مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 8ئىنكاس
  • 2715كۆرىلىشى

مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرەتتىم (ھىكايە) [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: يېڭى ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11907
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-06-07
ئاخىرقى: 2012-08-23
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-07 16:55:05
  مەن ئىرىمنى  ياخشى  كۆرەتتىم

ئاپتورى:تاتلىق ئۇيغۇر


مەن ئىچى-ئىچىمگە پاتماي يىغلىدىم .  ئۆزەمنى شۇنچە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ ، ماڭا ئاسى نۇرسىز كۆزلۈرۈمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلار ئېقىپ كىتىپ باراتتى . ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ، ئوماق ئىرىم مەن سىزنى ئالداپ قويدۇم،سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن  مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن  سىزمۇ ماڭا ئامراققۇ ؟ بالام ئىككىمىز سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز ئوغلىمىزنى بىللە بېقىپ چوڭ قىلمىساق قانداق بۇلىدۇ ،دەپ ئۇنىڭغا دىگەن گەپلىرىمنى ياندۇرۋالغۇم ،ئۇنىڭغا قولىغا ئېسلىپ ئەركىلەپ سىزنى ئالداپ قويدۇم  سىز دىگەن بالىمىزنىڭ دادىسى تۇرسىڭىز،مەن قانداقمۇ سىز ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەلمىگۈدەكمەن، دەپ يىغلامسىراپ كەتكەن كۆڭلىگە، خۇشاللىق ئاتا قىلماقچى بولدۇم. بىراق مىنىڭ جايىللىق مەنىمەنچىلىك ئاتا-ئانامنىڭ پۇلدارلىقىنى پەش قىلىپ،مىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ئىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆردىغان بولساممۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇربانلىقلارنىمۇ بىرەلمىدىم. ئىرىم ماڭا توختىماي قارايتى نۇرلۇق كۆزلىرىدىن بىر خىل بىچارە قىياپەت ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . دادامنىڭ قىزىم يولدىشىڭىز بىلەن قايتىپ ئۆيۈڭلارنى تۇتامسىلەر؟ ياكى ئىرىڭىزنى قايىل قىلىپ مۇشۇ يەردە ئۆي تۇتامسەلەر؟ يا بولمىسا ھەر ئىككىڭلار بولدى قىلامسىلەر دىگەن گىپى بىلەن ئۆيدىكى چوڭ كىچىك ئىرىمنىڭ ئاتائانىسى قۇشۇلۇپ ھەممىسىنىڭ دىقىتى ماڭا بۇرۇلدى،مىنىڭ شۇ بىر ئېغىز بولدى قىلايلى ئابلىكىم بۇ يەردە ئۆي تۇتۇشنى خالىمىسا مەن ئابلىكىمنىڭ يۇرتىغا كۈنەلمىسەم بولدى بىز ئاجىرشايلى  ئىرىمنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن مەندىن بۇنداق گەپ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغىنى تەس ئەمەس ئىدى. بىراق مەن ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىنى خېرەلەشتۇرۈپ،ئۇنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويدۇم. ئىرىم ماڭا قاراپ قاتتىق غەزەپلەندى بولغاي قۇشۇملىرى تۈرلۈپ  قاپقارا قاشلىرى بىلەن نۇرلۇق كۆزلىرى بىرىكىپ ماڭا قاراپ كۆزىنى زەردى بىلەن يۇمدى. يۇمدىيۇ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى.ئۇ ئاچىقى بىلەن شۇنچە تىركەشكەن بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇپ بۇلالماي پاڭىدە يىغلاپ ئۆزىنى سىرىتقا ئاتتى. مەن ئەزەلدىن ئىرىمنىڭ  كۆزىدىكى ياشنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ شۇنچە ئەقىللىق ئەدەپلىك داداممۇ ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ھەرقانداق بىر كىشى زىرىكىش ھىس قىلمايتى. ئۇ چوڭ كىچىك ئۇششاق چوڭ دىمەي ھەممە خۇلۇم خۇشنىلاربىلەن بەك ئەپ ئۈتەتتى. بۇ گىپىم ئىرىمگە دەرۋقە زەربە بولدى،ئۇ ماڭا ئىشىنەتتى. بىراق مەن ئۇنى ئوڭايسىز ئەھۋالغاچۈشۈرۈپ قويدۇم. رىياللىق ھامان رىياللىق ئېغىزدىن چىققان گەپنى ياندۇرۋالغىلى بۇلاتتىمۇ  ئەسلىغۇ ياندۇرۋالغىلى بۇلاتتى بىراق مىنىڭ قۇلۇقۇمنى ئاپام ئاللىبۇرۇن بۇراپ بولغان ئىدى.   