مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 11ئىنكاس
  • 6687كۆرىلىشى

گۈلەن: كارىۋاننىڭ نەسلى ۋە كېمىچىنىڭ پۇشتى [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: يېڭى ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11946
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-06-12
ئاخىرقى: 2012-10-17
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-17 13:53:24
— بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-10-20) —
كارۋاننىڭ نەسلى ۋە كېمىچىنىڭ پۇشتى
 
-ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقى ۋە ئوخشاشلىقى ھەققىدە سېلىشتۇرما ئويلار
 
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
 
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىرتۇيغۇلار"نىڭ داۋامى
 
ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇلارنىڭ پەرقى ھەققىدە "ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟" ۋە "ئوتنىڭ تېشىدا ۋە سۇنىڭ قېشىدا" دېگەن خاتىرىلىرىمدەتوختالغان ئېدىم. بۇندىن باشقا يازمىلىرىمدىمۇ پەرقلەر ھەققىدە ئانچە مۇنچەمۇلاھىزىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن ئېدىم. بۇ قېتىم بۇ ھەقتا ئايرىم مۇلاھىزەيۈرگۈزۈش زۆرۈرىيىتىنى دوستلار بىلەن قىلغان سۆھبەتتىن ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغانخەتلىرىدىن ھىس قىلىپ بۇ ھەقتە قايتا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇلارنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە رۇشەن پەرقلىرى مەۋجۇد. بۇ پەرقلەرنىڭ بەزىلىرى جۇغراپىيىلىك شارائىت بىلەن، بەزىلىرى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئوخشىماشلىقى بىلەن،يەنە بەزىلىرى تارىخى كەچۈرمىش ۋە  تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ  ئوخشىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىلىقلاربىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقى بولسا ھەممىمىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىز ۋە بەزى تارىخى كەچمىش ۋە رىيال ھالەتلىرىمىزدىكى ئوخشىشىپ قېلىش قاتارلىقلارغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇلارنى يېزىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئامېرىكىلىقلارنى چوڭ كۆرۈپ ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى ياكى ئۆزىمىزنىڭكىنى قالپايتىپ كۆرەڭلىك قىلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمۇدۇم. مەن پەقەت ئۆزەم ئوبدان بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلار ھەققىدىكى سېلىشتۇرما ئويلۇرۇمنى باغىرلارغا تۆكمەكچى. مەن بۇيەردە يېزىۋاتقان ئامېرىكىلىقلار ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ۋە ئافرىقىدىن ئامېرىكاقۇرۇقلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ بۈگۈنكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
ئاۋۋال گەپنى ئامېرىكىلىقلاربىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.
 
دېڭىزچىلىق ئەنئەنىسى ۋەباغ-دالا يوسۇنى
 
ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم رىياللىققا ئايلانغاندىن كېيىن قايسى شىتاتتىكى قايسى مەكتەپنى تاللاش ھەققىدە كۆپ باش قاتۇردۇم. مەن تاللىغان مەكتەپتە تىلنىڭ ئىجتىمائىي رولى، سىياسىئورنى، تىل بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى، تىل بىلەن ئىجتىمائىي تەبىقىنىڭ مۇناسىۋىتى،تىل بىلەن ئۆرپ- ئادەتنىڭ مۇناسىۋىتى، تىلنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە مەدەنىيەت ئىزچىللىقىقاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار بولۇشى كېرەك ئېدى. ئۇندىن باشقامەن تاللىغان مەكتەپ يېڭى كۆچمەنلەر ۋە ساياھەتچىلەر ئاز شەھەردە بولۇشى كېرەك ئېدى. بۇنداق بولغاندا مەن بىرقەدەر تىپىكرەك بولغان ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىن بەھىرلىنەلەيتتىم، ھەقىقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ  ئورتاق بولغان چۈشەنچە،پوزىتسىيە ۋە كەيپىياتلىردىن زوق ئالالايتتىم. شۇڭا ۋاشىڭتوندىكى، نىيويوركتىكى دوستلۇرۇمنىڭ شۇنچە تەۋسىيىسىگە قارىماي يۇقارقى ئۆلچەملىرىمگە ماس كېلىدىغان ئوخايو ئۇنۋېرىستىتى، پىنسىلۋانىيە ئۇنۋېرىستىتى ۋە كانزاس ئۇنۋېرىستىتىنى تاللىغانىدىم. ئارزۇلىغىنىم دىكىدەك مېنى قوبۇل قىلغان كانزاس ئۇنۋېرىستىتى جايلاشقان شەھەر كىشىلىرى ئەنئەنىچى، دىندارلىققا مايىل، تىنچ، ئازادە بولۇپ چىقتى. دەسلەپتىلا كۆزۈمگە چېلىقىپ  مېنى قىزىقتۇرغىنى كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىغا توختۇتۇپ قويۇلغان قولۋاقلار، يوغان دەرەخلەرنىڭئ ۈستىگە قوندۇرۇلغان كاتەكتەك كىچىك ئۆي ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە سېلىنغان"تۇل كەپىسى" دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بالىخانا بولدى. ئېنگىلىزچىدەقولۋاق، كىمە، پاراخوت دېگەن سۆزلەرگە ئاياللىق تۈسى بېرىلىپ ئامراقلىق ۋەشەيدالىق بەكمۇ ھىسسىياتلىق ئىپادىلىنىدىكەن.
 
دائىم تەييار تۇرۇدىغان قولۋاق، "تۇل كەپىسى" بىلەن دەرەخ ئۈستىگە سېلىنغان كاتەكسىمان ئۆينى ئامېرىكىلىقلار دېڭىزچىلىققا باغلاپ چۈشەندۈرىشىدىكەن. بۇلارنى بۇ يەرگە ياۋرۇپاكۆچمەنلىرى ئامېرىكىغا يەرلىشىپ ياشاش جەريانىدا ئومۇملاشتۇرغانىكەن.تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئېرى دېڭىزغا بېلىق تۇتقىلى كەتكەن شىمالىي ياۋرۇپالىق ئاياللارئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدىكى كىچىك كەپىگە چىقىپ ئۇزاقلاردىكى ئېرىنى ساقلايدىكەن. بەزى تەلەيسىزلەرنىڭ ئېرى دېڭىزغا بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدىكەن. بىچارە ئاياللار ئەرلىرى بىرچاغلاردا كېلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا كۈن كۈنلەپ ئاشۇ كەپىدە ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن.شۇڭا بۇ ئۆيلەر تۇل كەپىسى دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن. دەرەخ ئۈستىگە سېلىغان كاتەكسىمان ئۆيلەرمۇ ئەسلى كىشىلەرنىڭ دېڭىزنى كۆرۈش ئېھتىياجى ئۈچۈن سېلىنغانىكەن. ئامېرىكىغا بارغان دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ دېڭىزغا قانچىلىك ئىشتىياقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قانچە ئىشقا شاھىدبولدۇم.
لاۋرېنىس دېگەن بۇ شەھەردېڭىزدىن يىراق بولغاچقا يازدا سۇغا چۈمۈلۈپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ كۆنگەن ئامېرىكىلىقلار بۇ يەرگە بىر چوڭ كۆل بەرپا قىلىپ ئۇنىڭغا دېموكراتلارپارتىيىسىدىن بولغان پېرىزدېنت بىل كېلىنتوننىڭ نامىنى بېرىشىپتۇ. چۈنكى كانزاسگەرچە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئەتراپىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەرەپتار شىتاتلىرى كۆپ بولۇشىغا قارىماي دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللايدىغانلاركۆپ سانلىق شىتات ئىكەن. (شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزنىڭ مەكەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھازىرلانغان ھەقسىز گېزىتلەر ئىچىدە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغامايىل "نىيويورك ۋاقتى گېزىتى" بار، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەرگە مايىل"ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى" قويۇلمىغان ئېدى). كىشىلەر ئارام كۈنلىرى كۆل ئەتراپىغا قولۋاقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىدىرلىرىنى تىكىشىپ كۈندۈزلىرى ئاپتاپقا قاقلىنىپ سۇغا چۈمۈلسە، كېچلىرى سالقىنلاپ كۆل مەنزىرىسىنى تاماششا قىلىدىكەن. ئۆيلىرىدەسۇ كۆلچىكىنىڭ بولۇشى قېرى ياش لاۋرېنسلىقلارنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بەك كۈچلۈك ئارزۇسى ئىكەن. قىش كۈنلىرى ئۈچۈن مەخسۇسزاللىق كۆلچەكلەر ياسالغان بولۇپ ھەر ئاينىڭ تۇنجى جۈمە كۈنى بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ئەرزان مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
لاۋرېنستىكى پۇلللۇق كىشىلەرنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە مەخسۇس ئۆيلىرى بولىدىكەن. تەتىل كۈنلىرى ۋاقتىنى شۇ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزىشىدىكەن. ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلغىنى بۇ كىشىلەرنىڭ يازدىكى ئىككى ئۈچ ئايلىق راھەت ئۈچۈن دېڭىز بويىدىن مەخسۇس ئۆي سېتىۋېلىشى بولدى.بەلكىم دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە يازدا مېھمانخانىلار بەك بېسىق بولۇپ كەتسەكېرەك. ياكى مېھمانخانىدا ياتقاندىن ئۆز ئيىدە تۇرۇش راھەت بولغاچقا شۇنداق قىلىنىدىغان بولۇشى مۇمكىن. يازلىق تەتىلدە مەكتىپىمىز ۋە يەنە بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بۇ شەھەر قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالاتتى.ئوقۇغۇچىلار تەتىللىك ئارام ئېلىش ۋە ئىشلەشكە شەرقى ۋە غەرىبى قىرغاقتىكى دېڭىزبويى شەھەرلىرىگە كېتىپ قېلىشاتتى. ئوقۇتقۇچىلار دېڭىز بويلىرىغا ئارامغاكېتىشكەچكە يازلىق تەتىللىك دەرسلەرنىمۇ ئاساسەن ئاسپىرانتۇرىيەلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتەتتى.
 
ئامېرىكىلىق قىز ئاياللاردىكى ئاپتاپقا قاقلىنىپ تېرىسىنى بۇغداي ئۆڭ قىلىش ئادىتىمۇ بۇلارنىڭ دېڭىزچىلىق ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېلۋىزورلاردىن تېرىسىنى بۇغداي ئۆڭ قىلماقچى بولغان قىزلارنىڭ تۈرلۈك سۈنئىي ئۇسۇللارغا مۇراجەت قىلىپ ھاياتىنى تەھلىكىگە قويغىنىمېنى تاڭ قالدۇرى. قارىغاندا ئاپتاپقا قاقلىنىش، قىزارغان، كۆيۈپ بۇغداي ئۆڭ ھالەتكە كەلگەن تېرىنى ساغلام بىلىپ ھەۋەس قىلىش ئۇلارنىڭ ئۇزاق مەزگىل دېڭىز بويىدا ياشىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولساكېرەك. ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق قاتارلىق ئىنساننىڭ جىسمانى گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەشنى ئوبىكىت قىلغان سەنئەتنىڭ ياۋرۇپالىقلار ۋە ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەربەرپا قىلغان دۆلەتلەردە ئەۋج ئېلىشى ۋە قارشى ئېلىنىشى بۇلارنىڭ دېڭىزچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بىپايان دېڭىزدىن ھوزۇرلىنىش، دېڭىزغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش تەبىئىي ھالدايالىڭاچلىقنى تەقەززا قىلىدۇ. يالىڭاچ بەدەننى ئوبىكىت قىلغان رەسساملىق ۋەھەيكەلتاراشلىقنىڭ دېڭىز بويلىرىدا يالىڭاچ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن ياۋۇرپالىقلارداشەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەلۋەتتە.
نە ئۇچى، نە چېكى يوق قۇملۇقلارنى  شېھىدلەرنىڭ ئۆلمەس روھىدەك توغراقلار،يۇلغۇنلار، جىگدىلەر بىلەن ئىھاتىلەپ، يازلىرى يايلاقلاردا ئات چاپتۇرۇپ، قىشلىرى كۆجۈم مەھەللىلەردە مەشرەپ گۈلخانلىرى بىلەن قەھرىتان تۈنلەرنى يورۇتۇپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ دېڭىزچىلىق ئەنئەنىسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يوسۇن شەكىللەنگەن. بىپايان يايلاق، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق ۋە دەريائېقىنلارنى بويلاپ مارجاندەك تىزىلغان بوستانلىقلارنى ماكان قىلغان ئۇيغۇرلاريۇقارقى تەبىئىي شارائىتلارغا ماس ئىگىلىك شەكللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلارداچارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق، ئوۋچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭتەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تىپىك تېرىمچى مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرگەن.شۇڭا ئۇيغۇر ئەجداتلىرى قۇرغان كۆك تۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى(ئېنگىلىزچە ۋە تۈركچە مەنبەلەردە ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى دەپ ئېلىنىدۇ)، قاراخانىلارخانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (قەدىمكى ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېلى دەپ يېزىلغان) قاتارلىقلاردا قىشلىق ئاستانە ئىكىنلىكلەر بىلەن قۇرشالغان شەھەرلەردە، يازلىق باشكەنت يايلاقلاردابولۇشتەك ئەنئەنە شەكىللەنگەن. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋۇچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى ئورتاق ئىگىلىك شەكلى قىلغانلىقى بىلەن مۇناىسۋەتلىك. ھېلىمۇ غۇلجا،چۆچەك، بورتالا ئۇيغۇرلىرىدا يازنى يايلاقتا، قىشنى شەھەردە ئۆتكۈزۈش ئەنەئەنىسىبار. ئۇيغۇرچىمىزدىكى يايلاق سۆزىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا يايلاق يازلاق(يازلايدىغان يەر) كەلىمىسى بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئېدى. ئۇيغۇرچىمىزدىكى ئېكىنزار،كەنت دېگەنلىك قىشلاق(قىشلايدىغان يەر) دەپ ئىپادىلىنەتتى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يازنىيايلاقتا يايراپ، قىشنى شەھەر- يېزىدا قىشلاپ ياشىغان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭباشقا تېرىمچى مىللەتلەرنىڭ تەتۈرىسىچە ئاتقا، گۆشكە ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكىمۇئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئارىلاشما ئىگىلىك شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
 
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپكەتكەن تۈرلۈك چەك ۋە پەرھىزلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ باغ- دالا تۇرمۇشىغا خاس يوسۇنىۋە ئاتا بوۋىلاردىن مىراس ھېكمەتلەر چوڭقۇر تامغا باسقان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭداستىخانغا قۇرۇق، يۆل يەل يىمىشلەردىن پار كەلتۈرۈپ تىزىشلىرىغا، تاماقلارنىڭ قويۇق سۈيۈقلىقىنىڭ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ تارتىلىشلىرىغا ئەجدادلارنىڭ مىھمانلارنىڭ زوق ئىشتىياقىغا، مىجەز خۇسۇسىيەتلىرىگە، تاماقلارنىڭ سىڭىشلىك سىڭىشسىزلىكلىرىھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى سىڭگەن. يىپەك يولى بويىدا نەچچە ئون ئەسىر سارايۋەنلىك قىلغان خوجايىن مىللەتتىلا بۇنداق مول داستىخان ھازىرلاش يوسۇنى ۋە يىمەكلىكنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە تىزىش ۋە يىيىش ئىلمىيلىكى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆل كولاپ ئەتراپىغا سۆگەت قويۇشىغا سۇغا چۈشكەن سۆگەت يوپۇرمىقىنىڭ سۇنى تازىلاش خۇسىسىيىتى نەزەرگە ئېلىنغان. سۇنى كۆلگە باشلاپ ئىچىشىگە قاتتىق سۇنى يۇمشۇتۇپ ئىچىشتەك ئىلمىيلىك يوشۇرۇنغان ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقىغا بولغان ھۇشيارلىق ئەكىس ئەتكەن. بۇلار تەكلىماكاندەك دۇنيابويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇقنى توسۇن ئاتنى بويسۇندۇرغاندەك قولىغا ئۆگىتىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋە شەرقى ئاسىيانىڭ ئېكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلىقىنى تارىختىن بۇيان ھەقسىز قوغۇداپ تەڭشەپ كەلگەن مىللەتتە بولىدىغان پاراسەت. سۇنى "خارلىقىغاقالىمىز" دەپ ئىسراپ قىلماسلىق يوسۇنىغا دىيارىمىزدىكى سۇ كەملىك سەۋەپ بولغان. ئېقىن سۇغا تۈكۈرمەسلىك، تەرەت قىلماسلىق، ئەخلەت تۆكمەسلىك قاتارلىق ئۇدۇملىرىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ سۇ ئارقىلىق تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تىببىي بىلىم مۇجەسسەملەنگەن. يازلىرى سۇغا چۈشۈپ ئاپتاپقا قاقلانماسلىقىغا يۇرتىمىزدا ياز كۈنلىرى ئولتۇرا بىنەپشە نۇرنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇش ئىپادىلەنگەن. خەلقىمىزنىڭ ئېرىق ئۆستەڭ ۋە يولبويلىرىغا كۆچەت قويۇشى، ئۆي سېلىشتىن بۇرۇن ئەتراپقا كۆچەت قويۇشى يۇرتىمىزدا قۇمبوراننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىرنىڭ ئىپادىسى. ئۈجمىنى شەخسى باغقا ئەمەس ئىشىكئالدىغا، يول بويلىرىغا قويۇش، يوللارغا كۈپتە مۇزدەك سۇ قويۇپ قويۇشلارغائۇيغۇرلاردىكى تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەت،  غېرىپ مۇساپىرلارغا بولغان خالىس يارىدەم،بارلىق ئىنسان ئەۋلادىغا بولغان مىننەتسىز سۆيگۈ سەۋەب بولغان.
 
دېڭىزنىڭ جىمجىتلىقى،رەھىمسىزلىكى، پايانسىزلىقى؛ قولۋاقلىق بېلىق تۇتقاندىكى يالغۇزلۇق ئامېرىكىلىقلارغا ئۆزىگە پۇختا بولۇشنى، ھەر قانداق مۇشكۈلاتقا يۈزمۇ يۈز تاقابىل تۇرۇشنى، ھەرقانداق تەھدىتكە ئوچۇق بولۇشنى، سۆيگۈ ۋە نەپرەتنى ئالەمگە كۈندەك ئاشكارىلاشنى ئۆگەتكەن بولسا؛ چېكى يوق قۇملۇق، پايانسىز يايلاق، قاشاسىز باغلارئۇيغۇرلاغا چېكى يوق سۆيگۈنى، بەدەلسىز بېغىشلاشنى، ھەرقانداق مۈشكۈلاتنى مېھىرئىچىدە ئېرىتىۋېتىشنى ئۆگەتكەن. ئامېرىكىلىقلار سۆيگۈنى، مەھلىيالىقنى ۋەگۈزەللىكنى شەكىلدە ئىپادىلەشكە كۆنگەن بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇنى مىننەتىسز ھەرىكتىگەئۈنسىز سىڭدۈرىۋېتىشنى ئۇدۇم قىلغان. ئامېرىكىلىق ئۈچۈن گۈزەللىك تۇتۇپ ھوزۇرلانغىلى، كۆرۈپ بەھىرلەنگىلى بولىدىغان مەۋجۇدىيەت بولغان بولسا ئۇيغۇر ئۈچۈن گۈزەللىك دىلدىنلا ئورۇن ئېلىپ تىلغا سىغمايدىغان، تۇتسا توزۇپ، ئۆپسە ئۆچۈپكېتىدىغان پىنھانلىق- مەۋھۇمىيەت بولۇپ تۇيۇلغان. ئەلۋەتتە، بۇ پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار ئىگىلىك شەكلى ۋەتەبىئىي موھىتقىلا باغلىق ئەمەس.
 

مېھماندوست ئۇيغۇلار ۋە تۆرنىبەرمەس ئامېرىكىلىقلار
 
ئامېرىكىلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا بىر ئىش ماڭا بەك قىزىق تۇيۇلدى. ئامېرىكىلىقلار ئۆيىگەكەلگەن مېھماننى تۆرگە باشلىمايدىكەن. بۇ يەردە تۆر دېگىنىم شىرەنىڭ ئۇدۇل تەرىپى دېگەنلىك. بۇ "تۆر" دە ئادەتتە ئەر ساھىپخان ئولتۇرىدىكەن. مەسىلەن، مەن دوستۇمنىڭ تەكلىبى بىلەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان بولسام تۆردەدادىسى ئولتۇرىدىكەن. ئەگەر مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىنغان بولسام، بۇسورۇنغا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولسا دوستۇم تۆردە ئولتۇرىدىكەن.ئاتا-ئانىسى مېھمانلار قاتارىدا ئولتۇرىدىكەن. تۇل ئايال پروپېسسورلارنى بۇ قائىدىگە تازا ئەمەل قىلىپ كەتمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بۇ ئىش كۆزۈمگە چېلىقمىدى. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر مېھمان ئېسىدە يوق ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆيىدەتۆردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ساھىپخان ھىچ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا مېھمانغا"بۇ دېگەن مېنىڭ ئورنۇم، سەن خاتا ئولتۇرۇپ قاپسەن. بۇ ئوروندىن باشقائورۇندا ئولتۇرغىن" دەپ قوپۇرىۋېتىپتۇ.
بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگەمېھمانغا بېرىپ تەكلىپ بويىچە قونۇپ قالدىم. ئەتىسى قارىسام دوستۇمنىڭ ئانىسى ئۆزى ناشتا قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىزگە ناشتىلىق يوق. شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئىككىمىز سىرىتقاچىقىپ قورساقنى غەملەپ كەلدۇق. شۇ كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە تاتلىق تۈرۈملەردىن يىدۇق. ھازىرلىغان نەرسىلەر خېلى باردەك قىلغانلېكىن بىزگە ئازراقلا قويۇپ قالغىنىنى توڭلاتقۇسىغا سېلىپ قويدى. داستىخان بىرپەستە قۇرۇقدېلىپ قېلىۋاتسىمۇ ئايال ساھىپخان توڭلاتقۇسىدىن ھېلىقى تاتلىقلارنى چىقارمىدى. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۇنداق مېھماننى تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق تۈرۈمگە چارقىرىپ قويۇپ داستىخانغا شۇنىڭدىن باشقا ھىچ نېمە تىزمايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىخېلى كۆردۈم.
 
ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بەك ئىززەتلىك ۋە يېقىنلىق يۈزىسىدىن بولمىسا باشقىلارنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرمايدۇ.چۈنكى ئۆي ئۇلارنىڭ خۇسۇسى ھاياتىدىكى ئارامگاھ بولغاچقا باشقىلارنى ئاسان يېقىن يولاتمايدۇ. باشقىلارغا ئۆينىڭ ئادرىسىنى دەپ بەمەيدۇ ھەم سورۇمايدۇ. ئەمماسىرىتتا، رىستۇرانلاردا بىر بىرىنى مېھمان قىلىش تولىمۇ نورمال بىر ئىش.يۇرتىمىزدا رىستۇرانپەرەسلىك ئەۋج ئالغان يىللاردا ئۆيىدە قوي ئۆلتۈرسەئەزىزلەنمىگەندەك كەيپىياتتا بولۇپ رىستۇرانغا چاقىرسا ھاياجانلىنىدىغان پۈچەكلىك باش كۆتۈرگەن ئېدى. مەن بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتنى،ئەزىزلىكنى جامائەت ئالدىدا يەپ ئىچىپ كۆرەڭلىك، داغۋازلىق قىلىشتىن ئىزدەۋاتقانلىقىغا باغلاپ چۈشىنىمەن. يەنە بىرى ئۇيغۇرلاردا ئۆيدە ھاراقخورلۇققىلىش ھەزەر قىلىنىدىغان خاھىش بولغاچقا رىستۇراننىڭ بۇنىڭغا قولايلىق ياراتقانلىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك.
 
ئۇيغۇرلاردىكى مېھماننى تۆرگەباشلاش ئادىتى بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى مېھمانغا تۆرنى بەرمەسلىك ئوتتۇرىسىداھالقىلىق تەپەككۇر پەرقى بارمىكىن دېگۈم كېلىدۇ . مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا تۆرنى بەرمەسىلىكىگە ئۇلارنىڭ مۇتلەق مەنچىللىكنى مەركەز قىلغانتەپەككۇر ئادىتى سەۋەپ بولغان. بۇ خىل تەپەككۇردا شەخسنىڭ خاھىشى، ئىھتىياجى،غايىسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. ئامېرىكىلىقلاردا ھاياتتىكى بارلىق توغرا -خاتا، ياخشى- يامان، پايدىلىق پايدىسىز قاتارلىق ئامىللارغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاچقۇچى شەخسنىڭ قولىدا. بۇ ئاچقۇچنى قانداققوللۇنۇش شەخسنىڭ ھوقۇقى. پەقەت قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بۇنداق تەپەككۇر چەكلىنىشتىن مۇستەسنا. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق تەپەككۇر ئادىتىئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىمۇ ئەكىسلىنىدۇ. ئۇلار ئائىلىۋىي ھاياتتائۆزىنى بىرىنجى ئورۇنغا، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئىككىنجى ئورۇنغا، ئاتا- ئانىسىنىئۈچىنجى ئورۇنغا قويىدۇ. نەچچە بالىسى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئائىلىسىدىن كۆڭلىقالغان ھامان ئاجرىشىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا بىر بالىسىنى ئۆگەينىڭ قولىغا قويمايمەندەپ تۇل ئۆتۈپ كەتكەن ئايال ياكى ئەر يوقنىڭ ئورنىدا. مېھماننى تۆرگە باشلاش ياكى تۆردە ئۆزىئولتۇرۇش ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردىكى تەپەككۇر پەرقى ئەمەس بەلكىم ئادەت پەرقى مەسىلىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
شۇنداق، مېھماننى تۆرگە ئېلىش ئالماسلىق ئادەتمەسلىسى بولۇشى ئىھتىمال، ئەمما مېھماندارچىلىقتا زىيادە ئىسراپخورلۇق قىلىش، ئۆزئىقتىسادى ئەھۋالىغا نامۇناسىپ مىھمان ئۇزۇتۇش ئۇيغۇر مېھماندوستلۇقىدىكى پۈچەكلىكبولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇيغۇردىكى مېھمانخانىسىنى شۇنچە كاتتا بېزەشكە چىدىغانكىشىلەرنىڭ ئاشخانا، مۇنچا، خالا قاتارلىقلارنىڭ راھەت ئازادە، چىرايلىق بولۇشىغاسەل قارىشى باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ياشايدىغان پۈچەكلىكنىڭ بەلگىسى بولۇشىمۇمكىن. تەپسىلىرەك ئويلاپ باقساق ئامېركىلىقلاردا "خەق قانداق ئويلاپقالار"، "مۇنداق قىلسام سەرت تۇرارمۇ"، "دوست دۈشمەننىڭئالدىدا مۇنداق قىلىپ كۆرسىتىپ قوياي"، "كىم دېسە، پۇستانى دەپقالسۇن" دېگەن سۆزلەنمىلەرنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنماسلىقىدىن ئۇيغۇردىكى يۇقارقىقاراشنىڭ ئەكسىگە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئاڭقارغاندەك بولىمىز. يۇرتلىرىمىزدائەۋج ئالغان مىھماندوستلۇق نامىدىكى داغۋازلىق، ھەشەمەتخورلۇقتا بەلكىم، ئۆزىنىڭ ئاجىز رىيال ھالىتىگە يۈزلىنەلمەسلىكۋە بۇ ھالەتنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا پەدەزلەپ كۆرسىتىش، ئۆزىنى ھازىرقى ھالىتىدىنيۈكسەكرەك تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە شۇ تەسەۋۋۇرىدىكى ئوبرازى ئۈچۈن خەقنىڭ ئالدىدازورۇقۇشتەك روھىي بىنورماللىق ئەكىس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ يەردە ئاساسىشەكىللەندۈرگۈچى ئامىل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالغان ۋە ئادەتكە ئايلانغان ساختىلىق،تۆۋەننى سىلىق قۇرۇق گەپ بىلەن ئالداپ يۇقۇرىغا خۇشامەت قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغاھەشەمەتلىك يەپ ئىچىپ ئىسراپخورلۇق قىلىش، خەلققە بىرنى ئون كۆرۈشكە ۋە كۆرسىتىشكەكۆندۈرۈش قاتارلىق جەمئىيەتلەشكەن چىركىنلىكلەر بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمېھماندوستلۇق جەھەتتە ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ ھەمدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇتامامەن ئوخشىمايدۇ. مېھماننى ئەھۋالىغا يارىشا ئۇزۇتۇش، مېھمانغا ئۆيدىكى بارىنى ئالدىكەينىنى سۈرۈشتۈرمەي ئاتىۋەتمەسلىك ئاللىقاچان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنقوبۇل قىلىنغان. ئەمما ئۇلار ئامېرىكىلىقلاردىنمۇ كەسكىن پەرق قىلىدۇ. مىھماننى ۋەتەندىكىدەكتۆرگە ئالىدۇ. ئۆيىدە قوندۇرىدۇ، قولىدىن كېلىشىچە خىزمىتىدە بولۇپ خۇرسەن قىلىشقاتىرىشىدۇ . ئۆيىدە بارنى ئىمكان بار قويالىغانچە مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇپ قىزغىنكۈتۈۋالىدۇ. ئامېرىكىدىكى تۈركىيە تۈركلىرى بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك ئامېرىكىچىلىشىپكەتكەن. ئۇلار تۆرنى مىھماندىن تالاشمىغان بىلەن داستىخاننى ئۇيغۇردەك مولھازىرلىمايدۇ.
 
ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكىلىقلارداشەخس ۋە ئاۋام چۈشەنچىسى
 
-ئۇيغۇلار ۋە ئامېرىكىلىقلارداشەخسنىڭ غەلبىسى ۋە ئومۇمنىڭ تۆھپىسى
 
بىز ئۇيغۇرلاردا "يالغۇزئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس" دېگەن تەمسىل بار. بۇ يەردەدېيىلىۋاتقان "چاڭ" نى غەلىبىگە ئېرىشىش جەريانىدىكى داۋراڭ دېسەك،"داڭ"نى شۇ چاڭلىق جەريان ئېلىپ كەلگەن غەلىبە دېيىش مۇمكىن. چاڭلىق جەرياندىنداڭلىق نەتىجە يارىلامدۇ؟ داڭق چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم چاڭ چىقىرىش كېرەكمۇ؟ مەنچەداڭق چىقىرىشتىن بۇرۇن چاڭ چىقىرىشقا ئالدىراش "ھەممە ئىش نەتىجە ئىتىبارىبىلەن گۈزەل" دېگەن تەلىمگە خىلاپ كېلىدۇ. ئىشنى باشلا باشلىماي چاڭ چىقىرىشنىئويلاش غەلىبە جەريانىدىكى يالغۇزلۇققا، زېرىكىشكە چىدامسىزلىق قىلىش دېمەكتۇر. بۇنداقچاڭ- داۋراڭسىز ئىش قىلالماسلىق، يالغۇز ئاتنىڭ- شەخسنىڭ ئاۋامغا ئوخشىمايدىغان غەلىبىسى خاھىشى، مەيلى، تۇيغۇلىرىنىجىنايەتتەك كۆرۈپ تەقىپلەش، ئىنساننىڭ ئىجادىيەت، تۆھپە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىئومۇمنىڭ پاسىبانلىقىغىلا باغلاپ قويۇش نەدىن كەلگەن؟ "خەق نېمە بولسا بىز شۇ"،" توپقا كىرىۋالساڭ شامال تەگمەيدۇ" دېگەندىكى مەنتىقىدە تەكىتلەنگىنى شەخسنىڭئەركىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئاۋامنىڭ بۆشىكىدە ئىچىدە بىخوتلاشتۇرۇش، ئۇخلۇتۇشتۇر.شەخسنىڭ قەدىر قىممىتىنى دەريادىكى خەسكە،قۇملۇقتىكى قامغاققا ئوخشاش ئەرزىمەسلەشتۈرۈش قانداق ئومۇملاشقان؟ بۇ قاراشلارنىڭئۇلى قانداق قويۇلغان؟
 
بۈگۈنكى" ئۇيغۇر خەلقماقال-تەمسىللىرى"گە قارايدىغان بولساق ئومۇمنىڭ ئىتتىپاقلىقى،خاتىرىجەملىكى، بىرلىكنىڭ قۇدرىتى تەكىتلەنگەن ماقاللار ھەقىقەتەن جىق، ئەكسىچەشەخسنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجادچانلىقى، دەخلىسىزلىكى ئۇرغۇلانغان ماقاللار يوقنىڭئورنىدا. بەلكىم ئۇيغۇرلاردا بۇ ئۇقۇملار بولغان بولسىمۇ بىزگە كىتاپ ھالىتىدەيېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ماقاللىرى كوپراتسىيەلىشىش ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان،كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشەببۇس قىلىنىپ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تەقىپ قىلىنىۋاتقانزاماندا توپلانغان بولغاچقا كىشىلىك خاسلىق، شەخسنىڭ ھۆرلۈكى، شەخسنىڭمۇۋەپپەقىيىتىگە دائىر ماقاللار قەستەن توپلانمىغان ياكى چىقىرىپ تاشلانغان بولۇشىمۇمكىن. جوڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان دىيارىمىزدا كوللىكتىپ ئىگىلىكۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى بولغان پىلانلىق ئىگىلىك بەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتكەنچىكىمۇ،يا كوللىكتىپ ئېگىلىك يوقۇلۇپ ئۇزۇنغا بارماي مىڭىلەرنىڭ بوش يەرلىرىبۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەشۋىقاتلىرى بىلەنئوسا قىلىنىپ كەتكەچكىمۇ  شەخسنىڭ رولى،قۇدرىتى، تۆھپىسى ئىزچىل نەزەرلەرنىڭ سىرتىدا قالدى. مەنچە بىرىنجىدىن، جەمئىيەتتىكىئىنساننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجاتچانلىقى ۋە غۇرۇرىنىڭ دەخلىسىزلىكى بىلەن جامائەتنىڭبىرلىكى، مەنپەئەتى ۋە يۈز ئابرويى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قاراشنىڭئوخشىماسلىقى، ئىككىنجىدىن، شەخسنىڭ غەلىبىسىدە ئومۇمنىڭ مەدىتى ۋە تۆھپىسىگەبولغان تونۇشتىكى ئوخشىماسلىق، ئۈچىنجىدىن، ئىتتىپاقلىق بىلەن ھەمكارلىق ئۇقۇمىئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ۋە بۇلارنىڭ تەركىبلىرى، تەشكىللىنىشى ھەققىدىكى پوزىتسىيەۋە قاراشلاردىكى ھاڭلار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى ھالقىلىقچۈشەنچە پەرقىدۇر.
ماڭا ئۆگىتىلگەنشەخس ۋە ئاۋام چۈشەنچىسىدىكى سىرلار
 
مەن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان چېغىمدا مەيلىتۈركىيەدىكى، گېرمانىيەدىكى ۋەياكى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ھەممىسىنىڭئاغزىدىن "بىرلىك، ئىتتىپاقلىق" ھەققىدىكى شۇئار كۆپ تۆكىلەتتى. بۇنداقشۇئارنىڭ تولا توۋلىنىشى بىر ياقتىن كىشىگە موھىم ئۇقۇملارنىڭ تەكىتلىنىشىدەك تۇيۇلسا، يەنە بىر ياقتىن ئەمەلگە ئاشماسكونا تەشۋىقاتنىڭ ئەزۋەيلىنىشىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. مۇشۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭكاساپىتىدىن بولسا كېرەك بىر ئوبدان تەنقىد ۋە پىكىرلەر "ئۇيغۇرلارنىڭئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن زىيانلىق" دېگەن قالپاقلارغا مەھكۇم قىلىنىپيوققا چىقىرىلاتتى. مۇشۇنداق تەنقىد ۋە پىكىرلەر بولغان ئىنتىرنىت تورىدىكىمۇنبەرلەرنى كۆرۈۋېتىپ ئۆزەمنى ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقاندەك ئەمەس، قەشقەردە سىياسىيئۆگىنىشتە بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتىم. ھەق ناھەق، توغرا خاتا ھەققىدىكىئەقلى تەپەككۇر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ قانداقتۇر مەۋھۇم ئومۇمىي مەنپەئەت ۋە قۇدرەتنىڭسايىسى ئاسىتىدا ئىنكاسسىز غايىپ بولۇشى مېنى ئويغا سالاتتى. ئوبامانى تىللىسابولىدىغان دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇردىن چىققان بىرەر نوپۇزلۇقنىڭقىلغان ئەتكەنلىرى ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلىرىنى جامائەتنىڭ ئالدىدا يۈزمۇ يۈزئوتتۇرىغا قويۇلمايتتى. بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا دائىم ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكىسۈلھىي سالالار مۇنازىرىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن خۇلاسىگە ئېرىشىشىنى كۆپۈككەئايلاندۇراتتى.
 
ئامېرىكىدا مەيلى مەكتەپتىكىدەرس، تەجرىبە ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن ئىتتىپاقلىق تەكىتلەنمەيدۇ. جوڭگۇدا بولۇپمۇدىيارىمىزدا تولا بەك تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقلىق دېگەنگە تەڭداش تەكىتلىنىدىغانسۆز ئامېرىكىدا ھەمكارلىقتۇر. دىيارىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقلىقتا شەخسپەقەت ئەگەشكۈچى، بويسۇنغۇچى، ئۆز خاسلىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە جامائەتنىڭئىتىراپىغا ۋە پاناھىغا سىغىنغۇچى. ئامېرىكىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ھەمكارلىقتابولسا شەخسنىڭ خاسلىقى مۇئەييەنلەشتۈ رۈلىدۇ ۋە ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە تولۇق جارىقىلدۇرىلىدۇ ۋە ياكى شۇنىڭغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ. ھەمكارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭقابىلىيىتى، بەھرلىنىشى ۋە شىرىكلىشىشى بەدىلىگە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ھەمكارلىقتاپائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى پەقەت ئىشتىراكچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تېپىپچىقالايدىغان ۋە ئايرىم ئەۋزەللىكلەرنى ماھىرلىق بىلەن ئورتاق ئۈستۈنلۈك قىلىپ بىرلەشتۈرەلەيدىغانقابىلىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دىيارىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ئىتتىپاقتاتەشكىللىگۈچى قاتناشقۇچىلارنىڭ خىزمەت ھاياتىدا مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ.تەشكىللىگۈچى ئىشتىراكچىلارنىڭ خاھىشلىرىنى باشقىلارغا نائىنىق پەقەت ئۆزىنىڭنەزىرىدىلا موھىم بولغان ئورتاق مەنپەئەتكە دەپىن قىلىۋېتىدۇ. تۆۋەندىكى مېنىڭبېشىمدىن ئۆتكەن بىر ۋەقە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەشكىللىگۈچىنىڭنوپۇزىغا بولغان قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىدىكى پەرقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇمنىڭ بىريىلى بىر تەتقىقات پروگراممىسىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىم. پروگرامما يازلىقتەتىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا باشقا ئىشىم يوق ئېدى. يازلىق تەتىل كەلگەندەتۇيۇقسىز بالام ۋە ئايالىمنىڭ پاسپورتى چىقىپ قېشىمغا كېلىدىغان بولدى. قانداققىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە ئائىلەمنىڭ كەلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ بارماسلىقىمتامامەن مۇمكىن ئېدى. ئايالىم ۋە بالامنى ئېلىپ باراي دېسەم دەسلەپتە گەپ ئۇنداقدېيىلمىگەن ئېدى. ناۋادا مېڭىشقا بىر قانچە كۈن قالغاندا بۇ ئىشنى تىلغا ئالسامتەشكىللىگۈچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشۇم ۋە بۇ سەۋەبلىك مۇندىن كېيىنكىپروگراممىلارغا قاتنىشالماسلىقىم مۇمكىن ئېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تەشكىللىگۈچىنىرەنجىتمەسلىك ئۈچۈن بۇ گەپنى دېمىدىم. ئامېرىكىغا كېلىپ ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغانبالام بىلەن ئايالىم باشقا بىر شىتاتتىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاچ ساياھەت قىلىپكېلىدىغان بولدى. پروگرامما ئۈچۈن يىغىلىپ تەتقىقات باشلىنىپ بولغاندا مېنىڭمەسىلەم ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. ئەسلى مەن بۇ گەپنى تەشكىللىگۈچىگە دېگەن بولسام ئۇلار ئايرۇپىلان بىلەت،ياتاق ۋە باشقا شارائىتلارنى يارىتىپ تۇرمۇشۇمغا قولايلىق يارىتىپ بېرەتتىكەن. مەنجوڭگۇدا كۆنگەن خۇيۇم بويىچە بۇ تەتقىقات پروگراممىسىدا ئۆزەمنى بىر پاسسىپئەگەشكۈچى، ئايالىم ۋە بالامنىڭ ئىشىنى مېنىڭ خۇسۇسىي ئىشىم، بۇ ئامىللارنى خىزمەتكەئارىلاشتۇرۇش نامۇۋاپىق دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. ئويۇمنىڭ ئەكسىچە نەچچە يىلكۆرۈشمىگەن ئائىلەمنى تاشلاپ تەتقىقاتقا كېلىشىم ئامېرىكىلىق ھەمراھلىرىم ئۈچۈنتولىمۇ نامۇۋاپىق ھەتتا قوبۇل قىلغۇسىز غەلىتىلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. نېمىشقاقىيىنچىلىقىمنى يوشۇردۇم؟ نېمىشقا تەشكىللىگۈچىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۆزۈمخالىغان قارارنى چىقىرالمىدىم؟ نېمىشقا شەخسى خاھىشىمنى گۇناھنى يوشۇرغاندەكتىقىشتۇرۇپ ئاشكارە دېيەلمىدىم؟
 
جوڭگۇدا بولۇپمۇ دىيارىمىزدا بىركىشى مەدھىيەلەنسە "ئائىلىسى خەتەردە قالغاندىمۇ باشقىلارنى ئالدىن ئويلىغان،خەلقنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئائىلىسىنى قۇربان قىلغان، ئۆز ئارزۇسىنى جامائەتمەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ ئۈن تىنسىز خىزمەت قىلغان، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەختىئۈچۈن ئىللىق ئائىلە مېھرىنى قۇربان قىلغان، مۇھەببىتىنى ئەل ۋەتەنگە بېغىشلىغان"دېگەن سۆزلەر دائىم تەكرارلىنىدۇ. بىزدىكى تەشۋىقاتتا ئاساسى ئېقىمغا ئايلانغان بۇگەپ ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن تولىمۇ بىنورمال ئاڭلىنىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئالجىغانلىقتەك،جۆيلۈشتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى بۇ تەرغىباتتا ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ھاياتى ۋە ئارزۇسى جامائەتمەنپەئەتىگە قارشى قويۇلۇپ قەستەن يوققا چىقىرىلغان. بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك غايە،ئىستەك ۋە تەلەپلەردە بولۇشى ئۇياتلىق ئىشتەك كۆرسۈتۈلگەن. مەنچە بۇ جانسىزئىدولوگىيە تەلەپ قىلىدىغان شەخسيەتسىز ھاياتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، جانلىق تۇرمۇش تەلەپقىلىدىغان شەخسىي ھاياتنى، ئىنسانىي تۇيغۇنى ئىنكار قىلىشتۇر. بۇ يەردە تەكىتلەنگىنىئىدولوگىيە يارىتىش ۋە تارقىتىشتا تەشەببۇسكار گورۇھنىڭ بۇلاردىن مەھرۇم كىشىلەرنىڭشەخسىيىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن يەمچۈككە، ئولجىغا ئايلاندۇرۇشىدۇر. مۇشۇنداقتەشۋىقاتنىڭ سايىسىدە ھېلىقى گورۇھقا مەنسۇپ كىشىلەر بويسۇنغۇچىلارنىڭقۇربانلىقلىرى بەدىلىگە خاتىرجەم شەخسىي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىشىدۇ. مەنيۇقارقىدەك شەخسنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي تەلەپلىرى گۇناھلىق قىلىقتەكيوشۇرۇلىدىغان جەمئىيەتتە ياشىغانلىقىم ۋە مارئارىپ كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئامېرىكىدىمۇخاھىشىمنى يوشۇرۇپتىمەن. ، ئۆزەمنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىقتىكى رولۇمنىتەشكىللىگۈچىنىڭ نوپۇزى ئالدىدا ئەرزىمەس كۆرگەنلىكىم سەۋەبلىك ئىنسانغا خاستەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىمدىن ئۆزلۈگۈمدىن ۋاز كېچىپتىمەن. نەتىجىدە تاللاشھوقۇقۇمنى تەشكىللىگۈچۈمنىڭ نوپۇزى ۋە ئەرزىمەس نەپ ئالدىدا پايخان قىلىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭغەلىتە مەخلۇققا ئاغدۇرۇلغاندەك نەزەرلىرىنىڭ  ۋەزنىدىن قەددىم ئېگىلىپ مىجىلىپ كەتكەندەكتۇيغۇدا بولۇپ ئازاپلىنىپتىمەن.
 
