‹‹ ئىڭە ›› دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ، ئۇيقۇلۇقتا سىلاپ – سىپاپ ئىڭەلىگەن ئەللىيىنى ئېمىتىپ ،
مىھىرلىك كۆزلىرى بىلەن يۈرەك پارىسىگە قاراپ تويمايۋاتقان كىم ؟
تەم – تەم ماڭغان قوزىسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ، چارچاپ ھالى قالمىسىمۇ چېھرىدىن
كۈلكە كەتمەيدىغان كىم ؟
بالام دەپ مىڭ يەردىن تۆكۈلۈپ ، بالام دەپ بارىنى بېرىپ ، مەكتەپكە يولغا سېلىپ كەينىدىن
ئالدىراش ئىشقا ماڭغان كىم ؟
ئىشتى قايتىپ كىيىملىنى ئالماشتۇرۇشقا ، قولىنى يۇيۇشقا ئاران ئۈلگۈرۈپ ، تاماققا تۇتۇش قىلىېاتقان ،
تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇپ ، بالىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقان ، باللىرىم ئوبدان
ئۇخلىسۇن دەپ يۇمشاق ئورۇن ھازىرلاۋاتقان كىم ؟
زىمىستاندا ئىللىق قوياش ، باھاردا مەيىن شامال ، تومۇزدا زەمزەم بولۇپ ، پەرزەنىتلىرىنى
مېھرىبان ئىنسان بولۇشقا ئۈندەۋاتقان كىم ؟
قىزىق تونۇرغا نەچچە قېتىم باش تىقىپ ، قىزىق تونۇر تەپتىدە قىزارغان يۈزىدىن رەڭ ئېلىپ
پىشقان توقاچلىرى بىلەن ھاياتلىققا لەززەت بېغىشلاۋاتقان كىم ؟
يۇلتۇزلار جىمىرلىغان ، تولۇن ئاي زېمىنغا مېىر بىلەن باققان تۈن كېچىلەردە تېخى ئۆيگە كەلمىگەن
بالىسىنى زارىقىپ كۈتۈپ ، ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئولتۇرغان كىم ؟

ئانىلار ، مەن ئىزدىدىم ، ھەممە يەردە سىلەرنىڭ سىمايىڭلار ، سىلەرنىڭ ئىزىڭلارنىڭ ئىزلىرىڭلار
بار ئىكەن . ئېھ ، ئانىلار ، قەلبىڭلاردا سوۋۇماس ئاتەش مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن ،
بالام دەپ ئوتقا كىرىشتىن ، سۇدا ئېقىشتىن يانمايسىلەر . سىلەرنىڭ سېخىيلىقىڭلار زېمىننى
خىجىل قىلسا ، مېھىر – مۇھەببىتىڭلار قۇياشنى خىجىل قىلىدۇ . ھەربىر تاڭ ،
ھەربىر پەسىلدىكى گۈزەللقكلەر سىلەرنىڭ تەبەسسۈمىڭلاردىن قىزغىنىدۇ .
ئانىلار ، سىلەر پەرىشتە ! چۈنكى سىلەر ئازاب ، قايغۇ ، مۇشەققەتلەرنى ئۆزۈڭلارغا قالدۇرۇپ ،
بىزگە بەخىت ھەدىيە قىلغان . شۇڭا يولۇڭلار ئاق ، تېنىڭلار ساق ، ئالتۇن بويۇڭلار
ئامان بولسۇن !
شۇ ئامانلىقتا قەلبىڭلارغا تولۇپ تۇرغان بارچە مۇھەببەتتەك مۇھەببەتلىك قەلبلەردىن
مۇھەببەتلىك قەلىبلەرگە يول ئېچىلسۇن ، دۇنيا مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن !
[ aykutتەرىپىدىن2010-05-30 16:01قايتا تەھرىرلەندى ]