ئەسلى بىز ئىرىم ئىككىمىز نەۋرە كىلەتتۇق ئىرىم ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىدى .ئاپامنىڭ ھەدىسى باشقا شەھەردە تۇرغاشقا بىز تەرەپكا تۇققان يوقلاشقا توي تۆكۈن ھېيىت بايرام ۋاقىتلاردا كەپ كىتەتتى. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ ئىككى ئوغلى ئىككى قىزى بۇلۇپ  تۆت بالىسى بار ئىدى مەن بولسام ئۆزەم بۇ ئۆينىڭ يالغۇز مەلىكىسى ئىدىم. مىنىڭ يا ئاكام يا ئىنىم يوق ئىدى سىڭلىم ھەدەممۇ يوق ئىدى. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ چوڭ ئوغلى مىنىڭ يولدۇشۇم ئىدى. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇ مىنى دائىم ئۇرۋالاتتى.ئۇ تۇققانلارنىڭ باللىرى ئىچىدە ئەڭ كەپسىزىزى ئىدى. كىچىك بولغاشقىمىكىن ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشۇپ قالدىممۇ بولدى مىنىڭ تاياق يىگىنىم ئىنىق ئىدى.بىز شۇ تەرەقىدە چوڭ بولدۇق.ئاپامنىڭ ھەدىسى مىنى ئوغلىغا ئېپ بەرمەكچى بولۇپ بىزنىڭكىگە كەلدى ئۆيدىكىلەر قۇشۇلدى بىراق مەن قۇشۇلمۇدۇم چۈنكى ئۇنى قەتتى چۈشەنمەيتىم ئۇنى بۇرۇنقىدەكلا كەپسىز مىنى دائىم بوزەك ئەتكىنى يادىمغا يىتىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. ئاپامنىڭ ھەدىسىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، قىزىم ئۇ ھازىر ئۇنداق كەپسىز ئەمەس ئۇ بەك ياخشى ئادەم بولدى دەپ مىنى بەزلىدى. بىز داۋاملىق بىللە تۇرمىغاشقا ئۇ باشقا شەھەردە مەن باشقا شەھەردە بولغاشقا ئۇنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيتىم.شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن بىر نەرسە دەيدىغان بولدۇم، ئۇ ئەتىسىىلا بىزنىڭكىگە كەلدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى كەپسىزلىكى قوپال ھەدىسىلا دۈش دۈش دەپ ئادەمنى دۇمبالايدىغان ئادەتلىرىدىن ئەسەر كۆرۈنمەيتى.ئوتتۇر بوي قاشلىرى قاپقارا چاشلىرى ئادەم تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز قۇيۇق ئىدى. چىرايى بۇغداي ئۆڭ، يېڭىلا خەت تاتقان بۇرتى. ئۇنى بىر قاراشتا ھىندىستان كىنولىرىدىكى ھىندىستانلىق  ئۇغۇلىرىغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېتىلغان تىچلىق سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ دىگەن گىپىدىن قىزرىپ ئارانلا سالام قىلالىدىم.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۇ بەكلا كەمتەر ھەم شوخ بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرسام كۈلۈپلا تۇراتتىم.ئۇنىڭ دىننى بىلىمى ئانچە ياخشى ئەمەس بۇلۇپ مەن ئۇنىڭ دىنى بىلىم ئېلىشىغا تۈرۈتكە بولدۇم. ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان ئىدى. ئۇ دادام بىلەن نامازنى بىللە ئۇقۇيتى سۈرە ساۋاقنى مەن بىرەتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ دىننى بىلىمى خېلى ئۆسۈپ قالدى دىن چۈشەنچىسى  ئۇنىڭ باشقىلارغا دىننى قايىدىلەرنى سۆزلەۋاتقاندىكى قىياپىتى شۇنداق چەپدەس ھەم چۈشنۈشلۈك ھەم قايىل قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تويىمىز بېكىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تويىمىز بولدى. تويدىن بۇرۇن بىز تۈزۈكمۇ پاراڭلاشمايتۇق. ئۇنىغا كۈندە ساۋاق بەرگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن ھىشقانداق باشقا گەپ چىقمايتى. بەزىدە ئۇنى مەن بىلەن توي قىلىغۇسى يوقمىكىن دەپمۇ قالاتتىم. ئۇنى ئەمدى چۈشىنىۋاتىمەن. ئۇ ھەقىقەتەن مىنىڭ كۈيۈمچان ئىرىم ھەم مىنى جېنى كەتسىمۇ قوغدايدىغان قوغدىغۇچۇم.