ۋەتەندە تېلۋىزورلاردىن مۇنبەرلەرگەچىققان تەلەيلىك غالىپلارنىڭ"تۆھپەم خەلقىمگە مەنسۇپ، خەلقنىڭ خاتىرىجەملكىمېنىڭ خۇشاللىقىم. پارتىيە ھۆكۈمەت بولمىغان بولسا بۈگۈنكى كۈنلىرىم بولمىغان بولاتتى..."دېگەندەك سۆزلەنمىلىرىنى ئاڭلىسام مۇشۇ كىشىلەر ياراتقان تۆھپىسىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس،ئۆزى مەڭگۇ بىلىپ يېتەلمەيدىغان. رۇشەن كۆز ئالدىغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان بىرگورۇھقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇتىرىشقۇسى كەلگەندۇر، ھەر ئىشنى باشلىغاندا بىسىمىللاھ دېمەي خەلقىم دەپتاشلىغاندىمۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئۇلاردىكى يالغانچىلىقتىن بەدەنلىرىمتىكەنلىشىپ كېتىدۇ. ئەجەبا ئىنساننىڭ ھۆرمەتلىنىشكە تەشنا بولۇشى، مەشھۇرلۇققامۇشتاق بولۇشى، بايقاشقا بولغان شەيدالىقى، سېھىرلىك شەيئىلەرگە بولغان مەپتۇنلۇقىگۇناھمۇ؟ ئىنساننىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۆكرەك كىرىشى، ئۆز غۇرۇرىنى قۇغۇدىشى، ئەقىدىسگەجان پىدالىق قىلىشى قەھرىمانلىق سانالمامدىكەن؟
 
ئەدەبىيات ۋەتەشۋىقاتتا شەخس ۋە ئاۋام چۈشەنچىسى
 
مەن ئوقۇغان سوتسىيالىستىك رىيالىزىمغا مەنسۇپ ئۇيغۇرچەبەزى رومانلاردا قەھرىمان خەلقنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى تونۇپ يېتىپ مەلۇم ئىلغارئېددىيىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئاۋۋال خەلقنى قوزغۇتۇپ ئىنقىلاپ تەشكىللەيدۇ ۋە پىداكارئاۋامنىڭ كۆرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئېنگىلىزچە رومانلاردا بولسا سۆيگۈنىدىن جۇدابولغان، ئائىلە- بالىسىدىن مەھرۇم قالغان، خانۇ ۋەيران قىلىنغان، ۋەتىنىدىنقوغلانغان قەھرىمان يالغۇز قىساسقا ئاتلىنىدۇ. رەقىبىنىڭ زۇلمەتچى كۈچلەرنىڭھىمايىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتتىكى كىشىلەر بىلەنھەمكارلىشىپ دۈشمەندىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئۇيغۇرچە رومانلاردا قەھرىمان پادىچى،خەلق پادا؛ قەھرىمان ئاقارتقۇچى، خەلق قارا ساۋات، قەھرىماننىڭ ئىددىيىسىخىسلەتلىك سوپۇن، خەلقنىڭ ھالى كىرلەنگەن ماتا. شۇنىڭغا ھەيرانمەن، ئاۋامنى ھايۋانئۆزىنىلا ئادەم سانايدىغان، خەلق قوزغالمىغىچە ئوتتۇرىغا چىقمايدىغان، خەلقمەرىپەتلىك بولمىغۇچە رەھبەرلىك قىلمايدىغان، ئۆزىنى ئەۋلىيا دانا، خەلقنى ئاڭقاۋنادان كۆرۈپ كەمسىتىدىغان بۇ كىشىلەرقانداقچە قەھرىمان ئاتىلىپ قالدى؟ ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەر قەھرىماندەپ ئەۋلىيالارنى ياراتقاچقا ئوقۇرمەنلىرىمىزدە قەھرىمانلىققا تەلپۈنۈش،قەھرىماندەك بولۇش ئەمەس قەھرىمانغا چوقۇنۇش ئىددىيىسى شەكىللەندى. ئوقۇرمەنلەردەئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدىغان كىشى ئۆزىدەك ئادەتتكى ئادەم ئەمەس، ئالاھىدە خىسلەتلىككىشىلەر بولۇشى كېرەك دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىدەكئادەتتىكى كىشىلەرنى ئاۋام يولىدىكى چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، دەپ ئويلايدىغانبولدى. مەيلى تەشۋىقاتلار، جامائەت پىكرى ۋە ياكى رادىيو تېلۋىزورلاردا بولسۇن چوڭئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، نەسەبى، تەربىيىلىنىشى قانچەغايىۋىيلەشتۈرۈلگەنچە ئاۋامغا ئۇلار شۇنچە سىرلىق، ئالاھىدە كىشىلەردەك تۇيۇلۇپقالىدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھاياتى ئاددىي كىشىلەر تەدبىقلىيالمايدىغان مۆجىزىلىكھاياتقا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياراتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە سېھرىكارامەتكە، نەتىجە ياراتقۇچىلار كارامەتچى ئەۋلىيالارغا ئايلىنىدۇ.
كىچىكىمدە بېشىمدىن ئۆتكەنمۇنداق بىر ئىش ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم بىرىنجى يىللىقتا بولسام كېرەك نېمەئۈچۈنكى ماتىماتىكىنى بىلەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تەرس دەرسنى بىر ئۆگىنىپماتىماتىكا ئالىم بولۇش ئىستىكى تۇغۇلدى. بىر كۈنى بو ئويۇمنى ئىككىنجى ئاكامغائېيتتىم. ئاكام بىر ماتىماتىكا ئالىمىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يۈز ئىچىدىكىسانلارنى كۆپەيتىش ۋە بۆلۈشنى بىر قانچە مىنۇتتىلا ھېساپلاپ بولغانلىقىنى ھېكايەقىلىپ بەردى. ئۇ چاغدا ئۇنداق قىلىشىمغا كۆزۈم يەتمىدى. شۇندىن كېيىن مەنماتىماتىكا بىلمەيدىكەنمەن، ماتىماتىكا ئالىمى بولالمىغۇدەكمەن دېگەن قارارغاكەلگەنىدىم ۋە خىيالىمدىن  ۋاز كەچكەنىدىم.شۇندىن كېيىن تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگىچە ماتىماتىكىدىن ساۋادىم يوق ئوقۇدۇم.شۇ چاغدا تىرىشىپ ئالىم بولغان بىر كىشىنىڭ مەن ئەگىشەلىگۈدەك بىر كەچۈرمىشىسۆزلەنگەن بولسا بەلكىم پايدىسى بولاتتى. ئالىم بولالمىساممۇ ماتىماتىكىدىنقۇرقىدىغان چالا ساۋات بولۇپ قالماستىم. ئامېرىكىدا ئوقۇغۇنۇم سەۋەبلىك تۇغقانلارئارىسىدا مەنمۇ غالىپلار قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بىر جىيەنىم مېنىڭتەرجىمالىمنى بىر تورغا قۇسۇرسىز قىلىپ يوللاپ قويۇپتۇ. مەن باشلانغۇچتىن باشلاپئۈچتە ياخشى بولۇپ ئوقۇغانمىشمەن...ۋاھاكازا. ئاڭلاپلا ئۆچۈرگۈزىۋەتتىم. ھازىر تۇغقانلارنىڭبالىلىرى ئالدىدا تولۇقسىزنى پۈتكۈزگىچە ئالگىبىرا ۋە گىيومىتىرىيەدىن ئۆتۈپباقمىغىنىمنى، تولۇق ئوتتۇرىدا بىر قېتىممۇ ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باقمايئوتتۇراھال ئوقۇغۇنۇمنى دېيىشىم قارشى ئېلىنمايدۇ. بۇنداق دېسەم ئۇلارغا ئۈلگەبولالماسمىشمەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن مەنمۇ كىچىكىمدىن مۇكەممەل بولۇپيېتىلگەن ئەۋلىيا بولۇشۇم كېرەك.
 
غەلىبە قازانغان كىشىلەرنىڭخاھىشى، گۇناھى، بەندىلىكى ئىتىراپ قىلىنمايدىغان موھىتتا مۇۋەپپەقىيەتچىلەر ھەققىدىكىتەشىۋىقاتتا بىرى غالىپلارنىڭ ھاياتىنى قۇسۇرسىزلاشتۇرۇش، يەنە بىرى نەتىجىسنى  سىرلىقلاشتۇرۇش، ئۈچىنجى بىرى يۇرتى، نەسەبى ۋەتەربىيىسىنى ئالاھىدەلەشتۈرۈش مەۋجۇد. مەسىلەن، بىر ئۇتۇق قازانغان ئۆلىمامەدىھىيەلەنسە ئۇنىڭ بوۋىسىمۇ ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلغان جامائەت ئەربابى بولۇپچىقىدۇ. يۇرتى دىنىي ئالىملارىنىڭ، ئىسلام ئاچقۇچىلارنىڭ قەدىمجايى بولۇپ چىقىدۇ.نەتجىسى ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بىر دۇنياۋىي نەتىجە بولۇپ چىقىدۇ...ۋەباشقىلار. بۇنداق سىرلىقلاشتۇرۇشتا بىرى شۇ شەخسنىڭ ۋە شۇ شەخستىن نەپ ئېلىۋاتقانماختىغۇچى ۋايىزلارنىڭ  "تۆھپە"سىبار، يەنە بىرى ئاۋامدا "ئۇلۇغلاردا كارامەت بار" دەيدىغانلارنىڭئالدىنىش مايىللىقى مەۋجۇد. بۇنداق سىرلىقلاشتۇرش ۋە قۇسۇرسىزلاشتۇرۇش ئۇزاقداۋاملاشقاچقا ئاۋامدا نەتىجە ياراتقۇچىلارنىڭ نالايىق قىلىقلىرىنى "ئىبرەتئۈچۈن قىلدى" دەپ چۈشىنىدىغان، كۆز بويامچىلىقلىرىنى "سېھرى كارامەت"دەپ بىلىدىغان، ئۇلارنىڭ نەسەبىنى، يۇرتىنى ۋە تەربىيىسىنى ئىلاھىيلاشتۇرىدىغانئادەت شەكىللەنگەن. بۇنى ئۇيغۇر سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋە تەشۋىقاتنىڭنەتىجىسى دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.
 
مەنچە ھازىر ئۇيغۇرلارئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن "ئۇيغۇرلاردىن داھى چىقسا بولاتتى، بىزدە داھىيوق..." دېگەندەك گەپلەر بىز مەھكۇم بولغان تەشۋىقات ۋە ئەدەبىياتنىڭقەھرىمان ئەمەس ئىلاھ ياراتقىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭداھى دەپ ئارزۇلاۋاتقىنى، كۈتىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل "خۇدا" دۇر.تەھقىقكى، مۇكەممەللىك ئاللاھقا خاس، بەندە دېگەن ئازىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپقەدىمكى ئۇيغۇرچىدىكى ئىنسان مەنىسىدىكى يالىڭوق دېگەن سۆزنى يېڭىلگۈچى دېگەنمەنىدىمۇ قوللانغان. قەھرىماننىڭ، شەھىدنىڭ، ئالىمنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈلگىلىككىشىلەرنىڭ ھاياتىنى شەخسىيەتتىن خالى، نۇقساندىن يىراق، شەخسىي ئارزۇ،ھەۋەسلەردىن مۇستەسنا قىلىپ تەسۋىرلەش كىشىلەر ئارىسىدا غۇرۇر، نومۇس ۋە قىساسئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان قەھرىمانلىقنىڭ بىخلىنىشنى بوغقانغا باراۋەر.
 
تۈگەنجە
 
مەنچە شەخسنىڭ ئەركى، مۇھەببىتى،مۇستەقىللىقى، جاسارىتى، پىداكارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، مەدھىيەلەش ۋەھىمىلىكدەپ قارالغان، شەخسنىڭ تۆھپىسى، غەلىبىسىۋە ياراتقانلىرى جامائەتنىڭ مەدىتى ، رولى ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشلىرى ئالدىدا  ئەزىمەسلەشتۈرۈلگەن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ كۈنلىرىبىلىپ بىلمەي ئاجايىپ بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاجايىپ بىر ھالەتتە، مىسلىسىزكارامەتلەرنىڭ يارىلىشىغا تەقەززا بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا بىر قىسىمكىشىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا "بىر ئىش بولسا بولاتتى، بىر يېڭىلىق بولسا بولاتتى،مىللەت جەڭدە ئەمەس سۈكۈتتە قىرىلىپ كېتىدۇ"  دېگەنلەرنىڭ تولا تەكرارلانغانلىقىنى بايقايمىز.موھىت، تەشۋىقات، ئەدەبىيات ۋە پىشقەدەملەرنىڭ ئۆگۈتلىرى بويىچە بولغاندا بۇنداقكارامەت ۋە مۆجىزىلەرنىڭ يارىلىشى ئۈچۈن كارامەتچى ئەۋلىيالارنى كۈتمەك ئەڭئاقىللىق سانىلىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت كىشىلەر شەخسنىڭ غۇرۇرىنى قوغۇداش ئۈچۈنقىلغان قەھرىمانلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇيۇ بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ۋىجدانىغاخىلاپ ئىشلارنى تۈزەش ئۈچۈن جان ئاتايدىغان خىسلەتلىك ئۇلۇغلارنىڭ مەيدانغاچىقىشىنى تاما قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئەتراپى قەھرىمانسىزلىشىپقورساق ۋەسۋەسىسىدە جان تالىشىۋاتقانلارنىڭ نىداسى پىداكارلىق ھەققىدىكى ھەرقانداقساماۋىي چاقىرىقلارنى جاۋاپسىز قويۇشى مۇمكىن.
 

ئامېرىكىلىقلار ۋەئۇيغۇرلاردا" تۆمۈر ئات" ۋە ئات
 
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىرتۇيغۇلار"نىڭ داۋامى
 
تەرەققىي قىلغان دۆلەتتەياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بار ھەممە نەرسە تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكىتەرەققىياتقا ئىنتىلىۋاتقان ئەللەرىدىكى كىشىلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىدۇ. تەرەققىيقىلغان ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانتۈرلۈك بويۇم ۋە ئەشيالار تەرەققىياتقا تەلپۈنىۋاتقانلارنىڭ نەزىرىدە بايلىقنىڭ،ھالاۋەتنىڭ ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، ماشىنىلىقبولۇشنى ئالساق، بۇ ئوخشىمىغان ماددىي تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى دۆلەتلەردەياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ  چۈشەنچىسىدەئوخشىمىغان مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيەدىكى چېغىمدا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن بىردوستۇم "بۇ تۈركلەر شەخسىي ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى پۇلۇم يوقدەيدىكەن" دېگەنىدى. مەنچە بۇ ۋەتەندىكى باي كەمبەغەللىكنىڭ بەلگىسى بولغانماشىنىلىق بولۇشنى چەتئەلگە تەدبىقلىغانلىق. ئەگەر ماشىنىسى بولۇشنى بايلىقنىڭبەلگىسى دەپ تونۇشقا توغرا كەلسە ئامېرىكىدا كەمبەغەل ئادەم يوق بولۇپ چىقىدۇ. تەرەققىياتىئارقىدا ياكى تۇيۇقسىز بېيىغان دۆلەتلەردە كىشىلەر تەرەققىياتتا ئالغا كەتكەنئەللەردىكى كىشىلەر ئېرىشكەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرمىشىدۇ يۇ جەمئىيىتىدە شۇنىڭغاماس ماددىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي شارائىت ھازىرلانغانمۇ-يوق دېگەننىئويلاشمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ماشىنىلىق بولۇش يېڭىدىن مودىغا ئايلانغان جايلاردايوللار قىستاڭ ۋە ئۆلچەمسىز، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى يېتەرسىز، قاتناشقائىدىسىنىڭ ئىتىبارسىز، ماشىنىلىقلار ساپاسىز بولغاچقا بىر قىسىم كىشىلەر ماشىنا سېتىۋالاللىغانبىلەن تەرەققىي قىلغان ئەللەر كىشىلىرىدەك ماشىنىلىق بولۇشنىڭ ھوزۇرنى يەنىلاسۈرەلمەيدۇ.
 
ئامېرىكىدا ماشىنا ھەيدەشقورامىغا يەتكەنلىكنىڭ، مۇستەقىللىقنىڭ، خۇسۇسى ھاياتنىڭ باشلانغانلىقىنىڭبىشارىتى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى 16 گە كىرىش ئىكەن. چۈنكىبالىلار 16 ياشتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش ۋە ئىشلەشكە يول قويۇلىدىكەن.ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى ماشىنىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن.بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ يول سورۇغانلىرىمدا ئامېرىكىلىقلار مېنى ماشىنىلىقتەسەۋۋۇر قىلىۋېلىپ "ئىككى مىنۇتتا بارىسەن ياكى بەش مىنۇتتا بارىسەن" دەپقويۇشاتتى. "مېڭىپلا بارسام بولغۇدەكقۇ" دەپ ئويلاپ ماڭغىنىمدا يېرىمسائەتتە ئاران يېتىپ بارىمەن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشىنغا بولغان سەۋدالىقىماشىنىنى قىز بالىنى چاقىرغاندەك ئۈچىنجى شەخىس ئاياللىق شەكلىنى ئىشلىتىپچاقىرغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىر بىرىگە باشقانەرسىسىنى بېرىپ تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن ماشىنىسىنى ئارىيەتكە بەرمەيدىكەن.ئەگەر سوتقا بېرىپ قالسىڭىز ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسىڭ ماشىنا ھەيدەش سەۋەبلىكسوتقا تارتىلغانلىقىنى بايقايسىز. كۆپىنچىسى ياكى سۈرئەتنى ئاشۇرىۋەتكەن ياكىتاسمىسىنى باغلىمىغان، ياكى يېشىل چىراق يېنىشتىن بۇرۇن مېڭىپ تاشلىغان بولۇپچىقىدۇ.
 
ئامېرىكىدەك ماشىنا شۇنچە ئومۇملاشقان دۆلەتتە قاتناشھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ پەۋۇقۇلاددە ئازلىقى كىشىنى ھەيران قىلىدۇ ۋەسۆيۈندۈرىدۇ. مەسىلەن، مەن تۇرغان لاۋرېنس شەھرىدە ئىككى يىل جەيانىدا قاتناشھادىسىسىدە ئۆلگەن بىرمۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەرتىپ ۋەقائىدىنىڭ ئامېرىكىدا كىشىلەرنى ئۈنسىز باشقۇرالايدىغانلىقىدىن ئىزدەش مۇمكىن.ۋەتەنگە قايتىپ كۆردۈمكى، بىر ئاي ئىچىدە بىزنىڭ ناھىيىدىن، بىزنىڭ تۇغقانلارئىچىدىن تۆرت ئادەم قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى. ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭماشىنالىق بولۇشى بىلەن قاتناش قائىدىسىنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتى ئوخشاش بولغان.ۋەھالەنكى بىزدە ماشىنالىق بولۇش بىر قىسىملاردا ئومۇملاشقان بىلەن قاتناشقائىدىسىگە ھەرقانداق شارائىتتا  رۇئايەقىلىش ئېڭى تېخى ھېچكىمدە  شەكىللەنمىگەن.جەمئىيەت تۈزۈلمىسى كىشىلەرنى تۈزۈمدىن،  قانۇندىنئەمەس باشلىقتىن، ئىجراچىدىن  قورقىدىغانقىلىپ قويغاچقا كىشىلەر قاتناش قائىدىسىدىن ئەمەس ساقچىدىن قورقىدىغان بولۇپقالغان. ئاقىۋەتتە ساقچى يوق يوللاردا ھادىسە چىقىۋەرگەن. قاتناشقا مەسئۇل ساقچىقاتناش تەرتىبىنى قوغۇداش، قائىدىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس يانچۇقى ئۈچۈنئىشلىگەچكە قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش ئاڭلىقلىققا ئايلانمىغان. نەتىجىدەقاتناش ھادىسى كۆپۈيۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
 
ۋاشىڭتونغا ساياھەتكە بارغانچېغىمدا ساقچىلارنىڭ ئاتلىق چارلاشلىرى دىققىتىمنى تارتقان ئېدى. ئاتلىق ساقچىنىڭئەتراپىغا بالىلار توپلىشىۋالغان بولۇپ ئات ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنئېدى. سوراشتۇرۇشۇمچە ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئاتقا ھېرىسمەنلىكيايغىنكەن. ئامېرىكىدا بايلارلا ئات بېقىش ئىجازىتى ۋە پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.قىزىمنىڭ دوستلىرى ئىچىدە ئاتقا ئامراقلار كۆپ بولغاچقىمىكىن قىزىمنىڭ ئويۇنچۇقلىرىئىچىدە ئات ئەڭ كۆپ ئېدى. بىر يىلى يېڭى يىللىق ساياھەت ئۈچۈن كانزاس شەھرىگەبېرىپ ئات قوشۇلغان خادىكلارنىڭ شەھەر كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ شۇنداقسۆيۈنۈپ كەتتىم. 90-يىللارغىچە قەشقەردە شۇنداق خادىكلار بار ئېدى. بەلكىمبەزىلەرنىڭ كۆزىگە بۇ مەينەتلىك مەنبەسى، قالاقلىقنىڭ بىشارىتى، زامانىۋىيلىقتىنيىراقلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ تۇيۇلغانبولغىيدى. شۇنداق، ئەپسۇسلۇق يېرى قەشقەر كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرگەن خادىكلارتەرەققىيسىزلىكنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇلىدۇ، ئەمما بۇ خادىكلار ئامېرىكىدا- كانزاسشەھرىدە پەيدا بولسا قالاقلىق تۇيۇلمايدۇ.ھەتتا قەشقەردىكىنى قالاقلىق دەپ تونۇغان كىشىلەر ئامېرىكىدىكىسىنى قىلچەئۇيالماستىن مەدھىيەلەشكە باشلايدۇ. بىر قەۋىم قالاق دەپ تونۇلسا ھەممە نەرسىسىخەقنىڭ كۆزىگە قالاقلىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك يېرى مەزكۇر خەلقمۇ شارائىتسەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئىمكانسىزلىقلىرىنى قالاقلىق دەپ چۈشىنشكەئۆگىتىلىدۇ ۋە شۇنداق ئويلاشقا باشلايدۇ. مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ماشىنىغا بولغانقىزغىنلىقىنى ئاتقا بولغان سەۋدايىلىقنىڭ داۋامىمىكىن دەيمەن. چۈنكىئامېرىكىلىقلار ئاتقا ئامراقلىق قىلىپ قىزلارغا ئىشلەتكەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنگەئوخشاش ماشىنىغىمۇ شۇنداق كەلىمىلەرنى ئىشلىتىدۇ.
 
مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭماشىنىسى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۆي، ئىچ پۇشقى، ئەرمەك ۋە ھەمراھتۇر. ئۇلار ماشىنىدائۆزىنى پىيادە ماڭغاندىمۇ بەكرەك بىخەتەر ھىس قىلىدۇ. ئامېرىكىدا ماشىنىدىن چۈشمەيتۇرۇپ بانكا پۇلدانىدىن پۇل ئالغىلى بولىدۇ، تەييار تاماق ساتىدىغان دۇككانلاردىنتاماق، قەھۋە ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئورۇنلارماشىنىلىقلار ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن بولۇپ پىيادىلەرنىڭ بولۇش ئىھتىماللىقى نەزەرگەئېلىنمىغان. ئامېرىكىلىقلار ماشىنىنى قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئەمەس كۆڭۈل ئېچىش ۋەتەنتەربىيە ئەسلەھەسى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئامېرىكىلىقلاردامودا بولغان ماشىنا مۇسابىقىسى بۇرۇنقى ئات بەيگىسىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن.جاھان ئاتالمىش "تەرەققىيات" لارنى باشتىن كەچۈرۈپ بەك ئۆزگۈرۈپكەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، ۋاھالەنكى ئۆزگەرگىنى ئىنساندىكى ئاڭ ئەمەس تۇرمۇشتىكى تۈرلۈكۋاستىلەردۇر. مىسالەن، ئامېرىكىدا بۇرۇنقى ئات بەيگىسىدىكى ئاتنىڭ ئورنىغا ھازىرقىمۇسابىقە ماشىنسى ئالماشقان خالاس.
ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاشئۇيغۇرلارمۇ ئاتخۇمار مىللەت. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيانى ئاتلىق كېزىپيۇرت سورىغان، شەھەر قۇرغان، بازار ئاچقان ئەجداتلىرىمىز دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاتنى قولغا ئۆگەتكەن مىللەتتۇر.ھېلىمۇ ئۇيغۇر يېزىلىردا بالىلارنىڭ تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنىكۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ھازىر ئېشەك ياكى موتوتسىكىلىتئاتقا قارىغاندا بەكرەك كۆزگە چېلىقارلىق، ئەمما بوۋىلىرىمىزنىڭ ئاتقا بولغان مۇشتاقلىقى ئۇلارغا ئۇدۇم بولۇپ سىڭگەچكە شۇسەبىلەر جېنىدا تال چىۋىقنى ئېشەك ياكى موتۇتسىكىلىت قىلىپ ئوينىمايدۇ. بۈگۈنكىئۇيغۇر ھاياتىدا باغ-ۋاران، ئېتىز- ئېرىق ۋە سودا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقانبولسىمۇ چارۋۇچىلىق ھاياتىنىڭ نىشانى بولغان ئاتخۇمارلىق سۇسلىغىنى يوق. قەشقەرگەقايتقاندىن كېيىن كوچا كوي، يېزا مەھەللىلەردە ئات دىدارىنى كۆرۈپ باقماي كاللامغائۇيغۇرلار ھايۋانلارنى قاتناش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى قىلىشتىن قول ئۈزگەن بولساكېرەك دەپ ئويلاپ قالغانىدىم. بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپئوغلاقنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىر يەدە ئوغلاق بولغاننىڭ خەۋىرىچىقىپ بولغۇچە قەيەرلەردىندۇر يۈزلىگەن ئاتلىقلار پەيدا بولىدىكەن. بۈگۈنكىئۇيغۇرلاردا ماشىنا ۋە موتۇتسىكىلىت قىزغىنلىقىنىڭ ئەمەلى ئىقتىسادىي قۇربەتكەئۇيغۇنسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتخۇمارلىقىنى مەنبە قىلغان. بۇئەھۋال تۈركىيە تۈركلىرىدىمۇ شۇنداق.
 
ئامېرىكىلىقلاردا ئاتنىڭئورنىنى ماشىنا ئېلىشقا يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.ئۇيغۇرلاردا بۇ جەريان يەنى ئات ئېشەكلەرنىڭ ئورنىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭئىگىلىشى بەكمۇ تېز تاماملاندى. 90-يىللاردا قەشقەر كوچىلىرىدا، خوتەن يېزىلىرىدا،غۇلجا بازارلىرىدا ھارۋا سۆرەپ چاپچىپ يۈرگەن ئاتلارنىڭ ئورنىنى ھازىر تۈرلۈكموتوتسىكىلىت ۋە ماشىنىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك كارنايلىرى ئىگىلىدى. ئاڭلىشىمچەجوڭگۇ بويىچە ئەڭ چوڭ مۇتۇتسىكىلىت بازىرى ياركەنتتە ئىكەن. ئامېرىكىدا ئاتلىقلارنىڭماشىنىلىق بولۇش جەريانى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى، تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىشىشى،قانۇننىڭ مۇپەسسەللىكى بىلەن ماس قەدەمدە تاماملاندى. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى يۇقارقى ماس ئۆزگىرىشلەردىنمۇستەسنا زامانىۋىيلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بىر قانچە يىلدىلا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.كىشىلەر پىيادە ياكى ئات مىنىپ ياشىغان يىللاردا بىلىنمىگەن قانۇننىڭ، قائىدىنىڭ،تەرتىپنىڭ موھىملىقى ۋە تۈزۈمنىڭ كەمتۈكلىكى ئەمدى ئاتنىڭ ئورنىنى موتۇتسىكىلىتياكى ماشىنا ئالغاندا بىلىنشىكە باشلىدى. ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ياپۇنىيە، كورىيەقاتارلىق ماشىنىلىقلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە ئىشلەنگەنماشىنىلارنى سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ ماشىنىلىق بولۇش جەريانىداشەكىللەندۈرگەن تۈرلۈك قائىدە پىرىنسىپ، قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى ئىلغارلىقلىرىنىسېتىۋالغىلى بولماي قالدى. ئالايلۇق، قانۇنغا پۇلدارمۇ، ھوقۇقدارمۇ ئوخشاش ئەمەلقىلىدىغان بىر يەردە قاتناش قائىدىسىمۇ مۇرەسسەسىز ئىجراقىلىنىدىغان شارائىتقائېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش قائىدىسىئاسانلا ئومۇملىشىدۇ، نەتىجىدە قاتناش ھادىسىلىرىمۇ تەبىئىي ئازلايدۇ. ئەمەلدارنىڭنوپۇزى، پۇلدارلنىڭ پۇلى قانۇننى پايخان قىلىدىغان جايدا قاتناش قائىدىسىنىئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ قائىدىلەر خىلاپلىق قىلغۇچنىڭ سالاھىيىتىگەقاراپ ئېگىلىپ، ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشجەمئىيەتتە ئورتاق كەيپىياتقا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ.ئاقىۋەتتە قاتناش ھادىسىسىمۇ كۆپۈيۈ پ كېتىدۇ.
 
مەن ئامېرىكىدا ھەر قېتىم ماشىنىلىقلارنىڭھىچ بىر ئادەم، ھەتتا  قىزىل چىراقمۇ يوقدوقمۇشلاردىمۇ توختاپ ئەتراپىغا قاراپ يېرىم مىنۇتتەك تۇرۇۋېتىپ ئاندىن ماشىنىسىنىھەيدەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە  ۋەتەندىكى بىر تەبلىغنى ئەسلەپ قالىمەن. بىرجۈمە كۈنى خاتىپ "قاتناش ساقچىسىنى كۆرگەندە يېرىم كىلومېتىر نېرىدىنقورقۇشقا باشلايمىزيۇ ئاللاھتىن نېمىشقاقورقمايمىز؟ ئەجەبا قاتناش ساقچىسىنىڭ جەرىمانىسى نەق، ئاللاھنىڭ جازاسىنىسىمىكەن؟" دېگەنىدى. كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان قاتناش قازالىرىنىڭ بىر ئادەمگەئۈچتىن ئارتۇق ماشىنا توغرا كېلىدىغان ئامېرىكىدا ئەمەس يۇرتلىرىمىزدا كىشىنىچۆچۈتكىدەك دەرىجىگە يېتىشى كىشىنىڭ باغىرىنى ئېزىدۇ. بۇنىڭدا بىز يۇقاردا تەھلىلقىلىپ ئۆتكەندەك نۇرغۇن تاشقى، ماددىي سەۋەپ بار. ئۇندىن باشقا ئىچكى مەنىۋىيسەۋەبلەرمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن، كۆرگىلى بولىدىغان مەئىيشەت، كۆرگىلى بولىدىغان كونترول، كۆرگىلى بولىدىغان قورقۇنچكىشىلەرنىڭ قەلبىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى، مەغپىرىتى ۋە ئەمىرمەرۇپلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇىۋەتتى. بۇ ئانا سۈتى بىلەن تەڭ سىڭدۈرۈلىدىغانتەربىيىدىن مەھرۇم قېلىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئېغىرلىدى. مەنچە ھەر قانداق كۆرۈنمەسقانۇندىن قورققان ئادەمگە كۆرۈنمەس ئاللاھتىن قورقۇشنى ئۆگەتمەك ئاسان. كۆرۈنمەسئاللاھتىن قورقۇشنى بىلگەن مىللەت كۆرۈنمەس قانۇنغىمۇ ئەمەل قىلالايدۇ ۋەھەركىتىدە نامايان قىلالايدۇ. تەربىيە ئىنسانغا بۇنىڭ خالىغان بىرىنى ئۆگىتەلىسەيەنە بىرىنى ئۆگەتمەك تەرسكە توختىمايدۇ. بۇنداق تەربىيەگە ماس ھالدا ئاللاھنىڭبۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلغانلار ئىزچىل خۇشاللىققا ئېرىشىدىغان، پايدا ئالىدىغان،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان، بۇنىڭ ئەكسىنى قىلغانلار خار بولىدىغان شارائىتھازىرلىنىشى كېرەك. كىشىلەر ئۆزلىرىگە قورقۇنچ، قىيناق، تەھدىت، ۋەسۋەسە ۋەئازغۇنلۇق سېلىۋاتقانلارنىڭ جازاسىنى ھىچ بىر كۈچ ۋە نوپۇزنىڭ دەخلىسى ۋەمۇرەسسەسىسىز تارتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايدىغان، كۆرەلەيدىغان موھىتقا ئېرىشىشىزۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا ئىنسان قانۇن ئىجراچىسىدىن ئەمەس قانۇندىن قورقىدىغانبولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن كۆپىيىۋاتقان ئۆلۈم-يېتىملەرمۇشەكسىز ئازىيىدۇ.
 

ئامېرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ ۋاقتى
 
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار"نىڭداۋامى
 
ئامېرىكىغا بېرىپ تۇنجى قېتىمھەيران قالغىنىم كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر ئېنىقلىقىبولدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە خۇسۇسىي ۋاقتى شۇ قەدەر ئېنىق ئايرىلغانبولۇپ بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ھىچ قايسىسىنى باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىلىشىگە يولقويمايدىكەن. بۇ ھەقتە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان سۆھبەت مەن بىلەن فاكۇلتىت مۇدىرىنىڭ ئارىسىدا يۈز بەردى. مەنئارزۇ قىلغان دەرسلەر بىلەن مەن تاللىمىسام بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ ۋاقتىدوقۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ بۇ ھەقتە مۇدىر بىلەن مەسلەھەتلىشىشكە توغرا كەلگەن ئېدى.مۇدىر بىر قانچە تەكلىپ بېرىپ كۆزۈمگە قاراپ كۈلۈپ قويدى. مەن قانداق قىلىشىمنىبىلەلمەي ئويلۇنۇپ قاپتىمەن. "بىر قارارغا كېلەلمىگەن بولساڭ، مېنىڭئىشخانامدا ۋاقتىمنى ئېلىپ ئويلانماي، قايتىپ ئۆزۈڭنىڭ ۋاقتىدا ئويلانساڭ قانداق؟"دېگەندە ئۆزۈمنى تولىمۇ بىئەپ ھېس قىلدىم. شۇندىن كېيىن ئامېرىكىلىقلارنىڭسۆھبەتلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. ئۇلار ھەر قانداق چاغدا بىر ئىشنى قىلغانبولسا قانچە سائەت سەرپ قىلىپ پۈتكۈزگىنى ھەققىدە دېيىشنى ئۇنۇتمايتتى. بىر قېتىم مەن بىر كۈن سەرپ قىلىپ بىلەلمىگەن بىرمەسىلىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىمدىن سوراپتىمەن. بىر مەسىلە ئۈچۈن بىر كۈن سەرپقىلغىنىم ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران قالارلىق تۇيۇلدى. (ئۆگىنىش ئۇسۇلۇمدىكىنامۇۋاپىقلىق سەۋەبىدىن بۇنداق كۈنلىرىم خېلى كۆپ ئېدى، ئەمەلىيەتتە)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خۇسۇسى ۋاقتى بىلەن خىزمەت ۋاقتى شۇ قەدەر ئېنىق ئاجرىتىلغانبولۇپ ئەتىگىنى سائەت 8دىن كەچ سائەت بەشكىچە بولغان ۋاقىتتىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭئېلخەتلىرىگە  جاۋاپ يازاتتى، تېلىفونقوبۇل قىلاتتى. قالغان ۋاقىتلىرىدا ھەم شەنبە يەكشەنبە ۋە تەتىل كۈنلىرىدە مەكتەپياكى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سۇئاللارنى جاۋاپسىز قالدۇراتتى.
 
ئامېرىكىلىقلار ھەرقانداقئىشتا ۋاقىت تىجەشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قوياتتى. بىر ئىشنى قىلغاندا ئۆزىنىڭ ۋەباشقىلارنىڭ ۋاقتىنى تىجەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشاتتى. دەسلەپ بارغان كۈنلىرىمدەئوقۇتقۇچىلىرىمغا ئېلخەت يوللىسام ماۋزۇ قويماپتىمەن. بۇنىغۇ بىرسى ئەسكەرتمىدى،ئەمما باشقا ئامېرىكىلىقلار بىلەن بولغان ئالاقەم قويۇقلاشقانچە خەتكە ماۋزۇقويماسلىقنىڭ خەقنىڭ ۋاقىتىنى ئىسراپقىلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ بۇرۇن قىلغانلىرىمغا ئۆكۈندۈم. چۈنكى خەتكە ماۋۇزۇ قويۇلغاندا شۇ خەتنىڭدەرھال جاۋاپقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى، موھىملىق دەرىجىسىنى قاراپلا بىلگىلىبولاتتى، ھەم ۋاقىت تىجىگىلى ھەم ئىشنى ئاقتۇرغىلى بولاتتى. ئامېرىكىغا كەلمەستەكومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە قانداق ئىسىم قويسام تېپىشقا ئاسانبولىدىغانلىقى ھەققىدە پەقەت ئويلانمىغان ئىكەنمەن، ئامېرىكىغا كەنگەندىن كېيىنھەرقانداق ئىش قىلماقچى بولسام مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالمايدىغانئۇسۇللارغا ئادەتلەندىم.
 
بىر كۈنى مىززورى شىتاتىدىنقايتىپ كېلىۋېتىپ ماشىنىڭ ئەينىكىدىن ئىختىيارسىز كەينىمگە قاراپ ھەيران قالغانتىم.يولدا قۇمدەك كۆپ ماشىنىلار مېڭىۋاتاتتى ئەمەس سەلدەك ئېقىۋاتاتتى. ناۋادا بىرەرماشىنا سۈرئىتىنى تۇيۇقسىز ئاستىلاتسا كەينىدىكىسى كېلىپ ئۈسسىمەي قالمايتتى.ئەگەربۇ يولدا سائىتىگە قانچە كېلومېتىردىن مېڭىش ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسا، يوللارراۋان قىلىپ لايىھەلەنمىگەن بولسا ماشىنىلار قازاسىز يۈرەلەرمىدى؟ مەنچە بۇ ئامېرىكىداھەممە نەرسىگە ۋاقىت بويىچە چەك بېكىتىلگەنلىكنىڭ خاسىيىتى ئېدى. خۇددى يولداماشىنىنىڭ بىخەتەر مېڭىشى ئۈچۈن سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى بەلگىلەنگەندەك،ئىنسانننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە ۋە ھەر يەردىكى پائالىيىتىگە ئېنىق ۋاقىت چېكىبېكىتىلمىسە، يوللار بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن راۋان، ۋاقىت ۋە پۇرسەت ھەمىمىسز ئۈچۈن باراۋەرتەخسىملەنمىسە بىز بۇ يۇمۇلاق شاردا سوقۇشماي، دەخلى قىلىشماي ياشىيالمايتتۇق.ئامېرىكىدا ھەممە ئىشقا ئېنىق ۋاقىت بېكىتىلگەچكە ھەم تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋايوللىرى توسالغۇسىز بولغاچقا كىشىلەرنىڭ كېچىكىپ قېلىشى ئويلۇشۇلمايتتى ھەمئاسانلىقچە قوبۇل قىلىنمايتتى. كىشىلەر بىر يىللىق سەپەر، ساياھەت ۋە تۈرلۈكپائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقىت جەدىۋېلىنى تۈزىۋېلىپ ئىشلىرىنى شۇنىڭغا قاراپئورۇنلاشتۇراتتى، بىلەتلىرىنى زاكاز قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك پاراڭلىرىدا"ئەتە بىر گەپ بولسۇن"، ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەرس"، "ۋاقتىكەلگەندە بىر گەپ بولار"...دېگەندەك ئىبارىلەر قوللۇنۇلمايتتى. چۈنكى ئۇلارغائەتە نېمە ئىش قىلىش ۋە قىلماسلىق، ھازىر نېمە قىلىش كېيىن نېمىنى قىلماسلىق،قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىشلارنى قىلىش ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولاتتى. مەكتىپىمىزنىڭ2014-يىللى ئۆتىلىدىغان دەرسىنى ھازىرئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغانلىقى ئامېرىكىدا ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئالدىنئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.

ئامېرىكىدا بىر ئادەمنى بىرسورۇنغا ياكى بىرەر ئىشقا تەكلىپ قىلماقچى بولسا ئىككى ھەپتە ياكى ئەڭ بولمىغاندابىر ھەپتە بۇرۇن دەپ قويۇش ئادەتكە ئايلانغان. ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدا پەقەت تۈركدوستلۇرۇملا تۈرلۈك يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇنئۇقتۇراتتى. بەزىدە ھىندونوزىيىلىك ياكى ئەرەپ مۇسۇلمان بالىلار بىر ئىشلار ئۈچۈن شۇكۈنى ۋاقتىمنىڭ بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلىفون قىلىشاتتى. بۇنداق چاغلاردائىنكاسىم ئاساسەن ئۇيغۇرچە بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىن دەپ قويۇشمىغانلىرى خىيالىمغاكىرىپ چىقمايتتى. بىر كۈنى  تۈركچە بىلىدىغان،تۈركىيەدە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان بىر پروفېسسور ماڭا تېلىفون قىلىپتۇ.ئېيتىشىچە شۇ كۈنى ئۆيىدە زىياپەت بولىدىغان بولۇپ مېھمانلاردىن بىرى كېلەلمەسبولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى، ئايالىم ۋە بالامنى ئۆيىگە تەكلىپقىلماقچى بولۇپتۇ. ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. مەن ئامېرىكىدا ياشىغىلى شۇنچەبولغان تۇرۇپ بۇنىڭ ئەدەپسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم كاشكى! مۇشۇ ئايالدىن باشقامەن ئامېرىكىدا ھىچ كىمنىڭ ۋاقتىنى ئالدىندەپ قويماي بىرسىنى مېھمانغا چاقىرغىنىنى ياكى مېھمان بولۇپ كەلگىنىنى ئاڭلاپباقمىدىم. بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭۋاقتىنى ئالدىن ئويلۇشۇش، ئىسراپ قىلاسلىق، دەخلى قىلماسلىق ئادەتكە ئايلىنىپكەتكەن.
 
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنماڭا ئەڭ قىس تۇيۇلغىنى ۋاقىت بولدى. ئامېرىكىدا ھەم دەرسىمنى ئوقۇپ، كىتابلىرىمدىنخاتىرە يېزىپ، بالام ۋە ئايالىم بىلەن ساياھەت قىلىپ، تۈرك دوستلار بىلەن يىغىلىش قىلىپ يەنە "ئامېرىكىدىكىمۇساپىر تۇيغۇلار" نى يېزىشقا يېتىشكەن ۋاقتىم ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنقەتئىي يېتىشمەس بولدى. مەن قەشقەردە ئامېرىكىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئالدىراشياشىدىم. ئانام، قېرىنداشلىرىم ۋەيېقىنلىرىم "سەن ئامېرىكىدىكىچېغىڭدا پات پات تېلىفون قىلىپ تۇراتتىڭ، موڭدۇشۇپ تۇراتتۇق، قەشقەرگە كەلگەندىنكېيىن يا تېلىفونۇڭ، يا يازمىلىرىڭ يوق، يوقاپلا كەتتىڭ..." دېگەن بولدى. مۇشۇلارنىئويلىسام، خەقلەرگە تۇرمۇش رېتىمى تولىمۇ ئاستا بىلىنىدىغان، ئۆزگىلەرگە ئوتتۇرائەسىرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىدىغان قەشقەرنى نىيويوركتىنمۇ ئالدىراش شەھەركەندېگۈم كېلىدۇ. قەشقەردە ئامېركىدىكىدىنمۇ ئالدىراش بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، بىرى ۋاقتىمئۆزۈمنىڭ ئەمەس، ئۇنى خالىغان چاغدا خالىغان ئورگان ۋە خالىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلۈكسەۋەپلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىش تەھدىتى مەۋجۇد. يەنە بىرى ۋاقىتنى قەتئىي پىلانلىماقتەرس، چۈنكى ئاۋۋال دائىرىلەردە، ئاندىن كۆپ كىشىلەردە ۋاقىتنى پىلانلاش يوق. بۇھالدا سېنىڭ پىلانلانغان ۋاقتىڭ باشقىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، دائىرىلەرنىڭ پىلانسىزئورۇنلاشتۇرۇشىغا، باھانىسىز توسقۇنلىقىغا، پەرۋاسىز ئىسراپ قىلىشىغا سەرپ بولغىنىبولغان. سەن بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر. ئۇيغۇرلادا تېخمۇ ئېنىق قىلىپ دېسەم قەشقەردەۋاقىتنىڭ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.
 
