مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 67ئىنكاس
  • 20291كۆرىلىشى

شەرق قىزاردى ! [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: يېڭى ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6792
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 460 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2013-01-19
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 18:17:45
— بۇ يازما general تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-14) —






شەرق قىزاردى.

(ئىنسانىي ھوقوق ئۇقۇمىنىڭ قانۇنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان




ئۇلۇغ پەرۋەردىگار!
سەن بەندىلىرىڭنى ھىدايەتكە باشلىماقچى بولغاندا ئەلچىلىرىڭنى شەرقتىن تاللىدىڭ.......
ئۇلارنىڭ چاقىرىقلىرى شەرىقتىن يىراقتىكى مەغرىپ ئەللىرىگە قەدەر تارقالدى.
ياراتقان ئىگەم !
سەن ئىنسان بالىسى بىلمەيدىغاننى ئالدى بىلەن شەرق ئىنسانلىرىغا بىلدۈردۈڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە تۇنجى بولۇپ تاشلاردىن قورال-سايمان ياساشنى ئۈگەندى. تۆمۈرنى مومدەك يۇمشاق قىلىشنى دۇنياغا تاراتتى.    
ئەيسا ئەلەيھىسسالام سېنىڭ دىنىڭنى تەشۋىق قىلغاندا ئىنجىل سۈرىلىرى تېرىلەرگە يېزىلغان ئىدى. سەن قەغەز ياساشقا يەنە شەرقنى تاللىدىڭ.
ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللام) ئىسلام دىنىنى تارقاتقاندا قۇرئان سۈرىلىرى قولدا يېزىلغان ئىكەن. خەلىپە ئۆمەر (رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ دەۋرىدە سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن، شەرق مەتبەئەنى كەشپ قىلىشقا مۇشەررەپ بولدى.....
شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان بالىسى تۆمۈردىن كۈچ-قۇدرەتكە، كىتاپتىن ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىپ، بىپايان  ئاسمان-زىمىن ئارىسىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى.
شەرق ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ يولباشچىسى بولدى.....
بىراق ! مىڭلارچە ئەپسۇس-نادامەتلەر بولسۇن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈنۈگۈنكى ئىشلار.......
بۈگۈن نۇرغۇن ئادەم، ئىنسانىيەتكە نۇر چېچىۋاتقان مەشئەل غەرپتىكى ئەركىنلىك پەرىشتىسىنىڭ قولىدا دىيىشىدۇ. شەرقتە سەددىچىندەك مۇستەھكەم قورغانلار، ياتلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ھەرەمدەك مۇقەددەس جايلار بار دەپ تەرىپلىشىدۇ.
ھېلىقى شائىرنىڭ غەرپ دىگەن غەرپ ! شەرق دىگەن شەرق ! دىگەن سۆزىدىكى مەغرورۇلۇقنىڭ ھەقىقى قىممىتى زادى قانچىلىك؟! ئۇ قومۇشتەك تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى قارىغايدەك جاسارەتمۇ ؟
****************************************************
شەرق توغرىلىق توختالماقچى بولغان قەلەم ئىگىسى چوقۇمكى شەرقنىڭ پارلاق تارىخىنى ئېغىزىغا ئالىدۇ. ئۇلاردا ئامال يوق. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن شەرقنىڭ تارىخىنى يازمىسا بۈگۈنكى نىمىسىنى يازىدۇ دەيسىز !؟
شەرق ئېسىل ئادەملىكىنى يىراقتىكى تارىخ بىلەن ئىسپاتلاشقا خۇشتار. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىيلىقىغا تارىخىي ئىزلارنى گۇۋاھچى قىلىشقا خۇمار. تۇققاندارچىلىقنى تارىخ بىلەن ئىسپاتلايدۇ. دۈشمەنلىكنىمۇ تارىخ بىلەن ئىزاھلايدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى شەرقتە كۆكرەك كېرىپ تۇرغىدەك نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.  
ئەمما غەرپ ئۇنچىلىك تارىخپەرەس ئەمەس. پارلاق مەدەنىيەت مەسىلىسىدە ئېغىزىنى ئۇپراتمايدۇ. ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمرانلىقىنى تارىختىكى لوڭقا-تەخسىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى ئىقتىدارى بىلەن بىزگە ئىختىيارسىز ئېتىراپ قىلدۇرىدۇ.
شەرقتە كەمتەرلىك تەكىتلىنىدۇ، ئەمما ئۇ رىئالىققا تەن بەرمەيدۇ.
شەرقتە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىباھا سانىلىدۇ. بىراق مۇستەقىل ئىلمى كۆزقاراشنى بىلمەيدۇ.
شەرق تارىختىن بۇيان خوشامەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا خوشامەتچىلەرنىڭ جەننىتى. ھەتتا شەرق ھازىرمۇ دوڭغۇيۇپ بېرىشنى ھۆرمەت دەپ بىلىدۇ.
كۈلكىلىك يېرى، شەرق غەرپنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەۋالىدۇ.
ئەمما بۇ دۈشمەننىڭ چىرايىغا قاراپ كۈچۈكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ئۈچۈن پۈكلۈنۈپ بېرىشتىن يانمايدۇ.
ئۇنىڭ دىكتاتورىسى خەلققە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ.  ئارمىيىسى خەلقىنى باستۇرالايدۇ. ئاتالايدۇ. غەرپكە مىلتىقىنىڭ ئۇچىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن قارىتىپ سالسىمۇ نەچچە كۈنلەرگىچە قارا بېسىپ ئۇخلىيالمايدۇ.
غەرپتە دۆلەتنىڭ غېمىنى يىگەن ھەرقانداق سىياسى مەخسەتتىكى ئادەمنى دۆلەتنىڭ قەھرىمانى ھىساپلايدۇ دەيدۇ.
شەرقتە بولسا.... دىمىسەكمۇ ھەممىگە ئايان. دۆلەتنىڭ غېمىنى ھۆكۈمراندىن باشقىسى يىسە بولمايدۇ. بۇ خەتەرلىك غەمنى يىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي !
شەرق ھۆكۈمرانلىرى ئۇلاردىن شۇنچىلىك بىزار ھەم قورقىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈكنىڭمۇ تىرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ھەيييي....شەرق ! قاچانمۇ ئۆزەڭگە ئىشىنىدىغان بولارسەن....
شەرقتە دۆلەت مەنپەئەتى ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەت مەنپەئەتى ھۆكۈمران قاتلامنىڭ مەنپەئەتىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا ئىنسانىي ھوقوق ۋە قانۇننىڭ مۇستەقىللىقى دىگەندەكلەر دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن قارشى ئورۇندا ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھۆكۈمران قاتلامدىكى شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغانلىكى قاراش ۋە تەكلىپلەر دۆلەت ۋە خەلىققە پايدىلىق بولسىمۇ "سىياسى غەرەز" دەپ قارىلىدۇ.