بۇرۇن ئۇنى كۈنلەمچى دەپ يامان كۈرەتتىم مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنلىشىگە مۇيەسسەر بۇلالماي ۋاتىمەن.ئۇ بەك سەزگۈر تەسەۋۇرغا باي بۇلۇپ ماڭا تىكىلىپ قارىغان ھەرقانداق ئەر زاتىنىڭ كۆزىگە قاراپ سۇندۇر ۋىتەتتى ئۇنىڭ كۆزى ئىنتايىن نۇرلۇق ئىدىكى ئۇ غەزەپلەنگەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراشتىن مەنمۇ ئەيمىنىپ قالاتتىم. ئۇنىڭ يېشى ئەمدىلا 19 ياش بۇلۇپ ئۇ ھەربى مەشىق كۆرگەن، ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشقان خېلى تەمبىل ياشتا چوڭ كىشلەرمۇ ئۇنىڭدىن تاياق يەپ كىتەتتى. شۇنداق ئۇ مىنىڭ ئايرىلماس قوغدۇغۇچۇم.ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن قورقىمەن. ئۇنىڭ كىشلەر بىلەن شۇقۇشۇپ قېلىشىدىن تېخىمۇ قورقىمەن شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سىرىتقا چقىپ قالساممۇ كۆزۈمنى يەردىن ئۈزمەيمەن.بىز بىر-بىرمىزگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردۇق. ئۇ مىنى مەڭگۈ قوغدايدىغانلىقىنى ئىككىمىزنىڭ ھەرقانداق ئىش تۈپەيلى تۇققاندارچىلىق يۈزىدىن بولسىمۇ ئايرىلىپ كەتمەسلىكىمىز توغۇرلۇق ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم.ئۇنى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تىجارەت ئۆگەنسۇن دەپ ئىچ كۈيىئۇغۇل قىلۋالدى. دادام ئاپاملارنىڭ مەندىن  باشقا  بالىسى بولمىغاندىكىن  بۇلانىڭ تىجارىتىگە بىز ۋارىسلىق قىلمىساق كىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش قۇردۇق.بارلىق تۇنۇش بىلىش دوست بىرادەرلەر، بىزدىن سىلەر يۇرۇىۋاتامسىلەر؟ دەپ سورايتى بىز توي قىلغۇلى بىر يىل بولدى دىسەك ئۇلار ھاڭ تاڭ قالاتتى. بەزى كىشلەر بىزدىن سىلەر ئۇرشۇپ قالامسىلەر دەپ سوراپ قۇياتتى. شۇنداق بۇ سۇئالنى بىرلا كىشى ئەمەس  ھەتتا داداممۇ بىزنىڭ بىر _ بىرىمىزگە كۆيىنىشىمىزگە   زۇقلۇنۇپ چاق-چاق ئارلاش مۇنداق دىگەن، توي قىلغان ئايال كىشى دىگەنىڭ يۈزى ئانچە مۇنچە كۆكۈرۈپمۇ قالىدىغان بىراق سىنىڭ يۈزۈڭ ئۇنداق بۇپ باقمىدى قارغاندا ئابلىكىم سىنى ئۇرمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ مىنى تىرىكتۈرەتتى.شۇنداق بەخىتلىك كۈنلۈرۈمنىڭ بىرىدە بۇيۇمدا قالدى. ئۇنى ئىرىم ئۆيدىكىلەر بىلىپ ئىرىم ئىككىمىزگە دۇئا قىلدى ئىرىم ئەمدىلا 19 ياش مەن ئەمدىلا 18 ياش ئىدىم. بىلمىگەن كىشىلەر بىزنى توي قىلدى دىسە قەتتى ئىشەنمەيتى. ئىرىم بۇيۇمدا قالغىنىدىن خوش بۇلۇپ توۋلاپ كەتتى. راستىمنى دىسەم ئىرىمگە راسلا مەستلىكىم كەلدى،ئىرىم سىز نىمىدىگەن بەخىتلىك ئۆزىڭىزمۇ كىچىكلا بىر بالا ئەمدى سىز دادا بۇلۇش .