ئۇيغۇرلاردا  ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسى مۈلكى، ئۆزىگىلا خاستەئەللۇقاتى ھىساپلانمايدىكەن. قىزىقارلىق يېرى، مەن تۇرۇۋاتقان قەشقەردە كىشىلەرھەممە نەرسىنى ھۆكۈمەتنىڭ دەپ قارايدىكەن. مىسالەن، بىر كۈنى بىر دېھقان ماڭا"بۇ ھۆكۈمەت قىزىقكەن، ئەينى چاغدا ئۆزى بىكارغا بەرگەن يەرنى ئەمدى بىزدىنپۇل بېرىپ قايتتۇرىۋېلىپ بارىدۇ" دېگەنىدى. ئوپالدا كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرىمەقبەرىسىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلۇغلاپ چىۋىننىڭ قانىتى چاغلىق مەينەتنى يېقىنيولاتماي كەلگەن. 80- يىللاردا ھۆكۈمەت ئىگە بولۇپ مەبەلەغ چىقىرىپ قايتاياسىغاندىن كېيىن قەبرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى مۇقەددەسلىكى نېمىشقىدۇر تۆۋەنلەپساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پات پات زىيارەتكە چىقىپتۇرىدىغان بولدۇم، ھەر چىقسام يالتىراق خالتا، سۇ بوتۇلكىلىرى قاتارلىق ئەخلەتلەركۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. بىر قېتىم شۇ مەھەللىدىكى بىرەيلەنگە، " بۇ بىزنىڭئۇلۇغلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زاتنىڭ قەبرىسى بولغاندىكىن خەق تازىلىمىسا سىلەربولساڭلارمۇ سۈپۈرۈپ تۇرساڭلار بولمامدۇ؟" دېدىم. "قەبرە ھوكۈمەتنىڭ،ھۆكۈمەت بەلەت سېتىپ پۇل تېپىۋاتقان مەھمۇد قەشقەرى مازارىنى بىز تازىلامتۇق!" ئۇ دېھقاننىڭ دېگەنلىرى ھەقلىق ئېدى، ئەمما ماڭا"مەھمۇد قەشقەرى ھۆكۈمەتنىڭ" دېگەن گەپ بەك غەلىتە ئاڭلاندى. بۇنىقەشقەردىلا شۇنداقمىكىن دېسەم بىر ئىتوتتا ھېلىقى چوڭ ئەيسانىڭ خەقنىڭ ئۆيىگەكىرىۋېلىپ "ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيىبۇ! چىقساق تەڭ چىقىمىز،" دېگەنلىرى ھېلىمۇقۇلاق تۈۋىمدە. ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا ھەممە نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ دېگەن قاراشئومۇمىيۈزلۈك بولغاچقىمۇ ئىنساندا باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدىغان، باشقىلار بىلەنئورتاقلاشقىلى بولمايدىغان، باشقىلار تارتىۋالسا بولمايدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىئاسانلىقچە ئىتىراپ قىلىنمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەندىن ئەڭ جىق تارتىۋېلىنغىنىمېنىڭ شەخسىيىتىمگە تەئەللۇق بولغان ۋاقتىم بولدى. ۋاقتىم شۇ قەدەر كوللىكتىپلاشتىۋە ئاممىۋىيلاشتىكى يازىدىغانلىرىم ھەققىدە جىمجىت خىيال سۈرىدىغان ۋاقتىم كەڭرىبولماي قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ دەپ قارىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋاقتىممۇ  توختىماي باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا،تاجاۋۇزىغا، بىپەرۋالىقىغا، ئىسراپىغا نىشان بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇردا خۇسۇسىي ۋاقىت دېگەنئۇقۇم ئېنىق بولمىغاچقا بىرەر ئىش ياكى پائالىيەت ئۈچۈن ۋاقىتنى ئۆز مەيلىچە پىلانلىغىلى،خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدىكەن. كىشىلەر خىزمەت كۈنلىرىدىلا ئەمەس شەنبەيەكشەنبىلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتكە ئالاقىدار خىزمەت بىلەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتكە ياتىدىغان بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. بىر ئادمنىڭ ئۆزىنىڭكەلگۈسى، ئارزۇسى، پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلاشقا،پىلان تۈزۈشكە ۋاقتى چىقمايدىكەن. خىزمەت ۋاقتى بىلەن خۇسۇسى ۋاقىتنى ئايرىشقاپۇرسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي پىلانى ئاساسەن بولمايدىكەن. مەنخىزمەتكە چىقىپ بولغانلارنىڭ خىزمىتى يىراقتا بولسا يېقىنغا، يېزىدا بولسا شەھەرگەيۆتكەش، نەپسىز بولسا نەپلىككە ئالماشتۇرۇش، ئەمەلسىز بولسا ئەمەللىك بولۇشقاكۈچەشتىن باشقا پىلانى بارلارنى بەك ئاز ئۇچراتتىم. مەن بىر كۈنلەردە زاۋۇتلاردابولغاندەك بىر ئىسلاھات بولۇپ ئىشتىن بوشۇتۇلۇپ قالسا ھازىر كادىر ئاتىلىۋاتقاننۇرغۇن كىشىنىڭ ياشاشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
 
ئۇيغۇرلاردا ۋاقىتنىڭ كونكىرىتلىقىۋە چەكلىكلىكى ھەققىدە تەخىرسىزلىك يوق ئىكەن. بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئانىسىنىڭئۆلۈمىگە بېرىپ شۇنى ھىس قىلدىم. بىر كۈن كەچكىچە ھىچ ئىش قىلماي، قول باغلاپدوستىمىزغا ھەمراھ بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدۇق. مەنغۇ بىر كۈندىن كېيىن قايتتىم،باشقىلار بىر قانچە كۈننى شۇنداق ئۆتكۈزدى. مەسىلە شۇنداق ئاددى. نەزىر ۋاقتىبېكىتىلسە، ھەممە ئادەم نەزرىگە ۋاقتىدا كەلسە، مېھمانلارغا قارىشىدىغان ئىشلارنىقىلىشىپ بېرىپ ئىشىمىزغا راۋان بولساق تامامەن بولىدىغان ئىش. ئۆلۈم بولۇۋاتسابىكارچىلىقتىن زېرىكىپ ئۆلۈم چىققان ئۆينىڭ ئالدىدا قاملىشار قاملاشماسچاخچاقلارنى قىلىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشتىنمۇ تەربىيىسىزلىك بولامدۇ جاھاندا! بۇنداقۋاقىتنىڭ چېكى بېكىتىلمىگەن سورۇن ۋە مۇراسىملاردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كىشىلەرنىقىمارۋازلىققا سۆرىگىلى تۇرۇپتۇ. تويدىمۇ، چايدىمۇ شۇ قىمار. ئېتى چىرايلىق قىلىپقەرت دەپ ئاتىلىدىكەن، ئەمما ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش ھەممەيلەنگە ئايدىڭ. ئۇيغۇرلاردانۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ۋاقىت تۈگەپ كېتىدىغان نەرسە، ئۈنۈم يارىتىدىغان نەرسە،نەتىجە قازىنىشقا كېرەك بولىدىغان كونكىرىت نەرسە ئەمەس، باش ئايىغى يوق، توختىمايئايلىنىدىغان، مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان چەكسىز بىر شەيئىيكەن.
 
ئۇيغۇرلار بىلەنئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى بۇنداق پەرقلىق چۈشەنچىلىرى ئىگىلىك شەكلىدىكىپەرق، تۈزۈمدىكى ئوخشىماسلىق ۋە ئىجتىمائىي تەرىققىياتتىكى تەكشىسىزلىك سەۋەپلىكشەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئاساسى ئەنئەنىۋىي يېزا ئىگىلىكى بولغاچقاتەبىئىي موھىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ. ھەرقانچە ئالدىرىغان بىلەنزىرائەتلەر بەلگىلىك پەسىلدىلا پىشىدۇ، قويلار ۋاقتى سائىتى كەلمەي تۆللىمەيدۇ،ئۈزۈملەر تىرىشچانلىق بەدىلىگە يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئۇزاققاسوزۇلغان بۇنداق تەبىئەتكە تايىنىش كىشىلەرنى ۋاقىتنىڭ خوجايىنىغا ئەمەسبويسۇنغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئامېرىكىلىقلار ئېغىر ۋە يېنىڭ سانائەتنىبارلىققا كەلتۈرگەن، يېزا ئىگىلىكىنى ئاللىقاچان ماشىنىلاشتۇرغان بولۇپ كىشىلەرنىڭپائالىيىتى تەبىئەتنىڭ تەسىرىدىن، كونتروللىقىدىن نىسبەتەن خالى. شۇڭا كىشىلەرۋاقىتنى ئۆزلىرى كونتىرول قىلالايدۇ. كىشىلەر ماشىنىلارنىڭ سائىتىگە قانچىلىكمەھسۇلات ئىشلەيدىغانلىقى، بۇلارنى قاچىلىك ۋاقىتتا سېتىپ چىقارسا قانچىلىك پايدائالالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە. شۇڭا ئامېركىلىقلاردا ۋاقىت بايلىق يارىتىشتىكى ۋە ياراتقان بايلىقنىتەخسىملەشتىكى ئاساس. ياللىغۇچى ياللانغۇچىنىڭ ۋاقتىنى سېتىۋالىدۇ، ياللانغۇچىياللىغۇچىغا شۇ ۋاقىتتا بەلگىلىك قىممەت يارىتىدۇ ۋە شۇ قىممەتتىن ئۆزى سەرىپقىلغان ۋاقىتقا لايىق نىسىۋىسىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىتئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئەمەلىيەتتە سانائەتلەشكەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىلەنسانائەتلەشمىگەن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشى ھەققىدىكى پەرقتىن ئىبارەت.
 

ئامېرىكىلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرنىڭ خۇداسى
 
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىرتۇيغۇلار" نىڭ داۋامى
 
مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭمەنىۋىي ھاياتىدا دىن سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. قايسى شەھەرگە بارسىڭىز شەھەرنىڭئەڭ مەركىزىي رايۇنىدا كۆركەم ۋە ھەيۋەت قىلىپ سېلىنغان چىركاۋلار كۆزگە چېلىقىدۇ.ئامېركىدا داڭق چىقارغا ناخشىچلار دائىم ئۆزىنىڭ تۇنجى سەھنە ھاياتىنى چىركاۋدىنباشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئامېركىدا مەخسۇس دىنى مۇزىكا ئىشلەيدىغان مۇزىكانتلارۋە ناخشىچىلار بار. دىنىي ناخشا مۇزىكىلارگاسپىل دەپ ئاتىلىدۇ. بۇندىن باشقا مەخسۇس دىنىي ئەسەر يازىدىغان يازارلار، دىنىيئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچىلار بار. دىننى تەرغىپ قىلىدىغان تېۋىزىيە،رادىيو ئىستانسلىرى، نەشرىياتلار ۋە گېزىتلەر نۇرغۇن. مەن دىنىي ئەدەبىيات بىلەنشۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى س ئەس لۇۋىس دېگەن كىشىنىڭ "نارنىيا" دېگەنكىتابىنى بىر زامانلاردا ئوقۇغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىدا بولۇپمۇ مەن تۇرغانشەھەردە كىشىلەرگە ئورتاق بولغان ۋە بىر قەدەر ئېنىق بايقىغىلى بولىدىغان ئىددىيەدىندىن ئىبارەت ئىدى. كىشىلەر ئوخشىمىغان دىن ۋە شۇ دىنلار ئىچىدىكى پەرقلىقمەزھەپلەر بويىچە توپ-جامائەتلەرگە بۆلۈنۈپ ئىجتىمائىي ئالاقەدە بولۇشاتتى. بۇنداقمەزھەپلەر ئىچىدە پروتېستانت، كاتولىك، جوھو ۋىتنىسىس ۋە مورمىنلار بار ئىكەن.قىزىق يېرى شەھرىمىزدىكى كورىيەلىكلەرنىڭ مەن كۆرگەنلىرى كاتولىكلار ئىكەن.ئۇلارنىڭ ئايرىم كورىيان چىركاۋىى بار ئىكەن. شەھرىمىزدە كاتولىكلارنىڭ سانى بەكئاز ئىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ بىر چىركاۋى 60-يىللاردا مەسجىد قىلىپئۆزگەرتىلگەنىكەن. بىلىشىمچە شەھرىمىزدە ئىككى مەسجىد بار ئېدى. بىرى مەكتىپىمىزئىچىدە يەنە بىرى شەھەرنىڭ سودا رايۇنىدا.
 
شەھرىمىزدە كۆزۈمگە بىر قەدەرقىزىقارلىق ۋە ئىسسىق كۆرۈنگەن خىرىستىيان دىنىغا مەنسۇپ مەزھەپ مورمىنلار بولدى.بازاردىكى كوچىلاردا ناگان ناگاندا مورمىنلار ئۇچراپ قالاتتى. شەھەردە بىرئاپتوبۇس شوپۇرى مورمىنلاردىن بولۇپ مېنى ھەيران قالدۇرغان ئېدى. چۈنكىباشقىلاردىن مورمىنلار توك، تېلىفون، ماشىنا... قاتارلىق زامانىۋىي ۋاستىلەرنىقوللانمايمىش دەپ ئاڭلىغانىدىم. مورمىنلار ئامېرىكىدىكى خىرىستىيان دىنىغا تەۋەبىر مەزھەپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى چېچىنى تۈگۈپ بېشىغا بىزدىكى كىچىك بالىنىڭبوينىدىن باغلىۋالىدىغان پوسمىسىنى كىيىپ يۈرۈشەتتى. كۆينەكلىرى ئۇزۇن بولۇپ باشقابىر قىسىم ئامېركىلىق قىز ئاياللاردەك ئوچۇق كىيىنىشمەيتتى. خىرىستىيان دىنىنىڭقايسى مەزھىپىلىكى ئېسىمدە يوق،  بىر قېتىمتېلۋىزوردا بىر ئەرنىڭ بەش ئالتە خوتۇنلۇق بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرنى بەك كۆپ ۋەئۇزاق بەرگەنتى.
 
ئامېرىكىدا مەن ئەڭ كۆپئارىلاشقان كىشىلەر تەقۋادارلار بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىرىستىيانلارمۇ،خىرىستىيانلىقتىن چېكىنىپ مۇسۇلمان بولغانلارمۇ، ھىچ بىر ئىتىقادى يوقلۇقتىنمۇسۇلمان ياكى خىرىستىيانلىق يولىغا ماڭغانلارمۇ بار. ئامېرىكىغا كەلگەن بىرىنجىھەپتەم دىندارلارنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىشتىن باشلاندى. قۇرئانىمىزداخىرىستىيانلارنىڭ تامىقى ھالال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۆشسىز غىزالىرىغائېغىز تەگدىم. قىزىق يېرى ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى قېتىملىق دىندالار ئۇيۇشتۇرغانزىياپەتتە كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىنغا ئىشەنمەيدىغان خەنسۇلار بولدى.زىياپەت  چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى خىرىستىياندىنىغا قىزىقتۇرۇش مەقسىدىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ شۇنچە كۆپ خەنسۇنىڭ ئارىسىدائىككى ئەرەبىستانلىق قىز ۋە بىر كۈۋەيتلىك ئوغۇلنىڭ بولۇشى مېنى قىزىقسىندۇردى. مەنگۆشلەرگە ئېغىز تەگمىگەن بىلەن كۈۋەيتلىك، ئەرەبىستانلىق بالىلار توخۇ ۋە كالاگۆشلىرىدىن بەھوزۇر يىيىشكە باشلىدى. كېيىن مەن ياغلىقلار بىلەن ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپجوڭگۇ ئاشخانىسىدا تاماق يەۋاتقان مۇسۇلمان قىزلارنى ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىدىنكەلگەن ئوغۇللارنى جىق كۆردۈم. مەن ۋەتەندە ئارىلاشقان تەقۋادار خىرىستىيانلارنىڭئەكسىچە ئامېرىكىدا مېنى ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى خىرىستىيان دىنىغا دەۋەت قىلمىدى. ئەممامەن دوست بولۇپ قالغان بىر قانچىسىدىن باشقا ھىچ قايسى دىندار مەن خىرىستىيانلىققاپەقەت مايىللىق بىلدۈرمىگەندىن كېيىن مېنى زىياپەتلەرگە چاقىرمايدىغان بولدى.
 
كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدادىندار كىشىلەر كۆپ بالىلىق بولىدىكەن. مەن بىر ئائىلە بىلەن بەك ياخشى دوستلاردىنبولۇپ قالغانىدىم. ئەر ئايال ئىككىسى يىگىرمە بەش يىگىرمە ئالتىلاردا بولۇپ تۆتبالىسى بار ئېدى. كېيىن پۇرسەت چىقىپ بۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن تونۇشتۇم. ئەرئەسلى چېخىيەلىك ئىكەن. ئايالنىڭ ئاتا ئانىسى ئامېرىكىلىق بولۇپ ئاچا-سىڭىل،ئاكا-ئۇكا بولۇپ توققۇز بالىكەن. بۇنداق دىندار ئائىلىلەردە يىغىلىش كۆپبولىدىكەن. ھەر قېتىملىق يىغىلىشتا تاماقتىن بۇرۇن قوللار بىر بىرىگە تۇتۇلۇپ دۇئاقىلىنىدىكەن. ئوغۇللار ئەدەپ قائىدىگە، قىز ئاياللار سورۇنغا مۇناسىپ كىيىنىشكەئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن. بۇنداق ئائىلىلەردە ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنھەممەيلەن بىللە چىركاۋغا بارىدىكەن. چىركاۋدىن كېيىن ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغانئاشخانىلارغا بېرىپ غىزالىنىدىكەن. بەزى چىركاۋلاردا بالىلار ئوينايدىغانئويۇنچۇقلار بولىدىكەن. چىركاۋلاردا تەڭرى، ئەيسا ئەلەيھىسسالام مەدھىيەلەنگەنناخشىلار، خورلار ئېيتىلىدىكەن. بۇنداق پائالىيەتلەرگە بالىلار بەكرەك جەلىپقىلىنىدىكەن. ھەممە چىركاۋدا بىردىن يوغان پىيانىنۇ قويۇلىدىغان بولۇپ خور ۋەناخشىلارغا تەڭكەش قىلىنىدىكەن. داڭلىق ناخشىچى جېكسۇنمۇ تۇنجى ناخشىنى چىركاۋدائېيتقانىكەن. ئامېرىكىدا ئاشخانىلارنىڭ تىجارىتى كىشىلەر چىركاۋدىن يانغاندا ئەڭجانلىنىپ كېتىدىكەن. ئامېرىكىدا دىندار كىشىلەر چىركاۋلارنىڭ ھەقسىز يەسلىلىرىدەپىدايىلىق قىلىدىكەن. دوختۇر بولسا ھەقسىز كېسەل داۋالايدىكەن. ئادۋۇكات بولسا ھەقسىزياكى ئالمىغان ھىساپتا ئازراق ھەق ئېلىپ دېلولارغا يارىدەملىشىدىكەن.
 
ئامېرىكىدىكى چەتئەللىكئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئافرىقىلىق ۋە كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلاردا خىرىستىيان دىنى كۈچلۈكئىكەن. مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ ئىچىدە جۇمە كۈنى كەچلىرىئىنجىل كۇرسىغا بارىدىغانلىرى كۆپ ئېدى. دىندارلارنىڭ تەرغىباتلىرىغا ئەڭخېرىدارلىق قىلىدىغىنى خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ئېدى. خىرىستىيان بولغان خەنسۇتونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە،  ئامېركىغاكەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىرىستىيان دىنىغا بۇنچەمايىل بولۇشىدا بىر قانچە سەۋەپ بار ئىكەن. بىرى يەرلىكلەر بىلەن باردى كەلدىنىقويۇقلاشتۇرۇپ ئېنگىلىزچىسىنى پۇختىلاش، ياتسىراشنى ئازايتىش، ئامېرىكاجەمئىيىتىگە تېزىدىن ماسلىشىپ ئامېرىكىدا ياشاشنىڭ شەرت-شارائىتلىرىنى ھازىرلاش،يەنە بىرى يەرلىكنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ خىزمەتكە ۋە خىزمەت ئۇچۇرىغا ئېرىشىش. ئۇلارچەئامېرىكىدىمۇ مۇناسىۋەت موھىم ئىكەن. ئەگەر سىز بىر يەردىن خىزمەت تاپماقچىبولسىڭىز سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئارقا كۆرۈنىشىڭىزگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانكىشىلەرنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىكەن. ئەگەر سىزگە گۇۋاھچى، كېپىل بولغۇچى يەرلىكلەردىنبولسا سىزنى خوجايىنلارغا قانداق تونۇشتۇرۇشنى ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ياكىئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقانلاردىن ياخشىراق بىلىدىكەن. يەنە بىرى ئامېرىكىدا بىر كىشىخىزمەت ئورنىدا يامان ئەمەس ئىشلەۋاتقان بولسا يەنە بىر تونۇشىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقانيەرگە خىزمەتكە تونۇشتۇرسا خوجايىنىغا ئادەم كېرەكلا بولسا ئادەتتە ياق دېمەيدىكەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا خىرىستىيان دىنىنى تەۋسىيە قىلغان خەنسۇ تونۇشلىرىمنىڭ قاراشلىرى.بۇ گەپلەرنىڭ ئەكسىچە ئايالىم ھىچ قانداق چىركاۋغا بارماي، ھىچ بىر دىنىيزىياپەتكە قاتناشماي تۇرۇپ ئىككى قېتىم ئىش تاپتى.
 