غەرپتىمۇ دۆلەت مەنپەئەتى تەكىتلىنىدۇ. دۆلەت مەنپەئەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى بولمايدۇ. پۇقرا بىلەن پادىشا ئىلغىمايدىغان قانۇن دىگەن يەنە بىر  خاقان بولىدۇ.
يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى شەرقنىڭ دۈشمىنى دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىدا مەۋجۇت. غەرپنىڭ دۈشمىنى پەقەت دۆلەت سىرتىدىلا مەۋجۇت.
ئىچكى، تاشقى دۈشمەندىن ئىبارەت ئىككىسىگە تاقابىل تۇرىۋاتقان شەرق بىلەن يالغۇز دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىۋاتقان غەرپتىن قايسىسى مەخسەتكە يېتەر؟!
شۇڭا شەرق غەرپنى، باشقا ئەللەرنى بوزەك قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ. غەرپ شەرقنى، ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى بوزەك قىلدى دەپ قاخشايدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن قايسىسى دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ؟
مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىرانسىيەدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپ غەلبە قىلىپ، پادىشا لوئى 16 نىڭ كاللىسى ئېلىندى. ماركىس بۇ ھەركەتنى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى خەلق ئىنقىلاۋى دەپ باھالىدى.
شەرقتىكى قايسى ھەركەتنى خەلق ئىنقىلاۋى دەپ باھالاش كېرەك ؟
ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ پارچىلىنىشىنىمۇ ؟  ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىنىڭ غەلبىسىنىمۇ ؟ ۋە ياكى بۈگۈنكى ئەرەپ باھارىنىمۇ ؟
بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن فىرانسىيەدىكى ئىنقىلاپ نىمە ئۈچۈن خەلق ئىنقىلاۋى دەپ ئاتالغانلىقىغا دىققەت قىلايلى.
ئومومىلىق ئاساسىدا خۇلاسىلىسەك، بۇ ئىنقىلاپ شۇندىن كېيىنكى فىرانسىيەگىلا ئەمەس پۈتكۈل ياۋروپانىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئون سەككىز ئايدىن كېيىن پادىشانىڭ كاللىسى ئېلىنغان مەيداندا، ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىنىڭ كاللىسى ئېلىندى.
بىراق خەلق ھوقوقى بۈگۈنگە قەدەر كېڭەيدىكى بېسىلىپ قالمىدى. غەرپنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.  ئەگەر كۆپ سانلىق خەلق قوزغالغان بولسىلا ئۇنى خەلق ئىنقىلاۋى دەپ ئاتاش توغرا بولسا فىرانسىيەدىكى ئىنقىلاپ ھەرگىزمۇ تۇنجى خەلق ئىنقىلاۋى بولالمايتتى.  
چۈنكى تارىختىن بۇيانقى ساماندەك ئىنقىلاپلار خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. بىراق ئاخىرىدا ئاز ساندىكىلەر ئىنقىلاپ مىۋىسىنى تارتىۋالغان. ئەمما فىرانسىيەدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپتىن كۆپ سانلىق خەلق ھەقىقى ھوقوققا ئېرىشكەن.
ئويما مەتبە بىلەن مىلتىق دورىسى شەرقتە مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ شەرىقتىكى تەرەقىياتى تامغا بىلەن پوجاڭزىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن.
شەرق ئىدىلوگىيەسىدىكى ئىنساننىڭ ھۆرمەتلىنىشى غەرپ ئىدىلوگىيەسىدىن تارىخىي جەھەتتە قەدىمىي، مەزمۇن جەھەتتىن مول. بۇ توغرىلىق توم-توم كىتاپلار پۈتۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نەزىريەلەر پارتىلاتقۇچقا ئوخشاش تەرەقىي قىلالماي پوجاڭزىدا يىگىلەپ قالغان.
ئۇنداقتا شەرقنىڭ بۈگۈنكى قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى ۋە ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى، زامانىۋى مەتبەئە بىلەن پارتىلاتقۇچقا ئوخشاش غەرپنىڭ يۈكسەلدۈرۈپ بېرىشىگە مۇھتاجمۇ ؟!
نەزىريە جەھەتتىن....ياق ! دەپ جاۋاپ بېرىمىز.
نەچچە ئونلىغان پەيغەمبەرلەر چىققان پىشقەدەم شەرقنىڭ، گۆدەك غەرپنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى يەنە قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ؟!
بىر جۈملە گەپ. غەرپ ھەممىگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. شەرق ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ.
شەرقتىكى ئازاتلىق دىگەن ئۇقۇمنى غەرپتە دۆلەتنى سۆيۈش دەپ ئىستىمال قىلىدۇ. چۈنكى غەرپتە ئازاتلىق دەپ ئىستىمال قىلىدىغان دەۋر ئاخىرلاشقان. ھازىرقى غەرپلىكلەر ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قارشى پىكىرنى ئىجابى مەنىدىن قوبۇل قىلسا، شەرقلىقلەر ھازىرمۇ ئاسىيلىق قىلىش ياكى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەپ چۈشىنىدۇ.
شەرقتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئازاتلىق تىن باشقا ئۇسۇل دۇنياغا كەلمەمدۇ ؟!
ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرانىڭ ھوقوق تەقسىماتى ئادىل بولمىغاندا ئادەملەر ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدۇ.  دۆلەتنى سۆيۈش بىلەن ئازاتلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
شۇڭا شەرقتە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئاسان جىدەللەشمەيدۇ. ئەمما جىدەللەشكەن كۈنى ئازاتلىق ھەركىتى يۈز بېرىپ ھاكىمىيەت ئالمىشىدۇ.
سېلىشتۇرساق، شەرق تارىخىدا ھاكىمىيەت ئالمىشىش غەرپنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ يۈز بەرگەن. ئۇنداقتا شەرق تارىخىنىڭ تەرەقىيات مۇساپىسىدىكى بۇنداق زور ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان زادى قانداق مەسىلە ؟
بۇنىڭغا، ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن سۈپەت مەسىلىسى .... دىيىشتىن باشقا سەۋەپ تاپالمايمىز.
بەزىدە چاۋشەننىڭ سوتسىيالىزىمى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ فېودالىزىمى مۇشتۇمدەك كاللىمىزنى قايدۇرىۋېتىدۇ.
غەرپ كاپىتالىزىمىدا دۆلەتنى سۆيۈش ھەركەتلىرى ساماندەك بولۇپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا كۈندە جىدەللىشىدۇ. بىراق ھۆكۈمەت ئالمىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ھوقوق ئىككىلا تەرەپتە بولىدۇ. ئاجىراشسا زىيان تارتىدىغان ئەر-خوتۇن ھەرگىز ئاجراشمايدۇ.
ئازاتلىق ھەركەتلىرى شەرق دۆلەتلىرىدە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ ؟ بۇنى بىر خۇدا، بىر شەرق بىلىدۇ.
شەرقتىكى ئازاتلىق نىڭ نۇرى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ. ئىدارە قىلغۇچى خادىملارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى ئازاتلىق نىڭ لۇغەت مەنىسى شۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئاساس قىلىدۇ.
مەسىلەن، شەرقتىكى مەلۇم دۆلەتتە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يەر سېتىش-سېتىۋېلىش ھەركىتى بولۇپ باھادا كېلىشەلمەپتۇ. چۈنكى قويغان باھا، بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن ئىكەن .
بۇ زىمىن ئاۋۇ پۇقرانىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان بولۇپ، ئىگىدارلىق تارىخى ھازىرقى ھۆكۈمەتتىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن.
ئۇلار باھادا كېلىشەلمەي ئاخىرىدا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ۋەكىلى ھەل قىلغۇچ كوزۇرىنى ئىشقا ساپتۇ.  بىز نۇرغۇن قان تۆكۈپ بۇ زىمىننى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان. يەر دۆلەتنىڭ...
بۇنداق دەھشەتلىك نوپوز ئالدىدا كونا زاماندىكى ئەكسىيەتچى نىڭ بۈگۈنكى ۋارىسى تىترەپ كېتىپتۇ. سالاھىيىتى دۆلەتكە، مەنپەئەتى دۆلەتكە تەۋە بولمىغان بۇ پۇقرا ئازراق ۋاكالەتەن ساقلاش ھەققى ئېلىپ جىمىپتۇ.
شەرقتە ھۆكۈمران گۈرۈھ تۇرۇپ تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشمۇ ئىستىخىيىلىك ھالدا چەكلىنىدۇ. بۇ شىكايەت دۆلەتنىڭ، خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بولسىمۇ يەنىلا دۆلەتكە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەت ھىساپلىنىدۇ.
كالىدىنمۇ دۆت، بۆرىدىنمۇ ئاچكۆز ئادەم ھۆكۈمەت خادىمى بولىۋالسا ئۇنى ئەقلى، ئەخلاقى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىن ئىلغار ساناش كېرەك. چۈنكى شەرق ھاكىمىيىتى دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى بىلەن ئەشۇ پارازىتلارنى قوغدايدۇ. دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ياشايدۇ.
بىر دۆلەت قوغداۋاتقان دۆلەت دۈشمىنىنى پاش قىلىش، يولۋاسنىڭ يۈرىگىنى يىيىشتىنمۇ تەس. چۈنكى بۇنداق پاش-شىكايەتلەرنىڭ راۋاجى  ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەتكە قارشى تۇرۇش قا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق يوغان جىنايەتتىن كىم قورقمايدۇ !؟  
شۇڭا شەرقتىكى ئاتالمىش ئازاتلىق شەرقنى خوراتسا، غەرپتىكى دۆلەتنى سۆيۈش ئۇلارنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ.
شەرقتە مىليارتلىغان مەبلەغ سېلىنىپ دۆلەتنى ۋە ھاكىمىيەتنى سۆيۈش توغرۇلۇق توختىماي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمدى ئاۋۇ ئەكسىيەتچىنىڭ نەۋرىسىنى قانداق قىلغاندا دۆلەتنى سۆيۈدىغان، ھۆكۈمەتكە ئەگىشىدىغان قىلغىلى بولىدۇ ؟
بۇنى شەرق بىلىدۇ. ئەمما بىلمەسكە سالىدۇ.
نىمە ئۈچۈن بىلمەسكە سالىدۇ ؟ ئەنسىرەيدۇ. شەرق دادىللىق بىلەن سىناپ باققان بولسا بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولاتتى.
نۇرغۇن دوستلار ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىدىلوگىيە پەرقى دەپ تەكىتلەشكە ئامراق. غەرپنى تولۇق چۈشەنمەيمەن. ئاڭلىسام رەڭدار ئىدىلوگىيە ئۇلاردا بايلىق ھىساپلىنارمىش.
شەرقتە ئىدىيەنى بىر خىل رەڭدە قىلىش تەكىتلىنىدۇ.
قارىماققا شەرق ئىدىلوگىيىسى تولىمۇ مۇلايىم ۋە يېقىشلىق. ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا تېگى-تېگىدىن سېسىپ كەتكەن زوراۋانلىق بىلەن قۇلچىلىق ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ.
ئېلاستىكىلىققا ئىگە بۇ ئۇقۇم، گاھىدا پۇقرالىق ھوقوقىدىكى توقۇنۇشلار، دىنىي ئېتىقادتىكى مەسىلە-مەزھەپلەر ياكى مىللى مەسىلىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.
خۇدامۇ باشقۇرمايدىغان ئىدىيەنى شەرقلىقلەر بىر قاچا يۇندا بىلەن بېقىپ باشقۇرىدۇ. تاماخورلۇققا كۆندۈرىدۇ. ئۇنىڭغا كۆنمىسە بوينىدىن باغلاپ ھايۋاندەك مەجبۇرى باقىدۇ.
ئوغرى، قاراقچى بىلەن بىر قاچىدا ھۆزورلۇنۇپ تاماق يەيدۇ. ئەمما ئىدىيىسى باشقىچىرەك ئادەمنىڭ قولىنىمۇ تۇتمايدۇ. قاتىلغا ھىسداشلىق قىلسىمۇ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلمايدۇ. كاپىرغا سالام قىلسىمۇ دىنداشكەنمىز دىمەيدۇ. ھۆكۈمران قاتلام خەلق ئىچىدىكى ئىدىيىسىدە مەسىلە بار ئادەملەرنى مىنۇت-سېكونت نازارەت قىلىدۇ. جايلاشنىڭ ئەپلىك پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ. ئىدىيىسىدىكى مەسىلە ئۈچۈن چاندۇرماي ئۆلتۈرىدۇ. ئۇمۇ ئەپلەشمىسە ئۇلارنى بىر ئۆمۈر زەرداپ يۇتۇپ ياشاشقا  مەجبۇرلايدۇ.
دۇنيادا ئۇلاردەك يالغۇز ياشايدىغان ئادىمىزات بولمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ نورمال ئائىلىسى، خاتىرجەم كەلگۈسى بولمايدۇ.
دۇنيادا نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بارمىش. ب د ت دىگىنى پۇل، ئادەم ، ئورۇن چىقىرىپ ئۇلارنى كۈتىدىكەن. قوغدايدىكەن. پوقلىرىنى ئادالايدىكەن. پىتلىرىنى باقىدىكەن.
ئەپسۇس ئاۋۇ ئادەملەر مۇنۇ مەخلۇقلار ئېرىشكەن كۈننىڭ يۈزدەن بىرىنى چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدۇ.
