ھەقىقىي بىر ئەرنىڭ ئالغا باسقان ياكى نامراتلىشىپ ئوسال كۈنگە قالغانلىقىنى
بىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئۇنىڭ قابىلىيەتلىك ئايالىنىڭ بار-يوقلۇقىدۇر.
ئۆيدە ھەممە نەرسە تەل بولۇپ،چېۋەر، قابىلىيەتلىك ئايال بولمىسا،
بۇ مۇھىم كەمچىلىك ھېساپلىنىدۇ ۋە بۇنداق ئائىلە تۇرمۇشتا پاراۋان ھەم
باياشات بولۇپ كېتەلمەيدۇ.
ئەگەر ھەۋەس ئۆز نەيزىسىنى تىكلەپ ئۈستۈن كەلسە،ئەڭ ئاۋۋال ئەقىلنىڭ
كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىدۇ. ھەۋەسكە بېرىلگەن كىشى ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ
مەغلۇپلۇق سەن سۇلتان ، مەن گاداي دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ.
ئەگەر يامان نەپسىڭدىن ساڭا نېمە يەتسە ، سەن توۋا قىل. توۋىدا مەردانە بول.
يول ئىككى ، ئەمما گۇناھ بىر. توۋا بىر گۇناھنى يۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ
يولى تېخىمۇ ئۇچۇق بولىدۇ.
ئېرىق دەريادىن ئايرىلىپ چىققان بولغاچ، دەريا ۋە ئېرىق سۈيىنىڭ ئوخشاش
بولىشى ھەممىگە مەلۇم. دېمەككى دەريادىكى سۇ بىلەن ئېرىق- ئۆستەڭلەردىكى سۇ ئوخشاش بولغانلىقتىن
ئۇلارنىڭ تەمى ھەققىدە مۇنازىرلىشىش بىھاجەتتۇر.
توپان سۈيى دوزاخ ئوتىنى ئۆچۈرەلمىگەندەك، ھاراق ئىچىش بىلەن چىلىم
چىكىش دەرد- ئەلەم ئوتىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ
ئۇلغايتىدۇ.
كۈمۈرگە قول تىققان كىشىنىڭ قولى قارا بولغاندەك، ناچار ئادەملەر بىلەن
ئۈلپەت بولغان كىشىگىمۇ يامانلىق يۇقىدۇ.
كۆڭۈلگە خاپىلىق كەلتۈرىدىغان قوپال، راست سۆزدىن مۇلايىملىق ئارىلاشقان
يالغان سۆز ياخشى. تىلنى باشقۇرالىغان دانىشمەن ئاقىلدۇر، تىلغا ئەرك
بەرگەن ئادەم ئېتىبارسىز ۋە قەدىرسىزدۇر.
- مەشھۇر ئەدىبلەر ھېكمەتلىرىدىن
[ aykutتەرىپىدىن2010-05-30 15:53قايتا تەھرىرلەندى ]