولغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ بارلىقىنى..." ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ گىياھنىڭ چېچىكى ئېچىلغاندا ئەنبەردەك پۇرىقى ئەتراپقا تارايدىكەن. رېسىدە بولغان چەنتو قىزلار بۇ پۇراققا ئامراق بولۇپ ئۇنىڭ چېچىكىنى قۇلاقلىرىغا قىسىۋالىدىكەن. پالچى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بىرگە ئوننى قوشۇپ "پال كىتاۋىدىن چىققان..." بۇ ئۇچۇرنى چىيەنلوڭغا مۇنداق يەتكۈزۈپتۇ. -ئالىلىرى بۇ چەنتو قىزىنىڭ يۇرتىدا بىر دەرەخ بار ئىكەن. چەنتو قىزى شۇ دەرەخنى سېغىنىدىكەن. ناۋادا بۇ دەرەخ ئۇنىڭ يېنىدا بولسا ئىشقنىڭ ئىپتىداسى پەيدا بولىدىكەن.....- دەپتۇ. چيەنلوڭ يىراقتىكى غەربى دىيارغا جىددى مەلۇمات يوللاپتۇ. " ئەشۇ گىياھ ئاستانىغا تېزدىن كەلتۈرۈلسۇن...." بۇ گىياھ جىگدە ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر "جىگدە يېغىلىقى" نىڭ ئۇچقۇنى ئۇچتۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ... شۇ كۈنلەردە چيەنلوڭ كوڭزىنىڭ يەتمىش ئىككىنچى ئەۋلادى بولغان كوڭشەنپىيگە ياتلىق قىلىنغان قىزىنى يوقلاش ئۈچۈن شەندوڭدىكى چۈيفۇغا چىقىپ كېتىپتۇ. خان ئانىسى شاھ سانىيە (تارىختىكى شاۋشيەن ئايىم) ئەلانۇرخان ۋەقەلىكىنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا بۇنىڭغا بەكلا ئىچى پۇشىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىر ئەزەم شۇ خېدې(بىز بىلىدىغان دوك ۋەزىر ليۇيوڭ) خان ئانىسىغا "مۇنچىغا ئورنۇتۇلغان تۆشۈك..." ھەققىدە مەلۇمات بېرىپتۇ. بۇ ئىش خان ئانىسىنىڭ سەۋرىسىنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپتۇ. چيەنلوڭنىڭ ئوردىدا بولماسلىقى ياخشى پۇرسەت بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ خان ئانىسى ئەلانۇرخان(ئىپارخان)نى چاقىرىپتۇ. ئۇ بۈيۈك چىڭنىڭ سەلتەنىتىنىڭ جاھاندا يىگانە ئىكەنلىكى، خاقان چيەلۇڭنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك خان ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇ تەرەپتىن بېرىلگەن شەرەپنىڭمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئەلانۇرخانغا ئەمدى بوينى قاتتىقلىق قىلماسلىقنى پۇرۇتۇپتۇ. ئەمما ئەلانۇرخان ئۆز سۆيگۈسىنىڭ ھەرقانداق سەلتەنەتكە باغلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا كۆڭلىنىڭ ھەرقانداق خاقاندىنمۇ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. خان ئانىسى ئەگەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسە خاننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دەخلى يېتىدىغانلىقىنى، ئەلنىڭ چوڭ ئىشىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىپارخاننىڭ ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىۋېلىشىنى بۇيرۇپتۇ. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ پەخرى، تارىخىمىزنىڭ يارقىن غۇرۇرى بولغان ھۆرلۈك جەڭچىسى ئەلانۇرخان ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ. شۇنداق قىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا ھەرەمخانىسىنى ھەيران قالدۇرغان بۇ " چەنتو كېنىزىكى" خان ئانىسى تەرىپىدىن " زەڭگەر شايى پوتا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە" ئەمرى قىلىنىپتۇ. ئەمما خاندانلىقنىڭ تارىخىغا ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بويىچە " كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى" دەپ پۈتۈپ قويۇپتۇ. ئىپارخان ئۆلتۈرۈلگەن شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغۇلىڭى پارتىلىغان ئىدى. قوزغۇلاڭ خەۋىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەپتۇ. بولۇپمۇ قوزغۇلاڭچىلار ئارىسىدىكى قىز-ئاياللار توغرىسىدا "چەنتولارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىدىن تارتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن..." لىكىدەك مەلۇماتلار خان ئوردىسىغا ئەلانۇرخاننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇ بەلكىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باھادىرلىقى توغرىسىدا چىڭ ئوردىسىدا ساقلانغان مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىلا بولىشى مۇمكىن...........
ئۆلگەن ئەمەس يەتتە قىز،
يەتتە مىڭ بوپ تارالغان.
يەتتە قىزنىڭ قېنىدىن،
ئويغاق ئۇيغۇر يارالغان.
مەرھۇم باتۇر روزى
تىنجىماس زىمىن، دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئازاۋى.
شىنجاڭنىڭ ئۈچ تەرەپتىكى قوشنىلىرى بىلەن ئىگىز تاغداۋانلار ئارقىلىق چېگىرلىنىدۇ. بۇنداق قولايسىزلىق ئۇياقتىكىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلە ئىشلىرىدا قىسمەنلىكتىن ھالقىيالمىغان. شەرق تەرەپنىڭ بىپايان تۈزلەڭلىك بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتى، تارىختىن بۇيانقى بىرلىك ۋە بۆلۈنۈشكە ئوخشاش چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە قولايلىق رول ئوينىغان.
بىزدە تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. بۇ قانداقتۇ تارىخنىڭ ئىشتان-چاپان، پايپاق-پىتەكلىرىگە قەدەر بۈگۈنگە سۆرەپ كېلىمىز دىگەنلىك ئەمەس. يولداشلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ۋە ئىبرەت ئېلىش ئۆزىنى ئەقىللىق ھىساپلايدىغان ئادەم ئۈچۈن ئاددى ساۋات. ئۇنداقتا تارىخقا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز ؟
ئەلۋەتتە تارىخىي ماتىريالىزىملىق نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىمىز. ھەرگىزمۇ ئىدىئالىزىمچىلارنىڭ تارىختىكى رىئالنى ۋەقەلەرنى ئۆزلىرىنىڭ غايىسىدىكى ئوي-پىكرىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىدىغان ناتوغرا ئۇسۇلىنى قوللانمايمىز.
تارىخنى ھۆكۈمرانلىق ئېھتىياجى بويىچە شەرھىيلەيدىغان خاتالىقلار بىزدە كۆپ يۈز بەرگەن. مەسىلەن، ماتىريالىزىمدىن چەتنەپ كەتكەن "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" مەزگىلىدىكى "ئىنقىلابىي"لىق سانالغان نۇرغۇن ئىدىلوگىيە كۈرەشلىرىمىز بۈگۈن " نادانلىق" ھىساپلاندى.
ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىنقىلاپلارنى "ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى بىلەن..... دىگەندەك شەرتلەر بىلەن ئىزاھلاشقا تىرىشتۇق. بۇ قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ، قوزغۇلۇشقا مەجبۇر بولغان ئاچچىق رىئاللىقىنى سۇسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. بۇ بەلكىم ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ياكى ئورۇستا ئوقۇغانلارنىڭ بۇ زىمىندا يۆتۈلۈپ سالغاننىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەشۇ ئىنقىلاۋىغا باغلاشنى شەرەپ دەپ بىلىشىدىن بولسا كېرەك. ئۇنداقتا ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇن بۇ دىياردا ھېچقانداق ئىنقىلاۋى ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەنما ؟
ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ زىمىندىكى قوزغۇلاڭلارمۇ دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى مىللى قوزغۇلاڭلارغا ئوخشاشلا بىر زۆرۆر شەرتنى ھازىرلىغان. ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن كەلگەن ھاقارەت ۋە تەڭسىزلىك. ئەگەر ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى دىگەن ئاتالغۇ بىلەن زۇلۇم-ھاقارەتنىڭ تەسىرى دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسا مېنىڭ باشقا پىكرىم يوق.

دىيارىمىز بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە ئايرىلىش ھادىسىلىرىدىكى سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلغاندا بەزى تارىخشۇناسلار ۋەتەنپەرۋەلىكنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە شۇ دەۋردىكى بىر قىسىم نالايىق ھۆكۈمرانلارنىمۇ قىستۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق ئاتالغۇنى سەۋەپنى سۈرۈشتۈرمەي نەتىجە بىلەنلا ئىزاھلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھىساپسىز قان-قەرزگە بوغۇلغان چىڭ سۇلالىسىنى " دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىكار"غا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلارغا قارشى كۈرەشلىرى بۆلگۈنچىلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بىزنىڭ تارىخىي ماتىريالىزىملىق نۇقتىنەزىرىمىزگە تۈپتىن خىلاپ جىنايەت. تارىخنى ئەمگەكچى خەلق ياراتقان.(مازېدوڭ) شۇڭا ھەرگىزمۇ بىرنەچچە قانخور جاللاتلار تارىخنىڭ تۆھپىكارلىرى بولالمايدۇ. (دادام ئابلەتخان). ناۋادا بۇنداق نادان تارىخىي ۋارىسمەنلىك باش كۆتۈرسە، ئەشۇ زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ باش كۆتۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەتى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەجەبا بۇنداق مەنپەئەتنى خەلق ھىمايە قىلامدۇ ؟ بىز مانجۇلار(جۇرجانلار)نىڭ سەددىچىننىڭ ئىچىگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىنكى جىنايەتلىك ھەركەتلىرىنى تولۇق بىلىمىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جوڭگو تەسەررۇپىدىن كېيىنكى شىنجاڭغا كىرىپ قىلغان جاللاتلىقلىرىدىنمۇ خەۋەردارمىز. ئەسلىدە شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىن بولىشىدىكى خىزمەتلەر تولۇق ئىشلىنىپ بولىدىغان ئەشۇ دەۋرلەردە چىڭدىن ئىبارەت نالايىق ھۆكۈمرانلارنىڭ سەۋەبىدىن ئەشۇ ئالتۇندەك پۇرسەتلەر كېتىپ قالىدۇ. دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت بۇ غايىۋى نىشاننى ئۆزلىرىنىڭ باياشات-خاتىرجەملىكى دەپ ئويلاپ قالغان بۇ قارا قوساق بەدەۋىلەر توپى ھۆكۈمدارلىقنىڭ ھەر-بىر باسقۇچىدا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمدارلىققا لايىق بولمىغان قارا كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ماڭىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە دەسلەپ بەيئەت قىلغان قومۇل،تۇرپان ۋاڭلىرىنى بۇ قېتىمقى ئىستىلادىكى سادىق ھەمراھى سۈپىتىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا تۇرشاۋۇل قىلىپ بېسىپ كىرىدۇ. بۇ ۋاڭلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەيئەت قىلغانلىقىنى بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشتىكى تۆھپىسى ھىساپلايدۇ. مانجۇلار شىنجاڭنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ ۋاڭلارنىڭ قولى بىلەن ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇلارنى ياغاچ كېسىدىغان پالتىنىڭ ياغاچ سېپى قىلىدۇ. يەنى ئالتىشەھەر خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى قورچاق بەگلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.
بېشىنى سىلاپ قويسا تاپىنىغىچە تەرلەپ پايپاقلىرىمۇ ھۆل بوپ كېتىدىغان بۇ "ۋاڭ"لارنىڭ مانجۇ خاندانلىقىغا بوي سۇنۇشى قانداقتۇر بىز ئويلىغاندەك ۋەتەنپەرۋەرلىك بولماستىن بەلكى ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىقىدەك شەخسى غەرىزى ئۈچۈن بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى يولۋاسنى كەينىگە سېلىۋالغان كۆرەڭ تۈلكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئىلگىرى بىر يۇرتنى شۈلەپ يىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە پۈتۈن ئۇيغۇرنى قاپساپ يەيدۇ. قومۇل ۋاڭى يۈسۈپ (ئۆزى خاننى تاۋاپ قىلغىلى كېتىۋېتىپ شەنشىدە ئۆلىدۇ. بالىسى ئۇنبڭ ئۆلىكىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇدا ئۆلىدۇ)مانجۇلارغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، جەنۇپنى تەسەررۇپ قىلىشقا ياردەملىشىدۇ. كېيىن قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىنىپ جەنۇپتىكى 8 شەھەرنى باشقۇرۇشقا قويىلىدۇ. ئۇكىسى ئابدۇل بولسا ئۈچتۇرپانغا ھاكىمبەگ بولىدۇ. چىڭ سۇلالىسى جەنۇپتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئۇچتۇرپاننىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەچكە بۇ جايغا مىللىلاردىن ئاسانلىقچە ئادەم تەيىنلىمەيتتى. " 1760-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئابدۇلنى ئۇچتۇرپانغا ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەپ قومۇل ۋاڭ ئەۋلاتلىرىغا ئالاھىدە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ."
چيەنلوڭنىڭ 1788-يىلى چۈشۈرگەن بىر يارلىقىدا " قومۇل، تۇرپان ئىككى رايون تارىختىن بۇيان دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. قالغان شەھەردىكى مۇسۇلمانلار بولسا پېقىر شىنجاڭنى تېنىچلاندۇرغان كېيىنلا ئەل بولغان بولۇپ، 30 يىللا ۋاقىت ئۆتتى. شۇڭا ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەپقەت ياغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ...." دىگىنىدەك چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە ماسلاشقان بۇ ھۆكۈمرانلار مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. قومۇل خەلقى ئارىسىدا "چىن مودەن" ناملىق بىر داستان بار. داستاندا باغداشتىكى چىرايلىق بىر قىزنى قومۇل ۋاڭى يۈسۈپنىڭ دەلاللىرى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ گاڭ-غوجامغا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بۇ خەۋەرنى ئوردىغا يەتكۈزىدۇ. ۋاڭلىق تەرىپىدىن چىققان ئەلچىلەر قىزنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن رەت قىلىدۇ. ھۆرمەت شارابىنى ئىچمەي جازا شارابىنى ئىچىشنى خالايدىغان تاغچىلارغا ۋاڭلىق ئەسكەر ئېۋەتىدۇ. چىنمودەنلەر قاچىدۇ. ئۇلارنى ۋاڭنىڭ ئادەملىرى قوغلاش جەريانىدا ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقە دەل ئەشۇ يۈسۈپنىڭ دەۋرىدە يۈز بېرىدۇ.
قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە ئادەم سۆزلىسە تىلى قولاشمايدىغان بىر قىلمىش بار. ئۇ بولسىمۇ خەلق ئارىسىدىكى چىرايلىق خوتۇن-قىزلارنى ۋاڭنىڭ مەشرىپىگە تەكلىپ قىلىش(ئەمەلىيەتتە بۇلاش). بۇنداق تەكلىپ ئاددى پۇقرالارنىڭ ئاياللىرى(ئالمىخان ۋەقەسى ۋە راجى بالا،گۈلقىز تىراگىدىيىسى)بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ۋاڭنىڭ ئەتراپىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ (قاراكۆز ئايلا پاجىئەسى)قىز-ئاياللىرىغا قەدەر كېڭىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۈسۈپ كىچىككىنە قومۇلدىن ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىد ھىساپلىۋالغان ئادەملەردىن بەش يۈز ئاھالىنى ئىلىغا پالايدۇ.(ئۇچتۇرپان قوزغۇلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن)
قىسقىسى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەسەررۇپ قىلىشىدا تۆھپە كۆرسەتكەن بۇ ۋاڭلار جەنۇپتىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ يۇرتىدىمۇ زورلۇق-زۇمبۇلۇقتىن خالى بولمايدۇ.
دىمەك ئۇلار پۇتكۇل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىدى.
يۇسۇپنىڭ ئۇكىسى ئابدۇل ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بولغاندىن كېيىن ئىچكىرىدىن چىققان ئامبال سۇچىڭ بىلەن بىرلىشىپ خەلقنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى دىدەك ئورنىدا كۆرىدۇ. ئاق ئىت بىلەن قارا ئىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىت، خوجىلار يېغىلىقىدىن ئىسسىق جانلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاخىرقى ئۇيغۇر نوپۇسلىرى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ھاقارەت ۋە زۇلۇمنى كۈچەيتىدۇ. يۇقۇرىدا مۆلجەر تاغ باغرىدا قۇرۇلغان مەھكىمىنىڭ سېپىلىنى سوققان ئىشنى قىسقىلا سۆزلەپ ئۆتتۇق. كېيىنكى يىللاردا مەزكۇر سېپىلنىڭ ئاراچلىرىدا ئۆلتۈرۈپ سېپىلغا قوشۇپ سوقۇۋەتكەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىكەن.
ئامبال سۇچىڭ، ھاكىمبەگ ئابدۇللار ھوقوق تۇتقان بەش يىل ئىچىدە خەلق ئىچىدىكى ھەقسۆزلۈك، تەسىرى بار ھېساپلىغان يۇرتنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئىككى يۈزدەك ئادەمنى ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دىگەن باھانە بىلەن مەخپى ئۆلتۈرۈپ" ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم بۇلاپ يىيىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
بۇ ئىككى ئىت ئاددى خەلىقنىڭ خوتۇن قىزلىرىنىلا ئەمەس ھەتتاكى يەرلىك ئۇششاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاياللىرىنىمۇ يامۇلغا ئەكىرىۋېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارچە تەبىقىسىگە ھاقارەت قىلىدۇ. رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئايالىمۇ ئەشۇنداق ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ.
خەلق نىمە ئۈچۈن "كاپرلارنى يوقۇتۇش" چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ ؟ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ئۇلاردا يوقمۇ ؟
مەلۇم ھۆكۈمرانلىق سېستىمىسىغا ئىگە بىر دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ باش-باشتاقلىق بىلەن زورلۇق ۋاستىسى قوللۇنىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك. قانۇن بولغاندىكىن شۇ ئارقىلىق ھوقوقىنى قوغدىشى كېرەكتە !
ئالدىرىمايلى. سۆزۈمىزگە "ئۇچ" يېڭىدىن "ئۇچتۇرپان" بولغان چاغلاردىكى مۇنۇ ۋەقەنى قىستۇرۇپ ئالايلى.
ئۇچتۇرپان مانجۇلار تەرىپىدىن يېڭى بېسىۋېلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ خوجەسى دىگەن بىر مالىيى مەلۇم ۋاقىت ھوقوق تۇتىدۇ. بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يۈزلىمە، كاززاپ ئادەم بولغاچ يەنە ئۇچىغا چىققان زالىم ئىدى. خوجەسى جۇڭغارلار دەۋرىدە ئۇلارغا بېقىنىپ يۇرتدارچىلىق قىلىپ ئۆتكەن، مانجۇلار كەلگەندىن كېيىن بولسا ئىلگىركى خوجايىنى جۇڭغار خانى داۋاچىنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىپ مانجۇلارغا بېقىنىدۇ. كېيىن جۇڭغارلاردىن ئامۇرسەنا چىن خاندانلىقىغا(مانجۇلارغا) قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە ھېلىقى خوجەسى دىگەن كەينىگە يېنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ مانجۇلارغا قارشى ئىككىنچى قېتىم ئىسيان كۆتۈرىدۇ. ئامۇرسەنا يوقالغاندىن كېيىن ئۇ يەنە خوجا جاھان تەرىپىگە ئۆتۈپ خوتەنگە ھاكىم بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ يۈز ئۆرۈپ يەنە بىر چۆگۈلەپ بىر چاغلاردىكى خوجىسى مانجۇلارغا قايتىدىن ئەل بولىدۇ.
بۇ يۈزسىز بەدبەخ جاھان تىنىچلانغاندىن كېيىن مانجۇلار قويۇپ بەرگەن تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۇچتۇرپان دائىرىسىدىكى خەلقلەر ئۈستىدىن زۇلۇم قامچىسىنى ئوينىتىدۇ. ئۈچتۇرپان خەلىقلىرى خوجەسى ئۈستىدىن چەنلوڭغا ئەرز قىلىدۇ. بۇ ئەرزگە قارىتا چەنلوڭنىڭ مۇنۇ يارلىقى چۈشىدۇ. " ئۈچتۇرپانلىق چەنتولار خوجەسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپتۇ. بەزى ئامباللارمۇ ئۇنى مەنسىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا مەلۇمات يوللاپتۇ. ئەمما بىز ئۇنىڭ سەلتەنەتىمىزگە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، گۇناھىنى سۈرۈشتۈرە قىلمىدۇق. ئەمما خوجەسى ئۇ يەردە تۇرىۋەرسە ئۈچتۇرپاننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا يۇقۇرى مائاش ۋە ئالى تەمىنات بېرىپ ئاستانىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشتۇق..."
نىمە ئۈچۈن خوجەسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىگىلىرىگە قىلغان يۈزسۈزلىكى ئۇدا بازار تاپىدۇ ؟ ئاۋۇ چەنلوڭ دىگىنى نىمە سەۋەپتىن ئۇنىڭ قارايۈزلۈكىنى كۆرمەسكە سالىدۇ ؟
بۇنىڭدا پەقەت بىرلا سەۋەپ بار.
ئۇ بولسىمۇ مانجۇ خاندانلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭگۈشتىرى قانداقتۇ دۆلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولماستىن بەلكى " قالپاققا دىقەتتە، ھەركىتىگە بىر چەتتە" ئىدى. شۇڭا بۇ زىمىندىكى ئەمەلدارلارغا نېسبەتەن بۆلگۈنچىلىك قىلمىسىلا قانۇندىن ھالقىپ يول قويۇش، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلاش ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا تۆۋەن بىلەن يۇقۇرىنىڭ بىرلىشىپ قېلىشىدەك ئاپەتتىن ساقلىنىپ، پارچىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالغىلى بولاتتى. چىڭ ھۆكۆمىتى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقىغا نېسبەتەن ھۆكۈمەت مالىيىسىگە خىيانەت قىلمىسىلا، پۇقرانىڭ ھەققىنى قانچلىك يىسىمۇ كارى بولمايدىغان، پەقەت "بوغدا خانغا ئولپان يوللىدى." دىگەنگە مەستۇرە ئاتاققا قانائەت قىلىدىغان سىياسەتنى يولغا قويدى.
بۇ يەردە يۇرتىمىز بايدا يۈز بەرگەن يەنە بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. ئەمەلدارلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان زۇلۇملىرىغا چىدىمىغان باي خەلقى ئەيسا گۈنبەز، مۇھەممەت ئېلى بۇغرالارنىڭ باشچىلىغىدا ئاقسۇدىكى ئەمەلدارغا ئەرز قىلىدۇ. ئۇلار چىڭ ھۆكۈمىتىدىن بىرنەچچە ھارام تەبىئەتلىك ئەمەلدارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىۋاتقان قان-تەرىنى ۋە دەپسەندە بولىۋاتقان ئىنسانىي-غۇرۇرىنى قوغداپ بېرىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ. بىراق ئەزەلدىن يۇقۇرىنى يالاپ، خەلىقنى شوراپ ياشاۋاتقان بەگ، ئامباللار بىرلىشىپ" بىرنەچچە ئادەم ئۇلۇغ خاننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، باغى-تاغى بولۇپ چوماق، كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ توپىلاڭ كۆتەردى ." دەپ مەلۇمات يوللايدۇ. ئەيسا گۈنبەز باشلىق ئون يەتتە ئادەمنى دارغا ئاسىدۇ. قالغانلىرىنى نەچچە كۈن ئۇسسىز ۋە ئاچ قويۇپ ئاخىرى ھاكنى دوغاپ قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن بۇنى بىلمەستىن ئىچىدۇ ۋە ئورنىدا قېتىپ قالىدۇ. ئەمەلدارلار "كېسەل بولۇپ ئۆلدى" دەپ مەلۇم قىلىپ كۆمدۈرۋېتىدۇ.
كۇچا ۋە ئاقسۇدا يۈز بەرگەن مەمتېلى قارىم باشچىلىغىدىكى، ئاتالمىش بۈيۈك چىڭ خاندانلىقىغا قارشى يەنە بىر قوزغۇلاڭ ئېسىمگە كەلدى.
كۇچا ئامبىلى ئورچىڭئا باشلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قەدەر تېرىلغۇ يەرلەرنى شەخسى ئىگەللىۋېلىپ دېھقانلارغا ھەقسىز تېرىتىدۇ. دېھقانلارنى بوز يەر ئېچىشقا تەشكىللەپ ئاخىرىدا ئۇلارنىمۇ تارتىۋالىدۇ. يۇقۇرىدىن بۇيرۇلغان ھەر-خىل تۈردىكى قۇرۇلۇشلارنى دېھقانلارغا ھەقسىز قىلدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا خىراجەت ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن مالىيەنىمۇ ئۆزلىرى بۆلۈشىۋېلىپ، بۇنى دېھقانلارغا سېلىق ھېساۋىدا تۆلىتىدۇ. تۆلەۋاتقان باج-ئالۋاڭ يەتمىگەندەك بۇ قوشۇمچە سېلىقلار دېھقاننى دات دىگۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزلىرى تەيىنلىۋالغان ساپاسىز ئۆلىما-ئىماملار ئارقىلىق بۇلغاپ، يەرلىكنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھاقارەت قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىپ ئاياللارنى نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەسىلەن ئورچىڭئانىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدىن 200 دەك ئايالنى مۇشۇ مەخسەتتە مەجبۇرى يىغىۋالىدۇ.
خەلق زادى قانداق قىلىشى كېرەك ؟!
دەسلەپ يۇرتتىن مەمەتئېلى قارىم باشلىق بىر نەچچەيلەن پۇقرالىق مەجبۇرىيىتى بىلەن كىتاپلاردا ئېيتىلغاندەك "قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشنى تاللاپ..." يەرلىك ئەمەلدارلارغا تۇيدۇرماستىن ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغىلى بارىدۇ. جاڭجۈن مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ئەرزىگە ئېتىۋار بەرگەن قىياپەتتە سېلىقىنى يەڭگىلىتىش توغرىلىق يارلىق چۈشۈرۈپ، باشقا مەسىلىلەرنى ئالدىرىماي چوقۇم ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەمتېلى قارىملار يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئىشنىڭ تەرەقىياتى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك بولىدۇ. ئەرزگە بارغان مەمتېلى قارىم باشلىق بۇ بىرنەچچەيلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوقۇتۇش نىشانىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنى قولغا ئالماقچى بولغاندا خەلق بۇنى تۇيۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۇچا ۋە ئاقسۇ دائىرىسىدە دېھقانلار ئىنقىلاۋى ئامالسىز قوزغۇلىدۇ.
بەلكىم بۇ كۇچادىكىلا مەسىلە دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بىراق 54-يىلىدىن 60-يىلىغا قەدەر ئالتى يىل ئىچىدە قەشقەر خانئېرىقتا، خوتەندە، ئاتۇشتا، قەشقەرنىڭ ئۆزىدە ، چۆچەكتە ۋە يەنە بىر قېتىم كۇچادا بولۇپ جەمى يەتتە قېتىم قوزغۇلاڭ كۆتۈرىلىدۇ. قوزغۇلاڭلارنىڭ ھەممىسى شېرىكلەشكەن قاراقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ.
تارىخى ھەمىدىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار قالدۇرىلىدۇ.
" باشقا شەھەرلەردىكى ئادەملەرمۇ ياركەنت خان ئامبىلىغا ياكى ئىلىدىكى جاڭجۈنگە ئەرز-داتلارنى سۇندى. ئۇلار بۇ ئەرزلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەستىق سېلىپ يەرلىك ئەمەلدارلارغا قايتۇردى. يەرلىك ئەمەلدارلار ئەرزچىلەرنى " سەن ماڭا ئەرز قىلماي باشقا شەھەرنىڭ ئامبالىغا ئەرز قىلدىڭمۇ ؟ دەپ ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە جەبرە-زۇلۇمغا مۇپتىلا قىلدى. پۇقرالارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەرز داتلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىش ئۇلۇغلارنىڭ بوينىدىكى ۋاجىپ ھەتتا پەرز ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. بەلكى ئۇلارنى يوقاتتى. خان تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مائاشقا قانائەت قىلماي پۇقرانىڭ رىسقىغا قول ئۇزارتتى يەنە ئۆزىنىڭ نالايىق ھىلە-بۆھتانلىرىنى پۇقرالارغا ئارتىپ قويۇپ ئۇلارنى خان يارلىقى بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. شۇڭا پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىكى بۇ ئەمەلدارلارنىڭ كاللىسىغا تارتىنماستىن قىلىچ سالدى. ھالبۇكى غازات قىلغان بۇ ئادەملەرنى غازى ياكى شېھىت دىمەسلىككە يەنە قانداق سەۋەپ بار ! "
موللا موسا سايرامى دەرھەقىقەت توغرا ئېيتقان. بىز چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ قوزغۇلاڭچىلارنى غازى ياكى شېھىت دىمەسلىككە ھېچقانداق سەۋەپ تاپالمايمىز.
ئېچىنىشلىق يېرى، چىڭنىڭ گاۋزۇڭ دەۋرىدىكى خاتىرىلەردە بۇ خىلدىكى قوزغۇلاڭلارنى "....غەليانغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىش-ئوقەتسىز، بىكار تەلەپ، لاغايلاپ يۈرۈيدىغان ھورۇن-ئۈششۈق چەنتولاردۇر. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ غەليان كۆتۈرگەن....." دەپ خاتىرە قالدۇرغان.
" ئالدىڭلارغا ئۇچرىغانلىكى ئاسىيلار، قېرى-ياش،ئەر-ئايال دىمەستىن ھەممىسى قىرىپ تاشلانسۇن...ئىش-ھەركىتى سەللا شۈبھىلىك بولغان ئادەملەرگە مۇشت كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى بەرمەستىنلا قىرىپ تاشلانسۇن! ". يەنە بىر پەرمانىدا " ئاغرىق-سىلاقلىرىدىن نىمجان بولۇپ قالغانلارغا ئوق-دورا ئىسراپ قىلىنمىسۇن "دىيىلگەن بولسا " مەڭگۈ چاتاق چىقمايدىغان قىلىپ ھەل قىلمىساق، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى كۆمۈپ قويغان بولىمىز" دەپ قوي پادىسى ئۈستىدىن بۆرىدەك تەبىئىتى بىلەن يۇرت سورايدۇ.
چيەن لوڭنىڭ " مۇسۇلمان يۇرتىدىكى قوشۇنلار چەنتولار بىلەن ئارىلىشىپ تۇرسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئاسانلا چەنتولارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ غەليانغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. "دىگەن پەرمانلىرىدىن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىكتىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ خۇلق-پەيلىنى بىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئىتلارنىڭ ئامانلىقىنى دۆلەتنىڭ، خەلىقنىڭ ئامانلىقىنىڭ ئالدىغا قويدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قارشىلىقلارغا نېسبەتەن قوللانغان ئىجابى تەدبىرى دىسەك يەرلىك ئاھالە بىلەن ئىچكىرىدىن چىققانلارنى ئايرىپ باشقۇرغان. بۇ تەدبىر بولماستىن بەلكى ئۆز ئادەملىرىنىڭ مۇشۇنداق قوزغۇلاڭلاردا تەييارلىقسىز قىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۇداپئەسى ئىدى.
قىسقىسى بۇ ئاتالمىش "ھۆكۈمەت" مەۋجۇت مەسىلىلەرنى باستۇرۇپ قويۇشقا تىرىشقانكى، ئەمما سەمىمىلىك بىلەن ھەل قىلىش يولىدا ئازراقمۇ تىرىشمىغان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىپ تۇرىشى ئۇلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئەڭگۈشتەر ئىدى. ئۇلار بۇ ئەڭگۈشتەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، بىر مىللەتنىڭ ئىتىپاقلىشىپ قېلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى.