ئۇلار ئاچلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ۋە ياكى تاساددىپىلىقتىن ئۆلۈپ قالماي ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلەلىسە خۇداغا شۈكرى !
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىرقى دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى دەپ ئاتىلىپ قېلىش بەك قورقۇنۇچلۇقمىش. ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇشلىقى ئىدىيىسىدە مەسىلىسى بار دەپ ھىساپلىنىش.
ئوخشاش ئىدىيە، ئوخشاش كۆز قاراش، ئوخشاش  پىكىرگە مەجبۇرلانغان جەمىيەت قانداق بولىدۇ ؟!
مەرھۇم دادامنىڭ دىيىشىچە، جاھاننى ئىككى خىل ئادەملەر قاپلاپ كېتىدىكەن. بىرى يەپ تويمايدىغان زالىم ھاكىملار، يەنە بىرى قوساق غېمىدىكى ئىككى پۇتلۇق ھايۋانلار.
كاللىسى بىلەن يۈرىگى، ئاشقازانغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدىن نىمىنى كۈتىسىز !؟  ئۇنىڭدا دۆلەت، مىللەت، غۇرۇر-جاسارەت دىگەن ئۇقۇملار نىمىش قىلسۇن.
شەرق مۇشۇ خىلدىكى ئىنسانلار تۈركىمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالارمۇ ؟! بۇ خىل ئاڭدىكى ئىنسانلار يامان كۈنلەردە ۋەتەن، دۆلەتنىڭ غېمىنى زىممىسىگە ئالارمۇ ؟
مانا بۇ شەرقتىكى قورقۇنۇچلۇق ۋە خەتەرلىك ئىدىلوگىيە مەسىلىسى.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان شەرق نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار ئىچىدە ئالغا كېتىۋاتىدۇ. ھەر-بىر شەرقلىق بۇ سەپەردە ئۆزىنىڭ ساپاسىغا لايىق شەرقنى خورىتىۋاتىدۇ ياكى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
بۇ زىدىيەتلەر ئارىسىدا ئۇلار ئۈچۈن بىر نەرسىلا ئورتاق.
ئۇ بولسىمۇ زۇلمەتلىك دەۋرلەردىمۇ ئىتىپاق تۈزمىگەن خاتالىق ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ...
##########################################
2009-يىلى –ئاينىڭ- كۈنى جوڭگونىڭ تۇنجى ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى  يولغا قويۇلغانلىقى جاكالاندى.
شىنجاڭدا تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئىككىنچى كۈنى ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ پىلانغا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشتى.
قىزىقارلىق يېرى، جوڭگودىكى بۇ مىسلىسىز يېڭىلىق ئۇ ئويلىغاندەك داغ-دۇغا پەيدا قىلمىدى. قىسقىسى جەمىيەت بۇ ھەركەتنىڭ قىممىتىنى ئازراقمۇ ھېس قىلمىدى. مانا مۇشۇنداق تەرەت سۈيىدەك ئىلمانلىق ئىچىدە ئابدۇرېھىم ئابلەتخان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشتى دىگەن شۆھرەتكە توسالغۇسىز ئىگە بولىۋالدى.  
ئابدۇرېھىمنىڭ نەزىرىدە ئازاتلىقتىن بۇيانقى ھەرقانداق ئىسلاھاتنى بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ قىممىتىگە سېلىشتۈرۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر جەمىيتىگە نېسبەتەن بۇنداق بىرىنچى بولۇپ دىگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش تېخىمۇ يېڭىلىق ھېساپلىناتتى.  
بۈگۈن جوڭگو شەرقنى يېتەكلەش ئىرادىسىگە كەلدى.  
بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىمەكتە. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قانلىق بەدەللەر تۆلەندى. شەخسەن ئابدۇرېھىممۇ مۇستەقىل ئۆي-پىكىرگە ئىگە شەرقلىق سالاھىيىتى بىلەن تۆلەشكە تېگىشلىك بارلىق بەدەللەرنى تۆلىدى.
تېڭىرقاش ئىچىدىكى تىرىشچانلىق.....شەخسىيەتچىلىك رامكىسىدىكى تىرىشچانلىق، ئاخىرىدا ئومومىلىق ئىچىدىكى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق بىلەن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى.
2012-يىلى 4–ئاينىڭ 1– كۈنى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى يولغا قويۇلدى. بۇ قانۇننىڭ  2 – ماددىسىغا  ئىنسانىي ھوقوققا ھۆرمەت قىلىش دىگەن مەزمۇن قوشۇلدى .
شۇندىن بۇيان جوڭگودا ئىنسانىي ھوقوق ئۇقۇمى ئادەتتىكى نەزىريىۋى پىلاندىن تۇنجى قېتىم مۇستەھكەم قانۇن ماددىسىغا ئايلاندى.
شەرقتىكى قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە چوڭ دۆلەت، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى دۇنيا قۇرۇشقا ئاتلاندى.
بۇ ۋەقە ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا بېسىلغان تۇنجى قەدىمىدىنمۇ قىممەتلىك ئىدى.....
ۋۇشۇي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ ھىساپلىغاندىمۇ جوڭگودا نۇرغۇن قېتىملار ئىدىيە-ئاقارتىش ھەركەتلىرى بولۇپ ئۆتتى.  
ۋۇشۇي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشنى مىسالغا ئالساق شۇ قېتىم قانۇنغا يېزىپ قويۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىسلاھات سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ كاللىسى كېسىلدى. تەلىيى بارلىرى تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىپ جېنىنى قۇتۇلدۇردى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن جوڭگودىكى گۈللىنىش ئىسلاھاتى توختاپ قالمىدى. تۆتىنچى ماي ھەركىتى، شىنخەي ئىنقىلاۋى، يېڭى جوڭگونىڭ قۇرۇلىشى، تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ يوقىتىلىشى، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ يولغا قويۇلىشىدەك بىر قاتار ھەركەتلەردە جوڭگو خەلقى ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز بەدەل تۆلەش ھىسابىغا تارىخ سەھىپىسىدە يارقىن ئىزلارنى قالدۇردى.  
دىمەك، مەلۇم تەرەپتىكى ئىسلاھات يولغا قويۇلدى دىيىش بىلەن ئەتىسىلا ئۆزگۈرۈش بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا بولغان ئۆلۈك قانۇننى تىرىلدۈرۈش پەقەت ئەمەلىي ھەركەت ۋە ھىساپسىز بەدەللەر ھىساۋىغا قولغا كېلىدۇ.
جوڭگونىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بىلەن پۇقرانىڭ ھوقوق تەقسىماتى ئەمەلىي بولالامدۇ ؟  مەيلى ھوقوقدار ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن ئۆز مەنپەئەتىنى ئومومىلىق ئاساسىدىكى ئىتىپاقلىق ئۈچۈن بەدەل قىلالامدۇ ؟
بىۋاستە شەخسى مەنپەئەتىمىزگە چېتىلىدىغان يۇقۇرقىدەك مەسىلىلەر ھەل بولغاندا، بىز دۇنياغا يېپ-يېڭى بىر دۆلەتنى تونۇتۇپ قويىمىز.  
ئۇنداقتا، قانۇننىڭ ئادىللىقى ۋە ياكى ئىنسانىي ھوقوقنىڭ كاپالىتى دىگەنلەرنى ئوموملاشتۇرۇشقا كىم مەسئۇل بولىدۇ ؟
بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك سوئال بولدى-دە....
يەنە دەيدىغىنىمىز ئىلگىرى ئېيتقاندەك. دۆلەت قانۇنىنى قوغداش ياكى ئوموملاشتۇرۇش قانداقتۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ياكى قوراللىق ساقچىنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس. بەلكى بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر-بىر گىراژداننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەت بەرگەن شەرەپلىك ھوقوقى.
ساڭا تەقسىم قىلىنغان قويۇڭنى باشقىلار ماۋۇ سېنىڭ قويۇڭ دىمەيدۇ. سەن باشقىلارغا ماۋۇ مېنىڭ قويۇم دەيسەن. مانا بۇنى ھوقوق دەيمىز.
بۇ ھوقوقنىڭ كۈچى بىلەن قوي سۆيۇپ، گۆش يەيمىز. دىلىغۇلدا بولساق ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ، .... تۆت ئانا قوي، ئىككى قوزام بار ئىدى. تارتىۋالدى... دەپ قاخشاپ يۈرۈيمىز.
قانۇنلۇق ھوقوقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم، ماھىيەتتە ھوقوقىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ھوقوقىغا ئىشەنمىگەن ئادەم جەمىيەتكە ئىشەنمەيدۇ. جەمىيەتكە ئىشەنمىگەن ئادەم ئىدارە قىلغۇچى تارماقلارغا ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنمەيدۇ....يەنە ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنمەسلىك ئاممىۋىلىشىپ كەتسە شەخسىيەتچىلىك ئوموملىشىدۇ.
بولدى يېتەر ! . بىزنىڭ قىمارنى ھارام دىگەن بىلەن تەلەي سىناپ ياشايدىغان ئادىتىمىز بار. ئەمدى بۇنداق ھايات قىمارغا ئوخشاشلا ھارام بولسۇن.
دۆلەت بەرگەن ھوقوقنى مەھكەم قاماللاپ، مەنپەئەتىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى قوغداشقا تىرىشىپ باقايلى. مەسئۇلىيىتىمىز توغرۇلۇق سۆزلەش ئارتۇقچە. چۈنكى ئۇ بىزدە يېتىپ ئاشقۇدەك بولغان. ئەمما گىراژدانلىق ھوقوقى توغرۇلۇق سۆزلەپ باقمىغان.  
ئەگەر ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى پۇقرادىن مەنىسىز رايىشلىقنى كۈتسە، ئاددى پۇقرامۇ قانۇننىڭ نوپوزىنى قوغداشنى خالىمىسا قانداق بولىدۇ ؟ ھەرقانداق قانۇن يەنىلا ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا بولۇش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇ ھوقوق جىنايى قىلمىشنىڭ تۇمشۇقىغا تەگمەي، دەۋاگەرنىڭ تۇمشۇقىغا يېنىپ تەگسە گىراژدانلىق ھوقوقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇشكۈل سەپەر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ.
تارىختىكى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا بۇنداق ئىسلاھاتلارغا كۆپ سانلىق خەلق ئاۋاز قوشسىمۇ بىراق يەنە ئاز بىر قىسىم فېئوداللىزىم ئىدىيىسىدىكى مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلار قارشى چىقىدۇ. ئاشكارا قارشى چىقمىسىمۇ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ھەر-خىل ئاماللار بىلەن دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا، ئەلنىڭ رايىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
يەنە بەزى رادىكال دىموكىراتىيە تەرەپدارلىرى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ دۆلەت ئوبرازىغا قارا سۈركەشنى قەستلەيدۇ.  
شۇنىسى ئېنىق. قوللاش بىلەن بۇزغۇنچىلىق ئارىسىدىكى زىدىيەت ئاخىرقى ھېساپتا ئەل رايى تەرەپدارلىرىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئىسلاھات دەۋرىدىكى بۇزغۇنچىلار جىنايىتىگە يارىشا ھەققانىيەتنىڭ سوتىغا ئۇچراش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
تومۇريول مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى توختۇتۇپ قويۇلدى. ئەڭ ھوقوقدار ئورۇن سىياسى بىيرونىڭ ئەزاسى قولغا ئېلىندى. چەتئەلگە قېچىپ  كەتكەن چىرىكلەشتۈرگۈچى ئۇنسۇر تۇتۇپ كېلىندى. سابىق مۇقىملىقنى قوغداش تۆھپىكارى، ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ پارىخور سېكرىتارى تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلدى.
جوڭگونىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى تەكىتلەنگەندىن بۇيانقى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك بۇ ۋەقەلەر نۆۋەتتىكى قانۇنچىلىق خىزمىتىنىڭ قۇرۇق شوئار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇلاردىن مەركىزىي كومىتىتنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كەسكىن قارارغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ.
جەمىيەتتىكى كۈنسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان پۇرچاق پەلىزىدەك بىر تۇتاش پارىخورلۇقتىن سەسكەنگەن ئىدىم.
يۇقۇرى-تۆۋەن گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈپ ئاۋامنىڭ نالىسىغا پەرۋا قىلماي باستۇرۋېتىشتەك خىزمەت پوزىتسىيىسىدىن تېڭىرقاپ قالغان ئىدىم.
قانۇندىن ۋەزخانلىق قىلىپ قانۇننى بۇلغايدىغان قىلمىشلارغا كېكىرىپ، جەمىيەتتىن ئۈمۈتسىزلەنگەن ئىدىم.
ئېغىزىدا مۇقىملىق شوئارىنى كانىيى يىرتىلغۇدەك توۋلاپ، قولىدا چاندۇرماستىن مۇقىمسىزلىق ئۇرىقىنى چېچىشلاردىن يۈرەك كېسەل بولۇپ كەتكەن ئىدىم.
كۆز ئالدىمدىكى تۇمان تارقاپ كەتتى. كۆڭلۈمدىكى گۇمان تۈگۈنلىرى يېشىلىپ كەتتى.
يۇقۇرقىدەك پاكىتلار مەركىزىي كومىتىت بىلەن بىزنىڭ ئورتاق قايغۇ ۋە ئارزۇدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. بىزنى قىسمەن بىنورمال قىلمىشلار ئىچىدە تېڭىرقاپ قالماستىن مەركەزگە ئىشىنىشكە ئۈندەيدۇ.
بەزى دوست ياكى دۈشمەنلەر جوڭگودىكى ئاساسلىق خەۋپنى غەرپ كۈچلىرى ياكى تېرورىزىم دىگەندەك تەرەپلەردىن ئىزدەيدۇ.
بۇ ماھىيەتلىك مەسىلىنى مەخسەتلىك يوشۇرۇپ، قىسمەنلىكنى كۆپتۈرۋېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى خەلق بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن كۈنى، غەرپتىن ئون-يىگىرمىسى كەلسىمۇ بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. ئىلگىرىمۇ قىلالمىغان.
تېرورىزىم دۇنيانى ھېچنىمە قىلالمىدى. بىزنىمۇ ھېچنىمە قىلالمايدۇ.
ئۇنداقتا دۆلەتنى كىم خاراپ قىلالايدۇ ؟!
يولداش دېڭ شاۋپىڭنىڭ ۋەسىيىتىدە بۇ مەسىلىگە ئاللىقاچان جاۋاپ بېرىپ بولۇنغان.
جوڭگودا مەسىلە كۆرۈلسا، كومىنىستىك پارتىيەدىن كۆرۈلىدۇ.
بىر كەنتنىڭ باشلىقى چىرىكلەشسە بىر كەنىتتىكى نەچچە مىڭ پۇقرانىڭ پارتىيەگە بولغان قارىشىدا خاتالىق پەيدا بولىدۇ. بىر شەھەر باشلىغى چىرىكلەشسە شەھەردىكى تۈمەنلىگەن پۇقرانىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتى سۇسلىشىدۇ. چۈنكى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيىلىك بولىدۇ. بۇنداق ھوقوق قاتلاملىرىدىكى چىرىكلىك ئاخىرىدا ئومومى جەمىيەتنى ۋەيران قىلىدۇ.
ئۇ چاغدا غەرپ بىلەن تېرورىزىم بىكار ئولتۇرۇپ، پاراڭ سالىدۇ. چۈنكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى پارتىيىلىك تونىغا ئورىنىۋالغان ئەشۇ ئىچكى قسىىمدىكى خائىنلار ئورۇنلاپ بولىدۇ.  
ئۇلار قانداق ئورۇنلايدۇ ؟!
يۇقۇرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى يىغىن زاللىرىدا بېسىقماي سۆزلىنىدۇ. ئەمما ئىجرا قىلىدىغان قاتلامدا سىياسەتكە لايىق جۈرئەت، مەركەزگە بولغان ساداقەت بولمىسا ئېتى ئايپاشا، قىلىغى تامماشا بولۇپ قالىدۇ.
مەسىلەن كىچىككىنە مىسال ئالساق، مەركەز ۋە نازارەت تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرىقىنى توختىتىشنى بۇيرۇپ سىياسەت چۈشۈردى. ئەمما تۆۋەندىكىلەر "غىرت"مۇ قىلمىدى. تاپشۇرۇقتا ئۆزگۈرۈش بولمىدى. يىلدىن ئاشتى، سىياسەت ئۇنتۇلۇپمۇ كەتتى.  
باشقا چوڭ مەزمۇنلاردا قاتارىسىغا مىسال كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. چۈنكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە تەگمەيدىغان ئەشۇ تاپشۇرۇق سىياسىتى بېسىلىپ قالغان يەردە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا سىياسەتلەرنىڭ تەغدىرىگە باش قاتۇرمىساقمۇ بولار.
مەركەز چۈشۈرگەن مەبلەغكە، خەلىق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادقا چىرىكلىشىدۇ. ئەشۇ نەچچە مىڭ، نەچچە مىليون پۇقرانىڭ كەلگۈسى تەغدىرىگە چېتىلىدىغان كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى تېرىلغۇ يەر، ئورمانلارنى ساتىدۇ. مەركەزنىڭ دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سالغان مەبلىغىنىدىن چوتا ئايرىشقا چاپىدۇ. بۇ خىلدىكى سودا-سېتىقلار ھەرگىزمۇ ئەركىن بازاردىكى نورمال سودىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر-خىل نامدىكى ئاتالغۇلىرى، ئادەم ئويلاشتىنمۇ ئېرىنىدىغان سەۋەپلىرى بولىدۇ.
ئۇلار يۇقۇرىنىڭ دىققىتىنى مۇقىمسىزلىق دىگەن ئاتالغۇغا بۇراپ قويىدۇ. ھىسداشلىققا، قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەر بۇ يېرىنى بىرەر سەۋەپ بىلەن يارا قىلىدۇ. مۇقىمسىزلىق كۆرۈلگەن جايدا كىممۇ پارىخورلۇققا دىققەت قىلىدۇ دەيسىز. بۇ تەدبىر بىلەن كۈنلۈكنىڭ ئاستىدا ئاپتاپ كۆرمەي خاتىرجەم يەپ ياتىدۇ.
تۆت تال تېرورچى، تۆت تۈمەن بولسىمۇ ئۇلارنى يوقۇتۇشقا قۇدرىتىمىز تامامەن يېتىدۇ. ئەمما يا خۇدانى تونۇمايدىغان، ياكى پارتىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىمايدىغان پارتىيىلىكلەر غولداپ كەتسە بىزنىڭ چامىمىز يېتەمدۇ !؟
دۆلەت ئۈچۈن ئەشۇ بىر نەچچە تال چۈپرەندە مۇھىممۇ ياكى تۈمەنلىگەن دېھقان مۇھىممۇ ؟
بۇ نەچچە تال چۈپرەندە يوقالغانغا كۈن غەرپتىن چىقمايدۇ. ئەمما تۈمەن خەلقنىڭ ئىشەنچى يوقالغان كۈنى، كۈن چوقۇم غەرپتىن چىقىدۇ.
يەرلىك مەمۇرلار ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۈرۈمچىدىن ھەتتا پايتەختتىن يالاپ قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.  نىمە ئۈچۈن مەركەز دەۋاگەر ئاممىنى يەرلىكتىن ئۇرۇمچىگە ياكى بېيجىڭغا ئاپىرالمايدۇ ؟! مەركەز يامانمۇ ؟ يەرلىك يامانمۇ ؟!
ئەجەبا مەركەزنىڭ كۈچى، يەرلىك مەمۇرى ئاپاراتلارغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ ؟
دانا رەھبەرنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ قانچىلىك ئاچچىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئەمەلىيەتتە ئۇ جوڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە نېسبەتەن ئەڭ ئىلمى ۋە توغرا يەكۈن.  
جوڭگو دەل مۇشۇ ماھىيەتلىك سەۋەپ-نەتىجىنى ئەمەلىيەت جەرياندا قوللىنىپ مىليارت پۇقرانىڭ مەنپەئەتىنى مىليون ھوقوقدارنىڭ ئۈستىگە قويدى. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن تۆۋەندىكى ئاددى خەلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئەمچەكنى ئېمىپ ياشاۋاتقان چىرىك ئۇنسۇرلارنى يوقۇتۇش قارارىغا كەلدى.
بۇ ھەرگىزمۇ قىسقا مۇساپىلىك جەريان ئەمەس. بەلكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق كۈرەش. مائارىپتىن يېزا ئىگىلىكىگىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكىدىن سودا-سانائەتكىچە ..... ئېلىپ بېرىلىدىغان گىرەلەشمە خەلق ئۇرۇشى. بۇ كۈرەشتە ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمىغاندەك يۇمشاق قوللۇق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ھاكىمىيەتكە خائىنلىق قىلىۋاتقان بۇنداق دۈشمەن كۈچلەرگە پۇرسەت بېرىش دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقىغا تەھدىد، ئاۋامنىڭ بەختىگە زۇلۇم !


شەرق قىزاردى،
كۈن چىقتى......



قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
Abdurehim ablathan
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى .
[ بۇ يازمىنىئا.ئابلەتخان 2012-06-13 18:27قايتا تەھرى ]

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 3201
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3201دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 37262 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2013-01-29
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 18:30:23
ئورۇن ئېلىپ قويۇلدى

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2195
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2195دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 28684 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 18:44:00
ئىسىل يازما،،،،،،،،پارتىيىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈۋاتقان پارازىتلارنى،خەلىقنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى بېسىۋاتقان مۇستەبىتلەرنى،سانسىزلىغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلىنى بۇلاپ تالاپ يەپ تۇرۇپمۇ يەنە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھىچبىر گېپىگە قۇلاق سالمايۋاتقان داشقاللارنى ،پارتىيە ھۆكۈمەت بىلەن خەلىقنىڭ ئارىسىغا ھاڭ پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرىنى قەتئى يوقۇتۇش كېرەك،،،،،،،،،،شۇندىلا دۆلەت تىنچ ،خەلىق خاتىرجەم بولغۇسى،،،،،،،

 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11967
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-06-13
ئاخىرقى: 2012-07-11
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 19:27:14
مەن بىكاردىن بىكار باج تاپشۇرۇپ كىلىۋاتىمەن ،  
جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىمىز فىلىپپىنغا بىر تال بومبا ئاتقان بولسا بەك ياخشى بولاتتى ، باج تاپشۇرۇشقا رازى بولمىغىنىم بىلەن جۇڭگۇ ھۆكىمىتىمىزنىڭ ئاشۇ ئاتقان بومبىسىغا 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىشقا رازىتتىم .

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 670
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە670دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8449 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 20:40:05
رىياللىق تۇلىمۇ ئىلمى،يىغىنچاق تەھلىل قىلىنىپ،نۈۋەتتىكى نىگىزلىك مەسىلىلەرئېنىق كۈرسۈتۈپ بىرىلىپتۇ.نادىر تېما ئىكەن.چىرىكلىكنىڭ نۈۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت ئىكەنلىگى،مۇبادا ئالدى ئىلىنمىسا ۋە يوقۇتۇلمىسا دۈلەت ۋە خەلققە مىسلىسىز پاجىئەلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىغى ھەممىگە ئايان پاكىت بولۇپ قالدى.دەرۋەقە«مۇقىملىق» چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ مۇداپىئە قۇرالى بۇلۇپ قالغىلى تۇردى.ئۇلار يۇقۇرنى ئالداپ،پۇقرانىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا «مۇقىمسىزلىق»قا مۇھتاجلىغىنى رۇشەن ئىپادىلىدى.بەزى «يەرلىك خاقانلار»مەركەزنى،دۈلەت قانۇنلىرىنى زادىلا كۈزگە ئىلماس بولۇپ كەتتى.ئۇلار ھەقىقى مۇقىم،تىنىچ ئاسايىشلىق كۈنلەرنى خالىمايدىغان بىر ئوچۇم چىرىندىلەردىن ئىبارەت.ئۇلار سۈنئى «مۇقىمسىىزلىق»ئامىللىرى پەيدا قىلىدۇ.مۇبالىغە قىلىدۇ.كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇقلىرىغا چىقىلىدۇ.ھوقۇقىنى قۇغدىماقچى بولغانلارنى«مۇقىملىق»كالتىكى بىلەن ئەدەپلەپ تۇپۇلاڭدا تۇقاچ ئوغۇرلايدۇ.ئۇلار ھىلىگەرلىكتە شەيتاندىن يامان.ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە دۈلەت ۋە خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى كىم دىيىلسەمانا مۇشۇنداق چىرىك ئۇنسۇرلارئەڭ مۇۋاپىق نامزات!.


قاسىم سىدىق

2012.6.13

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=10881&page=1&extra=#pid32414
.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-06-13 21:03قايتا تەھرىرلىدى ]

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4555
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1409
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1409دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 20829 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2013-01-29
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 20:42:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەلەم ئىگىسى ......................قەلىمىڭىزنىڭ رېڭى تۈگەپ كەتمىگەي .......!

...............ئۇزۇن بولدى يوق بولۇپ كەتتىڭىز مۇنبەردە بولسىمۇ بىزلەرنى يوقلاپ تۇرۇڭ............

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 21:09:01
دۇلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەغدىرىگە كۇڭۇل بۇلۇش شۇ دۇلەتتىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بۇلوپ قالماي شۇ دۇلەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر پۇقرانىڭمۇ مەجبۇرىيىتى ،چۇنكى دۇلەتنىڭ تەغدىرى شۇ دۇلەتتىكى پۇقرانىڭ تەغدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلىدۇ ،،ئايرىم ساندىكى ئەمەلدارلار ئۇز مەنپىئەتىگە چۇغ تارتىپ دۇلەت مەنپىئەتى ۋە خەلىقنىڭ مەنپىئەتىگە زىيان ئىلىپ كىلىدۇ،،،

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2391
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2391دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 24974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 21:23:35
ئەسسالامۇ ئىلەيكۇم
ئالدى بىلەن بۇ تىمىنى كەڭ باشقۇرغۇچىلارنىڭ نادىرلاپ قويشىنى تەلەپ قىلمەن .
پارخورلۇق ،چىرىگلىكلا بولۇپ قالماي ،،يۇقىرنىڭ سىيا سەتلىرنىمۇ ئىجىرا قىلىشىدا  ،دوپىسى ئىلىپ كىلىنسۇن دەپ پەرمان چۈشسە بىشىنى كىسىپلا ئىلىپ كىلۋاتقان بىرقىسىم ھۆكمەت بىلەن خەلىقنىڭ ئوتتۇرسىغا زىديەت تىرىپ ،غەزەپ ئوتىغا  ماي چىچىۋاتقان ماڭ قۇرۇت قارا قورساق ئەبلەخ ئەمەلدارلارنى  يوقۇتۇش  مۇھىم بوپ قىلۋاتىدۇ ،،،،،ھەمە يەردە مۇقۇملۇق دەپ توۋلايدۇ يۇ ، خەلىق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلۋاتسىمۇ   ،خەلىققە ئارام بەرمەي  ،ھىلى مال مۇلكىگە ،ھىلى ماكانىغا ،،يەنە ،،
مىلى مەدىنيىتىگە زورمۇزور ھۇجۇم قىلۋاتقان  ئەبلەخلەنى بەزىدە دۆلتىمىزنى گۇمران قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ۋەتەن خايىنىلىرمىكىن دەپ قالمەن .،ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا خەلىقنىڭ رايىغا باققان بولار ئىدى ،،،،،

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2553 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2013-01-30
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-13 22:28:51
تەپسىلى ئۇقۇساق ئاخرىقى بۆلەكنىڭ  ئاپتۇرنىڭ چىن كۆڭلىدىن دىيىلگەن  ياكى ئۇزىنى ئاياش مەخسىتىدە دىيىلگننى بىلگلى بولمايدۇ،ماقالدىن ئاپتۇرنىڭ ناھايتى ئۆتكۇر ھەم بىلىملىك ئادەم ئكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ .ئەمما شۇنى قىپيالىڭاچ رەھىمسىزلىك بىلەن  دىمەي تۇرالمايمەن ،بۇ ھەرگىزمۇ نادىر تىما ئەمەس 
مىنى كەچۇرۇڭ قىرىندىشىم ، سىز ھەقىقەتەن بىلملىك ئكەنسىز ،مەن سىزنىڭ مەندىن ياشتا چوڭ ياكى قانداق ئادەملىكىڭىزنى بىلمەيمەن ،ماقالىڭىزنىڭ ئالدىنقى %70بۆلىكى مىنى سىزگە ئاللىقاچان قايىل قىلىپ بولدى،ئاخرقى %30 پىرسەنىت يىرى ئەمىليەتتە سىزنىڭ ھەل قىلىش چارىڭىز ياكى پۇزۇتسىيڭىزكەن،كىلىڭ بىز بىرلىكتە بۇنى ئۆزگەرتەيلى!!!  
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-06-13 23:19قايتا تەھرىرلى ]

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2589 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2013-01-03
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-14 00:01:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇرېھىم ئابلەتخان، سالامەت تۇرغانلا.
بىلوگلىرىنى يېڭىلىمىسىلىمۇ، مىكروبىلوگ (گۈدۈك)دا بولسىمۇ بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىپ تۇرغايلا، ئۇزۇن ۋاقت يوقاپ كەتسىلە، نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ قالىدىكەنمىز.

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى