مەن بۇ قېتىمقى سەنئەت كىچىلىكىنى باشتىن ئاخىر كۆردۈم، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگكۈدەك بىرەر ناخشا چىقىپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمىدتە كۆرسەم ئەپسۇس، مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى دىبادا ئۆي تۇتۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ نىرۋىسىنىڭ پىيى تارتىشىپ قالغان بىر توپ ساراڭلارنىڭ ئاتالمىش «مودا» «نومۇرلىرى»ئىكەن، تېخى ئۇ يەردە بىز ھۆرمەتلەيدىغان رىياسەتچىلەرمۇ باركەن، ئۇ يەردە دۇمباق چېلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرشۇپتۇ . ئۇلارچە بۇ كىچىلىكتە ياشلارچە جۇشقۇنلۇق ئىپادىلىنىپتۇمىش، كىيىن مىسرانىم مۇنبىرىدە شۇ سەنئەت كىچىلىكىنىڭ نۇرغۇن «سەنئەتخۇمارلار» غىتمەكلەرگەياراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېچكىمدىن رەنجىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىغانلىقى ھىس قىلىپمۇ قالدىم. ئىسىت شۇ ئاتالمىش «سەنئەتچى» لەرگە،ئۇلارغۇ مەيلى، ئۇلار بەرىبىر غەيرى مەدەنىيەتنىڭ غالچىلىرى خالاس، لىكىن ئاۋۇ ئاتاقلىق تىلىۋىزىيە رىياسەتچىلىرنى نىمە دەيمىز ئەمدى؟ سەنلەر ئەينى چاغدا ئۆزەڭنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدەك كۆرسىتىپ، دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ نام چىقىرىشتىڭ، ئەمدى بولسا غەيرى مەدەنىيەتنىڭ غالچىلىرىغا جۈر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇمبىقىنى چىلىشىپ ئولتۇرۇشقىنىڭدىن نۇمۇس قىلىشمامسەن، ئىسىت
مىنىڭچە بۇ كىچىلىك، ئاز ساندىكى ھەممە نىمىسىنى "ئېچىۋەتكەن" ئالاجوقىلاردىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلىرىمىزنىڭ ھىسياتىغا قىلغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك ، بۇنىڭدا كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ ئارزۇ- تىلەكلىرى قىلچىلىك ئەكس ئەتمىگەن. بۇ يېڭى يىللىق سوۋغا ئەمەس، بەلكى بىر مەسخىرە.
[ بۇ يازمىنىsaprabag 2012-01-05 14:47قايتا تەھرىرلىد ]