ئامېرىكىدا ئۆزىنى خىرىستىياندەيدىغانلار مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. بىرى خىرىستىيان دىنىغا ھەقىقىئىشىنىدىغانلار، يەنە بىرى ئاتا ئانىسى خىرىستىيان بولغاچقا ۋە ياكى مەھەللىسىدەشۇنداقراق كەيپىيات بولغاچقا ئۆزىنى خىرىستىيان دەپ قارايدىغانلار، ئۈچىنجى بىرىئۆزىنى خىرىستىيان دەيدىغان لېكىن خىرىستىيانلىق ھەققىدە ھىچ نېمە بىلمەيدىغان ۋەبىلىشنى خالىمايدىغانلار. بىرىنجى تۈركۈمدىكىلەر چىركاۋلارنى زىيارەت قىلىپتۇرىدىكەن. چىركاۋلار ئۇيۇشتۇرغان خەير ئىھسان پائالىيەتلىرىگە پىدايى بولۇپقاتنىشىدىكەن. مەن شۇنداق بىر خىرىستىيان ئائىلىسىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىلىق بىربالىنى بېقىۋالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئىچىمدە بۇ بالا چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭبېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلسە ھەقىقى ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ تاپارمۇ، ياكى ئۆزئاتا-ئانام بولغان بولسا قانداق بولاتتى دەپ ئويلاپ قالارمۇ، دېگەن خىياللاردابولغانىدىم. سېرىق چاچلىق بىر جۈپلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سەل ئوخشاپقالىدىغان بۇ لاتىن قانلىق بالا ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. خىرىستىيان دىنىغاھەقىيقى ئىشەنگۈچىلەر ئىچىدە ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيانىڭ چەت، نامراتيەرلىرىگە بېرىپ سۇ ئىنشائاتى، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشقاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ بار. مەن شۇنداقلاردىن بىر قىز بىلەنپاراڭلىشىپ باققان. ئۇ قىز مەكتىپىمىزنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇيتتى. ئۇ قىز ھەتتامەن بىلەن پاراڭلىشىپ يەرلىك گېزىتكە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازماقچىمۇبولغانىدى. مەنچە ئۆزىنى خىرىستىيان دەيدىغان ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى تۈركۈمگە تەۋەكىشىلەرنىڭ سانى بىرىنجى تۈركۈمگە تەۋە كىشىلەردىن خېلى بەك جىق. مەن ئارىلاشقانئامېرىكىلىقلار ئىچىدە يەنە پۈتۈنلەي دىندىن خالى ياشايدىغانلىرىمۇ خېلى كۆپ.
مەكتىۋىمىزدىكى تۈركئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن دىنلار ئارا دىيالوگ دېگەن بىر پروگرام بار ئېدى. بۇپروگرامدا يېقىن ئەتراپتىكى چىركاۋلارنىڭ خادىملىرى بىلەن مەسجىدلەرنىڭ ئىمامخاتىپلىرى بىر ئاراغا كېلىپ دىننىڭ مەنىۋىي ھاياتتىكى ئورنى، دىنلارنىڭ ئورتاقمەۋجۇدلۇقى ۋە دۇنيا تىنچلىقى، دىنلارنىڭ دۇنيانىڭ سىياسى تەرتىبىدە تۇتقان ئورنى،دىنلارنىڭ مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى، تۈرلۈكتوقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا دىنلارنىڭ تۆھپىسى، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، كىلىماتئۆزگىرىشى، موھىت بۇلغۇنىشى، توقۇنۇشلار، ئۇرۇشلار قاتارلىق دۇنياۋىي مەسىلىلەردەدىننى چۆرىدەپ مۇلاھىزىلەر بولاتتى. بۇپروگراممىنىڭ قاتناشچىلىرى تۈرك ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئامېرىكىلىقئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا بۇ پائالىيەتكە قىزىققۇچىلار بولاتتى.پائالىيەتكە تۈرك ئوقۇغۇچىلار يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئىچىملىك ھازىرلايتتى.تاتلىقلار، پىچىنە پىرەنىكلەر ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى تەييارلايتتى. مەنچە پائالىيەتئارقىلىق ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىشكۈچەيتىلەتتى، بۇندىن باشقا ھەم تۈركتاماق مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىناتتى ھەم ئامېرىكىدا ئىش قىلىشنىڭ يوللىرىئۆگىنلەتتى. بىر گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تاماسىز بۇ خىزمەتلەرنىكۆرگىنىمدە، پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغىنىمدا ئۆزەمنى بەكمۇ يارامسىز ھىسقىلاتتىم. شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرىدە سۆزلەنگەن بىر پوپنىڭ نۇتىقى ھېلىمۇئېسىمدە. "دۇنيانى نېمە قۇتقۇزىدۇ، ئىنساننى نېمە خوش قىلىدۇ، ھاياتنى نېمەمەنىلىك قىلىدۇ؟ ئۇرۇشمۇ، زوراۋانلىقمۇ، پۇلمۇ، ھوزۇرلىنىشمۇ، ئىشرەتمۇ؟ ياق،پەقەت بىرلا نەرسە، ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت! ياراتقۇچىنى سۆيۈش ئۈچۈن ياراتقۇچى ياراتقانھەر بىر مەۋجۇداتنى سۆيۈش كېرەك. ياراتقۇچى بارلىق مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن قويغان ھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ سەجدەقىلىشقا بۇيرىغان ئىنساننى شەرتسىز سۆيۈش كېرەك. سۆيۈش سۆيۈلۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىياراتقۇچىنىڭ مەمنۇنىيىتى ئۈچۈندۇر"
 
دىن نوقتىسىن ئالغاندا ئۇيغۇردىكىمەنىۋىي ھايات بىلەن ئامېرىكىدىكى مەنىۋىي ھايات ئاجايىپ ئوخشاشلىقلارغا ئىگەن. دولانئۇيغۇر مۇقاملىرىدىكى "ۋاي ئاللاھ، ۋاي ئاللاھ، ۋاي ئاللاھ" دەپباشلانغان ناخشىلارنىڭ تېكىستىگە ۋەغەزەلخانلارنىڭ كەيپىياتىغا قارايدىغان بولساق دىنىي تۇيغۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمەنىۋىي ھاياتىدا قانچىلىك موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. بۇندىن باشقائۇيغۇرلاردىمۇ ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىسلام مەدھىيەلەنگەن مەخسۇس مۇناجاتلار،ھۆكمەتلەر بولغان. ئۇيغۇردىكى مەنىۋىي ھاياتنىڭ تومورى دىندۇر. قەشقەرگە كەلگەنخەنسۇلار ئۈچ مازار بىر بازارنى ساياھەت قىلىمىز دېيىشىدۇ. بۇ يەردىكى ئۈچ مازارمەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ۋە ئاپپاق خوجا مازىرىدۇر.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرى ئەسەرلىرىنى بىسىمىللاھ دەپ باشلىغان،ئاللاھ مەدھىيسى قىسمىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزغان كىشىلەردۇر. ئاپپاق خوجائەينى دەۋردىكى دىنىي سۈلۈك بولغان ئاق تاغلىق ئىشانلار گورۇھىنىڭ كاتتابېشى. بىربازار دېگىنى ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان يېڭى بازاردۇر. مەيلىبازاردا بولسۇن ياكى مازاردا بولسۇن مەسجىد- جامە كام بولمايدۇ. يېڭى بازاردېيىلىدىغان بۇ بازارغا جۈمە ۋاقتىدا بېرىپ قالسىڭىز ناماز ئاخىرلاشقىچە ساقلاشقامەجبۇر بولىسىز. جۈمە نامىزى باشلانغاندا بازاردا بىر ئادەم قالمايدۇيۇ ھىچ كىمنىڭيىڭنە چاغلىق بىر نەرسىسى يىتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئامېرىكىدىمۇ ئۇچرۇتۇش ئاسانئەمەس.  دېمەك، قەشقەرنى، ئۇيغۇر ھاياتىنىۋە توپراقلىرىنى ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى خاسلىققا ۋە قىممەتكە ئىگەقىلىۋاتقىنى سەرەڭگە قېپىدەك بىنالار ئەمەس، ئۇيغۇر ئىتىقادىغا باغلانغانمۇراسىملار، ئادەتلەر ۋە ئىتىقادنىڭ سىمۇۋولى بولغان مەسجىد جامەلەردۇر.
 
ئۇيغۇردىكى مەنىۋىي ھاياتنىڭخوراپاتلىققا ياتىدىغان تەركىبى ئامېرىكىدا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. بۇ ئىجتىمائىيتەرەققىيات سەۋىيىسى، مائارىپنىڭ ئومۇلىشىش دەرىجىسى قاتارلىقلاردىكى پەرقلەربىلەن مۇناسىۋەتلىك. پالغا ئىشىنىش، داخانغا ئوقۇتۇش، باقشىغا باقتۇرۇش قاتارلىقخوراپاتلىقلار ئۇيغۇر مەنىۋىي ھاياتىدا تېخىچە تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغىنى يوق. بىرقېتىم بىر قىزىقارلىق گەپنى ئاڭلىغانىدىم. قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيسىدە بىرخەنسۇ داخان بارمىش. شۇ داخانغا بارمىغىچە كىچىك بالىلارغا چاپلىشىۋالغان خەنسۇنىڭجېنى بوۋاقنى ئارامىدا قويمايمىش. قەشقەردەك ئىسلام مەرىپىتىنىڭ ئوچىقىدا، ئۆلىمالارماكانىدا كىشىلەرنىڭ خەنسۇ دۇخانغا دۇئا ئوقۇتۇپ يۈرۈشى كىشىنى ئويغا سالماي،ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ. بۇ ھادىسىلەرنىڭ بۇنچە ئەۋج ئېلىشى كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭئەقىللەرگە قاراڭغۇ، سىرلىق، مەنىۋىي تەرپىنى بىلىشكە بولغان ئىھتىياجىنىڭ مۇۋاپىق ئىلمىي، دىنىي يول بىلەنقاندۇرۇلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكى قورقۇنچ، ۋەسۋەسە، ئەندىشە، پۇشمان قاتارلىقلارغاموۋاپىق سورۇندىكى نورمال ئىلمىي چۈشەنچە،دىنى تەرغىبات ۋە تەبلىغلەر بىلەن مەلھەم بېرىلگەن، قانائەتلەندۈرۈلگەن بولسابۇنچە خۇراپىي ھەركىكەتلەرگە شاھىد بولمىغان بولاتتۇق. خوراپاتلىقتىن باشقائۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا دىننى سۈيئىستىمال قىلىنىشمۇ بىر خىل بىنورماللىق.مەسىلەن فورقان، تەقۋا، مائىدە، كىرمانقاتارلىقلارنىڭ تاۋار ماركىسى قىلىنىشىدا، ئاشخانا، تاكسىي ۋە ساتىراچخانىلارغاقۇرئاننىڭ مودىلى، ئايەتلەر ۋە ئاللاھ، مۇھەممەد دېگەن خەتلەرنىڭ ئېسىلىشىدا،پالچى، داخان ۋە باقشىلارنىڭ ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئىسىتقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىشلىرىدا قىسمەنبولسىمۇ دىننى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئىخلاسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىنى ئۇتۇش مەقسەدقىلىنغان. بۇنداق دىننىي سۈيىئىستىمال قىلىدىغان قىلمىشلارغا قانۇن مۇكەممەلبولغان ئامېرىكىدا ئورۇن يوق.
 
ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقلىق ھالدا

ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي ھاياتىداخوراپاتلىق يەنە كىتاپ خوراپاتلىقى ۋە ئۆلىما خوراپاتلىقى شەكلىدىمۇئىپادىلىنىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. مەسىلەن "قۇرئان بار ئۆيگە شەيتانكىرمەيدۇ" دېگەنلىك كىتاپ خوراپاتلىقىدۇر. قۇرئاندىن بىرنى ئەمەس مىڭنى ئۆيگەقويۇپ قويغان بىلەن كىشى ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنمىسە، ئىماننىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇدىلىنى يورۇتمىسا شەيتان ھەرقانداق يەرگەكىرىدۇ. بۇنداق خوراپاتلىق يەنە بىلىملىك ئاتالغان، ھەجگە بارغان ئۆلىمالارغاچوقۇنۇشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇردا بىر ھۆكۈمنىڭ، چۈشەندۈرۈشنىڭ توغرا خاتالىقىقۇرئان ۋە ھەدىسلەرگە تايانغان ياكى تايغانمىغانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى قايسىساقاللىق ئۆلىمانىڭ دېگەنلىكى ۋە قەيەردىن ئاڭلاپ كەلگەنلىكى بىلەن ئۆلچۈنۈپقالىدىكەن. بىر ناھىيىدە بىر كېلىن پەرزەنتلىك بولالماپتۇ. شۇ خېجىلچىلىقتا قېيىنئاتا- ۋە قېيىن ئانىنىڭ خىزمىتىنى شۇنچە بېرىلىپ قىلىپتۇكى ئۇلارنى رازى قىلىشئۈچۈن پۇل يىغىپ ھەرەمگە يولغا ساپتۇ. قېيىن ئاتا بولغۇچى ھەرەمدىن شۇنداق بىرپەتىۋانى كۆتۈرۈپ كەلگەنمىش. دېيىلىشىچە پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەر جەننەتكەكىرەلمەيمىش. شۇنىڭ بىلەن تەقۋادار كېلىننى ئالدامچىنىڭ ئەپسۇن خالتىسىغا سېلىپ ئۆزرازىلىقى بىلەن ئوغلىدىن ئاجراشتۇرۇۋاپتۇ.دىن ھەققىدىكى تەربىيە ئومۇلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن، مەنىۋىي ھادىسىلەرنىچۈشەندۈرۈش ئىلمىيلىك يولىغا چۈشكەن، ئىلاھىيەت (تىئولوگىيە) فاكۇلتىتلىرى ھەرقايسىئالى مەكتەپلەردىن ئورۇن ئالغان، مۇكەممەل قانۇن ئىتىقادنى قوغۇدايدىغانئامېرىكىدا بۇنداق پاجىيەلەر يۈز بەرمەيدۇ.
 
تۈگەنجە
 
ئۇيغۇرلار بىلەنئامېركىلىقلارنىڭ پەرقى يالغۇز يۇقارقى نوقتىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يازسام شۇقەدەر ئۇزۇن داۋاملىشىدۇركى قارىماققا ئامېرىكا ۋە ئامېركىلىقلار ھەققىدىكىبايانلىرىم مۇشۇ پەرقلەرنى گەۋىدىلەندۈرۈش ئۈچۈن يېزىلغادەكلا تۇيۇلىشى مۇمكىن.يازغانلىرىمنىڭ تەپسىلىرەك يېزىلغىنى ئۆزەم باشتىن كەچۈرگەنلىرىم، قىسقىلا تىلغائېلىنغانلىرى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم خالاس. پەرقلەر ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدابۇنداق پەرقلەرنىڭ سانائەتلەشكەن جەمئىيەت بىلەن ئەنەئەنىۋىي يېزا ئىگىلىكجەمئىيىتى ئارىسىدا، شەخسنىڭ ھۆرلۈكى مۇتلەق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جەمئىيەت بىلەنبۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا، پىلانلىق ئىگىلىك ۋە كومۇنىستىكئىدولوگىيە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن جەمئىيەت بىلەن ھىچ قانداقئىدولوگىيە يادىرو قىلىنمايدىغان جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا، دۇنياغا پۇقرالار دۆلىتىسالاھىيىتى بىلەن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن جوڭخۇا مەدەنىيەت سالاھىيىتىنىدۇنياغا ئىتىراپ قىلغۇزۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، مائارىپئومۇملاشقان، قائىدە تۈزۈملەر مۇكەممەللەشكەن، ياشاش مەۋجۇدلۇق جەريانى ئەمەسھوزۇرلىنىش جەريانىغا ئايلانغان پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەت ۋە جەمئىيەتئوتتۇرىسىدا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن بولغان پەرقلەردىن ئىبارەت. بۇ پەرقلەرنىڭبولغانلىقى بىزنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتكە ۋە ئوخشىمىغان جەمئىيەتكە تەۋەئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. پەرقلەرنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس يامىنى پەرقلەرگەتوغرا مۇئامىلىدە بولالماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ سەۋەبىنى توغرا تەھلىلقىلالماسلىقتۇر.


ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقى
 
مەشرەپخۇمار ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار
 
ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئەڭ گەۋدىلىكئوخشاشلىقى مەشرەپخۇمارلىق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەشرىپى ئۇيغۇر مەشرىپىگە سۇ قۇيۇپبېرەلمىسىمۇ ئامېرىكىلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇيغۇرلاردىن سۇس ئەمەس.ئامېرىكىدا بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ ئايدا بىرەر قېتىم ھىچ بولمىسا پەسىلدە بىرەرقېتىم مەھەللىدىكى بىر مەيدانغا ياكى بىرەر يەرگە يىغىلىشىپ دالا تامىقى يىيىشىبولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق يىغىلىشلارغا ھەممەيلەن ئۆيلىرىدە ئەتكەن تاماقلىرىنىكۆتۈرۈپ تەڭ بەھىرلىنىشىدۇ. كاۋاپدانلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىللە غىزالىنىشىدۇ. مەنئوقۇغان مەكتەپتىمۇ مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم پاكۇلتىت بويىچە يىغىلىشبولۇپ تۇراتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلاردەك مەشرەپتە سازچىسى بولىدىغان بولساكۈندە يىغىلىش قىلارمىكىن دەيمەن. شۇنچە ھەشەم بىلەن يىغىلىش قىلغانئامېرىكىلىقلار ناخشا ئۇسسۇلسىز بىر كۈننى گەپ بىلەن كەچ قىلىشىدۇ. بەزىدە ئۇچارتەخسە ئويۇنى، قورغان توپ، ساھىل ۋالىبولى، ۋاسكېتبول ئوينىشىدۇ. مەن مەشرەپ دېسەبېشى ئاغرىيدىغان ئامېرىكىلىقنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلار بىلەنئامېرىكىلىقلاردىكى ئورتاق مەشرەپخۇمارلىق ئىنسانىي ئاڭدىكى يۈكسەكلىكنىڭئىپادىسى. بۇنداق ئادەت ئىنساننى تەننىڭ تەقەززاسى ۋە ماددىي پاراغەتنى ھاياتتىكىبىردىن بىر مەنا دەپ قاراشتىن يىراقلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
 
ئۇيغۇرلاردىكى مەشرەپخۇمارلىقنىڭ كارامىتىنى2010-يىلى ئورىگان ئۇنۋېرىستىتىدا خەۋپتە قالغان تىللارنى خاتىرىلەش،ئارخىپلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغاندا بىلدىم. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرتىلى شۇ يىللىق ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ خاتىرىلىنىدىغان تىللار تىزىمىلىكىگە تاللانغان  بولۇپ مەن تىل مەسلەھەتچىسى بولدۇم. ئەگەر شۇقېتىملىق يىغىندا تەتقىقاتچىلار بۇ تىلىمىزنى خاتىرلەشكە قىزىقمىسا مەن يىغىنغاقاتناشقۇچى بولۇپلا قالاتتىم ۋە يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسمىغا قاتنىشىپئارخىپلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەندە قايتىپ كېتىشىمگە توغرا كېلەتتى. مېنىڭ يېتەكچىئوقۇتقۇچۇم بۇنداق ئىھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىتونۇشتۇرىدىغان بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى تۈرلىرى بويىچە،رەسىملىك ۋە سىنلىق تونۇشتۇردۇق. نەتىجىدە بىزگە ئۈچ تەتقىقاتچى تىزىملاتتى.كېيىنكى شەنبە كۈنى ئۇيغۇرچە مەشرەپ قىلدۇق سانىمىز بەشكە كۆپەيدى. مېھمانلارنىڭكېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ راك مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسىنى قويۇپ قويدۇق،ئۇيغۇرچە تاماقلاريىيىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسمىنى قويۇپ ئۇسسۇل باشلىدۇق.مەشرىپىمىز شۇ كۈنى يىغىن تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان زىياپەت بولۇپ بولۇپقالدى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ سېھرى بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر گروپپىسى تەتقىقاتچىسى ئەڭكۆپ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر ئۇيۇشما بولۇپ چىقتى. ئامېرىكاھۆكۈمىتى ئىختىساد ئاجرىتىپ يۆلەيدىغان ھەر قايسى يەرلىك ئامېرىكا قەبىلىلىرىنىڭتىلىنى ئارخىپلاشتۇرۇشنى تاللىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى بىردىن ئاشمىدى.ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلار بۇنداق تىللارنى تاللىسا قازىنىدىغان ئىقتىسادى نەپنىئۇيغۇرچىنى تاللىغانغا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇلار كېيىنكى تەتقىقاتىداتوپلىغان تىل ماتىرىياللىرىنى قوللىنىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۆلەيدىغان تەتقىقاتخىراجىتىگە ئىلتىماس سۇنالايتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتائاسمىلاتسىيە قىلغان ئىندىيان قەبىلىلىرىنىڭ تىلىنى بۇ تىللار يوقۇلۇشقايۈزلەنگەندە خاتىرلەش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇشقا بۇنچە زور مەبلەغ ئاجرىتىشى كىشىنىئەپسۇسلاندۇرسىمۇ ئاجراتقان خىراجەتنىڭ كۆپلىكى ھەرقانداق تەتقىقاتچىنىڭ كۆزىنىقىزارتماي قالمايتتى. ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپى يەنىلا ئۇيغۇرچىمىزنىتاللىدى. ئۇيغۇرچىمىز ساقلىغان چاخچاقلار، لەتىپىلەر، ناخشىلار، قوشاقلارئۇيغۇرچىنى ئارخىپلاشتۇرغان تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇردى. دەرتمەننىڭ دەردىگە،بىمارنىڭ رەنجىگە، باغرى چاكنىڭ دەزلىرىگە مەلھەم بولىدىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭكارامىتى بىلەن بىر يېرىم ئايلىق تەتقىقات، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش خىزمىتىمنى مەنىلىكۋە نەتىجىلىك تاماملىدىم.
 
ئامېرىكىدا مەشرەپ زىياپەتلەرشاتلىنىش، تونۇشۇش، دوستلۇشۇش، تەبرىكلەش، ئۇزۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىنئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. قىزىمنىڭ يەسلىسىدە ئېنگىلىزچىنى رۇسچىغا تارتىپ سۆزلەيدىغانبىر ئايال كاتىپ بولىدىغان. شۇ ئايال باشقا خىزمەت تېپىپ كەتمەكچى بولغاندا يەسلىبىر زىياپەت ئۇيۇشتۇردى. ھەممە ئاتا-ئانىلار تاماق تەييارلىغاندىن باشقا تۈرلۈكسوۋغاتلارنى تەييارلاپتۇ. سوۋغاتلار ئىچىدە كىشىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلغان ۋە كاتىپنىھاياجانلاندۇرغان سوۋغات كىشىلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن ياساپ بەرگەن ھەدىيەلىرىبولدى. كاتىپ ئايال بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى تىزىملاتقىلى كەلگەندە ئېنگىلىزچىسىتازا ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن بىر ئوماق خاتالىق سادىر قىلغانىكەن. مەزكۇردادا شۇ قىزىقارلىق خاتالىقنى بىر پەشتامىغا تىكىپ سوۋغات تەييارلاپ كېلىپتۇ. بۇنىكۆرۈپ كاتىپنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى بۇلدۇقلاپ كەتتى. مەشرەپتە ھەممە كىشىئېلىپ كەلگەن تاماقلىرىغا ئېغىز تېگىشتى. كاتىپ خانىم رۇسچە ناخشا ئېيتىپ بەردى.يەسلى بالىلىرى ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكەن ناخشىلارنىڭ سۆزىنى كاتىپنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قىزىقارلىققىلىپ ئۆزگەرتىپ كاتىپ قىزغا بولغان مۇھەببىتى ۋە قىيالماسلىق ھىسسىياتلىرىنى ئىزھارقىلىشتى. بۇلارغا قاراپ بىزنىڭ توي، خەتنە توي، زىياپەت قاتارلىقلاردىكىتەبرىكلەش، سوۋغات بېرىش ئۇسۇلىمىز بەكلا ماددىيلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپقالدىم. غەلىبە، خۇشاللىقلارنى تەبرىكلەپ مەشرەپ-سورۇن ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەدشاتلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە بۇنداق سورۇنلارغا تەييارلانغان ھەدىيەلەرمۇ ساھىبخاننىخۇش قىلىدىغان شەكىلدە بولۇشى ئەۋزەل. ئەپسۇسكى ھازىر سوۋغات بېرىشتە قىپ قىزىلپۇل ئايلانماقتا، قىزىق يېرى بۇ پۈتۈنلەي تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش بولۇپ سوۋغىدىنكىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە ئەقىدىسى ھىس قىلىش قىلچە مۇمكىن ئەمەس.ئەسلى خۇشاللىق ئۈچۈن مەشرەپكە يىغىلغان، بىر بىرىنى مىھمانغا چاقىرغانبوۋىلىرىمىز مەشرەپ-سورۇنلاردا سوۋغات بېرىش يوسۇنىنى ئويلاپ تاپقاندا كۆڭۈلنىئەۋزەل بىلگەن بولغىيدى. مانا ئەمدى زامان "ئاق مۈشۈك قارا مۇشۇك، چاشقانتۇتقان ياخشى مۈشۈك" دەپ ھەممە نەرسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان ھالغا كەلگەچكەپۇلنى كۆرمەي كۆڭۈلنى تونۇمايدىغان ھالغا كەلگەن بولساق كېرەك.
 
ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدائىتىقادى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپلىرىگە كۆپرەك داخىل بولدۇم. بۇنداقكىشىلەرنىڭ تونۇيدىغانلىرىمۇ كۆپ بولسا كېرەك ھەر قېتىم بارغىنىمدا يېڭى كىشىلەرنىئۇچرىتاتتىم. بەلكىم ئۇلار ھەر جۈمە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى مەسجىد ياكى چىركاۋغايىغىلغاندا ئەمىر مەرۇپلاردا مېھرىۋانلىق تەكىتلىنىدىغانلىقتىن مەشرەپنىڭ ۋاقتىنى شۇچاغدا يېڭىدىن تونۇشقا كىشىلەر بىلەن بېكىتىپ قويسا كېرەك. ئېنىقكى، دىن ئىنسانلارئارىسىدىكى شەپقەتنى، مۇھەببەتنى، خالىسلىقنى، يارىدەمنى، ھەمكارلىقنىتەكىتلەيدىغان بولغاچقا دىندار كىشىلەرنىڭ ئۆملىشىش پۇرستى ۋە ئارزۇسى دىنسىزكىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردىمۇ ئىتىقادلىق كىشىلەر خوشناخولۇملار ۋە دوست بۇرادەرلەر بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ياشاشنى ئەۋزەل بىلىپكەلگەنگە نەچچە مىڭ يىل بولدى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ بىر رولىمۇ ئىتىقادنىكۈچلەندۈرۈش، قائىدە يۇسۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ ياشاشقا ئۈندەشتىنئىبارەت.
 
ئۇيغۇرلاردىكىمەشرەپخۇمارلىقنىڭ بۈگۈنكى راۋاجى قاتار چايدۇر. بىنورمال ئۈندۈرمىسى ۋە ياكىغەيرى ئۆسمىسى بولسا رىستۇراپەرەسلىكتۇر. تۇرمۇش رېتىمى ۋە تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىئامېرىكىدىن تولىمۇ ئاستا ۋە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدەرېستۇرانپەرەسلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەيران قالارلىق ھادىسە. ئامېرىكىدا ئۇيغۇريۇرتلىرىدىكىدەك ئاياللار بىلەن ئاياللار تانسا ئوينايدىغان، ئەلەر توختىماي ھاراقئىچىدىغان ھەيۋەتلىك رىستۇرانلار يوق. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا بىرمۇئامېرىكىلىقنى رېستۇرانغا تەكلىپ قىلىپ باقمىدىم. بىرمۇ ئامېرىكىلىق مېنىرىستۇرانغا باشلىمدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيىدە بولغان مەشرەپلەرگە كۆپ داخىلبولدۇم، بىر بىرىمىزنى ئۆيگە چاقىرىشىدىغان ئىشلار ئايدا بىر دېگۈدەك داۋام قىلىپتۇردى. يەنە بىر پەرق ئامېرىكىدا مەشرەپلەر ھەرقانچە قىزىغان تەقدىردىمۇ ئىككىسائەتتىن ئاشمايدىكەن. تاماقلارنى ئۆزىمىز كۆتۈرۈپ بارىدىكەنمىز. ئۇيغۇررىستۇرانلىرىدىكى ئىسراپخورلۇق بەلكىم ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن داۋام قىلىۋاتقانئىسراپچىلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ تورمۇشىدىكى تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.
 
خۇشخۇي ئۇيغۇرلار ۋەئامېرىكىلىقلار
 
ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىدىكىخۇشخۇيلۇق ۋە ئۈمىتۋارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تارىخى قىسمەتتىكى ھەرقانداقمىللەتتە كەم تېپىلىدىغان خىسلەتتۇر. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار خېلىزور ئورتاقلىقلارغا ئىگە. خۇددى ئۇيغۇرلار توي تۆكۈن ۋە باشقا سورۇنلارغاچاخچاقچىلارنى ئاتايىن چاقىرغاندەك ئامېركىلىقلارمۇ شۇنداقراق قىلىدىكەن. 2011-يىلى ئوباما بىرسورۇنغا بىر چاخچاقچىنى چاقىرىپ پۈتۈن سورۇندىكىلەرنى بىرمۇنچە كۈلدۈردى. ئوباماغاقارشى مەيدانغا چىققان بىر پىرىزدېنت نامزاتى شۇ سورۇندا چاخچاقلارنىڭ ھىچقايسىسىغا كۈلمەي ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە سورۇندىن قاپاقلىرىنى تۈرگەن پېتى ئايرىلىپئامېركىلىقلارنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. شۇ سورۇندا ئوباما ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغانياكى تۇغۇلمىغانلىقى ھەققىدە گۇماندا قالغانلارغا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان چېغىدىكى سىنغائېلىنغان كۆرۈنۈشنى قويۇپ بەمەكچىلىكىنى ئېلان قىلدى. ھەممە مېھمان ۋەئاخباراتچىلار تەييار تۇرۇشتى. ئىكراندا كۆرۈنگىنى بولسا "شىر پادىشاھ"فىلىمىدىكى سىمبانىڭ يېڭى تۇغۇلغان كۆرۈنىشى بولدى. پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقى ۋەدۇنيا جامائىتىنىڭ ئالدىدىكى بۇ چاخچاق سورۇندىكى كىشىلەرنى ھارغىچە كۈلدۈردى.ئامېرىكىدا بۇنداق يىغىنلاردا ۋە يىغىلىشلاردا چاخچاق قىلىدىغان ئىشلار ھەمىشەبولۇپ تۇرىدىكەن. ئوبامانىڭ پارلامېنتتىمۇ ياكى باشقا بىر يىغىلىشتىمۇ ئەيتاۋۇرقايسىدۇر بىر يىغىندا ئۇيغۇرلارنى يۇمۇرغا قوشقىنى مېنىمۇ بەك كۈلدۈرگەنىدى.
 
ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقچىلىقى بەزىدە سورۇنتاللىمايدىكەن. ئامېرىكىدا ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى تۈرلۈك ئېلان تاختىلىرى،ئاگاھلاندۇرۇش ئىبارىلىرى، نامايىش شۇئارلىرى، تەۋسىىيە جۈملىلىرىمۇ ناھايىتىھەجىۋى يېزىلىدىكەن. بىر كۈنى تېلۋىزوردىن بىر شەھەردىكى ئاممىنىڭ نامايىشقىلىۋاتقان كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ قالدىم. نامايىشچىلارنىڭ لوزۇنكىلىرىغا تۈرلۈكھەجىۋىي رەسىملەر چاپلانغان ئېدى. بىر ھەجىۋىي رەسىمدە شەرقتىكى بىر مۇستەبىتدۆلەتنىڭ رەھبىرى قولىغا يوغان بازغاننى ئېلىۋېلىپ ئۈستىگە "دۆلەتبىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالدى"،"دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە ئاپەتكەلتۈردى" دېگەن خەت يېزىقلىق چاپان كەيدۈرۈلگەن بىر پاشىنى ئۇرۇشقاتەمشىلىۋاتقان  كۆرۈنىشى سىزىلغان ئېدى.بىر كۈنى بىر شەھەردىكى يەنە بىر نامايىشتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا "بىزچاشقان ئەمەس!" دېگەن شۇئارنى كۆتۈرىۋېلىشقانلىقلىرىدىن كۈلۈپ يېتىپ قالدىم.ئەسلى شۇ شەھەر مەمۇرىيىتى ئاۋات بىر يولغا يەر ئاستى ئۆتۈشمە ياسىماقچى ئىكەن.كىشىلەر شەھەرنىڭ بۇ پىلانىغا قاشى چىقىپتۇ. چۈنكى ئۇلار چاشقاندەك يولنىڭئاستىدىن تېشىلگەن كاماردىن مېڭىشنى خالىمايدىكەن. ئامېرىكىدا ئەۋرەز يوللىرىنىڭبەلگىلىك يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇۋاقلارنىڭ ئۈستىگە "بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزىمەندېمەڭ، سىز بېلىق بولمىغاندىكىن" دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ ھەر قېتىم كۆرسەمكۈلۈپ سالاتتىم.
 
ئامېركىلىقلاردىمۇ لەتىپىگە ئوخشايدىغانيۇمۇرلار بار ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك سورۇندا بىۋاستە توقۇلىدىغان چاخچاقلار يوق.تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدىمۇ لەتىپە ژانىرى ئاساسەن مەۋجۇد، ئەمما ئۇيغۇرلاردىكىدەكسورۇننىڭ ئۆزىدىلا توقۇلىدىغان ھازىر جاۋاپ چاخچاقلار ۋە چاخچاقچىلار يوق. ئۇيغۇرچاخچاقلرىدىكى لەقىمىنى كەلتۈرۈش، پاس چىقىرىش، قاتارى بويىچە چاخچاققاقېتىش...قاتارلىقلار يوق. بىر قېتىم ئۆزىگە جۈرئەت دەپ ئىسىم قويىۋالغان بىرئامېرىكىلىق ماڭا خەت يېزىپ تونۇشلۇق بەردى. ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. پاراڭ جەريانىدائۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىنى غۇلجىدا ئۆگەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. سەۋەبىنى سورۇسامبېيجىڭدىكى بىر سورۇندا غۇلجىلىق بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىپ سورۇندىكىچاخچاقلارنى چۈشىنىش، ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە قارار بەرگەنىكەن.
 
ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى خۇشخۇيلۇقئورتاقلىقىنى خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك گەپ ۋە پارڭلاردىنمۇ ھىس قىلىش مۇمكىن.  ئۇيغۇرلاردا "ئۆلۈمدىن باشقىسىتاماششا" دېگەن گەپ بولغىنىدەك، ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىلىقلاردىمۇ "دۇنيانىخۇشخۇي كىشىلەر چۆرگىلىتىدۇ" دېگەن گەپ بار ئىكەن. ئامېرىكىدىكى چېغىمدا ئۈرۈمچىدەئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بىر ئامېرىكىلىق بىلەن تولا خەت ئالاقىدا بولدۇق. بىر كۈنى ئۇ ئۆيۈمگەمېھمان بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىركۆرسەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىنى ئەڭ مۇجەسسەم ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۇيغۇر خەلقماقالىنىڭ قايسىلىقىنى سورۇسام "ئۇلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دەيدۇ. ئۇ بۇماقالدا ئەكىس ئەتكەن ئۈمىدۋارلىق، قورقماسلىق، قەيسەرلىك، تەۋەككۈلچىلىك،مەغرۇرلۇق ۋە مەردانىلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولىدىكەن.
 
"ئۆلۈمدىن باشقىسىتاماششا" دېگەن بۇ ئۇيغۇر ماقالىغا ئەقىدە باغلىغان، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچەئۆگەنگەن بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمى سىكات ئېدى. ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشىپتۇردۇق. بىر خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان ئۇنتۇلماس تەسىراتىنى بايانقىلىپ مۇنداق يېزىپتۇ. "ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ھاياتىمدا كۆپپىشكەللىكلەرگە ئۇچرۇدۇم. بىر مەزگىل سۇغۇرتىلىرىمنى تۆلىيەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆيئىجارىسىىنىمۇ قەرز ئالىدىغان، ئىش ئىزدىگەنلا يەردىن رەت قىلىنىدىغان كۈنگەقالدىم. شۇنداق چاغلاردا دۆڭ كۆۋرۈكتىكى يايمىكەش بوۋاي، مومايلارنىڭ مۇز توڭلاپكەتكەن يولغا يىغىپ كەلسە يۈز يۈئەنگىمۇ يەتمەيدىغان تەئەللۇقاتنى تىزىپ قايسىدۇربىر ناخشىغا غىڭشىپ ئولتۇرغان تۇرىقى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ كېلىدۇ-دە بۆلەكچىلاجانلىنىپ كېتىمەن. مەن ئامېرىكىلىق، پۇلۇم پەقەت قالمىغان بولسىمۇ يەنە بانكىدىنقەرز ئالالايمەن، دۆلەتنىڭ يارىدىمىنى ئىلتىماس قىلالايمەن، دۆلەتنىڭ پاناھخانىسىغاتىزىملىتالايمەن. ئۈرۈمچىدىكى يايمىكەش ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلارچۇ؟ شۇ قەھرىتانسوغۇقتا ئەگەر ئۇلار شۇ كۈنلۈك يىمەكلىكنىڭ پۇلىنى تاپالمىسا، ئاخشاملىق كۆمۈرنىسېتىۋالالمىسا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى كېچىچە توڭلاش، تىترەش بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنېمىشقا چۈشكۈنلەشمەيدۇ، يەنە نېمىشقا ناخشا ئېيتىدۇ. ئۇلاردىكى ھاياتقا بولغانقەيسىرانە تەلپۈنۈش، كۈلپەتلىك رىياللىقىغا بولغان مەنسىتمەسلىك، ئۆلۈمگە بولغانقورقۇمسىز يۈزلىنىش نەدىن كەلگەن؟ ئۈرۈمچىدە مېنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگىنىم ئۇيغۇرتىلىلا ئەمەس ھاياتقا بولغان مەردانە ئىشەنچ، مۇشەققەت ئالدىدىكى مەغۇرۇرپوزىتسىيە، مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى جاھىلانە تەۋەككۈلچىلىك روھىدىن ئىبارەت!"
ۋەتەنگە قايتىشقا بىر قانچەھەپتە قالغان بىر پۇرسەتتە سىكاتنى يوقلاپ ئۆيىگە باردىم. ئۇ مېھمانخانىسىنىڭئىشىكتىن كىرىشتىكى تېمىغا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئۇرۇش مەيدانىدىكى بىر جەڭچىنىڭ قولىدامىلتىق، دۈمبىسىگە راۋابىنى تېڭىپ دۈشمەنگە ئوت ئېچىۋاتقان رەسىمىنى چوڭايتىپئېسىۋاپتۇ. ئۇ رەسىمگە بەك قاراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ "قاراڭ، مانابۇ ئۇيغۇر. ئۇنىڭ يۈدىۋالغان راۋابىنى ئۈمىد، غەلىبە دېسەك، ئۇنىڭ قولىدىكى مىلتىقنىئۆلۈمگە ئوخشىتىمىز. مانا قاراڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە تىكىلگەن كۆزلىرىگە، ئۆلۈمنىقاماللىغان بارماقلىرىغا. بىر قورقۇنچنى بايقىدىڭىزمۇ؟ سىلەر ئۆلۈمنىمەنسىتمەيسىلەر شۇڭا سىلەر ئۇيغۇرلار يا" ئۆلۈم يا كۆرۈم" دېيەليسىلەر، سىلەرنىڭمىزانىڭلاردا ئۆلۈم بىلەن ياشام ئارىسىدا ئۆلۈمتۈك بولۇپ ياشاش يوق. سىلەردە"تار يەردە ئاش يىگۈچە كەڭ يەردە مۇش يە" دېگەن ماقال بار. بۇنىڭدىكىمەنا قۇللۇقتىكى توقلۇقتىن ھۆرلۈكتىلى ئۆلۈمنى ئەلا بىلىشتۈر. سىلەر"ئۆلۈمدىنباشقىسى تاماششا" دەيسىلەر. بۇ ماقالدا ھاياتتىكى ھەر قانداق مۇشكۈلاتنى،پىشكەللىكنى ۋە ئامالسىزلىقنى يىمىرىپ تاشلايدىغان جاسارەت جىلۋە قىلىدۇ. ياخۇشاللىق ئۈچۈن ياشايسىلەر يا شۇ خۇشاللىقنىڭ، ھوزۇرنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ دۈشمەنلىرىگەقارشى تىكىسىلەر. سىلەر يا مۇھەببەتكە چۈمۈلۈپ، گۈزەللىك يارىتىپ ياشايسىلەر، يامۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ كۈشەندىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلىسىلەر." سىكات بىلەنتۈن نىسپىغىچە قەھۋە ئىچكەچ مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاقتۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
 


كەڭ قورساق ئامېرىكىلىقلار ۋەئۇيغۇرلار
 
ئامېرىكىدا بىر ئادەم ئۆزىنى"مەن چەتئەللىك،" دېمىسە ھىچ كىم ئۇنىڭ چىرايىغا ياكى كىيىنىشىگە قاراپئامېرىكىلىق ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ. ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقكۆچمەنلەر 27 مىيۇندىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكىدا ئامېرىكىلىق بولۇشنىڭ چىراي، تىل،ئۆرپ-ئادەت، دىن، كىيىم كېچەك قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىككە كەلگەن مۇتلەق ئۆلچىمىيوق. ئامېرىكىدا ئېنگىلىز تىلىنى ھەرخىل تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان نەچچە ئون مىليۇنكۆچمەن ياكى كۆچمەن ئەۋلادى ياشايدىغان بولغاچقا ئېنگىىلىز تىلىنى راۋان بىلىشبىلمەسلىكنىڭ ئامېرىكىلىق بولۇش بولماسلىق بىلەن ئالاقەسى يوق. بىر تىلنىبىلمەسلىك، بىر پارتىيەگە ئەگەشمەسلىك، بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلماسلىق بىلەنئامېرىكىلىق بولۇش بولماسلىق ھەققىدە تىرناقچىلىك مۇناسىۋەت يوق. ئامېرىكىداچەتئەللىكتىن ئايرىم ھەق، ئامېرىكىلىقتىن ئايرىم ھەق ئالىدىغان، كۆچمەنلەرنىڭبالىلىرى بىر مەكتەپتە يەرلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى يەنە بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىشيوق. خىزمەت ئىزدىگەندە مىللىتىنى، قايسى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى، قايسى دىنغائىشىنىدىغانلىقىنى شەرت قىلىدىغان ئىش يوق. بەزىدە ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆچمەنلەرۋە ئاز سانلىقلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپتىن ۋە باشقا پاراۋانلىقلاردىنبەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قوغۇداپ، تەشەببۇس قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقىنىغا قاراپئامېرىكىلىقلاردىكى كەڭ قۇرساقلىقنىڭ دۇنياغا يېيىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپكېتىمەن.
 

مىجەزدىكى قوبۇلچانلىق،ئوچۇقلۇق، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكىلىقلارئۇيغۇرلارغا شۇنداق ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار مۇشۇ كەڭ قورساقلىقى بىلەن دىيارىمىزغاكۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمان مىللەتلەرگىلا ئەمەس مۇسۇلمان بولمىغان شىبە، داغۇر، مانجۇ،موڭغۇللارغىمۇ يەر بېرىپ، زىددىيەتلەشمەي، ئۇلارنى ئىختىيارى ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلۇقسېپىدىن ئورۇن بەرگەن. شۇڭىمىكىن1930-ۋە  1940-يىللاردىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىداموڭغۇللار، شىبەلەر، تاجىكلار قاتارلىق ئۇيغۇلار بىلەن تىل ئورتاقلىقى بولمىغانمىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە كۆرەش قىلغان. ئەسلى ئەينى چاغدىكى پايدازىياننى ئويلاشقاندا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ كۆرەش قىلىشتىن شىڭشىسەي ۋە گومىنداڭتەرەپتە تۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئېدى.  ئەپسۇسلۇق يېرى شۇكى، دىيارىمىزدىكى غۇلجا،ئارتۇچ، كورلا قاتارلىق ئۇيغۇر كۆپ شەھەرلەرنى  قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ئوبلاستلىرىنىڭ مەركىزىقىلىپ تاللاش دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرنى گەۋدە قىلىپ تەقدىرداش ياشاۋاتقان بۇمىللەتلەرنىڭ  تەبىئىي داۋاملىشىۋاتقانئۆملىكىگە زەخمەت سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق سىياسىي ئامىللار ئۇيغۇرنىڭكەڭقورساقلىقىنى زىدىلىمەكتە، ئەلۋەتتە.
 
مەن ئوقۇغان مەكتەپتەچىركاۋمۇ، مەسجىدمۇ بار. جۈمە كۈنلىرى كەچتە مەكتىپىمىزدىكى مەسجىد ۋە دىنىيگورۇپپىلاردا قۇرئان ئۆگىنىش كۇرسىمۇ، ئىنجىل ئۆگىنىش دەرسلىرىمۇ بار. مەكتىپىمىزنىڭدىن پاكۇلتىتىدا ئىسلام، خىرىستىيان، بۇددىزىم ۋە يەھۇدى دىنلىرى دەرسلىك قىلىپئۆتۈلىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ھەرقانداق چاغدا بۇ دەرسلەرنى ئاڭلىسا بولىدۇ. بۈگۈنىئىسلام دىنىنى تاللاپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئەتىسى خىرىستىيان دىنى دەرسىنىمۇتاللاپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىسلامدىن دەرس بېرىدىغان مۇسۇلمان پروفېسسورلاربىلەن خىرىستىيان دىنىنى تەرغىپ قىلىدىغان پروفېسسورلارنىڭ بىللە قەھۋە ئىچكەچپاراڭلىشىپ كېتىشلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. قايسى يىلى ئامېرىكىدا بىرمەكتەپنىڭ پەلەسەپە فاكۇلتىتى ماركىسىزىم پەلەسەپىسىدىن دەرس بېرىدىغان بىرئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بۇشۇتېۋېتىپتۇ. باشقا بىر فاكۇلتىتتتا ئىشلەيدىغان، دائىممەزكۇر قوغلاندى پروفېسسور بىلەن روبىرۇ كېلىپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ قالىدىغان بىرئوقۇتقۇچى مۇراجەتنامە چىقىرىپ ماركىسىزىمچىنىڭ قوغلىنىشىغا جامائەت پىكرى توپلاپئۇ پروفېسسورنى قايتتۇرۇپ كەپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مەكتەپتە ماركىسىزىمچىپروفېسسورنىڭ بولىشى مەكتەپنى كۆپ خىل ئىددىيەنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ ئىلمىيمۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەن. مەنچە ئامېرىكىلىقلاردىكى كەڭقورساقلىق، قوبۇلچانلىق مۇشۇنداق ئىلىم سورۇنلىرى، تەلىم تەربىيە ئورگانلىرىدامەقسەدلىك يېتىلدۈرىلىدۇ.
 
ئون نەچچە يىللار ئىلگىرىغۇدەيمەن، بىر يىلى كورلىنىڭ خوتۇنسۇمۇلغا بارسام ئۇيغۇرنىڭ مەسجىدى بىلەن موڭغۇلنىڭ(كۈرە)(بۇتخانا) سى بىر يول ئۈستىدە تۇرۇپتۇ. خۇددى ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭئىتىقادىغا تارىختا قانداق ھۆرمەت قىلغان، موڭغۇللار بۇ ھۆرمەتتىن قانچىلىكمىننەتدار بولغان بولسا بۈگۈنمۇ شۇنداقكەن. ھىچ كىم ھىچكىمگە دەخلى قىلماپتۇ.باغراشتەك ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى بىرەر مىڭدىن سەللا ئاشىدىغان ناھىيە بازىرىدا بىرئۇيغۇرچە بىلىدىغان موڭغۇل ئايال بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشتىم. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىموڭغۇل دېمىگەن بولسا ئۇيغۇرمىكىن دەپ قالاركەنمەن. نوپۇس نىسبىتى بويىچە بولغاندائۇ ناھىيىدە خەنسۇچىدىن باشقىسى ئاقمايدۇ. شۇنداقكەن ئۇ موڭغۇل نېمىشقا ئۇيغۇرچەئۆگىنىدۇ؟ ئاڭلىشىمچە ئۇ ئايال كىچىكىدە مەھەللىسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرقوشنىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناش جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋالغانىكەن. ئەگەر شۇئۇيغۇر ئائىلىسى ئۇيغۇرلارغا خاس قوشنىدارچىلىقنىڭ مېھرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەنيەتكۈزمىگەن بولسا شۇ موڭغۇل ئۇيغۇرچە ئۆگىنەرمىدى؟
 
ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېركىلىقلارغائوخشاش كەڭ قورساقلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى بولمىغان بولسا غۇلجىدىكى شىبەلەردىن ئىلىخەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيدىغان ناخشىچىلار چىقمىغان بولاتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى بولمىغان بولسا موڭغۇللاردىن مېڭ چىبىدەك ئۇيغۇلارئۈچۈن قەلەم تەۋرىدىغان قەلەمكەشلەر چىقمىغان بولاتتى. چاپچال ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى تەسىر قىلمىغان بولسا شىبەلەردىن تۆمۈر گۈئەنچىڭفۇدەك ئۇيغۇرچەيازىدىغان يازغۇچىلار مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيانتەقدىرداش بولۇپ بىر توپراقتا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ قەلبىنى ھىچ بىرتەشۋىقاتسىز ئۆزىگە مايىل قىلالىغان. ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوش تىللىق مائارىپنىيولغا قويماي تۇرۇپ قوبۇل قىلدۇرالىغان. ئەڭ تەسىرلىك يېرى ئۇلارنى ھايات ماماتلىقجەڭ مەيدانىدىمۇ زېمىنداش مىللەتلەرنى ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرالايدىغان قىلىپئۆملەشتۈرەلىگەن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىغدۇرشچانلىقى بولمىغان بولسا دۇنيادىكىھەممە ئىرقنىڭ كىشىلىرى تېپىلىدىغان ئامېرىكا بۈگۈن ئىرقىي زىددىيەتنىڭ قاپقىنىغاچۈشۈپ ماجرالار قاينىمىغا غەرق بولغان بولاتتى. كەڭ قورساقلىقنى تەرغىپ قىلىدىغانئامېرىكا مەدەنىيىتى، كەڭ قورساقلىقنى قوغۇدايدىغان ئامېرىكا قانۇنى بولغاچقىلائامېرىكىدا ئوخشىمىغان تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئىرىققا تەۋە مىللەتلەر دەۋادەستۇرسىز بىرلىكتە قوۋناق ياشىماقتا.
 
خۇددى ئۇيغۇلار تارىختىن بېرىئەتراپىدىكى كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچقاندەك بۈگۈنكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ دۇنياكۆچمەنلىرىگە قەلبىدىن ۋە زىمىنىدىن جاي بېرىشى، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىپ ئۆز ئارزۇسى بويىچە سىياسى پائالىيەتلەرنىتەشكىللىشىگە مەدەت بېرىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىن باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭكەڭ قورساقلىقىنىڭ نەتىجىسى. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللاۋاتقان ئامېرىكىدىكى ۋەھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ خىراجىتى ئامېرىكىلىقلارتاپشۇرغان باجدىن كېلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خەلقى بۇنداق يارىدەملەردە بولۇشنى رەتقىلسا ھىچ بىر سىياسىي كۈچنىڭ خەلقنىڭ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىشھوقۇقى يوق. مەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭمەھەللىسىدىكى مېكسىكلىق، گېرىتسىيەلىك، رومۇنىيەلىك كىشىلەر بىلەن كىرىش چىقىشقىلىپ ئۆتۈشلىرىگە قاراپ ئەجداتلاردىكى كەڭ قورساقلىقنىڭ ئامېرىكىدىكى جۇلاسىنىكۆرگەندەك تۇيغۇدا بولدۇم.
 
پاكىزە ئامېرىكىلىقلار ۋەئۇيغۇرلار
 
ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدائۇيغۇر توپراقلىرىدا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ياشىغان، زىيارەتتە بولغان ۋە ئوقۇغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن كۆپ ھال مۇڭبولۇشتۇم. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئامېرىكىلىقىلارنىڭ بىزگە قانداققارايدىغانلىقىنى، نېمىمىزدىن سۆيۈنۈپ نېمىمىزنى قوبۇل قىلالمىغىنىنى بىلگۈمكېلەتتى. ئۇيغۇر توپراقلىرىدا ياشىغان ئامېركىلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھېدىلىكىخەنسۇچىنى ياخشى سۆزلەيتتى. يۇرتىمىزغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشىغانكەچۈرمىشلىرى بار ئېدى. ئۇلار كۆپىنچە ھالدا خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدەسېلىشتۈرۈپ پىكىر بايان قىلىشقا ئامراق ئېدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشاپ باققانئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ سۆيۈنگىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكى ئىكەن. ئۇلار بۇنىئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ ئوخشايدىغان تەرىپى دەپ قارايدىكەن.
 
قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغانبىر ئامېرىكىلىق قىز قەشقەردىكى قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ پاكىزلىقىدىن بەكمۇسۆيۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قەشقەردە كوچىلارغا ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش مەخسۇستازلىقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىمۇ داۋاملىق يالىغاندەك پاكىزە تۇرۇدىغانلىقىغا،كىشىلەرنىڭ ئۆزلىگىدىن كوچىلارنى سۈپۈرۈپ چىنىدەك قىلىۋېتىشلىرىگە بەكمۇزوقلىنىدىكەن. ئۇنىڭچە تازىلىقنى، پاكىزلىكنى ئۆرپ ئادەتكە ئايلاندۇرغانئۇيغۇرلاردەك مىللەت ئاز تېپىلىدىكەن. ئامېرىكىدا بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن،چۈنكى كوچا تازىلىقى، كوچىلاردىكى ھاجەتخانىلار، ئەۋرەز يوللىرى قاتارلىقلارجامائەتكە ئورتاق بولغاچقا بۇنىڭغا دۆلەت مەبلەغ سېلىشى، ئىگە بولۇپ تازىلىتىشى،ياسىشى ۋە رېمۇنت قىلدۇرىشى كېرەك ئىكەن.
مەنمۇ ئامېرىكىغا چىققاندىنكېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پاكىزلىكنى، تازىلىقنى كۈندىلىك ئادەتكەئايلاندۇرغانلىمىزغا قول قويدۇم ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلەندىم. راست دېگەندەك ئامېرىكىداتۇرغان چاغلىرىمىزدا پەقەت ئايالىملا ئىشىك ئالدىمىزنى پاكىز سۈپۈرۈپ تۇراتتى. مەنئايالىمدىن باشقا ھىچ بىر خوشنىمىزنىڭ مەھەللىمىزنى، ئىشىك ئالدىنى تازىلىغىنىنىكۆرۈپ باقمىغانىدىم. قىشلىرى قار ياغقان چاغلاردا مەن قەشقەردە كۆنگەن ئادىتىمبويىچە كوچىمىزدىكى قارنى كۈرەكلەپ قوشنىلار ئۈچۈن يول ئېچىپ قوياتتىم، ھەر قېتىمقار ياغسا مەندىن باشقا ھىچ كىمنىڭ مۇنداق پىدايىلىق قىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەنبۇنى بىر ياخشىلىق قىلاي دەپ مەقسەدلىك ئەمەس، بىز كىچىكىمىزدىن شۇنداق قىلىپئادەتلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا شۇنداق قىلاتتىم. مەھەللىمىزدە تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭبارلىقى، بىز قىلمىساقمۇ ھامان شۇلارنىڭ كېلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنىبىلىمىز، ئەمما بىز "ئەتىگەندە زېمىننىڭ يۈزىنى ئاچسا ساۋاپ بولىدۇ"دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغان ئۇيغۇر بولغانلىمىز ئۈچۈن تەبىئىيلا شۇنداق قىلاتتۇق.مەن مەھەللىمىزدىكى قارنى بىرەر قۇر كۈرەكلەپ يول ئېچىۋېتىپ مەكتەپكە كېتىپ كەچلىرىدەرستىن يانسام مەھەللىمىزدىكى قارلار كىملەر تەرىپىدىندۇر توشۇپ كېتىلگەنبولاتتى. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى قار ۋاقتىدا تازىلانمىغانلىقى سەۋەبلىككىشىلەرنىڭ ماشىنىسى جايىغا توڭلاپ قالدى. مەن ماشىنىسى توڭلاپ قالغىچەساقلىغاننىڭ ئورنىغا قارنى قول قول تازىلىمىغان ئامېرىكىلىقلاردىن ھەيران قالدىم. ئاخىرىقارمۇ تازىلاندى، لېكىن تازىلاش ۋاقتىدا بولمىغاچقا بۇ ئىش مەھەللىمىزنىڭ گېزىتىدەسۈرەتلىك ئېلان قىلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. گېزىتنىڭ كېيىنكى سانىغامۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۆزرەنامىسى ئېلان قىلىندى. مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇم سەۋەبلىكقىلىۋاتقان خالىسانە ئىشلىرىم قوشنىلىرىمىزغا ئالاھىدە بىلىنىپ كەتتىمۇ بىر يىللىقسايلامدا مېنى مەھەللە ھەيئىتى سايلىمىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىشتى. سايلامغاقاتنىشىپ بىلدىمكى، ئادەتتە بىزنىڭ تازىلىق قىلىشلىرىمىزغا ھىچ كىم دىققەتقىلمىغاندەك قىلغان بىلەن ھەممىسى خەۋەردار ئىكەن. مەن مەھەللە ھەيئىتى بولۇپسايلاندىم، كوچىمىزنىڭ گېزىتىگە ئايالىم بالام ئۈچىمىزنىڭ رەسمى بېسىلدى. ئۇيغۇرغاخاس پاكىزلىق ئەنئەنىمىزنىڭ بىزنى يات ئەلدە ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا شەرەپكەمۇيەسسەر قىلغىنىدىن بەك سۆيۈندۇق.
 
ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەنئامېركىلىقلارنى ھەۋەسلەندۈرگەن ئۇيغۇرلاردىكى پاكىزلىقنىڭ جۇدى خانىمنىڭ كۆزىگەكۆرۈنگەن تەرىپى ئۆزگىچە. جۇدى خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل تازىلىقئەنەئەنىسى ئۇلاردا تازىلىق بويۇملىرىنى رولىغا ۋە ئورنىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈپئىشلىتىش ئادىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار قاچا يۇغان دەستمالدا تۇۋاقۋە تاماق شىرەلىرى سۈرتۈلمەيدىكەن.غۇلجىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن مەكىس ئۇيغۇر ساتىراچلارنىڭ خېرىدارنىڭ چېچىنى سۈرتكەنلۆڭگىدە يۈزىنى سۈرتمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. شۇندىن بۇيانئۇيغۇرزېمىنلىرىنىڭ نەرىگە بارسۇن پۇرستە بولسىلا ئۇيغۇر ساتىراچلىرىغا چاچياسىتىشنى ئۇنۇتمايدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مەن تونۇيدىغانئامېرىكلىلىقلارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىققا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاشپەزلىرىنىڭ ئىشەنچلىكئىكەنلىكىگە قول قويىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى قول يۇيۇشقامەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىنقول يۇيۇش ئادىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىمەكىك تازىلىقىھەققىدىكى ھەر قانداق شۈبھىلىرىنى تۈگىتىۋېتەلەيدىكەن.
 
ئامېرىكىلىقلارمۇ پاكىزلىككەئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بەكمۇ سەزگۈر. ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىكىنىڭ ياراپ كېتىشىئۆزلىرىدىكى تازىلىققا بولغان يۈكسەك ئىتىباردىن كەلگەن. ئەگەر ئامېرىكىلىقلارداپاكىزلىك ئادىتى بولمىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا مىللەتلەرگە قارىغانداپاكىزلىككە بەكرەك ئىشتىياق باغلىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان بولاتتى. مەنئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا مېھمانخانىسى سەل قالايمىقان، ئۆيلىرى سەل رەتسىزئامېرىكلىقلارنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۆيلىرى مەينەت كىشىلەرنى كۆرمۈدۈم. مەن بارغانئامېرىكلىقلارنىڭ ئاشخانىسى بىلەن ھاجەتخانىسى ھەر دائىم چىنىدەك پاكىز بولۇپئادەمنىڭ قاراپ ئولتۇرغىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇلار باشقا ئۆيلەرنىڭ قالايمىقانراقبولۇشنى قوبۇل قىلالىغان بىلەن ھاجەتخانا ۋە مۇنچىسىنىڭ مەينەت ياكى قالايمىقانبولۇشى كۆزىگە سىغمىسا كېرەك. مەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ پۇچقىقىدىكىئاممىۋىي ھاجەتخانىنى يۇرتىمىزدىكى بەش يۇلتۇزلۇق ھەرقانداق بىر مېھانخانىنىڭھوجرىسىدىن پاكىز كۆردۈم. ئامېرىكىدا ئاممىۋىي ھاجەتخانىلار كۆپ ۋە ھەقسىز بولۇپقەغەز، سوپۇن، قول سۈرتىدىغان قەغەز لۆڭگە، قول قۇرۇتۇش ئۈسكىنىسى دېگەنلەرچۆللەردىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ھاجەتخانىلىرىدىمۇ ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەن.ئامېرىكىدىكى ھاجەتخانىنىڭ پاكىزلىكىدىن ھەر قېتىم رازىمەنلىك ھىسلىرىغاچۈمۈلگىنىمدە كىمدۇر بىرىنىڭ "بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئاممىۋىيھاجەتخانىنىڭ تازىلىقىغا قاراپ ئۆلچەش كېرەك" دېگىنى پات- پات ئېسىمگە كېلىپقالىدۇ.
 
كارۋاننىڭ نەسلى بولغانئۇيغۇرلار بىلەن كىمىچىنىڭ پۇشتى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەرقى ۋە ئورتاقلىقىھەققىدە يېزىلىشى كېرەك بولغان مەزمۇنلار ناھايىتى جىق ئېدى. يازسام پەقەت يېزىپبولالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغاچقا قەلەمنى توختاتتىم. مەيلى كارۋان ئۇيغۇربولسۇن ياكى كىمىچى ئامېرىكىلىق بولسۇن ھاياتنىڭ بىر سەپەر ئىكەنلىكىگەئىشىنىشىدۇ. ئامېرىكلىلىقلارنىڭ بۇ سەپەرنى زادى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى يۇقاردايازدىم. ئېنىقكى يازغانلىرىم تولۇق ئەمەس،چۈنكى مەنمۇ پۈتۈنلەي بىلىپ بولالمىدىم. ئەمما ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ سەپەردە پەقەتۋاقىتلىق قونالغۇلارلا بولىدۇ، مەڭگۈلۈك تۇرالغا بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تەسەۋۋۇرىداباشقىلارمۇ ئۇيغۇرغا ئوخشاش يولۇچى بولۇپ ئۇلاردا ئىگىلىۋېلىشقا، تارتىۋېلىشقا،بۇلىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك ھىچ نېمە بولمايدۇ.  ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە پەقەت سەپەر جەريانىدىكىبارنى تەڭ كۆرۈش، يوققا بىرلىكتە قانائەت قىلىشلا ئىنساننى سەپەردىكى مەمنۇنىيەتكەئېرىشتۈرىدۇ. ئۇيغۇردا "ئادەم ئادەمگە مېھمان، جان تەنگە مېمان" دېگەنماقال بار. بۇنىڭدا بىر كارۋان مىللەتنىڭ ئىنسانىي مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇجەسسەملەنگەن. ماقالدا ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى جان بىلەن تەننىڭمۇناسىۋىتىگە ئوخشتۇتۇلغان. دانا بوۋىلىرىمىز توغرا ئېيتقان، ھاياتلىق سەپىرىدەبىز يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلار بىلەن بىر يولدىكى يولۇچى بولۇش سۈپىتىمىزبىلەن بىر بىرىمىز ئۈچۈن تەنمىز، جانمىز ئەمما ئۇيغۇردىن باشقا يەنە كىملەر بۇھىكمەتكە ئىشىنىدۇ؟ ئامېرىكىلىقلارمۇ؟مەنچە ياق.  بەلكىم  ئامېرىكىلىقلار ئىچىدىمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلارباردۇر، ئىھتىمال مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا بۇنى بىلىشكە قادىر بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن.
 

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6803
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 463 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2013-01-27
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-17 19:23:04
بۇ تىمىنى ھەم گۈلەننى كەڭسايدا كۆرۈپ خوش بولدۇم... ، بۇ تىمىنىڭ نادىرلىنىشىنى ئۈمد قىلدىم ...گۈلەننىڭ ھەر تىمىسىنى ئوقۇسام ھەر خىل تۇيغۇدا بولىمەن ، بۈگۈنكى تىمىسىنى ئوقۇپ ئىزىلدىم ....
[ بۇ يازمىنىdarya 2012-10-17 22:31قايتا تەھرىرلىدى ]

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1855
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1855دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 20089 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-17 19:30:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مىھماندوسلۇق ئەنئەنىمىز ئاستىغا كىرىۋالغان ئىسراپخورلۇق ، باتخورلۇق ، سىز دىگەندەك «نىمە دەپ قالار » دىگەندەك خەقنىڭ كوزىدە ياشاش ،، دەل بىزنىڭ گۇزەل ئەنئەنىلىرىمىزگە ئارلىشىپ قالغان ۋە ئۇنى بىرخىل كورسۇتۇپ قويىۋاتقان ئامىل ،،
[ بۇ يازمىنىfatih204 2012-10-18 10:13قايتا تەھرىرلىد ]

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10209
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-08
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-17 20:52:35



 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2553 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2013-01-30
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-18 15:45:53
ماڭا ئامىركىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى سىلىشتۇرۇشتىن مەزمۇن چىقىرىش مومكىن بولمايدىغان ئشتەكلا بىلىنەتتى ،بىر شۇ ئامىركا ئەرلىرى بىلەن بىزئۇيغۇر ئەرلىرىدىكى  ساقال بورۇتلۇق بولىشىمىز ۋە مەيدىمىزنىڭ تۇكلىرى ئوخشاپ قىلىشىدىن باشقا ھچقانداق ئورتاقلىقى يوقتەكلا ئويلايتتىم ، تالانىتلىقلا يەنە باشقىچە بولىدىكەن يازىمەن دىسىلا نادىر تىما يازالايدىكەن..

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1728
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1728دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 22386 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2013-01-13
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-18 20:08:10
كەڭساي مۇنبىرىدە خىلى داڭلىق كشىلىرمىز بار جۇمۇ ،،بۇ بىز كەڭساي مۇنبىرىدىكى قىرى -چۇرىلەرنىڭ بەختى ۋە پەخرى ،،،     

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 942
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-08-11
ئاخىرقى: 2013-01-28
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-11-05 22:53:35
گۈلەن ئەپەندى يازمىلىرى، نىمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئشتىھاسىغا ياقىدۇ؟

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 12777
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 193
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە193دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1970 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-09-26
ئاخىرقى: 2013-01-31
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-11-07 18:33:23
ماۋۇ تېمىنى چوققىلاپ قويايچۇ

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13148
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 72 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2012-12-01
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-11-21 16:25:56
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ!! بارىكاللا!!!  نورغۇن نەرسىلەرنى تونۇپ يەتتىم.... كۈندە كۆرۈپ تۇرغان نەرسىلەرگە باشقىچە بىر نوقتىدىن قارىغاندا يەنە كۆپ نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ يەتكىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ.....
بولۇپمۇ ھەمكارلىق ۋە كوللىكتىۋىزىملىق ھەققىدىكى بايانلار  ماڭا بەك تەسىر قىلدى.
يېڭى بىر نوقتا ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت....
قوللىرىڭىز تالمىسۇن، ئاللاھ زېھنىڭىزنى تېخمۇ ئوچۇق، تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.
 

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 13307
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 520 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2012-12-04
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-02 14:19:51
ئەزالار مەركىزىدە يىڭى مىدال ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ
ئىلتىماس قىلىش بىلدىم ...........

ماۋۇ گەپنى بىر يۇقۇتۇڭلار بەك ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى .

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى