查看完整版本: [-- XJTV يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> XJTV يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almiliq 2012-01-03 20:37
شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ياش سەنئەتكارلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ بىر مەيدان يېڭى يىلغا ئاتالغان سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە بۇ فېلىم ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىماقتا، ھەمدە تورداشلار بۇ كېچىلىككە ھەر خىل باھالارنى بەرمەكتە. قېنى كەڭساي ئەھلى سىلەرمۇ قىممەتلىك باھايىڭلارنى بېرىپ باقمامسىلەر.
كەڭ ساي قويغۇچى...←قويۇش

uyghur 2012-01-03 22:59
ھەممە ئادەم سەنەتكار بۇلۇپ كىتىپ بارامدۇ نىمە؟

obraz 2012-01-03 23:00
ناھايتى ياقتۇردۇق

رەسسام 2012-01-03 23:03
بەزى ياش ناخشىچىلار خەلىق ئاھاڭلىرى بەك پەيزى ئىيتىپتۇ ،،،بەزىلىرى غەرىپ ناخشىلىرىنى دۇراپ سەل <غىتمەك >بۇلوپ قاپتۇ مىنىڭ تەسىراتىم شۇنچىلىك،،،،

بىناۋا 2012-01-04 08:17
قاغىلار قاق ئېتىدۇ،
  ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ.

dulbarqin310 2012-01-04 11:18
ھېچ بىر مىللىي پۇراق سەزمىدىم مەن......

ئىسلام 2012-01-04 14:19
تىلى چىققاننىڭ ھەممىسى ناخشىچى بولۇپ كەتتىمۇنىمە؟

tamqabulak 2012-01-04 19:56
ئۈچ مىنۇتتا ھەممىنى كۆرۇپ بولدۇم، تەسىراتىم شۇ بولدىكى بىرسىنىڭ ھەرە غۇڭۇلدىغاندەك، بىرسىنىڭ مۇزاي مەرىگەندەك، بىرسىنىڭ پاشا ۋاقىرغاندەك، بىرسىنىڭ .... ياكى ماڭا شۇنداق ئاڭلىنىۋاتامدۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ مەن ھىچبىر ھوزۇر ئالالمىدىم، ئۇنداقتا ماڭا ئۇلار  قانداق ناخشا ئىيتسا بولىدىغاندۇ؟

saprabag 2012-01-05 14:26
مەن بۇ قېتىمقى سەنئەت كىچىلىكىنى باشتىن ئاخىر كۆردۈم، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگكۈدەك بىرەر ناخشا چىقىپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمىدتە كۆرسەم ئەپسۇس، مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى دىبادا ئۆي تۇتۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ نىرۋىسىنىڭ پىيى تارتىشىپ قالغان بىر توپ ساراڭلارنىڭ ئاتالمىش «مودا» «نومۇرلىرى»ئىكەن، تېخى ئۇ يەردە بىز ھۆرمەتلەيدىغان رىياسەتچىلەرمۇ باركەن، ئۇ يەردە دۇمباق چېلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرشۇپتۇ . ئۇلارچە بۇ كىچىلىكتە ياشلارچە جۇشقۇنلۇق ئىپادىلىنىپتۇمىش،  كىيىن مىسرانىم مۇنبىرىدە  شۇ سەنئەت كىچىلىكىنىڭ نۇرغۇن «سەنئەتخۇمارلار» غىتمەكلەرگەياراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېچكىمدىن رەنجىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىغانلىقى ھىس قىلىپمۇ قالدىم. ئىسىت شۇ ئاتالمىش «سەنئەتچى» لەرگە،ئۇلارغۇ مەيلى، ئۇلار بەرىبىر غەيرى مەدەنىيەتنىڭ غالچىلىرى خالاس، لىكىن ئاۋۇ ئاتاقلىق تىلىۋىزىيە رىياسەتچىلىرنى نىمە دەيمىز ئەمدى؟  سەنلەر ئەينى چاغدا ئۆزەڭنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدەك كۆرسىتىپ،  دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ نام چىقىرىشتىڭ، ئەمدى بولسا غەيرى مەدەنىيەتنىڭ غالچىلىرىغا جۈر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇمبىقىنى چىلىشىپ ئولتۇرۇشقىنىڭدىن نۇمۇس قىلىشمامسەن، ئىسىت
مىنىڭچە بۇ كىچىلىك، ئاز ساندىكى ھەممە نىمىسىنى "ئېچىۋەتكەن" ئالاجوقىلاردىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلىرىمىزنىڭ ھىسياتىغا قىلغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك ، بۇنىڭدا كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ ئارزۇ- تىلەكلىرى قىلچىلىك ئەكس ئەتمىگەن. بۇ يېڭى يىللىق سوۋغا ئەمەس، بەلكى بىر مەسخىرە.

!adiyat 2012-01-05 14:40
ھەجەب پەيزى  ..راست  مۇشتەك  گەپ  قىپسىز  قىرىندىشىم... ھەممىسىنىڭ تايىغى كام..
ئۇرۇش  بوپ كەتسىمۇ  بولاتتى ..مەن  ساڭا  ئامراق  -جىدەل...

end 2012-01-05 15:03
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى saprabag نىڭ 2012-01-05 14:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇ قېتىمقى سەنئەت كىچىلىكىنى باشتىن ئاخىر كۆردۈم، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگكۈدەك بىرەر ناخشا چىقىپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمىدتە كۆرسەم ئەپسۇس، مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى دىبادا ئۆي تۇتۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ نىرۋىسىنىڭ پىيى تارتىشىپ قالغان بىر توپ ساراڭلارنىڭ ئاتالمىش «مودا» «نومۇرلىرى»ئىكەن، تېخى ئۇ يەردە بىز ھۆرمەتلەيدىغان رىياسەتچىلەرمۇ باركەن، ئۇ يەردە دۇمباق چېلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ قۇترىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرشۇپتۇ . ئۇلارچە بۇ كىچىلىكتە ياشلارچە جۇشقۇنلۇق ئىپادىلىنىپتۇمىش،  كىيىن مىسرانىم مۇنبىرىدە  شۇ سەنئەت كىچىلىكىنىڭ نۇرغۇن «سەنئەتخۇمارلار» غىتمەكلەرگەياراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېچكىمدىن رەنجىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىغانلىقى ھىس قىلىپمۇ قالدىم. ئىسىت شۇ ئاتالمىش «سەنئەتچى» لەرگە،ئۇلارغۇ مەيلى، ئۇلار بەرىبىر غەيرى مەدەنىيەتنىڭ غالچىلىرى خالاس، لىكىن ئاۋۇ ئاتاقلىق تىلىۋىزىيە رىياسەتچىلىرنى نىمە دەيمىز ئەمدى؟  سەنلەر ئەينى چاغدا ئۆزەڭنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدەك كۆرسىتىپ،  دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ نام چىقىرىشتىڭ، ئەمدى بولسا غەيرى مەدەنىيەتنىڭ غالچىلىرىغا جۈر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇمبىقىنى چىلىشىپ ئولتۇرۇشقىنىڭدىن نۇمۇس قىلىشمامسەن، ئىسىت
مىنىڭچە بۇ كىچىلىك، ئاز ساندىكى ھەممە نىمىسىنى "ئېچىۋەتكەن" ئالاجوقىلاردىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلىرىمىزنىڭ ھىسياتىغا قىلغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك ، بۇنىڭدا كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ ئارزۇ- تىلەكلىرى قىلچىلىك ئەكس ئەتمىگەن. بۇ يېڭى يىللىق سوۋغا ئەمەس، بەلكى بىر مەسخىرە.



  مانا ئوغابلائەكەك قاتتىق بىرمۇش ئۇرغاندەكلە گەپقىپسىز. ئاشۇلابىركۆرسىچۇ..........

turkizat 2012-01-09 16:46
ياخشى بوپتۇغۇ خېلى زامانىۋېلىقنى ئاساسقىپتۇ تۇلىسى ياشلاربولغاندىكىن ماڭا خېلى يارىدى.

alkan 2012-01-09 17:17
ناخشا ئاھاڭلىرىنىغۇ جۇشقۇن دېسەك، ناخشا تېكىستلىرىنى نېمە دەمىز!!!
ئاپئاق ئۇپىدەك يارىم، شىشە قۇتىدەك يارىم.....

nazli0998 2012-01-09 19:35
ماڭا  چىرايلىق  دىگەن  ناخشىلا  ياقتى .

lady-uyghur 2012-01-09 19:48
دادام مىڭ ئادەمگە بىر غەزەلچى بولسا يېتىدۇ دەيدىغان .بىزدە بىر ئادەمگە مىڭ غەزەلچى.

قارناق 2012-01-09 23:52
بىز موشونداق سەنئەتكە موھتاجمو.كىملەرنىڭ تەستېقىدنن ئۆتۆپ سەھنىلەشكەندو.يەنە كىملەرنىڭ ناخشىلىرنى ئوغورلاپ ئىيىتقاندو؟ ھەي يىللا يىڭلانغانسىرى ئەسلىمىز  ۋەسلىمىزنى ئوتىغىلى توروپتوق.جەدداللا ئانسامبىلغو.ئىسىت شولارغا بەرگەن ۋاقىت. كۆرگەن كۆرگەننى قىلار.كۆرمىگەن نىمە قىلا


查看完整版本: [-- XJTV يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058503 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us