ئالدىدا تۇرۋاتىسىز ئەگەر ئۇغۇل تۇغۇپ قالسام سىز ئوغلىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭسىڭىز توۋا ئۇلۇغ ئاللاھ  شۇ كۈنلەرگىمۇ نىسىپ قىلارھە. مىنىڭ سىزىكلىكىم ئەۋجىگە چىقتى ئىرىم ماڭا كۈينۈپ قىلمىغىنى قالمايتى.نىمە يىگۈم كەلسە ئۇ مەيلى كۈندۈز بولسۇن ياكى كەش بولسۇن ئۇ ئەكەپ بىرەتتى. بىزنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىمىزگە كۆز تەگدىمۇ ياكى بۇ ياراتقۇچۇمنىڭ سىنىقىمۇ بىلمىدىم. قۇربان ھېيىت كەلدى، ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىرىم بىلەن نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كەلدۇق ئككىنچى كۈنى بولسا يەنە شۇ دۇكاننىڭ ئىشىنى دەپ يەنە چىقىپ كەتكەن ئىدى.ئىرىم ئادەتتە كاستۇم كىيمەيتى ئۇنىڭ تويىمىزدىكى كاستۇم كىيگەن سالاپىتى ھېلىكەممۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ توي كۇندىن تاھ ھازىغۇچە كاستۇم كىيىپ باخمىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي دومسۇيۇپ يۇرۇپ ئاران تەستە ئۇنىغا كاستۇم ئالدۇق. ئۇنىڭ كىلىشكەن جىسمىغا بۇ كاستۇم شۇنداق ياراشقان ئىدى،بىراق ئۇ يەنىلا  ئەركىن بۇلالمايدىكەنمەن دەپ تەنە قىلماقتا ئىدى مەن يەنىلا ياق ئەمدى سىز چوڭ بولدىڭىز سىز دىگەن دادا بۇلۇش ئالدىدا ئەمدى چوڭ سىپەت كىيىم كىيىڭ دىدىم. ئىرىم خوش بولدى ماقۇل ئەگەر چوڭ بۇلىدىغان ئىش بولسا كىيسەم كەيدىم دەپ ئەينەككە قاردى جەسسۇر سالاپەت بىلەن، ئىرىمگە  يەنە ھەۋىسىم كەلدى. ھېيىتنىڭ ئىككىنى كۈنى ئۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدى.خوشنا دۇكاندارلار ئۇنىغا قەۋەتلا ئامراق بۇلۇپ چاقچاق لىشىپ تۇراتتى ئۇزۇن ئۆتمەي بىرى كىلىپ بىزدىن نەرسە كەرەك سېتىۋالدى. ئۇ ئادام ئىنتايىن قوپال، ئىرىمنى بەلكىم كىچىك شوخوزا دەپ قالدى بولغاي سەنلەپ بىرنىمىلەرنى دەۋاتاتتى ئىرىمنىڭ ئاچىقىنى بىلگەشكە دەرھال ئىرىم تەرەپكە بۇرۇلدۇم دەرۋەقە ئىرىمنىڭ قاپقارا قاشلىرى تۈرلۈپ كەتكەن ئىدى. ئىرىم مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن ئوخشاش مۇۋامىلە قىلاتتى، ئەمما ئەخلاقسىز، ئادەمنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشلەرگە بەك ئۆچ ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قوپال مۇۋامىلىسىدىن غەزەپلەنگەن ئىرىم ئاكا مەن مالنى پارچە ساتمىغان خاپا بولمىغان بولسىڭىز دەپ گەپنى ئۈزدى،بىزنىڭ تىجارەت قۇرۇق لازا تىجارىتى بۇلۇپ  ھەر كىلوسى 20 يۈئەن ئىدى. نىمە دىدىڭ؟ ۋۇي كۇسپۇرۇش لازىچى... قاسساپ گۆشنى 40 يۈئەن سېتىپ پاچە ساتقان يەردە سەن ماۋۇ ئاچچاق لازاڭنى پارچە ساتمىغان دەيسىنا بۇ لازاڭنى كىم كىلولاپ ئېپ يەيدۇ مەن ئۈچ ۋاق لازا يىمەيمەن... ئىرىم يەنە ئۆزىنى باسالماي، ئۇنداق بولسا گۆش يەڭ  ئاچچىق لازىنى پۇلغا ئېلىپ نىمە قىلىسىز؟ ئۇنىڭدىن  كۆرە ئالمايلا قۇيۇڭ دەپ ئىرىممۇ بوش كەلمىدى. ئىرىمنىڭ بۇ تەنە گىپى ئۇ ئادەمگە خېلىلا تەسىر قىلدى بولغاي ئىرىمنى سەت گەپ بىلەن تىللاشقا باشلىدى، ئىرىمنىڭ ئاچچاقى پەللىگە چىقتىدە  ئۈچۈنچى دۇنيا ئۇرشى باشلاندى. مەن ئىرىمنىڭ مىجەزىنى ئۇبدان بىلەتتىم بىر ئىش چىققاندا ئۇ مىنىڭ يېقىن كىلىپ يىغلىشىمنى قەتتى ياختۇرمايتى  ھەم گەپ قىستۇرشۇمنىمۇ قەتتى ياختۇرمايتى. بىراق قانداقمۇ ئوماق ئىرىمگە چىداپ تۇرالايمەن. دەرھال خوشنا دۇكاندارلارنى چاقىرىپ كەلدىم. ئۇنىڭغۇچە ئىرىم ئۇ كىشىنى ئاللىبۇرۇن پۇرلاشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ئىرىمنىڭ  شۇنچە يوغان ئادەمنى قانداق ئۇرۋالغىنى ھىچ ئەقلىم يەتمەيدۇ. مەن ئەپ بەگەن چىرايلىق قارا كاستۇمنىڭ تۇۈگمىسى يوقلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىرىم ئۇ ئادەمدىن ھىچ بىر تاياق يىمىگەن ئىدى. ئەمدى جېدەل باشلىنىپ كەتتى ئۇ كىشى ئادەم توپلاپ كۈندە دۇكان ئالدىدا ئىرىمنى ئۇرۇشنىڭ كويىدا، ئۆيدىكىلەر ئىرىمگە سۇقۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ خاتا قىلغانلىقىنى ئازراق كايىدى، ئىرىم بۇنى كۆڭلىگە ئەپ قالدى، چۈنكى ئىرىم بۇ يۇرۇتقا مۇساپىر ئىرىم مىنى ئاتا ئانامنى دىمىسە ئۇنىڭ بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ . تۇرغۇسى يوق. ئىرىم بۇ ئىش توغۇرلۇق بۇ يۇرتتىن رايى ياندى. چۈنكى ئىرىم يۇرتىدا ئەركىن ئازادە  چوڭ بولغان بولغاشقا  بۇ كىشىنىڭ كۈندە دۇكان ئالدىغا كەپ ھېلىقى بالىنى چىقىرىپ بىرىڭلا ئۇ مىنى شۇنچە جىق كىشلەر ئالدىدا ئۇردى ئەمدى مەن ئۆچۈمنى ئالىمەن دەپ تۇرۋالدى. مەن ئىرىمنى قانداقمۇ ئۇ ئون نەچچە ئادەم ئالدىغا چىقىرىپ بەرگۈدەكمەن. ئىرىمنىڭ قايتا-قايتائۆتىنىشى بىلەن ئىرىمنىڭ يۇرتىغا  كەپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدۇق. مەنمۇ ئىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەي دەپ ئىرىمنىڭ يۇرتىغا كەلدىم.ئىرىمنىڭ ئائىلە شارائىتى بىزنىڭكىگە  ئوخشىمايدىغان بولغاشقا بىچارە ئىرىم قۇرلۇش ئۇرۇنلىرىدا ئىشلىدى بىراق مىنىڭ سىزىكلىم تېخىچە يانماي ۋاتقان ئىدى. ئىرىمنىڭ جاپا دەستىدىن چىرايىنىڭ خۇنى قالماي  باشقىلا بىر ئادەمگە ئۆزگۈرۈپ قېلىۋاتاتتى. مەن يۇرتۇمدىن چىقىپ باقمىغان بولغاشقا يۇرتۇمنى سىغىندىم ئانامنى سىغىندىم ئاناممۇ مىنى ئىرىمنىڭ يۇرتىدىن قايتىپ كىلىشىمنى ئېتتى.ئىرىمنىڭ تاپقان پۇللىرى بىزنىڭ يۇرۇتىمىزغا قاتنايدىغان ماشىنىغا خەشلەپلا تۈگەيتى. ئامال قانچە مىنىڭ يۇرتۇمدا تۇرايلى دىسەم  ئىرىمنىڭ كۆڭلى بۇ يۇرۇتتىن سەسكەندى قىسقىسى ئىرىم بۇ يۇرۇتقا سىغمىدى. مەن  ئىرىمنىڭ يۇرتىدا تۇراي دەپ شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا مەن ئاجىز كەنمەن، مەن چىدىمىدىم يۇرتۇمغا ئانامغا چىدىمىدىم، ئانامنىڭ ئەگەر ئابلىكىم يۇرتىغا ئەپ كىتىدىغان ئىش بولسا بولدى، سىزنى چىقىرۋالىمەن دەپ چىڭلا تۇرۋالدى.مىنىڭ ئاي كۈنۈممۇ يېقىن بوپ قالغاشقا مەن ئاپاملا بىلەن تۇردىغان بولدۇم. ئىرىم يۇرتىغا قايتىپ ئىشلىمەكچى بولدى. كونىلار ھەجەپ توغرا ئېيتىپتىكەن دىسە، يىراقتىن يار تۇقىچە يېقىندىن دۈشمەن تۇت دەپ. بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمەن. ئىرىمنى دەرۋەقە سىغىنغان ئىدىم. ئىرىمنىڭ قورسىقىمنى سىلاپ ئەركىلىتىشىنى مەن ئۇيقىغان كەتكەندە يوتقۇنۇمنى يېپىپ قۇيۇشنى سىغىندىم. ئىرىم سىزمىنى سىغىندىڭىزمۇ؟ ئىرىم مىنى كۆرگۈلى پات پات كەپ تۇراتتى. ئۇ كىتىدىغان ۋاقىتتا بولسا ئۇنىغا قەتتىلا قىيالمايتىم. بىراق ئۇ يەنىلا قايتىپ كىتەتتى.ئاپام بىر كۈنى توساتتىن ئاجىراشتۇرۋالدىغانلىقىنى ئتتى. ئانامنىڭ دىيىشچە مەن تۇغۇپ بولغاندىمۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا بەرمەسمىش. نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنى ئانام داداملارمۇ ياشىنىپ قالدى ئۇلارنىڭ تاپقان تەرگىنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىرىم ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يۇقمىش. مەن ئىرىمنى بىلىمەن بىر نەرسىدىن سەسكەنسە ئۇ ھەرقانچە ئالتۇن بىرەي دىسىمۇ بارمايدۇ. مەن ئۇنى ھازىر قەدەر ئالداپ كەلدىم. مەن ئاپامنىڭ دىگەن لىرىنى ئۇنىدىن يۇشۇردۇم. چۈنى مەن ئىرىمنى ياخشى كۆرەتتىم. ئىرىممۇ مەن ئۈچۈن ئاز بولمىغان قۇربانلىقلارنى بەردى شۇڭا ئۇنى ئۇزۈمدىن يىراقلاشتۇرغۇم كەلمەيتى. مانا مەن ئاخىرى يەڭگىدىم ئۇلۇغ ئاللاھ تۇغۇت  نىمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق ئۇف  ئاپامغا ھۆرمۈتۈم ھەسسىلەپ ئاشتى.كۈيۈمچان ئىرىمنى بولسا قۇلۇقىنى چىشلەپ مىنى نىمىشا بۇنداق تەس ئىشنى قىل دەيسەن دەپ تازا بىر دەردىمنى چىقىرۋالغۇم كەلدى. دەرۋەقە ئۇغۇل تۇغدۇم. ئىرىمنىڭ كىچىك بالىدەك خوش بولغىنىغا قاراپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار ئەگىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇرخانىدىنمۇ قايتىپ چىقتىم. ئىرىم ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاخىرى تىشىلدى. ئىرىمنى ئاپام داداملار ھەرقانچە قىلپمۇ بۇ يۇتۇمدا تۇرغۇزالمىدۇق مەنمۇ شۇنچە يالۋۇردۇم بىراق نەتىجە ئوخشاش. ئىرىمنىڭ كۆڭلى بۇ يەردىن قاتتىق رەنجىدى. چۇنكى ئىرىم تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز دىگەن ھىكمەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدى. مەن ئىرىم بىلەن نىمىشقا كەتمەيمەن.ئەر نەدە بولسا ئايال شۇ يەردە دىگەن گەپ باغۇ.  بىراق مىنىڭ ئاپامدىن ئايرىلغۇم يوق ھەم مىنى ئاپام ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ئاجىراشتۇق بىر بىر-بىرمىزگە قىيالمىساقمۇ ئاچچاق ياشلاربىلەن يىغلاپ ئاجراشتۇق.مەن ئىرىمدىن ئوغلۇمنى ئۆتۈندۈم، ئىرىم كەڭ ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىمنى سىلاپ بىز باشقا يەرگە كىتەيلى دىدى، مەن يەنىلا ئۇنمۇدۇم ئىرىم ماڭا تولا گەپ قىلىپ ئاخىرى پايدىسى يوقلىقىنى بىلىپ يەتتى بولغاي،ئوغلۇمنى قالدۇرۇپ كىتىپ قالدى.  شۇ ۋاقىتتا مەن راستلا كىچىك ئوخشايمەن. ياكى ئىرىم ئىككىمىز كىچىكمۇ بىلمەيمەن. بەخىتلىك تۇرمۇشىمىز شۇنچە خۇشال ئۆتكىنىگە ئوخشاش شۇنچە تېزلا غازان بولدى.   بۇنى مەن كىمدىن كۆرىمەن. ئىرىمدىن كۆرەيمۇ ؟ ياكى ئاتا ئانامدىنمۇ  بۇ ئىشلارنى ئويلىساملا  كاللام ئىشلىمەي قالىدۇ. ئىككىمىز ئايرىلغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قالدى بالاممۇ 1 ياشتىن ئاشتى ئوغلۇم دادىسىغا شۇنداق ئوخشىدىكى دادىسىنىك كىچىك ۋاقتىدىنمۇ بەك كەپسىز.... دادىسى تېلفۇن قىلسا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يىلىنىپ بولسىمۇ ئوغلۇمنى بىرگە باققۇم بار، بىراق يەنىلا  مۇشۇ جايىللىق ئاتا ئانامنىڭ پۇلدارلىقىنى چوڭ بىلىپ ئۆزەمنى ئۇنىڭغا ئاجىز كۆرسەتمەيمەن. تېخى ئۇنىغا ئەمدى تېلفۇن قىلماڭ  ئۆيگە ئەلچىلەر كىلىۋاتىدۇ. بىز ئايرىلىپ كەتكەندىكىن تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، دەپ قوپال تىگىمەن. بىراق بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن  مەن بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئىككىدىن توي قىلغان مەندىن يېشى خېلىلا پەرىقلىق كىشلەر تۇرسا قانداقمۇ مىنىڭ ئىرىمگە ئوخشاتقىلى بولسۇن. بىراق ئامال يوق ئۆز بەختىمنى ئۆزەم نابۇت قىلدىم ئەمەسمۇ. تېلپۇننى قويغاندا بولسا  مەن ئىچى-ئىچىمگە پاتماي ئۆكسۈپ –ئۆكسۈي يىغلاپ كىتەتتىم، كەچۈرۈڭ ئىدىم، مەن سىزنى ياخشى كۈرەتتىم، بىراق مەن سىز ئۈچۈن قۇرباللىق بىرەلمەي قالدىم. ئەسلى مەن چوڭ خاتالاشقان ئىكەنمەن. سىزگە قەبلىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىن بەخىت تىلەيمەن. سىز چۇقۇم بەخىتلىك بۇلىسىز، خەيرى ئاللاھقا ئامانەت....

