مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 24ئىنكاس
  • 13618كۆرىلىشى

ئۇنتۇلماس شەھىدلەر [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 171
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە171دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2013-01-16
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 22:04:00
— بۇ يازما samanyoli تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2012-06-01) —
         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى قولۇمغا ئالدى-كەينى مۇقاۋىسى يوق بىر كىتاب چۈشۈپ قالدى، كىتابنىڭ ئىچىدىكى بەتلەرگە مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاب پىشىۋالىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن.كىتابنىڭ نامى"ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى"ئىكەن،ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىت خەلق ئىشلار ئىدارىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان ئىكەن.بۇ كىتابچىدىكى يۇقۇرقى قۇربانلارنىڭ تىزىملىكى مېنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلدى،چۈنكى بۇ قۇربانلارنىڭ نامى بۇرۇن ھىچقانداق يەردە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.بۇلارنىڭ نام-ئەمەلىدىن كۆپچىلىكنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى لايىق تاپتىم،بۇ قۇربانلار پەقەت شۇ چاغدىكى ئوتيۈرەك قۇربانلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى خالاس.
سابىت بەگزات
سابىت بەگزات1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 26يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.ئۇ 1945-يىلى سىنتەبىردىكى مەشھۇر جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ياقۇپ ھەسەن
مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926-يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن ياقۇپ زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ،ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان.شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرەمبەغدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،دوختۇرخانىدا قۇربان بولغان.
   مۇخپۇل روزى
مۇخپۇل روزىمۇ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان،شۇ چاغدا تېخى19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
   ئەكبەر ئىبراھىم
مەرھۇم ئەكبەر ئىبراھىم 1929-يىلى چاپچال جاغىستايدا تۇغۇلغان.1944-يىلى 15يېشىدىلا كىچىكلىكىگە باقماي ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.مەرھۇم 1944-يىلى كۈزدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ئىمىنجان مەخسۈت
ئىمىنجان مەخسۈت 1920-يىلى قەشقەر كونىشەھەردە دۇنياغا كەلگەن. گۆدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ،قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخونى ئازاد قلىش جېڭىگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇ دېباۋ (خۇيزۇ)
  مۇ دېباۋ 1915-يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.شۇ يىلى11-ئايدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   مامۇت ئېلىيۇپ
مامۇت ئېلىيۇپ1920-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.1945-يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەتجان
مەرھۇم مۇھەممەتجان 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەممەتجان 1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەت ئەلى
مەرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ئالاقىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىق قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن.ھەرەمباغ سوقۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان.
   شىريازدان خالىق
شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن.غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان.
   توختاخۇن قادىر
مەرھۇم 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا 19يېشىدا قۇربان بولغان.
   ھاجى ئەيسا
مەرھۇم 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان،ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان
  خۇداۋەردى
مەرھۇم خۇداۋەردى1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى دىكابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭلەردە پىداكارانە خىزمەت كۆرسىتىپ،1945-يىلى سۈيدۈڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەت ئىمىن
مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن 1917-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى شىخو چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇتەللىپ
مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دېكابىردا 16يېشىدا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ھۆسەيىن(خۇيزۇ)
مەرھۇم ھۆسەيىن 1924-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1945-يىلى شىخو ۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇختار خېلىل
مەرھۇم مۇختەر خېلىل 1912-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   نىيازوپ
مەرھۇم نىيازوپ 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان غەلىبىلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.1948-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئىبراھىم
مەرھۇم ئىبراھىم 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىقىلابىيتەشۋىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بارغان .يىل ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   تۇرسۇن توختى
تۇرسۇن توختى 1925-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.19يېشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان.1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قاتتىق ئېلىشىش بولغان لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئابدۇرېھىم موللاخۇن
مەرھۇم ئابدۇرېھىم موللاخۇن1929-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.نۇرغۇن شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،1949-يىلى 9-ئايدا شىخودا باندىتلارنى تازىلاش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   روزىيۇپ ئابدۇراخمان
مەرھۇم روزىيۇپ ئابدۇراخمان 1920-يىلى غۇلجا شەھەر سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 12-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   شاكىرجان زاھىر
مەرھۇم شاكىرجان زاھىر 1928-يىلى غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1953-يىلى11-ئايدا ئالتايدا باندىت تازىلاش سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ھەمرا غۇلام
مەرھۇم ھەمرا غۇلام 1895-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،يىل ئاخىرىدا غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىدا بولغان سوقۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ھۈسەنجان ھېبىبۇللا
مەرھۇم ھۈسەنجان ھېبىبۇللا1915-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   تۇرسۇن تاجى
مەرھۇم تۇرسۇن تاجى1930-يىلى موڭغۇلكۇرەدە تۇغۇلغان.1948-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،روتا كوماندىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان.1950-يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن گومىنداڭ قالدۇق كۈچلىرى تۇتۇپ كەتكەن.
   غوپۇر ۋىلەم
مەرھۇم غوپۇر ۋىلەم 1914-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،غۇلجا لەڭشاڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئىمىن مۇھەممەت
مەرھۇم ئىمىن مۇھەممەت1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلۇپ،كىچىگىدىلا ئىلىغا چىقىپ،غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1944-يىلى نۇيابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىل ئاخىرىدىكى غۇلجا ئايدۇرۇمىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   داۋۇت كېرىم
مەرھۇم داۋۇت كېرىم1924-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.1945-يىلى يىل بېشىدىكى لەڭشاڭ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   بەختى
مەرھۇم بەختى 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى كۈزدە مەشھۇر شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   قاۋۇل مۆمىن
مەرھۇم قاۋۇل مۆمىن1930-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى5-ئايدا گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا گومىنداڭنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ،مىللى ئىنقىلابقا پىدائى بولۇپ قاتنىشىپ،كۆپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ۋە ئودلىنىيە كوماندىرى بولغان.1945-يىلى ئاقسۇ كونىشەھەردىكى جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇېبان بولغان.
   ئابدۇكېرىم
مەرھۇم ئابدۇكېرىم1914-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ئىسمايىل
مەرھۇم ئىسمايىل1921-يىلى غۇلجا شەھەر ھاجىبولۇس مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،خىزمەت كۆرسەتكەن.ئازادلىقتىن كېيىنمۇ كۆپلىگەن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1955-يىلى بۆرىتالادا بىر مەجلىستىن قايتىپ چىقىشىغا غايىپتىن تەككەن ئوق بىلەن قۇربان بولغان.
   مۇخپۇللام
مەرھۇم مۇخپۇللام1921-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ئالتەشۇئار مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلاب سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئىلياس
مەرھۇم ئىلياس1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن.ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ھوشۇر مامۇت ھاجى
مەرھۇم ھوشۇر مامۇت ھاجى 1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   تۇرسۇن مۇسا
مەرھۇم تۇرسۇن مۇسا1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،پىداكارلىق كۆرسەتكەن.1953-يىلى قۇمۇلنىڭ شىۋىرغان تېغىدا باندىت تازىلاش جەريانىدا قۇربان بولغان.
   مەھەممەت رازىق
مەرھۇم مەھەممەت رازىق1926-يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى جىڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
     خۇدابەردى جامال
مەرھۇم خۇدابەردى جامال1919-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،بىر ئايدىن كېيىن ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
   مامۇت ھېلىم
مەرھۇم مامۇت ھېلىم غۇلجا شەھىرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى غۇلجا شەھەر ئاچالدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان.
   سامساق ئەخمەت
مەرھۇم سامساق ئەخمەت غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1945-يىلى 2-ئايدا مىللى ئىنىقىلابقا قاتنىشىپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيە قارمىقىدا ئاقسۇغا چۈشۈپ،ئاقسۇدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ئىسھاقجان
مەرھۇم ئىسھاقجان غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1945-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ جااللاتلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
   ئابدۇرېھىم ئىبراھىم
مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئىبراھىم1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1945-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ساۋۇرجان مەرۇپ
مەرھۇم ساۋۇرجان مەرۇپ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دىكابىردىكى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئابلىمىت
مەرھۇم ئابلىمىت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ.1945-يىلى بۆرىتالا ئارشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ياسىن ئەخمەت
مەرھۇم ياسىن ئەخمەت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1945-يىلىدىكى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   تۇرسۇن
مەرھۇم تۇرسۇن1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنىڭ باجاخۇ رايونىدا دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا قۇربان بولغان.
   رەجەپ
مەرھۇم رەجەپ1907-يىلى3-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىزۋوت كوماندىرى،روتا كوماندىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.1945-يىلى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ئىبراھىمجان
مەرھۇم ئىبراھىمجان1919-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان.
   جانابى ئاللاھ يۇقۇرقى ئىسمى ئاتالغان ۋە ئىسمى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بارلىق قۇربانلىرىمىزنى شەھىدلىك ماقامىغا يەتكۈزسۇن،ئامىن!
مەنبە:غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىتى خەلق ئىشلار ئىدارىسى 1981-يىلى تۈزگەن"ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى"ناملىق كىتابچىدىن ئېلىندى.

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11826
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 55 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-05-29
ئاخىرقى: 2013-01-04
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 22:23:52
تىمىڭىزغا رەھمەت..لىكىن تەپىسىلىرەك يازسىڭىز بولۇپتىكەن .بۇقەھرىمانلىرىمىز كىملەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ،قۇربان بولغىيتى.

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 723
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە723دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 13547 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 22:50:38
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ئەھمەد نىڭ 2012-05-31 22:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تىمىڭىزغا رەھمەت..لىكىن تەپىسىلىرەك يازسىڭىز بولۇپتىكەن .بۇقەھرىمانلىرىمىز كىملەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ،قۇربان بولغىيتى.


بۇقەھرىمانلىرىمىز  ئافرىقىدىن كەلگەن نېگىرلار بىلەن كۈرەش قىلغان بىلمەمسىز؟ ئۆزى قارا بولغىنى بىلەن بۇ نېگىرلار قارا كىيىمگە بەك ئامىراق ئىكەنتۇق .سىز بۇ تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەنمەكچى  بولسىڭىز ئافرىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى دىگەن كىتاپنى كۆرۈڭ!

 
تور بەت ئادرىسىنى بىۋاستە بىسىپ كىرىڭ !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 730 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2012-11-06
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 23:18:57
تەنە قىلماي دەپ بەگەن بولساڭلار.ھېچبولمىغاندا <مىللەتنىڭ  ئازاتلىقى ئۈچۈن>دەپ.

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10364
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1087 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-01-17
ئاخىرقى: 2012-12-10
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 23:21:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تېمىڭىزغا رەھمەت ،اللە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن...
يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردىن بىزنىڭ تارىخمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز كاللىسىدىن پاك پاكىز يۇيۇلۇپ بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
لېكىن بۇ يۇقىرىدىكى ئىككى قېرىندىشىمىزنى ئەيبلىگىنىم ئەمەس. ئۇلاردا گۇناھ يوق...  بىرەر ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى تارىخنى بىلمىسەكقۇ بىر نىمە دەپ توغرا چۈشەنگىلى بولاتتى ،ئەمما تېخى بىر ئەسىرمۇ بولمىغان ،ھەتتا ھايات تارىخ شاھىتلىرى بار ھالەتتىمۇ بىلمىسەك  ... ھەتتا مەن  بۇنى قايسى ئىبارە بىلەن ئىپادىلەشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن،چۈنكى بۇنى بىرلا سەۋەب بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس.   20 ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا شىنجاڭدا كومپارتىيەنىڭ ئەسكەرلىرى يوق ئىدى، ئۇلار  ياپونلار بىلەن بوپ كېتىپ شىنجاڭ دېگەن يەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىگەن، شۇ  يىللىرى مىللى ئارمىيە گومىنداڭ بىلەن قانلىق جەڭلەر  قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى گومىنداڭدىن تازىلاپ، گومىنداڭنىڭ يا قېچىشقا ،يا ئۆلۈشكە تەييار تۇرغان ئازراقلا ئەسكىرى قالغان پەيتتە ،داھىيمىز ماۋزېدوڭ سىتالىننىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن 70000كومپارتىيە ئارمىيسىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىپ ،ھەر مىللەت خەلقىگە كومپارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. بۇ ۋاقىتتا ياپون ئالۋاستىلىرى ئىككى بومبا يەپ ئاللىبۇرۇن تەسلىم بولغان، گومىنداڭمۇ تەيۋنگە قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى...ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ يۈزى قېلىن بەخىتكەقارشى يېرىم يولدا ئايروپىلاننىڭ تورمۇزى تۇتماي تاغقا ئۈسۈۋېلىپ ۋاپات بولغانىدى...كومپارتىيە ئارمىيسى شىنجاڭغا كەلگەندىنكېيىن ئەسكەرلەر خەلقنىڭ سيىنى توشۇپ،يوللىرىنى سۈپۈرۈپ....باي پومشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىپ خەلىق بىلەن گوش بىلەن قاندەك بوپ كەتكەن، بۇلارنى دادامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان چېغىمدا تەسىرلىنىپ يىغلىۋېتەيلا دەپقالغانىدىم... قىسقىسى يۇقىرىدىكى شەھىدلەر چاۋشىيەن ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان، خەلقىنىڭ، مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن گومىنداڭ مىللىتى بىلەن ئۇرۇشۇپ شەھىد بولغان ، اللە ماقامىنى ئۇشتۈن قىلسۇن،ئامىن...
           بابۇر خان 15 ياش چېغىدا «مەن ئېمپىرىيە قۇرىمەن»دەپ قەسەمقىلىپ بەلباغلاپتىكەن، يۇقىرىدىكى قەھىرمانلىرىمىزمۇ ئون نەچچە يېشىدا جەڭگە قاتنىشىپ ياپياشلا  بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپتىكەن، ئويۇن تاماشا ، ھاراق تاماكا،پۇل مال ئۈچۈن ئەمەس،ۋەتەن ئۈچۈن!!!ھازىرقى ياشلارچۇ ؟بەزى 20 نەچچىگە كىرگەن «يىگىت»لەرمۇ باشقا ئىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مەن بىر خوتۇن ئېلىپ ئائىلە  قۇرىمەن مۇ دېيەلمەيدۇ...شۇنچىلىكمۇ ئىرادە ۋە غايە يوق...
           ھازىر تارىخىنى بىلمەيدىغان ئەۋلادلارنى ئەيىبلىگىلى بولمىسىمۇ ،ئەمما تارىخىنى ئۆگىنىشىنى تەۋسىيەقىلىمىز. كەڭسايغا چىقىپ ئىنكاس يازالايدىغان ئادەمنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيتى تامامەن تولۇق،پەقەت خالىسىلا،ئىزدەنسىلا...


           ئۆز تارىخنى بىلمىگەن مىللەت ــــــــــــ  قۇل مىللەت.
جەمئىي1دانە باھا
samanyoli مۇنبەر پۇلى +3 نادىر ئىنكاس 2012-06-01

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 11536
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-05-04
ئاخىرقى: 2012-08-17
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 23:21:21
بۇ قىز-يىگىتلىرىمىز 1944-يىلى غۇلجىدا باشلانغان مىللى ئازاتلىق ھەركىتىدە قۇربان بولغانلار.
1944-يىلى8-ئايدىن كومپارتىيە شىنجاڭغا كىرگەنگە قەدەر،<ئۈچ ۋىلايەت> ئازاد قىلىندى. گومىنداڭ ۋە ئۇنىڭ قول چۇماقچىلىرىدىن 18مىڭدىن ئوشۇقى يۇقۇتۇلدى.4500ئادىمى ئەسىرگە ئېلىندى.تۈرمىلەردەن12مىڭ زىيالى ۋە پۇقرا قۇتقۇزۋېلىندى.بۇ جەڭلەردەمىللى ئارمىيەدىن3000 قىز-يىگىت ۋەتەن ئۈچۈن شەھىد ۋە قۇربان بولدى.
بىزنىڭ جەمەتتىن بۇ ئىنقىلاپقا ئىككى كىشى قاتنىشىپ،بىرى شەھىد،بىرى غازى بولدى.

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1728
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1728دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 22386 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2013-01-13
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-31 23:39:03

---ئازاتلىق ئۇچۇن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغانلارنىڭ تارىخنى ئۇنتۇش ۋە بىلمەسلىك ۋىجدانسىزلىق ۋە نۇمۇسسىزلىق،،،،

دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9669
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2560 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-06-21
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-01 00:01:01
ئەزانىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى چەكلەندى. تېما ئاپتوماتىك يېپىلدى

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 941 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-12-12
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-01 00:35:36
ئاللاھ شەھىدلىرىمىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت قىلغاي ، ئامىن .

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10209
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 2120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-08
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-01 00:58:33