مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 74ئىنكاس
  • 27036كۆرىلىشى

سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 390
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە390دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 6353 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2013-01-29
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 20:29:11
— بۇ يازما sirik تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-18) —
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تۆۋەندىكى بايان ھەقىقى بولغان ۋەقە .ئىبرەت ئۈچۈن يوللاندى .
مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار .بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ،مېھماندوست ۋە تىرىشچان.ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ .بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،دىنى ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىلىگەندەك قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارلىشىۋالاتتى .دائىم شۇنداق بولاتتى .شۇڭا بۇ بالىدا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى.لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۆلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يىتىلدۇرۇپ بولغان ئىدى.ئىشقىلىپ بۇ بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم .
لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسوسلاندۇردى ،بەكمۇ چوڭقۇر ئوف دىگۈزۋەتتى .
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم .ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى .دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى .بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى .
بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم .ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى .ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋېلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم .قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى .مەن باغداش تورىغا چىقىپ ئازراق تېما يازماق بولۇپ ئۇنىڭدىن كومپيۇتورنى ئالدىم .ئۇ ماڭا كومپىيوتورنى بىرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى .مەن ئادرىس رامكىسىدا باغداش تورى بار بولسا بىۋاستە بېسىپلا كىرەي دەپ ،ئادرىس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان سىترىلكىنى باستىم .شۇ ھامان  يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بىكەت ئادرىسلىرى چىقتى .مەن بۇ ئادرىسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .نىمىنى كۆردۈم دىمەمسىز ،بۇ ئادرىسلارنىڭ ئىچىدە ئېڭگىلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك  ئۈچ دانە ئادرىس توراتتى.مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرىسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم .ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن .بەت ئاستىدا راس پىرسۇناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بىكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى .مەن  بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ،قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى .مەن كومپيوتورنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم .تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بىكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى .مەن ئىسپات ئۇچۇن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپيوتورنىڭ بىر دېسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم .كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزەم سىزىمەن .كومپيوتورنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچىرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى ، ياسىن ،تابارەكلەرنى يات ئوقىشى ،ۋە قۇرئاننىڭ خالىغان جايلىرىدىن تۈرتەلمەي ئوقۇشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى .مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم .ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم .ئۇ بۇ ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى چ چ توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چىكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دىدى .مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ  ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ئاخىرى راس گەپ قىلدى .ئۇ بۇ ئادرىسلارنى سىنىپىنىڭ چ چ توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دائىم مۇشۇ ئادرىسلاردىن سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن .بوپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومومىيۇزلۇك ئىكەنلىكىنى دىدى .بۇنى ئاڭلاپ،مەن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم ،بەكمۇ ھەيران بولدۇم .بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم .لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە ئىككى كۆزىمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن .ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئۇنسېلىپ يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم .ئۇ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .
مەن سەل ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى.شەرىئەت قانونىدا قاتتىق جازا بىرىلىدىغانقىلىنى ،ئەڭ موھىمى، تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇ دۇنيادا قاقشاتقۇچ جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى .بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى زىنا يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى .زىناخورغا ئەگەر توي قىلغان بولسا چالما كىسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈش  جازاسى، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررايەنى خۇددى خۇەنجۇ گې گې فىلىمىدىكى يوقان سەككىز قىرلىق تاياقتەك دەررە بىلەن ئۇرۇش  جازاسى بىرىلىدىغانلىقىنى ،قەۋرە دۇنياسىدا ۋە دوزاقتا بەكمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى دىدىم .ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تەسىرىدىن  قىزلار بىلەن زىنا قىلىپ قالسا  ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ،ھەمدە مۇناپىق سۈپەتكە كېلىپ، مىللى مۇناپىق ۋە دىنى مۇناپىق سانىلىدىغانلىقىنى دىدىم .ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .ئاھ ،ئەمدىگىنە 15 ياشقا كىرگەن بالا ھە؟بىز 15 ياش ۋاقىتلاردا تاسادىپەن قوللىرىمىز قىزلارنىڭ قوللىرىغا تىگىپ كەتسە يۈزىمىز قىزىرىپ كىتەتتى .ھازىرقى بالىلاردىكى بۇزۇلۇش نىمىدىگەن دەھشەت ھە؟؟؟؟
ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومومىيۇزلۇك ئىكەنلىكىنى ،تېخى بەزى ئاز ساندا  قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دىدى. ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ<ئۆي ئەركىكى> يەنى<宅男> دىگەن ئاتاققا قېلىۋاتقانلىقىنى .ھەتتا  سېرىق فىلىملارنى قول تېلىفۇنلارغا سولاپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دىدى.ھەمدە ساۋاقداشلار چ چ توپلىرىدا بۇنداق ئادرىسلارنىڭ دائىيم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دىدى.ھەمدە كومپيوتورىدىكى بۇ تور ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى دىدى .
ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ بەكمۇ ئېغىر .ھەتتا ۋەھشى ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدىم .ئائىلىرىمىزدە ئاتا ئانىلارنىڭ قىز ئوغۇللۇرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سوس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم .
بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا بالىلىرىمىزغا ھەرگىز كومپيوتورنى ئېچىپ بەرمىسەك ،ئۇلارنىڭ تورلاردىكى ئىش ھەركىتىنى كۈزىتىپ تۇرساق دىگەن ئويغا كەلدىم .بۇ سەبى بالىلىرىمىز بۇ سېرىق تور بىكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ .بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار چ چ لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ .
شەيتاننىڭ قۇرالى نىمىدىگەن يامان ھە ئاتا ئانىلار؟زامان ئاخىرىغا يېقىنلاشقاندا  زىنالار ئاشكارە بولىدۇ دىگەن مۇشۇمۇ؟ئاھ ،سەبى بالىلىرىمىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئۇمۇدلىرى مۇشۇنداقلا شەيتانغا ئەل بولۇپ كىتەرمۇ؟
ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئاتىسىغا دىمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۋالدىم .مەن ئۇنىڭغا
ئالدى بىلەن  ھاززىرنىڭ ئۆزىدە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ،ئىككى رەككەت تەۋبە نامىزى ئوقۇپ ،چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلىشى كىرەكلىكىنى ھەمدە ھازىردىن باشلاپ نامىزىنى قايتا باشلاپ ،ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى كىرەكلىكىنى ،بۇ ئۈچ كۈننى تائادەت ئىبادەتتە ،قاتتىق تۆۋبە ھالىتىدە ئۆتكۈزىشى كىرەكلىكىنى ،دىدىم .
مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دىمەسلىك قارارىغىمۇ كېلىپ باققان ئىدىم .لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيەسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلىفۇننى باستىم .ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەرغەزەپكە كەلدى .ھەمدە ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ،بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ،بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۋالغۇسىز ئازاپتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،دەرھال ئۆيگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەي ئاتىلار !!!ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي !!!بىزدە ئويغىنىش بولغاي!!!ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلات تەربىلەشكە تىرىشايلى!!!
  تەكلىبىم :
مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتورا مەكتەپنىڭ 9-10-11 دا ئوقىۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ .
بۇ ئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ،ئەمەلىيەت .
مەنبە:
http://bbs.12tagh.com/
جەمئىي2دانە باھامۇنبەر پۇلى+7
ئۇيقۇت مۇنبەر پۇلى +5 allah  rahmat  kilsun 01-01
paris مۇنبەر پۇلى +2 مەنپەئەتلىك تېما 2012-03-13

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 549
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە549دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2013-01-31
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 21:29:04
بالىغا ياخشى دەپسىز تەربىيەنى ياخشى قىلمىساق باللىرمىزغا ىگەبولمىساق بولمايدۇ ئەڭمۇيىمى باللىرمىزنى اللادىن قورقىدىغان ىمانىنى مۇستەككەم قىلىپ تەربىيلىشىمىز كېرەك.

 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8897
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-19
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 21:44:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىمەن. نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار خىجىل بولماستىن  شۇنداق تور بەتلەرنىڭ پارىڭىنى چاقچاق تەرىقىسىدە ئۆز- ئارا دېيىشىدۇ.  مەن ئىلگىرى  بىر قىسىملارنىڭ  كومپىيوتىرىدا، تېلىفونىدا  قالايمىقان تور بەت ئادېرىسلىرىنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرگەن.
 
بولدى، بەزى ئىشلارنى دېگۈم كەلمىدى.
ئەگەر سىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولسىڭىز، ئاللاھتىن ھەقىقەتەن قورقسىڭىز، ئەمما، نەپسىنىڭ ئەقىلدىن غالىپ كېلىشى تۈپەيلىدىن شۇنداق ناچار قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتالمىغان بولسىڭىز بۇ ئىشنى مەلۇم ۋاقىتقىچە قىلماسلىققا ئاللاھقا قەسەم قىلىڭ. قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جازانى ئورۇندىيالماسلىقىڭىزدىن قورقۇپ ئۇ ئىشقا يېقىنلاشمايسىز. شۇ مەزگىلنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىللىك قەسەم ئىچىڭ.   مەڭگۈلۈك قەسەم ئىچسىڭىز قەسەمدە تۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەپ قەسەم قىلالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا مەلۇم مۇددەتلىك قەسەم ئىچىڭ، شۇ مۇددەتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يەنە قەسەم ئىچىڭ.  مانا مۇشۇنداق قىلسىڭىز بۇ زىيانلىق ھەۋەستىن تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەلىشىڭىز مۇمكىن.

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1728
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1728دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 22386 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2013-01-13
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 21:49:42
پەن-تىخنىكا  ،جەمىيەتنىڭ  تەرەققى قىلىپ ياش-ئۇسمۇرلەرنىڭ سىرىق ،شەھۋانى نەرسىلەر ئۇچرىشىشى ئىمكانىيتى ۋە پۇرسىتى  بارغانسىرى كوچەيمەكتە،بۇ ياش ئۇسمۇرلەرنىڭ ساغلام ئۇسۇپ يىتىلىشىگە زىيانلىق ،،شەھۋانىي ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشى ياش ئۇسمۇرلەرنىڭ  ئەخلاقتا چۇشكۇنلىشىپ جىنايەت يۇلىغا مىڭىپ قىلىشىغا ھەتتا ئىپپەت -نۇمۇسىنى سىتىشى ئۇرۇنلىرىنى ئىزدەپ تىپىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ ھەر خىل قۇرقۇنۇشلوق كىسەللەرنى يۇقتۇرۋىلىشقا سەۋەب بۇلماقتا ،شۇڭا ھەر بىر ئاتا-ئانا بۇلغۇچى ئۇز پەرزەنىتىگە تۇغرا بۇلغان جىنسىي تەربىيەنى ئىلىپ بىرىشى كىرەك،،،ياش ئۇسمۇرلەردە بۇلوپمۇ 15ياشتىن ئاشقان ئۇغۇل -قىزلار فىزلوگىيلىك جەھەتتىن تىز يىتلىۋىاتقان بۇلغاچقا جىنسىي جەھتتىن قىزىقىشى بەك كوچلوك بۇلىدۇ ۋە ئۇزىنى كۇنتۇرۇل قىلالمايدۇ ،،شۇڭا ئاتا ئانىلار ھەر زامان ئۇز پەرزەنتىگە كوز -قۇلاق بۇلغان ياخشى...

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 174
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە174دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1760 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2012-05-23
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 21:56:34
رھمەت تىما ئگىسىگە ؛ دىمىسىمو ھازىر بۇ سىرىق نەرسىلەرنى تىلپۇنغا قاچلاپ كوردىغانلا خىلى باكەن ئۇندىن باشقا    باللارنى تەربىلەشتە [ ھازىرقى  جەميەتتە ]ئانىلاردىنمو بەكرەك بىز ئاتىلار كۇچىشىمىز نامازلىرىمىزدا ئۇلارنىڭ ئنسابىنى رەببمىز دىن تىلشىمىز كىرەك   ئەي ئۇلۇغ ئاللا ھ   بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزغا ئنساپ  ھىدايەت ئاتا قىلغايلا [ئامىن]

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5388
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1341
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1341دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9638 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2013-01-31
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 22:01:39
ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن سەگەك بولايلى ،بالىلارنى تەربىيەلەشتە بىخەستەلىك قىلمايلى .
بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋىردە ،ھازىر ھەممە نەرسە ئاشكارلانغان دەۋىر ،ئاتا-ئانىلار دىننىڭ بىزگە
يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايلى،بۇ تېمىنى بارلىق ئاتا-ئانىلار كۆرىشى كىرەك.

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4488
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 156
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1660 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2013-01-28
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 22:56:20
بالا يىغلاپ تۇرۇپ بۇنىڭدىن كىيىن كىرمەيمەن .مەن ئىزىپتىمەن دىسىمۇ دادىسىغا دىدىڭزما .مۇشۇ ئىشىڭىز بۇلمىدىمۇ قانداق.ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن .ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇردا  ھايا كۇتۇرلۈپتۇ.ئەمدى.ئاللا تۇبىىسىنى قۇبۇل قىلغاي.

دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9603
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 905
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە905دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1 سوم
تۆھپىسى: 139 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-26
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-11 23:19:29
ئەزانىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى چەكلەندى. تېما ئاپتوماتىك يېپىلدى

دەرىجە: چەكلەنگەن
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1584
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1584دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 17344 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-06-20
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-12 00:39:50
ئەزانىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى چەكلەندى. تېما ئاپتوماتىك يېپىلدى

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1387
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3256 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-12-02
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-12 02:54:22
بىرچاغلاردا مۇشۇ كەڭسايدا كۆردۈم ،بىرسى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ قويۇپتۇ ئاچماڭلار دەپ .ئىنساننىڭ خاھىشى شۇ بولغاچقىمىكىن  ئۆزۈمچە قىزىقىپ ئېچىپ ساپتىمەن ،توۋا......ئىنسان دىگەن ئۆزىنى شۇنداقمۇ خار قىلىدىكەنكى كۆزۈم كۆرگەننى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايلا قالدىم .نەچچەكۈن نامىزىمنىمۇ جايىدا ئوقىيالمىدىم .بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم .مەن شۇنداق دەيمەن كى كۆرمىگەنلەر بەك ھەزەر قىلىڭلا ئادەم ھەرقانچە قىلسىمۇ كۆرۈپ سالغان نەرسىنى  كاللىدىن چىقىرۋەتكىلى بولمايدىكەن.شۇندىن بىرى ھەر ئويلاپ سالسام بىر تەۋبە قىلىمەن .ئاللاھ كۆزۈمنى ئوتتىن ساقلىغاي

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى