2012 -يىلى 7 -ئاينىڭ 25 -كۈنى ، ' ئىلىخۇ ' رايۇنىدا قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ ، ئىسسىقلىق تېمپىراتۇرىسى 55 سېلسىيە گىرادۇستىن ' ئاشتى' ،پۈتۈن ئەل ' ساراسىم ' گە چۈشۈپ ، 'ئۇزاق ' ' زامان ' لاردىن بېرى ئېرىمىگەن كەڭساي چوققۇلىرىدىكى قار -مۇزلار ئاللىقاچان ئېرىپ تۈگىدى ، ' قار لەيلىسى ' ' قار گۈللىرى ' شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى ، ' يوپۇرماق' لار سارغىيىپ ' گۈل ' لەر توزىدى ، 'بىناۋا ' بۇلبۇل' لار توزۇپ كەتتى ،......دەل مۇشۇ ' پۇرسەت ' نى كۈتۈپ تۇرغان ئوت ' قۇيرۇق ' ' دۈشمەن 'لىك قىلىپ ' دىيارىم ' كەڭسايغا ساياھەت ' كە كەلگەن ' پۇرسەت ' تىن پايدىلىنىپ ، ئوتنى قويۇپلا مۆكۈۋالدى ، بىردەمدىلا كەڭساي ئىچى ئوت ' دېڭىزى ' غا ئايلاندى ،.'.گۈل ' ' گىيا ' ' غۇنچە ' ' يوپۇرماق ' لار تاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى ، بۇ ' خەۋەر ' نى ئاڭلىغان كەڭساي ' جامائىتى ' تۇشمۇ -تۇشتىن كېلىشكە باشلىدى ، كەڭساي ئىچى ' ئادەم ' گە لىق تولدى ........ ' ئادەم ' كۆپ 'چېچىلاڭغۇ ' ئدى ،دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش ' پىلانى ' تۈزۈلمىسە ئوت ئۆچۈرۈش ئۇ ياقتا ' تۇرسۇن' ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرەتتى ، .......قانداق قىلىش كېرەك ؟ ، دەرھال بىر كەڭساي ئوت ئۆچۇرۇش ' قوماندان ' لىق ئىشتابى قۇرۇش كېرەك ،..... كۆپچىلىكنىڭ ھە -ھۇ دىيىشى بىلەن ' را س ' دىگەندەك ، بىر قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلدى ، باش ' قوماندان ' يەنىلا ' كەڭساي ' 'ئەپەندى ' بولسىمۇ مەمۇرى ھوقۇقنق ' ئەل باش ' قا بەردى ، ' ئەل باش ' خېلى ' پىشقەدەم ' بولغاشقا قايدىلىك سۆزلەپ ئەلنى' قايىل قىلدى ، ئۇنۇڭ ياردەمچىلىگىگە پاتىخ ، تاھىربەگ ، سامان يولىلارنى سەپلەپ بەردى ، سامان يولى بەكمۇ ' چېچەن ' ، قۇ ، بولغاشقا ' ئەل بېشىغا ' زادى ' قۇيرۇق ' تۇتقۇزمايۋاتاتتى ،........شۇنچە كۆپ ' ئادەم ' گە ' مۇقىم ' لىق بولمۇسا بولمايتتى ، مۇقىملىق يوق يەردە ' ئىناق ' لىق يوق ، ئىناقلىق يوق يەردە ' بەركەت ' يوق ، قوماندانلىق ئىشتاۋى دەرھال ' مۇزاكىرە ' قىلىپ تەجرىبىسى مول ، گەپ -سۆزگە ' ئۇستا ' ' باتۇر ' ' ئەزىمەت ' ' گېنىرال' بىلەن ' جەڭچىنى ' مەسئۇل قىلدى ، ئىككەيلەن ۋەزىپىسىنى ' قەسەم ' بېرىپ ئۆتكۈزۈۋالدى ، يەڭلىرىگە ' قىزىل' تاقاپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتى ، گېنىرالمۇ قايدىلىك سۆزلەپ خەلىقنى قايىل قىلسا ،جەڭچىمۇ قىسقا -قىسقا ' ئۆتكۈر ' ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدىغان سۆزلىرى بىلەن ' ئادەم ' نىڭ جېنىنى ئېلىۋاتاتتى ،....
ئوت بارغانسېرى كۈچۈيۈپ كۆيۈشكە باشلىدى ، ' غەرپ ' ' شەرىق' تىن چىققان ' شامال ' 'ئۇچقۇن ' نى ' يانغىن ' قىلىپ ئوتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى ، كەڭسايدىكى ' توقاي ' لار ،' پولات ' تەك ' قارغاي ' لار ،' ئارچا ' ، شەمشات ' ' يۇلغۇن ' ' توغراق ' لار خەۋىپ ئاستىدا قالغان ئىدى ،' چىمەن ' لەر دەسسىلىپ كېتىۋاتاتتى ، ' بىناۋا ' ' بۇلبۇل ' لارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى ،كۆپچىلىك ' پاراكەندە ' بولۇشماقتا ئىدى ، ' نارات ' تەك گۈزەل كەڭساي ' مەنزىرىسى ' يوقاپ ،' بۆرى ' لەر ،' يولۋاس ' لار ' ئارىسلان ' لار ئۈركۈپ كەتكەن ئىدى ،....
كۆپچىلىك ' غەيرەت ' كە كېلىپ ئو ئۆچۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى ، باش قوماندان 'كەڭساي ' ئەپەندى ' ' ئەستەغپىرۇللا ' دەپ قوياتتى ، شۇ يەردىكى ' مۇساپىر ' ، ' مۇھاجىرلار ' ' سەۋرە قىل ' دەپ ' نەسىھەت ' قىلىۋاتاتتى ، ئوت قويۇق ئۆسكەن توغراق تەرەپكە تۇتىشاي دەپ قالغان ئىدى ، ' توغراق ' ئەپەندىمۇ ' خەپ ' دەپ قويۇپ كىشىلەرنى ئاغزىغا قارىتىپ بىر ' ھىكمەت ' لەرنى سۆزلەۋاتاتتى ...._ '' گومىنداڭدىن تارتىپ ،ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تىكىن ، مەمتىمىن بۇغرا ، مەسئۇت سابىرى ، لارنى تەپسىلى سۆزلەپ ئاخىرى تۈركىيەدەن كۆڭلى قالغانلىغىنى دەپ كىملەرنىدۇ زېرىكتۈرمەيۋاتاتتى ،.....ئابلەتخانمۇ سايبالا ،ئۇيگارلارنى يېنىغا تارتىۋىلىپ ، '' كەڭساينىڭ دۈشمىنى كىم '' ،'' پەزىلەتلىك كەڭساي ئاھالىسى بولايلى '' دەپ ' نەسىھەت ' قىلىۋاتاتتى ، ئوت بارغانچە كۈچۈيۋاتىدۇ ، ' تاقابىل ' تۇرۇش تەس ، ' دەريا ' ' دېڭىز ' سۈيى يىراق ، سايرام ' سۈيى قولايسىز ئىدى ...ئاللا بىر ' يامغۇر ' يېغىۋەتسىچۇ ،دىيىشەتتى ' جامائەت ' ....
' ياۋۇز ' ئوت چاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى ،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنۇڭ بىر ' مانىۋىر بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى ...... يىراقتىن بىر توپ ' سالاپەت ' لىك 'موللىلار ' ئۇزۇن پەرىجىلىرىنى كىيىپ ئاللاغا ' تەسبىھ ' ئېيتىپ ، كەينىدىن ياشلار ' مۇناجات ' ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى ، ئاق مەسچىت ، كۆك مەسچىت ، ئاخسا مەسچىتنىڭ ئىمام -مەزىنلىرىدىن ئوسمانلى قاراجىم ، پارىس داموللا ،ئابدۇراخمان خاتىپ ،بىگان مەزىنلەر ،ۋە دىنى زاتلاردىن نەۋرۇز ، تاھىربەگ ، لۇتفى لەر ، تالىپلاردىن بىخ ، ئەلى ، تاش ، ۋارىس لار ئاللاغا ' نىدا ' قىلىپ 'مۇناجات' ئېيتىپ كېلىۋاتاتتى ،
ئۈمۈدۈم شۇ ئىماندا ،كەتسەم ئۈشبۇ زىمىندىن .....
ئۇلۇق رەببىم : ئىماننى ئايرىۋاتمە يېنىمدىن ......
بۇ مۇناجاتنى ئاڭلاپ كەڭساي ' بۇرادەر ' لەرگە قايتا ' ئۈمۈت ' ' بىخ ' سۈردى ، بۇ موللاملار جامائىتىدە ياش قىزلارمۇ بار ئىدى ،..... '' _ ئوت كۈشلۈك سىلەر نېرى تۇرۇڭلار '' دىگەنگە ئۇنىمايتتى '،ئارقا سەپ ' تە تۇرۇشنى تېخىمۇ خالىمايتتى ، .....''_ ئوت بەك كۈشلۈك ' چىرايلىق ' تېرەڭلەر كۆيۈپ قاپ -قارا بولىدۇ '' دىگەندە ئاندىن بەزىلەر چېكىندى ، بەزىلەر يەنىلا جاھىل ' لىق بىلەن قېلىپ قالدى .....
' چۇش' بولاي دىدى ، كۆپچىلىكنىڭ قورسىغى ئاشتى ، ئارقا سەپ خوجۇلۇققا مەسئۇل قىلىپ قويغان ' تۇرمۇش ' ' قاسساپ' قا ئىشنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى سايدىن ئىككى باغ چىغ ئورۇۋالاي دەپ چۈشۇپ كەتتى ، 'ئاپتاپ ' تا '' ئايغا چاپسانراق چىقسام بولاتتى '' دەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان غەيرەت ،' يۇۋاش ' سېرىك ' نىڭ كەلگەنلىگىنىمۇ تۇيماي قالدى ......
' قاپچىغاي ' دەك تار جىلغىدىن بىر -توپ ئالا -يېشىل كىيگەن قىزلار چۇقۇرۇشۇپ كېلىۋاتاتتى ، كەڭسايدىكى بارلىق ئەرلەر قوللىردىكى ئوت ئۆچۈرگۈشلىرىنى تاشلاپ ، ئىس ' تۇمان ' ئىچىدە ' ساددا ' قىزلارغا قاراپ ، ئوتنىڭ پۇتلىرىغا تۇتاشقانلىغىنى سەزمەي قېلىشتى ،موللاملار قىزلارنى كۆرۈپ ' نامەھرەم ' دەپ يۈزلىرىنى ئېپ قاشتى ........سەپنىڭ بېشىدىلا چىرايلىق شەھلا ' كۆز' لىرى ياش ، ' ئازاپ ' بىلەن ياندىكى ' قاش تېشى' دەك قىزلارغا بىرنىمىلەرنى دەۋاتاتتى .......
قاتار -قاتار قارغايلارنى كۆر ،
ئىلىلىقلار قىرقىپ تۇرامدۇ ؟
تەگلىگىگە چىملارنى بېسىپ .....
ئەتكەن چايدا پەرۋىش قىلامدۇ ؟ ....
بۇ ' ئېسىل ' ' قوشاق ' لارنى ئاڭلاپ دىلارە ، رەيھان ،ساجىدەشەرىپە ، رابىيەلەر يىغلاپ كەتتى ،لەتىفە ئۈنچە ،چىچەك دىلناز ،سەنەمجانلار قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى ،' مىسكىن ' ' چىراي ' دۇلبەرچىن ،مىلىكە ، ئاق گۈل مۇسلىمەلەر ' سەۋرە ' قىلىپ تۇراتتى ،ئاچچىغى يامان لادى -ئۇيگۇر خانىم ' يۇۋاش ' ئۆزنۇر ،' تەمكىن' مەرىپەت ' نەزىلەلەر كېلەلمەي تىلىگىراما ئەۋاتتى ............
قوماندان باشتىن ئاخىر ' ئەل باشنى ' كانۋىي ' قىلىۋىلىپ 'خىزمەت ' لەرنى كۆزدىن ۆەچۈرىۋاتاتتى ،'ئەل باشمۇ '' قىززىق -قىززىق گەپلەرنى قىلىپ كەڭساي باش قومانداننى كۈلدۈرۈپ تۇراتتى ، ئوت ئۆچەي دىمەيدۇ ،' يانغىن' بارغانچە كۈچۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ ، .....يىراقتىن 'زورۇ ' ئات چاپتۇرۇپ ' بوران ' دەك كېلىۋاتاتتى دۇمبىسىدە ' ئوقيا ' ، قولىدا ' قىلىچ ' ، يېنىدا ' شەمشەر ' ، چىرايى 'دۇچۇ ' دەك ' سۈرلۈك ' ئىدى ئاتتىن چۈشمەي ' ئەل باشقا ' 'سالام ' قىلدى- دە _ '' مۇختەر باينىڭ جاڭزىسىغا ئوت تۇتاشتى '' _دىدى ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ياش يىگىتلەر ، مۇرسالات ،ئۆركەش ، تۇركىزات لار ' پارىس ' ' يولۋىسى ' دەك ئېتىلىپ مېڭىشتى ،....تۇيغۇن تۇغرۇللار ئەگەشتى ......
ئوت كۈشلۈك ، ' مىسكىن ' 'كەڭساي ' ' يۇرت ' تى ئىڭرىماقتا ......ئوت بارغانچە كۈچۈيۈپ 'مۇختەر باي ' نىڭ قورۇغىغا يېقىنلاشماقتا ، ' ئەردۇغان' دەك ' چېچەن ' قوماندان ئالدى بىلەن كەڭسايدىكى بارلىق ' كۆرۈك 'لەرنى قوغداشنى ' بۇيرۇق ' قىلدى ، قىزىل كۆرۈك ،كۆك كۆرۈك ، لەرنى قوغداشقا ' كۆرۈك ' ئەپەندىنى مەسئۇل قىلاي دەپ چاقىرۋىدى ، بىر ' ساي ' دىن _'' ياشاپ كەت قاشقالىقلار '' خۇشە _ دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى ، قوماندان ئاچچىغى يامان ' شەھرۇھنى ئېپ كېلىشكە بۇيرۇدى ، بىر دەمدىن كېيىن '' پىشقەدەپ كۆرۈك ئەپەندىمۇ '' دەلدەڭشىپ يېتىپ كەلدى ،قومانداندىن قىلچە تەپ تارتىدىغاندەك ئەمەس بەلكى مۇشۇنداق ' قاش ' بىلەن كىرپىك ئارلىغىدا ' چاخچاق' قىلىۋاتىدۇ دىسە .......
ئوڭ قولۇمدا شەرىئەت ،سول قولۇمدا مەرىپەت ،
يۈرۈگۈمدە ئەقىدە ، كۆزلۈرۈم' دە مۇھاببەت .......
_ ياشا قاشقالىقلار ، ئوينا ' تارانچى 'لار ، كەڭسايغا چوقۇم ' يۇرت' ۋاز قاشقالىقلار ئوت كويدى ...ۋەيت ........
چار-چاپ كەتكەن كەڭسايدىكى ' قەلپداش' لار كۈلۈپ -دومۇلاپ ، كېتىشتى ،كۆپچىلىكنىڭ 'ھاردۇغى' سەل چىققاندەك بولدى ، مۇشۇ ' پۇرسەت' نى كۈتۈپ تۇرغان ' رەسسام' مۇ ' شاۋقۇن' نى رەسىم تارتىشقا ئالدىراتتى ، شاۋقۇنمۇ ھەرخىل - ھەر ياڭزا رەسىم تارتىپ بۇ قاباھەتلىك ۋەقەنى خوشاللىققا ئايلاندۇردى ،،،
ھەر جايدا بار نادانلار دىگەندەك ، بەزى بىر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغانلارمۇ بار ئىدى ،بەزىلىرى يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ كەڭسايلىقلارنىڭ كۆڭلىگە' ئازار ' بېرىۋاتاتتى ، 'بەرداشلىق ' بېرەلمىگەن '' اچچىق '' '' بالتاش '' '' خامىلۇن'' لار ئىككىنچى كەڭسايغا دەسسىمەيمىز دەپ 'يامان' لاپ كەتتى ، بىر تۇركۈم يا ئەر ئەمەس يا ئايال ئەمەس ' ئىنسان ' لارمۇ بىر ' ساي ' غا چۈشۈۋىلىپ ، ' ئەخلاق 'تىن چىقىپ ، بىر -بىرسىنى قۇچاغلاپ ،سۆيۈشۇپ ئويناۋاتاتتى .....
ئوت يەنىلا ئۇلغۇيۇپ كۆيۈۋاتىدۇ ..... كەڭساي قوماندانلىق ئىشتاۋىمۇ سەل ھالسىراپ قالدى ، بەزىدە تېخى خوشنا يۇرت' _ باغداش '' '' ئۇلىنىش '' لاردىنمۇ ياردەملەر كېلىپ تۇراتتى ،..........مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىلىق ' مەسلەك ' ' كەمتەرلىك ' بىلەن 'مەسلەت ' بەردى ،دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، قاسىم ، گۈلەن ،خاۋ چۈن ' ئەپەندىلەر ' ئەزا بولۇپ قاتناشتى ، گۈلەن ،خاۋچۈن ئەپەندىلەر ئارلىقنى يىراق كۆرۈپ كېلەلمىسىمۇ 'ياخشى ' ' مەسلەت 'لەرنى بەردى ، ...قاسىم ئەپەندىمۇ يېرىم مىڭىسىنى '' قەشقەر لېرىكىسى '' غا ئاتاپ قويۇپ ، يېرىم مىڭىسىدا فىزىكىلىق فورمۇلالارغا سېلىپ ،پېقىرىغۇش قانۇنى ، قارا ئۆڭكۈر قانۇنى لارنى تەجرىبە قىلىپ قانداق قىلغاندا كەڭساينى چىقىم ئاز كېتىدىغان ، ئوت تېز ئۆچۈدۈغان ھالاتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ' كارۋان ' ' دىيانەت ' لەرنى ياردەمچى قىلىپ جىددى ئىشلىمەكتە ئىدى .........
بىر -نەچچە كۈن ' كەسكىن ' ' جاپا ' لىق ' ' جەڭ ' قىلىش؛ 'تىرىشىپ ' ئوت ئاخىرى ئۆچۈرۈۋىلىندى ،كەڭسايغا ئوت قويغان باش جىنايەتچى ' تىرىك ' قولغا چۈشتى ،بۇ قېتىمقى ئاپەتتە كەڭساي جامائىتىدىن ' ياۋۇز ' ئوت ئاپىتىدە ' قەيسەر ' ' ياش ئۇيغۇر ' لاردىن 2 ئادەم قازا قىلدى ، 'باھادىر ' لار 'مېيىت ' لارنى چىرايلىق ' تاۋۇت ' لارغا سېلىپ بوزقىر ' بىلەن مېڭىپ ' تامچە -بۇلاق ' بېشىغا قويدى ،مۇھىسنە ئارزۇيۇم ،نازلى نەزىرە قاتارلىق ' ئۇيغۇر قىز' لىرى ياش تۆكتى ، زۇلەيخا '' ئاھ بۇلار كىملەر '' دەپ ' قاققان قوزۇقتەك '' تۇرۇپ قالدى ....چوڭلار ' سەئادەتمەن ' ' گۇناھكار ' ' بەندىلىرى ' ئۈچۈن دۇئا قىلدى ، ' سەر-سان روھ ' لارغا ' ئەمىن ' تىلىدى ' ئەرۋاھلار ' غا ' پاتىھە ' ئوقۇدى ، بۇ ئاپاتتە ' ئەرۋاھ ' تەك بولۇپ كەتكەن ،كۆپ ' جاپا ' چەككەن ،' خىزمەت ' كۆرسەتكەن غەيرەت ، تاھىربەگ ، سامان يولى ، پاتىخ ،جەڭچى لەرگە كەڭساي قوماندانلىق ئىشتاۋى ' ئونۋان ' بەردى ئالدىنقى ' سەپ ' تە كۈرەش ' قىلىپ 'زەپەر ' قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن لۇتفى ،تۈركىزات ،دىيانەت ،ئېرا ،سادىر ،مۇرسالاتلارغا تون ياپتى ، ئاخسا ،ئوگۇزخانلارنى 123456789 تىيىن بىلەن ' مۇكاپات 'لىدى .......ئاق ' كۆڭۈل ' دۇلبەرچىن قىز تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن ' ۋاي -ۋۇي ' دىۋىدى ، ئۇ قىزغىمۇ ' ئوردىن ' بېرىلدى ، بەزى بىر قۇۋلۇق -شۇملۇق قىلغان' زامان ' ' ئەركى' لىرى ' قۇيرۇق ' لىرىنى ' غىت ' قىسىشتى ،
بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىگە ئىختىسادى ' ياردەم ' بەرگەن كەڭسايلىق '' بەگ '' لەر ،'' خان '' لار ،'' شاھ " ئەل ئارىسىدا ' ھەقىقەت' تەن ' ئابروي ' تاپتىم ' دىدى ،بۇ ۋەقە '' كىرۇران '' ' گۈزىلى ' دەك ' تارىق ' قا ئايلاندى ،بۇ ھەرگىزمۇ ' كوچا -خەۋىرى' ئەمەس ئىدى .......
بۇ ' كۈرەش' تە 'سەرالىق ' سېسىق چوقايمۇ باشتىن -ئاخىر 'خىزمەت ' كۆرسۈتۈۋاتاتتى ، سېسىق چوقاينىڭ تاپانلىرى تېشىلىپ كەتسىمۇ بىردەم ' موللام ' لار ئارىسىدا ،بىردەم 'قىزىل ' پاچاقلار ئارىسىدا بولسا ، بىردەم ' دېخان ' لار بىلەن بولسا بىردەمدىلا ' يولۇچىلار ' ئارىسىدا بولاتتى ، .......دەل مۇشۇ ' ئاچقۇچ ' لۇق پەيتتە سېسىق چوقاينىڭ ' تاش ' ' يۈرەك ' خوتۇنىدىن تىلىفۇن كېلىپ قالدى .....'' _ ۋەي نەگە يوقالدىڭ قەلەندە ...، تېز ماۋۇ گۆرۈڭگە كەلمەمسەن .....ماۋۇ ئۆزەڭدەك ئورۇق كالاڭنى ئەسكى لاپىسىڭ بېسىپ ئۆلۈپ قالدى .......مەن توخۇ گۆشى يەيمەن ..........
[ بۇ يازمىنىfatih204 2012-09-21 10:22قايتا تەھرىرلىد ]