خاتىمەن: بۇ ئەسەرنى بارلىق ئۇغۇل قىزلىرىمىزغا بېغىشلايمەن  تەپسىلى ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . بەلكىم بۇ ئەسەر جەمىيتىمىزدىكى بەزىبىر ئازغۇن كىشىللىرىمىزگە دەرىسلىك بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن......
                      تامام
ئەسكەرتىش: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇقۇرمەن، بۇ ئەسەر بىر تۇنۇشۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقى ھىكايىسى بۇلۇپ تۇنۇشۇمنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن يېزىپ چىقىلدى سىلەربىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگۈچى : ئابدۇراخمان (تاتلىق ئۇيغۇر)
  مەن مەكتەپتە ئۇقىيالمىغان بولغاشقا بۇ ئەسەرنى جايىدا قوراشتۇرۇپ يازالماي قالدىم. ئۇقۇرمەنلەرنىك تەنقىدى پىكىرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. بۇ ئەسەر مەشىق سۈپىتىدە يېزىپ چىقىلدى. ئاپتۇرنىڭ ئەسەربىلەن ھىشقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
مەنبە: ئۆز قەلەم

باشقۇرغۇچىلارغا:مەن ساۋاتسىز بولغاشقا ئىملا خاتالىقىم سەل ئېغىر بۇلۇشى مۇمكىن ئېغىر كۆرمەي تۈزتۈپ قۇيشىڭلارنى سورايمەن!

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1368
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1368دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2013-01-31
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-07 20:47:05
تاتلىق ئۇيغۇر ئېدىش سىز نىڭ تۇنىشىڭىز   ئۇ يىگىتنىڭ ئايالىمۇ نىمە

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1368
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1368دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-07 20:48:54
hjhUIIU

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1368
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1368دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2013-01-31
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-07 20:50:13
بۇ تىمىنى بەزىلەرگە ئىبرەت قىلدۇرۇش كېرەك        

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 430
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە430دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 4471 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2013-01-17
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 05:30:46
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ،
ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10261
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2013-01-26
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 10:10:30
ئىسمىنىڭ غىتمەكلىكىكىنى، يازغان نىمىسىنىڭ لاۋزىلىقىنى.

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11135
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-03-15
ئاخىرقى: 2013-01-29
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-18 10:36:43
ئەرۋاھنىڭ  ئىنكاسىغا  ؛
مۇشۇنچىلىك  بىر  نەرسىنى  قاملاشتۇرۇپ  سىزمۇ
يازالامسىز  ؟
كىشىنىڭ  ئەمگىكىگە  ھۆرمەت  قىلىڭ .
بولمىسا  ھىچنىمە  يازماڭ  .
كىشىنىڭ  ئەمگىكىگە  ھۆرمەت  قىلمىغان
كىشى  ئۆزى  لاۋزا  ئۆزى  غىتمەك  .

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 14054
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2013-01-24
ئاخىرقى: 2013-01-24
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-24 13:32:29

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1910
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 940 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 12:30:29

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى