كىم، نېمىشقا، نېمە دېدى؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ھاياتىمىزنىڭ ئۇچۇرلارنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقى ئاقىللارغا سىر ئەمەس. ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك ئۇچۇرلار بىزنىڭ قەلبىمىزنى بىزمۇ تۇيمىغان بىر رەۋىشتە ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى شەكىلگە كىرگۈزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىغا قارايدىغان بولساق بىز ئۇچۇرغا ئەڭ مايىل مىللەت، ئەمما بۈگۈنكى ئۇچۇرنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئەركىمىزدىن مەھرۇملىقىمىزنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ تارىخى ئەۋزەللىكنىڭ پايدا زىيىنى بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. . ئېنىق مەقسەدتە، پىلانلىق يۈرگۈزىلىۋاتقان ئۇچۇر ئىستىلاسى بىزدەك ئەزەلدىن سىرىتقى ئۇچۇرغا مايىل، يېڭىلىقپەرۋەر خەلقنىڭ قەلبىنى ئاسانلا مۇنقەرىز قىلىۋالىدۇ. مەنچە ئويغاق زىيالىلارنىڭ بۇرچى، ئۇچۇلار توپانىغا دۇچ كەلگەن مىڭىلەرگە ساختا، مەسئۇلىيەتىسز، زۆررۈرىيەتىسز ئۇچۇرلارنى قاچىلاشتىن ھەزەر ئەيلەشتۇر. پىلانلىق مىڭە يۈيۇشنىڭ زەھرىگە بارلىق ئۇچۇرنى رادىيو ۋە تېلۋىزورلاردىن قوبۇل قىلىۋاتقان ئاۋامنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئۇچراۋاتقىنى رۇشەن. بۇ ھەقتە قەلەم تۇتقان ۋە بۇ ئىشنى بىجىرىۋاتقان كىشىلەرگە ياخشى تىلەك ۋە دۇئالاردا بولۇشتىن باشق ئامالىمىز يوق. ئەمما توردا مىننەتىسز تەر تۆكۈۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئويلىغانلىرىمىنى سۇنماي تۇرالمايمىز.
1. ئۇيغۇرنى ماختىسىلا ھىساپمۇ؟
2010-يىلىغۇ دەيمەن. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر مۇنبىرىگە "يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۇيغۇرلارنى 300 مىيون دېدى" دېگەن مەزمۇندىكى بىر خەۋەر يوللاندى. بۇ خەۋەردىن ھاياجانلانغانلارمۇ، ئۇ ناخشىچىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانغالارمۇ بولدى. مەن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەي دەپ شۇ ناخشىچىنىڭ گېپىگە ئۇلانما قىلىنغان تۈركچە توربەتنى زىيارەت قىلدىم. راستىنلا ئۇ ئايال شۇنداق دەپتۇ. ئەمما قېرىنداشلار نەزەردىن ساقىت قىلغان نوقتا نېمىكەن دېسىڭىز، ئۇ خانىم ناخشىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، ھەتتا چىن (جۇڭگۇ) دېمۇ بازارلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەپتۇ. دېمەكچى، مېنىڭ پىلاستىنكامنى چىقارساڭ زىيان تارتمايسەن. جوڭگۇدەك غايەت زور نوپۇسلۇق دۆلەتتىمۇ مېنىڭ ئاڭلارمەنلىرىم بار دېگەننى ئىسپاتلايمەن دەپ دەپتۇ... بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
2000-يىللىرىغۇ دەيمەن. بىر ئوقۇتقۇچۇم لىگوشىياڭ ئىسىملىك بىر پروفېسسورنى ماختاپ كەتتى. سەۋەبىنى سورۇسام "ئۇكام، ئۇ دېگەن ھەقىقى ئالىم، ناۋايىنى ئۇيغۇر دېگەن جۇمۇ!" دەيدۇ. ھەيران قالدىم. بىر پروفېسسورنىڭ مەن ئوقۇغان مەكتەپتىكى قەدىمكى ئەدەبىيات پروفېسسورنىڭ ئېڭىدىكى ئۇلۇغلىقى پەقەت نەۋايىنى ئۇيغۇر دېگىنى ئىكەن.
ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆرۈش ئەۋج ئالغان بىر زامانلاردا بىر مەزگىل چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرنى تىللىغانلا بولسا ھەممە يەردىن تېرىپ تۆرشەپ تەھلىل قىلىپ باش لىڭشىتتۇق. ئەمدى بىرسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجابىي بىر ئېغىز گەپ قىلسا ماختاپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنى دەپ بەرگەن چولپان، بۇنى دەپ قويغان ئالىم دەپ ھاياجانلىنىمىزمۇ؟
مەن مۇشۇنداق گەپلەرگە دوستلارنىڭ تەمكىن تەپەككۇردا مۇئامىلە قىلىپ باقسىكەن دەيمەن. مەسىلەن، بىرسى ئۇيغۇرنى ماختىدىمۇ دەيلى، كىم ماختىدى؟ ئۇ كىشىنى ئۇيغۇرنى ماختىغان بولسا ئۆزى قانداق مىللىي كىملىكتىكى، قانداق ئىلمىي كىملىكتىكى ۋە قانداق پەزىلەتتىكى ئادەم؟ ئۇ كىشى ئۇيغۇرنى نېمىشقا ماختايدۇ؟ ماختاپ زادى نېمە دەپتۇ؟ مەسىلەن، يۇقارقى مىسالدا يۇلتۇز خانىم "ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى ئۈچ يۈز مىليۇن" دېگەن بولسا، بۇنى ئاڭلاپ، تارقىتىپمۇ ئولتۇرماي، "ھەزىلكەش چوكانكەن ھە!" دەپلا قوپۇپ كەتسەك بولىدۇ.
2. ئىسلامنى ماختىسىلا ھېساپمۇ؟
بىر قېتىم قايسىدۇر بىر مۇنبەردە بىر تېما بەك قاينىغان ئېدى. خاتالاشمىسام "لىياڭ مۇسۇلمان بولۇپتۇ" دېگەن ماۋزۇلۇق تېمىغۇ دەيمەن. ئوقۇپ باقسام تېخى مۇسۇلمان بولمىغانىكەن، پەقەت شۇ ھىسسىياتقا يېقىنراق گەپلەرنى قىلغانىكەن. جوڭگۇدا مەنچە شىنجاڭدىن چىققان خەنسۇلار ئىچىدە بىرى جوتاۋ يەنە بىرى مۇشۇ لىياڭ بىر قەدەر داڭلىق. ھەم بۇلارنىڭ ئاغىزىدىن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان گەپلەر جىق چىقىدۇ. مەن جوتاۋنىڭ 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن دېگەن "ئۇيغۇرلاردا ئاتنىڭ خاراكتىرى بار، خەنسۇلاردا كالىنىڭ مىجەزى بار" دېگەن گەپلىرىگە ۋە بۇنىڭ راۋاجىدىكى زەھەردەك پاراڭلارغا قاراپلا بۇ كىشىنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشتتىن باشقا بەك جىق ھۈنىرى يوق ئىكەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمەلىيەتتە مىللەتتە ھايۋاننىڭ خۇيى بار، دېگەننىڭ ئۆزىلا كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەكىلىماكاننى قەبىرىستانلىققا ئايلاندۇرايلى، دېگەنلىرى بولۇپمۇ شۇنچە چوڭ ئاخباراتتا مەنتىقىسىز، پاكىتسىز بايانلىرى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماختاپ دېگەن گەپلىرىگىمۇ "قىزىققارلىقمۇ نېمە!" دەپ قويىدىغان بولغانىدىم. لىياڭنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى گېپىمۇ پەقەت كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش ۋە بىزدەك يۇرتداشلىرىنى ھاياجانلاندۇرۇشتىن باشقىسى ئەمەس.
ئىسلامنى قوغۇدىغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان گەپلەرگە سوغۇققان بولۇشىمىز كېرەك. خەقلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە ئارىمىزدا شۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقانلارنىڭ كىملىكى، نېمىشقا دېگەنلىكى ۋە زادى نېمە دېگەنلىكى بىزنىڭ مۇنازىدە تېمىمىز بولغىنى ياخشى. مەسىلەن، مۇشۇ چاغقىچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى "ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان، كاپىر، كۇپرانە سۆزلەرنى يازغان" دېگۈچىلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى توشقان موللىلار ئەمەس، ياكى مۇكەممەل دىنىي تەربىيە كۆرگەنلەرمۇ ئەمەس، ئەقەللىسى شۇ گەپنى قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا يازغان ئەسەرلىرىدە ھاياتنى ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە، تەپەككۇرىدا كۆزىتىپ ئەسەر يازغانلار تېخىمۇ ئەمەس. پەقەت ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگەچكە بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى بازارلىق بولۇپ كەتتى. ئەجەبا شۇ دىنىمزغا زىت ئىبارە، مەنزىدە ۋە تەسۋىرلەرنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلىمالىرى، موللىلىرى بايقىمىغانمىدۇ؟ شۇلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈت قىلغانمىدۇ؟ نېمىشقا زىيالىنى كاپىر دەيدىغانلار موللىلاردىن چىقماي، زىيالىلارنىڭ ئۆزىدىن چىقىدۇ؟ بۇ تەھلىل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە. دېمەك دىققتىمىز كىمنىڭ نېمە مەقسەدتە دەۋاتقانلىقىغا ئەمەس، نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىغا مەركەزلىشىپ قالسا، ھاياجانلىق چاقىرىقلار ئەقلىمىزنى خىرەلەشتۈرۈپ نەزىرىمزىنى جان ئالغۇچى زىددىيەتتىن، دوست دۈشمەنلىك زىددىيىتىدىن
ئىككىلەمچى، زىددىيەتكە، قېرىنداشلار ھەققىدىكى ئارازچىلىققا يۆتكىۋېتىشى مۇمكىن.
3. ئۇيغۇرچە كىيسىلا ھېساپمۇ؟
مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە كېيىنىش تەرەپتارى. مەن ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ مېغىزى بولغان ئىتىقادىمىز سەۋەبلىك بۇ نوقتىدا مۇرەسسەلەشمەيمەن. كىيىنىشىمدىكى جاھانسازلىق نۇقسانىم ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمدىن يۈرەكتىن ئەپۇ سورايمەن. مەن ئۇيغۇرچە كىيىمنىڭ مۇراسىم كىيىمى ۋە مۇلازىمەت كىيىمى بولۇپ ئومۇملىشىۋاتقىنىغا ئامالسىز قاراپ قالغىنىمغا ئېچىنىمەن. ئۇيغۇرچە كىيىم ھازىر ئۆلۈم، توي ۋە تۈرلۈك سەھنە كۆرەكلەردە مۇراسىم كىيىمى سۈپىتىدە؛ ھەرقايسى رىستۇران ، سەھنە ۋە كۇلۇپلاردا مۇلازىمەت كىيىمى سۈپىتىدە كېيىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلىرىمىزنى كۈندە كېيىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىمىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. مەن خەققە ئوخىشۋالمىساق، قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك پەرقلەنسەك، قانچىلىك ئۆزگىچە كۆرۈنەلىسەك شۇنىڭغا تىرىشساق، قانچىلىك گەۋدىلەندۈرەلىسەك شۇنچىلىك گەۋدىلەندۈرسەك... شۇنى قوللايمەن ۋە مەن مۇشۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەش تەرەپتارى. بۇ بىر ھىساپتا بۈگۈنكى ئىھتىياج، دەۋردىكى زۆرۈرىيەت، بۇلار بىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىمىزنى بەلگىلەيدىغان تۇغ. تۇغسىز قالساق بولمايدۇ، بەلگىسىز يولسىز قالساق قەتئىي بولمايدۇ.
كىم، نېمە ئۈچۈن، نېمە دەۋاتىدۇ؛ نېمە ئىشتا، نېمە نەقسەدتە، نېمە كىيىپ نېمە يەۋاتىدۇ بۇ بىز ئويلىشىغان مەسىلە.
مەنبە-ئىزدىنىش مۇنبىرى