1814-يىلى قەشقەردىكى تاشمىلىق مەسچىتنىڭ ئىمامى زىياۋۇدۇن ئاخۇن (قارا تاغلىق) قەشقەر ھەزرەتتە ئولتۇرۇشلۇق قاسىم خوجا(ئاق تاغلىق)نىڭ قىزى بەھرىنىسانى نىكاھىغا ئالماقچى بولغاندا قەشقەرنىڭ ھاكىمبېگى يۈسۈپ " ئاق تاغلىق بىلەن قارا تاغلىق ئۆز ئارا نىكاھلاشسا بولمايدۇ" دەپ ئۇلارنىڭ تۇققاندارچىلىق قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ يولسىزلىقى سەۋەبىدىن زىياۋۇدۇن ئاخۇن بۇرۇت قىپچاقلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ.
دىمەك ھۆكۈمدارلىق رىسالىسىدىكى مەڭگۈلۈك تەدبىرلەردىن قەتئى ساۋاتسىز بۇ قارا كۈچ، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتىدىكى ھىلە-نەيرەڭلەردىن ۋاز كېچەلمىگەن. ئىچكىرىدىكى تەيپىڭ تيەنگو ۋە يىخېتۇەن قوزغۇلاڭلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق ئېچىنىشلىق بولغان بولسا بۇ زىمىندىكى قوزغۇلاڭلارمۇ شۇنداق تەغدىردىن قۇتۇلالمىغان.
1758-يىلىدىكى خوجىلار يېغىلىقىدىن 1765-يىلىدىكى ئۈچتۇرپاندىكى جىگدە يېغىلىقى باستۇرۇلغانغا قەدەر ( بۇ قېتىمقى باستۇرۇشقا قوماندان جاخۇي ۋە ھېلىقى كىنودىكى دوك ۋەزىر ليۇيوڭ ئوبرازىدىكى ئادەم مۇشاۋۇر بولۇپ قاتنىشىدۇ) قىسقىغىنە يەتتە يىل ئىچىدە مانجۇلار ئۇيغۇر خەلقىدىن دەھشەتلىك ئۆچ ئالىدۇ. نۇرغۇن تارىخىي شەھەرلەرنى، مەدەنىيەت-ئىقتىسات سودا نۇقتىلىرىنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسياچىلارنىڭ ئۇۋىلىرى دىگەن نام بىلەن ۋەيران قىلىپ يەر يۈزىدىن يوقىتىدۇ. جەنۇپتىكى تۆت شەھەردە ئاز دىگەندىمۇ بەش يۈز مىڭ ئادەمنى ياۋۇزلارچە قىرىپ تاشلايدۇ.(يەتتە يىل ئىچىدە) ئاقسۇ دەرياسى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى بىلەن توشۇپ كەتكەچكە كىشىلەر ئۈچ يىلغىچە دەريا سۈيىنى ئىچەلمەيدۇ....
چىڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىرىدىن جاۋخۇي بىلەن فۇدېنىڭ ئىلى ۋادىلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن "1758-يىلى، بوغدا خان تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئۇ يەر بۇ يەردىكى قىسمەن قوزغۇلاڭلارنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، جاۋخۇي ۋە فۇدېنىڭ قوماندانلىقىدا جۇڭغارلارنى باستۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇغۇلۇستاندا ئەر-ئايال، قېرى-ياش دىمەستىن ئومومىيۈزلۈك چوڭ قىرغىن باشلىنىپ كەتتى. ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان بۇ چوڭ قىرغىندا بىر مىليون ئادەمنىڭ بېشى ئېلىندى." (موللا موسا سايرامى ۋە كروپاتكىن ) بۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلار كىم ئىدى ؟!
1678-يىلىدىن باشلاپ يۈز يىل ئىچىدە جەنۇپتىن ئىلىغا مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يىلدا 900 جۈپتىن ( ئۇدا يۈز يىل )ئېۋەتىلىدىغان غالچە يىگىت-چوكانلار(ئۇششاقلار)، "تارانچى" دەپ ئاتىلىدىغان دېھقانلار، ھۈنەر-سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان" بازارگان" لار، تۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان " بوچى" لاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇرلار ئىدى.
ئەنە شۇندا قىرغىنلاردا ئىلى دەرياسىغا توشۇپ كەتكەن ئۆلۈكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئاخىرى دەريا توسۇلۇپ قېلىپ سۇ تېشىپ كېتىدۇ. بۇ سۇدا ئەسلىدىكى قورغاس كۈرەسىنىمۇ سۇ بېسىپ كېتىدۇ. ئاخىرى خانلىقتىن دەريادىكى ئۆلۈكلەرنى تازىلاش پەرمانى چۈشىدۇ. "دەريادىكى ئۆلۈكلەر ئىلمەك بىلەن ئىلىپ ئېلىنغاچقا ئىلى دەرياسى دىگەن نام بىلەن ئاتالغان" دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار.
ئىلى ۋادىسى بىلەن قەشقەرىيەنى جۇڭغارلارنىڭ زۇلمىدىن ئازات قىلدۇق دەۋالغان چىڭ مانجۇلىرى ئۆزىنىڭ رەزىللىك ۋە زالىملىقتا جۇڭغارلارغا ئۇستاز بولغۇدەك ئەپتى-بەشىرىنى ئەنە شۇنداق نامايەن قىلدى. "ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش"تىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش تۆھپىنىڭ سايىسىدە ھەر مىللەت خەلقىنى باستۇرۇپ قاڭغىر-قاخشاتتى. خەلىقتىن بۇلاپ توپلانغان سېلىق خىراجەتلىرى ھەرگىزمۇ خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا ياكى شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىدىكى مىللى تەرەقىياتقا سەرپ قىلىنمىدى. بۇ قان-تەرلەر دۆلەتتىن ئىبارەت مەۋھۇم ئۇقۇمنى تەشكىل قىلىۋالغان ئەشۇ قاراقچىلار كوللىكتىپىنىڭ يەپ-ئىچىشىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سېپىل سوقۇپ، قىلىچ بىلىشىگە سەرپ بولدى.
ئوقۇرمەن سىز بەلكىم مانجۇلارنىڭ يۈكسەك جەڭ سەنئىتى شۇنداق چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەپمىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە كېيىنكى باپلاردىكى ۋەتەن ساتقۇچ قىلمىشلىرىنى ئوقۇساقلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك "باھادىر" ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالىمىز.
ئەمەلىيەتتە چىڭ ھۆكۈمىتى شىمال ۋە جەنۇپتىكى تاجاۋۇزىدا ھەقىقى بىر قوشۇنغا دۇچ كېلىپ باقمىدى. بۇنداق "ئامەت" ئۇلارنىڭ كەتمەن-گۈرجەك بىلەن قوراللانغان ئاددى قوزغۇلاڭچى خەلق ئۈستىدىن كۆرەڭلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. خەلقنىڭ ئۈستىدىن بۇنداق كۆرەڭلىك بىلەن كېرىۋەرگەنلەرنىڭ ئاخىرىدا تېرىسى يېرىلماي قالمىدى.
يولداش ماۋزېدوڭمۇ ۋاڭجېننى شىنجاڭغا ماڭدۇرىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا " سىز شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئورۇنلايدىغان ئىككى تۈرلۈك خىزمەت بار. بىرى پارتىيە تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش. يەنە بىرى يۇرتدىشىڭىز زوزۇڭتاڭ(خۇنەندىن. چىڭ سۇلالىسىدىكى ئەجنەپىيپەرەس ھەربى ئەمەلدار. شىنجاڭدا ئاسىيلارنى باستۇرۇش باھانىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغان جاللات. ۋاڭجېن بىلەن يۇرتداش) ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇپ، شىنجاڭغا خەلقىگە خىزمەت قىلىش) دىگەن يوليورۇقنى بېرىپ چىڭ قاراقچىلىرىنىڭ ئېغىر جىنايەتلىرىدىن قالغان ئاسارەتلەرنى تۈگۈتۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بىز شۇ مىنۇتلاردا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە تىنىچلىقىدىن ئىبارەت ئارزۇسى بىلەن ئەشۇ قاراقچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئازاپلاندۇق.
چىڭ سۇلالىسى تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك "ئۇلۇغۋار خىزمەت"ىنىڭ باھاسى ئۈچۈن تۆلەنگەن شۇنچىلىك زور جان ۋە قاننى كۆرۈپ ئازاپلاندۇق.
ئەشۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ "بىرلىككە كەلتۈرۈش" نىقاۋى ئۈچۈن خەلق ئادىمىي ھىسياتى، غۇرۇر-ۋىجدانى، ھايات-ماماتى بىلەن بەدەل تۆلىشى كېرەكمۇ ؟!
بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارلىرى نىمە ئۈچۈن تىرناقچىلىك بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ ؟! دىگەن سوئاللارنى بارماقتەك مىڭىسى بار ئادەم بولسىمۇ ئويلىماي قالمايدۇ .
1754-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىپلاس قەدىمى شىنجاڭغا كىرگەندىن باشلاپ 1911-يىلىغا قەدەر چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئازراقمۇ ئاراملىق بولمىدى. ئاخىرى ھۆكۈمدارلىققا لايىق بولمىغان بۇ قارا كۈچ شىنجاڭدىن، جوڭگودىن يوقالدى.
30
مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سەددىچىننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جىنايەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەتتا كېيىنكى مانجۇ ئەۋلاتلىرىمۇ ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندا مىليونلىغان مانجۇلار ئەجداتلىرىنىڭ جىنايىتىدىن قورقۇپ پارغا ئايلانغاندەك يوقاپ كەتتى. خۇددى لۈشۈننىڭ " نارا نەگە كەتتى ؟! " دىگىنىدەك بولدى.
1912-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جوڭگودا دىمكىراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزىمى ئورنىتىلىپ گومىنداڭنىڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. كېيىن بۇ ھۆكۈمەت بېيجىڭغا يۆتكەلدى.
بىراق شىنجاڭدا بولسا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇيرۇقى بولغان ياڭزىڭشىن ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىكى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى داۋامۇلاشتۇرىۋەردى.
شىنخەي ئىنقىلاۋى بولغاندىن كېيىن بۇ زىمىن يېڭى دۇنيانىڭ باھار نۇرىدا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپسا بولاتتى.
بىراق يىلىكى شورلۇق خەلقنىڭ تەغدىرىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئېيتقاندەك " ئىسمى ئالماشقان بىلەن، قىلىقى ئالماشمىدى."
ياڭ ئەسلىدە 1908- يىلى گۇاڭشۈي خان ۋە سىشى تەيخۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ئاقسۇغا ۋالىي بولغان ئىدى. (كېيىنكى جىنشۇرېنمۇ ياڭدىن كېيىنكى ئاقسۇ ۋالىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن)شىنخەي ئىنقىلاۋى قوزغالغاندا ئۇ ئۈرۈمچىدە تېنىچلاندۇرغۇچى بەگ ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن ئىشلىرىنى مۇپەتتىش قىلغۇچى(توۋۋا ! قانۇن-ھە...)لىق سالاھىيەتتىكى ئەمەلدار ئىدى.
جوڭگودىكى زور ئۆزگۈرۈش بۇ دىيارغا تەتۈر تەسىر كۆرسەتتى. يەنى ياڭنىڭ چىڭ دەۋرىدىكى مەنسىۋى شىنخەي ئىنقىلاۋىدا ئۆسۈپ ئۆلكە باشلىغى بولۇپ يۇرت سورىدى.
شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن شىنجاڭ خەلقى قانچىلىك نەپ ئالدى ؟
مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپ ۋەدە قىلغان بەش خىل بېجى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قوڭى ئىسسىغانچە سانى ئېشىپ 65 خىلغا يەتكەن ئىكەن. ياڭزىڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە بولسا باج خىزمىتىدە يۇقۇرى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ 92 خىلغا يېتىدۇ(بەزى جايلاردا يۈز خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ). يىللىق بۇلاڭچىلىقى ئىككى مىليون 200مىڭ سەر كۈمۈشكە بېرىپ(بۇ شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمەت ئارخىۋىدىكى سان، بۇ سان باشقا غەيرى باجلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) شىنجاڭنىڭ سېلىق تارىخىدىكى يۇقۇرى رىكورت يارىتىلىدۇ. مىللىتارىزىملىق سىياسەت قوللۇنۇپ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاڭغىر-قاخشىتىدۇ. يولداش ماۋزېدوڭ 1957-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن شىنجاڭغا قايتماقچى بولغان سەيپىدىنگە يوليورۇق بېرىپ " بىز خەنزۇلار ئۆتكەندە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئەزگەن، ھازىر نىمىلەرنى قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك ؟ سىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ " دەپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئەنە شۇ ئاسارەتلىك تەغدىردىن قۇتۇلدۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
ياڭ زىڭشىن رەھىمدىللىكنى نىقاپ قىلىپ، "كوڭزىنىڭ سادىق مۇخلىسى" دىگەننى شوئار قىلىۋالغان. بۇ تۈلكە ئەمەلدارلىقتا چىڭنىڭ " چەتلىتىش تۈزۈمى"نى قوللىنىپ بۇ يەرلىككە ئۇ يەرلىكنى ئەمەلدار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ مەخلۇق تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش ۋە قابىلىيىتىنى ئۆلچەشتە خەلىقتىن قانچىلىك پۇل-مال شۈلىگەنلىكى ئاساس قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ مەخپى ئۆلچىمى شۇ دەۋردىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالغان.
مەيلى چىڭ ياكى تۆنۈگۈنكى ياڭ،جىن،شىڭ....لارنىڭ قايسىسىلا بولمىسۇن كاللا ئىشلىتىپ پارە يىيەلىگەن ئادەمنى ئىشەنچىلىك سانىغان. نىمە ئۈچۈن ئۇنداق بولىدۇ ؟
چۈنكى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خەلق بەك بېيىپ كەتسە ھۆكۈمەتكە مۇش ئاتىدىغان بولۇپ قالىدۇ دەيدىغان سەپسەتە بار ئىدى. (بۇ سەپسەتە قۇللۇقتىن گېنىراللىققا چىقىپ قالغانلارنىڭ تۇرمۇش مەنتىقىسى) شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنى يالجىتمايدىغان بۇنداق ئەمەلدارلارغا يېشىل چىراق ياقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن جىمىكى ئوي-خىيالى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈنلا چۆگىلەيدىغان ئادەمدە غۇرۇر-ۋىجدان، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ياكى قانۇننىڭ ئادالىتى دىگەن ئۇقۇملار بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئامانلىقى بىلەن مال-دۇنياسىنىڭ سانىدىن ئىبارەت شۇنچىلىك ئاددى تەلەپ بىلەن ياشىغاچقا غۇرۇر-ۋىجدانلاردىن ساۋاتسىزلىقى بىلەن قارا ھاكىمىيەتكە ئىشەنچىلىك بولىدۇ.
نىمە ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە ئىشەنچىلىك بولىدۇ ؟
خەلقنىڭ ھال-دەردىگە يېتىدىغان ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ئادەمنىڭ غايىسى، ئۈمۈت-ئارزۇسى مىڭلىغان خەلق بىلەن، دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى بىلەن باغلىنىدۇ. شۇ مەنىدىن ئۇلار ئىشەنچىسىز ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ مىڭلىغان خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ھەققانىي يولنى تۇتۇپ ماڭالايدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ قاراقچىلىقتىن باشقا ھۈنىرى يوقلىقىنى ئىستىخىيلىك ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا ئەپلەپ-سەپلەپ بىرنىمىلەر قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك يولى.
ئىلگىركى خوجىلار دەۋرىدە ئۆزىنىڭ پىرىغا قانچىكى قارا قوساقلىق بىلەن ساداقەت بىلدۈرگەنلەر شۇنچىكى دۆلەتكە سازاۋەر بولغان. چىڭ دەۋرىدە بولسا مانجۇلارغا قانچىكى قۇللۇق بىلدۈرۈپ خوشامەت قىلغانلار شۇنچىلىك ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ ئاتىلىشى ئوخشىمىسىمۇ خۇلقى-ئەپتالى قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇنداق ھۆكۈمرانلارنىڭ دەۋرىدە ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئىلغارلىق راۋاجلىنالمايدۇ. ئىپلاسلىق بولسا مۇنبەت تۇپراققا ئېرىشىپ كۆكلەيدۇ.
جەمىيەتتە پۇل بىلەن ئەمەل چوقۇنىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ. ئەمەل ئۈچۈن قەلبىنىلا ئەمەس، ھەتتا ئىشتىنىنىڭ ئىچىنىمۇ تەغدىم قىلىدىغان خۇمسىلىق ئەۋج ئالىدۇ.
جۇڭغارلار دەۋرىدە ئىشان-سوپىلار خۇدانىڭ مەرھىمىتىنى بىۋاستە ئىزدىمەيدۇ. پىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىزدەشكە كۆنگەن بولىدۇ. مانجۇلار دەۋرىدە يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى ياكى سىياسىتىنى بىۋاستە قوللانمايدۇ. ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئەمەلدارنىڭ(پىرىنىڭ) ئىش-ھەركىتى، گەپ-سۆزىنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىغا مىزان قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا جوڭگو تارىخىدا خەلقنىڭ ئارزۇسىدىكى ئادىل ئەمەلدار باۋگۇڭ رىۋايەتلەردىن رىئاللىققا چىقالمايدۇ.
قىزىقارلىق يېرى چىڭ دەۋرىدە يەرلىك ئەمەلدارلارغا تولا ئېيتىلىدىغان بىر گەپ بار. ئۇ بولسىمۇ " خانلىقنىڭ مائاش-كۇلياڭىنى يىگەندىكىن ساداقەتمەن بولايلى ! " بۇ جۈملە كېيىنكىلەر دەۋرىدىمۇ ئوخشاش ئىستىمال قىلىنىدۇ.
بىزدە بىر گەپ بار. قەلەندەرنىڭ بالىسى قاراقچى دەيدىغان. ئۇلار تېگىدىنلا قاق قەلەندەر تۇرسا (چىڭ خاندانلىقىنىڭ بابىسى نۇرخاچ) ئەمەلدارلىرىغا بېرىدىغان ئاتىسىدىن مىراس قالغان ئاقچە نەدە دەيسىز؟
بۇ ئاقچا ئەلۋەتتە خەلقنىڭ يانچۇغىدىن كېلىدۇ. ئاتالمىش خەلقنىڭ غەمگۈزارى بولىۋالغان بۇ قاراقچىلار خەلىقتىن شۈلىۋالغان ئەشۇ مال-مۈلۈكنىڭ تامچىسىنى تېمىتىپ ئەمەلدارلىرىنى پوققا ئولاشقان چىۋىندەك تاماخورلۇققا كۆندۈرىدۇ. ئەسلىدە يىگەن ئېغىز ئۇيالسا بولاتتى. بىراق خەلق ئاش-نان بېرىپ باققان بۇ ئىتلار ئوۋغا يارىماستىن بەلكى ئىگىسىنىڭ پاچىقىدىن ئېلىشقا يارايدۇ.
ياڭدىن باشلاپ گومىنداڭدا ئاخىرلاشقان زۇلمەتلىك تېرورلۇق قاپلىغان بۇ زىمىندىكى قوزغۇلاڭلارنى بىز سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق. چۈنكى ياڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردىكى زۇلۇملار توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەر ئاممىۋى چۈشەنچىلەرگە ئىگە.
ئۇزاق تارىختىن بۇيان قۇللۇق ۋە ھۆرلۈك ئارىسىدا قانلىرىنى سۇدەك تۆككەن بۇ بەخىتسىز ئەمما قەھرىمان خەلق بۇ دەۋردىمۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلار ئالدىدا سۆزلەپ بەرگۈدەك داستان كەبى ۋەقەلەرنى ياراتتى. "جاھالەت بىر گەز ئورلىسە، ئادالەت مىڭ گەز ئۆرلىدى"نى ئىسپاتلاپ زۇلۇم ۋە ھاقارەتنىڭ بۇ دىياردا مەڭگۈ يىلتىز تارتالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى قىرىق يىللىق ياغاچتىنمۇ قىلدەك نەم چىقىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تونۇتتى.
ۋەتەن ساتقان ھۆكۈمرانلار
رايونىمىز تارىخىدا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدەك مەۋھۇم تاجاۋۇزلىرى كۆزىمىزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭلا ئەمەس ھەتتا باشقا قىتئەدىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ قەدەم ئىزى بۇ دىياردا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ زىمىندا مۇشەققەت تارتىپ يۈرۈشلىرى يەرلىك خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغۇلاڭلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى تەرىپىگە قارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش ئۈچۈندۇر.
بىراق، ئۇلارنىڭ "خالىسلىقى"غا ئىشەنگەن بىچارە خەلق ئۆزلىرى كۆرۈۋاتقان زۇلۇملارغا چىدىماي قوزغۇلۇپ يامان كۈنلەرگە كەلگەندە ئاۋۇ جاھانگىرلار تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ.
ئۇلار نەگە كېتىدۇ ؟ ئۇلار ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ.
بۇ چاغدا ئۇلار مەخسەتكە يەتكەن بولغاچقا خەلقىمىزنىڭ ئۆلە-تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە دىگەن سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى ئۇلارنىڭ سودىسىدىكى كوزىرىغا، دەسمايىسىگە ئايلىنىپ دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ نە-ھال، نە-كۈن كۆرۈۋاتقىنىمىزنى بىلىدىغان ئەشۇ خوشنىلار، دىنداشلار ۋە قەلبداشلار بۇ زىمىننىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ھەر-خىل شەرتنامىلەرنى ياكى سودا توختاملىرىنى تۈزەيدۇ. ھۆكۈمرانلارمۇ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەرلىك قوزغۇلاڭچىلارغا ياردەم بەرمەسلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئۇيغۇر تارىخىدا زالىم كۆتلەشنىڭ ۋە پۇرسەتپەرەس ئەجنەبىينىڭ ۋەدىسىدەك تۇترۇقسىز ۋەدە بولغان ئەمەس.
بۇ تۇترۇقسىز ۋەدىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ھەر-بىر قوزغۇلاڭنىڭ خاتىمىسىدە زۇلمەتلىك ھۆكۈمەت بىلەن چەتئەل جاھانگىرلىرى قىلچە زىيان تارتمايدۇ. دارغا ئېسىلغىنى ياكى قىرغىن قىلىنغىنى يەنىلا مۇشۇ تۇپراقنىڭ بەخىتسىز خوجايىنلىرى بولىدۇ. ھۆكۈمرانلار ئەشۇ جاھانگىرلارغا تۆلىگەن خىراجەتلەرنى بىرنى ئون قىلىپ يەنە مۇشۇ زىمىندىن، قىرغىندا ئۆلمەي تىرىك قالغان يىلىكى شورلۇق خەلقتىن يۇلىۋالىدۇ.
يېقىنقى زاماندىكى خوجىلار توپىلىڭىنى مىسالغا ئالساق بۇ توپىلاڭلارغا قوقان خانلىقى بىۋاستە قول تىقىدۇ. ئۇنداقتا توپىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن قوقان خانلىقىنىڭ بۇ زىمىندىكى تەغدىرى قانداق بولىدۇ ؟
ھېچقانداق بولمايدۇ. قوقانلىقلارنىڭ توپىلاڭدىن ئىلگىركى ئىمتىيازى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوقان خاندانلىقى بىلەن سودا شەرتنامىسى تۈزەيدۇ........ ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى ھەسسىلەپ كۆپۈيىدۇ. ھەتتا قوقان ئاقساقاللىرى چېگرا تاموژنىسىغا مەسئۇل بولۇشتەك ئالاھىدە ھوقوقلارغا ئېرىشىدۇ...( چىڭنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى تاموژنا ھوقوقىنى ئەنگىلىيىلىكلەر ئىگەللىۋالغانغا ئوخشاش) قوقانلىقلار باج-خىراجسىز ئالتىشەھەردە سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.... ھەتتا ئوردا خاتىرلىرىگە پالانچى دۆلەت ئۆلپان تەغدىم قىلىپ بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى دەپ پۈتۈشكە ئامراق، بۇ قۇرۇق سۆلەت چىڭ ھۆكۆمىتى قوقان خانى شىر ئەلىخاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا 200يامبۇ بىلەن شايى،ماتا،فار-فۇر قاچا دىگەنلەرنى كۆتۈرۈپ بارىدۇ. مانجۇلارنىڭ خەلقارادا ئىناۋىتىمۇ بولمايدۇ. قوقان خانى بىلەن بولغان سۆھبەتتە چىڭنىڭ ئەلچىلىرىنى توغرىدىن-توغرا " كاپر" دەپ ئاتايدۇ...."
دىمەك تىللا-ئاقچىلار ئىلگىركىدىن ھەسسىلىنىپ قوقانغا قاراپ ئاققان بولسا تۈمەن ۋە ئاقسۇ دەريالىرىدا يەرلىك خەلىقنىڭ قېنى ئاقىدۇ.
بۇلار ئەجنەبىيلەرنىڭ ئەزەلدىن بۇ زىمىنغا غەرەزسىز غەمخورلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇۋاشنى بوزەك قىلىپ ياماندىن قورقۇدىغان بىچارە سۇلالە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇلاردىن باشقا روسىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامىرىكا، گېرمانىيە باشچىلىغىدىكى ئوننەچچە دۆلەت بىلەن ئىلگىرى-كېيىن ئىمزالىغان "نېۋچىنسېك شەرتنامىسى"دىن تارتىپ تاكى "شىنچۇ شەرتنامىسى"غا قەدەر ئاز كەم يىگىرمە شەرتنامىلەرگە قارىساق بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى قانۇنىي ئاساسىنىڭ قىلچىلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز.
نە دۆلەت نە خەلقنىڭ تەقدىر-ئىستىقبالى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان بۇنداق سودىلار بۇ زىمىننىڭ تارىخىدا تولىمۇ كۆپ يۈز بەردى. ھەتتا تۆنۆگۈنگە قەدەر ئۈزۈلمىدى. ياڭدىن تارتىپ گومىنداڭغا قەدەر ئورۇس ھەتتا سوۋېت ئىتىپاقى بىلەنمۇ ئاشكارا ۋە مەخپى يوسۇندا نۇرغۇن ۋەتەن ساتقۇچ كېلىشىملەر تۈزۈلدى. بۇ كېلىشىملەرنىڭ سىياھى يەنىلا بۇ زىمىندىكى ھەر-مىللەت خەلقىنىڭ قېنى بولدى.
مۇشۇ ۋەقەلەرنى ئويلاۋېتىپ مەرھۇم لۇتپۇللانىڭ شېئىرىدىكى "زاماندا ئىناۋەت يوق" دىگەن مىسرانى ئەسلەپ قالدىم.
بۇ قۇرلارغا كەلگەندە چىڭدىن ئىبارەت بۇ "سېسىق تۇخۇم"نى ھەرقانچە قىلىپمۇ "ساق تۇخۇم"تى دىيەلمىدىم. چۈنكى ئۇنى "ساق" دىيىش بۇندىن كېيىنكى ھەرقانداق نەرسىنى تاللىماي يىيىشكە مەجبۇرلىنىشتىن دېرەك بېرەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سېسىق تۇخۇمنىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلاش، يەنە شۇ جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىگە سۈكۈت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستى.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامتى ؟ ئەلۋەتتە بولاتتى. مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك قانداقتۇر چېگرا-پاسىللاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشلا ئەمەس ئىدى. بەلكى ھەر مىللەر خەلقىنىڭ قەلبىدە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىگە قارىتا مەڭگۈ ئېغىشمايدىغان ئەقىدە تۇرغۇزۇش ئىدى. ئەگەر بىز ئويلىغان ئەمىنلىك ئورنىتىلغان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى قوزغۇلاڭ ۋە قىرغىنچىلىقلارمۇ يۈز بەرمەيتتى.
ياڭدىن تارتىپ گومىنداڭغىچە بولغان جەرياندا دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇنى تەل-تۆكۈس ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامتى ؟ ئەلۋەتتە بولاتتى. بىراق شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلار قالپاققا تۈشلۈق قىرغىزلىق قىلالمىدى. ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىدىن بۇ "قالپاق"نى ئوڭشاپمۇ كىيەلمىدى. قالپاق تىككەن رەختتىن پايپاقمۇ تىكىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، زوراۋان مىللەتچىلىكنى يۈرگۈزگەچكە كەلگۈسىگە ئاسارەتلىك بىر تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى.
شۇڭا ئۇلار توۋلىغان "دۆلەت مەنپەئەتى" ھۆكۈمراننىڭ قانخورلىقى بىلەن ئاۋامنىڭ قۇلچىلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان فاشىستتىك ئىدىيە بولغاچقا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلدى.
ئۇلارنىڭ ئاتالمىش دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن تۆھپىسىنى ھەرقانچە زورلىساقمۇ خەلقىمىزنىڭ قان-ياشلىق تارىخى ئۈستىدە تۇرغۇزۇش مۇمكىن بولمىدى.
مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى بىز مىليونلىغان خەلىقنىڭ قاتىلى، ئىنسان بالىسىنىڭ دۈشمىنى بولغان چىڭ سۇلالىسىغا ئوخشاش ھۆكۈمرانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ زىمىندىكى قولچوماقلىرىنى ئۇلۇغلايدىغانغا ماتىريالىزىم نۇقتىنەزىرىدىن قىلچىلىك دەلىل تاپالمايمىز. بىز پەقەت ئىدىئالىزىمچىلار بولۇپ قالمىساقلا بۇنداق خاتالىقلارغا مەستانە بولۇپ يۈرمەيمىز.
بىز دۆلەت مەنپەئەتى دىگەن مەۋھۇم ئۇقۇمنى پەقەت خەلق مەنپەئەتى دىگەن روشەن ۋە مەڭگۈلۈك تېما بىلەنلا يورىتالايمىز. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى دىگەن بۇ تېمىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ ھەقىقى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت باراۋەر ھەم بەختىيار ياشايدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
قەھرىمان ؟!......
ئىماملىرىم يېزىسىدا بىر ياشانغان ئادەمدىن ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئاچىتاغدىكى قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئاچىتاغدا ياشاپ ئۆتكەن مەرھۇم ئەھەت قارى ھاجىمدىن جايتاغ مازىرىدىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
بالام بىلەن ئىككىمىز جايتاغ مازىرىنى ناھايىتى تېزلا تېپىۋالدۇق.
بۇنىڭدىن ئىككى يۈز ئەللىك يىللار بۇرۇن ئۈچتۇرپان خەلقى نورۇز ئۆتكۈزىدىغان توققۇز بۇلاقنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغاندىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى جايتاغدا ئۆتكۈزۈپ كېلىپتۇ. ھەر يىلى ئۇچتۇرپاننىڭ يېزىلىرىدىن، ھەتتا ئاقسۇ، ئونسۇلاردىنمۇ جايتاغدىكى نورۇز بايرىمىغا، نورۇز ئېشى "ھەپتە سالام" غا ئېغىز تېگىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئادەملەر كېلىدىكەن.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى جايتاغ، توققۇز بۇلاقتىن قېلىشقۇسىز گۈزەل ماكان بولۇپ گۈل-گىياھلارنىڭ خۇشپۇراقلىرى خېلى يىراقلارغىچە گۈپۇلدەپ پۇراپ تۇرىدىكەن. ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان توشقان دەرياسىنىڭ لاتقا ئېقىنلىرى نەتىجىسىدە دەريا بويلىرى مۇنبەت زىمىنغا ئايلانغان ئىكەن.
ھەيران قالارلىق يېرى، شۇ چاغلاردىكى جايتاغدا ھەسەل-ھەرىسىنىڭ ئۇۋۇسى شۇنچىلىك كۆپ بولۇپ، بۇلۇتتەك يۈرگەن ھەسەل ھەرىلىرىنى كەڭرى يايلاق ۋە ئورمانلاردا كۆرگىلى بولىدىكەن. جايتاغدىكى يوغان تاشلارنىڭ ئاستى ياكى توقايلىقلاردىكى ھەرە ئۇۋىلىرى ھەسەل بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. ئۇياق-بۇياققا ئۆتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ماڭمىسا ھەرە ئۇۋىلىرىدىن سىرغىپ چىققان ھەسەلگە ئاياقلىرى چاپلىشىپ قالىدىكەن. تاغدىن دەريا بويلىرىغا قەدەر گۈل-گىياھلار ۋە ھەر خىل ئوت-چۆپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن چەكسىز يېشىللىق ئىكەن. بۇ يېشىللىقنىڭ غەرپ تەرىپى توشقان دەرياسىنىڭ تاراملىرىنى بويلاپ توققۇز بۇلاقتىن، باشئاقمىدىكى ئىپتىدائى جىگدىلىكلەردىنمۇ ئۆتۈپ تاكى ساپارباي(ھازىر ئاقچى تەۋەلىكىدە)غىچە سۆزۇلغان ئىكەن. شەرق تەرىپى ئونسۇدىكى قارادۆۋە، پاۋانلادىنمۇ ئۆتۈپ پاقىلىق دەريا بويلىرىدىن جامغىچە بېرىپ جەنۇپقا قايرىلىپ ئاقسۇ دەرياسىنى بويلاپ تاكى ئاۋات، غۇرۇچۆل، توقاي، ئاراللار بىلەن تارىم دەريا بويلىرى ئارقىلىق كۇچاغا كىرىپ كېتىدىكەن.....
ئىككىمىز پىشىندىن بۇرۇنقى ياز ئاپتىۋىنىڭ ئوتتەك تەپتىگە قاقلىنىپ ياتقان كونا مازارلىققا كىرىپ كەلدۇق.
بۈگۈنكى كۈندىن توپتوغرا ئىككى يۈز قىرىق بەش يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەردە ئۈچتۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرى ئاچلىق ۋە قەھرىمانلىقتىن باشقا ھەممە نەرسە يوقالغان شارائىتتا كۈرەش قىلىۋاتقان ئىدى....
قەبرىستانلىقنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە يىقىلماي جاھىللىق بىلەن كۆكلەۋاتقان بىر نەچچە تۈپ ئاقتېرەك بىلەن قارىياغاچ ھاياتلىققا ۋەكىل بولۇپ تۇراتتى.
سەزگۈلىرىم كۈننىڭ ئوتتەك تەپتى بىلەن يىللاپ كەتكەن جىمجىتلىقتىن باشقا ھېچنىمىنى سەزمەيتتى. مەرھۇم دادام كىچىك چاغلىرىمىزدا بىرەر قەبرىستاننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە چوقۇم دۇئا قىلىش كېرەكلىگىنى، روھلارنىڭ دۇئاغا مەڭگۈ تويمايدىغانلىقىنى، يېنىدىن تىرىك ئادەم ئۆتسە دۇئا قىلىپ قويارمۇ دىگەن ئۈمۈت بىلەن خېلى يەرگىچە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. (مەن شۇ چاغدا دادامدىن باشقا مىللەتلەر ئۆتسىمۇ روھلار ئەگىشەمدۇ ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. دادام كۈلۈپ كېتىپ، " ئۇلار بىزگە باشقا مىللەت كۆرۈنگەن بىلەن ياراتقان ئىگىسىگە ئۆز كۆرىنىدۇ. شۇڭا زارەتلىكتىن ئۆتۈپ بولغىچە مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. روھلار نىمىشقا ئەگەشمىسۇن" دىگەن ئىدى.....)
ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ھاۋا نەپەسلىرىمنى بوغاتتى. ئەتراپىمدا ئاقۈش رەڭ بىلەن ئورالغان جىمجىتلىق ئىگىز-پەس سوزۇلۇپ ياتاتتى.
يۈزلىگەن، مىڭلىغان روھلار بىزگە قاراۋاتقاندەك بىلىندى. ئىچىمگە بىر تىندىم؛
_ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئى قەبرىستان ئەھلى، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار. ئىلگىركىلەر ۋە كېيىنكىلەر . ئاللە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلسۇن. شۇنداقلا بىزنىڭ گۇناھىمىزنىمۇ مەغپىرەت قىلسۇن. سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلەر. بىزمۇ سىلەردىن كېيىن يېتىپ بارغۇچىلارمىز........
قەبرىستاننىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا ئۇدۇلدىكى قارا تاشلىق تاغنىڭ باغرىدا ئاپپاق ئاقىرىپ تۇرغان قوش گۈمبەز كۆرۈندى؛
- ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، شېھىت بولغان قەھرىمان بېگىم !......
ئەسمىتۇللاھ بېگىم دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى ئاقسۇدىن ئاچىتاغقا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە بۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىنغان. (بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغاندا مانجۇ مەمۇرلىرىنىڭ بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم.)چۈنكى خەلق مۇبارەك نورۇزنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ گۈزەل ۋادىنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك جايىغا مۇۋاپىق ھىساپلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مازارلىق كېڭىيىپ ھازىرقى دەرىجىگە كەلگەن ئىكەن.
تاغ باغرىدا ئىككى گۈمبەز بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى ئەسمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسى ئىكەن. قەبرىنىڭ سول تەرىپىدىكى گۈمبەز تىلاۋەتخانە ئىكەن. ئۇنىڭدىن يۇقۇرراق ئۈستى تەرىپىدە ئۇزۇنسىغا بىر تام تۇراتتى. قارىماققا ئىلگىرى نەزىر-چىراق ياكى باشقا دۇئا-تەگبىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆينىڭ ئىزىدەك قىلاتتى.
گۈمبەز شەكىللىك تىلاۋەتخانىغا كىردۇق. تىنىقىم يۈرەكتىكى قىززىقلىقنى بازلايدىغان بىر سالقىنلىقنى ئىچىمگە سۈمۈرۈپ كىردى. ئوتتۇرىدىكى كونا بورىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ئوغلۇم بالىلىق قىزىقىشلىرى بويىچە گۈمبەزنىڭ ئىسلاشقان تاملىرىدىكى ئىزلارغا، كونا ئوچاق ۋە دېرىزە ئورنىدىكى تۆشۈكلەرگە قىزىقىپ قارايتتى. ئۇدۇلدىكى ئىشىكتىن بېگىمنىڭ قەبرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
تىكلەنگەن كۈن نۇرى چۈشۈۋاتقان گۈمبەز سايىدا سالقىنلىغان كۆزۈمنى قاماشتۇراتتى. تىلاۋەتخانىنىڭ ئىچىدىكى نەمخۇش تۇپراق يىللار جەريانىدا يۇمشاق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئاپتاپتىن قېچىپ سايىدا ئارام تاپقان تېنىممۇ يۇمشاپ كېتىۋاتاتتى.
تۇرۇپلا كاللامغا ئىلگىرى كېلىپ باقمىغان بىر ئوي كىرىۋالدى.
ئۇ قەھرىمان بولۇشقا تەييارلانغان ئەشۇ مىنۇتلاردا قانچىلىك تەشۋىش ۋە قورقۇنچ ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندۇ ؟ ئۇ كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت بۇ دەھشەت ئېغىر تۇيغۇغا قانداقمۇ تېگۈشكىسى كەلگەندۇ ؟!
شۇ دەقىقە ئىچىمدىن بىر قىززىق تاۋۇش ئۆرلەپ چىقتى. "ئامالسىزلىق...."
بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى مىللى ساتقۇن ھىدايىتۇللا ئون ئىككى مىڭ جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالىدۇ. يەكەننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەنلەرنى ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا جۇڭغارلارنىڭ باشلىغى غالدان بوشوكتۇ ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەكەن خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى سەركەردە ئېۋەزبېگىمنى چاقىرىدۇ. بۇ جۇڭغار، بېگىمنىڭ ئۇرۇشتىكى باھادىرلىقىنى بىلگەچكە ئۆزىگە خىزمەت قىلسا ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداقلا يۇقۇرى مەرتىۋە بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. بىراق ئېۋەز بەگ قەتئى رەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا غالدان ئۇنىڭغا " بۇ چەنتولاردىن ساڭا ئوخشاش مەردانىلەرمۇ چىقىدىكەن-ھە...." دەپ تەنە قىلغاندا ئېۋەز بېگىم " توغرا، يېنىڭدا ئولتۇرغان ئاۋۇ مۇناپىقلار چىققان ئەلدىن ماڭا ئوخشاشلار چىقمىسا، بۇ قانداقمۇ ئاللەنىڭ ئادالىتى بولسۇن ؟!...." دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇ چاغدا ھىدايىتۇللا(ئاپپاق خوجا) غالداننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىكەن....
ئېۋەز بېگىم ئېيتقاندەك ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئادىل . چۈنكى ئېۋەز بېگىم، رەھمىتۇللاھلاردىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدا ئاللەنىڭ ئادالىتى بىلەن قارا يۈرەكلەر ئۈچۈن قانلىق قىساسلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بوران ئوتنى ئۆچۈرگەن بىلەن چوغنى ئۆچۈرەلمىدى. زەھەرلىك يىلانغا كۈشەندە بولغان بۈركۈتلەر ھامىنى ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ تۇردى. ھەققانىيەت جەڭچىلىرىنىڭ تەغدىرى قانداق ئېچىنىشلىق بولغان بولسا، زالىم كۈچلەرنىڭ تەغدىرىمۇ ئۇلاردىن ئانچە پەرقلەنمىدى. بوۋىسىنى دارغا ئاسقانلارنىڭ بوينىغا نەۋرىسى قىلىچ سالدى. بىراق.......تىنجىماس زىمىن، تىنجىماس ئەجدات نىمىگە ئېرىشتى ؟!
ئامالسىزلىقتىن مەجبۇرلانغان بۇ كۈرەشلەرنىڭ خاتىمىسى خەلق ئويلىغاندەك ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى. زۇلۇمنىڭ زەنجىرى پاچاقلانمىدى. ئاتىسى سۆرىگەن سۆرەمنى بالىسىمۇ سۆرەۋەردى. بىر زۇلۇم ئىككى بولسا بولدىكى يېرىم بولمىدى.....
خىياللىرىمنىڭ كەينى گۈمبەزنىڭ ياڭاق توختىمايدىغان چوققىسىدا توختاپ قالدى. قېلىن خىياللارنىڭ ئاستىدىن بىر سادا ئېتىلىپ چىقتى؛
- ياق ! ......
خىياللىرىم پارچە-پارچىلارغا بۆلۈندى. پارچىلاردىن ھەر-خىل قىياپەتتىكى مىڭلىغان روھلار نامايەن بولدى. گاھىلىرىنىڭ قولىدا قىلىچ، گاھىلىرىنىڭ بوينىدا تاقاق پۈتىدا ئىشكەل، گاھىلىرىنىڭ ئۈستى-بېشى قىپقىزىل قان.......
ئۇلار قەلب دۇنيايىمغا باستۇرۇپ كىردى. ئەلەڭشىپ قالغان ئىستەكلىرىمنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ ماڭدى.....
- بۇنداق دىيىش ئادالەتلىك پەرۋەردىگارغا بۆھتان قىلغانلىق. ئۇنىڭ "ھەركىم ئەجىرىگە يارىشا نېمەتكە ئېرىشىدۇ" دىگەن ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەنلىك. ئەشۇ كۈرەشلەر مەۋجۇتلۇقنىڭ نىداسىغا ئوخشاش بۇ مىللەتنىڭ چاقىرىقىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر قۇمدەك ئادەملەرنى جەملەيدىغان يورۇق نۇقتىغا ئايلاندى. ئەشۇ كۈرەشلەر بۇ مىللەتنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى بىباھا داستانلىرىغا، يالقۇنلۇق ھىكايىلىرىغا ئايلىنىپ ئەۋلات بىلەن ئەجدات ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى كۆۋرۈك ئورناتتى.
ناۋادا....... ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا، مەن سېنىڭ بىلەن قانداقمۇ ئورتاقلىق تاپالايتتىم ؟! ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا سەن ئەۋلاتلىرىڭغا نىمىنى سۆزلەپ بېرەتتىڭ ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بالام بىلەن يىراقتىكى سوفىيانە قومۇلدىن غازىيانە ئاقسۇغا نىمىنى ئىزدەپ كېلەتتىم ؟ ئەشۇ كۈرەشلەر بولمىغان بولسا بىزنىڭ ئىسىم-زاتىمىز، يوسۇن-قائىدىمىز، نەپرەت-مۇھەببىتىمىز مەۋجۇت بولامتى ؟..........
ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ! ساڭا ھەمد ئېيتىمىز. سەن تەڭداشسىز ئادالەت ئىگىسى. سەن ئەجداتلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىنايەتنى بەردىڭ. ئۇلارغا بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى شانلىق تارىخنى بەردىڭ........
مانا بۇ قەھرىمان ئېۋەزبەگ ئېيتقان ئاللەنىڭ ئادالىتى ئىدى.
...بىز تىلاۋەتخانىدىن چىقتۇق. بۇ چاغدا كۈن غەرپكە قىيسايغان بولۇپ، يىراقتىكى ئاچىتاغ تەرەپتىن سالقىن شامال كېلىۋاتاتتى. قەبرىلەرنى دەسسەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كىرگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق.
مازارلىقنىڭ ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ كەينىمگە يەنە بىر قارىغۇم كەلدى. بىرنەچچە قەبرىنىڭ ئۈستىگە تىكىپ قويۇلغان ياغاچلاردا بىرنەرسە مىدىراۋاتقاندەك قىلدى. توختاپ قارىدىم. ئەسلىدە ياغاچقا باغلانغان رەخت پارچىلىرى شامالدا يەڭگىل سىلكىنەتتى.
- خەير، ئامالسىزلىقنىڭ قەھرىمانلىرى......
رەھمىتۇللاھبەگ
ئەمدىكى نىشان رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەش ئىدى.
ئۈچتۇرپانغا كېلىپلا ئىككى بېگىمنىڭ بىرەر نىشانىسىنى تاپقىلى بولۇرمۇ دىگەن ئۈمۈتتە سۈرۈشتۈرگەن ئىدىم. ئەپسۇس كۆپلىگەن كىشىلەر پەقەت يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسىنىلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تاساددىپى پۇرسەتتە ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ بىر سانىدىكى ئابدۇلۋاھىت مۆلجەرىنىڭ ماقالىسىدا رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم.
خۇداغا مىڭلاپ شۈكرانىلەر بولسۇن، ھەرنىمە بولمىسۇن نائۈمۈت قالمىدىم.
مەن ئوغلۇمنى ئېلىپ، كىتاپتىكى" ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قوراسى رەھمىتۇللا بېگىمنىڭ مازىرىغا ئىككى يۈز مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى" دىگەن ئۇچۇر بويىچە رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ قازانچى مەھەلىسىگە باردىم. قەبرىنىڭ ئورنىنى ئىزدەپ، قازانچى ئىككىنچى مەھەلىنى ئارىلاپ يۈرسەم ئېتىزغا ماڭغان چوڭ ياشلىق بىرەيلەن ئۇچراشتى. ئاقساقالدىن سورۇدۇم. بوۋاي كوچىنىڭ بېشىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان مەسچىتنى كۆرسۈتۈپ، مەسچىت ئالدىدا نەۋرىسىنى ئوينۇتۇپ ئولتۇرغان قامەتلىك بىر بوۋاينى يىراقتىن "رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولىدۇ" دەپ تونۇشتۇردى.
مەن ئەجداتلىرىنىڭ قامەتلىك سىياقىنى ساقلاپ قالغان بۇ بۇزرۇكۋار بىلەن كۆرۈشتۈم.
مەرھۇم رەخمىتۇللاھ بېگىمنىڭ مۇبارەك جەسىتى مۇشۇ مەسچىت ھويلىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كونا قەبرىستانلىققا قويۇلغان ئىكەن.....
ئىلاھىم بەندىلەرنى مۇڭغا سالدى، كۆچۈردى جىگدىلەرنى تۇڭغا سالدى.
1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خۇپتەندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەشھۇر تېمىسى بولغان ئۈچتۇرپان قوزغۇلىڭى ئاچىتاغنىڭ ئېلقىش (ئېلقىش دوڭ) دىگەن يېرىدە پارتلىدى.....
رەھمىتۇللا بېگىم يامۇلدىكى كىچىك بىر ئەمەلدار ئىدى. باشقا ئەمەلدارلارغا ئوخشاش بېگىمنىڭ خاراكتىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جىنىس ئۆزگەرتىپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ خۇلقى-پەيلى سۇ فامىلىلىك ئويلىغاندەك ئېگىلىشچان بولمىغاچقا ئىسمىنىڭ بېشىغا چېكىت قويۇلغان ئىدى.
يۇرتداشلىرى كۆرۈۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەت بۇ ۋىجدان ئىگىسىنىڭ قەلبىنى غەزەپ بىلەن لىق تولدۇرۇلغان سەۋرە قاچىسىغا ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئەمەلدارلار ئۆز خوتۇنلىرىنى مەھكىمىدىكى مەشرەپلەرگە ئېۋەتەتتى. خوتۇنلىرىنىڭ نەچچە كۈنلەر مەھكىمىدە قونۇپ قېلىشىنى شەرەپ دەپ بىلەتتى. نەتىجىدە سۇچىڭ ھەددىدىن ئېشىپ بۇنداق مەشرەپلەرگە خوتۇنىنى ئېۋەتكەنلەرنى "ھۆكۈمەتكە سادىق" دەپ ھىساپلايدىغان ئەنئەنىۋى پىسىخىكىسىنى بۇ زىمىندىمۇ قائىدە شەكلىدە قوللانماقچى بولىدۇ. ئۇ مەشرەپكە كەلمىگەن رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئايالىنى مەجبۇرى مەشرەپكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش مەخسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئايالىنىڭ مەھكىمىدە تۇتۇپ قېلىنغانلىقىدەك ھاقارەت سەۋرى قاچىسىنى لىق تولدۇرغان رەھمىتۇللا بېگىمنى بىر چارىسىزلىققا مەجبۇرلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ "خانغا قارشى قوزغۇلۇش" ئىدى.
سۇچىڭمۇ رەھمىتۇللانىڭ ئېگىلمەس بېشى چوقۇم بىر كۈنى يامۇل دەرۋازىسىنىڭ كېشىگىگە تېگىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرىدۇ.
دەل شۇ كۈنلەردە كىچىك چايان سۇچىڭغا، بېيجىڭدىكى بوغما يىلان چيەنلوڭدىن جىگدە ئېۋەتىش توغرىسىدىكى پەرمان چىقىپ قالىدۇ.
ئامبال سۇچىڭ بىلەن ھاكىمبەگ ئابدۇل بۇ پەرماندىن پايدىلىنىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماقچى بولىدۇ. يەنى جىگدە كۆچەتلىرىنى رەھمىتۇللا بېگىمنىڭ بېيجىڭغا مۇھاپىزەت قىلىپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە خانغا يوللانغان ئالاقىگە رەھمىتۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر. شۇ يەردە كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك دىگەن مەزمۇننى يېزىپ قويىدۇ.
ھاشارچىلار يىگىرمە تۆت تۈپ جىگدە كۆچىتىنى يوغان ياغاچ تۇڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. سۇ پامىلىلىك رەھمىتۇللا بەگنى قوغدۇغۇچى ئەسكەرلەر بىلەن 240 ھاشارچى دېھقانغا مەسئۇل قىلىپ سۇچىڭنىڭ ئوغلى سۇ بايۋەچچىنىڭ باشچىلىغىدا بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. ئۇلار يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن بېگىمنىڭ دادىسىنى قولغا ئالىدۇ.
رەھمىتۇللا بېگىملەر ئاچىتاغقا كېلىپ ھازىرقى ئېلقىش دوڭدە چۈشكۈن قىلىدۇ. قاش قارايغان چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكارلاردىن بىرى ئاچىتاغقا قوغلىشىپ كېلىپ بېگىم بىلەن يوشۇرۇنچە كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بېگىمنىڭ دادىسى ئۇلار يولغا چىقىپلا كەينىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بالا-چاقىسى ئۆز ھويلىسىغا قامالغان. چېرىكلەرنىڭ پوپۇزىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە رەھمىتۇللا بېگىملەرمۇ بېيجىڭغا بارغان زامان كاللىسى ئېلىنىدىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان رەھمىتۇللا بېگىم نەچچە ۋاقىتتىن مانا-ئانا دەپ ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرى مەجبۇرى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
ئۇلار شۇ كېچىسى سۇ بايۋەچچە باشلىق مۇھاپىزەتچى چېرىكلەرنى قىرىپ تاشلاپ ئاچىتاغدا قوزغۇلاڭنى باشلايدۇ. قوزغۇلاڭچىلار ئەتراپقا خەۋەر ماڭدۇرىدۇ. ئۇلار رەھمىتۇللا بېگىمنىڭ باشچىلىقىدا مۆلجەرتاغ قەلئەسىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ. مانجۇ ئىستىبداتىدىن يۈرەكلىرى قان بولغان خەلىقلەر ئۇ تەرەپ يامانسۇ، بۇ تەرەپ قۇم بۇلۇڭ، ئوتبېشى، ئاقيار،جايتاغ،قارا يۇلغۇن، قوش تاغ، جىگدىلىك....لەردىن توپلىنىدۇ. سۇچىڭ ۋە ئابدۇللار بىر تەرەپتىن ئاقسۇدىكى بيەنتاخەيگە خەۋەر ماڭدۇرىدۇ. قوزغۇلاڭ خەۋىرى ئاقسۇدىن ئىلىدىكى مىڭرۈيگە ۋە قەشقەردىكى ناشىتۇڭلارغا ئاخىرىدا بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ.
ئۇچتۇرپان تەۋەلىكىدىكى مانجۇلار ۋە ئۇلارنىڭ مىللى كۈچۈكلىرىنىڭ ھەممىسى مۆلجەر تاغ قەلئەسىگە بېكىنىدۇ. ئۇچتۇرپانلىق ئەرلەر، ئاياللار، بوۋاي-مومايلار ھەتتا كىچىك بالىلارغا قەدەر ئارا-كەتمەن، تاش-تاياق بىلەن قوراللىنىپ قانلىق كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. ئاخىرىدا مىڭلىغان ئاۋام قەلئە دەرۋازىسىنى بۇزۇپ كىرىدۇ. " بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. سۇچىڭ بوينىغا سىرتماق سېلىپ ئۆلىۋالىدۇ. ئابدۇل ئايالچە ياسىنىپ قاچقاندا قوزغۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ." ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىدۇ.
ئاقسۇ خان ئامبىلى بيەنتاخەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئوننەچچە سېپىل بۇزار توپلارنى كۆتۈرۈپ ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوزغۇلاڭچىلارغا قىلغان ھۇجۇمى خەلق تەرىپىدىن چېكىندۈرىلىدۇ. "قەلئەدىن چىققان قوزغۇلاڭچى ئاتلىقلار بيەنتاخەي قوشۇنىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدۇ. چىڭ ئەسكەرلىرى شۇ قاچقىنىچە ئاقسۇغا كېلىپ سېپىل دەرۋازىسىنى سولىۋالىدۇ."
كېيىن كۇچا خان ئامبىلى ئاباۋ بىلەن ئاقسۇ ئامبىلى بيەنتاخەينىڭ بىرلەشمە قوشۇنى ئۇچتۇرپانغا نەچچە قېتىملار ھۇجۇم قىلىپ ھەممىسىدىلا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولىدۇ.
موللا شاكىرنىڭ زەپەرنامە داستانىدا:
.....گۈركىرەپ تەۋرىدى يەرۇ-جاھان،
تۈتۈن بىلەن ئوت پۇرقىرار ئاسمان.
بۇ مەنچىڭلاردىن قالمىدى ھېچ ئەسەر،
ھەممىسى جەھەننەمگە قىلدى سەپەر....
ھاۋادىن چۈشەر نەچچىسى نىمجان،
بۇيان قوشتېغى،مەھەلە ئەنجان.
بۇ دۇلدۇل ئوقۇر بەزىسى تاش ئارا
پۇتى يوق قولى يوق سۈكەنلەر تولا
بۇ ماچاڭ تەرەپتە قارا باغ يولى،
ياتۇر بۇمبىسى بىرلە ئىككى قولى...
دىگەن مىسرالار بىلەن زالىم ۋە چىرىك مانجۇ خاندانلىقىنىڭ بۇ زىمىندىكى قارا ئىتلىرىنىڭ قانداق دەھشەتلىك كۈنگە قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
چيەنلوڭ قوزغۇلاڭنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوزغۇلاڭ رايونىنى قامال قىلىدۇ. قەشقەر ئامبىلى ناشىتوڭغا قەشقەردىكى قوشۇنلارنى، مىڭرۈيگە ئىلى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ ئاقسۇ ۋە كۇچاردىكى قوشۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارغا مەشرۇتى ئىشقىيەنىڭ مەخپى ساقچىلىرىنىمۇ ھەمدەمگە كەلتۈرۈپ تېزلىك بىلەن دەرھال بۇ قوزغۇلاڭنى باستۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئون مىڭدىن ئارتۇق زامانىسىغا لايىق ئىلغار قوراللانغان مانجۇ قوشۇنى ئۇچتۇرپاندىكى ئىككىمىڭ ئالتە يۈز كىشىدىن تەركىپ تاپقان كەتمەن-گۈرجەكلىك دېھقانلار قوشۇنىغا قارشى ئاتلىنىدۇ.
ئوردىغا يوللانغان مەكتۇپلاردىكى "توپىلاڭچى جۇڭغارلار بىلەن ئىسيانچى خوجىلارنى تىنجىتقاندىمۇ بۇنىڭدەك قارشىلىققا دۇچ كەلمىگەن ئىدۇق. " دىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھۆكۈمەت قوشۇنى قوزغۇلاڭچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. بولۇپمۇ قوزغۇلاڭچىلار ئارىسىدىكى قىز-ئاياللارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن نومۇس-ھاقارەتنىڭ كۈچى بىلەن قىلغان قەھرىمانە جەڭلىرى چىڭ ئوردىسىغا ئۇچتۇرپانلىق ئەلانۇرخاننى يەنە ئەسلىتىدۇ. چيەنلوڭ جەنۇپنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا ئۇچتۇرپاندىن ئىبارەت ئۇدا تۆت نۆۋەت قوزغۇلاڭ يۈز بەرگەن بۇ بويسۇنماس زىمىندىكى خەلىقلەرگە قارىتا "ئۈچتۇرپاندا ئادەمنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇش لازىم " دەپ پەرمان چۈشۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە چيەنلوڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇچتۇرپاندىكى ئاھالە نەچچە رەت قىرغىنچىلىق بىلەن ئۇرۇقى قۇرۇتۇلغان ئىدى.
قوزغۇلاڭنى باستۇرۇش سۈرۈلگەنچە مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىمۇ ئوتتۇزمىڭ ھەتتا قىرىق مىڭغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار چىش-تىرنىقىغىچە قوراللىنىپ بۇ باستۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا قوزغۇلاڭچىلار ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن ئۆلىۋەرسىمۇ قەھرىمانە كۈرەشنى توختاتمايدۇ.
بۇ چاغدا قوزغۇلاڭنىڭ رەھبىرى رەھمىتۇللا بېگىم دۈشمەن ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈش يولىدا زەھەرلىك ئوقيا تېگىپ قۇربان بولىدۇ. قالغانلار ئەسمىتۇللا بېگىم ۋە مايسىخانلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
بۈيۈك چىڭ ئىلگىركى جەنۇپنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى يۈرۈشلىرىدە ئۇچتۇرپانغا بۇرۇنمۇ بېسىپ كىرگەن. ئەمما ئۇ ھۇجۇملار بۇ قېتىمقىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلمىغان ۋە بۇنچىلىك چىقىممۇ بولمىغان ئىدى.
قوزغۇلاڭچىلار مۇھاسىرە ئىچىدە ئوزۇقلۇقتىن قىينىلىدۇ. ھەتتا ئاخىرى " دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ." ئۇلار مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئىچىدە شۇنچىكى كۆپ دۈشمەننىڭ قورشاۋ ھۇجۇمىنى ئالتى ئاي ئۇزلۈكسىز چېكىندۈرۈپ تۇرىدۇ. قەشقەر ئامبىلى ناشىتۇڭ ۋە ئاقسۇ ئامبىلى بيەنتاخەيلەر قوزغۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى قوزغۇلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن شېرىپ ئاخۇن ۋە سابىر باشلىق مۇناپىقلار ئەسمىتۇللا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەمرۇللا، كۈيۆئوغلى تاھىر قاتارلىق قوزغۇلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرىدىن 45 نەپەرنى خەلققە تۇيدۇرماي مەخپى تۇتۇپ چىڭ قوشۇنىغا تەقدىم قىلىدۇ. شۇندىلا ئۆزلىرىنى ئاتالمىش "تەڭرى قوشۇنلىرى" دەۋالغان مانجۇ ئارمىيىسى ئۈچتۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تىرىك تۇتۇش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. مايسىخان باشلىق قالغان قوزغۇلاڭچىلار كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرى مانجۇلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەسلىك ئۈچۈن مۆلجەر تاغدىن سەكرەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ شىنجاڭنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى پۈتكۈل قوشۇنىنى ئىشقا سالغان مانجۇلار ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇشقا مۇيەسسەر بولالايدۇ.
مانجۇلار شەھەرگە كىرىپ ئۈچ كۈنگىچە قەتلىئام قىلىدۇ. شەھەردە بىرمۇ تىرىك ئادەم قالمايدۇ. موللا شاكىر " مانجۇلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇچتۇرپانلىق ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ھازا ئېچىپ يىغلايدىغان بالا، بالىلار ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدىغان ئاتا-ئانا. تۇققانلار ئۈچۈن قايغۇرىدىغان ئۇرۇ-تۇققان قالمىغان ئىدى، خەلقنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگىگەن ئىدى !......." دىگەنلەرنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
ئەسمىتۇللا بېگىم باشلىق تۇتقۇنلار ئاقسۇ كونىشەھەرگە ئېلىنىپ كېلىنگەندىن كېيىن كونىشەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ھەممىسى دارغا ئېسىلىپ خەلقى ئالەمگە ئىبرەت قىلىنىدۇ. بۇلار بىلەن تەڭ شېرىپ ۋە سابىر دىگەن مۇناپىقلارمۇ " تۆھپىسى بولسىمۇ ئەمما ئوغرىلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەپنەپەس بولغان " دىيىلىپ ئوخشاشلا دارغا ئېسىلىش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
مانجۇ مەمۇرلىرى ئۈچتۇرپان ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردىن بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنى قوزغۇلاڭغا قاتناشمىغان بولسىمۇ توپلاپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. بۇ باھانىدا ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ھەتتا يىراقتىكى تۇرپان قومۇللاردىمۇ ئەقلى ھوشى جايىدا، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەملەرنى " ئۇچتۇرپان توپىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان" دىگەن بەتنام بىلەن مۇشۇ باھانىدا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىش مەخسىتىگە يېتىدۇ. ئۈچتۇرپان قوزغۇلۇڭىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 10 يىل ئىچىدە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئاھالە سانى سەككىزمىڭغا يېتىدۇ(تەخمىنەن نوپوس سانى ئاتمىش مىڭغا يېققىنلىشىدۇ). بۇ ئاھالىلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى ئۇيغۇر يانچىلىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس بولغان يانچىلىق تۈزۈم دۇنيادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغۇنۇش دەۋرى كىرىپ كەلگەن 18-ئەسىردىمۇ بىزنىڭ زىمىنىمىزدا گۈللەپ ياشنايدۇ.
چىڭ ھۆكۈمىتى " ئاسىيلارنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش ئۈچۈن" قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، زالىم ۋە تەكەببۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسى بۇ زىمىندىكى ھۆرلۈك ۋە ئادالەت تەلەپچىلىرىنىڭ چۇقانلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئىلى رايونىغا پالانغان "نۇزۇگۇم"لار ئۈزۈلمەيدۇ.
بۇ كۆچمەنلەردىن ئەمىر ئابدۇروسۇل بەگ، سۇلتان ئەلاخان، سادىر پالۋان، ئالتى ئوغرى.... يېتىشىپ چىقىپ بۇ زىمىندىكى زۇلمەتلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارشى كۈرەشنى توختاتمايدۇ......
قورقۇپ كەتكەن مانجۇ مەمۇرلىرى ئۈچتۇرپاننى مانجۇ خاندانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربى ۋە مەمۇرى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ دىياردا يەنە چاتاق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ. مەسلىھەتچى ئامبالنى قەشقەردىن ئۈچتۇرپانغا يۆتكەيدۇ. ئاقسۇدىكى ھەربى ئەمەلدارمۇ ئۈچتۇرپانغا يۆتكىلىدۇ.....
پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلايدىغان خۇدانىڭ ئىرادىسى، چيەنلوڭنىڭ ئىرادىسىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ. ئۇنىڭ " قوزغۇلاڭچىلارنىڭ ئۇرۇقىنى قويماي قىرىش ئىرادىسى" خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يېڭەلمەيدۇ. رەخمىتۇللا بېگىمنىڭ ئوغلى بايقېزىبەگ سۈرگۈن قىلىنغانلار تەرىپىدىن يوشۇرۇنچە ئىلىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. كېيىن قىرغىزىستانغا چىقىپ كېتىپ، تەخمىنەن 1783-يىللىرى ئانا يۇرتى ئۈچتۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ. بايقېزىبەگ ئۈچتۇرپاندا ئۆيلىنىپ تۇغۇلغان ئوغلىغا "رەھمىتۇللا بەگ" دەپ ئىسىم قويىدۇ.
ئابدۇل ۋە سۇچىڭنىڭ ئەۋلاتلىرى بارمىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكىنىمۇ بىلىدىغان ئىنسان زاتىچۇ ؟
دەرھەقىقەت ! قاراڭغۇلۇقنىڭ ھېچنەرسىسى ئادەمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ. ئەمما يورۇقلۇقنىڭ ھەممە نىمىسى كۆز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ.
ئىككى دەۋر، ئوخشاش تەغدىر
20-ئەسىردە رايونىمىزدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق چوڭ ئىنقىلاپنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا بىر ئورۇسنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. بۇ ئورۇس دەل مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوف.
پالىنوف ئەسلى ئورۇس پادىشاسىنىڭ شەرق ئىشلىرىدىكى ھەربى پىلانچىسى بولۇپ لىڭشىپ قالغان چار پادىشانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ رايوندا ئىشلىگەن. كېيىن يېڭى خوجايىنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جىنشۇرىننى قوغلاپ شىڭشىسەينى چىقرىش توپىلىڭىغا قاتناشقان.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جاناپ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىككى ۋەقەدە رول ئوينايدۇ.
ئۇنىڭ بىرى ئاپرىسېۋ بىلەن بىرلىكتە خوجىنىياز ھاجى بىلەن شىڭشىسەينىڭ ئاقسۇدىكى سۆھبىتىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش.
ئۇ سۆھبەت مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن سابىت داموللام ۋە زېرىپ قارىھاجى باشلىق بۆلگۈنچىلەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە بارىدۇ.
ئىككىنچى قېتىم يۇقۇرقى ۋەقەدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە يەنى ئۈچ ۋىلايەت بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا تېنىچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى غۇلجىدىكى بىر قىسىم پانتۈركىست ۋە پانئىسلامىزىمچىلاردىن ئېلىخان تۆرە، ئەخمەتھاجى، رەھىمجان، ھۈسەن قارىلار...لارنى ئېلىپ سوۋېت ئىتىپاقىغا قايتىدۇ.
پانىلوف قانداق قىلىپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە بۇ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ ؟
1944-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئالتاي پارتىزانلىرى سۇلۇباي ۋە ئوسمان ئىسلامنىڭ رەھبەرلىكىدە شىڭ ھۆكۆمىتىگە قارشى كۈرەشنى تەشكىللىك ھالدا قانات يايدۇرىدۇ. كۈرەش باشلانغاندىن كېيىن بارا-بارا مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىدىيىسى كۈچۈيۈپ ماڭىدۇ. ئاخىرى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە غۇلجىدا "ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت"نىڭ يېتەكچىلىكىدە گومىنداڭ تازىلانغان رايونلاردا "شەرقى، تۈركۇستان" ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت خىتاپنامىسى ماقۇللىنىدۇ.
بۇ ۋەقەنى شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى پېتىر رومانىۋچ ئالىكساندىروپنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە. ھەتتا بۇ قوماندان 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى گومىنداڭ ئارمىيىسى غۇلجىغا باستۇرۇپ كەلگەن جىددى مىنۇتلاردا بىر ماشىنىغا لىق قاچىلانغان ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى بېسىپ سوۋېتقا قاچماقچى بولغاندا سېزىلىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ يۇقۇرىدا سۆزلەنگەن پالىنوفنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ....
بۇ يەرگە كەلگەندە ئاقسۇدىكى مۇقەددەس ئورۇنلاردىن بىرى بولغان قۇمباشنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.
چۈنكى بۇ جەڭدە پالىنوفنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى ئىنقىلاپچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن.
يۇقۇرىقى مەزمۇنلاردىمۇ قۇمباشتا يۈز بەرگەن تارىخىمىزدىكى ئىككى مەشھۇر ھەل قىلغۇچ جەڭنى تىلغا ئالدۇق. بىرى چاغاتاي خانلىقىنىڭ پارچىلىنىش مەنبەسى بولغان ئارىق بۇقا بىلەن ئارغۇن ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ. يەنە بىرى جاھانگىر خوجا بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ.
ئەمدى سىزلەرگە ئېيتىپ بېرىدىغان ئۈچىنچى جەڭ 1937-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇ قۇمباشتا بىلەكلىرىگە "فىسەبىلىللا" دىگەن خەتلىك رەختنى باغلىغان دېھقانلار ئىنقىلاۋى قوشۇنى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جەڭ.
شىڭشىسەي سوۋېت كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىدە ھوقوققا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن قەشقەردىكى مەھمۇت مۇھىتىغا قول سالىدۇ.
شىڭ فامىلىلىكنىڭ دەسلەپ يوشۇرۇن كېيىنچە ئاشكارە قىلىۋاتقان ئۆلتۈرۈش سۈيقەستى مەھمۇت مۇھىتىنى ئامالسىز چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ئارمىيىنىڭ قوماندانلىقىنى ئابدۇنىياز كامالغا تاپشۇرىدۇ.
قومۇلدىن باشلانغان دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى ئابدۇنىياز كامال ھەققانىيەتكە قايتىپ ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ فورمىسىنى سېلىپ تاشلايدۇ. بېشىغا ئاق دوپپا، بىلەكلىرىگە " فى سەبىلىللا" دىگەن خەت يېزىلغان ئاق كىپەننى باغلىغان جەڭچىلىرىنى باشلاپ قايتىدىن ئىستىبدات ھۆكۈمەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇلار ئاقسۇنىڭ تاغ-دەريالىرى، مەھەلە-ۋادىلىرىدا شىڭشىسەي ۋە ئورۇس قىسىملىرى بىلەن نۇرغۇن غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلىدۇ.
بۇ جەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ قۇمباشتىكى جەڭ ئىككى تەرەپنىڭ غايەت زور كۈچ پەرقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانە كۈرەشلىرى بىلەن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ( بەزىدە مۇشۇ جەڭنى كىنو قىلىپ ئىشلىسە، تىز پۈكمەسلىك نۇقتىسىدىن "موسكىۋانى قوغداش"تىنمۇ ياخشى چىقامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.)
بۇ جەڭگە سوۋېت ھۆكۈمىتى ئايرۇپىلان، تانكا، بىرونىۋىك قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللار ۋە زامانىسىدىكى ئىلغار يېنىك قوراللار بىلەن قاتنىشىدۇ.
بىزنىڭ ئىنقىلاپچىلىرىمىز بولسا قارا مىلتىق ۋە چەكلىك ساندىكى ئوق-دورا بىلەن تەييارلىنىدۇ. ئاسماندىن، ئەتراپتىن ئېتىلىۋاتقان زەمبىرەك، مىنامىيوت ئوقلىرى، پارتىلاۋاتقان بومبىلارنىڭ دەھشەتلىك گۈمبۈرلەشلىرى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسىرلىرىنىڭ كالدىرلاشلىرى ئارىلىشىپ قارا قىيامەتنى ئەسلىتىدۇ. ئەمما قارا قىيامەتنىڭ باغرىنى يېرىپ شېھىتلىككە ئىنتىزار جەڭچىلەرنىڭ تەگبىرلىرىمۇ توختىمايدۇ. دۇنيا تارىخىدىكى كۈچ پەرقى غايەت زور بولغان بۇ ئۇرۇش مەيدانىنى پەقەت "دەھشەتلىك" دەپ سۈپەتلەشتىن باشقا سۆزمۇ تېپىلمايدۇ.
قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ بېشىدىن-ئاخىرىغا قەدەر بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ھېچقايسىسى قۇمباشتىكى بۇ جەڭدەك دەھشەتلىك بولمىغان ئىدى.
ئۇرۇشنىڭ سوزۇلىشى بىلەن ئاخىرى ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ ئوق-دورىسى تۈگەيدۇ. دۇنيانىڭ، دەۋرنىڭ، ھەتتا ئومومى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ دۈشمەنلىكىدىن قۇتۇلالمىغان بۇ بەختسىز ئەمما قەھرىمان خەلق يەنىلا تىز پۈكمەيدۇ. ئۇلار ئۇددۇلدىن خۇددى ئىپلاس نەيرەڭلىرىگە ئوخشاشلا تۈگىمەيدىغان ئوق-دورىسى بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەن ئالدىدا چارىسىز قېلىپ ئامالسىز چېكىنىدۇ.
1931-يىلى 3-ئايدا ئاقبۇلۇڭ(شوپۇل)دىن باشلىنىپ 1937-يىلى 10-ئايدا كوسراپتا ئاخىرلاشقان بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپنىڭ خاتىمىسىگە قەدەر نۇرغۇن يولباشچىلار ئۆزىنىڭ جېنىنى خەلقى ئۈچۈن قۇربان قىلىدۇ. مەرھۇم سىجاڭىمىز ئابدۇنىياز كامال كوسراپتا يۈسۈپ لىيەنجاڭ باشلىق مىللى قىسىملارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما جەڭچىلىرىنى ئوق چىقىرىشتىن توسايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتىدە يۈسۈپ، ئابدۇنىياز سىجاڭغا ئۆزىنىڭ بۇيرۇق بىلەن چىققانلىقىنى ئۇنى تۇتۇپ قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇنىياز كامال يۈسۈپكە" سىز بۈگۈن بۇيرۇق بويىچە مېنى تۇتۇپ بېرىسىز. ئەتە باشقا بىرى بۇيرۇق بويىچە سىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ. بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بېرەرمىز. مانا قورالنى ئېلىڭ" دەپ يۇسۇپنىڭ قولغا ئېلىشىغا قارشىلىق قىلمايدۇ.(بۇنداق ۋەقەلەر ھەتتا بۆلگۈنچىلەر ئارىسىدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. مەسىلەن، سابىت دامولام ۋە زېرىپ قارى ھاجى) شۇ تاپتا ئابدۇنىيازنىڭ قانچىلىك ھەسرەت-نادامەت ئىلكىدە يۈرەك-باغرىنىڭ چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. كېيىن مەرھۇم ئابدۇنىياز كامالنىڭ قىلغان گەپلىرى راست چىقىپ، قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ جەنۇپتىكى ئاخىرقى كۈرەشلىرىنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن يۈسۈپكە ئوخشاشلارنىڭ كۆپچىلىكى 1940-يىلىدىكى قىرغىنچىلىقتا قولغا ئېلىنىپ خوجايىنى تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت ناھايىتى ئازلىرىلا ھايات قالىدۇ.
دېھقانلار ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشقا كۈچى يەتمەي سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاتالمىش "ھەربى قوماندان" شىڭشىسەي بېشىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خەتەردىن خالاس بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق نەيرەڭ سەپىرىنى يەنى سوۋېتتىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ ۋە ئامىرىكىغا يېققىنلىشىش پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ ئامىرىكا ۋە گومىنداڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىسپاتلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يەنە ىىر قېتىملىق مىللى يوقۇتۇشنى باشلايدۇ. ھەتتا دېھقانلار ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان شېرىكلىرىدىنمۇ 800 ئادەم ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىدۇ. بۇ دولقۇندا توردىن چۈشۈپ قالغانلارغا قارىتا يەنە بىر كىلاسلىك تەدبىرنى "قولنى قان قىلماي ئادەم ئۆلتۈرۈش"نى قوللىنىدۇ. جەمىيەتتىكى خەۋپلىك سانالغان ئادەملەرنى مەخپى زەھەرلەش ئارقىلىق "كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى" دەپ يوقۇتىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن زىيانكەشلىكنىڭ قۇربانلىرى تاكى ئازاتلىقنىڭ ھارپىسىغا قەدەر كېسەللىك ئەھۋالىنى يا ئېنىقلىيالماي ياكى ساقىيالماي ياشلا ئۆلۈپ تۇرىدۇ. بىراق شۇ دەۋردىكى جاللاتلار بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا قەدەر خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇلار تەيۋەندە ھەتتا بەزىلىرى ئامىرىكىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى باياشاتلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزىدۇ....
ئاخىرىدا ئاقسۇنىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ ئىشلىرىغا يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلغان قەھرىمانلىرىمىزغا ۋاكالەتەن مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن سوپىزادىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.
دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ ۋاقىتلىق غەلبىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن يالقۇنلۇق ئىشەنچ ۋە يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسىدا مىللەتنى ئاقارتىش يولىغا ئاتلانغان مىڭلىغان مائارىپچىلىرىمىزنىڭ تەغدىرىگە ئوخشاش، بۇ ئەزىمەتمۇ 1940-يىلىدىكى مىللى يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەبىدىن شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ دادىسى سوپىزادە ھاجىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا "....جاھالەتنىڭ ئاسمىنىغا چىراق بولۇپ يانسۇن دەپ، سېنى ئوقۇتقان ئىدىم بالام ! ..... سۇلتان بالام !....
.....ئىلىم خۇمارلىرىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇچى بۇلاق بولۇپ ئېتىلىپ تۇرغان ۋاقتىڭدا، قاراڭغۇ تۈنگە چىراق بولۇپ يېنىۋاتقان ۋاقتىڭدا، سەندىن ئايرىلدۇق جېنىم بالام !؟ ..." دەپ ھازا ئاچىدۇ.
بۇ ھازا سوپىزادە ھاجىمنىڭلا نالىسى بولۇپ قالماي ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بەربات بولغاندىكى ئورتاق ھازىسى ئىدى.
جان ئانا !؟...
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇزىنچى يىللىرى دىيارىمىزدا "ئۆگەي ئانا" ۋە "تۆمۈر ئاكا ئويغاندى" قاتارلىق دىراممىلار ئوينىلىپ زور شۆھرەت قازانغان. بۇ دىراممىلارنىڭ ئاپتورى، ئاقسۇ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، تۇنجى ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزگۈچىلەردىن بىرى مەرھۇم ئابدۇللا روزى ئىدى.
ئەينى دەۋردە ئابدۇللا روزى ۋە ل،مۇتەللىپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى شۇنداقلا ئاقسۇ خەلىقىنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن بۇ يۇرت " دىرامما-ئوپىرا شەھىرى" گە ئايلانغان. بۇ جەھەتتە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋردىكى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەرمۇ ئاقسۇغا يېتەلمىگەن. ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ تۇنجى ئىلمى مۇدىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇللا روزى 26 يېشىدا ل، مۇتەللىپلەر قاتارىدا ئاقسۇدا ئۆلتۈرۈلگەن.
بىز مەرھۇم مائارىپ سەركەردىسى، ئىستىداتلىق دىرامماتوروگ، ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇللا روزىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىستىبدات ھۆكۈمەتنى "ئۆگەي ئانا"غا سىمۋول قىلغان دىراممىسىنىڭ 3-كۆرۈنىشىدىكى بەش يىتىم بالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئوقۇغان مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈمىز. بۇ ناخشىنى 80-يىللارنىڭ ئاخىرى "تارىم لوگەيدۈي" نامىدىكى بىر لېنتىدا ئاڭلىغان ئىدىم. ناخشىنىڭ بىرىنچى كۇپلىتى ئالماشقان. شۇنداقلا ھەر كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىمۇ "ئاچ قوينۇڭنى جان ئانا !" غا ئۆزگەرتىلگەن.
مەن بۇ ناخشىنى ئەللىك يىلدىن كېيىنكى دەۋردە ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۇنىڭدىن يامراپ كېلىۋاتقان زارۇ-نادامەتتىن تۈگۈلۈپ كەتكەن ئىدىم. ئەپسۇسكى يوقىلىشقا يۈزلگەنگەن بۇ ناخشا بىلەن بىزنى قايتا ئۇچراشتۇرغان ناخشىچىنىڭ تەرجىمىھالى تۇرماق ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيمىز. پەقەت ئۇنىڭ بىر مەھبۇس ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز.
"ئۆگەي ئانا" دىراممىسىدىكى تېكىستى؛
ئانا
كەلدۇق يىتىم-يىسىرلار،
ئاچ قوينۇڭنى جان ئانا !
كېپەن كەيدۇق بېشىڭدا،
ئاچ قەۋرەڭنى، جان ئانا !
ئۆگەي ئانا شەرمەندە،
ئۇرۇپ-سوقتى ھەركۈندە.
مادار قالمىدى تەندە،
ئاچ قەۋرەڭنى، جان ئانا !
دەزمال ياقتى چىقىردۇق،
ۋايجان دىدۇق پىقىردۇق.
جانسىز يېتىپ يىغلىدۇق،
ئاچ قەۋرەڭنى، جان ئانا !
ئاققان قاننى دەيلىمۇ،؟
ئاچ قالغاننى دەيلىمۇ.؟
تىل چاياننى دەيلىمۇ؟
ئاچ قەۋرەڭنى،جان ئانا !
ئالتۇن قوزۇق سەن ئىدىڭ،
ئاق سۈت-ئوزۇق سەن ئىدىڭ.
جانغا خوۋلۇق سەن ئىدىڭ،
ئاچ قەۋرەڭنى جان ئانا !
ئوغلۇم دەيتتىڭ كۆيەتتىڭ،
قىزىم دەيتتىڭ سۆيەتتىڭ.
بالام دەيتتىڭ ئۆلەتتىڭ،
ئاچ قەۋرەڭنى،جان ئانا !
ئۆز ئانىدەك مېھرىبان،
بولماس ئىكەن ھېچ قاچان.
تۆكمەكچىمىز بىز پۇغان،
ئاچ قەۋرەڭنى،جان ئانا !!!
....سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن مەرھۇم ئانىنىڭ يىتىم بالىلىرىغا قايتۇرغان جاۋابىنى يوللىيالمىدىم.
سەرەڭگە ساتقۇچى قىز
...............................................................................................................ئۇيغۇر ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالاتىنى بىلگىلى بولارمۇ ؟
ئۆزەمنىڭكىنى ياكى مەلۇم ئائىلىنىڭكىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئەمما ئومومى مىللەتنىڭ دۆلەت ياكى جەمىيەتتە تۇتقان ئىقتىسادى ئەھۋالاتىنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدىكەن. بىر قارىسا زوردەك يەنە بىر قارىسا ھېچنىمە يوقتەك............................... ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم. بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ يىللىقى ئىقتىسادى چىقىمىنىڭ قانچە پىرسەنتى مىللى مەھسۇلاتقا خېرىدار بولىدۇ؟ قانچە پىرسەنتى مىللى مائارىپقا سېلىنىدۇ؟ يەنە قانچە پىرسەنتى مىللى مەدەنىيەتنىڭ كاپالىتىگە ئىشلىتىلىدۇ ؟........
........................يەنە بىرى جەمىيەتتىكى سودا توختامى ياكى خېرىدار مۇلازىمەتلىرى قانچىلىك مىقداردا مىللىچە يېزىق ۋە زۇۋاندا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ؟.......................................................
...................ئەسلى قائىدە بويىچە مىللەتلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ ئېلىپ بارساق توغرا بولاتتى. بىراق كۆڭۈلسىز نەتىجە چىقىدۇ. شۇڭا خوشاللىق ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق قىلماي بولمايدۇ.
مانا نەتىجە دىگەن. بۇ نەتىجىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئادەتتىكى قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. كىچىكلىكىدىن ئادەتتىكى كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.......................................................
بىزدىكى مىللى ئىقتىسات مىللى كارخانىچىلارنى(بايلار)نى كۆرسۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسى ئىقتىسادى مىللى ھاياتىمىزنىڭ قاتلاملىرىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ مىللىلاشمىغان. ئۇنداقتا مىللى ئىقتىساتنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە خاتالىق كۆرۈلەمدۇ ؟................
..........................................بۇ يەردە بىر مەزمۇننى قىستۇرۇپ ئۆتەيلى.
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا "ۋەخپە" دىگەن بىر ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ. فېئودالىزىم شارائىتىدا كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى بۇ ئىقتىساد(ۋەخپە) ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىي-مائارىپىدىن يېزىق ۋە بىناكارلىقىغا قەدەر ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن....................
........يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەردە دەل مۇشۇ ۋەخپە كىرىمى زور رول ئوينىغان. سىز ئېھسان-ئىئانىنىڭ قانچىلىك كۈچى بار دىيىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن؛
قەشقەر خانلىق مەدىرىسنىڭ 6000 مو ۋەخپە يېرى بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 190مىڭ چارەك يەنى كىلوگىرام ھىساۋىدا ئاز دىگەندە بىر مىليون توققۇز يۈز مىڭ كىلوگىرامغا يەتكەن . يەكەندىكى 29 مەدىرىسنىڭ 3670 پاتمان ۋەخپە يېرى بولۇپ.....
..........................ئۇنىڭدىن باشقا شىڭشىسەي بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ ۋەخپە تالىشىش كۈرىشىنى ئاڭلىغانسىز ؟ دىمەك مەيلى دوست ياكى دۈشمەن بولسۇن ھەر ئىككى تەرەپ بىز دىققەت قىلمىغان مىللەت مەۋجۇتلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادى كاپالەتنى تونۇپ يەتكەن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ۋەخپىلەرنىڭ تەغدىرى دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ شاراپىتى بىلەن سانايى-نەفىسەلەرگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇندىن كېيىن بۇلارنى شىڭ ئىگەللىۋېلىپ ئاخىرىدا يوقۇتۇپ تاشلىنىدۇ................................................................
ھاجەتخانىدىن تېپىلغان جەسەتلەر
...........مىللى ئارمىيە چېكىندى ئەمما ئاقسۇدا "ئۇرۇش" ئاخىرلاشمىدى. خەلق ۋەھشىلىك بىلەن قىرغىن قىلىنىۋاتقان كۈنلەردە رەھىمجان سابىر ھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلار ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ بىلەن تېنىچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىۋاتقان ئىدى................................................................
.............ئاقسۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى جاۋخەنچىڭ بىلەن ۋىلايەتلىك ساقچىنىڭ جۇيجاڭى ۋۇشۇبىڭ ئۈرۈمچىگە قوش ئىمزالىق تېلگىرامما يوللاپ " ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ئىلىلىق تاغ باندىتلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردىن ئۆچ ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن جازا ھەركىتىگە ئومومى يۈزلۈك قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى شات-خورام قىلماقچىمىز " دەپ تېلگىرامما يوللايدۇ. بۇ تېلگىراممىنى تېنىچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان جاڭ جىجۇڭ دەم ئېلىش پۇرسىتىدە كۆرۈپ مىيىغىدا كۈلۈپ قويىدۇ..........................................................
........................................................ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئاقسۇ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان قەھرىماننىڭ ئانىسىغا ئوغلى ئېرىشكەن ئىستىقلالىيەت 1، ئازاتلىق 1 مېداللىرىنى تەغدىم قىلىدۇ. بىراق بالىسىنىڭ ئوتىدا كاۋاپ بولۇپ كۆيۈۋاتقان مەيدىسىنى چىدالماستىن توختىماي مۇجۇپ ئولتۇرغان ئانا؛
- ماڭا شان-شەرەپ كېرەك ئەمەس، ماڭا بالام كېرەك ! ماڭا بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار! - دەپ زارلايدۇ....................................
............................ئۇلار چوڭچىڭدا 43 كۈن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ گومىنداڭ ئازات رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىدۇ. قىزىل ئارمىيە قاخشاتقۇچ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئەمما مىللى ئارمىيە كەينىدىن گومىنداڭ قوغلاپ، ئېتىپ، قىرىپ تۇرسىمۇ تېنىچلىق بېتىمى ئۈچۈن بەدەر چېكىنىدۇ........................
.............يولداش ماۋزېدوڭنىڭ "جوڭگو ئىنقىلاۋىغا پۇرۇلتارىيەت رەھبەرلىك قىلغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ" دىگەن مەشھۇر سۆزىنى دەلىللەيدۇ......................................................................
...............................لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ جەسىتىنى ئىزدەپ تېپىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئەللىكىنچى يىللىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرى تۈرمە ئىچىدىن ئۇلار كۆمۈلگەن ئورۇننى تاپىدۇ.
ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتكەن ئورۇنغا ھاجەتخانە سېلىنغان ئىكەن.
ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيناپمۇ، ئۆلتۈرۈپمۇ ئۆچمەنلىكى بېسىلمايدىغان ئادەملەرمۇ بولىدىكەن. كىنو، كىتاپ، ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق نۇرغۇن جاللاتلارنى كۆردۈق ئاڭلىدۇق. ھەممىسى ئۆلۈمدىن ئىبارەت ۋايىغا يەتكەن قىساس بىلەن تەسەللى تاپىدىكەن. بىراق مۇنۇ ئادەملەر قاتارىغا سىغدىلىپ كىرىپ ياشىغان ئىبلىسلارغا ھەيران قالدىم. ئادىمىزاتنىڭ بۇنداق قارا ۋە خۇنخور تەبىئىتىنىڭ بۇنچىلىك ئاينىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان قانداق مۇھىت ؟! ..................................................................
..................1946-يىلى ئورۇسنىڭ ئىلىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا سوۋېت گىراژدانلىقىغا ئادەم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى چاپلىنىدۇ.
شۇ چاغدىكى ئازات غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى تىيىپ ئاخۇن تۇنجى بولۇپ تىزىملىنىدۇ. ئاندىن خۇرجۇن-خۇرجۇندا پاسپورت ئېلىپ ئىلىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدا ئورۇسقا پۇقرا قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەشۋىقاتى مىللى ئارمىيە قوشۇنى ئارىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋىلايەتنىڭ چوڭ كادىرلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ ئوفىتسىر-كوماندىرلىرىمۇ يېزىلىدۇ........................................
...................... ئارمىيىسى بولغان "ئازات ئۈچ ۋىلايەت" تە بۇنداق كۆلەمدىكى قېچىش دولقۇنى كۆرۈلىدۇ ؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرى ياراتقان ئازاتلىقتىن قاچماقچى بولىدۇ ؟.....................................
........................................................................................
39

دىلمۇراتجان
....................ئەدەبىياتنىڭ مەخسىتى ئىنسانىيلىقنى تۇتۇپ ئىنساننى يېزىش ئىكەن. بىراق بىزگە ئىككى خىل ئىنسان ئۇچرايدىكەن. ئۇلاردىن بىرى رىئاللىقتا ئۇچرايدىغان ئىنسانلار يەنە بىرى بولسا كىتاپلاردا ئۇچرايدىغان غايىۋى ئىنسانلار. ئۇلارنى ئاساسەن ئوخشاش دەي دىسەك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بەك چوڭ ئىكەن. بۇ پەرقنىڭ چوڭلىقى ئاسمان بىلەن زىمىننىڭ ئارىلىقىدەككەن......................
...................يۈسۈپجاننى تونۇمسىز ؟ تونۇمايسىز. چۈنكى ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ تەغدىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دەۋردىكى يۈسۈپلەر بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
بۇرۇنقى يۇسۇپخاس ھاجىپ جەمىيەتتىكى نامراتلىق ۋە ھىلە-نەيرەڭدىن خالى كىلاسسىك ئوبرازلارنى، كەلگۈسىدىكى كومىنىزىمنى سىزىپتۇ. ماۋۇ بىزنىڭ يۈسۈپجاننىڭ دەۋرداشلىرىمۇ، ئوغرى يوق پەزىلەتلىك شەھەر بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش كىلاسسىكلارنى جاھان سەھنىسىگە تونۇتۇپتۇ. رەسسامنىڭ بوياق قاچىلىرىدىن تارتىپ ئالى مەكتەپلەرنىڭ سۈرلۈك سەھنىلىرىگە قەدەر تولۇق ھەركەتكە كېلىپتۇ. ئۇلار مەخسۇس مەبلەغ، مەخسۇس پەن، مەخسۇس تەتقىقاتقا تايىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزنەكلىرىنى ئىگەللەپ بولغاچقا بۈگۈنكى يۈسۈپجانلارنى تەتقىقات قىلىدىغانغا ئورۇن قالماپتۇ.......................................................................
..............يۈسۈپ خاس ھاجىپنى پاراڭ سېلىش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەھلىل ۋە ئەمەلىي بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە مەن ئاجىز. بىراق ماۋۇ يۈسۈپجانغا ئۇنچىلىك مۇرەككەپ تەلەپلەر كەتمەيدۇ. پەقەت ئېغىزنى ئاچساقلا بولىدۇ. شۇڭا كېيىنكى يۈسۈپ توغرىلىق پاراڭ سېلىپ بېرەي.
يۈسۈپجانلار ئۈچ قېرىنداشكەن. ئۈچ يىل بۇرۇن ئاچىسى دورا يەپ ئۆلىۋاپتۇ. كېيىن ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كېتىپتۇ. ئانىسى تۇرمۇشى باياشات بىر مېيىپ ئادەمگە تېگىۋاپتۇ. كىچىك سىڭلىسى يۇرتتا تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇيدىكەن. يۈسۈپجان بىلەن دادىسى ھازىر قومۇلدا كۈنلۈك ئىشلەپ پۇل تېپىۋېتىپتۇ............
خاتىمە
.......................مىللى گۈللۈنىشنىڭ كاپالىتى پەقەت مۇستەقىللىق دەپ ئېيتىش تولىمۇ يۈزەكى جاۋاپ بولسا كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جاۋاپنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى بېكىتىشمۇ بەسى مۈشكۈل توختايدۇ.............
...................................بولگېر قالدۇرغان بايانلاردا "....بۇ مىللەت كۈچلۈك بىر ھۆكۈمراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا گۈللەپ ياشناشقا ئېرىشەلەيدۇ....." دىگەن. ئېھتىمال بۇ پەرەڭ ئەينى دەۋردىكى ئاجىز چىڭ خاندانلىقىغا قاراپ ئۆزلىرىنى نامزاتلىققا سىغداپ شۇنداق باھا بەرگەن بولسا كېرەك.........................................ئىقرار قىلىشقا تېگىشلىكى مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇنۇشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بۇ مەۋھۇم مەنزىلنىڭمۇ تايىنلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى................................................ئەڭ مۇھىم پەيتلەر بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى، قولىمىزدىكى رىئاللىقىمىزنى ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىگە بولغان تەخىرسىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇردى............................................................................
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن مەزكۇر ئەسەردىكى ئاخىرقى مەزمۇنلار ۋاقتىنچە يوللانمىدى. چۈنكى سەھىپە بەك ئۇزۇراپ كەتتى. ئوقۇرمەننىڭ زېرىكىپ قېلىشىمۇ تەبىئى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزەمنىڭ شارائىتىمۇ يار بەرمىدى. قالغان قىسمىنى خۇدايىم بۇيرىسا يەنە يوللارمەن. ۋاقتىنچە ئەپۇ قىلىشارلا....
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
Abdurehim ablathan
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى